مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1937|ئىنكاس: 8

مەدەنىيەتنىڭ قېرىشى ۋە يېڭىلىنىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

پاكىز قەلبتىن پا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33767
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23105
تۆھپە نۇمۇرى: 2917
توردا: 4060 سائەت
تىزىم: 2011-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 07:41:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەدەنىيەتنىڭ قېرىشى ۋە يېڭىلىنىشى

1


رىم ئىمپىريىسى،ئوسمان تۈرك ئىمپىريىسى،مانجۇ چىڭ ئىمپىريىسى ۋە سوۋېتلار ئىتتىپاقى ... قاتارلىق تارىختا نەچچە ئون،نەچچە يۈز يىل ھۆكۈم سۈرگەن شۇنچە قۇدىرەتلىك بولغان خانلىقلار،
ھاكىميەتلەر نېمە ئۈچۈن ئاجىزلاپ سەلتەنەت تەختىدىن ئايرىلىپ قالغان؟ پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزۈنى چاقناتقۇدەك شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان،تارىختا نەچچە يۈز يىل ھۆكۈم سۈرگەن نى-نى
قۇدىرەتلىك خانلىقلارنى ياراتقان ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن خوجىلار دەۋرىگە كەلگەندە بىردىنلا جاھالەتنىڭ قارا پاتقىقىغا بوينىغىچە پېتىپ كەتكەن؟نېمە ئۈچۈن  19-ئەسىرگە كەلگەندە ئۆز ئانا
ۋەتىنىگە ئۆز ئانا تىلىدا ئۆزلىرى بىر نام قويالماي،ياتلار قۇيۇپ بەرگەن ئۆزگە مىللەتنىڭ تىلىدىكى غەيرى نامنى ۋەتەن نامى دەپ شۇنچە ئاسانلا قۇبۇل قىلغان؟....
يىغىپ ئېيىتقاندا،ھەرقانداق ھاكىميەتنىڭ،ھەرقانداق خەلق،ھەرقانداق مىللەتنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشنىڭ سەۋەبى بىرلا،ئۇ بولسىمۇ شۇ ھاكىميەت،شۇ ئەل،شۇ مىللەت،شۇ دەۋردە مەدەنيەتنىڭ
قېرىشى.تەبئىتنىڭ قانۇنيىتى شۇنداق،دۇنيادىكى بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋىي نەرسىلەر بارلىققا كېلىدۇ ھەم قېرىىيدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە ئادەممۇ،جانلىق،جانسىز نەرسىلەرمۇ،مەدەنىيەتمۇ، روھمۇ،دىنمۇ،
ھاكىميەتمۇ....بار.

2


ھەرقانداق مەدەنىيەت قېرىغاندا،شۇ مەدەنىيەتنىڭ ھەقلىق ئىگىللىرى بولمىش خەلق بۇ مەدەنىيەتنىڭ مېغىزىنى چۆرۈپ تاشلىۋېتىپ،شاكىلىنى تۇتىيا بىلىپ،جېنىنىڭ بارىچە ئۇنىڭغا يېپىشىدۇ.
مەزكۇر مەدەىيەتنىڭ نامى ۋە شەكلى ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ ئۇنىڭ تۈپ مەزمونى ئۇنتۇلۇپ،ماھيىتى ئاللىقاچان ئۆزگىرىپ كەتكەن بولىدۇ.(ئەگەر بۇ قارشىمىزنى ھاكىميەتكە تەدبىقلىساق،
مەزكۇر ھاكىميەتنىڭ يېڭى بارلىققا كەلگەن چاغدىكى ئادالەتپەرۋەرلىكى،خەلقچىلىققى،ھەتتا دۆلەت قۇرۇش پىروگىرامىسىمۇ  ئاستا-ئاستا تارىخقا ئايلىنىپ قالىدۇ.)  ئەجداتلىرمىز  قەدىمقى
دەۋرلەردە بۆرىنى تۇتىم قىلىپ تاغ-دالىلاردىكى كۆك بۆرىگە چوقۇندىغان،بۆرىگە ئوخشاش ئۆم،ئىتتىپاق،باتۇر،قەيسەر،چىداملىق،تېز پۈكمەس روھقا ئىگە مىللەت ئىدى.كېيىنكى كۈنلەردە بۆرىگە
چوقۇنىشنىڭ (توغىرىسى بۆرە تۇتىم مەدەنيىتىنىڭ)ماھيىتى ئۆزگىرىپ بۆرىنى ئۆلتۈرۈپ،ئۇشۇقىنى ئېلىپ بوينىغا ئېسىۋالىدىغان،بۆرىگە ئەمەس،ئۇنىڭ ئۇشۇقىغا چوقۇندىغان ھالەت بارلىققا كەلگەن.
ئىسلام دىنى،توغىرىسى ئىسلام مەدەنيىتى دەسلەپتە بارلىققا كەلگەندە ئۆزۈنىڭ ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى تەڭدىشى يوق ئىلغار،توغرا ھەقىقەتلىكى بىلەن جاھالەتتە ياشاۋاتقان ئەرەپلەرنى ئۆز
ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى نەچچە ئون مىللەت،نەچچە يۈز قەبىلە ۋە نەچچە مىليۇندىن ئارتۇق ئىنساننى بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇپ ئىنسانىيەت مەدەيىتىدىكى ئاجايىپبىر گۈللىنىش
ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.شۇ جۈملىدىن ئىسلام دىنىنى يېڭى قۇبۇل قىلغان قاراخانلار ئۇيغۇر خانلىقىدىمۇ ئىسلام مەدەنيىتىنىڭ نۇرىنىڭ شاراپىتى بىلەن ياۋرۇپادىن تۆت يۈز نەچچە يىل
ئىلگىرىلا<<ئوتتۇرا ئاسىيامەدەنىيەت گۈللىنىش دەۋرى>>بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ،كېيىنكى كۈنلەردە ئىسلام دىنىنىڭ ئەسلى ئانا ۋەتىنى ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنى،قاراخانلار ئۇيغۇر خانلىقىنى
ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىسلام ئەللىرىدە ئەينى دەۋر مەدەنيىتىدە ۋاقىتسىز قېرىش يۈز بېرىپ ئىسلام دىن ئەقىدىسى ئىككىگە_شىئە ۋە سۈنئىي مەزھىپىگە بۆلۈنۈپ كەتتى.شۇ جۈملىدىن
قاراخانلار ئۇيغۇر خانلىقىمۇ ئىككىگە بۆلۈنۈپ،ئاخىرى زاۋالىققا يۈز تۇتتى.19-ئەسىردە قۇرۇلغان <<يەتتە شەھەر دۆلىتى>>ۋە<<ئىلى سۇلتانلىقى>>نىڭ تېزلا گۇمران بولۇشى ئەمىليەتتە يېڭىدىن
بارلىققا كەلگەن ئەركىنلىك، ئازادلىق ئېڭىنىڭ مۇستەھكەملەنمىگەنلىكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنىڭ يىتىلدۈرۈلمىگەنلىكى يېڭى ھاكىميەتكە خاس يېڭى مەدەنيەتنىڭ بارلىققا كەلمىگەنلىكىدىندور.
مەدەنياتنىڭ قېرىش ئالامەتلىرى ئاۋال يوقۇرى قاتلام كىشىلەردە:خان-پادىشاھ،ۋەزىر،بەگ،بايلاردا،موللا ئۆلۈما،زىيالىيلاردا،ئاندىن ياشانغان بوۋاي-مومايلاردا،پۇقراللاردا،ئاياللاردا،ئەڭ ئاخىرىدا
ياشلاردا كۆرۈلىدۇ.<<قىزىلراۋاقتىكى چۈش>>،<<شەھرىستاندا زاۋال>>،<<ئاخىرقى پادىشاھ>>فىلىملىردە ۋە<<قۇم باسقان شەھەر>>...رومانلىرىدا شۇ  ئەللەردىكى مەدەنىيەتنىڭ قېرىش
ئالامەتلىرىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
دىيارىمزدا،بولۇپمۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى رايۇنلىرىمىزدا ئۇيغۇر ئسلام مەدەنيىتى خوجىلار دەۋرىدىن تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە ئىنتايىن ئۇزاق بىر مەزگىل ناھايىتى قېرىغان،
زەھىپلەشكەن ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر مەدەنيىتى خۇددى كومپىيوتېرنىڭ سېستىمىلىرىغا ئوخشاش بىر تەرەپتىن قېرىش،يەنە بىر
تەرەپتىن يېڭىلىنىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرىۋاتىدۇ.

3


بىزنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرىمىزنى نىسبىي ھالدا ئالدىنقىلار-ئەجداتلىرىمىز  ئالدىن ئالا بەلگۈلەپ قويغان.بىزمۇ ھەم نىسبىي ھالدا كېيىنكىلەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگۈلەپ قويغۇچىلارمىز. 20-ئەسىرگە
تەۋە تارىخ بەتلىرىمىزنى ۋاراقلايدىغان بولساق مۇسابايوفلار،ئابدۇقادىر داموللام،سابىت داموللام ۋە ئېلىخان تۆرەمگە ئوخشاش ئاز ساندىكى مەدەنيەتنى يېڭىلىغۇچىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا
مۇتلەق كۆپ ساندىكى يوقۇرى تەبىقىگە تەۋە كىشىلىرىمىز ۋە قېرىلىرىمىز قېرىغان،ھاياتىي كۈچىدىن قالغان،بوينىمىزغا سىرتماق سالىدىغان گۇمراھ مەدەنيەتنىڭ ھامىيلىرىغا ئايلانغان.مۇشۇ
دەقىقىلەردە كىمدور بىرىنىڭ<<جاھاندا ئۈچ مۇتھەم بار.ئۇلار:بوۋاق بالا، قېرى ئادەم ۋە مۇئەللىم>> دېگەن سۆزى يادىمغا كېلىۋاتىدۇ.بىز تۇرمۇشتا نۇرغۇن بوۋاي-مومايلارنىڭ،ياشانغان ئاتا-
ئانىلارنىڭ<<ئۆلۈپ بېرىمەن،قاغىۋاتىمەن،بەرگەن سۈتۈمگە رازى ئەمەس...>>دەپ پەرزەنلىرىنىڭ ئوقۇش ۋە باشقا جەھەتلىردە بەختىگە ئولتۇرغانلىقىغا ئائىت مىسساللارنى ئۇچۇرىتىپ تۇرىمىز.
بۈگۈنكى بىرقىسىم ياشلىرىمىزدىكى ئەخلاق بوزۇلۇشنىڭ باشلامچىللىرىمۇ ئەمىليەتتە قېرىلار،ئۇلار ئۆزلىرىنى<<ئاپاق ساقال ياش بالا>>چاغلاپ،كېيىنكىلەرگە-ياشلارغا خىلمۇ-خىل يامان
ئىللەتلەرنى مىراس قالدۇرغان.ئەنە شۇلارنىڭ بىرى،بۇزۇقچىلىق،ھاراقكەشلىك،سېتىلمىلىق،قۇل مىجەزلىك، غالچىلىق،جان باقتىلىق،قورقۇنچاقلىق ۋە پىتنە-پاسات تارقىتىش.
جۇڭغارلارغا تۇرغاقلىقتا تۇرغان<<يۇرت ئاتىلىرى>>-خوجىلار،ئابدۇغۇپۇر شاپتۇل داموللام(جاللات شېڭ شېسەينى مۇھەممەد ئەلەيسىلامدىن كېيىنكى پەيغەمبەر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ئاتالمىش
<<ئالتە بۈيۈك سىياسەت>> تەشۋىق قىلىشنى ۋەز-تەبلىغقە ئايلاندۇرغان شەخس)،ئابدۇكېرەمخان مەخسۇم(قانداقتۇر نامەلۇم خىزمەتلىرى بىلەن سىتالىن ۋە شېڭ شېسەينىڭ ئوردىن ۋە مۇكاپاتىغا
ئېرىشكەن شەخس)گە ئوخشاش بىر قاچا تاماق يىسە تويىدىغان قورسىقىنى-بۇرۇتىغا چاپلىشىپ قالغان چۆپنى دەپ پۈتۈن يۇرتنىڭ مەنپئەتىنى سېتىۋېتىدىغان مۆتىۋەر قېرىلىرىمىز بىزدە بەكمۇ
كۆپ ئۆتكەن.مۇھەممەت باغراشنىڭ<<كەلكۈن>>دېگەن پوۋىستىدا ھادى مەسچىتكە ماڭىدىغان يول ئۈستىدە ئاۋال ئاشخانا ئېچىپ،نەزىر ئۆتكۈزۈپ مانتا بىلەن قېرىلارنىڭ ئاغزىنى ياغلايدۇ،
ئاندىن ياشلارنى ئۆگۈتۈپ،ھاراق سېتىش ۋە قىمار ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن پۈتۈن بىر يۇرت خەلقىنىڭ روھيىتىنى بۇلغايدۇ.
بىزنىڭ قېرىلىرمىز ھەرقانداق بىر ئادەم بولدۇم دېگۈچە خارلاپ،ئۇرۇپ،دەسسەپ-چەيلەپ،ئاخىردا<<ھېچقىسى يوق بوۋا،خاپا بولمىسىلا>>دەپ كۆزۈنىڭ يېشىنى سۈرتۈپ،تۆت تال سامسا ئېلىپ
بەرسىلا<<ۋاي رەخمەت، ھەشقاللا!...>> دەپ ئىككى پۈكلۈندىغان قېرى ئادەملەردور.ئۇلار ئۆيىدە ئالتۇن-كۆمۈش،پۇلى بولسىمۇ ئۇنى تامنىڭ تۆشۈكىگە تىقىپ قويۇپ،يۇندۇخور  ئىتتەك خەقنىڭ
سەدىقىسىنى تەسىرلىنىپ يىغلاپ تۇرۇپ ئېلىشقا تولىمۇ ئامىراق.مەن قېرىلارنىڭ<<ئىگىلگەن باشنى قېلىچ كەسمەپتۇ>>،<<ئاكاڭ كىمنىى ئالسا،يەڭگەڭ شۇ>>،<<پادىشاھنىڭ
ھۆكۈمىنى ئاڭلىماق كېرەك>>،<<كۈن قاياقتىن چىقسا،شۇ ياققا قولۇڭلارنى قاقلاڭلار>>،<<ئىشەكنىڭ تېقىمىغا ئاپتاپ چۈشسىمۇ قولۇڭلارنى قاقلاڭلار>>،<<بېشىڭنى كىم سىلىسا،ماشايىخىڭ شۇ>>،
<<تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغاننىڭ پايدىسى يوق>>،<<خۇدايىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇ دۇنيالىقىنى بەرگەن>>...دېگەنگە ئوخشاش<<ھېكىمەتلىك سۆز>>لىرىنى كۆپ ئاڭلايمەن.

4


قۇملۇقتا قەبىلىلەرگە بۆلۈنگەن ھالەتتە جاھالەتتە ياشاۋاتقان ئەرەپلەرنىڭ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىنكى گۈللىنىشى،يايلاقتا قەبىلىلەرگە بۆلۈنۈپ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن
ياشاۋاتقان يېزىقسىز مۇڭغۇللارنىڭ  بىردىنلا دۇنيانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى،قاراڭغۇ ئورمانلىقتا ياۋايى ئادەملەردەك ياشاۋاتقان روسلارنىڭ  بىردىنلا كۈچلۈك ئىمپىرىيە قۇرالىشى، يات
ئەللەرنىڭ قاتمۇ قات ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغان تۈركلەرنىڭ مۇستاپا كامالنىڭ يىتەكچىلىكىدە يېڭى،ھۆر جۇمھۇريەت قۇرالىشى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنگىچە مەۋجۇت بولالىشى،ھېچنىمىسى يوق
ۋەتەنسىز يەھۇدىلارنىڭ دۇنيا ئىقسادىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپ قېلىشى،نەچچە يۈز يىل سەلتەنەت تەختىدىن ئايرىلغان خەنزۇلارنىڭ<<شىنخەي ئىنقىلابى>> ۋە<<4-ماي ۋەتەنپەرلىك ھەركىتى>>
دىن كېيىن بىردىنلا جۇڭگودىكى سىياسەت بەلگۈلگىچىلەرگە ئايلىنىپ قېلىشى،نەچچە يۈز يىل جاھالەت ئۇيقۇسىدا يېتىپ،بىردىنلا<<ئويغانغان زېمىن>>دىكى خەلقىمىزنىڭ 30-40- يىللاردىكى
نىسبىي غەلبىسى ۋە بۈگۈنكى نىسبىي گۈللىنىشى ئەلۋەتتە نىسبىي ھالدىكى يېڭى مەدەنىيەتنىڭ،مەدەنىيەت ئۇيغىنىشنىڭ نەتىنجىسى.بۈگۈنكى كۈندە ئامېركا ۋە ياپۇنيەنىڭ سىياسىي،
ئىقتىسادىي،ھەربىي،مائارىپ ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشى،ئامېركىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئالدى نەچچە يۈز،ئارقىسى نەچچە ئون يىل بولغان ئاققۇنلاردىن تەركىپ
تاپقان يېڭى مەدەنيەتنىڭ ھامىيلىرىدىن بولغانلىقىدا.ياپونيەدىمۇ<<مېيجى يېڭىلققا كۆچۈش ھەركىتى>>نىڭ بولغانلىقىدىندور.ئوخشاشلا  تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەڭرى
تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا نىسبەتەن جەڭگىۋار،قارام،قورقماس بولۇشى،ئەركىن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنالىشى ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرىنىڭ بىر قىسىمىنىڭ جەنۇبتىن سۈرگۈن
قىلىنىپ چىقىپ،يېڭى موھىتتا يېڭى مەدەنيەت ياراتقان كىشىلەر ئىكەنلىكىدە.

5


<<يېڭى مەدەنىيەت>>دېگەن ئاتالغۇنى<<مەدەنيەتنىڭ يېڭىلىنىشى>> دېسەك بەكىرەك مۇۋاپىق بولغۇدەك.چۈنكى يېڭى مەدەنىيەت دېگەندە كۆپ ھاللاردا ئەسلىدىكى ئىسىل مەدەنيەتنى چۆرۈپ
تاشلىۋېتىپ،باشقىلارنىڭ مەدەيىتىنى يېڭى مەدەنىيەت دەپ قۇبۇل قىلىش كۆزدە تۇتۇلۇپ قالىدىكەن.بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز ئەنئەنىۋىي مەدەيىتىمىزدىكى قالاق تەرەپلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ،ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان ماھيەتلىك،ئىلغار تەرەپلىرىنى-ئەسلى ھالىتىنى تېپىۋېلىشتور.
19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆتۈرۈلگەن جەدىتىزىم ھەرىكەتلىرى ۋەھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا ئىسلام مەدەنىيىتى چەمبىرىكىدىكى  ئەللەردە ياشلار
ئارىسىدا پەيدا بولغان ئىسلام ئەسلىيەتچىلىك ھەرىكەتلىرى،دەل ئىسلام مەدەنيىتىدىكى ئۆز- ئۆزىنى يېڭىلاش،ئەسلىگە قايتىش پائالىيەتلىرىدور.
بىزدە نەشىر قىلىنغان<<ئۆزلۈك ۋە كىملىك>>،<<تەكلىماكانغا دۈملەنگەن روھ>>،<<بۆرە تۇتىم مەدەنىيىتى>>،<<ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغۇسىدا>>،<<تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما>> ۋە
<<چۈمبەلدىكى كۆز>>،<<دېڭىزدىكى كوچا>>...دېگەن كىتابلار دەل بىزنىڭ ھازىرقى قېرىۋاتقان، زەئىپلىشىۋاتقان مەدەنىيىتىمىزنى يېڭىلاشقا،بىزنىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بېرى ئۇنتۇلغان
خاس مەدەنيىتىمىزنى قېزىشقا،تېپىۋېلىشقا ۋە ئەسلىمىزگە قايتىشقا دائىر مەزمونلاردىكى كىتابلاردور.
خۇددى سۇتۇق بۇغراخان،تېمۇچىن،ناپائىلۇن،مۇستاپا كامال،سۇن جۇڭسەن،ماۋزېدۇڭ،گېتلىر...ۋە 4-ماي ھەركىتىدىكى ياشلارغا ئوخشاش ھەرقانداق بىر ئەلدە يېڭى مەدەنيەتنىڭ ياكى
مەدەنيەتتىكى يېڭىلىنىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاكتىپلىرى،يولباشچىلىرى كۆپ ھاللاردا قېنى قىزىپ تۇرغان ياشلاردور.شۇنداق،ياشلار ھەمىشە خاتالىقتىن خالىي بولالمايدىغان،يىتەكلەشكە،
تەربىيلەشكە ئېھتىياجلىق تەنتەكلەردىن  بولسىمۇ،ئەمما ئۇلار مىللەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى،ئىجاتچانلىقىنى ئۇرغۇتىدىغان،يېڭى مەدەنيەتنىڭ ھامىيلىرى بولمىش ئاۋانگارت قوشۇندور.كۆپ
ھاللاردا بىر ئەلدە ياشلار سانىنىڭ بىردىنلا كۆپۈيۈپ كېتىشى،شۇ ئەلدە بىر قېتىملىق يېڭى مەدەنيەت ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
21-ئەسىر،يەنى 1976- يىلدىن بۇرۇن تۇغۇلغانلار ئۆلۈپ تۈگىگەندىن كېيىنكى بىر مەزگىل مېنىڭچە، ئۇيغۇرجەمئىيىتىگە نىسبەتەن بىر قېتىملىق يېڭى مەدەنيەت ئۇيغىنىش دەۋرى بولۇپ قالغۇسى!

مەنبە:  ئۆزۈم


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
hazniqi + 100 .................

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 100   باھا خاتىرىسى

جان نېمە،جانان نېمە،ۋەتەن نېمە؟ ھەر كىشىنى ئادىمىي ئەتكەن نېمە؟ يانمىسا كۆڭۈل ئۆيىدە بىر چىراغ، گۆش-تېرە،سۆڭەك بىلەن بۇ تەن نېمە؟

ئالدىراشلىق .....

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47298
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3083
تۆھپە نۇمۇرى: 248
توردا: 4151 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 08:46:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ قىسىم قاراشلىرىڭىزنى قوللايمەن ،نۆۋەتتە تېمىدىكى باشقا مەزمۇنلارنى قايرىپ قويۇپ ،تېمدا مىسال ئېلىنغان باھا بېرىشتە  تالاش -تارتىش تۈگىمىگەن بىر شەخسكە ئېسىلىۋالامدىكىن بەزىلەرنى دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن...

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2556
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21680
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9907 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 09:16:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىدىكى قېرىلار توغرىسىدىكى گەپ بەكلا يۈزەكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ قالدىمۇ نىمە؟

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئالدىراشلىق .....

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47298
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3083
تۆھپە نۇمۇرى: 248
توردا: 4151 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 09:23:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

.........

تېما ئاخىرىدىكى قاراشلارنى مەنمۇ  قوللاپ كەتمەيمەن ،يەنە بەزى مەدەنىيەتلەر ھەقىقەتەن قېرىدىمۇ ھازىر ھۆكۈم چىقىرىشقا بالدۇر..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51040
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9859 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 10:12:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىلاردا ئاپتۇر سوبىكتىپ خىياللارغا كۆپ بېرىلىپ كەتكەن،مېنىڭ بوۋامنىڭ ئاكىسى ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم سىز دېگەندەك تارىخ بېتىگە يېزىلسا،سىز بۇ توغۇرسىدا ئالدىراپ قويۇپسىز،ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم بۇرۇنقى تارىخى ۋە ھازىرقى زاماندا چۈشەندۈرۈلگەن بۇ تارىخنى سىزدىن ئاڭلىشىم،قەشقەردە نۇرغۇن مويىسىپ ئادەملەردىن  بۇ ئىشلارنى سورىسام،تارىخىنى ماڭا دەپ بەرگەن،سىز سۆزلەۋاتقان ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم باشقىچە چىقىپ قالدى،ئەجىبا،مەن دېۋاتقان ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم بۇرۇن قەشقەر ۋىلايىتىگە ۋالىي بولغان ئادەم.بەلكىم ،سىزمۇ شۇنى دېۋاتقان بۇلۇشىڭىز مۇمكىن.كىتابلارنىڭ تۈرىنى ياخشى يوللاپسىز،يالغۇز ئۇ ئەسەرلەرلا ئەمەس،ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن،ئابدىرھىم ئۆتكۈر،زوردۇن سابىر،ئەختەم ئۆمەر...قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرى چۈشۈپ قالدىمۇ قانداق؟ئۇلار يازغان ئەسەرلەر ئىسلاھات ،ئىشىكنى ئېچىۋاتقاندىن كېيىن،ئۇيغۇر ئېدىلوگىيىسىگە بەكلا تەسىر كۆرسەتكەن،بۇلار يازغان ئەسەرلەرنىمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ،ئۇلارنىڭ قان-تەر بەدىلىگە روياپقا چىققان،بىز كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولىۋاتقان،تېڭىرقاش،ھودۇقۇش،داۋالغۇش پەيتلىرىدە بۇ ئەزىمەتلىرىمىزمۇ بىر قولىغا قەلەم،بىر قولىغا ئەلەم ئېلىپ،جاھاننى ھاڭ-تاڭدا قالدۇردى،بىزنى ئويغاتتى،بۇلار چوقۇم ئېلىنىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.3يازغۇچى گەرچە پىروزا ئەدەبىياتى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ،ئۇيغۇر تۇرمۇش كارتىنىسىنى ،تارىخىنى،دۇنيا قارىشىنى،مەدەنىيىتى ناھايىتى ئۇستۇلۇق بىلەن يۇرۇتۇلغان،بۇلار مىللەتنى ئۇقۇتۇش دەرسلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى دەپ چۈشىنىش كېرەك.
يەنە بىر سەل قارالغان نۇقتا،تېما مەزمۇنىدىن تولىمۇ چېتىلىش دائىرسى بەك كەڭ مەزمۇنلار سەپلەنگەن،ماقالىگە كىرگۈزگەن دەلىل-ئسپاتلار ئاز بوپ قالغان،گەرچە،ئاپتۇرنىڭ بۇ ماقالىسى تۇنجى قېتىملىق روياپقا چىقىشى بولسىمۇ،ماتىريال چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان،تارىخنى بىر دەۋر يۇرۇتۇش ئۈچۈن،ئۇنىڭغا مەشھۇر شەخسلەرنىڭ يازغان سۆزلىرى،گەپلىرى بۇلۇشى كېرەك،سىتاتا مەنبەلىرىنى ئەسكەرتىش كېرەك.
ھەربىر ئىش ئەستايىدىللىقتىن كېلىدۇ،ئاپتۇر ئىسلام دىننىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا قانداق كىرگەنلىكىنى چوقۇم ئەسكەرتىشى كېرەك ئىدى،ئەمما،پۈتۈن مىللەت توغۇرلۇق ئىسلام قۇبۇل قىلىش توغۇرلۇق توختالماي،دۇنيانىڭ گېپىگە كەتكەن،شۇ نۇقتا ئېنىق ئېسىمىزدە بۇلۇش كېرەككى،ئەينى ۋاقىتتا ئىسلام دىننىنى قۇبۇل قىلغان چاغلاردا قەبىلىلەر قۇبۇل قىلغان،پەقەت دۆلەت،خاقانلار بويىنچە ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلىش پەقەت مۇشۇ ئاتۇش دىيارىدا كۆرۈلگەن.بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت بويىنچە دىننى قۇبۇل قىلىشى دۇنيادا بىردىن بىر ئىش،پەقەت مۇشۇ تەكلىماكان باغرىدا،تارىم بويىدا كۆرۈلگەن،باشقا زېمىندا كۆرۈلمىگەن،شۇڭا،ئاجايىپ ئىسلام گۈللىنىشى بارلىققا كەلگەن دېيىشمۇ ناتوغرا قاراش.ئاخىرقى سۆزىڭىز كىشىنى ئويلاندۇرۇپ قويىدۇ،ئەمما،مۇتلەقلەشتۈرسەك بولمايدۇ،1976-يىلغىچە1-15ياشقىچە كىرگەنلەرمۇ بۇ ھەرىكەتنىڭ ھامىيلىرى،ئاۋانگىرانتلىرى بولىدۇ،زامان ھەرگىزمۇ كىشىنىڭ يېشىغا باقمايدۇ،ئۇلۇغ دۆلەت رەھبىرى دىڭشىياۋپىڭمۇ 70ياشلاردىن ئاشقاندا،قايتا ھوقۇقنى قولغا ئېلىپ،قانداق ئىشلارنى تەۋرەتتى،ئۇ دۇنيادا بىر نامىنى قالدۇرۇپ كەتتى.
دۇنيادا ئەڭ پاكار ئادەم ناپالىيۇن،يەنە بىرى دىڭ شىياۋ پىڭ.
ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ 1964-يىلى تۇغۇلغانغۇ،ئۇنىمۇ ھازىرقى مۇھىم ئويغىنىش ھەركىتىدىكى بايراقدار دېسە بولار.
ئەسلى ئىنكاس يازماي دېگەن،بەزى يۇرۇتۇلماقچى بولغان تېمىدىن بەك چەتنەپ كەتكەن يەرلەر بەك كۆپكەن،بەزى يەرلىرى ئاپتۇرنىڭ ئوي-خىيالى بويىنچە،مۇتلەقلەشتۈرۋىتىلگەن،پايدىلانغان مەنبەلەر ئاز بوپ قالغان،تارىخىي ماتىريالىزىملىقتىن يىراقلاپ كەتكەن،تېمىغا مۇناسىۋەتسىز پىكىر كۆپ دېيىلىپ قالغان،بوۋامنىڭ ئاكىسى ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم توغۇرلۇق دېيىلگەن گەپلەر ئارقىلىق تېمىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقتىم،تېما ئېگىسىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىردە كۆزىتىپ يېزىشىنى،سىتاتا مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى،بۇنداق ۋەزنى ئېغىر ماقالە ئۈچۈن كۆپلەپ ماتىريال كۆرۈپ چىقىپ،قايتا قەلەم تەۋرىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6567
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7744
تۆھپە نۇمۇرى: 355
توردا: 8916 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2014-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 10:33:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھكۇملۇقتا قالغان مىللەتلەرنىڭ ئورتاق  ئالاھىدىلىگى،يېڭى ئېتقادنى قوبۇل قىلىش ۋە يېڭى مەدىنيەتلەرگە كۆچۇش،ئەجداتلىرىدىن يۇز ئۆرۇش.
قۇدرەت تاپقان ۋە دۇنياغا ھوكۇمرانلىق قىلىۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىگى،ئەجداتلىرىغا بولغان ئشەنچ ۋە ھۆرمىتىنى،ھەرقانداق قىيىن ئەھۋالدىمۇ يوقاتماسلىق.
يەھۇدىلارنىڭ ئۆزىنى يوقىتىپ قويماسلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا دەل ئۇلارنىڭ ئېتقادى بولغان تەۋرات.
تەۋراتتا يېزىلغىنى بويىچە ،يەھۇدىلار خۇدانىڭ تاللانغان قەۋمى.ئۇلار بىلەن خۇدا ئوتتۇرىسىدا تۇزۇلگەن ئەھدى بويىچە ئۇلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇملاردەك كۆپ بولىدۇ.دۇنيادىكى بارلىق قەۋىملەر پەقەت يەھۇدىلار ئارقىلىقلا بەختكە ئېرىشىدۇ.ئۇلارغا ياخشىلىق تىلىگەنلەر،ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ،يامانلىق تىلىگەنلەر يامانلىققا ئېرىشىدۇ.
ئىسرائىل دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى،خۇدامۇ يېڭەلمەيدىغان كىشى دىگەنلىك بولۇپ،قىسقىسى يەھۇدىلار قەدىمىدىن تا ھازىرغىچە مۇشۇ خىل ئەقىدە بويىچە ياشاپ كەلگەن.بۇ خىل ئەقىدە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىدىن مىراس قالغان.
يەھۇدىلار ئەجداتلىرىنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلۇغلاشتا ھەرقانداق قەۋىمدىن ئۇستۇن تۇرغان.دۇنيادىكى چىركاۋلاردا ھەر يەكشەنبە كۇنى ئېيتىلىدىغان زەبۇر داستانلىرى دەل يەھۇدىلارنىڭ خۇداغا ۋە ئەجداتلىرىغا ئوقۇلغان مەدھىيەدىن ئىبارەت.

ئاغزىدا كۇلكە-چاقچاق،قوينىدا پالتا-پىچاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22106
يازما سانى: 282
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10890
تۆھپە نۇمۇرى: 912
توردا: 2557 سائەت
تىزىم: 2010-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 12:26:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ماقالا ئىكەن ئ

ياردەم مەزمۇنى

باش رەسىمى نىقابلانغان

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26702
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8321
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 3847 سائەت
تىزىم: 2011-1-18
ئاخىرقى: 2013-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 02:22:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
www.elkelem.com

پاكىز قەلبتىن پا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33767
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23105
تۆھپە نۇمۇرى: 2917
توردا: 4060 سائەت
تىزىم: 2011-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-20 10:12:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزكۇر ماقالە ھەقىقەتەنمۇ ئىلمىي ماقالە ئۆلچىمگە يېقىنلاشمايدۇ. پايدىلانغان مەنبەلەر يوق. مەن بۇ ماقالىنى يېزىلاردا،ئاپتوۋۇزلاردا،ناھىيە بازارلىرىدا ۋە تېلىۋىزورلاردا يېقىنقى تۆت-بەش يىلدىن بېرى ياشانغانلارنى كۆرگەن ۋە گەپ_سۆزلىرىنى،قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى كۈچلۈك سوبىيىكتىپ ھېسىياتىمنىڭ تۆرتكىسىدە يېزىپ چىقتىم.

جان نېمە،جانان نېمە،ۋەتەن نېمە؟ ھەر كىشىنى ئادىمىي ئەتكەن نېمە؟ يانمىسا كۆڭۈل ئۆيىدە بىر چىراغ، گۆش-تېرە،سۆڭەك بىلەن بۇ تەن نېمە؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش