|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانداشلار !
ئۇيغۇر ئۇلىنىشى ئۆتكەن يىل 12-ئايدا رەسمىي ئېلان قىلىنىپ 10 ئايغا يىقىن ۋاقىت ئىچىدە توربېكەت ئېگىلىرىنىڭ شۇنداقلا تورداشلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بىز بېكىتىمىزنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداقلا بېكەت باشلىقلىرىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىشنى مەقسەت قىلىپ بېكەت نەشىرىنى يېڭىلاشقا تۇتۇش قىلدۇق. جاپالىق تېرىشچانلىقلار ئارقىلىق ئەينى بېكەت ئۇسلۇبىنى ساقلىغان ئاساستا تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلار قوشۇلغان يېڭى بەت سىستىمىسىنى يېزىپ چىقتۇق.
بۇ بەتتىكى يېڭىلىقلار:
1.ئىلتىماس ئىقتىدارى قوشۇلدى ، بېكەت باشلىقلىرى ئىلتىماس مەركىزىدىن ئىلتىماس قىلسىلا مۇناسىۋەتلىك باشقۇرغۇچىلار تەستىقلىغان ھامان بەتتە كۆرۈنىدۇ.ئىلگىركىدەك سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى ئارقىلىق بېكەت ئىلتىماس قىلىشقا خاتىمە بېرىلدى.
2. ئۇيغۇر ئۇلىنىشى ئۈستى سول تەرەپكە ئىزدەش رامكىسى قىستۇرۇلدى ، تورچىلار بېكەت نامىنى كىرگۈزسىلا بېكەتنى تېز سۈرئەتتە تاپالايدۇ.
3.تورداشلارنىڭ تەكلىپ ۋە پىكىرلىرىگە ئاساسەن ئۇيغۇر ئۇلىنىشىغا مۇزىكا قويغۇچ ئورنىتىلدى ، ئاۋاز قىممىتى 20% قىلىپ بېكىتىلدى ، بۇنداق بولغاندا بەتنى ئاچقاندا جاراڭلاپ ناخشا چىقىپ تورچىلارنىڭ زېرىكتۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. مۇزىكا قويغۇچنىڭ ئاۋاز يۇقىرىلىتىش ۋە تۆۋەنلىتىش ئىقتىدارى بولۇپ تورچىلار ئۆزى خالىغان قىممەتتە بەلگىلىيەلەيدۇ.
4.بەتنىڭ ئاستىغا باش ھەرپ ئارقىلىق ئىزدەش ئۈنۈمى قوشۇلدى ، سىز پەقەت بېكەتنىڭ باش ھەرىپىنى تاللىسىڭىزلا شۇنىڭغا ماس بېكەتلەر كۆرسۈتۈلىدۇ ، ھەمدە تورچىلار ئۆزى ئىزدىگەن بەتنى تېزلا بىمالال تاپالايدۇ.
5.بېكەتكە پاش قىلىش ئورنى تەسسىس قىلىىندى ، بېكەت باشلىقلىرى ئىلگىركىدەك مەزمۇن تەۋسىيە قىلىش،ئەرز-شىكايەت ئىشلىرى بولسا پاش قىلىش ئورنىمىزغا كېرىپ بىزگە پىكىر-تەكلىپلىرىنى بەرسە بولىدۇ.
6.باشقا ئىقتىدارلار يەنىمۇ ئىلگىرلەپ قوشۇلىدۇ...
بېكەتنىڭ رەتلىك چىقىشىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇيغۇر ئۇلىنىشىغا ھازىر ھەر بىر تۈرگە 20-30 غىچە بېكەت كىرگۈزۈلدى ، بېكەت باشلىقلىرنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بېكىتىنى كىرگۈزىشىنى سورايمىز! قانچە تېز ئىلتىماس قىلسىڭزى باش بەت ئورۇنلىرى سىزنىڭ بولىدۇ !
ئىلتىماس ئورنىنىڭ تور ئادىرىسى : http://www.uyghur.cc/link.asp
ئاخىرىدا تورداشلارنىڭ تېخىمۇ قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ بېرىشىڭلارنى شۇنداقلا تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىشىڭلارنى سورايمىز!
تۆۋەندىكىسى بەتنىڭ ھازىرقى كۆرۈنمە يۈزى:
چوڭ ھالەتتە كۆرۈش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ
ئۇيغۇر ئۇلىنىشى تورى
|
|
|
|
|
|