مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5572|ئىنكاس: 35

زادى نىمە يېگۈلۈك ؟ ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19853
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6761
تۆھپە نۇمۇرى: 632
توردا: 3235 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2012-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-26 07:33:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     زادى نىمە يېگۈلۈك ؟ ...
     يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بېرى ، ھەرقايسى مېدىيىلەردە يەنە «ئەۋرەز مېيى» توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئاۋۇپ قالدى . خەۋەرلەردىن قارىغاندا ، ج خ مىنىستىرلىكى «ئەۋرەز مېيى» دېلوسىنى پاش قىلىش ئومۇمىي ھۇجۇمى قوزغاپ ، 14 ئۆلكىگە چېتىشلىق ، «قاراڭغۇ جۇۋازخانا» ، «قاراڭغۇ زاۋۇت» ، «قاراڭغۇ بازار» ، «قاراڭغۇ ئۇۋا» دىن 6 نى بىتچىت قىلىپ ، ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارلىرىدىن 32 نى قولغا ئالغان .
     بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەرنىڭ دېيىشىچە ، مەملىكەت بويىچە يېمەكلىك ماي ئېھتىياجى 22 مىليون 500 مىڭ توننا بولۇپ ، يېمەكلىك سانائىتى ۋە باشقا ساھەلەرگە ئېھتىياجلىق ماي  بۇنىڭ سىرتىدا ئىكەن . يەنە بەزى مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، 2009- يىلقى تاماق شىرەسىگە يېنىپ كەلگەن «ئەۋرەز مېيى» نىڭ ئۆزىلا 4 ~ 5 مىليون توننىغا يېتىدىكەن . ھەر يىلى تاماق شىرەسىگە يېنىپ كېلىدىغان «ئەۋرەز مېيى» ئوتتۇرىچە 2 ~ 3مىليون توننا ئەتراپىدا ئىكەن ، بۇ تېخى تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن سان ئىكەن .
«ئەۋرەز مېيى» __ ئاشخانا-رېستورانلاردا ئىستىمالچىلاردىن ئېشىپ قالغان يېمەكلىك قالدۇقلىرى ، بۇس تارتقۇ مايدانىغا يىغىلىپ قالغان ماي ، تەكرار قورۇما قورۇش ، يېمەكلىك داغلاپ پۇشۇرۇشتىن ئاشقان مايلار ، ئەۋرەزدىن سۈزۈۋالغان ئەخلەت مايلار ، ھەرخىل «ھايۋانلار»نىڭ باش-سىرىغى ، ئىچ-قارنىنى پۇشۇرۇشتا چىققان مايلار ، بۇزۇلۇپ قالغان مايلارنى كۆرسىتىدىكەن . ئۇنىڭ تەركىبىدە كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك كاربون ھىدرىد ، ئېغىر مېتال ، خولېستېرىن ۋە قاچا-قومۇچ يۇيۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سۇيۇقلۇق تەركىبىدىكى خېمىيىلىك ماددىلار بولۇپ ، ئادەمنىڭ تېنىگە زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولىدىكەن ، ھەتتا راك كېسىلى پەيدا قىلىدىكەن .
يېمەكلىك بېخەتەرلىكى مەسىلىسى ئاللىقاچان ئاۋام تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتا بوپقالغانىدى . مانا مۇشۇ يىلنىڭ ئۆزىدىلا ماي يوقۇتۇش خۇرۇچى ۋەقەسى ، زەھەر گۈرۈچ ۋەقەسى ، زەھەر پۇرچاق ئۈندۈرمىسى ۋەقەسى ، ساختا فېنتوزا ۋەقەسى ، زەھەر سوقۇم ۋەقەسى ، رەڭلىك ھور نان ۋەقەسى ھەمدە يېقىندا گۇمىدا يۈز بەرگەن 11 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان زەھەر ئاچچىقسۇ ۋەقەسى قاتارلىق سەتچىلىكلەر جامائەتكە ئاشكارىلانغانىدى . بۇنىڭدىن 10 نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئاشكارىلانغان «ئەۋرەز مېيى» سەتچىلىكىدىن كېيىن ، بۇ قېتىم يەنە پاش قىلىنغان «ئەۋرەز مېيى» كەسپ زەنجىرى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىۋارىنى قوزغىماقتا . يېمەكلىك بېخەتەرلىك مەسىلىسىدە ، مەيلى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بولسۇن ، مەيلى ئەخلاقىي جەھەتتىن چەكلىمە قويۇش بولسۇن ، كىشىلەر ھەر قايسى نۇقتىدا تۇرۇپ ئويلانغان ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە چۇقان سېلىشقانىدى . لېكىن مەسىلە تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىندىمۇ ؟
     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ،  جىنخۋانىڭ كولباساسى (خوتۈيچاڭ) ، تەيساڭنىڭ گۆش تالقىنى ، چۇڭچىڭنىڭ يەلقازان دورا-دەرمەكلىرى ، خېمىيىلىك تولۇقلىغۇچ ئىشلىتىلگەن لۇڭكۇنىڭ فېنتوزىسى ، سانائەت تۇزى ۋە DDV ئىشلىتىلگەن سىچۋەننىڭ تۇزلانغان خام سېيى ، خېبېينىڭ زەھەر كۈدىسى ، بوۋاقلارنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ئەنخۇينىڭ ساختا سۈت پاراشوكى ، 300 مىڭ بوۋاقنى كېسەلگە مۇپتىلا قىلغان شېجياجۋاڭنىڭ مىلامىن قېتىلغان «ئۈچ مارال» ماركىلىق سۈت پاراشوكى ، شەنشىنىڭ زەھەرلىك ۋاكسىنىسى ، سانائەت مېيى بىلەن پارقىرىتىلغان گۈرۈچ ، بەش خىل پۇراقلىق گۈرۈچ ، ھاك بىلەن ئاقارتىلغان ۋە سۈڭەك يېلىمى ئارىلاشتۇرۇلغان ئۇن ، ساختا ھەسەل ، ساختا تۇخۇم ، كۆن-خۇرۇم سۈتى قاتارلىق كەينى-كەينىدىن يۈز بەرگەن  ساختا يېمەكلىك ۋەقەلىرىدىن كېيىن ، ھالا بۈگۈنكى كۈندە يەنە ئاشكارىلانغان ئەۋرەز سۇ مېيى ، ساختا پۇرچاق ئۇيۇتمىسى ، ساختا «سېمىز قوي گۆشى» ۋەقەلىرىدىن قۇيقا چاچلىرىمىز تىك تۇرۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ،  ئۇھسىنماقتىن بۆلەك نە ئىلاجىمىز بولسۇن . يۇقىرىدىكىلەر پەقەت ئاشكارىلانغانلىرىنىڭ بىر قىسمى خالاس ، ئاشكارىلانمىغانلىرىدىن يەنە قانچىلىك نەرسىلەر باردۇ . ئەتراپىمىزغا تازا ئوبدان سەپسېلىپ قارايدىغان بولساق ، جايلاردىكى تاللا بازارلىرى ، چوڭ-چوڭ سودا سارايلىرى ، ئەتىگەنلىك ۋە كەچلىك بازارلاردىكى ، ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى ئالا-چەكمەن قىلىۋېتىدىغان رەڭگا-رەڭ «لىباس» لارغا ئورالغان ئىستىمال بويۇملىرىدا مۇتلەق «زەھەر» يوق دەپ كىم ھۆددە قىلالايدۇ ؟ ئىگىسى ئۆزى بىلمىسە ، ھېچكىمگە مەلۇم ئەمەس . مۇشۇ كۈنلەردە بىز نىمىنىمۇ بىخەتەر دەرمىز ؟ بىزدە يەنە ئىستىمال قىلغۇدەك زادى نىمە قالغاندۇ ؟
     بۇ خەقنى قورقۇتقانلىق ئەمەس ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ  پىسخىك جەھەتتىكى زىيادە سەزگۈرلىكى ياكى ئەندىشىسىمۇ ئەمەس . ئادەم بولغان ئىكەن ، كىم بىر نىمە يېمەيدۇ ؟ ئۇن-گۈرۈچ ، گۆش-ماي ، چاي-تۇز ، تاتلىق-تۇرۇم ، مېۋە-چىۋە ، كۆكتات دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن ھەممە ئادەم كۈندە دېگۈدەك ھەپىلىشىپ تۇرىدۇ . رېستۇران ، ئاشپۇزۇل ، تېز تاماقخانا ، كەچلىك بازار قاتارلىق سورۇنلاردىن ئايرىلالمايدۇ . كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك يېمەك-ئىچمەك ، كىيىم-كېچەك ،  دورا-دەرمەك دېگەنلەردىن توختىماي چاتاق چىقىۋەرسە ، كىشىلەر ئەلۋەتتە بۇ خىل ئەندىشىگە تولغان --- ئەمدى زادى نىمە يېگۈلۈك ؟ ---  دېگەن گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويماي قالماس .  كىشىلەر مانا مۇشۇنداق سۇئالنى ئوتتۇرىغا قويغان چېغىدا ، جەمىيەتنىڭ بەزى ئەسلىدىنلا بار بولغان مۇقىم ئەخلاق ئەندىزىسى ، قېلىپلاشقان  ھەرىكەت ئۆلچىمى ، سېستىمىسى ۋە ئاساسىيدا تەڭپۇڭسىزلىق يۈز بېرىشى ، تەۋرىنىپ قېلىشى ھەتتا ۋەيران بولۇش سېگنالى بوپقېلىشى مۇمكىن . قورقۇنچلىقى يۇقىرقى ئاشكارىلانغان نەرسىلەردە ئەمەس ، تەكشۈرگەنسىرى يەنە سادىر قىلىدىغان ، چەكلىگەنسىرى ئەدەپ كېتىدىغان  يامان سۈپەتلىك دەۋرىيلىكتىمۇ ئەمەس ، ساختىلىق قىلغۇچىلارنىڭ پەرۋاسىزلىقى ، ھىماتىم بار دەپ ئەندىشە قىلماسلىقى ، ئىستىمالچىلارنىڭ كارى بولماسلىقى ، بىخودلۇق قىلىشىدىمۇ ئەمەس ، بەلكى كىشىلەر قەلبىدە  بىز خاتىرجەم ،  بىمالال ئىستىمال قىلغۇدەك  بىخەتەر نەرسە بارمىدۇ ؟  دەيدىغان گۇمان پەيدا قىلىشىدا، ئىجتىمائىي ئىشەنچ ، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچ دېگەن نىمىنىڭ قىلچىمۇ قالماسلىقىدا ، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پۇلنىلا دەپ ،  ۋىجدان ، نومۇس  دېگەنلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇۋاتقانلىقىدا . «ھەممىلا ئادەم ئۆزىنىلا ئويلىسا ، ئۆزىنىڭلا غېمىنى يېسە ، بۇ شەخسىي ئەخلاققا ياتىدۇ ، ھەممىلا ئادەم ئەلنىڭ ، مىللەتنىڭ غېمىنى يېسە ، بۇ جامائەت ئەخلاقىي بولىدۇ . تۇرمۇشتا بۇ ئىككىسى كەم بولسا بولمايدۇ» . ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر چەتئەل يېمەك- ئىچمەكلىرىنى پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي سېتىۋېلىپ ئىستىمال قىلىدىغان ، يەيدىغان ئۇن-مايلىرىنى پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي ، چەت يېزا-قىشلاقلاردىكى ئۇرۇق-تۇغقان ، يارۇ-بۇرادەرلىرى ئارقىلىق سېتىۋالىدىغان بوپتۇ . بەزىلەر چەت-ياقا يەرلەردىن يەر ئېلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ شۇ يىللىق ئوزۇقى ، كۆكتاتلىرى قاتارلىقلارنى غەملىۋالىدىغان بولۇۋاپتۇ . لېكىن ھەممىلا ئادەم مۇشۇنداق قىلالامدۇ ؟ كىشىلەر قەلبىدە يامراشقا باشلىغان ئىشەنچ دېگەن نەرسىنىڭ بەربات بولىشىدىن كېيىن ، كىم-كىمگە ئىشىنىدۇ ؟ ناۋادا ، ئۆزىڭىز يەر تېرىماقچى بولسىڭىز ، ئالغان ئۇرۇقىڭىزنىڭ ساختا ياكى ساختا ئەمەسلىكىگە ئىشەنچىڭىز بارمۇ ؟ ئۆزىڭىز مال باقماقچى بولسىڭىز ، سېتىۋالغان يەمگە ئىشەنچ قىلالامسىز ؟ ئۆزىڭىز ئۆي سالماقچى بولسىڭىز ، سېتىۋالغان سېمۇنت ، پولات چىۋىق ، خىشلىرىڭىز ئىشەنچلىكمىدۇ ؟ بىزدە ئىشەنچلىك بىر نەرسە بارمىدۇ ؟ ھالا بۈگۈن  ، كىشىلەر سىياسىي جەمىيەتتىن ئىقتىسادىي جەمىيەتكە كىرىشكە باشلىدى ، ئىجتىمائىي ئىشەنچ دېگەن نەرسە ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا ئىنتايىن زور خىرىسقا دۈچ كېلىۋاتىدۇ ، بۇنىڭغا ھېچقانداق باھانىنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىغاندەك تۇرىدۇ . تېلېۋېزورلاردا كۆرىۋاتقان ساختىلىق قىلغۇچىلارنىڭ يوغان داشقازانلاردا مەينەت يېمەكلىكلەرنى ئىلەشتۈرىۋاتقان ، ئەۋرەز مېيى ياساۋاتقان كۆرىنىشلەر ، كېچىلىك بازارلاردا يۇندىسى ئېقىپ تۇرغان قاپقارا دەسمال بىلەن سۈرتىۋاتقان قاچا-قومۇچ ، شىرەلەر ، كۆكتات تېرىيدىغانلار ، ئۈزۈم قۇرۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى يەيدىغاننى ئايرىم تېرىيدىغانلىقى ، ئايرىم قۇرۇتىدىغانلىقى قاتارلىقلار ، كىشىلەرگە مۇنداق نەرسىلەرنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى سەمىمىلىك بىلەن ئۇقتۇرغىنىدىن باشقا نەرسە ئەمەس .  ئۇلار ئۆزلىرى ئىستىمال قىلمىغان چېغىدا ، پېقىرغا شۇنىسى ئېنىقكى ، ئۇلارمۇ پەقەت ئىجتىمائىي ئىشەنچتىن ئىبارەت مۇشۇ زەنجىردىكى بىر ھالقا ، مەسئۇلىيەتنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارغا ئارتىپ قويۇشنى ئاقىلانىلىق ئەمەس دېسەممۇ ، لېكىن جەمىيىتىمىز ئوبرازىنىڭ يەر بىلەن يەكسان بولىۋاتقىنىدىن ، سەمىمىلىك ، ئىشەنچتىن ئىبارەت بۇ زەنجىرنى  قوغدايدىغان ،  كىشىلەرگە  زىيانكەشلىك قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەيدىغان بىر قەلبنىڭ بولماسلىقىدەك ئەخلاقنىڭمۇ قالمىغانلىقىدىن يۈرىكىم پارە-پارە بولىدۇ . چۈنكى بۇ زەنجىردىكى ئەڭ ئەقەللىي خەققە ئالدىنىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەيدىغان ، خەققە زىيانكەشلىك قىلسا بولمايدىغان ئەخلاقىي چەكمۇ قالمىغان تۇرسا . بىلمىدىم ، باج تاپشۇرغۇچىلار تاپشۇرغان باج بەدىلىگە بىر كىشىلىك ئورۇننى ئىگىلەپ يۈرگەن ئاشۇ سۈپەت نازارەتچىلىكى ، سەھىيە ، سودا-سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرىدىكى نانقېپىلارنىڭ زادى نىمە كېرىكى ، قاچانلا قارىسا مىدىيىلەر ئاشكارىلىغاندىن كېيىنلا ئوتتۇرىغا چىقىشىدۇ ، باشقا چاغدا چىۋىن قورۇپ ئولتۇرامدىغاندۇ ؟
مانا بۇلار ، جۇڭگو ئىجتىمائىي ئەخلاق ئېتىكىسىنىڭ بەش مىڭ يىلدىن بېرىقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . مۇشۇ يىللاردىن بېرى ، جەمىيىتىمىزنىڭ ئەخلاق ساپاسى تۈزىگىلى بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى . «خوتۇنىنى كېرەك قىلمايدىغان ، موئاشنى قىمىرلاتمايدىغان ، قورسىقىنى بىكارغا تويدۇرىدىغان» بىر قىسىم يەرلىك ئەمەلدارلار زىيادە يۇقىرى پايدا-مەنپەئەت ئۈچۈنلا دېھقانلارنى يۇرت- ماكانىدىن ھەيدەپ چىقىرىپ ، ئۆي-زىمىنلىرىنى تارتىۋىلىۋاتقان يەردە ، جەمىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىنىڭمۇ ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىشى ، ئىجتىمائىي ئەخلاق سەۋىيىسىنىڭ ئومۇميۈزلىك تۆۋەنلەپ كېتىشى بىر خىل مۇقەررەرلىك خالاس . ھاياتلىققا ، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا سەل قارايدىغان بۇنداق ئەھۋال پۈتۈن مەملىكەتتە ۋاباغا ئوخشاش يامرىماقتا ، بۇ كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان رېئاللىق . شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى ، ھازىر بىز نامراتلىقتىن ئەمەس ، بەلكى دەستىرخاندا جان تەسلىم قىلىۋاتىمىز .
      ناۋادا يېقىنقى زاماندىكى سىياسىي جەمىيەتتىن سودا جەمىيىتىگە ئۆتكىچە بولغان ئارىلىقتا ، ئىككى قېتىملىق ئىجتىمائىي ئىشەنچتىن ئىبارەت زەنجىر ئۈزۈلدى دېسەك ، بۈگۈنكى ئۈزۈلۈشتىن تارىخنىڭ سايىسىنى كۆرىۋالماق تەس ئەمەس .  چۈنكى ئاتالمىش مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىيدىن كېيىنكى ئېتىقادنىڭ گۇمرانلىقى ۋە ئۈمىدسىزلىكتىن ئىبارەت  رىئاللىق ئالدىدا ، كىشىلەر بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ھەممىگە قادىر ئەڭگۈشتەر دەپ تونۇۋاتقىنىدا  ، ئېتىقادنىڭ بىر پەشۋاغىمۇ يارىماي بەربات بولىشىدىن  كېلىپ چىقىدىغان ئەخلاقىي بۇزۇلۇشنى مۇقەررەرلىك دەپ قاراشقا ، كۆزنى ئالا-چەكمەن قىلىۋېتىدىغان قىپقىزىل تاراقشىپ تۇرغان پۇلنىڭ ، ئەينى يىللاردىكى ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان ئۈزۈندە ، بايراقلارنى ئېگىز كۆتىرىۋېلىپ شۇئار توۋلاشلارنىڭ ئورنىنى ئېلىشىنى نورمال ئىش دېيىشكە بولىدۇ .
     كىشىلەرنىڭ «ئەمدى زادى نىمە يېگۈلۈك؟» دېگەن سۇئالىغا قارىتا ، ئەمدى سەۋەنلىكلىرىمىز ئۈستىدە ، يەنى  ئىجتىمائىي ئىشەنچنىڭ قالماسلىقىدىكى نىگىزلىك سەۋەپ نەدە ، تارىخىي مەنبىئى زادى نەدە دېگەنلەرنى ئوبدانراق ئويلىنىدىغان چاغ بوپقالغاندەك تۇرىدۇ . مۇشۇنداق قىلغاندىلا ، تەرەققىياتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىجتىمائىي ئىشەنچ زەنجىرىنى قايتىدىن تۇرغۇزغىلى بولىدۇ . ئۇنداق بولمايدىكەن ، «تېزىنى باسسا مېزى ، مېزىنى باسسا بېزى» دېگەندەك ، بۈگۈن ئەۋرەز سۇ مېيى چىقسا ،  ئۇنى بىر تەرەپ قىلغان بىلەن ، ئەتىلا ساختا ھەسەل چىقىدۇ ، ئۆگۈنى يەنە بىرى چىقىدۇ . بىز يەنە ئۇنى بىر تەرەپ قىلدۇق دېگەن  بىلەن ، ئورىۋەتكەن كۈدە يەنە ئۆسۈپ چىققاندەك ، يەنە بىر ساختا نەرسە چىقىدۇ-دە ، ئۆزىمىز پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىپ ، خەقنىڭ كەينىدىن پوقىنى تازىلايدىغان ھالغا قالىمىز . بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر قەلبىدە ئاللىقاچان ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئىشەنچتىن ئىبارەت بۇ  زەنجىرنى قايتىدىن ئۇلاش تەسكە توختايدۇ . چۈنكى ، ھەر قانچە ئۇستا سۇۋاقچى بولساقمۇ ، ئۈركۈپ كەتكەن تام سۇۋاق تۇتمايدۇ-دە .

كىرىلگەنگە كىرىلىمەن!!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئالاھىدە تۆھپە مۇنازىرە يېتەكچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 2998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18019
تۆھپە نۇمۇرى: 1501
توردا: 609 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-26 09:33:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭمۇ بېشىم قاتتىيا؟ساختا نەرسىلەر ھەجەپمۇ ئاۋۇپ كەتتى.ئادەمنىڭ ئەقلىنى ئىمانىنى بۇلغاپ....

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!

ھەر بىر كشىنى ھۆ

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 825
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4352
تۆھپە نۇمۇرى: 11
توردا: 2175 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-26 09:43:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئادەملەرمۇ ساختا تۇرسا ،بۇنىڭ ئەجەپلىنەرلگى يوق

ئۈلۈم ھەر بىر كىشىنىڭ بېشدا بار !

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 1683
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14796
تۆھپە نۇمۇرى: 478
توردا: 3887 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-26 09:53:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ مەينەت نەرسىلەر گالدىن ئۈتۈپلا كەتسە ئىمان سۇسلايدۇ دىگەن گەپ . ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇيغۇر مۇسىلمانلىرىنىڭ ئىمانىنى مۇستەھكەم قىلىپ بەرگىن !

http://blog.sina.com.cn/esma88

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39999
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1416
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 2475 سائەت
تىزىم: 2011-5-8
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-26 10:13:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ تېخىمۇ قورقىدىغان بوپ كەتتىم....چۇنكى بىز يەنىلا باشقا يەردىدە،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21304
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4001
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 2152 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-26 10:14:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىمىنى چوڭ ،نۇپۇس ھەددىدىن ئارتۇق دۆلىتىمىزدە، بۇنداق ئىشلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشغا زور كۈچ كىتىدۇ .خەنزۇ يولداشلار بىلەن پاراڭلىشىپ قالساق ،ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ،شىنجاڭ دۆلىتىمىز بۇيىچە ئەڭ تىنىچ ،ئەڭ بىخەتەر،نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بىر قەدەر ياخشى بولغان جاي ئىكەن.

ئازاپلىرىم،مېنى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 627
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11899
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 8861 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-26 10:28:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جوڭگونىڭ ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشتا پۈتۈن دۇنياغا داڭقى بار..‹ئۈچ مارال›سۈت پاراشوكىدىكى مىلامىننى چەتئەللىكلەر بايقىغان....خۇددى بىر تورداش ئېيتقىنىدەك ساختا نەرسىلەرنىڭ تولىلىقىدىن كوچىدا ئۆزۈمدىن يەنە بىرسى ئۇچراپ قالارمۇ دەيدىغان كۈنلەرگىمۇ ئاز قالدۇق چۇقۇم....
مۇشۇ مەكتەپنىڭ تامىقىدىمۇ شۇ ‹ئازگال مېيى›بارمىدۇ دەپ گۇمان قىلىپ ھازىر تاماق يېىيشتىنمۇ قورقىدىغان بۇلۇپ قالدىم.....
تەرەققىي قىلىپ ئادەممۇ ساختىلىشپ كەتكەن زاماندا،ئىشەنچ دېگەن سۆزنىڭ ئۇرۇن باسار سۆزى ساختا دېگەن سۆز بۇلۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ.

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

ھاياتنىڭ لەززىت

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7560
تۆھپە نۇمۇرى: 532
توردا: 3214 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-26 11:11:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6قەۋەتتىكى(چېچەك) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

ھاھاھاھا....بۇتىمىغا ئالامەت ماس كىلىپ كەتكەن ئىنكاس بوپتۇ بۇ...
كاللىڭىزمۇ ئالامەت ئىشلەپ قويىدىكەن سىزنىڭ....
‹‹خۇددى بىر تورداش ئېيتقىنىدەك ساختا نەرسىلەرنىڭ تولىلىقىدىن كوچىدا ئۆزۈمدىن يەنە بىرسى ئۇچراپ قالارمۇ دەيدىغان كۈنلەرگىمۇ ئاز قالدۇق چۇقۇم.... ››نىمە دىگەن قىزىقارلىق ئوخشىتىش...

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1551
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10307
تۆھپە نۇمۇرى: 1357
توردا: 4554 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-26 11:16:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇربىڭلار يەتسە ئۆيدە يەنى ئۆزىمىزنىڭ مەھىسۇلاتلىرىدىندىن ئىشەنچىلىك بولغانلىرىنى ئىستىمال قىلشىمىز كىرەك .....

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

ئويلانماقتىمەن..

تىرىشچان ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1221
يازما سانى: 527
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 23918
تۆھپە نۇمۇرى: 1464
توردا: 5979 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-26 11:48:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاماق يېيىشتە مەندەك قىينىلىۋاتقىنىڭلار  بەك  ئازمىكىن؟؟؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش