پەخرلىك ئوغلانىمىز شىرئەلىجان ئاسىيا چىمپىيونى بولدى!!
ئۇيغۇر ئوغلانى2012-يىلىدىكى ئولمىپىك مۇسابىقىسىگە باردىغان بولدى!!
بايام ئاخىرلاشقان 26-نۆۋەتلىك ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە جۇڭگو كۇماندىسى ئىئوردانىيە كۇماندىسىنى 1نۇمۇر پەرق بىلەن ئۇتۇپ بۇ قىتىملىق ئاسىيا چىمپىيونى بولدى.
مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 8سىكونت ۋاقتىدىكى قارشى تەرەپ ئاتقان توپ چۈشمىگەندىن كىيىن تەڭرى تېغىنىڭ جەنوپ شىمالى تەڭلا تەۋرىدى،بۇغدا چۇققىسى بۇ تارىخىي مىنوتلارغا شاھىت بولدى،تارىم دەرياسى ئەجداد كۆز-يېشى بىلەن تولغان سۇلىرى بىلەن ئۇغلانلىرمىزنىڭ كۆزىدىكى يېشى بولدى،مۇز تاغ ئاتا ئۆزىنىڭ قوينىدىن مۇشۇنداق بىر قەيسەر،تىرىشچان قارىغايدەك ئۆرۈلمەس ئىرادىسىنى زىممىسىگە ئالغان،تەڭرى تېغىنىڭ جەنوپ شىمالىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ،ئوغۇز سۈتى ئەمگەن ئوغۇزخاننىڭ قىنىغا ۋارىسلىق قىلغان بۇ ئەزىمىتىنى ئۆزىنىڭ ئاپئاق ساقاللىرى ئارىسىغا ئىلىپ باغرىغا باستى،بۇ پەخرلىك ئوغلانىمىز شىرئەلىجان شىنجاڭنىڭ سىماسىنى،شىنجاڭلىق ھەر مىللەت خەلىقىنىڭ جاپاغا چىدايدىغان روھىنى،تەنھەركەتكە بولغان زور ئىشتىياقىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن ھالقىتىپ دۇنيا نوپوسىنىڭ يېرىمىنى ئىگەللەيدىغان ئاسىيا قىتئەسىگە ئىلىپ باردى.
ئۇنىڭ قۇدرىتىدىن،ئۇنىڭ توپقا بولغان ئىشتىياقىدىن،ئۇنىڭ غەلبىگە بولغان ئىشتىياقىدىن دۈشمەنلىرى يىقىلدى،رەقىپلىرى ئالدىدا بىر-بىرلەپ يەر چىشلىدى.
شۇنداق بىزنىڭ يولۋاس يەنى پەخىرلىك ئوغلانىمىز خۇتەنلىك ۋاسكىتبول چولپىنى ئادىلجاندىن كىيىن بىزنىڭ يەنە بىر پەخىرلىك ئوغلانىمىز بولغان شىرئەلىجان ئاسىيانىڭ چىمپىيونى بۇلۇپ بىزنىڭ يۈزىمىزنى يورۇق قىلدى.مىڭلىغان،ئونمىڭلىغان شىنجاڭلىق توپچى بالىلارنىڭ يۇىنى ئوچۇق قىلدى.ئۇنىڭدىن،ئۇنىڭ توپ تىخنىكىسىدىن گۇمانلانغان بارلىق ئادەملەرگە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ كامالەتكە يەتكەن تېخنىكىسى،ھەممىنى قايىل قىلىدىغان توپ ئىلىپ مىڭىش ماھارىتى،مەيداندىكى ھارماس مۇداپىيە قىلىدىغان كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق پۈتكۈل ئادەملەرنى قايىل قىلىپ بۇ قىتىملىق ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسنىڭ يورۇق نۇقتىسى بۇلۇپ قالدى.
ئۇ ھەرقىتىم مۇسابىقىگە چۈشكەندە بارلىق كىشىلەرنىڭ كۆزى بۇنىڭدا بولدى،ئۇنىڭ تىزرەك نۇمۇر ئىلىشىنى تىلىدى،ھەمدە ئالقىشلىدى،مانا ئۇ ئۆزى كۇماندىدىكى ياش ئەزالارنى يىتەكلەپ ئالدىدىكى 5مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقسى ھەم ئىككى مەيدان شاللاش مۇسابىقىسدە مەيدانغا چىقىپ كۇماندا ئەزالىرنى يىتەكلەپ يۇقۇرى نۇمۇر پەرقى بىلەن رەقىپلىرنى بىر-بىرلەپ يىڭىپ ئۆزنىڭ تالانتىنى،دىڭخۇرادنىڭ ئۇنى بىكار تاللىمىغانلىقىنى،تاللىغانلىقىنىڭ بىر سەۋەبى بارلىقىنى بىزنىڭ ئوغلانىمىز شىرئەلىجان ئۆزىنىڭ ئەمەليىتى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بەردى.
ئۆرلە! ئۆرلە! ئۆرلە ! ئۇيغۇر ئوغلانى،
ئۆرلە!ئۆرلە شىنجاڭ ئوغلانى.
ئۆرلە! ئوغۇزخاننىڭ ئەۋلادى.
ئۆرلە!تەڭرى تېغىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى.
ئۆرلە! تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان شىر يۈرەك ئارسلان.
ئۆرلە! سەددىچىن سېپىلىنى ئۆزىگە ياستۇق قىلغان ئوغلان.
ئۆرلە! جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەقىدىسىنى ئاقلىغان،ئار-نومۇسىنى يۇيغان ئوغلان.
ئۆرلە! مۇز تاغ ئاتىنىڭ سوغۇق ئېتەكلىرنى ئۆزۈڭنىڭ ئىللىقلىقى بىلەن ئېرىتكەن ئوغلان.
ئۆرلە! بوغدا چوققىسىنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلغان پەخىرلىك ئوغلان.
داۋاملىق ئۆرلە!ئەجدادىمىزنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا جاپانى يېڭىپ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھۇڭنى ئىلىپ ئۆرلە!!!!!!!!
تەڭرى تىغى ساڭا يار-يۆلەك،شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى ساڭا يار-يۆلەك.ئەجداد روھى ساڭا يار-يۆلەك.
سەن ماڭغىن !!!! بىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى ئىلىپ تەڭرى-تېغىنى ھالقىپ 2012-يىلى لوندونغا ئىلىپ بارغىن،ياۋروپانى ئۆزۈڭنىڭ شىردەك ئاۋازىڭ بىلەن تىترەتكىن،ساڭا بارچە قايىل بولسۇن،سىنىڭ تەڭداشسىزلىقىڭغا بارلىق كىشىلەر ئىشەنسۇن.........
بىز سىنى 2012-يىلى لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەيدانىدا كۈتىمىز،سىنىڭ ئاتقان توپلىرىڭ پۈتكۈل ئەنگىلىينى تىترەتسۇن.
كەلگىن ئۇيغۇر ئوغلانى،جۇڭخۇا ئوغلانى!
شىرئەلى:
سىنىڭدەك بىر ياراملىق بالىنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشقان ئاتاڭغا رەھمەت!ئاناڭغا رەھمەت!!!!!!!!