گۆش باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى ئادەتتىكى ئائىلىلەرگە نىسبەتەن ھەممە تاماقنى گۆشلۈك قىلىپ يىيىشتىن توشۇپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن بەزىبىر تاماقلاردا گۆشنىڭ ئورنىغا سەي كۆكتات ئىشلىتىلدى، ئەسلى بولاق مانتىنىڭ قىيمىسىغا گۆش ئىشلىتىلەتتى، ھازىر بۇ يەردىكىسى سەي-كۆكتات بىلەن بولاق مانتا تەييارلاش. ئەلۋەتتە، سەي كۆكتاتنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى گۆشتىن قېلىشمايدۇ.
تۆۋەندە گۆشسىز بولاق مانتا تەييارلاش ئۇسۇلى ئەتراپلىق قىلىپ يوللاندى.
ماتېريالى: ئۇن، ئېچىتقۇ، چوڭ ئاقبىلەك(بەسەي)، مور، ياغدا پىشۇرۇلغان پۇرچاق ئۇيما(دوفۇ)، پۇرچاق يىپچىسى( فېنسى)، غولپىياز، زەنجىۋىل.
تەييارلاش جەريانى :
1. ئۇنغا ئېچىتقۇ، ئىسسىقسۇ قوشۇپ بوشراق خېمىر قىلىپ، ئۈستىنى يېپىپ، ئىسسىق يەردە ئوبدان بولدۇرىسىز .
2. پۇرچاق ئۇيمىنى ئۇششاق توغرايسىز، مورنى يۇمشۇتۇپ قايناقسۇغا بېسىۋېتىپ ئۇششاق توغرايسىز، پۇرچاق يىپچىسىنى قايناقسۇدا يۇمشۇتۇپ ئۇششاق توغرايسىز، ئاق بىلەك يوپۇرمىقىنى، غولپىياز، زەنجىۋىلنى ئۇششاق توغرايسىز. ئۇلارنى ئارىلاشتۇرۇپ مۇۋاپىق ياغ، تۇز، تېتىتقۇ، جاڭيۇ قوشۇپ تەمىنى تەڭشەپ قىيما قىلىسىز .
3. خېمىر ئېچىغاندىن كېيىن كېسىپ ئارسىدىكى گازنى قاچۇرۋېتىپ مۇۋاپىق چوڭلۇقتا پىلتىلەپ، ئۈزۈپ زۇۋلا قىلىپ، ئېچىپ ئىچىگە قىيما سېلىپ تۈگىسىز .
4. تۈگۈلگەن مانتىلارنى ياغلانغان قاسقانغا تىزىپ 5 - 10مىنۇت قويۇپ يەنە ئېچىتىسىز. ئاندىن كۈلۈك ئوتتا قايناۋاتقان قازانغا قويۇپ 15 مىنۇت بۇسلاپ، ئوتنى ئۆچۈرۈپ يەنە 3 مىنۇت تۇرغۇزۇپ قاسقاندىن ئالىسىز.
ئۇنى مەن تونۇشتۇرغان ياغمۇچقا مۇۋاپىق ئاچچىقسۇ قوشۇپ ياخشى ئارلاشتۇرۇپ تەككۈزۈپ يەيسىز . دوسلىرىڭىزغا بۇنى تەييارلاشنى ئاشپەز مۇنبىرىدىن ئۈگەندىم، دەيسىز ! خېمىرغا تۇز سېلىنمىغاچقا قىيمىسىنىڭ تۇزىنى سەل كۈچلۈك تەڭشەيسىز.
قانداق قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ گەرچە گۆشسىز بولسىمۇ ئوخشىتالىسىڭىز گۆشلۈك مانتىدىنمۇ يىيىشلىك بولىدۇ.
گۆشسىز بولاق مانتىنى ئائىلىدە ئىتىشكە تولىمۇ ماس كىلىدۇ.
مەنبە : ئۇيغۇر ئاشپەز مۇنبىرى
http://axpaz.cn/bbs/read.php?tid-4708-fpage-2.html