ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 27قەۋەت نۇربىيە كە 2011-09-22 11:18 PMئەۋەتىلدى 25قەۋەتتىكى($UQKUN$) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش :
ۋىيەي يالغانمىتى ئەمسە ؟ قەشقەرلىكىنڭ قىېيىنئانىلىقى راستىنلا بەك يامانغۇ ؟ باشقا يۇرۇتلۇق قىزلار قەشقەر ئاتۇشىنڭ قېيىن ئانىلىرىنڭ خىزمىتىدىن يەنى دىگەن يېرىدىن چىقىپ بۇلالمايدۇ قەشقەرلىك قىزلاردىن باشقىىلىرى ، سىز نىمانچە ئۆزىڭىزگە ئەپ كەتىتڭىز ؟ ھىچكىم ئۇلۇغ ئاتا ئانىسىنى ئەسكى دىگەن گەپ يوققۇ ؟ خۇدايىم يۈزمىڭ ساقلىسۇن ،(ياخشى قىز يۇرتىدىن چىقماس )دىگەن گەپ بار كونىلارىنڭ ؟
سىز نەلىك؟؟؟ غۇلجىلىق تارانچىنى كۆرمەپسىز، يۇرتۋازلىقتىن سۆزلەپ قالسام، قەشقەرلىق قورساققا يېيىشكە چىدايدۇ، توختىماي قولىڭىزنى سۇغا تىققۇزۇپ تازىلىقچى قىلىپ قويمايدۇ، تارانچىنىڭ نوچىسىغا بارسىڭىزچۇ ھەپتىدە بىر ئۆي ئاقارتىپ، يوق يەردىن كىر تېپىپ يۇيۇپ، خىزمەتچى بولسىڭىزمۇ بوش قويىۋەتمەيدۇ. دېمەكچى بولغىنىم ھەممە يەردە بار قېيىن - ئانا بىلەن كىلىن مۇناسىۋىتىدىكى سۈركۈلۈشلەر، ئەڭ ياخشىسى ھەر ئىككىلا تەرەپ يوق قويسا، بەك بولمىسا بۆلەك ئۆي تۇتۇپ بالا بولغۇچى ئاتا -ئانىنى يوقلاپ، كېلىن نېرىدە تۇرۇپ ئۆيىگە چاقىرىپ، ئانچە مۇنچە كېلىپ ياردەملىشىپ كەتسە، بۇنداق ناۋاتتەك تاتلىق مۇناسىۋەت ياخشى بولىدۇ. كونىلار بىكار ئېيىتمىغان ‹يېقىن كەلسە تېپىشەر، يىراق تۇرسا كىشنىشەر› دېگەن كېلىن بىلەن قېيىن ئانىمىكىن دەيمەن.