مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7467|ئىنكاس: 38

ئۇيغۇرلار تارىخىدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كامال تاپ ئۇيغۇركارخانىلىرى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7631
يازما سانى: 811
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14297
تۆھپە نۇمۇرى: 1501
توردا: 3395 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 10:37:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇرلار تارىخىدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر




ئەسكەرتىش:
ئۆزمىللىتىنى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى چۈشىنىش ناھايىتى مۇھىم . بىز ئۆز تارىخىمىزنى سۇدەك يادقا بىلەلمىسەكمۇ ، يۈزەكى بولسىمۇ بىر تونۇشقا كېلىپ باقساق قانداق
                                                                   مىلادىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن  
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئاتا-بوۋىسى بولغان تۇغلۇقلار شەرقىي ۋە غەربى قىسمغا بۆلۈنگەن بولۇپ ، ئۇلار ئالتۇن تاغ ( ئالتاي تېغى ) نىڭ ئىككى تەرىپىدىكى جايلارغا ئورۇنلاشقان ئىدى . بۇزېمىننىڭ شەرقى قىسمى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدە ، غەربى قىسمى بولسا بايقال كۆلى بىلەن ئېرتىش دەرياسى ئارلىقىدىكى جايلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .  
مىلادى 4 -ئەسىرلەردە تۇغلۇقلار جەنۇپقا پىيادە يۈرۈش قىلدى . شەرقى تۇغلۇقلار ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدا ، غەربى تۇغلۇقلار تىيانشاننىڭ شىمالىي ۋە غەربى قىسمىدىكى يايلاقلاردا كۆچمەنلىك بىلەن تۇرمۇش كەچۈردى . بۇچاغقا كەلگەندە تۇغلۇقلار دىگەن نامنىڭ ئورنىنى تۇرالار دىگەن نام ئىگەللىدى . شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھارۋىسىنىڭ چاقى ئىگىز بولغانلىقتىن ، ئىگىز قاڭقىللار( ئېگىز ھارۋىلىقلار ) دەپمۇئاتالدى . ئون ئوغۇز دېگەن نام بارلىققا كەلدى.بىرقىسىم قاڭقىللارنىڭ سىلىنگادالاسىداياشىدى.          
مىلادىنىڭ 429-يىلى  
بايقال كۆلى ئەتراپىدىكى ئېگىز قاڭقىللارنىڭ شەرقىي قىسمىدىكىلەردىن نەچچە ئونمىڭ كىشى ۋېي سۇلالىسىگە ئەل بولدى .        
مىلادىنىڭ487-يىلى              
ئىگىز قاڭقىلار بوركلى قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاۋۇزلۇ چوڭچىلار ، ئۆزقەۋمىدىن 100مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى باشلاپ ئېگىز قاڭقىلارنىڭ غەربىي شىمالىغا كۆچۈپ بېرىپ ، ئۆز ئالدىغا خانلىق تىكلىدى .
مىلادىنىڭ 490-508-يىللىرى  
مىلادى 490- يىلى ئاۋۇزلۇ سودىگەر خۇيۇ جېنى شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ پايتەختىگە ئەۋەتىپ ئىككى دانە ئوقيا تەغدىم قىلدى ...  
مىلادىنىڭ 951-يىلى  
  قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى كېيىنكى جۇسۇلالىسى پادىشاھىغا تۇتۇق ئەۋەتىپ ، ئىچكىرى بىلەن بولغان  ئىقتىسادى ، مەدەنىي مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن . كېيىنكى جۇسۇلالىسى ھۆكىمىتى تەدبىر قوللىنىپ ، ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان خەلق ئوتتۇرسىدىكى سودىنى كەڭ قۇيۇۋەتكەن . ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئاساسلىقى قاش تېشى ، يۇڭ ، تېرە ، دورا - دەرمەكلەرنى ئالتۇن كۆمۈشكە ئالماشتۇرغان .  
مىلادىنىڭ 956-يىلى  
  سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئالەمدىن ئۆتتى . ئۇنىڭ جەسىتى ئاتۇشقا دەپنە قىلىندى . ئوغلى بايتاش ( مۇسا بىننى ئابدۇكېرىم ) خانلىققا ۋارىسلىق قىلدى ۋە ئۆزىنى « ئارىسلانخان » دەپ ئاتىدى ۋە قەشقەردە تۇردى . سۇتۇق بۇغراخاننىڭ 2 - ئوغلى سۇلايمان بالا ساغۇنغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى .  
                  
مىلادىنىڭ 960-يىلى
200 مىڭ ئۆيلۈك تۈرك خەلقى ئىسلام دىنىغا كىردى . مۇسا ئىبنى ئابدۇكېرىم ئارىسلانخان ئسلام دىنىنى دۆلەت دىنى دەپ جاكارلىدى .  
  مىلادىنىڭ 981-يىلى  
ئىدىقۇت ئۇيغۇر پادىشاھى ئۆزىنى شىجۇدىكى جىيەن شىر ئارسلانخان دەپ ئاتاپ ، موسوۋىنى سۇڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتتى . سۇڭ سۇلالىسىمۇ ، جاۋابەن ۋاڭيەندى قاتارلىقلارنى سۇجۇغا ئەۋەتتى .
              
مىلادىنىڭ 982-يىلى  
ۋاڭ يەندى بەشباللىقتا ئۇيغۇر خانى بىلەن كۆرۇشتى . ئىدصقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا تارتۇق تەقدىم قىلدى . 983 - يىلى ۋاڭ يەندى قايتىدىغان چاغدا ، ئىدىقۇت پادىشاھى 100 كىشلىك ئەلچىلەر ئۆمىكىنى سۇڭ سۇلالىسىغا ئەۋەتتى .  
                
مىلادىنىڭ 990-يىلى  
  قارخانىلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بۇغراخان ھەسەن لەشكەر تارتىپ ئىسىپىجان شەھرىنى ئالدى .
      
  مىلادىنىڭ 992-يىلى  
بۇغراخان ھەسەن ماۋرا ئۈنھەرىگە ھۇجۇم قىلىپ سەمەرقەند بىلەن بۇخارانى ئشغال قىلدى . شۇنىڭدىن تارتىپ سامانلار خانلىقى زەئىپلىشىشكە يۈزلەندى .
          
مىلادىنىڭ 999-يىلى  
قاراخانلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى ئصلىك ناسىرى سامانلار خانىلىقىنى ئۇزۇل -كېسىل يوقاتتى .  
                
مىلادىنىڭ 1069-1070-يىللىرى
بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ خاس ھاجىپ « قۇتادقۇ بىلىك » داستانىنى يېزىپ چىقتى .

مىلادىنىڭ 1072-1074يىللىرى
قەشقەرلىك مەھمۇت قەشقىرى « تۈركى تىللار دىۋانى » نى يېزىپ چىقتى .  
          
مىلادىنىڭ 1141-يىلى
غەربىي لياۋ لەشكەرلىرى سەمەرقەندنىڭ شىمالىدىكى كاتۋان يايلىقىدا سالجۇقلارنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشتى ، سالجۇقلارنىڭ لەشكەرلىرى يىڭىلىپ قالدى . ماۋرا ئۈنەھرى رايونى لياۋنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى . شۇنىڭ بىلەن غەربىي قاراخانىيلار سۇلالىسى غەربىي لياۋغا قارام بۇلدص .  
          
  مىلادىنىڭ 1211-يىلى  
  نايمانلار خانى كۈچلۈك گورخان غەربىي لياۋ پادىشاھى چورۇقنىڭ خانلىق ئورنىنى تارتىۋالدى. غەربىي لياۋ سۇلالىسى مۇنقەرىز بولدى .  
                مىلادىنىڭ 1212-يىلى  
خارەنزىم شاھى مۇھەممەت بىننى مەسئۇد سەمەرقەندنى ئىشغال قىلىپ ، غەربىي قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى ئوسمان بىننى ئىبراھىمنى ئۆلتۈردى . غەربىي قاراخانىلارسۇلالىسى مۇنقەرىز بولدى .  
        
مىلادىنىڭ 1219-يىلى
چىڭگىزخان لەشكەر تارتىپ چىقىپ غەرىبكە يۈرۈش قىلدى . قوجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىدىقۇتى تۈمەنمىڭ لەشكەربىلەن چىڭگىزخانغا قوشۇلدى .
          
    مىلادىنىڭ 1225-يىلى
چىڭگىزخان ئۆزى بويسۇندۇرغان جايلارنى ئوغۇللىرىغا تەقسىم قىلىپ بەردى . 2- ئوغلى چاغاتايغا ۋە 3- ئوغلى ئوگدايغا غەربتىكى كەڭ زېمىننى بەردى . قوجۇ ئىدىقۇت مۇڭغۇللارغا ھەممىدىن بۇرۇن قارام بولدى . شۇڭا قۇجۇ رايونى يەنىلا ئۆزىنىڭ قارمىقىدا بولىۋەردى .
                    
مىلادىنىڭ 1251-يىلى  
مۇڭغۇللار بەشباللىق قاتارلىق جايلاردا ئۆلكە دىۋان ۋازارىتى تەسسىس قىلىپ ، غەربىي رايوننىڭ ھەربىي ، مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدارلارنى تەيىنلىدى . بۇ تارىختا غەربىي رايون بويىچە ھەممىدىن ئەۋزەل تەسسىس قىلىنغان ئۆلكە ۋازارىتى ئىدى .
                    
مىلادىنىڭ 1274-يىلى    
يۇەن سۇلالىسى ئودۇن ، يەركەنلەردە 13 سۇلۇق ئۆتەڭ قۇردى ۋە خوتەن قاش تېشى ئىشچىلىرىنى ھاشغا تۇتۇشنى كەچۈرۈم قىلدى .                        
مىلادىنىڭ 1275-يىلى  
چاغاتاينىڭ نەۋرصسى دۇۋا قاتارلىقلار 12 تۈمەن لەشكەر تارتىپ چىقىپ ، قۇجۇنى ئالتە ئايغىچە مۇھاسىرە قىلۋالدى . ماھاسىرە تۈگىگەندىن كېيىن ئىدىقۇت قۇجۇنىڭ جەنۇبىدىكى قۇمۇلدا بوز يەر ئاچتى .

مىلادىنىڭ 1324-1328-يىللىرى  
ئۇيغۇرلار زىمىنىغا كېيىنكى چاغاتاي خانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلدى .

مىلادىنىڭ 1346-يىلى  
مۇڭغۇل قەبىلىلىرىدىن دوغلات قەبىلىسىنىڭ باشلىقى پىداجى چاغاتاي جەمەتىدىن بولغان تۇغلۇق تۆمۈرنى خانلىققا كۆتۈردى ( ئاقسۇدا ).
مىلادىنىڭ 1370-يىلى  
چاغاتاي خانلىقى مۇنقەرىز بولدى .
مىلادىنىڭ 1383-يىلى  
تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ئوغلى قىدىر خوجا بەشباللىقنىڭ چاغاتاي خانىلىقىغا كۆتۈرۈلدى .  
مىلادىنىڭ 1391-يىلى  
قىدىرخان خوجا ئەلچى تەيىنلەپ مىڭ سۇلالىسىگە تارتۇق ئەۋەتتى . مىڭ سۇلالىسى پادىشاھىمۇ ئەلچى تەيىنلەپ قىدىرخان خوجىغا نامە يوللاپ مىڭ سۇلالىسىنىڭ سىياسىتىنى ئىزھالىدى . شۇنىڭدىن كېيىن تاكى مىڭ سۇلالىسىنىڭ يوڭلار يىلىغا قەدەر قىدىر خوجا ھەريىلى دېگۈدەك مىڭ سۇلالىسىغا تارتۇق ئەۋەتتى .  
مىلادىنىڭ1403-يىلى  
قۇمۇل ۋاڭى ئوڭغۇ تۆمۈر مىڭ سۇلالىسىگە ئەلچى ئەۋەتىپ 4700 ئات تارتۇق قىلدى . مىڭ سۇلالىسىمۇ پۇل قايتۇردى . تارتۇق قىلىنغان ئاتلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى چىگرا قوغدۇغۇچى ئاتلىق ئاتلىق ئەسكەرلەرگە تارقىتىپ بەردى .  
مىلادىنىڭ 1404-يىلى    
مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قۇمۇل ۋاڭنى ئوڭغۇ تۆمۈرنى ساداقەتلىك ، ئىتائەتمەن دەپ ئاتىدى ھەم ئالتۇن مۆھۈر ئىنھام قىلدى .  
مىلادىنىڭ 1680-يىلى  
17- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جەنۇبى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان خوجىلار « ئاق تاغلىق » « قارا تاغلىق » « ئاق تاقىيە » « قارا تاقىيە » دەپ ئىككگە بۆلۈندى ، ۋە ئۆزئارا ھوقۇق تالاشتى .
    17 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە بۇلار ئوتتۇر سىدىكى زىدىيەرت كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلەشتى . يەركەن خانلىقىنىڭ سۇلتانى ئىسمايىل خان قارا قاغلىقلارنى قوللاپ ، ئاق تاغلىقلار نىڭ غوجىىسىنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقاردى . ئاپئاق دالايلاما ۋە جۇڭغارلارنىڭ خانى غالدان بىلەن كۆرۈشۈپ ، جەنۇبى شىنجاڭ دىكى سەئىدىيە دۆلىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەربىي ياردەم سورىدى . شۇيىلى غالدان قوشۇپ بەرگەن ئەسكەرلەرنى باشلاپ كېلىپ يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى . ئاپئاق خوجا جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قورچاق خانى بولدى . بۇ قورچاق خانلىق ھەريىلى جۇڭغارلارغا 100 مىڭ سەر كۈمۈش خىراجەت ، 100 مىڭ ئۇلاغ ماتاچەكمەن تۆلىدى .  
                      
مىلادىنىڭ 1696-يىلى  
جۇڭغارلارنىڭ خانى غالدان ئۆلدى . ئۇنىڭ ئورنىغا چىۋان ئاراپتان ۋارىسلىق قىلدى . جەنۇبىي شىنجاڭدىكلەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلنىپ جۇڭغارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدى .                            
مىلادىنىڭ 1700-يىلى  
چىۋان ئاراپتان لەشكەر تارتىپ كېلىپ ، جەنۇبىي شىنجاڭنى قايتا بويسۇندۇردى ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھۆكىمرانلىق ھوقۇقى ئاق تاغلىقلار قولىدىن قارا تاغلىقلار قولىغا ئۆتتى . جۇڭغار خانى چىۋان ئاراپتان قارا تاغلىقلارنىڭ ئاقساقىلى دانىيال خوجىنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ خانى قىلىپ تەيىنلەپ ، ھەر يىلى جۇڭغارلارغا ئون تۈمەن كۈمۈش پۇل ئولپان تاپشۇرۇشنى بەلگىلەپ ئىلىغا قايتىپ كەتتى . مىلادىنىڭ 1755-يىلى  
چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى جۇڭغار خانلىقىنى يوقىتىپ ، ئۇنىڭ 70 نەچچە يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى .
                                  
مىلادىنىڭ 1759-يىلى  
چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى لەشكەر تارتىپ ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭ- چوڭ خوجا ( بۇرھاندىن خوجا ۋە خوجا جاھان ) لارنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتىپ شىنجاڭ رايونىنى يىڭىباشتىن بىرلىككە كەلتۈردى .
مىلادىنىڭ 1762-يىلى  
چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى شىنجاڭغا قارىتا ھەربىي مەككىمە تۈزىمىنى يولغا قويۇپ ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەربىي ، مەمۇرىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان ئىلى جاڭجۈن مەھكىمىسىنى تەسس قىلدى .
جاڭجۈن مەھكىمىسى ئىلىدىن كۈرەدە تۇردى . ئۇنىڭ قارمىقىدا ، مەسلىھەتچى ئامبال ، دوتۇڭ ، ئىش باشقۇرغۇچى ئامبال ، لەشكەر بېشى ئامباللار بېكىتىلدى .
    ئۇيغۇرلار رايونىدىكى بەگلەرنىڭ نەسەپ بويىچە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ ، بەگلەرنىڭ ھۇقۇقىنى چەكلىدى ۋە تارقاقلاشتۇردى.  
مىلادىنىڭ 1765-يىلى  
ئۈچتۇرپان ئۇيغۇرلىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا ، يەرلىك فېئوداللارنىڭ ئېزىشىگە قارشى قوزغىلىپ ئۈچتۇرپاننى ئازات قىلدى . قوزغۇلاڭ يېرىم يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلدى . چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى قەشقەر ، ئاقسۇ ۋە شىمالىي شىنجاڭدىن ئەسكەر يۆتكەپ بۇ قوزغىلاڭنى باستۇردى . 91  
مىلادىنىڭ 1815-يىلى  
قەشقەر ئۇيغۇرلىرى زىياۋۇدۇنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغصلاڭ كۆتۈردى ، بۇ ۋەقە چىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا يېزىلغان كىتابلاردا « زىياۋىدىن ۋەقەسى » دەپ ئاتالدى .  
مىلادىنىڭ 1822-1828-يىللىرى    
بۇرھاندىن خوجىنىڭ نەۋرىسى جاھانگىر خوجا  جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ چىڭسۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغۇلىڭىغا باشچىلىق قىلدى .  
    1826-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى لەشكەر يۆتكەپ چىقىپ ئۇلارنى باستۇردى . 1828-يىلى جاھانگىر خوجىنى ئەسىر ئىلىپ ، بېيجىڭغا باردى ، ۋە دارغا ئېسىپ ئۆلتۈردى .  
مىلادىنىڭ 1848-يىلى  
جاھانگىر خوجىنىڭ جىيەنى مۇھەممەت ئىمىن ( كاتتا خوجا ) بىلەن ۋەلى خان قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى يەتتە خوجا قوقەندىن لەشكەر تارتىپ كېلىپ قەشقەر ، يىڭسار ، يەكەن قاتارلىق شەھەرلەرنى ئىشغال قىلدى . چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئەسكەر يۆتكەپ چىقىپ ئۇلارنىڭ توپىلىڭىنى تىنچىتتى . جەنۇبىي شىنجاڭدا ئېغىر قىرغىنچىلىق يۈز بەردى . خەلق بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرىدى .)
مىلادىنىڭ 1857-يىلى  
ۋەلىخان تۆرە يەنە بىر  قىتىم توپىلاڭ كۆتۈردى ، بۇ ،  بىر قانچە قېتىملىق خوجىلار توپىلىڭىنىڭ كېڭىيىشى ئىدى . توپىلاڭ تۆت ئاي داۋاملاشتى . چىڭ سۇلالىسى توپىلاڭنى ئاخىر تىنچىتتى. ئۇزاق ئۆتمەي كۇچاردىكى ئۇيغۇرلار ئېغىر ئالۋاڭ -ياساققا ، خورلۇققا قارشى قوزغۇلاڭ كۈتۈردى . قوزغىلاڭ قاتتىق باستۇرۇلدى . چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى جەنۇبىي شىنجاڭغا قاراتقان سىياسىتىدە بىرئاز يول قويۇشقا مەجبۇر بولدى .  
                    
مىلادىنىڭ 1864--يىلى    
كۇچاردىكى ئۇيغۇر ، خۇيزۇ خەلىقلىرى ئالۋاڭ -ياساق ، خورلۇق ، سىتەمگە قارشى ئۇمۇميۈزلۈك قوزغۇلاڭ كۆتۈردى . قوزغۇلاڭ يالقۇنى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىڭى رايونلارغا كېڭىيىپ ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى زور كۆلەملىك دېھقانلار قوزغصلصڭى بۇلۇپ شەكىللەندى .
            
مىلادىنىڭ 1865-يىلى  
قوزغۇلاڭ نەتىجىسىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلۇپ ، بىر -بىرىگە بىقىنمايدىغان بەش ھاكىميەت شەكىللەندى . ئۈرۈمچىدە خۇيزۇ تودىلىن ھاكىمىيتى ، كۇچاردا راشىدىن خوجا ھاكىميىتى ، قەشقەردە سىدىق بەگ ھەكىميىتى ، جىڭ شاڭيىڭ خۇيزۇ ھاكىميىتى ، ئىلىدا مىزامزات ھاكىميىتى مەيدىنغا كەلدى .
    قەشقەردىكى سىدىق بەگ بىلەن شاڭيىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن قوقەند خاندانلىقىدىن ياردەم سورىدى . قوقەند خاندانلىقى جاھانگىر خوجىنىڭ ئوغلى بۇزرۇك خوجا بىلەن قوقەندنىڭ قۇربىشى ياقۇپ بەگنى لەشكەر بىلەن جەنۇبى شىنجاڭغا ئەۋەتتى .  
              
مىلادىنىڭ 1865-1867-يىللىرى  
ياقۇپ بەگ قەشقەر ، يەكەن ،خوتەن ، ئاقسۇ ، ئۈچتۇرپان ، كۇچار ، كورلا ، قاتارلىق جايلارنى ئشغال قىلىپ ، ئۆزىنى « بەدۆلەت» دەپ ئاتاپ قەشقەردە يەتتە شەھەر خانلىقىنى قۇردى .
      
مىلادىنىڭ 1870-يىلى  
ياقۇپ بەگ نىڭ ئەسكەرلىرى تۇرپان ، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارنى ئشغال قىلدى . شىمالىي شىنجاڭدا ئۇنىڭ تەسىر دائىرسى ماناسقىچە كېڭەيدى . تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى بىرقىسىم رايونلىرى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتتى .  
                                        
مىلادىنىڭ 1875-يىلى  
چىڭ سۇلالىسى ياقۇپ بەگ ھاكىميىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ، زوزۇڭتاڭنى چىنچەي داجىن ھەم شىنجاڭنىڭ ھەربىي دوبەنى قىلىپ تەيىنلىدى .  
        
مىلادىنىڭ1876-يىلى  
زوزۇڭتاڭ قوماندانلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەسكەرلىرى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ  ، ياقۇپ بەگكە ھۇجۇم قىلدى . فۇكاڭ ، كومودى، ئۈرۈمچى ، قاتارلىق جايلانى قايتۇرۋىلىپ ، داۋاملىق جەنۇبقا قاراپ ئىلگىرلىدى .  
                
مىلادىنىڭ1877-يىلى  
چىڭ سۇلالىسى ئەسكەرلىرى تۇرپان ، توقسۇن ، داۋانچىڭ قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلدى . ياقۇپ بەگ كورلىدا باشقىلار تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى .  
    چىڭ ئەسكەرلىرى داۋاملىق ئىلگىرلەپ كورلا ، كۇچار ، باي ، ئاقسۇ لارغا كىردى . ياقۇپ بەگ  14 يىل ئىشغال قىلغان قەشقەر ، يىڭسار ، يەكەن ، خوتەنلەرنىمۇ ئىشغال قىلدى . ياقۇپ بەگكە قارشى تۇرۇش بىر يېرىم يىل داۋامقىلىپ 1878 - يىلى 1- ئايدا غالىبە بىلەن ئاخىرلاشتى .
          
مىلادىنىڭ 1884-يىلى
چىڭ سۇلالىسى ھۆكىمىتى شىنجاڭنى مەمۇرى ئۆلكىگە ئۆزگەرتىشنى تەستىقلاپ ، ليۇ جىڭتاڭنى پاشاپ بەگلىككە ، خې كوڭتاڭنى شىنجاڭنىڭ سىياسىي ئامباللىقىغا تەيىنلىدى . 1885 - يىلى ليۇ جىڭتاڭ قاتارلىقلار ئارقا -ئارقىدىن ئۈرۈمچىگە كىلىپ ۋەزىپىگە ئولتۇردى .  
                  
مىلادىنىڭ 1911-يىلى  
جۇڭگودا سۇن جۇڭشەن رەھبەرلىكىدىكى شىنخەي ئىنقىلابىي پارتىلدى . ليۇ شەنجۇن باشچىلىقىدىكى ئىنقىلابچىلار ئۈرۈمچىدە قوراللىق قوزغۇلاڭ كوتۈردى .  قوزغۇلاڭغا « گېلاۋخۇي » جەميىتىنىڭ ئەزالىرىدىن 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى .
                  
مىلادىنىڭ 1912-يىلى  
ياڭ زەيشۇي قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى ئىنقىلاپچىلار ئىلىدا قورالىق قوزغۇلاڭ كۆتۈردى . ئىلى چىگرا مۇداپىئەسىدە تۇرۋاتقان چىڭ سۇلالىسى چىرىكلىرىنى تېزلا تارمارقىلىپ ئىلىنى ئىشغال قىلدى . ئىلى جاڭجۈنى ئۆلتۈرۈلدى . ئۇيغۇر ، خەنزۇ ، مانجۇ ، مۇڭغۇل ، زاڭزۇ لاردىن ئىبارەت « بەش مىللەت ئورتاق ئىلگىرلەش جەميىتى » ۋە« يىڭى ئىلى چوڭ دودو مەھكىمىسى » قورۇلدى . ئىلى ئىنقىلاپچىلىرى  قوشۇنى شەرىققە قاراپ داۋاملىق ئىلگىرلەپ ، جىڭ ناھىيەسىدە چىڭ سۇلالىسى چېرىكلىرىنى تارمار قىلدى . شىنجاڭنىڭ پاششەپ بېگ يۇەن داخۇ جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى . شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىلدى .  
شىنجاڭنىڭ ئەدلىيە ئامبىلى قوشۇمچە ئۈرۈمچىنىڭ ۋالىسى ياڭ زىشىن دودو لىققا تەيىنلەندى. شۇ يىلى قۇمۇلدا تۆمۈر خەلىپە ، خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى ياڭ زىشىن ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوزغۇلاڭ كۆتۈرۈلدى . خوتەندە چىريە ناھىيسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چار روسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈرىشى يەنى « چىرا ۋەقەسى » پارتىلدى .  
        
مىلادىنىڭ 1928-يىلى   !
بىر قەدەر ئىلغار ئىدىيىگە ئىگە بولغان ، كونا سىياسەتنى ئسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلدىغان فەن ياۋنەن باشچىلىقىدىكى بەزى ياش ئەمەلدارلار 7 - ئاينىڭ 7-كۈنى سىياسى ئۆزگىرىش قىلپ ، ياڭ زىشىننى ئۆلتۈردى. بۇۋەقە  شىنجاڭدا « 7 -ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىش» دەپ ئاتالدى . سىياسىي تېزلا بېسىقتۈرۈلدى . شىنجاڭ مەمۇرى ئىشلار نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى جىڭشۇرىن پۇرسەتتىن پايدىلنىپ  شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولىغا كۈرگۈزۋالدى .  
            
مىلادىنىڭ1931-يىلى  
قۇمۇلدا خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوراللىق قوزغىلىڭى پارتىلدى . گەنسۇدىكى خۇيزۇ ماجۇڭيىڭ بىلەن بىرلىشىپ جىڭشۇرىن قىسىملىرىغا زەربە بەردى . ئۇزاق ئۆتـمەي بۇ قوزغصلاڭ شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيدى .  
                        
مىلادىنىڭ1933-يىلى  
  4-ئاينىڭ 12 -كۈنى جىڭشۇرىن ھۆكىمىتىدىكى ياش ئەمەلدار تاۋمىڭيۇ ، ئۈرۈمچىنى مۇداپىئە قلۋاتقان ئاق ئورۇس سالداتلىرى بىلەن بىرلىشىپ ، ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىپ جىڭشۇرىننى ھەيدىۋىتىپ ، ليۇۋىنلۇڭنى ۋاقىتلىق ھۆكمەتنىڭ رەئىسى ، شىڭ شىسەينى چىگرا مۇداپىئە دوبەنى قىلىپ تەيىنلەيدۇ .  
    شۇيىلى 11-ئايدا قەشقەردە سابىت داموللا « شەرقىي ئىسلام جۇمھۇرىيتى » قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى . ئەمما جۇڭگودىن ئايرىلىش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىدى . 6
        
مىلادىنىڭ 1935-يىلى     5.
مۇشۇ يىلى 6-ئايدا يوشۇسۇڭ قاتارلىق كىشىلەر شىنجاڭغا كېلىپ ، تەشۋىقات ، تەشكىللەش خىزمەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ كومپارتىيەنىڭ تەسىرنى كېڭەيتتى . شىڭ شىسەي ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەككەملەش ئۈچۈن سىياسىي جەھەتتە سوۋىت ئىتپاقى بىلەن دوست بۇلۇش ، كومپارتىيەنى ھىمايە قىلىش پوزىت سىيىسىنى بىلدۈردى . ئۇ جۇڭگو كومىنىستىلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ۋە تەسىرى ئاستىدا ، « جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش\'» ، « سوۋېت بىلەن دوست بۇلۇش » ، « مىللەتلەر ھوقۇقى باراۋەر بۇلۇش » ، « تىنىچلىقنى ساقلاش » ، « شىنجاڭنى ئىسلاھ ۋە تەمرقىلىش » دېگەن ئالتە بۇيۈك سىياسەتنى ئوتتۇرغا قويدى .  
          
مىلادىنىڭ 1937-يىلى ~9  
9- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۈرۈمچىدە 9- يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ باشقارمىسىنى قۇردى . بۇ  دەسلەپ قۇرۇلغاندا چىڭ يۈن مەسئول بولغان ئىدى ، كېيىن دىڭفا ، چىڭ تىيەنجۈ لەر مەسۇل بولدى .  
            
مىلادىنىڭ 1942-يىلى  
شىڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ئەكسىيەتچىل قىياپىتىنى ئاشكارلىدى . شۇ يىلى 9- ئايدا چىڭ تىيەنجۇ ، ماۋزىمىن ، لىن جىلۇ قاتارلىق يولداشلارنى قولغا ئالدى ۋە 150 نەپەر كىشىنى نەزەربەند قىلىپ كېيىن ئۇلارنى تۈرمگە قامىدى .  
                
مىلادىنىڭ1943-يىلى  
چىڭ تىيەنچۇ، ماۋزىمىن ، لىن جىلۇ قاتارلىق كوممۇنىستلار شىڭ شىسەي تەرپىدىن مەخپى ئۆلتۈرۈلدى .  
                          
مىلادىنىڭ 1942-يىلى 6
شىڭ شىسەي ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرپىدىن دېھقانچىلىق ، ئورمانچىلىق ۋازارىنىڭ ۋازىرلىقىغا  تەيىنلىنىپ شىنجاڭدىن كەتتى .  شۇ يىلى 9 - ئايدا نىلقا ناھىيسىنىڭ خەلقى ئات تەقدىم قىلىشقا قارشى تۇرۇپ ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈردى . 11- ئايدا خەلىقمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ غۇلجىنى ئىشغال قىلدى ، ۋە ۋاقىتلىق ھۆكىمەت قۇردى . قوزغۇلاڭ ناھايىتى تېزلا ئىلى ، تارباغاتاي ، ئالتايدىن ئىبارەت ئۈچ ۋىلايەتكە كېڭەيدى ۋە « ئۈچ ۋىلايەت ئنقىلابىي » دەپ ئالدى .
      
مىلادىنىڭ1946-يىلى  
گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 1945-يىلى 10- ئايدىن باشلاپلا  ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكىمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . 1946- يىلى 6- ئايدا تىنىچلىق بىتىمى ئمزالىنىپ ، شىنجاڭدا مىللىي بىرلەشمە ھۆكىمەت قۇرۇلدى . مەسئۇد سەبۇرى ئۆلكە رەئىسى ، ئەخمەتجان ئەپەندى ئۆلكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئابدۇكېرىم ئابباسوف باش كاتىپ بولدى .  
    
مىلادىنىڭ 1947-يىلى
مۇشۇ يىلى 2- ئاينىڭ 25 -كۈنى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى «25- فېۋرال » ئەكسىيەتچىلىك ۋەقەسىنى پەيداقىلىپ ، «تىنىچلىق» بىتىمىنى يىرتىپ تاشلىدى،ۋە بىرلەشمە ھۆكىمەتنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى رەھبەرلىرى ئىلىغا قايتىپ كەتتى . 5-ئايدا مەسۇد سەبۇرى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكمەتنىڭ رەئىسى بولدى .
  
مىلادىنىڭ 1949-يىلى 5
شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكىمەت ئۆزگەر تىپ تەشكىل قىلىندى . بۇرھان شەئىدى ئۆلكىلىك ھۆكمەتنىڭ رەئىسى بولدى. 8- ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان ئەپەندى ، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ،ئېسھاق بېك ، دەلىلقان سۈرگۈن بايوف ۋە لوجىسلار جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت يىغىنىغا قاتناسماقچى بولۇپ يولغا چىقتى . ئۇلار سوۋېت ئىتپاقى تەۋەسىدىن ئۆتۈپ كېتۋاتقاندا ۋەقەگە ئۇچراپ  مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ۋا خەلق دېموكراتىيە ئىنقىلابى ئىشلىرى يولىدا شەرەپ بىلەن قۇربان بولدى .  
      شۇ يىلى 9- ئاينىڭ 25-26 - كۈنلىرى ئاۋسىيۆ ، بۇرھان شەھىدىلەر تېرگىرامما يوللاپ ھەقىقەتكە قايتتى ... 1949 -يىلى 10-ئايدىن 1951-يىلى 1-ئايغىچە خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى 600 چاقىرىم يول يۈرۈپ  شىنجاڭغا  يۈرۈشقىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۈچ ۋصلايەت ئىنقلابى مىللىي ئارمىيىسى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ، جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسى بىلەن ئۇچراشتى ، ۋە بۇ ئارمىيە جۇڭگو خەلق ئازاتلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلدى -  
              
مىلادىنىڭ 1955-يىلى  
10 -ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى قۇرۇلغانلىقى رەسمىي جاكارلاندى . دوڭبىۋو جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزى كومىتىتىغا ، مەركىزى خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋە رەئىس  ماۋزۇدوڭغا ۋاكالىتەن يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى .


تەھرىردىن : مەزكۇر ئەسەر يىڭى سەلكىن مۇنبىرى ،ۋە چىمبۇلاق مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان ئىكەن ،ئەسلى باشقا تور مۇنبەر ئەسەرلىرى قۇبۇل قىلىنمايتتى، لىكىن بۇتىمىنىڭ ۋەزنى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا بىلىمگە ئىنتىلگۈچى مىسرانىم داشلارنىڭ دىققىتى ئۈچۈن تەستىقلاندى ...   ئەگەر ئەسەر ھوقۇقى دەخلىتەرۇز قىلىندى دىگۈچىلەر ،ياكى تىما ئاپتورى نازازى بولسا بىزگە ئۇچۇر قىلسا بولىدۇ !!

ئۈزەڭنى بىلەي دىسەڭ تارىخىڭنى ئىزدە .يۇقالماي دىسەڭ تىلىڭنى .مەدەنىيىتىڭنى قوغدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13794
يازما سانى: 1550
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5702
تۆھپە نۇمۇرى: 1992
توردا: 843 سائەت
تىزىم: 2010-10-13
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 11:06:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋو ئەسلىدە سەئىدىيە خاندانلىقى غالدان ۋە  دالايلامالار نىڭ قولىدا ھالاك بوپتىكەندە ،بەزى شەھە ر ناملىرىنى ھېچ چۈشەنمىدىم

مەسىلەن

ئىسىپىجان ،قۇجۇ ئۇيغۇرلىرى دىگەن قۇمۇلنى كۆرسىتەمدۇ ،قوقەن دىگە ن خاندانلىق ھازىرقى قايسى شەھەر بولغۇيدى ،

يەنە ئاڭلىمىغان ئىسىملار دىن قەشقەرگە رەھبەرلىك قىلىپ چىڭ سۇلالىسىغا قارشى چىققان بۇ زىياۋۇدۇن دىگەن كىم  ؟

ئۆلۈم يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈلۈك باشلىنىشى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 11:33:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىلادىنىڭ 1680-يىلى   Ex6Kxd}8  
17- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا جەنۇبى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان خوجىلار « ئاق تاغلىق » « قارا تاغلىق » « ئاق تاقىيە » « قارا تاقىيە » دەپ ئىككگە بۆلۈندى ، ۋە ئۆزئارا ھوقۇق تالاشتى . pp2 Jy{\\d  
    17 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە بۇلار ئوتتۇر سىدىكى زىدىيەرت كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلەشتى . يەركەن خانلىقىنىڭ سۇلتانى ئىسمايىل خان قارا قاغلىقلارنى قوللاپ ، ئاق تاغلىقلار نىڭ غوجىىسىنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقاردى . ئاپئاق دالايلاما ۋە جۇڭغارلارنىڭ خانى غالدان بىلەن كۆرۈشۈپ ، جەنۇبى شىنجاڭ دىكى سەئىدىيە دۆلىتىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەربىي ياردەم سورىدى . شۇيىلى غالدان قوشۇپ بەرگەن ئەسكەرلەرنى باشلاپ كېلىپ يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى . ئاپئاق خوجا جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قورچاق خانى بولدى . بۇ قورچاق خانلىق ھەريىلى جۇڭغارلارغا 100 مىڭ سەر كۈمۈش خىراجەت ، 100 مىڭ ئۇلاغ ماتاچەكمەن تۆلىدى .  

~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~

ماۋۇ ئىشلارنى بىلمەيدىكەنمەن ، ئەمدى بىلدىم .
لىكىن مەن سۇلتان سەئىدخاننى زەھەر بىلەن قەسلەپ ئۆلتۈرۈلگەن دىگەن تارىخنامىنى ئوقىغان ئىدىم .

ئاپئاق غوجا ... ھەي ئاپئاق غوجا ...

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28749
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6035 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 11:37:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىگۇناھ ئۆلۈپ كەتلەرنىڭ گۇناھى مەغپىرەت بولغاي !

مۇھتاجىلىق بەك يامان

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 11:42:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى يىلنامىلەر توغرا يېزىلماپتۇ، تارىخى چوڭ ۋەقەلەردىن بەزىلىرى چۈشۈپ قاپتۇ،
ھارمىغايسىز ، رەھمەت سىزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49804
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10872
تۆھپە نۇمۇرى: 3778
توردا: 1946 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 11:45:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىر   قانچە  مىنۇت  ۋاقتىمنى   سەرىپ  قىلىپ  ،   نەچچە   يۈز  يىللىق  تارىخىمىزنى  ئوقۇپ  چىقتىم   .
خېلى  كۆپ   بىلىمگە  ئىگە  بولدۇم    .
ئۇيغۇر  تارىخىغا    رەھمەت    .
مىسرانىم  مۇنبىرىگە  رەھمەت    .
تېما  ئىگىسىگە   رەھمەت    .


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51020
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9843 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 11:46:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم!مىللىتىمىزنىڭ تارىخىدىن خەۋەر قىلغىنىڭىزغا كۆپ مەدھىيە ئوقۇيمەن،يېڭى سەلكىن مۇنبىرىنىڭ تور بېتىنى ئەۋەتىپ بەرسەڭلا بوپتىكەن،كۆرۈپ باقاي دېگەن.

كامال تاپ ئۇيغۇركارخانىلىرى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7631
يازما سانى: 811
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14297
تۆھپە نۇمۇرى: 1501
توردا: 3395 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 12:01:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  XERHAN كە 2011-09-21 11:37 PMئەۋەتىلدى  :
بۇ يەردە مەن چۈشەنمىگەن بىر ئىش چىقىپ قالدى :
ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلىرى مەركەزدىكى سىياسى كېڭەش يىغىنىغا  شىنجاڭدىن گەنسۇ ئارقىلىق بېيجڭغا بارماي ، نىمە ئۈچۈن سوۋىت ئىتىپاقى ئارقىلىق ماڭغاندۇ ؟
سوۋىت ئىتپاقىغا بېرىپ ، موسكىۋادىن ئايروپىلان ئارقىلىق يىغىنغا بارماقچى بولغىيمىدى يا ؟


.......
سىتالىنغا دائىر ماتىرياللاردىن ئىزدىنىپ كۆرگەيسىز .ئىبرەت ئېلىنمىغان تارىخ.تاشقى دۇشمەنگە قاتتىق ئىشىنىش .بۇ توغرىلىق كۆپ سۆزلىگۈم يۇق ......

ئۈزەڭنى بىلەي دىسەڭ تارىخىڭنى ئىزدە .يۇقالماي دىسەڭ تىلىڭنى .مەدەنىيىتىڭنى قوغدا.

كامال تاپ ئۇيغۇركارخانىلىرى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7631
يازما سانى: 811
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14297
تۆھپە نۇمۇرى: 1501
توردا: 3395 سائەت
تىزىم: 2010-8-24
ئاخىرقى: 2014-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 12:16:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 6قەۋەت  توخار كە 2011-09-21 11:46 PMئەۋەتىلدى  :
رەھمەت قېرىندىشىم!مىللىتىمىزنىڭ تارىخىدىن خەۋەر قىلغىنىڭىزغا كۆپ مەدھىيە ئوقۇيمەن،يېڭى سەلكىن مۇنبىرىنىڭ تور بېتىنى ئەۋەتىپ بەرسەڭلا بوپتىكەن،كۆرۈپ باقاي دېگەن.
http://bbs.salkin.in/

ئۈزەڭنى بىلەي دىسەڭ تارىخىڭنى ئىزدە .يۇقالماي دىسەڭ تىلىڭنى .مەدەنىيىتىڭنى قوغدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5314
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8454
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 877 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 12:52:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇجۇ ھازىرقى تۇرپان قاراغوجا يېزسىنىڭ ئورنىدا بولغان قەدىمقى شەھەرمىكى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش