مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1852|ئىنكاس: 7

تۇرپان ۋاڭلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5811
يازما سانى: 662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4887
تۆھپە نۇمۇرى: 990
توردا: 15467 سائەت
تىزىم: 2010-8-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-24 10:02:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۇرپان ۋاڭلىرى

ئىمىن خوجىنىڭ ۋاڭ بولۇش جەريانى


تۇرپان ۋادىسى ئىسلامىيەتكە كىرگەندىن كېيىن، ئەلپەتتا غوجام بارا-بارا مەشھۇر بولۇپ،قارا غوجا ئەلپەتتا ئەۋلادلىرىنىڭ دىنىي ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ جايدا سۇپى،ئىشانلىق ئېقىمى بارلىققا كىلىپ،نىياز خوجا يەرلىكتىكى چوڭ دىنىي ھۆكۈمران بولۇپ قالىدۇ-دە،مۇسۇلمانلار ئارسىدا مەزھەپ پەيدا قىلىپ،سوپىزىمنى تەشۋىق قىلىپ،نۇرغۇنلىغان مۇرىت توپلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۇرپان ئويمانلىقىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىممۇسۇلمانلار نىياز غوجىنىڭ ئىتائەتمەنلىرى بولۇپ قالىدۇ.
نىياز خوجا 1649-يىللىرى پەرزەنت كۆرىدۇ،ئوغلىغا ئىمىن دەپ ئات قويىدۇ. ئىمىن ئاتىسى نىياز خوجىنىڭ تەربىيسىدەسوپىزىم تەلىماتىنى خېلى پىششىق ئۆگىنىدۇ،كېيىن ئۇ مۇسۇلمان ياشلار ئارسىدا سوپىزىم تەشۋىقاتى يۈرگۈزۈپ ،ئۆزىگە مۇرىت توپلايدۇ.
ئۇنىڭ مۇرتلىرى تۇرپان،قاراغوجا، ئاستانە، تۇيۇق، لۈكچۈن، سېڭگىم قاتارلىق جايلاردا كۆپىيىدۇ.شۇ دەۋرلەردە چاغاتاي نەسىبىدىن بولغان ئابدۇل ئەھمەت ھاجى بەگنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئاق سۇلتان بەگ تۇرپانغا،ئەخمەت باقى بەگ(يەرلىك خەلىق كىيىن بەگ دەپ ئاتىغان)لۈكچۈنگە بەگ ئىدى.
تەخمىنەن 1718-،1719- يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدەئەخمەت باقى بەك ئىمىن خوجىنىڭ مۇرىت تۇپلاپ يۈرگىنىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئىمىن خوجىنى ئۇجۇقتۇرۋىتىش قارارىغا كىلىدۇ. بۇ قارارنى ئەخمەت باقى بەگنىڭ ئۈچىنچى خوتۇنى ئاڭلاپ قالىدۇ.ئەخمەت باقى بەگ ئىمىن خوجىنى ئۇردىغا چاقىرىپ كېتىدۇ -دە،ئۇنى ئۇجۇقتۇرماقچى بۇلىدۇ.ئەخمەت باقى بەگنىڭ ئۈچىنچى خوتۇنى ئىمىن خوجا بىلەن بىر نەۋرە تۇغقان بولغاچقا ئەخمەت باقى بەگنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بۇلىۋاتقانلىقىنى ئىمىن خوجىغا ئېيتىپ قۇيىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئىمىن خوجا بىر باھانە تىپىپ ئوردىدىن قېچىپ كىتىدۇ دە، جاڭگاللاردا پاناھلىنىپ يۈرىدۇ،ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئەخمەت بەگ ئۇۋغا چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،مۇرتلىرىنى باشلاپ بېرىپ ئۇنىڭ ئۇردىسىنى ئىگەللىۋالىدۇ .
ئەخمەت باقى بەگ قايتىپ كىلىپ ھەرقانچە قىلىپمۇ  ئوردىنى قايتۇرۋالالمايدۇ،بەلكى يېڭىلىپ قىچىپ،سىر كىپتىكى قەدىمى بۇددا مۇنارىغا چىقىۋىلىپ قارشىلىق قىلىدۇ.
شۇنداقتىمۇ ئىمىن خوجىنىڭ مۇرتلىرى ئەخمەت باقى بەگىنى تۇتۇپ قەتل قىلىدۇ.ئىمىن خوجا ئەخمەت باقى بەگنىڭ ئۈچىنچى خوتۇننى ئەمرىگە ئېلىپ، تۇرپان ئاستانىدىن لۈكچۈن بەگلىك ئوردىسىغا كۆچۈپ كېلىپ،بەگلىكنى داۋاملاشتۇدىدۇ.
كېينىكى ۋاقىتتا ئىمىن خوجا چىڭ سۇلالىسىنىڭ جۇڭغارلارنى يوقىتىش كۈرەشلىرىگە يېقىندىن ياردەم بىرىدۇ.ئىمىن خوجىنىڭ سەمىمى ساداقىتى چىڭ ئوردىسىغا يېتىپ،چىڭ خانلىقى ئۇنى مەدىھلەيدۇ،
1755 يىلى ئىمىن خوجا 300كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن تەشكىللەپ،چىڭ قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭغارلارغاجازا يۈرۈش قىلىدۇ.
كېيىنكى ۋاقىتتا ئىمىن خوجا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ جەنۇبى شىنجاڭنى ئىشغال قىلىشىدا خىزمەت كۆرسىتىدۇ ۋەچىڭ سۇلالىسى خاندانلىقىنڭ سادىق ۋاڭلىرىدىن بۇلۇپ قالىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئىمىن خوجا ئەۋلادلىرى ئالتە ئەۋلاد 13كىشى 1758-يىلىدىن 1911يىلى شىنخەن ئىنقلابىغچە چىڭ سۇلالىسىنڭ لۈكچۈن ۋاڭلىقىدا153 يىل دەۋىر سۈرىدۇ.

شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخىسلەر دىگەن كىتابىدىن ئىلىندى .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
Aytugh + 100 ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

ھەرتاڭنىڭ، بىر كېچىسى بار

جەننەت ئانىلارن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10856
يازما سانى: 1580
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31235
تۆھپە نۇمۇرى: 459
توردا: 1604 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-24 10:46:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
        

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-24 10:57:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىنىڭ گۆشىنى ئۆزىنىڭ يېغىدا قورۇش دىگەن شۇ....

تۇپراقتەك كەمتەر بول ...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43449
يازما سانى: 569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4382
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2011-6-7
ئاخىرقى: 2014-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 02:44:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللەتنىڭ  ئۇلىنى  كولىغان مۇناپىقلا .................  

ئەللەر ياخشى بىز يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان

بۇ ئالەمنىڭ تارا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9920
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11277
تۆھپە نۇمۇرى: 1723
توردا: 9758 سائەت
تىزىم: 2010-9-11
ئاخىرقى: 2014-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 03:06:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرپاندا ئۆتكەن ۋاڭ ياكى سۇلتانلارنىڭ ئىسىملىگى ھۆكۈمران قىلغان ۋاقتى بولغان بولسا ياخىشى بۇلاتى.......................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36500
يازما سانى: 1230
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 896
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 882 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-25 03:35:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمىن ۋاڭ دىگەن بىر مۇناپىق،ۋەتەن ساتقۇچ.

يەنە ئازراق سەۋىر قىلىشنى ئۆگەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86944
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2700
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 583 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 04:11:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمىن ۋاڭ 1649-يىلى ئەمەس ، 1694-يىلى تۇغۇلغان . ئۇ ئۆ ز چېغىدا ، مەلئۇن ئافاق غۇجا جۇڭغار قالماقلىرىنى باشلاپ چىققانغا ئوخشاش ، مانجۇلارغا ئەل بولۇپ ، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى ئاستىدا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملىىگەن .

شېۋىتسارىيە OMEGA قول سائىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86619
يازما سانى: 1171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2570
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 836 سائەت
تىزىم: 2012-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 06:49:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ساڭا تار كەلمەيدىغان قەبرىلەرنى كىملەر قازسۇن؟ كۆمەيلى تارىخقا دېسەم پاتمايسەن.
                                    - مەھمەد ئاكىف ئەرسوي
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش