سادىقلىق
بىر جۈپ ياش ئەر-خوتۇن ئىنىتايىن غۇربەتچىلىكىتە قالغاچقا ئۇرۇق-تۇققان ، دوست-بۇرادەرلىردىن قەرز ئېلىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. بىركۈنى ئەر خوتۇنىغا؛
-سۈيۈملۈكۈم مەن يىراقلارغا بېرىپ ئىشىلەپ ، پۇل تاپماقىچى بۇلۋاتىمەن . سىنى راھەت، باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قلىغۇدەك بولغاندا قايتىپ كىلىمەن ، قانچىلىك ۋاقىتتا قايتىپ كېلىشىم ئېنىق ئەمەس . ساڭا بىر ئىلتىجا قىلمەن ، مىنى ساقلا، ماڭا خىيانەت قىلىغۇچى بولما ، مەنمۇ ساڭا سادىق بولىمەن ،-دېدى. خېلى كۈنلەردىن كىيىن ئەر ئىشىلەمچى قوبۇل قىلىۋاتقان بىر قۇدۇققا ئىشىقا ئورۇللاشتى . ئۇ خۇجايىنىغا تەلپىنى ئېيىتتى `
- بۇ يەردە قانچىلىك ۋاقت ئىشلىگۈم كەلسە، شۇنچىلىك ئىشىلىسەم، بىر كۈنلەردە قايتىماقچى بۇلۇپ قالسام ، رۇخسەت قىلىسىڭىز، ئادەتتە ئىش ھەققىمىنى ئالماي، سىز ئۇنى ئايرىم ساقلاپ قۇيۇڭ ، قايتىدىغان ۋاقتىمىدا بىرلا يېغىپ ئالاي
ئۇلار شۇ بۇينىچە كېلىشىتى . بۇ ئەر ئۇ يەردە توپتوغرا 20يىل ئىشىلىدى. شۇ ئارىدا تۈزۈكرەك ئارام ئالمىدى. بىر كۈنى ئۇ خۇجايىنىغا -
- ئىش ھەققىمىنى ئېلىپ ئۆيىگە قايتايمىكىن ،-دېدى.
-بولىدۇ،-دېدى خۇجايىن ،- بىز ئۆز ۋاقتىدا شۇنداق كېلىشىكەن .مەن ۋەدەمىگە ئەمەل قىلىدىغان ئادەم .لىكىن مىنىڭ بىر پىكىرىم بار . يا مەن ساڭا ئىش ھەققىڭىنى بىرىمەن ، پۇلۇڭىنى ئېلىپ قايتىسەن ، يا ساڭا ئۈچ ئىشنى نەسھەت قىلىمەن ، ئىش ھەققىڭىنى ئالماي كېتىسەن ، ھوجراڭغا كىرىپ ئوبدان ئويلىنىپ ئاندىن جاۋابىنى بەر.
ئەر ئىككى كۈن ئويلىنىپ ، ئاخىر خۇجايىننىڭ قېشىغا كىردى.-مەن ئۈچ نەسھەتىڭىزىنى ئالاي خۇجايىن ،-دېدى.
-نەسىھەتنى ئالساڭ، ئىش ھەققىڭىنى بەرمەيمەن ،دېدى خۇجايىن
-نەسھەتىڭىزنى ئالاي،- دېدى ئۇ كەسكىنىلىك بىلەن . -بىرنىچى ھەرگىز يېقىن يول بىلەن مېڭىش خىيالىدا بولما . چۈنكى يېقىن ، ئەمما ناتۇنۇش يول جېنىڭىغا زامىن بۇلۇشى مۇمىكىن، -دېدى.خۇجايىن ئىككنىچى ، شۇملۇقتىن بىشارەت بىرىدىغان ئىشىلارغا ھەرگىز قىزىقما ، بولمىسا جېنىڭ ئامان قالماسلىقى مۇمكىن . ئۈچۈنجى ، نەپرەتلەنگەن ۋە ئازابلانغان چېغىڭىدا ھەرگىز قارار چىقارما، بولمىسا پۇشايماندا قالسەن . ماۋۇ ئۈچ بولكىنى ئېلىۋال ، ئىككىنى يولىدا يە ، ماۋۇ بىرىنى ئۆيىگە بارغاندىن كىيىن خوتۇنۇڭ بىلەن بىللە يە. ئەر ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقتى . بىر كۈن يول يۈرگەندىن كيىن بىر كىشى ئۇچىراپ ؛ -نەگە ماڭدىڭ؟- دەپ سوراىدى.
-مۇشۇ جايدىن 20كۈنلۈك يىراقتىكى بىر جايغا كېتىۋاتمەن ،-دېدى ئەر .
-بۇ يول تولمۇ يىراق .مەن بىر يېقىن يولىنى بىلىمەن ، بىر قانچە كۈندىلا يېتىپ بارالايسەن . ئەر ناھايىتى خۇشال بۇلۇپ ، يېقىن يول بىلەن ماڭماقچى بولدى . بىراق خۇجايىننىڭ بىرنىچى نەسھەتى يادىغا كېلىپ ئەسلىي يولغا قايىتتى . كىيىن ئەر ھېلىقى ئادەمنىڭ ئۆزىگە توزاق قۇرغانلىقىنى بىلىدى .
ئەر بىر قانچە كۈن يول يۈرگەندىن كىيىن ، ھېرىپ ھالىدىن كەتتى ، ئۇ يول بويى ساراينى كۆرۈپ ، بىر كىچە قونماق بولدى . ئۇ ياتاق پۇلىنى تۆلەپ ياتاققا كىرىپ ئۇخلاپ قالدى. ئەلياتقۇدا ئۇ ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ ، ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ ، ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى . ئۇ نىمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ باقماقچى بۇلۇپ ، ئىشىكىنى قىيا ئاچتى . شۇ چاغدا خۇجايننىڭ ئىككىنچى نەسھەتى يادىغا كىلىپ كارۋاتقا كېلىپ ئۇخلىدى . ئۇ ئەتىسى ئورندىن تۇرۇپ ناشتا قىلىۋاتقاندا ، ساراي خۇجايىنى ئۇنىڭىدىن كىچىدە ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان -ئاڭلىمىغانلىقىنى سورىدى .ئاڭلدىم ،-دېدى ئۇ .
-سەن نىمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىگە قىزىقىمىدىڭمۇ دېدى-، ساراي خۇجايىنى
-ياق .
-سەن بۇ يەردە ھايات قالغان تۇنجى كىشى .مىنىڭ بىر ساراڭ ئوغلۇم بار ئىدى . ئۇ ئاخشام مېھىمانلارنى تولاپ ئاچىقىپ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ كۆمۈۋەتتى .
ئەر يولىنى داۋاملاشتۇرىدى . ئۇزاق يول يۈردى . ئاخىر بىر كۈنى كەچقۇرۇن ئۆيى يىراقىتن كۆرۈندى . ئۆينىڭ مورسىدىن تۈتۈن چىقىپ تۇراتتى . ئۆيىگە يېقىنىلاشقانسىرى خۇتۇنىنىڭ سايىسى غىل-پال كۆرۈندى . گەرچە كەچ كىرىپ قالغان بولسىمۇ ، خۇتۇنىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ،خۇتۇنىنىڭ تېزىغا بىر ئەر بېشىنى قۇيۇپ ياتقانلىقنى ئېنىق كۆرۈپ ، قاتتىق ئازانلاندى ۋە دەرغەزەبكە كېلىپ ، ئېتىلىپ بىرىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرۋەتمەكچى بولىدى . ئۇ چوڭقۇر بىر تېنىۋالغاندىن كىيىن ، بۇ يەردىن كەتمەكچى بولدى . دەل شۇ چاغدا خۇجايىنىڭ ئۈچۈنچى نەسھەتى يادىغا كېلىپ ، توختاپ سەل ئويلىنىپ ، سىرتتا بىر ئاخشام قونۇپ ، ئەتىسى بىر قارار چىقارماقچى بولدى.تاڭ ئاتتى، ئۇ پەسكويغا چۈشۈپ ، ئۆز-ئۆزىگە ؛( مەن ئۆز خۇتۇنىمنى ئۆلتۈرسەم بولمايدۇ ، ئەڭ ياخشىسى خۇجايىننىڭ يېنىغا كىتىپ ئۇنىڭىدىن پاناھىلىق تىلەي ، كىتىشىتىن بۇرۇن 20يىلىدىن بۇيان ئۇنىڭىغا سادىق بولغىنىمىنى ئېيىتىپ قۇياي ) دەپ ئۇ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىشىكىنى چەكتى ، خۇتۇنى ئىشىكىنى ئاچتى ، ئىرىنى تۇنۇپ ئۆزىنى ئۇنىڭ باغرىغا ئېتىپ چىڭ قۇچاقلىدى ، ئۇ خوتۇنىنى ئتىتىرۋەتمەكچى بولدىيۇ ، قولى بارمىدى، ئۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ-مەن ساڭا سادىق ئىدىم ، لىكىن سەن مەندىن يۈز ئۆرۈپسەن -دېدى.
-نىمە؟-خۇتۇنى چۆچۈپ كەتتى ،-مەن ھەرگىز سەندىن يۈز ئۆرمىدىم سىنى 20يىل ساقلىدىم . -ئەمسە ئاخشام چاچلىرنى سىيلىغان ئەر كىم ؟ -ئۇ بىزنىڭ ئوغلىمىز . سەن ماڭغاندا ، مەن ئۇنىڭىغا يېڭىلا ھامىلىدار ئىدىم . ئۇ، بۇ يىل 20 ياشقا كىرىدى . ئەر ئۆيىگە كىرىپ ئوغىلىنى باغرىغا باستى . خۇتۇنى كەچلىك تاماق تەييارلاۋاتقاندا ، ئۇ ئوغلىغا بېشىدىن ئۆتكەن كەچۈرمۈشىلەرنى سۆزلەپ بەردى ، ئاندى ئۇلار بىرلىككتە غىزالاندى ، ئۇ خۇجايىن بەرگەن ھېلىقى بولكىنى ئوشتىغان ئىدى ، ئىچىدىن بۇرمۇنچە پۇل چىقتى . بۇ ، ئۇنىڭ 20 يىل جاپالىق ئەمگەك قىلىپ يىغقان پۇلى ئىدى .
دېمەك، ئەر 20يىللىق ئىش ھەققىي ئۈچۈن نەسھەتنى سېتىۋالغانلىقى تۈپەيلىدىن بېشىغا كەلگەن ئۈچ قېتىمىللىق پاجئەلىك ئىشىتا ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ، ئوبدان ئويلىنىپ ، ئوبدان كېڭىشىپ ، خۇجايىن ئېيتقان ئۈچ نەسھەتكە سادىقلىق بىلەن ئەمەل قىلغانلىقى ئۈچۈن ، ئىككى قېتىم ئۆز بېشىغا كەلگەن ئۆلۈم ۋە كىيىنىكى قېتىم خوتۇنىدىن ئورۇنىسىز گۇمانلىنىپ ، ئۇنى بىگۇناھ ئۆلتۈرۋېتىش خەۋپىدىن ساقلىنىپ قالغان .ئادەم ياشاش يولىدا ئىزدىنىۋاتقانلار چۇقۇم دوسلارنىڭ نەسھىتى دەمال ئاڭلاشقا قوپال، ئاچچىق بىلىنسىمۇ، كىيىن ئۆزىگە چۇقۇم پايدا ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى چۈشنىشى، دوستىنىڭ نەسھىتىگە قۇلاق سېلىشى شۇ بۇيىچە ئىش قىلىش لازىم.
مەنبە؛ (ھايات يوللىرى). دىگەن كىتاپتىن ئىنلدى،