مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1640|ئىنكاس: 7

ئاتا ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ پەرقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23689
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3739 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 04:22:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                            ئاتا ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ پەرقى

ئويلاپ باقساق ، كۆپۈنچە ھاللاردا ئىشىكتىن كىرىپلا قورسىقىم ئاچتى ، تېخىچە تاماق تەييار بولمىدىمۇ ؟ دىگەن سۇئالنى سورايدىغىنى بالىلاركەن . ئىشىكتىن كىرىپلا كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ، سىرتتا بىر كۈن  ئائىلە ئۈچۈن تىرىشىپ تىرمىشىپ ئىشلەپ ، يەنە ئۆيگە كىلىپ  ھاردىم تالدىم دىمەي ، ئوخشىتىپ تاماق ئىتەيچۇ ! دەپ ئويلاپ ئاشخانىدا ئالدىراش يۈرۈيدىغىنى يەنىلا ئانىلاركەن .
تاماق ئىتىپ ئالدىغا ئەكەلسىڭىز، ھېلى بەك ئىسسىقكەن ، ھېلى بۇ تاماق تېتىمىدى دەپ ، تاماقنى ياراتمايدىغانلار يەنىلا بالىلار . بىر تال گۈرۈچ ، كۆكتاتنىمۇ زايە قىلماي ، ئېغىزغا تېتىغۇدەك تاماق قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇپۇرتىۋاتقانلار ئانىلار.
  تاپشۇرۇق جېقكەن، ئۈگىنىش قىلىپ چارچاپ كەتتىم دەپ قاقشايدىغىنى بالىلار . بىر كۈن ئىشلەپ ، كەچتە يەنە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ ،ھاردىم دىمەي ، بالىلىرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ دەرىس تەكرار قىلدۇرغىنى يەنىلا  ئاتا ئانىلار .
  بىردەم ئۇنى ئالغۇسى كەلگەن ، بىردەم بۇنى ئالغۇسى كەلگەن ، پۇل بەرمىسە ياكى خەجلەپ بەرمىسە ئاچچىقلايدىغىنى بالىلار .تۇرمۇشتا ئاددى ساددا بۇلۇپ ،پۇلنى بۇزۇپ چاچماي تىجەپ خەجلەيدىغان ،بالىلىرىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن ، ياخشى تەربىيىلىنىشى ئۈچۈن قورقماي پۇل خەجلەيدىغانلار ئاتا ئانىلار .
   ئەتتىگىنى ئورنىدىن تۇرالمايدىغان ، ئويغاتسا قاخشايدىغىنى بالىلار . كەچ يېتىپ ، سەھەر تۇرۇپ  تۇرمۇشنىڭ قايناملىرىغا چۆكۈشكە باشلايدىغىنى ئاتا ئانىلار .
   كۆڭلى ئازار يەپ ، ئۆيگە كىلىپ ئاتا ئانىسىنىڭ بەزلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغىنى بالىلار . سىرتتا كۆڭلى قانچىلىك ئازار يىيىشىدىن قەتئى نەزەر ئۆيگە كەلسە  چاندۇرماسلىققا ، بىلىندۈرمەسلىككە تىرىشىدىغىنى ئاتا ئانىلار .
    ئىچى ئازراق ئاچچىق بولسىلا قاخشايدىغان ،بىرەر ئىش كۆڭلىدىكىدەك بولمىسا ۋاقىراپ ، دەردىنى ئۆيىدىكىلەردىن ئالىدىغىنى بالىلار .دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ، ئۆيدىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئايادىغىنى ئاتا .انىلار .
   ئويۇن تاماششا بىلەن ئالدىراش ، دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىشقا ۋاختى بار ، ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىشقا ۋاقىت چىقىرالمايدىغىنى بالىلار .ئازراق بوش ۋاختى بولسىلا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە بۇلۇشنى ، باللىرى بىلەن كۆپرەك بىللە بۇلۇپ ، خۇشال خۇرام كۈن كەچۈرۈشنى ئويلايدىغىنى ئاتا ئانىلار .
    ئاتا ئانام ماڭا كۈيۈنسە ، ھەممە ئىش كۆڭلۈمدىكىدەك بولسا دەيدىغىنى بالىلار . بالىلار ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە رازى بولىدىغان ، بارلىقىنى بالىلارغا ئاتايدىغىنى ئاتا ئانىلار .
    ئاتا ئانىلار بىلەن بالىلار ئوتتۇرسىدىكى پەرق مانا مۇشۇنداق مىھرى مۇھەببەتتىمۇ ئىپادىلىنىدۇ .بۇنى بەلكىم باللىرىمىز توي قىلىپ ، ئىللىق ئائىلە قۇرۇپ ،بىزگە ئوخشاش ئاتا ئانا بولغاندىلا ھەقىقىي تۇنۇپ يىتىشى مۇمكىن .

                                 مەنبە : ‹ئىلمىي ئەخلاق ›  كىتابىدىن ئېلىندى .
  

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

تېخىچە ئ‍ۆتمۈش ئ‍ىچىدە ياشاۋات

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11654
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13800
تۆھپە نۇمۇرى: 882
توردا: 333 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 05:44:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىنىپ بېقىشقا تىگشىلىك مەسلە،دىمىسىمۇ  ئاتا _ئانىلارنىڭ يۈكى ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر . بۇنى بەلكىم بىزمۇ ئاتا_ئانا بولغاندا بىلىشىمىز مۇمكىن ....

ھايات ساڭا كۈلۈپ باقمىسا، سەن ھاياتقا كۈلۈپ باق، ئ‍اچچق كۈلسەڭمۇ مەيلى................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57517
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3287
تۆھپە نۇمۇرى: 239
توردا: 121 سائەت
تىزىم: 2011-9-22
ئاخىرقى: 2011-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 05:49:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇغارا بىر كۇنلەردە بىزمۇ ئاتا -ئانا بۇلىمىز

قانائەت--تۈگىمەس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47173
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3760
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 3376 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 06:48:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئۇ ،  ئاتا - ئانا .  يەنە شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئۇ ، بالا ......
  مەن كۆيەرمەن بالامغا، بالام كۆيەر بالىسىغا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39999
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4530
تۆھپە نۇمۇرى: 486
توردا: 2495 سائەت
تىزىم: 2011-5-8
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 06:51:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بەك پۇشايمان قىلىمەن....ھەي ئىسىت ....توي قىلمىسامچۇ دەپ كېتىمەن......لېكىن شۇ لېكىن......ئاتا ئانىلىرىمزىنىڭ يۈكى نىمىدىگەن ئېغىر ھە!~!~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36202
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-4-3
ئاخىرقى: 2013-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 06:54:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىيىن بىزمۇ بالىلىق بولارمىز دىمەي،سىز مۇ ئاتا - ئانىڭىز نىڭ يۈكىنى يەڭگىلىتىشنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ؟

شامال

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41571
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4072
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1356 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 07:02:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كويەرمەن  بالامغا . بالام  كويەر  بالېسېغا  .    بېزلەرمو  كويەيلي ئاتا ئانېمېزغا  .  ئاتا رازې ..خۇدا رازي .. بۇلارني  ئۇنتۇپ قالمايلي........................

مەن سۈكۈتتە ...ھامان سۈكۈتتە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31579
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6684
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 2050 سائەت
تىزىم: 2011-2-24
ئاخىرقى: 2013-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 09:23:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ،مۇشۇنداق جاپا- مۇشەققەت يولىدا ئاندىن ،ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا ، بالىنىڭ ئاتا-ئانىغا مېھرى يىپى مەھكەم باغلىنىپ ماڭىدۇ  دەپ ئويلايمەن . . .
ناھايىتى توغرا ھەم ئىنچىكە ئېلىپ بېرىلغان تەھلىل تېما بوپتۇ  بۇ .  بۇ بىز ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ شۇنداقلا بىزگە ئاتا-ئانا بولغۇچىلارنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچى سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. دىمىسىمۇ خىزمەتتىن ھېرىپ -ئېچىپ كەلگەندە ئىشىكتىن كىرىپلا قىلىدىغىنىمز ئالدىراش كىيىم يۆتكەش ، ئاندىن ئاشخانىدا توختىماي يۈگرەپ يۈرۈش..... قانچە چارچىساممۇ ئۆزۈمنى ھارغىن ھېس قىلمايمەن ، جاپا يۈكى ماڭا قانچە ئارتىلسىمۇ ئايال بولغىنىمدىن ، ئانا بولغىنىمدىن ئاغرىنمايمەن ... چۈنكى مەن ئانا!  مەن ئايال !

مەن ئۆزۈمنىڭ دۇنياغا بىر ئايال بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن ۋە بىر ئانا بولۇپ ياشىيالىغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن !!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش