مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6628|ئىنكاس: 37

ئۇيغۇرمەشھۇرلىرىمىزنى تونىۋىلىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بارلىق ماختاشلا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10175
يازما سانى: 300
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9106
تۆھپە نۇمۇرى: 640
توردا: 732 سائەت
تىزىم: 2010-9-13
ئاخىرقى: 2011-9-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-20 11:27:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                             ئۇيغۇرمەشھۇرلىرىمىزنى تونىۋىلىڭ


ئابباس بۇرھان: پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى، تەتقىقاتچى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىدىن.

ئابدۇكېرىم نەسىردىن: سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، رەسسام.

ئابدۇكېرىم راخمان: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئەدەبىياتشۇناسلىق بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى.

ئابدۇكېرىم خوجا: ئاتاقلىق شاىر، ئەدەبىي تەرجىمان.

ئابدۇللا تىمەن: زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر سىياسىونلىرىنىڭ بىرى(تەيۋەن).

ئابدۇقادىر تاش: سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر ژۇرنالىست.

ئابدۇراخمان ئابلىكىم: بوكس تۈرى بويىچە ئاسىيا چېمپىيونى بولغان.

ئابدۇراخمان قاھار: يازغۇچى، «ئىلى دولقۇنلىرى» قاتارلىق بىرقاتار رومان-پوۋېستلارنى يازغان.

ئابدۇرېھىم ئەخمىدى: ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق ناخشىچى (قازاقىستاندىن، مۇراد ئەخمىدىنىڭ ئاتىسى)

ئابدۇرەھىپ پولات تەكلىماكانىي: ئەدەبىياتشۇناس، تىلشۇناس، پروفېسسور (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا)

ئابدۇرېشىت ئابدۇۋەلى: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى.

ئابدۇرېشىت توختى: شىنجاڭ ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مول ھوسۇللۇق كومپوزىتورى.

ئابدۇرېشىت زۇنۇن: كىيىم لايىھىلەش بويىچە ئالىي ئىنژېنېر.

ئابدۇروسۇل ئابدۇللا: مېتېورولوگىيە بويىچە ئالىي ئىنژېنېر.

ئابدۇشۈكۈر كېرىم: شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيىسىنىڭ رەسسامى.

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئىجتىمائىي پەن ئالىمى.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي شاىرى.

ئابلەق ئاۋامىسلىم: مول ھوسۇللۇق كومپوزىتور.

ئابلەت ئابدۇرېھىم: ئوتلاقچىلىق مۇتەخەسسىسى (شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى)

ئابلىمىت ئابدۇقادىر: جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە-جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدىن، بىئولوگىيە پېنى بويىچە دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچى.

ئابلىز ھېزىموف: يازغۇچى (قازاقىستان)، قازاقىستاندا نۇرغۇن ئىاجدىيىتى بارلىقى مەلۇم، ۋەتەندە «تەتۈر كىرپىك» ناملىق توپلىمى نەشر قىلىنغان.

ئابلىز شاكىر: مۇقامشۇناس (شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدىن)

ئادالەت ئەخمەتجان: شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى (ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قىزى)

ئادىل ھوشۇر: داڭلىق دارۋاز (شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىدىن)

ئادىلجان جۇڭگودىكى ۋاسكېتبول چولپىنى، ۋاسكېتبولچىلارنىڭ دۆلەتلىك ترېنېرى.

ئالىجان ئىبراھىموف: قازاقىستاندىن، كاتتا كارخانىچى.

ئامىنە غاپپار: تىلشۇناس.

ئارسلان ئابدۇللا: تىلشۇناس، پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن.

ئايشەم ئەخمەت: يازغۇچى.«ئۆچمەس ئىزلار»، «مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭ» قاتارلىق رومانلارنى يازغان.

ئايشەم ھوشۇر: مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى.

ئازاد سۇلتان: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى،  شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەىسى.

بىلال ئىلياس: ماتېماتىك، ياپونىيىدە.

بوغدا ئابدۇللا: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شاىر (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن)

چىمەن يۇنۇس: باغۋەنچىلىك مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.

دىلبەر يۇنۇس: دۇنياغا تونۇلغان دولقۇنسىمان يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشىچى.

دىلمۇراد كۇزىيېف: كاتتا كارخانىچى، قازاقىستاندا.

دىلنار ئابدۇللا: ئۇسسۇل سەنئەتكارى.

دىلناز ئەخمىدى: ناخشا چولپىنى (مۇراد ئەخمىدىنىڭ قىزى، قازاقىستاندا)

دىلشات ئابلا: نېرۋا ئىلمى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى..

دىلشات ھېۋىزۇللا: كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيال ئىنژېنېرى (ئەنگلىيىدە)

دىلشات سۇلتان: ئەدەبىي تەرجىمان، ئالىي مۇھەررىر.

دولقۇن رەھمىتۇللا: تېببىي مۇتەخەسسىس (ئامېرىكىدا)

ئەكبەر غۇلام: ئەدەبىي تەرجىمان، يازغۇچى.

ئەكرەم ئەلى: ئاگرونومىيە مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.

ئەل فارابى: 10-ئەسردە ياشاپ ئۆتكەن، پەيلاسوپ، تېببىي ئالىم، مۇزىكىشۇناس.

ئەلى ئەسمىتۇللا: قاتناش-ترانسىپورت تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.

ئەلىشىر ناۋاىي: 15-ئەسردە ياشاپ ئىجاد قىلغان، مۇتپەككۇر شاىر.

ئەنۋەر ھەسەن: ھايۋانات ئوزۇقشۇناسلىقى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.

ئەنۋەر مۇھەممەت: شىنجاڭ سېرك ئۆمىكىنىڭ يېتەكچىسى، ئاتاقلىق سېھىرگەر.

ئەركىن سىدىق: ئوپتىكا پەنلىرى ئىنژېنېرى (ئامېرىكىدا)

ئەسەت سۇلايمان: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن.

ئەخەت تۇردى: يازغۇچى، ژۇرنالىست.

ئەخمەت تۆمۈر؛ ئاسارئەتىقىلەرنى يىغىپ ساقلىغۇچى، «جۇڭگودىكى يىغىپ ساقلاش چولپىنى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

ئەختەم ئۆمەر: يازغۇچى.

ئەزىزوف قاسىم: گېنېرال.

غازباي: مىلادىيىدىن ئىلگىرى خوتەندە ئۆتكەن ئاتاقلىق تېببىي ئالىم، قەدىمىي ھىندىستان مەنبەلىرىدە نامى تىلغان ئېلىنغان.

غازى ئەمەت:رەسساملىق كەسپى پروفېسسورى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىدىن.

غەنى باتۇر: ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى قەھرىمانى.

غەنى غوپۇر: ماتېماتىك، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.

غەنىزات غەيۇرانى: لۇغەتشۇناس، شاىر، ئار تىل-يېزىق كومىتېتىدىن.

غەيرەتجان ئوسمان: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن.

ھاجئەكبەر ئەيسا: بايلىق خىمىيىسى مۇتەخەسسىسى، تەتقىقاتچى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ شۆبىسىدىن.

ھىسام قۇربان: زامانىمىزدىكى “نەسىردىن ئەپەندى”.

ھوشۇر ئەلى: رەسسام، خەتتات، بىرىنچى ئەۋلاد خەلق پۇلىدىكى ئۇيغۇرچە خەتنى يازغان كىشى.

ھوشۇر ئىسلام: پروفېسسور، كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى.

ھۈسەنجان جامى: ئاتاقلىق تەمبۇرچى، مۇزىكا ئىجادچىسى.

ھۈسەنجان تۇنىياز: ئۆسۈملۈك ئاسراش كەسپى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.

ئىبراھىم مۇھتى: زامانىمىز ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىنىڭ باشلامچىسى، تەتقىقاتچى.

ئىدرىس ئابدۇروسۇل: ئارخېولوگ، تەتقىقاتچى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باھالىغۇچى.

ئىليار شەيخىدىن: ئۆپكە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.

ئىمىن تۇرسۇن: ئۆرپ-ئادەت تەتقىقاتچىسى، شائىر، تىلشۇناس.

ئىمىننىياز ئىسمائىل: كومپوزىتور، تۇرپان ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىدىن.

ئىسراپىل يۈسۈپ: ئارخېولوگ، قەدىمكى ئەسەرلەر ۋە تارىم مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى.

ئىززەت ئىلياس: ناخشىچى، شىنجاڭ ئوپەرا ئۆمىكىدىن.

جالالىدىن بەھرام: يازغۇچى، رەسسام. «لېيىغان بۇلاق»، كۆمۈرچى بالا»، «ئامەت ۋە ئاپەت» قاتارلىق رومانلارنىڭ ئاپتورى. مۇشۇ كىشىلەر قاتارىدىكى مۇسا سايرامىنىڭ رەسىمىنى جالالىدىن ئەپەندى سىزغان.

ئابدۇۋەلى جارۇللايېف: ئاتاقلىق خەلق ناخشىچىسى.

جيەن بوزەن: تارىخشۇناس، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن.

جيەن يىڭخەي: جۇڭگودىكى مەشھۇر كارخانىچىلارنىڭ بىرى، خۇنەن ئۇيغۇرلىرىدىن.

كۈرەش ئىبراھىم: فىزىكا ئالىمى، قېتىشىش ھالەت فىزىكىسى مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى يۇقىرى ئېنېرگىيە تەتقىقات ئورنىدىن.

لىتىپ توختى: تىلشۇناس، پروفېسسور (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن)

لۇتپۇللا مۇتەللىپ: ئىنقىلابىي شائىر.

مۇھەممەت باغراش: يازغۇچى، ش ئۇ ئا ر  يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن.

مۇھەممەتجان سادىق: ئەدەبىياتشۇناس پروفېسسور، شائىر (ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىن)

ماھىنۇر ھاجىياقۇپ: كىنو-تېلېۋىزىيە تەرجىمانى.

ماھىنۇر نىياز: دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچىسى، ئاياللار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا.

مەھمۇد كاشغەرى: 11-ئەسردە ياشاپ ئۆتكەن تىلشۇناس.«تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ئاپتورى.

مەھمۇد خالىق: بىئولوگىيە پەنلىرى پروفېسسورى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپىرانتلار يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى.

مۇھەممەت شاۋدۇن: ژۇرنالىست، شائىر.

مەمتىلى توختاجى (تەۋپىق): مائارىپچى، شائىر.

مەمتىلى زۇنۇن: شاىر، دراماتۇرگ. «ھېيتگاھ تۇمانلىرى»، «مەسلىھەت چاي»، «رابىيە-سەئىدىن» قاتارلىق دراما-ئوپېرالارنى ۋە نۇرغۇن نادىر ناخشا تېكىستلىرىنى يازغان.

مەمتىمىن بارات:گېن ۋە سورت يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى.

ئابدۇقادىر داموللا: 20-ئەسرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن دىنىي ئالىم

مەنبە: ئەلنۇر تورى


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
bzkm + 20 ياخشى تىما
ALDIYAR + 10 ساقلىۋالغىدەك تېما ئىكەن!!!
hazniqi + 100

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 130   باھا خاتىرىسى

سۆيمىگەننڭ قۇلى بولغىچە  'سۆيگەنىنڭ گۇلى بول

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49804
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10872
تۆھپە نۇمۇرى: 3778
توردا: 1946 سائەت
تىزىم: 2011-7-31
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 12:21:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ  كىشىلەر  بىزنىڭ  پەخرىمىز  ھەم  ئۈگۈنۈش  ئۈلگىمىز    .   بۇ  تېما   ئارقىلىق  مەن  تېخى  ئاڭلىمىغان   مەشھۇر   شەخىسلىرىمىزنى   بىلىۋىلىش   پۇرسىتىگە    ئىگە   بولدۇم    .

تېما  ئىگىسىگە   رەھمەت   .


بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1695
يازما سانى: 3879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 224353
تۆھپە نۇمۇرى: 1074
توردا: 11691 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 12:22:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىگەن كۆپ مەشھۇرلار بۇ !    مەشھۇر دىگەن سۆزنى جايىدا ئىشلىتەيلى ، تېخى ئابدۇقادىر داموللامنى ئەڭ ئاخىرىغا تىزىپ قويۇشىچۇ !

بۇ دۇنياغا كەلگەن ئىكەنمىز،ئۇ دۇنيانىمۇ ئويلاپ قويايلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51056
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8692
تۆھپە نۇمۇرى: 1885
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2011-8-9
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 12:22:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز نىمۇ دىگەن بەخىتلىك ھە
رەخمەت سىزگە  بىلمىگەننى بىلىۋالدۇق ،
كۆكلە ئۇيغۇر   ئۆرلە ئۇيغۇر

باسقان ھەر بىر قەدىمىم سەن ئۈچۈن .
ھەقىقى ئەركەك ئاياللارنى قۇل قىلمايدۇ ھەم ئاياللارغا قۇل بولمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1359
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51020
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9843 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 12:25:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم!بەك ئەھمىيەتلىك،بىز بىلىشكە تېگىشلىك تېمىنى يوللاپسىز!

كاشىغەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2081
يازما سانى: 797
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10122
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 1745 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2014-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 01:00:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر مۇنبەردە بىرە كىشى توغرۇلۇق تىما بولسا كىرىشتىن قورقىدىغان بوپقالدىم .
بۇ تىمىمۇ دە-تالاشتىن نىرى بولسا دىگەن ئۈمۈدتە .

دۇشمەنلىرىمگە ئۆزۇم تىتىيمەن . دوستلۇرۇمنىڭ قەستىدىن ساقلىغىن ئۇلۇغ خۇدا !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15548
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8907
تۆھپە نۇمۇرى: 446
توردا: 5415 سائەت
تىزىم: 2010-10-29
ئاخىرقى: 2014-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 01:03:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق تېمىلارنى كۆپرەك يوللاپ تۇرارسىز ! لېكىن ئىملاغىمۇ دېققەت قىلىپ قويارسىز !  ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى ئۆزىمىز قوغدىمىساق بولمايدۇ !

توۋا دەيمەن.

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1468
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1282 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 01:04:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىنىڭ  شاھىنىشاھى  بولسا بولغۇدەك  تىما  بوپتۇ  رەھمەت  قىرىندىشىم  ئىنتايىن  ياىشى تىمدىن  بىرنى  يوللاپسىز  . ھەربىر ئۇيغۇر بىلشكە تىگشلك .

ئاتاڭ قانداق بولسا ، سەنمۇ شۇنداقسەن.

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22911
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6865 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 02:40:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭنىڭ سەنئىتى ئۈچۈن بارلىقىنى بىغىشلىغان ئاتاقلىق كومپوزىتور مەرھۇم تۇرسۇن قادىر ئاكىمىز بىلەن مەرھۇم ھىكىم ھەسەن ئاكىمىزنى ئۇنتۇپ قالغىنىڭز بەكمۇ يامان بوپتۇ.

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44697
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4537
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 3090 سائەت
تىزىم: 2011-6-17
ئاخىرقى: 2014-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-21 05:17:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re8-قەۋەت تىۋىلگىئا نىڭ يازمىسىغا ئىنىكاس

مىنىڭچە سىز  كيىنچە ھايۋانلار ئارسىدىنكى مەشھۇرلارنى تۇنۇشتۇرۇش يىغىنى ئاچقاندا سىز ھۇرمەت بىلەن  تىلغا ئالغان [ئابدۇ ئىشەك]   ئۇ مەشھۇر شەخسڭىزنى  شەرەپ مۇنبىرىڭىزنىڭ  گۈل تاجى  قىلاسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش