مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2954|ئىنكاس: 25

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇكىنى كىم  يەڭگىللى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37650
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1081
تۆھپە نۇمۇرى: 211
توردا: 1298 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 12:34:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۇكىنى كىم  يەڭگىللىتىدۇ؟
  ھازىر جەمىيىتىمىزدە نۇرغۇن كىشىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كەتتى يەڭگىللىتىش كېرەك دەپ قايتا –قايتا ئىنكاس قىلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللەتتى. بۇنىڭلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئارام ئېلىش پائالىيەت بوشلىقى كېڭەيدى.   ئادەتتە بىر قىسىم تاپشۇرۇق ئارقىلىق يەتكۈزىلىدىغان بىلىملەر يەتكۈزۈلمەي دەرس ۋاقتىدا يەتكۈزۈلۈشكە توغرا كىلىپ ،بىرقىسىم دەرىسلەر بىلەن  ئورۇن تالىشىپ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرس يۈكى ئېغىرلاپ كېتىۋاتىدۇ.
بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمەت مىقتارىنى ھىساپلاپ باقايلى: ئادەتتىكى تۇلۇقسىز سىنىپقا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرس نورمىسى 16سائەت بولىدۇ بۇنى  5   كۈنلۈك  خىزمەت ۋاقتىغا تەقسىم قىلساق 4  كۈنگە  3سائەتتىن،  بىر كۈنگە 4  سائەتتىن تۇغرا كىلىدۇ .16سائەت دەرسنى تەييارلاشقا ھەر سائەتىنى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن بىر يېرىم سائەتتىن تەييارلىدى دىسەك 24سائەت دەرس تەييارلاشقا كىتىدۇ.بىر ھەپتىلىك خىزمەت ۋاقتى كۈنىگە 8  سائەتتىن بەش كۈندە  40  سائەت بولىدۇ  بۇ  40  سائەت پەقەت دەرس ئۆتۈش بىلەن تەييارلىققىلا كىتىدۇ .   يەنە ئوقۇغۇچىلار ئائىلە تاپشۇرۇقى بار  ئائىلە تاپشۇرۇقى ئادەتتە تەبى پەن تۈرلېرنىڭ ھەپتىدە ئىككى قىتىم، ئىجتىمائى پەنلەر ئۈچۇن بىر قىتىم مۇشۇنداق بولغاندا نىر سىنىپتا 40 ئوقۇغۇچى بار دىسەك بىر تاپشۇرۇق دەپتەرنى 3 مېنوتتىن تەكشۈر دى دىسەك 120 مېنوت كېتىدۇ .ئەگەر پاراللىل سىنىپلارغا دەرس بەرسىڭىز  يۇقۇرقى سان ھەسسىلىنىدۇ.
ھازىر سىنىپلارغا ئادەم تەقسىم قىلىش ئۆلچىمى باشلانغۇچلارغا بىرسىنىپقا 1.8ئادەم تولۇقسىزلارغا بىرسىنىپقا 3ئادەم بولىۋاتىدۇ .بۇ ئۆلچەم شەھەر مەكتەپلېرىدە كۆپرەك .لېكىن ئىدارىدىن خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە شەھەر –يېزا دىمەستىن بىرقىلىپتا تەكشۈرۈپ رەتكە تۇرغۇزىدۇ لېكىن ئادەم تەقسىم قىلغاندا ئۇداق ئەمەس.
ھازىر  دەرسلەرنىڭ تۈرى كۆپىيىپ ئىسلاھ قىلىندى لېكىن ئوقۇتقۇچى تەقسىم قىلىش ئۆلچىمى ئىسلاھ قىلىنماي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى كۆپىيۋاتىدۇ .بۇيۇكنى كىم يەڭگىللىتە ؟؟؟
مەنبە ئۆزەم

شەمشەر

نېمىلەرنى ئويلا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7925
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6670
تۆھپە نۇمۇرى: 683
توردا: 4928 سائەت
تىزىم: 2010-8-26
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 02:01:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىرماي بولىدۇ.

كىتاپخانىسى توپا بېسىپ قالغان مىللەتنىڭ،كەلگۈسى زاۋال بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29793
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4034
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 1406 سائەت
تىزىم: 2011-2-9
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 02:34:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەنسۇ مەكتەپلىرىدەك ھەر قايسى دەرىسلەرگە « دەرىس ۋەكىلى » بىكىتىۋالساڭلار تاپشۇرۇقلارنى شۇلار تەكشۇرىدۇ، سىلەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم تاپشۇرۇق بەرسەڭلا ئۇلار كۈنىگە بىر پاتمان تاپشۇرۇق بىرىدۇ.

نۇپۇس كۆپ، ئادەملەر  ئاز

غەلبە ئۈچۈن چەكك

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3227
يازما سانى: 1502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12976
تۆھپە نۇمۇرى: 452
توردا: 9741 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 02:37:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئائىلە تاپشۇرۇقى ئادەتتە تەبى پەن تۈرلېرنىڭ ھەپتىدە ئىككى قىتىم، ئىجتىمائى پەنلەر ئۈچۇن بىر قىتىم مۇشۇنداق بولغاندا نىر سىنىپتا 40 ئوقۇغۇچى بار دىسەك بىر تاپشۇرۇق دەپتەرنى 3 مېنوتتىن تەكشۈر دى دىسەك 120 مېنوت كېتىدۇ .ئەگەر پاراللىل سىنىپلارغا دەرس بەرسىڭىز  يۇقۇرقى سان ھەسسىلىنىدۇ. }k VC ]+
............................................
سىلەرنىڭ يېنىككەن،بىزنىڭ بۇ يەردە بىر سائەتلىك دەرىسكە بىر قېتىم تاپشۇرۇق تەكشۈرمىسىڭىز مائاشىڭىزنى تولۇق ئالالامايسىز.سىلەرنىڭ بىزنىڭكىدىن يېنىكتەك قىلامدۇ نىمە،سىياسى ئۆگىنىش،يەتتە-سەككىز خىل خاتىرە.........يەنە ئاللىنىمىلەرمۇ بار تېخى،شۇنداق بولغاندا ئوقۇتقۇچى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ۋەزىپىسنى ئورۇنلايدىغان ماشىنا ئادەم بولۇپ قالدى،ئوقۇتۇش سۈپىتىنى پەقەت مەۋسۈملۈك ئىمتىھان باشلىنىدىغان چاغدا ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ،باشقا ۋاقىتلاردا تۈگۈمەيدىغان ئۇششاق ئىشلار بىلەن ئوقۇتقۇچى مۈكچىيىپلا قالىدۇ.بىچارە سەبىلەرگە ئىچى ئاغرىيدىغانلار ئوقۇغۇچىلارغا جاپاغا چىداپ ،كۆيۈنۈپ بىلىم بەرمىسە،قالغانلىرى ئاساسەن ۋەزىپە ئۈچۈن،مائاش ئېلىش ئۈچۈن ئىشلەيدۇ.بۇنى پەقەت رايۇنىمىزدىكى قاتمال مائارىپ تۈزۈلمىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان،بۇنى ئوقۇتقۇچىلاردىن كۆرۈشكە بولمايدۇ.
بۇ مېنىڭ كۈزۈتۈشۈمنىڭ نەتىجىسى ،يەنە ئىلگىركىگە ئوخشاش ئوقۇتقۇچىلارنى تىللايدىغانلارنىڭ پۇرسىتى بولۇپ قالمىسۇن.ئوقۇتقۇچى ئۇ دۇمباق ئەمەس،ھەممە ئادەم چېلىپ ئوينايدىغان.

مايكول سىكوفيوت

ياخشى ئەخلاق-راستچىللىق ۋە پاك

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38489
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3338
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 1862 سائەت
تىزىم: 2011-4-23
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 03:17:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىنسىيەگە چىققاندا يەڭگىللەيدۇ
چاقچاق ھە!!!!

چۈنكى مەن ھىسياتلىق ھايات ئادەم!

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11740
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4694 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 03:26:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماتىماىكا دەرسىنىڭ ھەر سائىتىگە بىر قېتىم ئائىلە تاپشۇرۇقى، يەنە ھەقسىز تارقىتىلغان مەشىق كىتاۋىدىن ھەر سائىتىگە بىر قېتىمدىن بولۇپ ئۈچ سىنىپقا دەرس ئۆتكەن ئادەمنىڭ تاپشۇرۇقى ھەپتىسىگە 30 قېتىم بولىدۇ . سىز ئازراق كام دەپ قويۇپسىز ياكى يۈكۈڭلار بىزدىن يەڭگىلكەن ، بىزنىڭ شەھەرىمىزدە مەن دىگەندەك بولىۋاتقىلى خېلى يىللار بولدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2646
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7198
تۆھپە نۇمۇرى: 704
توردا: 4836 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 03:32:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكى ھەقىقەتەن ئېغىر. بۇنى ئوقۇتقۇچى بولۇپ باققان ئادەم بىلىدۇ. يازىدىغاندىن خاتىردىن خاتىرە  تولا. قايسى بىرىگە يېتىشىپ بولاركىن تاڭ.  ئىئانە كەلسىمۇ ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىدىن «مۇنچىدىن ئىئانە قىلىسەن »دەپ ئىئانىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ مەجبۇرى تۇتىۋاتقان......

قېرىنداشلىرىم ق

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6201
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5226
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 1852 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 04:52:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈك ھەقىقەتەنمۇ ئېغىر.يەنە كىلىپ بىر قىسىم ئىقتىدارسىز باشلىقلارنىڭ ئېغىزىدىن ئۇنى قىلمىساڭ مانچە پۇل،مانچە نۇمۇر تارتىمەن دەۋاتقان،ئاساسى ئىشلار بىر چەتتە قېلىپ تۈگىمەس پارچە ئىشلار بىلەن ئالدىراشلا يۈرۈيمىز.لېكىن شۇ سەبىلەرنىڭ كۆزلىرى بىزگە رازىمەنلىك بىلەن تىكىلگەندە بارلىق ھاردۇقلار چىقىپ قالىدۇ.

كارىزلارنى قوغد

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38209
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1414
تۆھپە نۇمۇرى: 51
توردا: 3906 سائەت
تىزىم: 2011-4-20
ئاخىرقى: 2012-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 05:41:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنىڭ ئېغىرلىقىنى توردىشىمىز «شەمشەر» ئېيتقاندىكىدەك مەكتەپلەردە ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار بىلمىسە باشقىلار بىلمەسلىكى مۈمكىن. ھازىرقى مىللى مائارىپنىڭ سۈپىتىنىڭ يىلدىن يىلغا تۆۋەنلەپ كىتىۋاتقانلىقى ھەممىمىزگە ئايان .بىز ھازىر قانداقتۇ دەرس ئىسلاھاتى يەنە باشقا تۈرلۈك ئىسلاھاتلار ئارقىلىق نەزەرىيە جەھەتتىن ئازدىن كۆپتىن بىلىملەرگە ئىگە بولغان بولساقمۇ ئەمما بىزنىڭ يەنىلا نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ئەنە شۇنداق تۈگىمەس تەكشۈرۈشلەر،دەستىلەپ تىزىۋېتىلگەن باغلام -باغلام پىلان خۇلاسىلەرنى يېزىش بىلەن كۈندۈزنى كىچىگە يەتكىچە ئۇلاپ ئىشلىگەچكە  «كونا يولدا يېڭى ئاياغنى كىيىپ»يەنىلا ئىلگىرىكى ئوقۇتۇش شەكلى ۋە ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدە دەرس ئۆتۈشكە مەجبۇرمىز .مېنىڭچە مائارىپ- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت سورۇنى ئەمەس بەلكى جەمىيەتنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇپ بارلىق جەمىيەت ئەزالىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتىگە ئوبىكتىپ ئادىل باھا بېرىشتە مەۋقەنى قانداقتۇ تۈگىمەس تەكشۈرۈشلەرگە قاراتماستىن ئوقۇتۇشنىڭ 1- سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ دەرسخانە ئوقۇتۇشىدا ۋە مەكتەپلەرنىڭ خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان ئەمەلى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش نۇقتىسىدىن مەكتەپلەرنى تەكشۈرسە ئاندىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۈگىمەس «خىزمەتلىرى»گە قارىتا چەكلەش خاراكتىرىدىكى نىزاملارنى تۈزسە ئاندىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يەنىمۇ يەڭگىللەتكىلى بولارمىكىن! ..........

تەۋەككۈل_ئەجىر 

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7900
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7263
تۆھپە نۇمۇرى: 312
توردا: 7126 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2012-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 06:58:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىستىپا سورىساڭلار بولىدۇ ، ئۇنىڭسىزمۇ جاننى بېقىپ كىتەلەيسىلەر .

ئۇيغۇر تورخانا ئاچقۇچىلار ۋە تورخانا سېستىمىسى مۇنازىرە چ چ توپ نۇمۇرى:       50701499

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2646
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7198
تۆھپە نۇمۇرى: 704
توردا: 4836 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2012-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 08:10:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ زارى




     تۆۋەندىكى تېما بولسا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر خەلق ئوقۇتقۇچىسىنىڭ رىئاللىقتىكى ئەمىلىي تۇرمۇش كارتىنىسى شۇنداقلا ئاھۇ-زارى ئىكەن. بۇنداق ناھەقچىلىقلەر بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ مائارىپ سېستىمىسىدا خۇددى ساقايماس راك ئۆسمە كېسىلىدەك سايماي ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەمىلىي مەسىللەرنىڭ بىرى. بۇنداق ناھەقچىلىقلارنى ھەممە يەردە [يوق!] دەپ كېسىپ ئېيتالمايمىز. قەشقەردىكى بىر قىسىم ئەمەلدارنىڭ ئادىمىيلىكىدىن گۇمان بار،بۇ ئۇزۇن ۋاقىتلىق سىناقلاردىن ئۆتكەن يەكۈن.ئۇلاردا يا مېھرى-مۇھاببەت،يا ئەخلاق-پەزىلەت يا ۋىجدان-غورۇر يوق،پەقەت ئۇلاردا رەھىمسىزلىك،ئىپلاسلىق،رەزىللىكتىن باشقا ئادىمىي تەبىئەتتىن ئەسەر يوق.بۇ ئىشلار باشقا شەھەرلەردىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر بار،ئەمما بۇنچە ئېغىر ئەمەس.ئۇلار ئۆلگەندە بولسىمۇ ئاشۇ تۆت قېرىندىشىنىڭ ئۇنى كۆمىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ.بىر خوتۇن كىشىنىڭ يەنە كېلىپ بىر ئوقۇتقۇچى ئايالنىڭ بىر ئەر كىشىگە قول كۆتىرىشى ئادەتتىكى ئىش ئەمەس،مۇشۇ ئىشتىن ئۇ مۇناپىق ئەمەلدارنىڭ قانچىلىك ئىپلاسلىقلارنى قىلغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.جانغا پاتقاندا قويمۇ ئادەم چىشلەيدۇ......
مۇشۇنداق كىشىلەر ئەزىزانە قەشقەرنىڭ نامىنى بۇلغاۋاتىدۇ،ئاشۇنداق بىر قىسىم ساپاسىز ئەمەلدارلار خەلق بەرگەن بۇ ئەمەلدارلىق قالپىقىدىن پايدىلنىپ نۇرغۇنلىغان بىگۇناھ كىشىلەرنى جىنايەتچىگە ئايلاندۇرۇپ قويىۋاتىدۇ.بولۇپمۇ بىر ئايال ئوقۇتقۇچىنى تۇرمىگە سولىتىۋېتىش ئادەتتىكى ئىشمۇ؟بۇ ئاشۇ ئوقۇتقۇچىنى ئەمەس بەلكى مائارىپنى،ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنى تۇرمىگە سولىغانلىق، مائارىپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت مائارىپ قانۇنىنى ئوچۇقتىن ئوچۇق كۆزگە ئىلماي، ئاياغ ئاستى قىلغانلىق.، قانۇننىڭ سىياسەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلغانلىق، قانۇننى كۆزگە ئىلمىغانلىق. ھەممىدە ئادەمنى ئاساس قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مائارىپ سېستىمىسىدىلا ئەمەس، باشقا ساھەلەردىنمۇ كىشىنىڭ غەزىپىنى ئۆرلىتىدىغان ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدىغان مۇشۇنداق مەسىللەر يوق ئەمەس، بار!!! شۇڭا يۇقۇرى دەرىجىلىك مائارىپ باشقۇرغۇچى يولداشلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونلىرىدىكى مۇشۇنداق ناھەقچىلىقلاردىن خەۋەرخەۋەر تاپسىكەن تۈزىتىشكە، تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرىسىكەن دىگەن ئۈمۈتتە  بۇ تېمىنى باغداش تورىدىن بۇ يەرگە يۆتكەپ كەلدىم   .

_ئىنكاس يوللىغۇچىدىن



بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ زارى



(چوقۇم كۆرۈڭ)


مەن قەشقەر شەھەر بەشكىرەم يېزا سىدىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى  ،   مەن دەرىس مۇنبىردىن ئايرىلماي ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغىلى 28 يىل بولدى. 23 يىللىق پارتىيە سىتاجىغا ، 28 يىللىق خىزمەت سىتاجىغا ئىگە  ئوقۇتقۇچى. ئوقۇش تارىخىم ئالى تىخنىكۇم. مەن 28 يىل خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا كوپ قىتىم ئىلغار ئوقۇتقۇچى،ئىلغار سىنىپ مۇدىرى، ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ باھالىنىپ يېزا ۋە مەكتەپ دەرجىلىك مۇكاپاتلانغان .مەكتەپ ئىلمى مۇدۇرلۇق  خىزمەت ۋەزىپىسىنىمۇ ئۈستۈمگە ئىلىپ ئىشلىگەن. خىزمەت ۋەزىپەمنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقىپ كىلىۋاتىمەن. مەن 1983-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان ،«باشلانغۇچ 1-دەرجە » ئۇنۋاىنىنى 1999-يىلى  ئالغان.2010-يىللىق باشلانغۇچ ئالى ئۇنۋان تەخسىماتىدا مىنىڭ ھەممە شەرتىم تولۇق چۈشىدىغان تۇرۇغلۇق  ماڭا سان كۆرسەتكۈچى بىرىلمىدى، بەلكىم مەن مەركىزى مەكتەپ مۇدىرىنى ” بولاق”  بىرىپ يوقلىيالمىغانلغىمدىن بولسا كىرەك،  بولاق بىرەيمۇ  دىگەن پارتىيەلىك غۇرۇرۇم بۇنىڭغا يول قويمىدى .مەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ كىرگەن ئىدىم. ئۇلار ئادەم تەشكىللەپ تەكشۈرۈشكە چىققان بولسىمۇ مەركىزى مەكتەپنىڭ قىلغىنىنى توغرا قىلىپ كىرىپ كەتتى.
2011-يىللىق ئىنۋان تەخسىماتىدا يەنىلا شەرىتلىرىم تولۇق ھازىرلانغان بولسىمۇ يەنىلا ئۇنۋان كۆرسەتكۇچىگە ئىرشەلمىدىم. 2009-يىلى كىسەل بولۇپ قېلىپ داۋالانغان ئىدىم . شۇ يىلقى ئۇنۋان باھالاشتا ئۆلچەم بويىچە نومۇر تارتىلىپ ئۇنۋان  كۆرسەتكۈچ  سانى بىرىلمىدى.لىكىم 2010-2011-يىللىرىمۇ ئوخشاشلا نومۇر تارتىلىپ يەنىلا سان كۆرسەتكۈچى بىرىلمىدى .مەن ئويلايمەن ،قاتناش  قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىنغان قىلمىش كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا،دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مال مۈلكىگە ئىغىر زىيانلانى ئىلىپ كىلشى مۇمكىن، قاتناش      قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان شوپۇرلادىن شۇ يىلى بىر قىتىملا نۇمۇر تۇتۇلۇپ  ياندۇرقى يىلى يەنىلا تولۇق نومۇر بىرلىدۇ.مىنىڭ دوختۇرخاندا داۋالانغانلىغىم شوپۇرلانىڭ قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ئاشۇ قىلمىشىدىنمۇ ئىغىر بولامدۇ؟
دەسلاپكى ئىنۋان تەخسىماتىدا ئامانلىقتا مەسىلە سادىر قىلغان ئىككى مەكتەپتىن 2 كۆرسەتكۇچ قايتۇرۋېلىنىپ مەندىنمۇ نومۇرى تۆۋەن ، خىزمەت سىتاجى 10~11 يىل بولغانلارغا بىرىلدى، بۇ ناھەقچىلىككە مەن تاقەت قىلالمىدىم ،مەن بۇ ئەھۋالنى ئىدارىغا ئىنكاس قىلغان. شۇ كۇنىلا تەخسىماتنى ئۆزگەرتىپ مەسىلە سادىر قىلغان مەكتەپلەرگە يەنىلا  سان بىرلىپ مىنى يەنىلا قالدۇرۇپ قويدى ، بۇ قىلمىشلار ماڭىلا ئىنۋان بەرمەسلىكمۇ قانداق؟،بۇ قانداق خىزمەت ئىستىلى ؟،قانداق خىزمەت پوزىتسىيەسى ؟ بۇ مەسىللەرنى مەن ھەرقانچە ئويلاپمۇ كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم .
يېزىمىزغا چۇشۇرۇلگەن سان كۆرسەتكۈچى 9 بولۇپ دەسلەپكى سان تەخسىم قىلغاندا مىنىڭ ئىرىشكەن نومۇرۇم ئاخىردىكى بىرقانچە ئوقۇتقۇچىدىن يۇقىرى بولسىمۇ ماڭا بىرىلمىگەن.يېزىمىزدا 17 باشلانغۇچ مەكتەپ بار بولۇپ مەركىزى باشلانغۇچقىلا 5 كۆرساتكۈچ بىرىلگەن . بۇ ئەھۋالنى مەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىگە ئىنكاس قىلغان . مائارىپ ئىدارىسى تۆۋەنگە تۇزتۇشنى بۇيرىغان ۋە ماڭا چۇشەنچە بىرىشنى ھاۋالە قىلغان . مەركىزى باشلانغۈچتىكى رەھبەرلەر سان تەخسىماتىنى قايتا قىلغان بولسمۇ مەن يەنىلا سان كۆرسەتكۈچىگە ئىرشەلمىدىم، ئۇلار ماڭا مۇنداق چۈشەنچە بەردى؛  تۈرلۈك باھالاشتا ئارقىدا قالغان ئىككى مەكتەپتىن ئىككى ساننى قايتۇرۋالغان، بۈ ئىككى ساننى نومۇرى سىزنىڭكىدىن تۆۋەن بولسىمۇ ياخشى ئىشلىدى دەپ قارىغان ئىككى ئوقۇتقۇچىغا بەرگەن ،ئەمدى ئىدارە تۈزەت دىگەچكە تۈزەتتۇق دەپ جاۋاپ بەردى.مەن مۇنداق ئويلۇدۇم :  مەن ئىشلەۋاتقان مەكتەپ يېزا بويىچە ئىلغار مەكتەپ بولۇپ باھالانغان ، مەكتىۋمىزنىڭ ئىلغار بولشىدا مەنمۇ ئاز بولمىغان خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. دەسلەپكى سان تەخسىماتىدا ئارقىدا قالغان مەكتەپتىن قايتۇرۋىلىنغان سان ئىلغار مەكتەپكە تەخسىم قىلنىشى كىرەكمۇ يوق؟،مەن بۇ ئەھۋالنى ئىدارىغا ئىنكاس قىلمىغان بولسام بۇ توغرا بولمىغان ئىنۋان تەخسىماتى مۇشۇ بويىچە كىتىۋىرەمتى يوق؟مەن بۇ ئەھۋالنى ئىدارىغا ئىنكاس قىلغاندىن كىيىن؛ « سەن ئىدارىغا ئەرىز قىلغاندىن كىيىن ساڭا بەرگۈچە ئەسلىدىكى ئورۇنلىرىغا قايتۇرۇپ بەرسەك قانداق قىلاتتىڭ » دىگەندەك سان تەخسىم قىلشى ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟  دەسلاپتە نىمە ئۈچۈن ئارقىدا قالغان مەكتەپتىن  قايتۇرۋىلىندى ؟ كىيىن يەنە نىمە ئۈچۈن ئارقىدا قالغان مەكتەپكە قايتۇرۇپ بىرىلدى؟  مەن ئۆتكەن يىلمۇ مۇشۇنداق ناھەقچىلىككە ئۇچۇراپ ئىدارىغا كىرگەن بۇ شۇنىڭدىن ئۆچ ئىلىشمۇ قانداق ؟
خىزمەت سىتاجىم ئەسلى  333 ئاي بولىشى كىرەككەن بۇ 320 ئاي ،ئىنۋان سىتاجىم ئەسلى 141 ئاي بولىشى كىرەككەن بۇ 120 ئاي دەپ ھىساپلانغان.
ئۈچ يىل جەريانىدىكى كىسەل ۋە سورغان ۋاختىم قوشۇلۇپ جەمى 58 كۈن ئەتراپىدا بولىدىكەن لىكىن بۇ 80 كۈن دەپ ھىساپلىنىپ نومۇر تارتىلغان .
ئۆتكەن يىلى، يەنى 2010 –يىلىمۇ ئۇنۋان تەخسىماتىدا مۇشۇنداق ناھەقچىلىككە ئۇچراپ، ئىدارىغا ئەھۋال ئىنكاس قىلىش ئۇچۈن مەن «ئازراق جىددى ئىشىم چىقىپ قالدى» دەپ تىلپۇندا 2 سائەتلىك  سوراپ  ئىدارىغا كىرگەن ئىدىم،مۇشۇ بىر ئىش ئۈچۈنلا 10.5 نومۇر تارتىلغان يەنى يالغان گەپ قىلىپ سورغان، ئوقۇتقۇچىلار كەسپى ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلغان دەپ 2 نومۇر ،بايراق چىقىرىشقا كىچىككەن دەپ 1 نومۇر،  1.5 سائەت دەرىس تاشلىغان دەپ 7يېرىم نومۇر تارتىلغان.باشقا تۈرلەرگىمۇ ئوخشاش بولمىغان باھانە سەۋەپلەنى كۆرسىتىپ ئازدۇر كۆپتۇر نومۇر تارتىلغان.
بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن ئېيىتقاندا دەرىس تاشلاشتىنمۇ ئېغىر جىنايەت بولمىسا كىرەك ، دەرىس تاشلىغان ئوقۇتقۇچىنى ئىنۋان بىرىش كاتۇگۇرىيەسىگە نىمە دەپ كىرگۈزىدۇ ؟15 مىنىنۇتتىن ئارتۇق دەرىسكە كىچىكسە بىر سائەت ھىساپلىنىدۇ 1.5 سائەت دەرىس تاشلىدى دىگەن بۇ قانداق گەپتۇ .دەرىس تاشلىغان ئوقۇتقۇچى ئومۇمى ئۇختۇرۇش ئارقىلىق تەنقىتلىنىدۇ ،جىرىمانە ئېلنىدۇ . ئومۇمى ئۇختۇرشىمۇ يوق جىرىمانىسىمۇ يوق نومۇر تارتىلدىغان بۇ قانداق دەرىس تاشلاشكى بۇنىمۇ مەن ھىچ بىلەلمىدىم .بۇ ئەھۋاللارنى شەھەرلىك مائارىپ ئادارىسىگە قايتا ئىنكاس قالدىم ،ئىدارىدىن تەكشۈرۈش گورپىسى چىقىپ تەكشۈردى. مەن قويغان بۇ سۇئاللارغا شۇ مەيداننىڭ ئۆزىدە ئىسپات كورسىتىپ ،قايىل قىلغىدەك جاۋاپ بىرىشكە ئامالسىز قالدى بولغاي ،بىز بۇ ئاھۋاللارنى ئىدارە رەھبەرلىرگە ئىنكاس قىلىپ شۇلارنىڭ يول يۇرقىغا قاراپ سىللىگە جاۋاپ بىرەيلى دەپ كىرىپ كەتتى.مىنىڭمۇ خەۋىرىم يوق 7 كۈندىن كىيىن چىقىپ قايتا تەكشۇرۇپتىمىش ،ئۇلارنىڭ قىلغىنى توغرا بوپتىمىش. بۇ تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىنى ماڭا ھازىرغىچە ھىچكىم دىمىدى .ئاڭلىسام مەن بۇرۇن ئىشلىگەن مەكتەپلەرگە كىرىپ كوچىلاپ سەۋەنلىك ئىزدەپتۇ .نۇمۇر بىردىغان يەردە بۇرۇن ئىشلىگەن مەكتەپتە ئىرىشكەن نەتىجىلەرنى ئىزدىمەيدۇ .نومۇر تارتىدىغان تۈرلەرنى ھەجەپ ئىزدەيدىكەن .دىمەك مائارىپ ئىدارىسى 7 كۈن ئىچىدە ئۆزەڭنىڭ قىلغىنىنى توغرا قىلغىدەك ئىسپات تولۇقلا دەپ ۋاقىت بىرىپ، شارائىت يارتىپ بىرىپ، ئاندىن تاكشۈرۈشكە بۇيرىدىمۇ بۇنىمۇ مەن بىلمىدىم. ئوقۇتقۇچىلانىڭ دىيشىچە، مەركىزى مەكتەپ مۇدىرى .xx  شۇجىلا بولدىكەن مىنى ھىچنىمە قىلالمايدۇ دىگىدەكمىش.
شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومۇتىتى،ۋىلاياتلىك مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسى قاتارلىقلارغىمۇ، بۇ ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلغان بولساممۇ ھازىرغىچە مىنىڭ ئىنكاسلىرىم جاۋاپسىش قالدى.
ۋىلايەتلىك ۋالى مەھكىمىسى ۋە ۋىلايەتلىك پارتىكوم ئەرزىيەت ئىشخانىللىرگە بېرىپ ئەھۋالىمنى دىسەم، بۇ ئىشلارنى بىز ھەل قىلمايمىز ،مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى ئىزدەڭ دەپ يولغا سىلىپ قويدى.‹قاغا قاغىنىڭ كۆزنى چوقۇمايدۇ› دىگەن راسكەن.
2011-يىلى9-ئاينىڭ 15-كۈنى مەركزى مەكتەپ، يىزىمىزنىڭ ئەڭ يىراق مەكتىۋى بولغان ‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋىگە يۆتكىگەنلىك ئۇختۇرشىنى كىرگۈزۈپتۇ .
مىنىڭ ئۆيۈم قەشقەر شەھرىدە، ‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋى بىلەن بولغان ئارلىغى ㎞ 30 ئەتراپىدا كىلدۇ .مەن بىر ئايال كىشى تۇرسام ،يىشىممۇ 50  كە يىقىنلىشىپ قالغان، سالامەتلىك ئەھۋالىممۇ دىگەندەك ياخشى بولمىسا .بۇ ئورۇننىڭ  دايىملىق قاتنشمۇ بولمىسا ،مەن قانداقمۇ بۇ مەكتەپكە بىرىپ- كىلىپ ئىشلىيەلەمە؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر- ئىككى ئاي ئىچىدە ئاپام ۋە قىينى ئاپام ئىلگىرى كىيىن بولۇپ تۈگەپ كەتتى. 3 يىلنىڭ ئالدىدا سىڭلىم يولدىشى بىلەن بىراقلا قاتناش ھادىسىدە تۈگەپ كىتىپ يەسلى يىشىغىمۇ توشمىغان ئىككى قىزى يىتىم قالغان ئىدى، بۇ بالىلارنىڭ ھالىدىنمۇ مەن خەۋەر ئىلىۋاتاتتىم . ئەمدى بۇ بالىلارنىڭ ھالىدىن قانداقمۇ خەۋەر ئالامەن.
‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋى ئەتراپىدا ئۆيى بار 33 يىل خىزمەت قىلغان بىر خانىمنى ئۆيدىن ㎞ 15 ئەتىراپىدا يىراق بولغان‹ يەقەللە› مەكتەپكە يۆتكەپتۇ ،ئۇ خانىمغىمۇ قولايلىق بولدىغان ماڭىمۇ قولايلىق بولىدىغان قىلىپ مىنىلا‹ يەقەللە› مەكتەپكە يۆتكىسە بولمامدۇ؟.ئاڭلىسام ئۇ خانىممۇ ئىنۋان ئىشى توغرۇلۇق مۇدىر بىلەن ئازراق تەگىشىپ قاپتىكەنمىش.بۇ قىلمىشتىن، مىنى ئەرىز قىلدى دەپ ،ئۇ خانىمنى تەگەشتى دەپ، ئىككىمىزدىن ئالغان ئۆچ ئىكەنلىگىنى بىر قاراپلا بىلۋالغىلى بولىدۇ ئەلۋەتتە.سورسام بۇ خىزمەت ئىھتىياجىمىش .مەندەك بىر قېرىغا چۈشكەن ‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ قانداق خىزمىتى باركىن مەن ھىچ بىلمىدىم. ‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋىدىكى ھىلىقى خانىم .ئۆز مەكتىۋىدە ئىشلەۋەسە ئۇ خانىمنىڭ ئورنىغا مەن بارسام بولمامدۇ دىسەم ،ئەر خوتۇنلا بىر مەكتەپتە ئىشلىسە بولمايدۇ دەيدۇ. بۇ قەستەن خىزمەتتە قولايسىزلىق پەيدا قىلىشتىن باشقا نەرسە بولمىسا كىرەك.پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىردە بۇنداق تۈرلەنىڭ بارلىغىنى مەن ھىچ ئاڭلىماپتىكەنمەن.
مەن مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرنى ئىزدەپ يەنە ئىدارىگە كىرىپ ئىدارە باشلىغىغا بۇ ئەھۋاللارنى ئىنكاس قىلدىم .ئىدارە باشلىغى مۇدىرنى چاقىرتىپ كىرىپ ئەھۋال ئىگەللىدى، مۇدىر يىزلىق ھۆكۈماتنىڭ قىلغان ئىشى دەپ جاۋاپ بىرىپ چىقىپ كەتتى ،ئىدارە باشلىغى ،يىزلىق ھۆكۈمەت بىلەن بىز تەڭ دەرجىلىك ئورۇن بۇيرۇق چۈشۈرەلمەيمىز، سىز بىر يىل ئىشلەپ تۇرۇڭ ئاندىن يۆتكەپ قويايلى دىدى.
مەن يىزلىق ھۆكۈمەتكە كىرىپ مائارىپقا مەسئۇل يىزا باشلىغىنى ئىزدەپ تېپىپ ئەھۋالىمنى دىدىم .يىزا باشلىغى بۇ ئىشنى مەن ئۇقمايدىكەنمەن يوتكەش تىزىملىگى كىرگەندە مەن قاراپ باقاي .سەن ھازىر ئىشلەپتۇر دىدى.
مەن مۇدىرنى ئىزدەپ مەركىزى يەسلىدىن تىپىپ، يىزلىق ھۆكۈمەتكە تېخى تىزىملىك كىرمەپتۇ مۇمكىن بولسا مەن ئۆز مەكتىۋىمدە ئىشلەپ قالسام .بولمىغاندا ‹خان ئۆي› باشلانغۇچ مەكتىۋىدىكى ھىلىقى خانىم بىلەن مىنى ئالماشتۇرۇپ قويغان بولسىلا دىدىم .مۇدىر ۋاقىراپ جاقىراپ تۇرۇپ كىمنى قەيەرگە يۆتكەش ئۆزەمنىڭ ئىشى مەندە شۇنداق ھوقۇق بار ،كىمنى قەيەرگە يۆتكۈشۈمنى سەن بەلگىلەپ بىرەلمەيسەن دەيدۇ.بۇ گەپنى ئىدارە باشلىغىنىڭ قىشىدا نىمىشقا دىمەيسىز ؟ ئۆتكەندە بىر يىغىندا مىنى چوشقا دەپ تىللاپسىز ؟ مەندىن قاچانغىچە ئۆچ ئالماقچى سىز دىدىم. مۇدىر :چوشقا بولغاندىكىن چوشقا دەيمەن دەيدۇ .مەن ئۆزەمنى قەتئې تۇتىۋالالمىدىم .چىدىمىدىم ،بولالماي. مەن چوشقا بولسام سەنمۇ چوشقا دىدىم ،مۇدىر قوللىرنى ماڭا شىلتاپ تۇرۇپ دىۋەيلاپ ئالدىمغا يۈگۈرەپ ئاناڭنى.......... دەپ تىللىدى. ئانام تۈگەپ كەتكىلى يىگىرمە نەچچە كۈن بولغاچقا ماڭا بۇ گەپ بەك ئىغىر كىلىپ مەنمۇ قول شىلتاپ سالدىم . قولۇم بىلەن مۇدىرنىڭ قولى تىگىشىپ كەتتى ، شۇ ئارلىقتا يولدۇشۇم ئاجىرتىۋەتتى .لىكىن مۇدىر يېزلىق ساقچىخانىغا تىلپۇن قىلىپ بىر خانىم مىنى ئۇرۇپ كەتتى، تىز كىرىڭلا دىدى.ساقچىلا كىرىپ مىنى يولدۇشۇمنى ئىلىپ ساقچىخانىغا ئەكەلدى.يولدۇشۇممۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە  ئوقۇتقۇچى ئىدى، ئۇنىڭ دەرسى باركەن ئۇ كەتتى .شۇ ئارلىقتا مۇدىر 20 گە يىقىن ئوقۇتقۇچىنى باشلاپ كىرىپ ئۆزنى ئۇرغانلىغىم توغرىسىدا گۇۋاچىلىقتىن ئۆتكۈزدى .مەن مۇدىر بىلەن سۆزلىشىۋاتقاندا  مۇدىر ،مەن،يولدۇشۇم،مەركىزى مەكتەپ شۇجىسى بولۇپ 4 لا ئادەم بار ئىدۇق بۇ گۇۋاچىلارنىڭ نەدىن كەلگەنلىگىنىمۇ مەن بىلمىدىم.ساقچىخاندىكى يولداشلار ئەھۋالنى ئىگەلەپ كۆرگەندىن كىيىن  بۇ كىچىكلا بىر ئىشكەن مەكتەپنىڭ ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزىمى بويىچە ئۆزەڭلا بىر تەرەپ قىلۋىلىڭلا دىسە، مۇدىر قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ بىرىڭلا دەپ تۇرۋالدى.
بىر چوپ -چوڭ ئەركىشى تۇرۇپ ئايال كىشى ئۇردى دەپ ئەرىز قىلىشتىن نومۇس قىلمىغانمىدۇ بۇ مۇدۇر .
ئائىلىدە ئاتا- ئانا پەرزەنىتلىرنى ،مەكتەپلەردە مۇدىرلار ئوقۇتقۇچىلارنى قوغىدايدىغان .لېكىن ئۆزىنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنى جازالاپ سولتىۋەتسەم بولاتتى دەيدىغان بۇ قانداق مۇدىردۇ بۇنى مەن ھىچ بىلمىدىم.
مانا مەن ھازىر ساخچىخانىنىڭ  8 كۈنلۈك توختۇتۇش قەغىزىنى قولۇمغا ئالدىم ، توختۇتۇش ئورنىغا مىڭىش ئالدىدا بۇ دەرىتلىرىمنى تۆككۈم كەلدى .
مىنىڭ دەرىتلىرىمنى ئاڭلايدىغان ئادەممۇ چىقارمۇ ؟مىنىڭ ھالىمغا يىتىدىغان رەھبەرمۇ چىقارمۇ؟ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟
مەن كەتتىم. بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر  .  8 كۈنلۈك تۇرمىدىن قايتىپ چىققۇچە خوش
           2011-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى.
    


مەنبە:باغداش مۇنبىرى



(????? ?????)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51918
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 347
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 2277 سائەت
تىزىم: 2011-8-16
ئاخىرقى: 2011-11-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 08:10:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىنىڭ دەردىنى پەقەت ئوقۇتقۇچى بىلىدۇ،مەكتەپتىكى تۈگىمەس ئىشتىن سىرىت بالا مەكتەپكە كەلمىسە ئائىلگە ،ئائىلىدە بولمىسا ئىتىز بىشىغا بىرىۋاتقان،بالىنى چىڭراق تۇتسا تاپشۇرۇق،دەرس ئىغىر كىلىپ كەلمىسە يالۋۇرۇپ بىرىۋاتقان،ئاتا-ئانىلاردىن خاپىلىق تارتىۋاتقان،تەتىل تاپشۇرقىنىڭ پۇلىنى بەرمىسە ئائىلگە بىرىپ ئاتا-ئانىلاردىن «تىلەمچى»دەپ ھاقارەتلىنىۋاتقان،شەنبە كۈندە ئائىللەرگە تەشۋىقات خىزمىتىگە چىقىۋاتقان،كەسپى مائارىپ بويىچە بالا يىققىلى چىقىۋاتقان،كىسەلدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سان-سىپىرلارنى تىزىملىغىلى چىقىۋاتقان،مانا بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىشىدىكى دائىملىق خىزمەتلەر،ئەمدى بۇنىڭغا نىمە دەيمىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 658
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9044
تۆھپە نۇمۇرى: 263
توردا: 5368 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 09:22:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مائارىپىمىزغا چۇشكەن ئاۋۇ ھاراملىق  مىتە قۇرۇت ‹‹مۇدىر››نىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى بىر يېزىۋەتمەمسىز!
ھەممە تورداشلار بىردىن تىلفۇن قىلىپ سىز ھەم ھەقىقەت ئۇچۇن بىردىن ‹‹رەخمىتىمىز››نى بىلدۇرەيلى!

مەرھابا

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14038
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8209
تۆھپە نۇمۇرى: 514
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2010-10-15
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 09:39:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئىشلارغا قارىتا يوقۇرى دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا بولاتتى،
         ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت

         بولدىممۇ تارتىمەن جاپا-مۇشەققەت
   
        ئېسىت! ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  كۈندىن-كۈنگە تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈپ قېلۋاتقىنى ،مىللىي مائارىپنىڭ چېكىنۋاتقانلىقى،ھازىرقى مائارىپ ساپا مائارىپى بولماي يالغان سان-ساناق ،ئارخىپ مائارىپى،تەكشۈرۈشنى كۈتۈۋېلىش مائارىپى بولۇپ قالدى.
ئاۋۇ ياشانغان ئايالغا بەكلا ئىچىم ئاغرىدى.

ئولۇغ اللاھدىن مەغپىرەت تىلەيمەن.
   星期八

قانائەت--تۈگىمەس

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47173
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1403
تۆھپە نۇمۇرى: 160
توردا: 3275 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2012-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-23 09:40:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت ، بولدۇممۇ تارتىمەن جاپا - مۇشەققەت !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش