توققۇز خىل ئالامەت كۆرۈلگەندە تېزدىن توكسىننى ھەيدەپ بەدىنىڭىزنى تازلاڭ
1.قەۋزىيەت
قەۋزىيەت ئادەت خارەكتېرلىك قەۋزىيەت ۋە تاساددىبىي يۈز بېرىدىغان قەۋزىيەت دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. چوڭ ئۈچەي تەرەتنىڭ راۋانلىقى كونترول قىلىدىغان، بەدەن سىرتىغا توكسىننى ھەيدەپ چىقىرىدىغان مۇھىم يوللارنىڭ بىرى.
ئەگەر زەھەر بەدەننىڭ ئىچىدە ساقلىنىپ قالسا، تال ۋە ئاشقازاننىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، چوڭ ئۈچەينىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۈچەي يولىنىڭ راۋان بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت قەۋزىيەت بولغاندا، زور مىقداردىكى توكسىننىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ توكسىنلار ئادەم بەدىنى سۈمۈرۋېلىپ، ئورگانىزىملارنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋاتىدۇ.
2.سېمىزلىك
سېمىزلىك بولسا ئوزۇقلۇقنىڭ ھەددىدىن زىياردە ئارتۇق بولۇپ كەتكىنىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك. ئەگەر ئۇزاق مۇددەت ياغ تەكىبى يۇقىرى، يۇقىرى كالورىيېلىك يېمەكلىىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، بەدەندىكى توكسىن كۆپىيىپ، ئورگانىزىملارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سېمىزلىكنى پەيدا قىلىدۇ. ئاغرىقلارنىڭ بەدىنى ئاجىزلاپ ماغدۇرسىزلانغاندىن باشقا، ھەرىكىتى قولايسىزلىشىپ، ھەرىكەت قىلغاندا دېمى سىقىلىدىغان، يۈرەك ئېغىيدىغان، ئسسىقتىن قورقۇپ كۆپتەرلەش ۋە بەل ئاغرىش، پۇت بوغۇملىرى ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن سىرت كۆپ قىسىم قەنت، ياغ، سۇ قاتارلىق ماددىلارنىڭ ئالمىشىش ۋە ئىچكى ئاجراتمىلار جەھەتتە نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ.
3.سېرىق داغ
ئىچكى ئاجراتمىلاردا ئۆزگىرىش كۆرۈلسە، ئۇزاق مۇددەت ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى ئىستېمال قىلغاندا، جىگەر كېسىلى، ئۆسمە، ئاستا خارەكتېرلىك ئىسپىرىتتىن زەھەرلىنىش، كۈنگە قاقلىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سېرىق داغ پەيدا بولۇشتىكى سەۋەبلەردۇر.
ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ چىرايلىق بولۇشىنى خالايدۇ. ئەمما يۈزىدە سېرىق ۋە سۇس قارا رەڭلىك داغنىڭ قاچان پەيدا بولىنىنى بىلمەي قالىسىز. يۈزىڭىزدىكى خەرىتە شەكىللىك ياكى كېپىنەك شەكىللىك داغلار تېرىڭىزنى بۇزىۋېتىدۇ.
4.دانىخورەك
دانىخورەك تۈك خالتىسى بىلەن ياغ بېزىنىڭ ئاستا خارەكتېرلىك ياللۇغلىنىشىدىن بولىدىغان تېرە كېسەللىكى. ھەرخىل توكسىنلار باكتېرىيىلەرنىڭ رولى بىلەن كۆپ مىقداردا زەھەرلىك ماددىلارنى پەيدا قىلىپ، قاننىڭ ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، بەدەنگە زىيان يەتكۈزىدۇ. زەھەرنى چىقارغان ۋاقىتتا توسقۇنلۇققا ئۇچۇرسا، بۇ زەھەرلەر تېرە سىرتىغا تېپىپ، تېرىنى تېخىمۇ يىرىكلەشتۈرۈپ دانىخورەكنى پەيدا قىلىدۇ.
5.ئېغىز پۇراش
ئېغىز پۇراش ئاساسىي جەھەتتىن ئۆپكە، تال، ئاشقازاننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ياكى ھەزىم قىلىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ خىل ماددىلار ئۇزاق مۇددەت بەدەن سىرتىغا چىقىرىلمىسا زەھەرگە ئايلىنىدۇ. ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يىگەندە ياكى يەپ تويمىغاندا، ھەددىدىن زىيادە چارچاپ كەتكەندە، كۆپ تەرلىگەندە، ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەندە ۋە بەزى ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى، مەسلەن: ئېغىز بوشلۇقى يارىسى، چىشنى قۇرت يېيىش ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېغىز پۇراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
6.تېرە قىچىشىش
تېرە بولسا ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ چوڭ زەھەر چىقىرىش ئورگانىزىمى. تېرىدىكى تەر بېزى ۋە ياغ بېزى تەر ئارقىلىق باشقا ئورگانىزىملار چىقىرۋېتەلمىگەن توكسىنلارنى چىقىرۋېتەلەيدۇ. تاشقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشى، تۇرمۇشنىڭ تەرتىپلىك بولماسلىقى، روھى جەھەتتىن جىددىيلىشىش،ئىچكى ئاجرالمىلارنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشى قاتارلىق تېرە ئىقتىدارلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى تېرىنىڭ قىچىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
7. 12بارماق ئۈچەي ياللۇغى
كۆپ ئاچچىقلىنىش، جىگەردە زەھەرلىك ماددىلارنىڭ توپلىشىپ قېلىشى، يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنىڭ رېتىمسىز بولۇشى، بەك تويۇپ تاماق يېيىش، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، ھاراق، تاماكىغا خۇمار بولۇش قاتارلىق تاشقى ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان زەھەرلىك ماددىلار 12بارماق ئۈچەي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
8.ئۈچەي يولىنىڭ غىدىقلىنىشىدىن بولىدىغان كېسەللىك
ئۈچەي يوللىرى غىدىقلىنىشقا ئۇچرىغاندا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرسا ياكى نورمالسىز ھالەتلەر كۆرۈلسە، بۇ قان ئايلىنىش ئاستىلاپ، توكسىننى چىقىرىش يوللىرىنىڭ راۋا بولماسلىقى، كۆپ خىل توكسىنلار بەدەندە ساقلىنىپ، قورساق قىسمى بىئارام بولۇش، ئىچى سۈرۈش، قەۋزىيەت قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
9.ھۆل تەمرەتكە
ھۆل تەمرەتكە - كۆپرەك ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكى ئۈچەي-ئاشقازان ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش، روھى جەھەتتە جىددىيلىشىش ياكى مۇھىتتىكى ھەرخىل فىزىكىلىق، خىمىيەلىك ماددا ئالماشتۇرۇش جەريانىدا كۆپ مىقداردا ھاسىل بولۇپ، تېرىنى يۇمرانلىقىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
كېلىش مەنبەسى: خەۋەر تورى
ياقتۇرۇپ يوللىغۇچى: ھەسەلخان