مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1457|ئىنكاس: 3

تەكلىپنامە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46980
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 108
تۆھپە نۇمۇرى: 1847
توردا: 2825 سائەت
تىزىم: 2011-7-7
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 01:17:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار
ئەدلىيە ئىمتىھانى ئوڭۇشلۇق ئاياقلاشتى، مۇشۇ ھەقتە خۇلاسىلەپ ئازراق بىر نەرسە يازاي دېسەم مەكتەپتىكى ئىشلار ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ئالدىمىزدىكىھەپتە ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ شۇنىمۇ قىلارمەن، تۈنۈگۈن ئەتىگەندە ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تورىدىن ئىمتھان سوئالى ۋە جاۋاپلىرىنى چۈشۈرۈپ ئادۋۇكات تورىغىمۇ يوللاپ قويدۇم، ئۇيغۇرچىسى بولسا بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە چىقىدۇ. ۋاقىپ بولغايسىلەر.
بۈگۈن ئاتايىن ئارىمىزدىكى 2012-يىلى ئىمتىھان بېرىدىغانلارنى مەكتىپىزدا ئەتە ئەتىگەن ئۆتكۈزۈلدىغان ئوچۇق دەرسكە چىللاپ كەلدىم.
ئالىي مەكتەپنى كىشىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان ئىمتىھان دېگەن خاتا چۈشەنچە ھازىرمۇ ھەم مەۋجۇت، بۇ يەردە سىزنىڭ تەقدىرىڭىزنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىدىغىنى، سىزگە مەڭگۈلۈك چىقىش يولى تېپىپ بېرەلەيدىغىنى يەنىلا ئەدلىيە ئىمتىھانى. مەيلى سوتچى، تەپتىش ئادۋۇكات بولۇڭ بۇ بوسۇغىدىن ئاتلىماي تۇرۇپ ھېچقانداق ئورۇنغا كىرەلمەيسىز. چۈنكى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان بۇ جەمئىيەتتە دۆلەت قانۇن مۇلازىمەتچىلىرىگە، قانۇن بىلىدىغانلارغا ئەڭ مۇھتاج. جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئەسكەر كېرەك بولىدۇ، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم شۇنى بىلىدىغان، ئىجرا قىلىدىغانلارغا مۇھتاج بولىمىز، دۆلەتنىڭ بۇ ئىھتىياجى تېخى تولۇق قانغىنى يوق، بۇ ھال بىزلەر ئۈچۈنمۇ ناھايىتى ياخشى پۇرسەت!
بۇ پۇرسەتنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى، نۆۋەتتىكى ئەدلىيە ئىمتىھانىنىڭ ئەھۋالىنى تېما قىلىپ تۇرۇپ ئەتە ئەتىگەن سائەت 9:00دا مەكتىپىمىزدە بىر مەيدان ئوچۇق دەرس ئۇيۇشتۇرۇلدى، دەرستە يىللاردىن بۇيان ئەدلىيە ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن ئەليۇلئەلالار، مۇشۇ ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلەر ئۆز تەسىراتلىرىنى سۆزلەيدۇ، ياشلارغا يول كۆرسىتىدۇ.
قىزىققۇچىلار بولسا كېلىپ ئاڭلاپ بېقىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز!
ئورنى ئۈرۈمچى يەنئەن يولى جىلى سودا ئىشلىرى بىناسى 3- قەۋەت(ئەزھەر كەسپىي تەربىيىلەش مەكتىپى ئەدلىيە ئىمتىھانى تەييارلىق سىنىپى) 106-،16-،912-،63-يول ئاپتوبۇسلىرىغا  ئولتۇرۇپ شىنخۇا كىتاپخانىسى بېكىتىدە چۈشۈپ قالسىڭىز بولىدۇ.
ۋاقتى:شىنجاڭ ۋاقتى سائەت 9:00 (دەل ۋاقتىدا باشلىنىدۇ)


قوشۇمچە: قانداق كىشىلەر ئەدلىيە ئىمتىھانى بېرەلەيدۇ؟
1-قانۇن كەسپىدىن مەخسۇس كۇرس دىپلومى بارلار. (ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ)
2-ھەرقانداق كەسپتىن تولۇق كۇرس دىپلومى ئالغانلار.(ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ)
3-يۇقارقى ئىككى كەسىپنىڭ 3-يىللىقىدىن يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان (3-يىللىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوقۇغۇچىلار.

قارىغايدەك ياشايمەن مەڭگۈ!

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7639
يازما سانى: 1455
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15611
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 4708 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 08:48:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مالىيە بوغالتىرلىقنىڭ تولۇق كۇرس (ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنۈش) دىپلۇمۇم بار ، قارىسام مەنمۇ چۈشۈپ قالىدىكەنمەن، ياش چەكلىمىسى قانچىدۇ؟ مۇشۇ كەسىپتىنمۇ بىر ئىمتىھان بېرىپ باقايمىكىن يا بىراق سىياسىغا  ئائىت نەرسىلەرگە بەك ئۆچتىم، ئۈگەنگىلى بۇلارمۇ؟ قىزىقىش پەيدا بۇلارمۇ يا ۋاقتىم ئىسراپ بۇلارمۇ؟  قوش دىپلۇملۇقلارغا ھەۋەس قىلاتتىم مەندىمۇ قىزىقىش پەيدا بۇلىۋاتىدۇ..

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46980
يازما سانى: 589
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 108
تۆھپە نۇمۇرى: 1847
توردا: 2825 سائەت
تىزىم: 2011-7-7
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 10:05:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1قەۋەتتىكى(gulbaxikar) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قال

چەكلىمە يوق،2010-يىلىمۇ 60ياشلاردىكى تاغىمىزمۇ ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن.
سىياسىيغا ئائىت مەزمۇن ئاز، ئەمىلىيەت جىقراق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40745
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2205
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 3008 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 11:59:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتىمەن.مۇشۇ ئىنتاھاننىڭ ئىنتاھان دائىرىسى توغرۇلۇق مەلۇمات بەرسىڭىز بوپتىكەن.يەنە ئىنتاھان قايسى تىلدا ئېلىنىدۇ.قانداق ئىسپات -گۇۋاھنەمىلەر كېتىدۇ.

مەنمۇ قاتنىشىپ باقاي دىگەن ...

سەن گىلەمگە سانچىلغان يىڭنىنىڭ ئۆتكۈرلىكىدىن ئەمەس،بەلكى پۇتۇڭنىڭ چىدىماسلىقىدىن ئاغرىنىشىڭ كېرەك!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش