ئاياللار ئەرلەرنىڭ قايسى ئىشىدىن رازى ئەمەس .
1_ ئېرىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ۋە ئەپۇ قىلىشنى بىلمەسلىكى ،ئاياللار ئەرلەرنىڭ مىھرىبانلىقىغا بەكمۇ مۇھتاج ،ئىرىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ئەر ئاياللىق مۇھەببەتنىڭ بىرىنچى دۈشمىنى ھىساپلىنىدۇ .
2- كەسىپتە كۆرىنەرلىك نەتىجە قازىنالماسلىق .
3_ پىسخىكىلىق ، بەزى ئەرلەر پۇلنى بەك مۇھىم دەپ بىلىپ ، ئۆيىدىكىلىرىگە خەجلەشكە كۆزى قىيمايدۇ .
4- بېشىغا كۈن كەلگەندە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماي ، ئاغرىنىشنى ياخشى كۆرۈش .
5- بەزى ئىشلاردا ئاشكارە ، سەمىمىي سۆزلەشنى خالىماسلىق .
6- پەرزەنتلىرىگە ، ئائىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىك .
7- ئۆزىنى ئائىلىدىن ئۈستۈن كۆرۈش ،بۇنداق ئەرلەر ئۆز ئىشىنى ، دوسلىرىنى ھەممىدىن مۇھىم دەپ قاراپ ، ئائىلە ئەزالىرىنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدۇ .
8_ تەربىيە كۆرمىگەن ، مىجەزى چۇس ، سەۋىر تاقەتسىز بۇلۇش .
9- باشقىلارنى تەنقىتلەشنى ياخشى كۆرۈش ،سېخى ، مەردانىلىك كەم بۇلۇش ، ئۇششاق سۆز بۇلۇش .
10 _ ھە دىسىلا ئايالىنى باشقا ئاياللار بىلەن سېلىشتۇرۇش . ئايالىنىڭ ئاتا ئانىسى ، ئۇرۇق تۇققانلىرىنى كۆزگە ئىلماسلىق .
11- ئۆي ئىشلىرىغا ، قازان بېشىغا ھەددىدىن ئارتۇق چېپىلىۋىلىش . كىيىم كىيىشتە ۋە ئۆي ئىچىدە رەتسىز بۇلۇش ، تازىلىققا دېققەت قىلماسلىق .
مەنبە ؛ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى .