مانا بۇ يازما تىرناقتا توختىغىدەك ئىنكاس بوپتۇ. ھەقىقەتەن توغرا! سىز بىلەن بىز شۇ خەلىقئاراغا يۈزلىنىۋاتقان ئاشۇ بىرنەچچە ناخشىچىلىرىمىزغا نىمە قىلىپ بىرەلەيمىز؟ ئۇلارغا بىزنىڭ نىمىمىز كېرەك؟ بۇ سۇئال ئۆزىنى ئويغۇر دەپ ھىساپلايدىغان ھەر بىرىمىزنىڭ ئويلۇنۇپ بېقىشقا تىگىشلىك سۇئال. ھازىرقى جەمىيەتتە ھىچكىمنىڭ بىر تاۋاق ئېشى يەنە بىرسىنىڭ ئۈيىدە ئەمەس. ئۇلارغا لازىملىقى ھەممىمىزنىڭ قەلبىمىزدىن چىققان قوللاش ۋە مەدەت. بۇنى مەنچە ھەممىمىز قىلالايمىز! سىز بىلەن بىزنى دۇنياغا يۈزلەندۇرۇش ئۇچۇن قان تەر ئاققۇزۋاتقان ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزنى ئالقىشلاپ قۇيايلى! ئۇلارغا كېرىكى پەقەت شۇلا!