بۈگۈن ۋۇخەن تەنتەربىيە مەيدانىدا بۇ قىتىملىق ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھەسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى جەريانىدىكى ئەڭ چوڭ تاسادىپىيلىق يۈز بەردى،يەنى ئالدىنقى قىتىملىق چىمپىيون كۇماندا ئېران كۇماندىسى ئاجىز كۇماندا دەپ قارىلىپ كىلۋاتقان ئىئوردانىيە كۇماندىسىغا ئۈتتۇرۇپ قويدى.
مۇشۇنداق بىر يىڭى خەۋەرگە جۇڭگو دۆلەت كۇماندىسى ئەڭ ئاۋۋال ئىپادە بىلدۈردى.
جۇڭگو كۇماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى كەچتە شىنجاڭ ۋاقتى سائەت6:00دە باشلىندىغان بولغاچ ئەزالار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئارام ئىلۋاتقانىدى،شۇڭلاشقا ئېران كۇماندىسى بىلەن ئىئوردانىينىڭ مۇسابىقىسىگە بەك قىزىقىپ كەتمىگەنىدى،لىكىن لىيۇۋېي كۆپچىلىكنىڭ چاۋاقلىرنىڭ ئاۋازىدىن ئۇيغۇنۇپ كەتتى.
مەن تىخى بىرەرسى ئۇرۇشۇپ كەتكەن ئۇخشايدۇ دەپتىكەنمەن،چىقىپ قارىسام ئىئوردانىيە كۇماندىسى ئېران كۇماندىسىنى شاللىۋىتىپتىكەن ئەمەسمۇ!
ھازىر ئۈزۈمنى بىسۋىلىپ خىيال قىلسام ئېران كۇماندىسىنىڭ مەغلوبىيتىنى ئۆزۈمىزگە ساۋاق قىلىپ ھەرقانداق رەقىپنى سەل چاغلىماي ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىنى ياخشى،ئەستايىدىل ئوينىشىمىز كېرەكلىكىنى ھىس قىلىپ قالدىم.
بۈگۈن چۈشتىن كىيىنكى مۇسابىقىە باشلانغاندا مەن ئىئوردانىيە كۇماندىسىغا مەدەت بېرىپ قۇيۇپ ئاندىن ئارام ئالغىلى چىقىپ كەتكەن ئىدىم.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگو كوماندىسىنىڭ مەدھىيىچىسى،بىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانىمىز شىرئەلىجان مۇنداق دېدى:
ئىران كوماندىسى ئۇتتۇرۇپ قويدى،بۇنى كۆرگەندىن كىيىن مەن تۇيۇقسىز تېرنىر دىڭخۇاردنىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزىنى ئېسىمگە ئالدىم؛
سىلەر ئىراننى ئۇنداق كۈچلۈك چاغلاپ كەتمەڭلار،ئىراننىڭ گۇرۇپپىدىن چىقىش چىقالماسلىقىلا بىر مەسىلە،سىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىڭلار ھەم رەقىبىڭلار يەنىلا ئۆزۈڭلار.
ھەقىقەتەن شۇنداق بولدى،ئۇنىڭ ئالدىن پەرەز قىلىش ئىقتىدارى بولۇپ قۇيامدىكەن؟بۈگۈنكى مۇسابىقىنىڭ بىزگە بەرگەن ساۋىقى:مەيلى قانداقلا رەقىبگە يولۇقمايلى دۈشمىنىمىزنى سەل چاغلاشقا بولمايدىكەن،كۆپچىلىك غەيرەت قىلىڭلار!
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىن يارىلانغانلىق سەۋەبىدىن قاتنىشالمىغان ۋاڭ شىپىڭ مۇنداق دېدى:
ئىران كوماندىسىنىڭ ئۇتتۇرۇپ قويغانلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن مەن باشقا كوماندا ئەزالىرىنى ئويغىتىپ خەۋەرنى يەتكۈزدۈم،ئەمدىكى بىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىمىز ئۆزىمىزنىڭ تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش
مەنبەسى: ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى
http://waskitbol.com
ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى يىڭىدىن قۇرۇلدى قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز.مۇنبىرىمىزگە كىرىپ تەكلىپ پىكىردە بولىشىڭلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز، ۋاسكىتبول مۇنبىرى سىلەر ئۈچۈن مىللىتىمىز ۋە خەلقئارا ۋاسكىتبول خەۋەرلىرىنى دەل ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ.مىللىتىمىز چولپانلىرى بىلەن تۇنۇشۇش شارائىتىنى ھازىرلىغۇسى ،بىزنى قوللاپ قۇۋەتلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز.