مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5811|ئىنكاس: 24

ئاياللار نازاكەتلىك بولۇش ئۈچۈن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

غەيرەتتىن قالما

دائىملىق ئــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 530
يازما سانى: 902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1290
تۆھپە نۇمۇرى: 441
توردا: 5656 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 08:49:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاياللار نازاكەتلىك بولۇش ئۈچۈن




نازاكەتلىك بولۇش ھەقىقىقەتەن تەسمۇ؟ نازاكەتلىك ئايال بولۇش ئۇنداق تەسمۇ ئەمەس، ئۇنىڭدا يۇقىرى تەلەپمۇ يوق، ئىشنى يېنىڭىزدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاڭ.  

يېمەك-ئىچمەكتە ئۆزىنى چەكلەش:
چەكلەش دېگەنلىك، بەزى كىشىلەر ئېيتقاندەك بۇنى يېسىمۇ بولمايدۇ، ئۇنى يېسىمۇ بولمايدۇ، ھەتتا بىر تال شاكىلات كەمپۈتنىمۇ ئېھتىيات بىلەن يېيىش دېگەنلىك ئەمەس. سىز پەقەت كۈندە ئۈچ ۋاخ تاماق يېيىش ئادىتىڭىز بويىچىلا چەكلەش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. سىز ئاچلىقتىن قورساق غولدۇرلاپ كەتكۈدەك دەرىجىدە چەكلەش ئېلىپ بارمىسىڭىزمۇ، ھەر ۋاق تاماقنى پەقەت بوش تۇيغۇدەك يەپ، پارچە-پۇرات يېمەكلىكلەرنى ئىمكانقەدەر يېمىسىڭىزلا بولىدۇ. ئۈچ ۋاخ تاماقتا كۆپرەك كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەر يەپ بەرگەندە ھەم تويۇش تۇيغۇسىنى ئاشۇرغىلى ھەم كۆپ مىقداردىكى ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا قورسىقىڭىز بەك ئېچىپ كەتسە، نېمە يېيىش كېرەك؟ ئەڭ ياخشىسى بىر ئىستاكان سۈت ياكى چاي ئىچىۋېلىڭ.

پىيادە ماڭغاندا زىلۋا بولغىلى بولىدۇ :

ناۋادا سىزدە قىزقىش ياكى ۋاقىت بولمىسا، قارا تەرگە چۆمۈلگۈدەك گىمناستىكا ئويناپ ئۆزىڭىزنى مەجبۇرلىمايمۇ زىلۋا بولالايسىز، پەقەت «يول يۈرۈش» نى ئۆگىنىۋالسىڭىزلا بولىدۇ، پىيادە مېڭىشنىڭ ئەڭ ياخشى گۈزەللىك گىمناستىكىسى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىڭ. مەسىلەن ، پەلەمپەيدىن چىققان-چۈشكەن ۋاقتىڭىزدا، پۇتنىڭ ئۇچىدا ماڭسىڭىز، پاچاق ۋە بەل قىسىملاردىكى مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكەت مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ خورىشى كۆپىيىپ، ئورۇقلاشقا پايدىسى بولىدۇ. ئەلۋەتتە گۈزەل بولۇشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل گۈزەللىك گىمناستىكىسى ئويناشنى داۋاملاشتۇرۇشتۇر.

ياخشى ئۇخلاش ھۆسن تۈزەش ئۈچۈندۇر:

داڭلىق ئادەتتىن تاشقىرى مودېل كرودىيە شېفنىڭ بەدەن گۈزەللەشتۈرۈشتىكى مەخپىيىتى ھەر كۈنى كەچ سائەت سەككىزدە ئۇخلاش، ئەتىگەنلىكى ۋاقتىدا تۇرۇش، كۈندۈزى بىر دەم ئۇخلاش ئىكەن. ئۇ قانۇنىيەت - ئەڭ ياخشى ھۆسن تۈزەش سەنئىتى دەيدۇ. بۇ مەملىكىتىمىزدىكى قەدىمكىلەر ئېيتقان «ھەممە دەردكە داۋا تىلىمەي، ئۇخلاشنى تىلە» دېگەن بىلەن ئوخشاش.  

ھۆسن تۈزەشتە ئىخلاسمەن بولۇش كېرەك :

چاچ ياسىتىش ئۆز ۋاقتىدا بولۇش، چاچنىڭ پارقىراق، پاكىز بولۇشىغا دىققەت قىلىش كېرەك. كىچىك ئىشلاردا ئىنچىكە بولۇش كېرەك. مەسىلەن ، ھەددىدىن زىيادە قويۇق بولغان چاچ يۇيۇش سويۇقلۇقىنىڭ چېچىڭىزغا زىيان يەتكۈزۈپ قويماسلىقى ئۈچۈن، ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال سۇ بىلەن سويۇقلاشتۇرۇپ ئىشلىتىڭ. ھەر كۈنى كەچتە مەخسۇس گىرىم تازىلاش بۇيۇملىرى بىلەن گىرىملىرىڭىزنى يۇيۇپ، ئاندىن ئوزۇقلۇق مەلھەملىرىدىن ئازراق سۈركۈۋالسىڭىز تېرىڭىزنىڭ كېچىچە ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. شۇنى ئېسىڭىزدە ساقلاڭ: ئەگەر تېرىڭىز بۇ خىل تېرە ئاسراش بۇيۇمىغا ناھايىتى تېزلا «ماسلىشىپ» كەتسە، تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ، شۇڭا دەرھال ئالماشتۇرۇڭ ياكى باشقا تۈردىكىلەر بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىپ، تېرىڭىزنىڭ دائىم ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ. تېرىنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىشىمۇ خىلمۇ-خىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ، «باشتىن-ئاخىر ئوخشاش بولۇش» تەك بىر خىلىنىلا ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.  

مودا قوغلاشماي ئۆزىگە خاس كىيىنش:  

ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنىڭ كىيىملىرىگە تەنقىدىي، قوسۇر ئىزدەش نەزىرىڭىز بويىچە قارىماي، ئۆزىڭىزنىڭ كونا ۋە يېڭى كىيىملىرىڭىزنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىڭ. ئاپىڭىز ۋە ئاچا-سىڭىللىرىڭىزنىڭ كىيىملىرىنى ۋاقىتلىق ئارىيەت ئېلىپ كىيىڭ. ئېھتىمال سىزدە ئۆزگىچە يېڭىلىق ياراتقاندەك گۈزەللىك تۇيغۇسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. ھەر قانداق مودىنىڭ باشلىنىشىنىڭ مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بىلىڭ، ھەر قانداق بىر كىيىمگە مەسىلەن ، ناھايىتى كونا بولغان كوپتا-يوپكىغا بىر تال يېڭى، ئۆزگىچە بەلۋاغدىن ياكى ھەرىكەتچان ياقىدىن بىرنى بېكىتىۋالسىڭىز، باشقىچە تۇيغۇ پەيدا بولۇپ، ئادەمنى مەپتۇن قىلىدۇ.

كىچىك ئىشلارغا دىققەت قىلىش:  

ئەمەلىيەتتە، نازاكەتلىك بولۇش پۈتكۈل ئوبرازنىڭ زىننەتلىنىشىدۇر. قارىغاندا كىچىككىنە ئىشلارنى دەل جايىدا زىننەتلىيەلىسە، كىشىگە بىر خىل ئالاھىدە گۈزەللىك تۇيغۇسى بىرىدۇ.

ئايىغىڭىزنى كۈندە بىر قېتىم مايلاپ پارقىرىتىپ يۈرۈڭ، ئايال كىشى كونا كىيىم-كېچەكلىرىنى پاكىز كېيىش بىلەن بىللە ، پۇتىغا چوقۇم پاكىز پارقىراق ئاياغ كىيىشى كېرەك. يەنە ئاز دېگەندە ئېسىل ئەتىردىن بىرسى بولۇش كېرەك. ئۇنى چاچقاندا خوش پۇراق تاراپ، سىزنى تېخىمۇ نازاكەتلىك ۋە ئېسىل كۆرسىتىدۇ. پۇرىقى كۈچلۈك ئەتىر چېچىشتىن ساقلىنىڭ، بولمىسا كىشىنى سەسكەندۈرۈپ قويىسىز. مەردانە، يېقىملىق چىراي، ئايال كىشىگە نازاكەت ۋە گۈزەللىك قوشىدۇ.  


مەنبە: شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلىدىن ئېلىندى.


دوستقا زار، دۈشمەنگە خار، نامەرىتكە ئىنتىزار بولما..!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45334
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4391
تۆھپە نۇمۇرى: 2433
توردا: 710 سائەت
تىزىم: 2011-6-23
ئاخىرقى: 2012-2-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 09:18:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ھاياتقا قاراپ مە

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53886
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2011-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 09:50:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بەك ياختۇردۇم......  رەھمەت

ئىھ ئاللاھ !  ھەق يولىدا چىڭ تۇرۇشىمنى مېنىڭ كۆڭلىمگە سالغىن ،نەپسىمنىڭ يامانلىقىدىن مىنى ساقلىغىن

قانائەت--تۈگىمەس

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47173
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1514
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 3311 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 09:52:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ نەزىرىمدىكى مودا كىيىم  :  ئۆزىگە ئەڭ ياراشقان ، خارەكتىرىگە ئەڭ ماس كەلگەن كىيىم .

ھاياتقا قاراپ مە

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53886
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 168 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2011-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 09:54:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەراس باشقۇرغۇچىلار خاپا بولماي  مىنىڭ  ماتىريالىمنى  قېلىپقا چۇشۇرۇپ بەرسەڭلار..............يامۇنبەردە بار يوقلۇقۇمنى بىلگىلى بولمايدۇ يا خەت يازسام كاتەككە كىرمەيدۇ . ھەپىلشىپ باققان بولساممۇ ئوڭشىيالمىدىم شۇنۇڭغا قارغاندا سىلەرگە دەيدىغاندەك تۇرىمەن!!!!!!!!!!!!

ئىھ ئاللاھ !  ھەق يولىدا چىڭ تۇرۇشىمنى مېنىڭ كۆڭلىمگە سالغىن ،نەپسىمنىڭ يامانلىقىدىن مىنى ساقلىغىن

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1969
يازما سانى: 1693
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14815
تۆھپە نۇمۇرى: 478
توردا: 3890 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2012-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 10:30:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەشەككۈر  ................................

http://blog.sina.com.cn/esma88

ئاتۇش قىزى

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5951
يازما سانى: 855
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8233
تۆھپە نۇمۇرى: 535
توردا: 808 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 10:46:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالساق بولغۇدەك.

ئاتۇش قىزى

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1582
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9414
تۆھپە نۇمۇرى: 1357
توردا: 4571 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 10:55:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز ،،،رەھمەت بىلۋالدىم ..چۇقۇم  شۇنداق قىلىمەن

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2024
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11857
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 10:58:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولا گىرىم قىلىشمۇ ئاياللارنىڭ ھۆسنىنى بۇزىۋېتىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17420
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5209
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 3091 سائەت
تىزىم: 2010-11-13
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 11:10:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخىمەت ئەجىرىڭىزگە.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش