ئورۇقلاشتىكى ئاچقۇچلۇق پەيىت
تاماقتىن كىيىنكى يىرىم سائەت ئورۇقلاشتىكى ئاچقۇچلۇق پەيىت بولۇپ،تاماقتىن كىيىن ھەرىكەت قىلىپ بىرىش كىرەك.چۇنكى كىچىك ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشى تاماقتىن كىيىنكى يىرىم سائەت ئىچىدە باشلىنىدۇ،شۇنداقلا قان شېكىرىنىڭ قويۇقلىقىنىڭ ئېشىشىمۇ مۇشۇ يىرىم سائەت ئىچىدە بولىدۇ.بۇ خىل ئەھۋالغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ:
1.تاماقتىن كىيىن ئۆي ۋە بالكۇننى رەتلەپ بىرىش كېرەك. بۇ ئارقىلىق ھەم ھەرىكەت قىلغىلى،ھەم قاندىكى ياغ مىقدارىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
2.تاماقتىن كىيىن ئۆي تازلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۋىلىش كىرەك.
3.يۇيۇنۇش ۋە مۇنچىنى تازلاپ بىرىش كېرەك.كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپ،يىرىم سائەت ئەتىراپىدا ئارام ئىلىۋىلىپ يۇيۇنسا ۋە يۇيۇنۇپ بولغاندىن كىيىن مۇنچىنى پاكىز تازىلاپ بەرسە،ھەم ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى،ھەم پاكىز،ساغلام بولغىلى بولىدۇ.
4.تاماق يىگەندە يىراقراق ئاشخانىنى تاللاش كىرەك. چۈشتە سىرتتا تاماق يىمەكچى بولغاندا،يىراقراق ئاشخانىنى تاللاپ، بىرىپ كىلىشتە پىيادە مىڭىپ بىرىش كېرەك.
5.تاماق يېگەندە قەنت مىقدارى يۇقىرى ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك،تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئازيېيىش كېرەك.
مەنبە: خەنزۇچە‹ساغلاملىق ئىلمى›ژۇرنىلىدىن....