ئايال سېكرتارنىڭ ئون ياش ياشىرىپ قېلىشىدىكى سىر نەدە؟
سەمىمىي ئەسكەرتىش: بۇ يازما دۆلىتىمىزدىكى نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسەن تەييارلاندى. تورداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا، سوغوققان بولۇشىنى، قانۇنغا خىلاپ كېلىدىغان مەزمۇندا ئىنكاس يازماسلىقىنى ئۆتۈنىمىز. باشقۇرغۇچىلار بۇ يازمىنى ئۆچۈرمەكچى بولسا، ئەسلى مەنبەدىكى خەۋەر ۋە ئىنكاسلارنى كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. مەلۇم ئىنكاس سەۋەبىدىن بۇ يازمىنى ئۆچۈرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس قانۇنسىز بولسا، شۇ ئىنكاسنى بىر تەرەپ قىلغايسىز. |
|
يېقىندا، توردا مۇنداق بىر خەۋەر تارقالغان: شەنشى ئۆلكىسى ۋۇگوڭ ناھىيىلىك سودا ئىشلىرى ئىشخانىسى(ئەسلىدىكى سودا ئىدارىسى)نىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سېكرتارى جاڭ خانىم يېشىنى ئۆزگەرتىپ، ئادەتتىكى ئىشچىلىقتىن ھازىرقى مەنسەپكە ئېرىشىۋاپتۇ. تۈنۈگۈن، ۋۇگوڭ ناھىيىلىك پارتكۇم جاڭ خانىمنى ئەمىلىدىن ئېلىۋېتىپتۇ، ئۇنىڭ مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە گۇرۇپپا تەشكىللەپتۇ.
مۇخبىر بۇ خەۋەرنىڭ راست-يالغانلىقىنى دەلىللىمەكچى بولغاندا، ۋۇگوڭ ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئىلخەت قايتۇرۇپ، تەكشۈرۈش يەكۈنى چىققاندا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ۋۇگوڭ ناھىيىلىك پارتكومنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا: جاڭ خانىمنىڭ پىلانلىق تۇغۇت، يېشىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق مەسىلىلىرىنى ئامما پاش قىپتۇ، ئۇنى قاتتىق تەكشۈرۈش توغرىلىق تەستىقمۇ چۈشۈپتۇ. جاڭ خانىم ئىستىپا سوراپ دوكلات سۇنۇپتۇ ھەم ۋەزىپىدىسىن ئېلىپ تاشلىنىپتۇ. ئامما پاش قىلغان مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشكە بىرلەشمە گۇرۇپپا قۇرۇلۇپتۇ. كادىرلارنى ئۆستۈرۈش تەرتىپىنى چىڭىتىپ، كادىر باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى يۇقۇرىغا ۋە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرگە دوكلات قىلىش قارار قىلىنىپتۇ.
مۇناسىۋەتلىك ئۇلانما
تورداشلارنىڭ پاش قىلىش خېتى:
بىز ۋۇگوڭ ناھىيىلىك سودا ئىدارىسىنىڭ بىر قىسىم خىزمەتچىلىرى بولىمىز. ئىدارىمىزنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سېكرتارى جاڭ لىڭيەننىڭ يېشىنى ئۆزگەرتىپ، ئادەتتىكى ئىشچىلىقتىن رەھبەر بولىۋېلىش مەسىلىسىنى ئىنكاس قىلىمىز.
جاڭ لىڭيەن 1968-يىلى 8-ئايدا تۇغۇلغان، تولۇقسىزغىچە ئوقۇغان. يولدىشى مولېي بىلەن دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا چىلىغان سەي ساتاتتى، بازار ئەتراپىدىكى ھەممەيلەن ئۇلار ساتقان سەينىڭ يېيىشلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. كېيىنچە ھاراق-تاماكا دۇكىنى ئاچقان، جىق پۇلمۇ تاپقان.
جاڭ لىڭيەن قانداق يول تاپتىكىن، 2006-يىلى سودا ئىدارىسىگە قاراشلىق ماددىي ئەشيالار شىركىتىگە ئورۇنلاشتى، ئادەتتىكى ئىشچى بوپتۇ. 2007-يىلى دۆلەت مەمۇرى بولىۋالدى. شۇ چاغدا ئارخىپتىكى خىزمەت ستاژىنى 10 يىل ئۇزارتىپ، 1996-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان دەپ يېزىۋاپتۇ، تۇغۇلغان ۋاقتى 1968-يىلى 8-ئاي دېگەننى 1978-يىلى 8-ئاي دەپ ئۆزگەرتىۋاپتۇ، 10 ياش ياشىرىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئوغلى 1992- يىلى تۇغۇلغان، تولۇق ئوتتۇرىدا قايتىلاپ ئوقۇپ، بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى. قىزى 1994-يىلى تۇغۇلغان، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. ئەگەر جاڭ لىڭيەننى 1978-يىلى تۇغۇلغان دېسە، ئوغلىنى 14 يېشىدا، قىزىنى 16 يېشىدا تۇغقان بولىدۇ.
(شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)
بۇ خەۋەرنى ئوقۇپ مۇنداق بىر نەچچە سۇئال كاللامغا كېلىپ قالدى:
كادىرلار ئارخىپى دېگەن تەشكىلات-كادىرلار تارمىقىدا ياكى ئارخىپخانىدا ساقلىنىدىغان نەرسە، كادىر بولغان ئادەم ئۇنى ئۆزگەرتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئارخىپىمنى كۆرۈپ باقاي دەپمۇ خالىغانچە كۆرەلمەيدۇ. جاڭ خانىم ئۆزگەرتەلەپتۇ.
موشۇ ئاي-موشۇ كۈنلەردە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەي، مەمۇرلۇق چۈشى بەربات بولىۋاتقانلار ئاز ئەمەس، لېكىن، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن جاڭ خانىم دۆلەت مەمۇرى بولالاپتۇ.
دۆلىتىمىزدە كادىرلارنى ئۆستۈرۈش تەرتىپلىرى بەك چىڭ. بىر كادىرنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تەشكىلات-كادىرلار تارماقلىرى نەچچە قېتىملاپ تەكشۈرۈپ، ئاممىنىڭ رايىنى سىناپ، مەنسەپكە قويۇشتىن بۇرۇن جامائەتكە ئېلان قىلىپ، بىر مەزگىل پىكىر ئېلىپ، نەچچە ئۆتكەلدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن مەنسەپ بېرىدۇ. جاڭ خانىم شۇنداق ئۆتكەللەردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتەلەپتۇ.
بىزدەك كۆرگەن-بىلگىنى ئاز ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە پەقەت مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلارنى جاڭ خانىم مۆجىزىلەرچە رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپتۇ. بۇنىڭدىكى سىر زادى نەدە؟ بۇ ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.
مەنبە: شىنخۇا تورى
ئەلبەھرە تورىدىن نوشىرۋان تەرجىمە قىلدى.
ئەسلى مەنبەدىكى خەۋەر ۋە ئىنكاسلارغا قىزىققۇچىلار ئۈچۈن:
http://news.xinhuanet.com/local/2011-09/17/c_122048332.htm
http://politics.people.com.cn/GB ... ml?source=people_HP
http://www.chinanews.com/gn/2011/09-17/3334265.shtml
http://news.ifeng.com/gundong/detail_2011_09/17/9260458_0.shtml
http://www.nxnews.net/sh/system/2011/09/19/010061443.shtml