مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 23136|ئىنكاس: 338

سېيت نوچى گاڭگۇڭمۇ يا ئەخمەقمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8551
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23459
تۆھپە نۇمۇرى: 1965
توردا: 3978 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2012-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 12:28:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  

سېيت نوچى گاڭگۇڭمۇ يا ئەخمەقمۇ؟




سېيت نوچىنىڭ خاراكتىرى ھەققىدە خېلى ئىلگىرىلا تەپەككۈر قىلىپ باققانىدىم ھەم ئايىغىنى چىقىرالماي توختاپ قالغانىدىم.‹‹2011-يىللىق ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوت كېچىلىكى››نى كۆرگەندىن كېيىن مېنىڭدە بۇ خۇسۇستا قايتىدىن ئويلىنىش بولدى.مەن ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت تارىخىي رومانلاردىن‹‹ئىز››،‹‹ئويغانغان زىمىن››،‹‹ئانا يۇرت››قاتارلىق تىرىلوگىيىلەرنى ئوقۇغان ھەم ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغان بىر نۇقتا شۇكى:يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىمىزنىڭ-ھىلىگەر ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن قايتا-قايتا ئالدىنىش،زىيادە ساددىلىق بىلەن باشقىلارغا ئىشىنىپ كېتىش،داۋاملىق غەلبە مېۋىسىنى باشقىلارغا تارتتۇرۇپ قويۇش...قاتارلىق پاجىئەلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان تارىخ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم.مەسىلەن:‹‹ئىز››رومانىدىكى باش قەھرىمان-تۆمۈر خەلپىنىڭ لى شۇفۇ ئىسىملىك تۇڭگاننىڭ قۇرئان تۇتۇپ قىلغان قەسىمىگە ئىشىنىپ قۇمۇلدىكى جەڭنىڭ غەلىبىسىنى تاشلاپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ياڭ زىڭشىڭنىڭ تۈرمىسىدە ئۆلۈشى،‹‹ئويغانغان زىمىن››رومانىدىكى خوجىنىياز ھاجىنىڭمۇ كۆپ ئۇرۇشلار ئارقىلىق غەلىبە قىلىۋاتقان،خەلق ئۇنى قوللاۋاتقان شارائىتتىمۇ تۆمۈر خەلپىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ سىتالىن سوۋغا قىلغان بىر تال مىلتىققا ئىشىنىپ رۇس كونسۇلنىڭ گۇۋاھلىقىدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ شىڭ شىسەي تەرىپىدىن پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلۈشى،يەنە ‹‹ئانا يۇرت››رومانىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىمۇ يۇقارىقىدەك ئىشلارنىڭ تەكرارلىنىشى...قاتارلىق ۋەقەلىكلەر ئۇيغۇر تارىخىمىزنىڭ ئاچچىق ھەقىقەلىرىنى ماڭا تونۇتقان ئىدى.
   خوش! ئەمدى سېيت نوچى ۋەقەسىگە كەلسەك،مەنچىڭ ئېمپىرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە پۈتۈن جۇڭگو مىقياسىدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مانجۇلارنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ،ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ئىنقىلابىي كۆتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلىدىغان قەشقەردە سېيت ئىسىملىك ھەققانىيەتچى يىگىت زالىملاردىن خەلقنىڭ ئۆچىنى ئېلىپ بېرىپ يەرلىكتە يۈز تاپىدۇ ھەم خەلق تەرىپىدىن‹‹نوچى››دەپ لەقەملىنىدۇ.سېيت نوچى شۇ چاغلاردا ئىچكىرى ئۆلكىدە مانجۇ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان،جۇڭگونىڭ جاي-جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان‹‹گېلاۋخۇي››يەنى ‹‹يۇرتداشلار جەمئىيىتى››دىگەن تەشكىلاتقا يوشۇرۇن ئەزا بولىدۇ.كېيىنچە كورلا،ئۈچتۇرپان تەرەپلەرگە بېرىپ ئادىللىقىنى ياقىلاپ پۇقرالارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ.ئۈچتۇرپان دوتىيى ما دوتەي سېيت نوچىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى تەسىرىدىن قورقۇپ ئۇنى لەشكەرلەرگە مۇشتلاش ئۆگىتىدىغان مەشقاۋۇل قىلىۋالىدۇ ھەم شۇ ئارقىلىق ئۇنى نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ.(بۇ خۇددى ‹‹سۇ بويىدا››فىلىمىدىكى ۋۇسۇڭنى جاڭ سۇركاۋۇل بەگزادىلەرگە چامباشچىلىق ئۆگىتىدىغان مەشقاۋۇل قىلىش ئارقىلىق پۇرسەت كەلگەندە يوقىتىش تاكتىكىسى بىلەن ئوخشاشتۇر.)سېيت نوچى قەشقەردىكى ئىنقىلابچى دوستلىرىنىڭ چاقىرىقى بىلەن سەپەرگە چىقماقچى بولغىنىدا ئۈچتۇرپان ئامبىلى ئۇنىڭغا قەشقەر ئامبىلى ماتىتەي(ئەسلى ئىسمى-ما شاۋۋۇ.يۈننەنلىك تۇڭگان.قەشقەر گۈزىلى ئانارقىزنى بۇلاپ كېتىپ مەجبۇرىي خوتۇن قىلغان جاللات شۇ.)گە قارىتىپ مەكتۈپ يېزىپ ئىچىنى ئاچماي،يوقىتىپ قويماي تاپشۇرۇپ بېرىشنى تاپىلايدۇ.ئەمەلىيەتتە سېيت نوچىنىڭ كۆڭلىمۇ بۇ خەتتە مەلۇم شۇملۇقنىڭ بارلىقىنى تۇيسىمۇ بىراق قېنىغا سىڭىپ كەتكەن دىنىي ئېتىقادنىڭ تۈرتكىسىدە(ئامانەتكە خىيانەت قىلىش مۇناپىقنىڭ بىر بەلگىسى)دىگەن ئەقىدە بىلەن كۆپنى كۆرگەن مويسىپىتلەرنىڭمۇ نەسىھىتىگە پەرۋا قىلماي ئۆز ئۆلۈم خېتىنى ھىلىگەر ئامبالغا تاپشۇرۇپ بېرىپ ئۆلۈمگە رازى بولغىنى ئۈچۈن كېيىنچە‹‹گاڭگۇڭ››يەنى-مەرت دىگەن نام بىلەن لەقەملەنگەن.شۇ چاغلاردا قەشقەردىكى ئىنقىلابچى ياشلارمۇ بۇيرۇق ئىجرا قىلغۇچى لەشكەرلەرنىڭ پارىخورلۇقلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ يەنى ھۆكۈمرانلارنىڭ چىرىكلىكى ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى باپلاش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ ئىنقىلابنى قەتئىي داۋاملاشتۇرماقچى،قېرىندىشىنىڭ ياش ھاياتىنى ساقلاپ قالماقچى بولغانىدى.ئەمما سېيت نوچى بۇنىمۇ رەت قىلىپ ‹‹كىشىلەر مەيلى نىيىتىنى قانداق يامان قىلسۇن-ھامان جازاسىنى ئاللاھ بېرىدۇ.مەن مەرتلىك،تەقۋالىق يولىنى تاللاپ ئۆلسەممۇ نىيىتىمىنى بىلگۈچى ئاللاھ مۇكاپاتىمنى قىيامەتتە ئۆزى بېرىدۇ››دىگەن ئەقىدە بىلەن ئۆلۈم يولىنى تاللىۋالدى.
   خۇللەس كالام:مەن ئويلايمەن،دىنىي نۇقتىدىن قارىغاندا سېيت نوچىنىڭ دوستلۇق-سەمىمىيلىك بىلەن مۇسۇلمانچىلىقنى چوڭ بىلىپ،ئىمان-ئېتىقادلىق ھالەتتە كىشىلەرنىڭ نىيىتىنى خۇداغا تاپشۇرۇپ ئۆزى ساددىلىق بىلەن تەقدىرگە تەن بېرىشىنى خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.ھەتتا بۇ شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىكتەك،ئەمما ھىلىگەر دۈشمەنگە ئالدىنىپ ئۆتكەن مىللىي تارىخىمىزدىن قارىغاندا سېيت نوچى كېيىنكىلەرگە يامان ئۈلگە تىكلەپ بەردى دەپ قارىساقمۇ خاتا بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ ئۇدۇمىنى ئالغان يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى بايا تىلغا ئالغان قەھرىمانلىرىمىزنىڭ تەقدىرىمۇ سېيت نوچىدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمىگەن.ئومۇمەن،سېيت نوچى ئىجابىي شەخس بولسىمۇ،بىراق كېيىنكىلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بېرىش جەھەتتىن ماختىغۇچىلىكى بولمىسا كېرەك.
  

ئەسكەرتىش:يۇقارىقى پىكىرلەر پەقەت ئۆزۈمگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ،تورداشلار ئىلمىي مۇنازىرە قىلىشساق.18-سىنتەبىر شەھرى ئۈرۈمچى.

ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
ablimit3858 + 99 مىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئويلىغىنىم شۇ...
sarsan1117 + 10 ماز،خۇمسى !~~!
y4152680 + 1 ئۇ ھەقىقەتەن ياخشى
HIJRANDIGIZI + 100
Uyghun + 100
YuqunAdam + 777 بەرھەق!تاكتىكىلار جىق!
YARALMIX + 11 ئۆزىڭىزنى شۇ دەۋىر شارائىتىغا قۇيۇڭ!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1098   باھا خاتىرىسى

ئاللاھىم،دۇنيالىقىمىزنى ياخشى قىلغىن،ئاخىرەتلىكىمىزنىمۇ ياخشى قىلىپ بەرگىن،بىزلەرنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9369
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 22207
تۆھپە نۇمۇرى: 1557
توردا: 4237 سائەت
تىزىم: 2010-9-6
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 01:01:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ‹‹ سىيىت نوچى›› ھەققىدە مەزمۇنلار بولغانلىقى ئۈچۈن يوللاپ قويدۇم.

ئۇيغۇرلاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجاتكارنىڭ قىسمىتى مەسىلىسى

ئاپتۇر : يالقۇن روزى


مەن ھەر كۈنى نەچچە قېتىم ئۆتىدىغان يول ئۈستىدە يەنى ئاپتۇنۇم رايۇنلوق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئالدىدا ماڭا بىر تۇنۇش بوۋاي كۈندە دىگۈدەك ئۇچىرايدۇ ، ئۇ بوۋاينىڭ مەيلى قىش ، مەيلى ياز بولسۇن ، ھەر كۈنى شۇ يەردە ئاچچىق موخۇركىسىنى قاتتىق شورىغىنىچە ، چىرايىدىن مۇز ياغدۇرۇپ ھومايغىنىچە تۇرغىنى تۇرغان . بۇ بوۋاي بىز دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان <<مىنىڭ راۋابىم>> ، <<كۈن ۋە تۈن>> ، <<تاشۋاي>> قاتارلىق مەشھۇر مۇزىكىلارنىڭ ئىجادچىسى ، زامانىمىزدىكى ئەڭ مەشھۇر كومپوزىتورىمىز قۇربان ئىبراھىم . مەن بىر يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا ئاشۇ جايدا بۇ غەلىتە بوۋاي بىلەن بىردەم مۇڭدىشىپ قالدىم ، بۇ بوۋاي ماڭا ئۆزىنىڭ <<نەۋرەم>> ناملىق مۇزىكىسى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىۋاتقانلىغىنى ئىيىتتى . بۇ بوۋاي گەپنى بوم ئاۋازدا قىسقا ، قوپال ھەم تۈز قىلىدىكەن . مەن سۆز ئارىلىغىدا <<قۇربان ئاكا ، كۈندە مۇشۇ يەردە تۇرغىچە ئۆزىڭىزنىڭ كۆڭلى تارتقان يەرلەرگە بېرىپ تۇرۇپ كەلسىڭىز بولمامدۇ؟>> دىدىم . بۇ بوۋاي ئادىتى بويىچە قوپال جاۋاپ بىرىپ ، <<ۋاي ئۇكام ، بۇ گۇيلار مىنىڭ مۇزىكامنى ئاپارمىغان يىرى قالمىدى ، ئەمما مىنى ئولانبايدىكى ساناتورىيىگىمۇ ئاپىرىپ بىرەر ئاي دەم ئالدۇرۇپ قويمىدى ئەمەسمۇ!؟>> دىدى .
شۇ كۈندىن بىرى ، مىنى بىزنىڭ ئىجادىيەت بىلەن ئىجاتكارغا تۇتقان مۇئامىلىمىزدىكى ئاسمان - زىمىن پەرىق كۆپ ئويلاندۇردى . بىزدە كۆپ ھاللاردا ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى بىلەن ئىجاتكارنىڭ قىسمىتى تەتۈر تاناسىپ بۇلۇپ قالىدىكەن . روشەنكى بۇ كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان ، غەزەپلەندۈرىدىغان ھادىسە ! نىمە ئۈچۈن بۇنداق غەلىتە ھادىسە بىزدە شۇنچە كۆپ ؟ بۇ نىڭ جاۋابى ئىنتايىن ئاددى ، چۈنكى بىز نادان - مىللەت!

كىسىپ ئېيتىش كېرەككى ، ئۇيغۇرلار 20 - ئەسىردىكى ئەڭ نادان مىللەت ! دۇنيادا بۇ جەھەتتە بىزنى بېسىپ چۈشىدىغان مىللەت يوق . بىزئۆزىمىزنىڭ بۇ خىل ھالىتىنى ئېتىراپ قىلمىساق ، پاكىت بىزنى ماڭدامدا بىر مات قىلىدۇ . قاراڭ ، فىرانسىيىلىك مەشھۇر ئوتتۇرا ئاسىياشۇناس ، تارىخچى گراسسرت 1930 - يىللىرى يازغان <<يايلاق ئىمپىرىيىلىرى> ناملىق كىتابىدا ، قەدىمقى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە توختىلىپ ، <ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلىقلەرنى مەدەنىيەت دەۋرىگە باشلاپ كىرگەن> ، <ئۇيغۇرلار باشقا تۈرۈك - مۇڭغۇل خەلقلىرى ئىچىدە ئەڭ ئىلغار خەلق بۇلۇپ ، چىڭگىزخان دەۋرىگە كەلگەندىمۇ ئۇلار يەنە تەربىيىلىگۈچىلەردىن ئىدى> دەپ يازغان . ئەپسۇسكى ، بىز ئۇيغۇرلار دەل شۇ 30 - يىللىرى <<ئۇيغۇر>> دىگەن مىللەت نامىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەركىتىنى ۋە مەمتىلى ئەپەندىنىڭ مەرىپەت بايرىغى ئاستىدا ئاقارتىش ئىشىنى ئېلىپ بېرىۋاتاتتۇق . ئوتتۇرا ئەسىردە باشقىلارغا مەدەنىيەت ئۇستازى بولغان بۇ مىللەت بۇ كۈنگە كەلگەندە <<ئۇيغۇر>> دىگەن نامىنىمۇ ئۇنتۇپ ، ئۆزىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشنىڭ ھەلەكچىلىگىدە .
1960 -يىللىرى ئامىرىكىلىق تەتقىقاتچى دىنىس سىنور <<ئىچكى قۇرۇقلۇق ئاسىيا>> ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ ، ئۇيغۇرلارنى <<قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئۇلار مەركىزى ياۋرۇپا - ئاسىيادا ئوتتۇرا ئەسىردە بۇلۇپ باقمىغان تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن بەھرىمەن بولغان>> ، <<تۈرۈك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مۇسۇلمان بولمىغان خەلقلەر ئىچىدە ھىچقايسىسى ئۇيغۇرلار يەتكەن مەدەنىيەت دەرىجىسىگە يىتىپ باقمىغان>> دەپ يازغان بولسا ، شۇ 60 - يىللاردا بىز ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ بىلىمى ، ئەقلى ، ئېتىقادى ، غۇرۇرى بار بارلىق ئەزىمەتلىرىنى بىر - بىرلەپ تۇتۇپ ، بۇلىشىغا دۇمبالاپ ، ئىت - ئېشەكتىن بەتتەر خار قىلىپ ، پۇرۇلتارىياتنىڭ پولات مۇشتۇمىنىڭ تەمىنى تېتىۋاتاتتى…!
ھايات سىرلىرىنى بىلىدىغان بارلىق مۇتەپپەككۇرلار خۇددى پۈتۈشۈۋېلىشقاندەك ، <<ئىنسان ئۈچۈن نادانلىقتىن ، بىلىمسىزلىكتىن چوڭ ئاپەت بولمايدۇ >> دەپ ئېيتىشقان . بىزنىڭ بۇ تەپسە تەۋرىمەيدىغان ئەبگا مىللىتىمىز ھەممە خەق ئۆز تەقدىرى ئۈستىدە تۇشمۇ - تۇشتىن ئىزدەنگەن ۋە داۋاملىق ئىزدىنىۋاتقان بۇ 20 -ئەسىردە نادانلىقتىن ئىبارەت بۇ رەھىمسىز ئاپەتنىڭ قارا پاتقىقىغا گەدىنىگىچە پاتقان ھالدا ياشاپ كەلدى ۋە ھېلىمۇ ياشاۋاتىدۇ . نادان مىللات نىمە ئىش قىلىدۇ ؟ نادان مىللەت جاھاندىكى ئەڭ ئەخمىقانە ، ئەڭ رەزىل ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ . كېچە - كۈندۈز خەلقنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئەزىمەت ئوغۇللىرىنى خارلاپ ، ئازاپلاپ ، تىللاپ سېسىتىپ ، ئىككى يۈزلىمىچى ، مەككار ئادەملەرنى ئۇلۇغلاپ ، ئېزىزلاپ ، مازار غوجام قىلىۋالىدۇ . ھەقىقەتنى ئۆلچەيدىغان تارازىسىنىڭ خاتالىغىدىن گۇمانلىنىپ باقمايدۇ . ھەممە نەرسىگە ئاڭلىۋالغىنى بويىچە ياكى سەخسىي مۇددىئاسى بويىچە قارىسىغا ھۆكۈم قىلىدۇ ، تۇغرا ، ئادىل باھا بىرىشنى ئەسلا بىلمەيدۇ . سىيىت نوچىدەك ئەخمەق ، مۇناپىقسىمان ئادەملەرنى يۇز يىللاپ سېغىنىپ ، ئۇلۇغلاپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىشىپ ماختىشىدۇ ، <<مىللى قەھرىمان>> دەپ تەرىپلىشىدۇ . سىيىت نوچى ھاياتىدا خەلقنىڭ شىللىسىگە مىنگەن زالىملاردىن بىرەسىنى ئۆلتۈرگەنمۇ؟ بىرەر ئىش تەۋرەتكەنمۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ باقمايدۇ؟ ئەجەبا ئۇ ئۈچتۇپان ھاكىمىنىڭ تەكلىپىنى قۇبۇل قىلىپ ئۈچتۇرپان خەلقىنىڭ قېنىنى شوراۋاتقان بىر زالىمنىڭ يېنىدا دوست بۇلۇپ تۇرۇشقا ماقۇل بولدىغۇ؟ شۇنىڭغا راۋاپ چېلىپ بىرىپ ، شۇنىڭ كۆڭلىنى ئاچتىغۇ ؟ قەشقەر دوتىيىگە ئاپارساڭ ساڭا ئەمەل بېرىدۇ ، دىسە ئەمەل تاماسىدا مەس بۇلۇپ ، ئۆلۈم خىتىنى كۆتۈرۈپ كەلدىغۇ؟ قەشقەر دوتىيى ئۇنى ئەخمەق قىلىپ ، <<سىنى ئۆلتۈرەي دىسەم قۇلۇم بارمايدۇ ، ئۆلتۈرمەي دىسەم خاننىڭ ئۆلۈمگە بۇيرىغان خىتىنى ئېلىپ كەپسەن >> دەپ ئالدىسا ، <<خاننىڭ ئالدىدا يەرگە قاراپ قالما ، ئىككىلەنمەي مىنى ئۆلتۈرگىىن>> دەپ ، ئۆزىنىڭ بىگۇنا ئۆلىمىگە قۇللارچە رازىمەنلىك بىلدۈردىغۇ ؟ ياق ، مىنىڭ گۇناھىم يوق ، مىنىڭ خۇدا بەرگەن ياشاش ھوقوقۇم بار ، مەن سىنىڭ خالىساڭ ئۆلتۇرىدىغان ، خالىساڭ ياشىتىدىغان كۈچۈكۈڭ ئەمەس ، دەپ ئۆز ئەركىنلىگى ئۈچۈن ئىسيان كۆتۈرۈپ چۇقان سالمىدىغۇ ؟ مۇشۇغۇ بىزنىڭ مىللى قەھرىمانىمىز؟! تىللاردا داستان قىلىدىغان نوچىمىز؟! بۇ ئەڭ سادىق قۇل ، ئەڭ ئىتائەتمەن مۇناپىقمۇ ياكى ئەزىزانە قەشقەردىن چىققان نوچىمۇ؟! بىز مۇشۇنداق بىر ئادەمنى ئالىي مەكتەپنىڭ دەرىسلىكلىرىگە <<مىللى قەھرىمان> دەپ كىرگۈزۈپ ، ھازىرمۇ تېخى كاپشىپ ئۆتىۋاتىمىز . رادىئو -تېلېۋىزۇرلاردا ئۇنىڭ شەنىگە ناخشا - قوشاق تۇقىۋاتىمىز… ھەي… بىزنىڭ نادانلىقىمىز ، ئەقىلسىزلىكىمىز ، بىلىمسىزلىكىمىزدىن ، ئابدۇقادىر داموللام بىلەن مەمتىلى تەۋپىقتەك ئۇلۇغ مىللەتپەرۋەر زاتلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلىشنى ئويلاشمىدۇق ، ئەمما تىيىپچان ئېليوفنىڭ خەت - چەكلىرىنىمۇ تېرىپ - تۆشەپ كىتاپ قىلىپ نەشىر قىلدۇق . بىر پارچىمۇ شېئىرى خەقنىڭ ئىسىدە يوق ئەلقەم ئەختەمدەك قۇرۇق قەسىدىچى شائىرلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەپ تون كىيدۈردۇق ، ئەمما نىزامىدىن ھۆسەيىندەك ئىمانى ئەركەك قەلەمكەشلىرىمىزنى توپا بېسىپ قىلىۋاتسا پىسەنىت قىلمىدۇق . ئۇيغۇر كىتاپخانلىرىنى ئەدەبىياتتىن زىرىكتۈرۈشكە ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ، سولچىل ئەدەبىياتنىڭ بايراقدارى بولمىش قېيۇم تۇردىدەك يازغۇچىللىرىمىزنىڭ <<قىزىل تاغ چىراغلىرى>> دىگەن كىتابىنى قايتا نەشىر قىلىشنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى كاسىلداپ چۈشەندۈرۈپ قايتا نەشىر قىلدۇق ، ئەمما ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىندەك ئۇلۇغ ئالىم <<ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى>> دەپ كىتاپ يېزىپ بەرسە ، <<تىراژ تاپ>> دەپ مەكتەپمۇ -مەكتەپ سوكۇلداتتۇق . <<بىرىۋاتقان باھايىمىز مۇۋاپىقمۇ - ئەمەسمۇ؟>> دەپ ئويلانماستىن ، ساقىلىنىڭ ئاقلىغىغا قاراپلا ، <<فۇزۇلى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولى>> دىگەن تۇنۇشتۇرۇش ماقالىسىدىن باشقا بىر پارچىمۇ ئىلمى ئەسىرى يوق شۈكۈر يالقۇننى<<بۇلاق>> ژورنىلىدا <<كامالەتكە يەتكەن ئەدىب>> ، <<ئەدەبىيات پىشۋاسى>> دەپ ھاماقەتلەرچە ماختىدۇق . ئىلىمگە ئىلىمچە ، ئادەمگە ئادەمچە مۇئامىلە قىلىشنى بىلمەيدىغان ژورنالىستلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرىنىمۇ ، باشقىلارنىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بۇ قىلمىشلىرىدىن نۇمۇس قىلماي ماختىنىشى تۇرغان گەپ…
ئويلاپ باقساق ، ساناپ كەلسەك بىزدە ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى بىلەن ئىجاتكارنىڭ قىسمىتىنىڭ تەتۈرلىكىگە ئائىت مىساللار ساماندەك . بەلكىم مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بۇ جەھەتتىكى ئەڭ تىپىك مىسال بۇلىشى مومكىن . ئۇ شائىرلىرىمىز ئىچىدە تۇنجى بۇلۇپ بىزگە مەخسۇس روبائىيلار توپلىمىنى تەقدىم قىلسا ، بىز ھەسەت قىلىپ ، رەزىللىك بىلەن <<ياخشى روبائىدىن ئادەم ئۆمرىدە پەقەت بىر نەچچىنىلا يازالايدۇ>> دەپ پەتىۋا چىقىرىپ كەم سۇندۇردوق . <<قاتلام نەزىرىيىسى>> نى ئوتتۇرىغا قويسا ، ئىلمى رەدىيە بېرەلمەستىن ، بۇ نەزىرىيىنى چەتئەللىكلەر بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويغان ، دەپ گەپ تارقاتتۇق . تارىخ ، پەلسەپە ، ئىستىتىكا تەتقىقاتى ۋە شېئىر - نەسىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ توم - توم كىتاپلارنى يېزىپ بەرسە ، خوشال بۇلۇشنىڭ ئورنىغا ، <<بۇ ئادەم ھەممە ساھەگە ئېسىلىۋالماي بىرلا ئىشنى قىلسا بولاتتى>> دەپ ئەخمەقلەرچە ئەقىل كۆرسەتتۇق . ئويۇن - تاماشىنى بىر چەتكە قايرىپ قۇيۇپ ، مىللەت ئۈچۈن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانسا ، <<ئادەم بولغاندىن كىيىن توي - تۆكۈنلەرگە بارمىسا بولامدۇ؟>> دەپ ئۇنى ئەيىپلەپ ، ئۆزىمىزنىڭ كۈنىنى ھارام ئۆتكۈزىۋاتقانلقىمىزنى ئويلىماي ، ھاماقەتلەرنى كۈشكۈرۈتۈپ ، ئۇنى ئالدى - كەينىدىن ھاقارەتلىگۈزدۇق . ئۆزىمىزنىڭ بىرەر نەشىريات ياكى گېزىت - ژورنالدا تىگىپ قالغان چۆمۈچنىڭ سېپىچىلىك ھوقۇقىمىزنى ئۇنىڭ ئالىملىقىدىن ئالىي بىلىپ ، بىزگە يېلىنمىغىچە ئەسەرلىرىنى يېقىن يولاتمىدۇق . ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ ، كېچە كۈندۈز پۇچىلىنىدىغان ئەۋلىيا - ئەزەملەرنىڭ كۆڭلىنى خوش قىلىپ ، شۇلارنىڭ نەزىرىگە نائىل بۇلۇش ئۈچۇن ، بۇ ئالىمنى قاغىدەك چۇقۇدۇق . جەمئىيەتتە بىرەر يامان گەپ - سۆز تارقالسا ، دەرھال ئۇنى شۇ ئىشنىڭ ئېگىسى قىلدۇق . ئۇنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە ، كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدۇق . ئۇ ئوغلىنى ئۆيلىمەك بۇلۇپ ، ئۆيمۇ _ ئۆي كىرىپ باغاق تارقاتسا ، بىز ئارقىدىن ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ ، <<ئۇنىڭ تويىغا بارماڭلار>> دەپ گەپ تارقاتتۇق . قان تۈكۈرۈپ قىينىلىپ ئەسەر يېزىپ مەتبۇئاتلارغا نەچچە ئون قېتىملاپ قاتراپ كىتاپ چىقىرىپ ، ئازغىنا قەلەم ھەققىگە ئىرىشسە ، <<شۇنچە قەلەم ھەققى ئېلىپ تۇرۇپ بىرەر ئادەمنى چاقىرىپ مېھمان قىلايمۇ دىمەيدۇ>> دەپ ھارام تامادا كۆپۈپ ئۇنى تىللىدۇق . ئۇ يازغان ئىلمى ئەسەرلەرنى نەچچە ئونىمىز بىرلەشسەكمۇ يازالمايدىغانلىغىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ ، يەنە ئۇنى سۆكتۇق ، <<ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەقىقى تەتقىقاتچىنىڭ بۇرچى>> دەپ ماقالا يېزىپ ، بىزگە خانىقا ئىشىدا ساخاۋەتچى بۇلۇۋېلىپ ، مۇرىت توپلاپ ئىلىم ساھەسىگە نۇمۇس كەلتۈرىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ ، ئالىملىرىمىزغا باش بۇلىۋالغان بىر ئىلىم زومىرىگىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى تونۇپ بەرسە ، <<ئاپىرىن>> ئېيتماستىن ، <<بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلسا بولاتتى>> دەپ ھەقنى سۆزلىگەن ئادەمنى ئەيىپلىدۇق . قارىغاندا ھەقىقەت بۇ مىللەتنىڭ زەئىپلەشكەن تىنىگە رىئاكسىيە بېرىدىغان ئوخشايدۇ . مۇناپىقنى ئەڭگۈشتەر بىلىپ ياشاپ ئادەتلىنىپ قالغان بىر قىسىم زىيالىيلىرىمىز ئاق - قارىنى ئارىلاشتۇرۇپ بىزنى ھەر كويلارغا سالىدىغان ئوخشايدۇ .
ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىندەك ئالىمدا ھەقىقەتنى تۇنۇيدىغان ئۆتكۈر كۆز ، ئەقىل بىلەن ناداننى پەرىقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىدىغان دىت بار ئىدى . شۇڭا ئۇ : <<مىڭ توخۇنىڭ تاقلىشى ، سۇمرۇغ كەبى پەرۋاز ئەمەس . چۇرقىراپ سايراشلىرى بۇلبۇل كەبى ئاۋاز ئەمەس>> دەپ غەزەل يېزىپ ، قىلمىش - ئەتمىشلىرىمىزگە مېيىقىدا كۈلۈپ قوياتتى . بۇ بەخىتسىز ، ئەمما ئۇلۇغ ئالىم ئاخىرى ئارىمىزدىن كەتتى . نۇغۇنلىرىمىزنىڭ قەلبىنى ھەسەت ئوتىدا كۆيدۈرگەن ، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئىسىل ئەمگەكلىرى بىلەن كۈلدۈرگەن بۇ ئالىم تۇيۇقسىزلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى ، خۇددى بىر قېتىم ماڭا <<ئۆلۈم دىگەن ئۇ شۇنداق نىمە ، ئەزرائىل كېلىدۇ ئاپتوبۇسقا چىق دىگەندەك قىلىپلا ، ئېلىپ كېتىدۇ >> دىگىنىدەك غىپپىدە كىتىپ قالدى . شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى ، ئەزرائىل ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ <<ئاپتوبۇس >> قا تارتىپ چىققىچە ، بىز بار كۈچىمىز بىلەن ئۇنى <<ئاپتوبۇس>> قا ئىتتەردۇق … دەسسىگەن يىرىنى چوغ قىلىپ ، يىگەن ئېشىنى زەھەر قىلىپ ، كۆرگەن كۈنىنى ھارام قىلىپ ، تۇغۇلغانغا جاق تويغۇزۇپ ئۇ دۇنياغا ئۇزاتتۇق .

بىر تەڭدىشى يوق ئالىمىمىز ئۆلۈپ كەتسە بىز نىمە ئىش بىلدۇق ؟ ھەر بايرام كەلسە يۈزلەپ شېئىر يازىدىغان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرەسىمۇ مەرسىيە يازمىدىغۇ ؟ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئەسەرلىرىنى سېغىن كالىنى ساغقاندەك سېغىپ ، سەمرىگەن تەتقىقاتچىللىرىمىز بىرەر ئەسلىمە يازمىدىغۇ؟ قىچىشقاقنىڭ دورىسىنى يىللاپ ئېلان قىلىپ ھارمايدىغان رادىئو - تېلىۋىزورلىرىمىز بىرەر پارچىمۇ خەەۋەر بەرمىدىغۇ ؟ بىر ئادەمنىڭ خىزمەت كىنىشكىسى يۈتۈپ كەتسە ئالقانچىلىك يەرگە ئېلان بېرىدىغان <<ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى >> بارماقچىلىك يەرگە كاۋاك چالمىسى قاتارىدا كىچىككىنە بىر خەۋەر بىرىپ قويدىغۇ ؟ ئەجەبا بىزدە ئالىم شۇنچە كۆپمۇ ؟ ئەتىۋارى يوقمۇ ؟ بىر نازىر ئۆلۈپ كەتسە ئورنىغا مەن بار دەپ مەيدىسىگە مۇشىتلاپ چىقىدىغان ئادەمدىن كۈرمىڭى چىقىدۇ ، قېنى<<ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئالىملىق ئورنىغا مەن تەييار >> دەپ ئوتتىرىغا چىقىدىغان بىرەر ئەزىمەت بارمۇ ؟ شۇ ھالىمىزغا ئاشۇ ئۇلۇغ ئالىمنى نىمانچە ھاقارەتلىگەندۇق؟ نىمانچە ئازاپلىغاندۇق؟ بىزدەك ئەزىزلەشكە ئەڭ ئەرزىيدىغان ئادىمىنى خارلايدىغان نادان خەلق باشقا جايلاردىن تېپىلمىسا كېرەك .
شۇ ھىكمەت ، شۇ سىر ئىسىمىزدە بولسۇنكى ، ئەيسا كىرىستقا مىخلانغاندا ، مەنسۇر ھەللاجى ، شاھ مەشرەپلەر دارغا ئېسىلغاندا ، ئابدۇقادىر داموللا ، تەۋپىق ئەپەندىلەر قان ئىچىگە غەرىق بولغاندا ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ بەخىتسىز ئۆلۈمىدىن ئۆكۈنۈپ پۇشايمان قىلغان ئەمەس ، بەلكى ھەقىقەتنى تۇنۇپ يېتەلمىگەن خەلقنىڭ نادانلىقىغا ئېچىنىشىپ ھەسرەت چەككەن …
پەلەك بىزنىمۇ ئەقىلنىڭ بۇرچىدا ياشىتىپ باقار . ئاق - قارىنى پەرىق ئىتىشنى ئۆگىنىۋالارمىز ، بۇ بەخىتسىز ئالىمىمىزنىڭ ئۆلىمى ئۆزىگە خاس ئۇلۇغ مەنا بىلەن بىزنى ئەقىلگە ئۈندەيدىغان ، نادانلىقتىن ئويغۇتىدىغان ، قېرىنداشلارچە ئۆتۈشكە دالالەت قىلىدىغان خاسىيەتلىك كولدۇرما بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!

مەنبە : ئىشچىلار ۋاقىت گىزىتى ، 1995 - يىلى 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!. ۋاقىت ھەممىنى ئۆتمۈشكەئايلاندۇرىدۇ. ئۇنتۇلدۇرىدۇ، ئېرىشتۈرىدۇ. بىر كۈنلەردە كەچمىشىڭدە يىغلىغىنىڭ ئۈچۈن كۈلىسەن. كۈلگىنىڭ ئۈچۈن يىغلايسەن.... http://saadat.blogbus.com

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2509
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24113
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7213 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 01:13:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىيت نوچىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى شۇنداق بولغان بىلەن ئۇ بۇرۇن گىلاۋخۇيچىلارغا قاتنىشىپ زالىملارغا قارشى ئۇرۇش قىلغان. مەيلى نەدىلا بولسۇن يامانلارغا بوزەك بولماي،يۇۋاشنى ئانىي تاپماي،يامانلار،زالىملار بوزەكلەرنى بوزەك قىلسا ئارىغا كىرىپ يامانلارنىڭ،زالىملارنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ زالىمارنىڭ كۈشەندىسىگە ئايلانغان. شىۋاس قېرىندىشىمىز ئېيتقاندەك سىيت نوچى ئېلىپ ماڭغان خەت خەنزۇچە خەت.ئەينى دەۋردە ئۆز يېزىقىمىزنىمۇ 90%ئادەم تونىمايدىغان دەۋردە باشقا يات يېزىقتىكى خەتنى تونىماي ساددىلىق بىلەن توشىغان ئادەمنى ھازىرقى زاماننىڭ ئىددىيەسى بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ساۋاتسىز،ساددا، دۆت،ياىشى ياماننى پەرىق ئەتمەيدىغان ئەىمەق نوچى  دەپ قارىغۇلارچە باھا بەرسەك بۇ تاىرىىقەھرىمەانغا ھاقارەت قىلغان ئۇۋال قىلغان،‹‹خاتا ئەنزە ››پەيدا قىلغان بولىمىز. ئومۇمەن تارىخى شەخىسلەرگە باھا بەرگەندە سوغوققان بولايلى.ئالدىراپ يەكۈن چىقىرىۋەتمەيلى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2509
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 24113
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7213 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 01:15:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەقتە مۇنازىرلىشىمەن،سىيت نوچىنى ئەخمەق دەپ  بىلجىرلايمەن دەيدىغانلار بولسا قارشى چىقىشقا مەن تەييار.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20119
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12594
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 4454 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 01:27:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاھ ھھھھھھھھھھھھھھ!يۈرۈگۈم
ۋادىرىغا ئوقنى تەككۇۈزدۇق چالا
شۇ سەۋەبلىك دىلىمىز بولدى يارا........

سادىرمەنۇ سادىرمەن
3000كويلۇق كادىرمەن
با ئىشىمنى سورىساڭ
خوشامەتكە ماھىرمەن

بىلىغىممۇ بىلىغىم، پىلتىڭلايدۇ بىلىغىم، قېرىغاندا قېرى تاتۇق، ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىلىغىم.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1064
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 31060
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 7467 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 01:32:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2قەۋەتتىكى(Aytugh) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

يالقۇن رۇزى بۇ ماقالىسىنى غەزەپ ئاچچىق  بىلەن يازغان،چۈنكى،ئابدۇشۈكۈر مۇھەمەتئىمىن ئوقۇتقۇچىسى ئەمسمۇ!ئۇ بۇ ماقالىسىدا سېيت نوچىنى بەكلا پەسكويغا چۈشۈرۋاتقان،يالقۇن رۇزى بۇ ماقالىسىنى يېزىش ئۈچۈن سېيت نوچىنى تىلغا ئالغان،يالقۇن رۇزىنىڭ گەپنى كەسكىن دېيىشىنى مەن بەك ياقتۇرىمەن.لېكىن،يېقىندا چىققان غەيرەتجان ئوسمەنغا يازغان رەدىيە خېتىدە ئۆزىنى بەك ماختۇۋەتكەن،ئازراق كەمچىللىكىنىمۇ ئېتىراپ قىلمىغان،يالقۇن رۇزىنىڭ بەزى ئەسەرلىرىدە پىكىر ئىختىلاپى بار دەپ ئويلايمەن.....

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى رايىش ۋە تىنچ كېلىدۇ،ئېلىشقا تېگىشلىك ھېساب-كىتابنىمۇ ئاللانىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى دەپ قارايدۇ.
-مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى

گۈزەللىكنى قەلب

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5182
يازما سانى: 1782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11647
تۆھپە نۇمۇرى: 1056
توردا: 1956 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2012-7-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 01:45:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ بىرنىمە دىيىشىمنى بەزىلەر خالىمايدۇ ھەقاچان ...شۇڭا ئاغىزىمنى يۇماي ....

قىزلاردا نازاكەت تۇگىسە، ئوغۇللاردا جاسارەت تۇگەيدۇ...!

سۇيۇش ئۈچۈن ساق قالسۇن يۈرەك.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36033
يازما سانى: 458
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5773
تۆھپە نۇمۇرى: 104
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 01:51:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى تارىخقا ئىشىنىش كېرەك.ئەمدى يالقۇن روزى بەك ئاشۇرۋەتتىمۇ قانداق؟

كەچۈرۋىتىش مۇمكىن بولمىسىمۇ ئەمما كەچۈرۈم سورىماي كىتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس..........

‹‹تۇيە ئۇيۇنغا››

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1308
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3670
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1265 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 01:54:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە سىيىت نوچىدەك  ئۈزنىڭ ئۈلۈم خىتنى بىلىپ  تۇرۇپمۇ يەنە  مەردلىك بىلەن كۆكرىك كىرىپ ئوتتۇرغا چىققىدەك غۇرۇرى بارلار  ئەخمەق دىمەيدىغۇ دەيمەن  ، شەخسەن مەن  ئەخمەق دىمەيمەن ئەكىسىچە ئۇبىر قەھىرمان

ئىللەت تۈزەلمىگىچە، مىىللەت تۈزەلمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6567
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7465
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 8630 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 02:25:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سېيىت نوچى ئۇچتۇرپان ئامبىلىغا مەشقاۋۇل بولغان.يەنى ئامبالنىڭ يېنىدا خىزمەت قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ دوسلۇقىغا ئېرىشكەن.ئەگەر سېيىت نوچى ئامبال ئۇچۇن چىن كۆڭلىدىن خىزمەت قىلمىغان بولسا،ئەلۋەتتە ئامبالنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتى.سېيىت نوچىنىڭ قەشقەر سەپىرىمۇ قەشقەر ئامبىلىنىڭ يېنىدا مەنسەپكە ئېرىشش تاماسىدىكى سەپەر.بىراۋنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەكچى بولساڭ،دوستىغا قارا،دىگەندەك ئامبال-دارىنلار سېيىت نوچىنىڭ جان دوست بۇرادەرلىرى.سېيىت نوچى بولسا ئامبال-دارىنلارنىڭ بىر چاپارمىنى بولۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.بەلكىم سېيىت نوچى شۇ چاغلاردا ئامبال ئۇچۇن بىرەر مەخپى ۋەزىپىنى ئىجرا قىلىپ،يوقۇرقىدەك ئاقىۋەتكە قالغان ئېىھتىماللىقمۇ بولۇشى مۇمكىن.

ئاغزىدا كۇلكە-چاقچاق،قوينىدا پالتا-پىچاق.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش