مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 12096|ئىنكاس: 126

«سىيىت نوچى» داستانى توغرىسىدا قايتا ئويل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

تەپەككۇرسىز ھاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36113
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5072
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 2483 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 08:01:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                   «سىيىت نوچى» داستانى توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش
                                                         پاسىل
ئەدەبىيات تارىخىمىزغا نەزەر سالغىنىمىزدا بىرەر يازغۇچى مەلۇم بىر تېمىدا ئەسەر يازسا باشقىلارمۇ شۇ تېمىدا يازىدىغان، ئالدىنقىلار يازغان تېمىنى كېيىنكىلەر قايتا يازىدىغان ئەنئەنىۋى ئادەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بايقايمىز. مەسىلەن، «گېرمانىيىدە 1775- يىلدىن1808- يىلغىچە 29 يازغۇچى فائۇست ① توغرىسىدا رومان يازغان». ② ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزغا قارايدىغان بولساق «پەرھات- شېرىن» ھەققىدە ئەسەر يېزىش ناۋايىدىن نىمشىھتقىچە، ھەتتا بۈگۈنگىچە ③داۋاملىشىۋاتىدۇ.
يۇقارقى پاكىتلار مېنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن خېلى بۇرۇنلا قەلەم تەۋرىتىلىپ، كۆز قاراشلار ئاساسەن مۇقىمدىلىپ قالغان «سىيىت نوچى» داستانى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىنى قايتا ئەزۋەيلىشىمگە ئىلھام بولدى.
سىيىت نوچى خەلقىمىزدىن چىققان كۈچتۈنگۈر پالۋان بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە دىيارىمىزدا قوزغالغان دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تونۇلىدۇ. زۇلۇم، ئىكىسپىلاتسىيەگە قارشى كۈرەش مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ جاھانكەزدىچىلىكىنى باشلايدۇ. ئۆزىنىڭ كۈچتۈنگۈر باتۇرلىقى، ئادالەتپەرۋەرلىكى، مەرتلىكى بىلەن نەدە تەڭسىزلىك، زۇلۇم بولسا شۇ يەردە پايدا بولۇپ، كۆكرەك كىرىپ چىقىپ ئادالەتنى قوغداپ پەقىرلەرگە باش- پاناھ بولىدۇ. ئۇ قايسى يۇرتقا بارسا خەلق بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ. يەرلىك ئەمەلدارلار ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىسا تەشۋىشلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. سىيىت نوچى يۇرت كېزىپ ئۈچتۇرپانغا كەلگەندە زۇلۇم ئىكىسپلاتسىيەنىڭ ئېغىرلىقىدىن يۈرىكى ئىزىلىپ كەتكەن خەلقنىڭ پالۋاندىن ئايرىلغۇسى كەلمەي، پالۋان ئۈچتۇرپاندا ئۇزۇنراق تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. سىيىت نوچىنىڭ ئۈچتۇرپاندا پەيدا بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ماشىياۋۋۇ④ ئۇنى كۆزدىن يوقۇتۇپ مىرادىغا يەتمەك بولىدۇ. ئەمما پالۋاننىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئابرويىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى سەزگەندىن كېيىن، ئۈچتۇرپاندا ئۇنىڭغا بىۋاستە قول سېلىشقا پېتىنالماي« ھىيلە ئىشلىتىپ،سىيىت نوچى ئارقىلىق ماتىتەي(5)نى،ما تىتەينىڭ قولى ئارقىلىق سىيىت نوچىنى يوقاتماقچى بولىدۇ ۋە سىيىت نوچى بىلەن قۇرئان تۇتۇشۇپ ئاغا –ئىنى بولۇشىدۇ .سىيىت نوچىنىڭ قولىغا بىر پارچە خەت تۇتقۇزۇپ،يول خىراجىتى بېرىپ ئۇنى قەشقەرگە يولغاسالىدۇ.ئاغزى چاپلانمىغان خەتنى ئاخكۆڭۈل سىيىت نوچى ئوقۇتۇپ كۆرمەيدۇ.جۇدوتەي) 6(خەتنى ئېلىپ ئوقۇپ ھەيران بولۇپ ، :تۇڭچىسىغا:<ئۇ تولىمۇ ئاخكۆڭۈل ،ساددا ئادەمكەن .بۇخەتنىڭ ئۇنىڭ ئۆلۈم خېتى ئىكەنلىگىنى ئۇختۇرۇپ قويۇڭلار،قېچىپ كەتسۇن! >دەيدۇ.سىيىت نوچى ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن :<    قاچسام باشقىلارنىڭ سىيىت نوچى ئۆلۈمدىن قورقۇپ قاچقان،دىگەن ئۆسەك سۆزىگە قالىمەن!>دەپ قېچىپ كەتكىلى ئۇنىمايدۇ.كىشىلە  جاللاتنى سېتىۋېلىپ،ئۇنىڭ ئۆلمەيدىغان يېرىگە ئاتقۇزغان بولسىمۇ،لېكىن سىيىت نوچى ئۆزىنى ئېتىۋېتىش توغرىسىدا چىڭ تۇرىۋالىدۇ.ئاخىرى ئېتىپ ئۆلتۈرلىدۇ»7)).بۇ قانلىق پاجىەنىڭ شاھىدى بولمىش ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز ئەۋلاتلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك ئبرەت ئېلىشى ئۈچۈن،قانلىق ياشلىرى ئارقىلىق«سىيىت نوچى»داستانىدىن ئبارەت تەۋەرۈكنى قالدۇرۇپ كەتكەن.
گەرچە سىيىت نوچى بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغانغا يۈز يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، خەلقىمىز ئۇنىڭ باتۇرلىقىنى، زۇلۇمغا، خورلۇققا تەڭسىزلىككە قارشى تۇرىدىغان، ناھەقچىلىقنى كۆرگەندە سۈكۈت قىلىشنى نومۇس دەپ بىلىدىغان ئېسىل خىسلەتلىرىنى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا سېغىنىپ ئۇدۇم قىلىپ، ئەۋلات تەربىيەسىنىڭ خېمىرتۇرۇچى قىلىپ كەلدى. داستاندىن باشقا  بىر قىسىم تارىخى مەنبەلەر( 8)مۇ ئسپات بېرىپ تۇرۇپتىكى، سىيىت نوچى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «باتۇر، ئەقىل- پاراسەتلىك مىللەت» دېگەن نامىغا مۇناسىپ قەھرىمان. ئۇنىڭ قەھرىمانلىق تارىخىنى، خەلقىمىز قەلبىدىكى بۈيۈك ئوبرازىنى ھەر قانداق ۋاستە بىلەن بۇرمىلاش ياكى چىقىرىپ تاشلاش مۇمكىن ئەمەس.
ئەپسۇس، بىزنىڭ بىر قسىم مەتبۇئاتلىرىمىزدا سىيىت نوچىدىن ئىبارەت مەشھۇر خەلق قەھرىمانى، جامائەت ئەربابىنىڭ نۇرلۇق ئوبرازىنى خىرەلەشتۈرىدىغان، بولۇپمۇ ساددا كىتابخانلار قەلبىدە سىيىت نوچى ئوبرازىغا نسىبەتەن، داۋالغۇش پەيدا قىلىپ قويىدىغان ئايرىم قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقتى.  مەسىلەن:ئىسلاھاتتىن بۇرۇن تۈزۈلگەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ 3-قىسمىغا «سىيىت نوچى» داستانىدىن پارچە بېرىلگەن بولۇپ،ئۇنىڭدا:«بىرى،ساۋاتسىزلىق، نادانلىق سىيىت نوچى پاجىەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ مۇھىم ئامىل.يەنە بىرى،ھاياتلىق.ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى قەدىرلىمەي،دۈشمەننىڭ ھىلى-نەيرەڭلىرى ئالدىدا خۇدىنى يوقۇتۇپ،ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىش -تولىمۇ ئەخمەقلىق.سىيىت نوچى دەل بۇ ئىككى نوختىدىكى ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن بىھۇدە ئۆلۈپ كەتتى،ئۆز ئۆلۈمىگە ئېچىنىپمۇ قويمىدى»(9)دىيىلىپ،گۈدەكلەرگە سىيىت نوچى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈلدى. 1995- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجاتكارنىڭ قىسمىتى» ناملىق ماقالىدە: «..... سىيىت نوچىدەك ئەخمەق، مۇناپىقسىمان ئادەملەرنى يۈز يىللاپ سېغىنىپ، ئۇلۇغلاپ، شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ ماختىشىدۇ، «مىللىي قەھرىمان» دەپ تەرىپلىشىدۇ. سىيىت نوچى ھاياتىدا خەلقنىڭ شىللىسىگە مىنگەن زالىملاردىن بىرەرسىنى ئۆلتۈرگەنمۇ؟ بىرەر ئىش تەۋرەتكەنمۇ..... دېگەنلەرنى ئويلاپ باقمايدۇ. ئەجىبا ئۇ، ئۈچتۇرپان ھاكىمىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۈچتۇرپان خەلقىنىڭ قېنىنى شوراۋاتقان بىر زالىمنىڭ يېنىدا دوست بولۇپ تۇرۇشقا ماقۇل بولدىغۇ؟ شۇنىڭغا راۋاپ چېلىپ بېرىپ، شۇنىڭ كۆڭلىنى ئاچتىغۇ؟ مۇشۇغۇ بىزنىڭ مىللىي قەھرىمانىمىز؟! تىللاردا داستان قىلىدىغان نوچىمىز......» دېيىلدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، تەپەككۇرۇم خېلى بىر مەزگىلگىچە غىدىقلىنىشتىن توختىمىدى. مەن بۇ ماقالىگە چوقۇم كىتابخانىلار ئىنكاس قايتۇرىدۇ دەپ ئويلىدىم. ئەمما ھېچكىم ئىنكاس قايتۇرمىدى. ئارىدىن 8 يىل ئۆتۈپ  «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2003- يىللىق6- سانىغا «سىيىت نوچىنىڭ ئەرزى» ناملىق فىليەتۇن بېرىلدى. فىليەتۇندا گەرچە سىيىت نوچىنى نادان، ساۋاتسىز بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەن دېگەن ھۆكۈمگە رەدىيە بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇ ئەسەر مېنى تازا قانائەتلەندۇرەلمىدى. ئۈمۈت بىلەن يەنە بىر مەزگىل كۈتتۈم، ئەمما بۇ ھەقتە قايتا بىرەر ئىنكاس بولمىدى.ئاخىردا بىر قسىم پىكرى ئويغاق كەسىپداشلىرىمنىڭ ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى بىلەن پىكرىمنىڭ چولتا، قەلىمىمنىڭ گاللىقىغا باقماي «سىيىت نوچى» داستانى توغرىسىدا كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇھىم دەپ قارىدىم.
قەھرىماننى مۇئەييەن بىر تارىخى دەۋىر يارىتىدۇ. ئالاھىدە شارائىتتا ئالاھىدە ئادەملەر مەيدانغا كېلىدۇ. سىيىت نوچىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ ئالدنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ ئالاھىدە شارائىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن. بىز سىيىت نوچىغا باھا بەرمەكچى بولىدىكەنمىز ئەينى دەۋىردىكى سىيىت نوچىنى ئۆستۈرگەن مۇھىت ۋە شارائىت، ماكان ۋە زامان بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ناۋادا بىز بۇ مەقسەتكە يىتەلىسەك ئاندىن سىيىت نوچىغا ئادىل، كىشىلەر قايىل بولغىدەك باھانى بېرەلەيمىز.«مۇئەييەن بىر تەتقىقات شۇ تەتقىقاتچى ياشاۋاتقان دەۋىرنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلمىسە، سېلىشتۇرۇلمىسا ئۇنىڭ ھېچ بىر ئەھمىيىتى بولمايدۇ» شۇنداقلا ئەسلىي ماكان ۋە زامان بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان تەتقىقاتمۇ ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتقان بولىدۇ.
ئىمان، ئېتىقاد، ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق يوسۇنلىرىمىز كرزىسقا دۇچ كەلگەن. ئىناقلىق، بىرلىك، مەرتلىك، ۋاپادارلىق، ئىنسانىي مېھرى- مۇھەببەت سۇسلاپ كېتىۋاتقان دەۋرىمىزدىكى سىيىت نوچىلارغا نىسبەتەن «ئامانەتكە خىيانەت قىلىش» ھېچ گەپ ئەمەس بولۇپ قالدى.لېكىن، بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئۆز قولى بىلەن جاللاتقا تاپشۇرۇپ بەرگەن سىيىت نوچى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئايرىم كىشىلەر تەرىپىدىن «ساۋاتسىزلىق»، «نادانلىقنىڭ تىمىسالى بولۇپ قالغان بولۇپ، ھەققانىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ سىيىت نوچىغا قىلىنغان ھاقارەت، خەلق قەھرىمانىغا قىلىنغان تۆھمەت. دىنىي ئېتىقاد، ئەنئەنىۋى ئەخلاق يوسۇنلارنىڭ ئەينى دەۋىردىكى تەسىر كۈچى شۇنداق كاپالەت بېرەلەيدۇكى، ئەينى دەۋىر مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن سىيىت نوچى ھەرگىزمۇ «ئامانەتكە خىيانەت» قىلمايدۇ. ناۋادا ئۇ «ئامانەتكە خىيانەت» قىلىش غەرىزىدە بولغان بولسا، ساۋاتسىزلىق ئۇنى توسۇپ قالالارمىدى؟ چۈنكى ئەينى ۋاقتىدا سىيىت نوچىنى چىرىكلەر يالاپ ماڭمىغان ياكى پايلاقچىلار ئىزىغا چۈشىۋالمىغان، بىر ئەركىن يولۇچى سۈپىتىدە ماڭغان تۇرسا!
ماقۇل بىز ئۇنى ساۋاتسىزلىقنىڭ كاساپىتىدىن شۇنداق قىسمەتكە دۇچ كەلگەنمۇ دەيلى. بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن خەنزۇ تىلىدىكى قول يازمىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمىگەن بىر ئۇيغۇرنى بۈگۈنكى كۈندە ساۋاتسىزلار قاتارىغا چىقىرۋېتىشنىڭ ئۆزى ئىلمىيلىك ئەمەس. خۇيزۇلار خەنزۇ تىل- يېزىقنى قوللىنىدۇ. ئەينى چاغدا سىيىت نوچىغا خەت يېزىپ بەرگىنىمۇ، خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچىمۇ خۇيزۇ. دېمەك خەتنىڭ خەنزۇتىلىدا يېزىلغانلىقىدا شەك يوق.ھالبۇكى بىز بىر ئەسىر بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇرنى خەنزۇتىلىدىكى قول يازمىنى «ئوقۇيالمىغان» لىقى ئۈچۈن ساۋاتسىز، دەپ ئەيىپلەۋاتىمىز. ھازىر بىزنىڭ مائارىپىمىزدا خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشى قانچىلىك دەرىجىدە چىڭ تۇتۇلىدىغانلىقى، ئۇنى يولغا قويغىلى قانچىلىك ۋاقىت بولغانلىقى ھەممىمىزگە ئايدىڭ. ناۋادا سىيىت نوچىغا قويغان ئۆلچەمنى 100 يىل كەينىگە سۈرۈپ بۈگۈنكى ئادەملىرىمىزگە قويساق، خەنزۇ تىلىدىكى قول يازمىنى ئوقۇيالماي قانچىلىكىمىز «ساۋاتسىز» بولۇپ قالارمىز؟!
ھەممىمىزگە شۇ نوختا ئېنىق بولۇشى لازىمكى،سىيىت نوچى بۇنىڭدىن بىر ئەسىر ئاۋۋالقى زاماننىڭ نوچىسى، تەڭسىزلىككە، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇپ، ئادالەتنى ياقلايدىغان پالۋان، خەلق قەلبىدە يۈكسەك ئوبراز تىكلىگەن جامائەت ئەربابى بولۇپ، ئۈچتۇرپاندەك بىر يۇرتنى ئالقىنىدا ئوينىتىۋاتقان كاتتا ئامبالنىڭ ئۇنىڭغاچېقىلىشقا پېتىنالماي دوتەينىڭ ئالدىغا ماڭدۇرىشى، تۆھمەت قىلىپ بوينىغا تاقاق، پۇتىغا ئىشكال سېلىپ، تۆت چىرىككە ھەيدىتىپ يولغا سېلىشقا پېتىنالماي ئۇستىلىق بىلەن ھىيلە ئىشلىتىشلىرى،قىسقىسى، ئامبالنىڭ شۇنچىۋالا ئېھتىيات قىلىشلىرى بىزنىڭ سىيىت نوچىنى چۈشىنىۋېلىشىمىزغا يېتەرلىك ئاساس بولالايدۇ. ناۋادا بەزىلەر ئېيىتقاندەك سىيىت نوچى «مۇناپىقسىمان» ، «قۇل مىجەز» ئادەم بولسا، شۇ چاغدىكى خەلق ئۇنى بېشىدا كۆتۈرەرمىدى؟ ناۋادا خەلق ئارسىدا سىيىت نوچىنىڭ شۇنچە ھۆرمىتى بولمىغان بولسا ئامبال ئۇنىڭدىن تەپ تارتىپ يۈرەرمىدى؟! تارىخ شۇنىڭغا كاپالەت بىرىدۇكى، مۇناپىق ھىچقاچان ئاۋامنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشەلىگەن ئەمەس.
داستاندا ھەقىقەتەن ساۋاتسىزلىق ___ سىيىت نوچى پاجىئەسىنىڭ مەنبەسى دېگەن ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن، ھەم داستان ۋەقەلىكىدە قىسىمەن زىددىيەتلىك تەركىبلەر ساقلانغان. مەسىلەن، داستاننىڭ باش قىسىمىدا سىيىت نوچى ئۆز زامانىسىنىڭ ئەقىل- پاراسەتلىك، تەڭداشسىز باتۇرى، خەلق قەھرىمانى، سەزگۈرلىكى، ھۇشيارلىقى بىلەن ئۆزىنى ۋە خەلقنى قوغداپ كەلگەن ئەزىمەت قىلىپ تەسىۋىرلەنگەن بولسا، ئاخىرىدا نادان، ساۋاتسىز، قىلىپ تەسىۋىرلەپ قويغان. ئىش قىلىپ ئىككى خىل تەسۋىر ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، داستان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەر بولۇپ، ئېغىزدىن- ئېغىزغا، دەۋىردىن- دەۋىرگە، زاماندىن- زامانغا كۆچۈش جەريانىدا دەۋىرنىڭ تامغىسى بېسىلغان، مەدداھلارنىڭ، رەتلىگۈچىلەرنىڭ، قەلەمگە ئالغۇچىلارنىڭ ئىدىيە ۋە دۇنيا قارشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.بۇ ئەھۋالنى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مۇتەخەسسلىرىنىڭ نەزىرىدىن يىراقتا قالغان دىيىشكە بولىدۇ.
ئەمدى بىز سىيىت نوچىنى «نادان» دەپ تۇرايلى.
«نادان» دېگەن سۆز- «ئىلىم- پەندىن خەۋەرسىز، ئاڭ چۈشەنچىسى نىسبەتەن تۆۋەن، تەربىيە كۆرمىگەن، زېھىنى ئىقتىدارى تۆۋەن، دۆت، گالۋاڭ»(10)... دېگەندەك مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بولۇپ، سىيىت نوچى خاراكتېرىگە ھەرگىزمۇ ماسلاشمايدۇ. يەنى «نادان» بىلەن «سىيىت نوچى» ئۆز ئارا سىغىشالمايدىغان قارىمۇ- قارشى ئىككى ئۇقۇم خالاس!
بىزدە ئىسلام دىنىي ئارقىلىق كىرىپ ئېڭىمىزغا سىڭىپ كەتكەن. يالغان سۆزلەشتىن چەكلەپ راستچىل، سەمىمىي بولۇشقا ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان «لەۋزى ھالال» دەيدىغان پەرھىز سۆزىمىز بار. شۇ سەۋەبتىن بىز باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققانلىكى سۆزىگە شەكسىز ئىشىنىمىز، ھەرگىزمۇ گۇمانلىنىپ باقمايمىز.
ئازاتلىقتىن ئىلگىرىكى تارىخىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق شۇ نەرسە ئېنىقكى، باشقىلار بىزنى «لەۋزى ھالال» دېگەندىن ئىبارەت پىسخىك ئاجىزلىقىمىزدىن تۇتىۋېلىپ، تارىختىن بۇيان، «لەۋىز»__ گەپ بىلەن ئالداپ «بۆكىمىزگە چىگدە سېلىپ» كەلگەن. بىز تارىختا ئۆتكەن باتۇرلىرىمىز، پالۋانلىرىمىز، سەركەردەلىرىمىز يول باشچىلىرىمىزنىڭ قىسمەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، تراگېدىيسىنىڭ بىر خىل شەكىلدە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تارىخ ۋە ئىدىيىۋى چەكلىمىلىك تۈپەيلىدىن، بىر قېلىپتا نادانلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. ئەمما بۇ يەردە دېيىلگەن «نادانلىق» ئاق كۆڭۈللۈك، سەمىمىيلىك، ساددىيلىق باشقىلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىشتەك ئاجىزلىقىمىزغا قارىتىلغان. ناۋادا بۈگۈنكى كۈندە بىز ئەشۇ قەھرىمانلىرىمىزدىن بىرگىنە سىيىت نوچىغا ئېسىلىۋېلىپ، سەن «ساۋاتسىز»، «نادان»، «مۇناپىق» قەھرىمانىمىز ئەمەس، دېسەك، ئەينى دەۋىردىكى ئەجداتلىرىمىزنى نادانلار قاتارىغا چىقىرىۋەتكەن بولىمىز خالاس!
مەن ھەر قېتىم «سىيىت نوچى» داستانىدىن سىيىت نوچىنىڭ ئانىسىغا توغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت- مەھەللىسىگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىنى ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ توسۇپ قالالمايدىغانلىقى، ئانىسى ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كىچەلەيدىغان ئىنسانىي خسلىتى ھەققىدىكى تەسىۋىرلەرنى ئوقۇۋاتقان چېغىمدا قاتتىق ھاياجانلىنىمەن. نۆۋەتتىكى رىئاللىقىمىزدىن ئېلىپ ئېيتىدىغان بولساق، ئازراقلا راھەتكە ئېرىشىپ قالسا تۇققان ئانىسىدىن، يۇرتىدىن ھەتتا مىللىتىدىن ۋاز كىچىدىغان، ئانىسىنىڭ پەرزەنت كۈيىكىگە چىدىيالماي قاغان چاغدىكى «بالام، جان– چىگرىم، ياشىنىپ قالدىم كۆزۈمنىڭ يۇرۇق ۋاقتىدا سېنى بىر كۆرۈۋالاي...»دىگەندەك زارلاشلىرىغا خىلمۇ-خىل باھانىلەرنى كۆرسۈتۈپ ئانىسىنى يوقلاپ بارمايدىغان، ھەتتا خىجىلمۇ بولماستىن ، ئانىسىغا ئۆزىنىڭ «كاتتا» ئەرباب بولۇپ كەتكەنلىكى، ئوغلىدىن غەم قىلماسلىقى لازىملىقى ھەققىدە پونى بولۇشىغا ئاتقاندىن كېيىن «...ئانا ،خېنىم ئانا! چايغا ناننى جىق سېلىپ ئىچ ئانا، مېنىڭ بەختىم ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇر...» (11) دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپ قويىدىغان بىر قىسىم ئىمانى يىگىلەپ كەتكەن ياشلىرىمىز كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ، ئىچىمگە ئۈششۈك ھەرىسى كىرىۋالغاندەكلا بولۇپ كىتىمەن .ئويلابباقسام بىز ئەجداتلىرىمىز ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا ئۇدۇم قىلىپ،مەنىۋى ئۇزۇق ئېلىپ كېلىۋاتقان مىللى روھنى
قەدىرلىمىگەن ئۇلۇغلىمىغان،ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغانلىغىمىز ئۈچۈن ،ئۇ بىباھا ئەڭگۈشتەرلىرىمىز بىزنى تۇلىمۇ يىراققا
تاشلاپ كىتىپتۇ.بۈگۈنكى كۈندە مەنىۋى جەھەتتىن ئېچىرقاپ شۇدەرىجىگەبېرىپتىمىزكى،بىزنىڭ دەستىمىزدىن ئۇلۇغلىرىمىز پانىي ئالەمدىلا ئەمەس،گۈرىدىمۇ خاتىرجەم ياتالمايدىغان بوپتۇ.
سىيىت نوچى قانداقلا بولمىسۇن راھەت- پاراغەتلىك تۇرمۇشتىن ۋاز كىچىپ «ئانامنىڭ قېشىغا بارىمەن» دىيەلىدىغۇ، قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ دوتەي يامۇلىغا ئەمەس، ئانىسىنىڭ قېشىغا كىردىغۇ، يۇرت مەھەللە كوي بىلەن جەم بولۇپ ھال- مۇڭ بولدىغۇ، ئۇنىڭ قەلبىدە ھەر زامان ئانا مۇھەببىتى، يۇرت سۆيگۈسى ئۈستۈن ئورۇندا تۇردىغۇ...
ئۇنىڭ مەرىتلىك بىلەن جاكارلىغان مۇنۇ كەلىمىسىنى .ئوقۇرمەنلەرگەئەسلىتىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ:
ئامانەتكە خىيانەت
نامەرت ئىشىدۇر.
پالاكەتنىڭ ئامرىقى
قورققان كىشىدۇر.
ھاياتىمدا نامەرتلىك
قىلغان ئەمەسمەن.
جاننى ئالتۇن- كۈمۈشكە
ساتقان ئەمەسمەن.
قاراڭ ،بۇ يۈرەك سۆزلەر ئۇنىڭ ئىشەنچ ۋە ئىتىقات جەھەتتەمۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى،ئېسىل ئەنئەنىۋى ئەخلاق- يوسۇنلارغا ساداقەتمەنلىكىنى، ئامانەتكە خىيانەت قىلىشتەك نامەرتلىكتىن ھەزەر ئەيلەيدىغانلىغىنى ،ناھەقچىلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلىشنى نومۇس دەپ بىلىدىغان مەردانە پالۋان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ! مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ سىيىت نوچىنى قەھرىمانىمىز، نوچىمىز دېيىشىمىز ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟!
   ئىزاھات: : ① فائۇست  __ (1541- 1488) گېرمانىيىدە ئۆتكەن تارىخى شەخس.
② مۇھەممەت ئىمىن «چەتئەل ئەدەبىياتى» شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى. 1998- يىلى 10- ئاي 1- نەشىرى.
③ نورمۇھەممەت توختى «تەڭرىتاغ» ژورنىلىنىڭ 2007- يىللىك 3- سانى «پەرھات- شېرىن»
④ ماشىياۋۋۇ __ ئەينى دەۋىردىكى ئۈچتۇرپان ئامبىلى
(5)  ماتىتەي__ئەسلىئسمى مافۇشىڭ بولۇپ،ئۇ ئەينى دەۋىردىكى قەشقەرنىڭ تىتەي(ھەربى ئەمەلدار)ى
(6)  جۇدوتەي__ئەينى دەۋىردىكى قەشقەرنىڭ دوتىيى
(7)(8)  شىرىپ خۇشتار «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر» شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى
2000-يىلى9-ئاي1- نەشرى 309 -،310-،311-بەتلەر.
(9)ئازات «ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ۋە ساپا مائارىپى» شىنجاڭ خەلىق نەشىر ياتى 2002-يىلى8-ئاي1-نەشرى.
(10)غەنزات غەيۇرانى قاتارلىقلار «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1999- يىلى 8- ئاي 1- نەشىرى1093-بەت .
(11) مەرھۇم ھەسەن يۈسۈپ  قاتارلىق ئارتىسلىرىمىز  ئورۇنلىشىدىكى «سەھنە ئىتوتى» دىن ئېلىندى.
مەنبە :ئۆزۈم
/

ھازىرغىچە 9 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
koktash + 100 سىيىت نوچىدەك بولۇشقا تىرىشايلى!
mahbusman + 100 نەق كۆڭۈلدىكى گەپلەر!!!
boran114 + 100 ھەق گەپ
parwin + 333
hokumran + 500 پىكرىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق.
barnakiz886 + 100 بەك ئىسىلكەن
alzaman + 500 قەلبىمىزنىڭ قىتىدىكى گەپ
qartekin + 200 ياخشى ماقالە!~
xiwas1- + 500 رەھمەت

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 2433   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4543
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28271
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6038 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 09:18:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمەك ________________________ بۇ تىمىدىن سىيىت نوچى گاڭگۇڭ
دىگەن يەكۈن چىقىدىكەن ،

ئاۋۇ سىيىت نوچى گاڭگۇڭمۇ ياكى ئەخمەقمۇ دىگەن تىما ئاستا توختاپ قالسا بولغىدەك !

مىنىڭچە ئۇنى تالاش تارتىش قىلغاننىڭ پايدىسى يوق ، ئۆزىمىز ئەخمەت دەپ ئويلىساقمۇ گاڭگۇڭ دەپ ئويلىساقمۇ بولىدۇ ، ئۇنى ئۇنداقمۇ مۇنداقمۇ دەپ باشقىلارغا مەسلىھەت سالمىساقمۇ بولامدىكىن دەيمەن .
تارىخى شەخىسلەرنى باھالاشقا ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارتۇقچىلا بىر ئىش !

مۇھتاجىلىق بەك يامان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2975
يازما سانى: 329
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12386
تۆھپە نۇمۇرى: 367
توردا: 1923 سائەت
تىزىم: 2010-6-24
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 09:21:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى دەپ ئۇ تىمىنى يوققا چىقارساق
ئەمما ئۇ تىمىنىڭ ھەقىقەتەن داۋلىيسى بار

سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت...
ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا...
ئۈمىدسىزلىك ئىمانسىزلىق.
ئۈمىدنىڭ تومورى ئۈزۈلسە ھاياتلىقنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ...

21-ئەسىردىكى سىيىت نوچى !!!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5662
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11053
تۆھپە نۇمۇرى: 528
توردا: 2917 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 09:28:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىخ قەھرىماننى يارىتىدۇ .

باھانەڭنى قوي

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14868
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2014-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 09:29:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ بىر ياخشى تىما يوللاپسىز ، جىق ئىزدىنىپسىز ، ھارمىغايسىز،
سىيت نوچىنى ئاخماق دىگەن كىشىلەر مىللىتىمىزنىڭ مۇناپىقلىرى، ئۇ ئۆزىنى بىلمەي خەلىق قەھرىمانلىرىغا بۆھتان چاپلىغانلار مىللىتىمىزنىڭ خائىنلىرى ئىتلىرى ئۇلات تارىخ بېتىدىن يوقالسۇن

تاشپاقا مۇنبىرى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8592
يازما سانى: 446
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9676
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 2691 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 09:31:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارتۇق گەپ ھاجەتسىز ، سىيىت نوچى ئىسمى جىسمىغا لايىق نوچى، گاڭگۇڭ ،قەھرىمان ، ئۇنى ئۇنداق بۇنداق دەيدىغانلار ھەرگىزمۇ ئۇنى چۈشىنىپ، ئىش ئىزلىرىنى بىلىپ سۆزلىگەنلەر ئەمەس، پەقەت ئابدۇكېرىم ئابلىزنى ياقتۇرمايدىغانلار .ئەگەر ئاشۇ ئېتوتنى باشقا بىرى ئوينىغان بولسا بۇنچىۋالا چىچاڭشىماس ئىدى !~~!

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3046
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22917
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6867 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 09:48:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىيىت نوچىنىڭ قانداق ئادەم  ئىكەنلىكى ئاتاقلىق ناخشىچىمىز مەھمۇد سۇلايمان ئوقۇغان سىيىت نوچى دېگەن ناخشىدا ئېنىق ئىپادىلەنگەن.

سىيىت نوچى قوشقى


ئەزىز ئانا قەشقەرنىڭ سىپىل تىشىدىن،


شىرىن شەربەت سۈيى بار تۈمەن قىشىدىن.


خۇمدانچىلار مەھەلىسى كۆزىچى يار بىشىدىن،


قورقماس بولۇپ تۇغۇلغان سىيىت نوچىمەن.


خەقنى ئۇرۇپ سوقمايمەن ھاپتال ئەمەسمەن،


يا قەلەندەر دىۋانە رەمبال ئەمەسمەن.


كىچىكىگە كىچىك مەن ئامبال ئەمەسمەن،


مەرد يىگىتنىڭ سىردىشى سىيىت نوچىمەن.


سىيىت، سىيت نوچى.سىيىت ،سىيت گاڭگۇڭ


مانا بۇ 95-يىلى مەھمۇد سۇلايمان ئوقۇغان سىيىت نوچى دېگەن ناخشىنىڭ تولۇق تىكىستى .

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45034
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4770
تۆھپە نۇمۇرى: 238
توردا: 3635 سائەت
تىزىم: 2011-6-20
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 09:50:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل!

روھىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ.(سۈرە شەمىس 9-ئايەت).

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13794
يازما سانى: 1562
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5741
تۆھپە نۇمۇرى: 1992
توردا: 849 سائەت
تىزىم: 2010-10-13
ئاخىرقى: 2015-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 10:22:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا مۇشۇنداق ئىلمىي پاكىت ئۆتكۈر پىكىرلەرگە ئەلۋەتتە قايىل بولىمىز .

ئۆلۈم يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈلۈك باشلىنىشى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1365
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51375
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9949 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 10:28:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئىلمىي،يەكۈنى توغرا،سىتاتا مەنبەلىرى تۇلۇق،مېنى قايىل قىلدى بۇ يازمىڭىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش