مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1919|ئىنكاس: 0

گۇناھكار رەھبەر زادى كىم  تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەخىت- ئاللاھنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41019
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17910
تۆھپە نۇمۇرى: 6011
توردا: 5290 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-20 10:06:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


گۇناھكار رەھبەر زادى كىم؟


ئوقۇتقۇچىلار ئادەتتە، << ئىنسان روھىنىڭ ئېنجىنىرى>> دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئەسلى قائىدە بويىچە، ئوقۇتقۇچىلار، باشقا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا قارىغاندا، پاكلىقنىڭ قىممىتىنى تېخىمۇ بەكراق چۈشىنىشى كېرەك ئىدى. لېكىن، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆز ئوقۇغۇچىسىغا باسقۇنچىلىق قىلىشى، ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھاراق ئۈلپىتى قىلىنىشى،كېچىلىك ھەمرا  بولۇشى ...غا ئوخشاش سەتچىلىكلەرنىڭ ئارقا ئارقىدىن ئاشكارە بولۇشى، كىشىلەرنى بۇ كەسىپكە بېرىلگەن باھا ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا ئۈندىمەكتە.

2010-يىلى 1-ئاينىڭ 15 –كۈنى، جاڭ كۆپ قېتىم تېلېفۇن قىلىپ، ۋاڭ يەننى ئىنىستىتۇتنىڭ زىياپىتىگە قاتنىشىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. ۋاڭ يەن ئىلاجىسىز قاتنىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇ كۈنى ۋاڭ يەن مەس بولۇپ قالغانلىقتىن، شۇ يەدىكى بىر مېھمانخانىدا، باشلىقىنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچرايدۇ.  بۇنىڭدىن قاتتىق خورلۇق ھېس قىلغان ۋاڭ يەن 2010-يىلى 8-ئايدا، بېغىشىنى كېسىپ ئۆلىۋالماقچى بولىدۇ، لېكىن، مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئەمما، بۇ يىل 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، تويى يېقىنلاپ قالغان ۋاڭ يەن ئۆزىنى بېنانىڭ 15 –قەۋىتىدىن تاشلاپ ئۆلىۋالىدۇ.

ۋاڭيەننىڭ ئۆز رەھبىرى تەرىپىدىن ھاراققا ئۈلپەت قىلىنىپ ھەم باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدەك بۇ خەۋەر ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئېلان قىلىنىشتىن سەل ئاۋۋال، گۈيجۇدىمۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئالى مەكتەپلەردە ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ رەھبىرىگە ھاراق ئۈلپىتى بولۇپ بېرىشى، بىر قەدەر ئومۇملاشقان ئىشقا ئايلىنىپ قالغان.

گۈيجۇدىكى ۋەقە، ئۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئوقۇتقۇچىنىڭ دوستىنىڭ، بۇ ئىشنى توردا ئاشكارىلىشى بىلەن كۆپچىلىككە مەلۇم بولغان بولسا، جىئاڭسۇ ۋۇشىدا يۈز بەرگەن ئايال ئوقۇتقۇچى ۋاڭ يەننىڭ ۋەقەسى بولسا، تاكى ئۇ ئۆلۈۋالغىچە ئاشكارىلانمىغان. ئەفسۇسلىنارلىقى، ئاخبارات ۋاستىلىرى، بۇ ئىشنى خەۋەر قىلغان ۋاقتىدىمۇ، بۇ ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ يېشى، ھەقىقى ئىسمى ( ۋاڭ يەن دىگەن بۇ ئىسىممۇ ئۇنىڭ ئۆزگەرتىلگەن ئىسمى بولۇشى مۈمكىن)، ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلغان رەھبەرنىڭ كىملىكى ھەققىدە ھېچنىمە دىمىگەن.

بۈگۈنكىدەك چىرىكلىك ۋە چۈشكۈنلۈك يامراپ كەتكەن بۇ جەمىيىتىمىزدە، مەكتەپنى ھەرگىزمۇ مۇقەددەس جاي دىگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى. مەكتەپ بىلەن ئەمەل سورۇنلىرىنىڭ پەرقى قالمىدى. مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ يىيىشى ئېسىل، قوڭىدا ماشىنىسى، نۇرغۇن ئىميىيازلىرى بار. ھەتتا، زۆرۈر تېپىلسا، چىرايلىق ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى ياكى قىز ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگە ھەمرا قىلالايدۇ.

ۋاڭ يەننىڭ ئانىسىنىڭ دىيىشىچە، قىزى 2008 –يىلى ئىنىستىتۇت ئىتتىپاق كۇمېتىتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغاندى تارتىپ، خىزمىتى ئىنتايىن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولۇپ، يېرىم كېچىلەرگىچە ئىشلەپ كېتىدىغان كۈنلىرى جىق ئىكەن. مەكتەپ رەھبىرى ۋە مەكتەپ ئىتتىپاق كومېتىتىنىڭ شۇجىسى جاڭ، ھەمىشە ھەر خىل بانالارنى تېپىپ، ۋاڭ يەننى ھەر خىل پائالىيەتلەرگە، ئولتۇرۇشلارغا  قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.  ۋاڭ يەن رەت قىلالماي، قاتناشقۇسى بولمىسىمۇ قاتنىشىدىكەن. ئۇ ئانىسىغا ئۆزىنىڭ بۇنداق ئىشلاردىن بەك بىزار بولغانلىقىنى ئېيىتقان.

ۋاڭ يەن باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئاتا ئانىسىغا يىغلاپ تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ پەقەت تاماقتىن كېيىن ئىككى رۇمكىلا قىزىل ھاراق ئىچكەنلىكىنى، لېكىن، نىمىشقىدۇر خۇدىنى بىلمىگۈدەك مەس بولۇپ يەردە يېتىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئادەتتە ئەر كىشىنى ئۆزىگە يېقىن يولاتمايدىغان ۋاڭ يەن، ئارقا ئارقىدىن ئىككى قېتىم باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان.  ئۇ كۈنى تاماق يىگەن رېستۇراندا ئاخىرىدا پەقەت، جاڭ بىلەن ۋاڭ يەنلا قالغان. لېكىن، ئەتىسى سەھەردە ئۇ ئۆزىنى بىر مېھمانخانىدا، ئاخشام تاماق يىگەن رېستۇران خوجايىنىنىڭ يېنىدا كۆرگەن.  ۋاڭ يەن ئۆزى ئىچكەن ھاراققا جاڭنىڭ دورا سېلىپ قويغانلىقىنى، ئۆزى خۇدىنى يوقاتقاندىن كېيىن ئۆزىگە زورلۇق قىلغۇچىنىڭ پەقەت رېستۇران خوجايىنىلا ئەمەس، باشقا رەھبەرلەرنىڭمۇ بارلىقىنى پەملىگەن.

ياش ھەم چىرايلىق بىر ئايال ئوقۇتقۇچى مانا مۇشۇنداق نابۇت بولۇپ كەتتى. لېكىن، ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلغان ھېلىقى رەھبەر تېخىچە قانۇن سىرتىدا ئەركىن يۈرمەكتە. بۇ ئەنزىدە گەرچە جاڭ ۋاڭ يەنگە باسقۇنچىلىق قىلمىدى دىگەندىمۇ، ئۇنىڭ شېرىك جىنايەتچى ئىكەنلىكى ئېنىق. لېكىن، ئادەمنى غەزەپلەندۈرىدىغىنى، بۇ دىلو يۈز بېرىپ، شۇنچە ۋاقىت ئۆتۈپمۇ بىرەر ئادەمنىڭ جازاغا تارتىلمىغىنى. جىياڭسۇ ۋۇشىنىڭ ساقچىلىرى نىمىش قىلىۋاتىكىن؟

لېكىن، ھەر ئىشنىڭ ۋاقتى سائىتى بار. بۇ جىنايەتچىلەرنىڭمۇ قانۇن تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا  ئىشىنىمىز.


تەرجىمە قىلىندى.


مەنبە:  http://bbs.chinanews.com/web/65/2011/0919/26351.shtml


ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر! يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش