1. يول بەلگىسى
بىر يولۇچى بىرمۇ ئادەم يوق بىر يولدا مېڭىپ قاپتۇ. بىر يەرگە كەلگەندە يول ئۈستىدە بىر تاختاي تىكلەپ قويۇلغان بولۇپ ئۇنىڭغا: -بۇ يولدا توسالغۇ بار، بۇ يولدىن ئايلىنىپ مېڭىڭ. - دىگەن خەت يېزىقلىق ئىكەن. بۇ يولۇچى ئويلاپتۇدە:-بۇ بەلكىم، بەزىلەرنىڭ چاخچاق قىلىپ يېزىپ قويغىنىدۇر بەلكىم -دەپ، يەنە ئالدىغا قاراپ مېڭىۋېرىپتۇ. دىگەندەك مېڭىپ خېلىلا ئۇزاق بىر يەرگە كەلگەندە بىر دەريانىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتىدىغان كۆۋرۈكنىڭ يېرىمى يوق چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن، سۇدىن كېچىپ ئۆتەي دىسە سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز كەينىگە يېنىپتۇ. مېڭىپ بايىقى تىكلەكلىك تاختاي يېنىغا كەلگەندە قارىسا، تاختاينىڭ بۇ تەرىپىدە: -ئەخمەق!!! قايتىپ كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز!-دىگەن خەتلەر يېزىقلىق ئىكەن.
2. قوغلاپ يېتىشەلمەيسىز
بىر يولۇچىلار ئاپتوۋۇزى خېلىلا ئىگىز بىر دۆڭدىن پەسكە چۈشۈشكە باشلاپتۇ. ئاپتوۋۇز ئىچىدىكى بىر يولۇچى ئاپتوۋۇز كەينىدە بىرەيلەننىڭ ئاپتوۋۇزغا يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن شۇنداق كۈچەپ يۈگرەپ كېلىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ قاپتۇدە، دەرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ: _ قانچە يۈگۈرسەڭمۇ بۇ ئاپتوۋۇزغا يۈگۈرۈپ يېتىشەلمەيسەن-ھەي ي ي ي ي ي! _ دەپ ۋاقىراپتۇ . ھىلىقى يۈگۈرىۋتقان كىشىمۇ، يۈگۈرگەچ ھاسىراپ تۇرۇپ: _ يۈگۈرۈپ يېتىشىۋالمىسام بولمايدۇ، مەن مۇشۇ ئاپتوۋۇزنىڭ شوپۇرى ى ى ى ى ى ى ى! _دەپ ۋاقىراپ ھالى قالماپتۇ.
3. بۇ يەر بىخەتەرمۇ
بىر ساياھەتچى ساياھەت قىلىپ بىر قەدىمى قەلئەنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتۇ، ئايلىنىپ يۈرۈپ، سەل قورقۇپ قاپتۇدە، ئالدىغا ئۇچرىغان بىر ساياھەت يېتەكلىگۈچى خادىمدىن: _ بۇ يەر بىخەتەرمۇ؟ _ دەپ سوراپتۇ. ئۇ خادىم : _ ھەئە، بىخەتەر _ دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ، ئۇ ساياھەتچى يەنە ئايلىنىپ يۈرۈپ يەنە سوئال سوراپتۇ: _ سىز بۇ يەردە ئىشلىگىلى قانچىلىك ۋاقىت بولدى؟ _
_نەق 300 يىل بولدى _
4. ئۈچ قېتىم ئەمەس، تۆت قېتىم ئۆتسە بولمامدۇ
بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا، بىر تەنھەركەتچى بالىنىڭ ئەتتىگەندە تاماقمۇ يىمەي، شۇنداق چوڭ بىر دەريادىن ئۈچ قېتىم ئۈزۈپ ئۆتكەنلىگىنى سۆزلەپ ماختاۋاتسا، بىر ئوقۇغۇچى كۈلۈپ كېتىپتۇ، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاچچىغى كېلىپ: _ ماختىغۇچىلىغى يوقمىكەن، نىمىگە كۈلىسەن _ دەپ تەنقىتلەپ كېتىپتۇ، ئوقۇغۇچىمۇ كۈلۈش سەۋەبىنى دەپ : _ مېنىڭ كۈلگۈنۈم، ئۇ تەنھەركەتچى بەك دوتكەن، تۆت قېتىم ئۈزۈپ ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ كىيىمىنى سالغان يېرىگە بېرىشنى ئويلىماپتۇ. _دىگۈدەك.
5.سۇ ئۈزۈشنى ئۈگىنىش
بىر ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا، دەرىستىن سىرت سۇ ئۈزۈشنى ئۈگىنىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ. بىر چاغدا بىر ئوقۇغۇچى كېلىپ: مۇئەللىم، مەن سۇ ئۈزۈشنى ئەمدى ئۈگەنمەيمەن. _ دەپتۇ. _نىمىشقا؟ _ دىسە، ئۇ ئوقۇغۇچى قورسىغىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: _ ئەمدى يەنە سۇ ئىچكۈم يوق. _ دىگۈدەك.
6.سۇ يوق، گالىستۇك بار
بىر يولۇچى يول مېڭىپ دەشت- قۇملۇقتەك سۇ يوق بىر يولدا مېڭىپ قاپتۇ، ئۇ يولۇچى ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلەي دەپ كېتىپ بارغاندا، ئالدىدىن بىر ئادەمنى ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭدىن سۇ سوراپتۇ، ئۇ ئادەم: _ سۇ يوق، گالىستۇك بار. _ دىسە، بۇ يولۇچى سۇ سورىسام گالىستۇك بار دەيدۇغۇ، دەپ ئۇ ئادەمنى تىللاپ كەتكۈزۈۋېتىپتۇ. يەنە ئۆمىلەپ دىگۈدەك ئاران مېڭىپ، يەنە بىر ئادەمنى ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ سۇ سورىسا ئۇ ئادەممۇ ئوخشاشلا سۇ يوق، گالىستۇك بار، دىگۈدەك. ئۇ ئادەمنىمۇ تىللاپ يولغا ساپتۇ. ئاخىرى بىر يەرگە كەلگەندە بىر مېخمانخانا ئۇچراپ، ئۆمىلەپ بېرىپ گەپ قىلغۇدەك ھالى يوق، ئىشىكنى ئاران چەكسە، ئىچىدىكى مۇلازىمەتچى ئۇ يولۇچىنىڭ بوينىغا بىر قارىۋېتىپ، مۇنۇ گەپنى دەپ بولۇپلا ئىشىكنى تاقاپ كىرىپ كېتىپتۇ: _ بوينىغا گالىستۇك تاقىمىغانلارنى بۇ مېخمانخانىغا كىرگۈزمەيمىز. _
7. قەستەن قىلمىدىم
بىر ئۆيدىكى ئەر-ئايال ئىككىسى يېرىم كېچىدە قوپۇپ تېلېۋىزوردا پۇتبول مۇسابىقىسى كۆرۈپتۇ، ئۇلار «ئا» پۇتبول كاماندىسىنى قوللاشنى تاللاپ توپ كۆرۈشنى باشلىشىغا، توپ «ئا» تەرەپ ۋارتاسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتۇ. دەل شۇ چاغدا بىر چىۋىن نەق شۇ توپنىڭ ئۈستىگە قونۇپ قاپتۇ، بۇنى كۆرگەن ئايال شۇ زامات چىۋىن پالىقىنى ئېلىپ، چىۋىنگە پالاق ئۇرۇپتۇ. پالاقنى شۇنداق ئۇرۇشى بىلەن تەڭ، ھىلىقى توپمۇ ۋارتاغا كىرىپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئەر ئايالغا ئاچچىقلاپ: _ سەن ئۆزەڭ تەرەپكە توپ كىرگۈزەمسەن ھەي- ئاخماق. _ دىسە، ھىلىقى ئايالمۇ دەرھاللا: _ مەن قەستەن قىلمىدىم. _ دىگىدەك.
8. پەرەز قىلىش
چارلاشقا چىققان ئىككى ساقچى بىر دوقمۇشقا كېلىشىگە ئۈستۈنكى قەۋەتتىن بىر پوتۇلكا چۈشۈپتۇ، «ب» ساقچى «ئا» ساقچى دىن: _ بۇ نىمە ئىش؟ _ دەپ سورىسا، «ئا» ساقچى _ ئۇلار توپ مۇسابىقىسى كۆرۈۋېتىپتۇ، بىز تەرەپ بىر توپ كىرگۈزۈپتۇ. _ دەپتۇ. بىر دەمدىن كېيىن يەنە بىر بوتۇلكا چۈشۈپتىكەن، «ئا» ساقچى : بىز تەرەپكە يەنە بىر توپ كىرىپتۇ _ دەپتۇ. يەنە بىردەمدىن كېيىن، تېلىۋىزور چۈشۈپتىكەن،
«ئا» ساقچى: _ ئەمدى قارشى تەرەپكە توپ كىرىپتۇ. _ دىگۈدەك.
9.توقۇنۇشۇپ قالمايدۇ
بىر ئايال توپ مەستانىسى بوپ كەتكەن يولدىشىغا قاخشاپ: _مەن ئۆلگەن كۈنىمۇ توپ كۆرۈپ ئولتۇرىسىزغۇ ھەقىچان _ دىسە، ئەر دەرھاللا: __ئۇنداق بولمايدۇ، ساڭا نەزىر بەرگەن كۈننى توپ مۇسابىقىسى يوق كۈنگە ئورۇنلاشتۇرىمەن _ دىگۈدەك.
10. ئۇنى ئوغرى ئالمايدۇ
بىر نەچچە كىشىلەر ئوۋ ئوۋلاشقا چىقىپتۇ. ئوۋ ئوۋلىشىپ بولۇپ، كەشتە ئۆيلىرىگە قايتىپ كەلگەندە، بىر ئادەم كاملىغىنى بايقاپ: _ ئۇ قېنى _ دىسە، ئارىدىكى بىرسى : _ ئۇ بايا ئىسسىقتا ھۇشىدىن كېتىپ شۇ يەردە يىقىلىپ قالدى، ئۇنى ھىشكىم ئوغۇرلىۋالمايدۇ. _ دىگۈدەك.
11. سەنگې كاۋيادەن (بۇ خەنزۇچە گەپنى، «ئۇچ دانە كاۋاپ قىلىنغان غاز تۇخۇمى» دەپ تەرجىمە قىلىپ تۇرايلى،بۇ بىرسىدىن ئاڭلىغان ئەمىلىيەتتە بولغان ئىش)
بىر كۈنى بىر خەنزۇچە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر كىچىك ئۇيغۇر قىز مەكتەپتىن كېلىپلا ئاپىسىغا ئېسىلىپ يىغلىغىلى ئارانلا قاپتۇ، ئاپىسى نىمە ئىش بولغىنىنى سورىسا دەپتۇغۇ: _ ئاپا، ئوقۇتقۇچى بۈگۈن مېنى دوسكىغا چىقىرىپ، «سىنىپتىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرچە گەپ ئۈگۈتۈڭ » دىگەنتى، مەن چىقىپ، «نى زەي نالى» دىگەن خەنزۇچە گەپنى «سەن كايەردە» دەيمىز دەپ، «سەن كايەردە» دىگەن گەپنى سىلەرمۇ دەپ بېقىڭلار دىسەم، ئۇلار ھەممىسى ئۇ گەپنى «سەنگې كاۋيادەن» دەپ ئۈگۈنۈۋاپتۇ...
12.تۇخۇم يىيىش پارىڭى
بىر كۈنى بىر كىشى بىر ئاشپۇزۇلدىن تاماق يەپ چىقىپ،يولدايەنە بىر چايخانىغا كىرىپ چاي ئىچكەش بىردەم ئولتاماقچى بولۇپ چاي بۇيرۇتۇپتۇ. چايخانا خوجايىنى: تۇخۇممۇ بار ، تۇخۇمدىنمۇ بىر ئىككىنى يەمسىز _ دەپ سورىسا، ئۇ كىشى : _ۋاي مەن بايا پۈتۈن توخۇدىن بىرنى يەۋالغان، تۇخۇم يىمىسەممۇ بولىدۇ. _ دىسە،
چايخانىدا شۇ زامات كۈلكە كۆتۈرۈلۈپتۇ. چايخانا خوجايىنىمۇ كۈلۈپ قاپتۇدە، كۈلكىسىنى ئاران بېسىۋاپ تۇرۇپ دەپتۇغۇ: _ ئۇ سىز يىگەن توخۇ بەلكىم تۇغماس توخۇدۇ._