مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5336|ئىنكاس: 34

يەتتە قەبرە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۈيچى = باھا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43993
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1827
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2011-6-10
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 07:08:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
- ۋۇي پاسكىنا !!! ئاچە ئىشىكنى !!! ھېلى بىكار قارنىڭنى.....
- مانا ، مانا !!! ھازىرلا
-ئۆلۈك چوشقىدەك ئوخلاپ ، ئادەمنى ساقلىتىپ !!!
مانا بۇ خوشنامنىڭ ئىشىك تۈۋىدە 2 كۈندە بىر تەكرارلىنىدىغان دىئالوگ ، بىچارە ئايال ئەسلىدە يۇقىرى مەھەللىدىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئايالى بولۇپ ، يولدىشى كېسەل بىلەن تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن ، ئۇرۇق - تۇققانلىرىنىڭ سايە قىلىشى بىلەن ئىككى بالىسى بىلەن غوپۇرغا ياتلىق بولغان ، كىچىك ئوغلى ئالدىنقى يىلى قىشتا تۈگەپ كەتكەن ، چوڭ ئوغلى ھازىر ئۈرۈمچىدە ئوقوۋاتىدۇ .
- زادى نىمە قىلىۋاتىسە ئۆيدە ، يېقىندىن بۇيان ھەجەپ سىرلىق بوپ كەتتىڭيا؟
- ھىچ ..... ھىچنىمە ،مەن پەقەت كىيىملىرىڭىزنى يۇيۇۋاتقان ئىدىم .
- ماڭە ، ما قورساق ئېچىپ كەتتى ، يىگۈدەك بىر نىمە بولسا ئېچىق !!
- ئۆيدە ئۇن تۈگىگىلى ئىككى كۈن بولدى ، نانمۇ يوق ،- نىمە   ؟  مەن تېخى ئۆتكەن ھەپتە ساڭا 200 يۈەن بەرگەنغۇ؟ قېنى شۇ پۇللار ئۇن ئالماي ، ئاناڭغا بەردىڭما ئېشەك!!    
ئايال سەل تىتىرىگەن ئاۋازدا :
- ئەسقەر بالام پۇلۇم تۈگەپ كەتتى دەپ خوشنىمىزغا تېلىفۇن قىلىپتىكەن ، شۇڭا ئۇ پۇلنى ......
تۇيۇقسىز كەلگەن تەتۈر مۇشتنىڭ تەسىرىدە ئايال ئارقىسىغا ئۇچۇپ چۈشتى .
-ھۇ قانجۇق!! مەن ما يۈزۈمنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرىمەن !!؟؟ ئوقوتمايلى دېسەم ئالەمنى بېشىڭغا كىيىپ يىغلايسە ، مانا !~! خەققە پۇلۇم تۈگىدى دەپ ما يۈزۈمنى پوق قىلدى!!!
ئايال يىغلاپ تۇرۇپ :
- ھېلىمۇ ئۇنىڭغا بىر يىلنىڭ ياقى پۇل سالمىدۇق!!!
-نېمە ؟ سەن جاۋاپ قىلغۇدەك بولدىڭما ! سەن پاسكىنا زادى ئادەم بولمايسەن؟؟ تويە مانا !!
شۇنداق قىلىپ غوپۇر ئايالنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە تېپىپ ، مۇشلاشقا باشلىدى ، ئايال پەقەت ئۈن چىقارمايتتى ، ئۇ ئىرىنى ئوبدان بىلەتتى ، ئىرى قىمارغا ئۆگۈنىپ قالغاندىن بىرى ئۇتتۇرىۋەتسىلا ئۆيگە كىلىپ يوقىلاڭ ئىشلارنى باھانا قىلىپ ئايالنى ئۇراتتى ، يىغلاپ ئاللا - توۋا كۆتەرسىمۇ ، ئۇ ئۇرۇپ ، ئاچچىقى چىقمىغۇچە بولدى قىلمايتتى . ئايالمۇ ئوغلى ئۈچۈن بۇ ئىشلارغا چىداپ كەلگەن ئىدى ، بىر چاغدا ئايال ئاستا كۆزىنى ئاچتى ، تاڭ سۈزۈلگەن   ، ئايال بىر كېچە شو نەم يەردە ياتقان ئىدى ، ئۇ ئورنىدىن تۇرماقچى بولدىيۇ ، ئەمما سول قۇلىنى مىدىرلىتالمايۋاتاتتى ، سول قولى ئىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ سۇندۇرىۋېتىلگەن ئىدى ،
بۇ چاغدا تەرەتكە چىققان ئەر ئايالنى كۆرۈپ سەت ۋارقىرىدى :
- ئاپتاپقا چىققان ئېشەكتەك ياتماي ، قۇپۇپ ما قورساققا بىر نىمە قىل ، ھېىلى بىكا !!!!
شۇنداق دەپلا ئارقا ھويلىغا ئۆتۈپ كەتتى ، ئايال مىڭ تەستە ئورنىدىن تۇرۇپ ئوچاق ئالدىغا كەلدى ۋە بىر چەينەك سۇنى تەستە ئوچاققا ئېسىپ ، ئوت ياقتى ، سو قاينىغىچە بىر قولى بىلەن ھويلىنى تەستە چالا - پۇلا سۈپىرىپ چىقتى ، ئۇنىڭغىچە چايمۇ قاينىدى .
- ھوي دادىسى ، قۇپۇپ چايلىرىنى ئىچىۋالسىلا!...  -ئايال شۇنداق دەپ چۆگۈندە سۇ تەييار قىلىپ تۇردى ، ئەر ناھايىتى ئىرىنچەكلىك بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئايالغا قول سۇندى ، بىر قولى بىلەن چۆگۈننى چىڭ تۇتالمىغان ئايال سۇنىڭ يىرىمىنى كىگىزگە ، يېرىمىنى يەرگە قويۇپ دېگەندەك ئەرنىڭ سەپراسىنى قوزغاپ قويدى .
- ھەي!! سەندە كۆز دېگەن نەرسە بارمۇ - يا !!! نېمە قىلىۋاتىسەن ئېشەك!!!!
ئايال ھودۇقۇپ كەتتى!!! قۇلىدىن يەرگە چۈشكەن چۆگۈن ئۆرۈلۈپ ، پەگانى ھۆل قىلىۋەتتى ، ئەر بەلكىم سەزگەن بولسا كېرەك ، ئايالنىڭ قولىنى ئاستا سىلاپ قاراپ قويدى ۋە كۆڭلىدە [ۋۇي ، سەل چاتاقمۇ نىمە دەپ ئويلىدى ] ئەمما چاندۇرماي :
- نېمە بولدۇڭ !؟ ھەجەپ نازۇك بوپ كىتىپسىنا ؟
ئايالدىن ئۈن چىقمىدى،ئۇ نىمىمۇ دىيەلىسۇن! ھەم بىر نەرسە دىيىشنىمۇ خالىمايتتى ،ئۇ پەقەت ئوغلىغا پۇل ئۆۋەتىپ بىرەلىگەنلىكىدىن خۇشال ئىدى !!
كىچە`نىڭ ئاچچىقى چقىقان بولسا كىرەك،ئۇمۇ ئارتۇقچە بىرنەرسە دىمىدى،چاي سۇغۇقلا ئىچىلگەندىن كىيىن غوپۇر سىرتقا ماڭدى ،ئايال تىتىرەپ تۇرۇپ:
-نە گە بارىسىز ؟
ئەر كەينىگە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ،گەپمۇ قىلماي چىقىپ كەتتى!!!!
ئاخشامقى قىماردا يانچۇقىدا بارنىڭ ھەممىنى شامالغا سورىغان غوپۇر ئەتتىگەندە پۇلنىڭ ئامالىنى قىلماق بۇلۇپ نىشانسىزلا سىرتقا ماڭدى،

غوپۇر ئەسلىدە مەھەلىدىكى خىلى ئىناۋەتلىك قاسىم ئاخۇن دىگەن كىشىنىڭ يالغۇز ئوغلى بۇلۇپ ،ئۇكىشى مۇشۇ ئوغلىنى تويلاپلا ئۇزۇن ئۆتمەي ئامانەتنى تاپشۇرغان ئىدى،ئانىسى بىچارە كىسەلچان بۇلۇپ بوۋىيىغا ئەگىشىپ غوپۇرنى قارا يىتىم قىلىپ كىتىپ قالدى !! غوپۇرغا دادىسىدىن قالغىنى كەڭ ، ھۇيلا-ئارام بىلەن مەھەللە دوقمىشىغا سىلىنغان كىچىككىنىە ماگزىن بولدى،
قىمارغا ئۆگىنىپ قالغاندىن كىيىن ئالدىنقى ئايالى ئۇنى تاشلاپ كىتىپ قالدى !! شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىراقلا قىمارۋازغا ئايلاندى،بەزىدە ئامىتى كەلسە كوچىنى بىشىغا كىيىپ ناخشا توۋلاپ ،ئۇتتۇرۋەتسە بەز مارىلىغان مۈشۈكتەك يەردىن بىشىنى كۆتىرمەي يۈرەتتى !!! ئۇنىڭ ھالىنىڭ بارغانسىرى خاراپلىشىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئۇرۇق -تۇققان قۇلۇم قۇشنىلىرى ئۆيلىنىپ قالسا ئوڭشىلىپ قالىدۇ دەپ يۈرۈپ مەھەللە ئىمامى باشلىق بىر قانچە كىشىنى ئايالنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە قۇيۇشتى ،ئايال باشتا رازى بولمىغان بۇلسىمۇ، ئىككى بالىسىنى يالغۇز بىقىپ بولالمايدىغىنىغا كۆزى يىتىپ ،ھەم غوپۇرنىڭ يالغان ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ دەگەندەك بۇ توي ئىشىغا ماقۇللۇق بىلدۈرگەن ئىدى ،
توي بۇلۇپ بىر ئىىككى ئايغىچە ئۇ خۇيىنى تاشلاپ ئوبدانلا تۈزۈلۈپ قالدى،ئىتزنىڭ ،دۇكاننىڭ ،بەزىدە ئۆي ئىشلىرىغىمۇ قارىشاتتى ، شۇ ئارىدا چوڭ ئوغلى ئەسقەرنىڭ ئۈرۈمچىگە ئوقوشقا ئۆتكەنلىك خەۋىرى ئۇنى بئارام قىلدى.كۆڭلىدە {بەرىبىر مىنىڭ پۇشتىم ئەمەس،كۈنلەرىنىڭ بىرىدە ماڭا قانچىلىق ياخشىلىق كىلەتتى بۇ يىتىمەكتىن }دەپ ئويلاپ ئۇنى بارغۇزماسلىقنى توغرا تاپتى ،
-ماڭا قارا خوتۇن ،بىزدە دېھقان بالىسى كادىر بولماس دېگەن گەپ بار! قارا ،مەھەلىمىزدىكى تۇرسۇن باينىڭ ئوغلىمۇ شۇنچە ئۇقۇپ ئاخىرى كەتمەنگە تۇتۇلدىغۇ، ياخشىسى،ئۇنى ئەتىلا بىرەر ئۇستامنىڭ يىنىغا ئاپىرىپ بىرەيلى، بىرەر يىلدا ھۈنەر ئايرىسا دەسمىنى چوڭ سېلىپ دۇكان ئېچىپ بىرىمەن!!!!
-ياق!! مەن ئۇنى ئۇقۇتىمەن !!! ئاخىرىغىچە ئوقۇتىمەن !!!
غوپۇرنىڭ سەپراسى ئۆرلەپ قالدى !!
-ئەڭ ياخشىسى مىنىڭ دىگىنىمدەك قىلىپ ئۇنى ئەتە ھۈنەرۋەنگە شاگىرت بۇلۇشقا كۆندۈر!!! بىكار....
ئايال يەنىلا چىڭ تۇردى ؛
-ئۇنى ئۇقۇتىشقا ئۆزىڭىز ۋەدە بەرگەن ، ئەسقەرنى ئوقۇتقىنىم ئوقۇتقان !!!
-ھازىر ئوخىشىمايدۇ ، ئونى مەكتەپكە ئىۋەتمەيسەن!
-بۇ سىزنىڭ نېمە قىلغىنىڭىز !؟ئەر كىشى دىگەنمۇ مۇشۇنداق بۇلامدۇ؟
بۇ گەپ بىراقلا ئۇنىڭ تىتاڭ تۇمۇرىغا تىگىپ كەتتى ،ئوغىسى قاينىغان غوپۇر مۇشتىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇشىغا دەرۋازىنىڭ تاقىلدىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، بۇ ئەسقەر ئىدى،
شۇنىڭ بىلەن بۇ غەۋغا پەسلەپ قالدى.

شۇنداق قىلىپ ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى!!
بىچارە ئانا قۇلۇم قۇشنىلاردىن پۇل سۇراپ يۈرۈپ ئەسقەرنى مىڭ تەستە يولغا سالدى!!
غوپور ئادەتتە ئايالىنىڭ ئالدىدا چوڭ سۆزلىگىنى بىلەن،ئەسقەردىن ھېيىقاتتى!! گەرچە ئەسقەر بۇيىل ئەمدى 15 كە كىرگەن بولسىمۇ بوي بەسـتى ئىگىز ،قاۋۇل ئىدى!! ئەمما كىچىكىدىنلا دادىسىز چوڭ بولغان بۇ بىچارىگە ئاللاھ ئىگەم ئاشۇ بۇيىغا چۈشلۇق مىجەز بەرمىگەن !! بۇتەرىپىنى غوپورمۇ ئانچە مۇنچە بىلەتتى!! ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئەسقەرنىڭ ئەل مەھەللە ئالدىدا ئۆيدىكى ئىشلارنى سىرتقا يىيىشىدىن قۇرقاتتى!!
ئەسقەر كەتكەن كۈنى غوپۇرنىڭ غەلۋە پىلىكىگە يەنە ئوت تۇتاشتى!!
-قاغا مىڭىسى يەپ سالغان ساراڭ !! مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلىماي .....،خەپ توختاپ تۇر !! مۇشۇ قىلغىنىڭغا تۇيۇسەن ئەمدى !! مەندىن بىر پۇڭ ئۈمىد كۈتىمەن دەپ خام خىيال قىلما !!! ئۇنىڭغا بىرىدىغان پۇلۇم يۇق مىنىڭ!!!
شۇنىڭدىن كىيىن بىچارە ئانا ئوغلىغا قۇرقماي پۇل ئېۋەتىپ بىرەلمىدى!! قۇشنىلاردىن ئالغان قەرىزنىمۇ مەدىكار ئشلەپ ئاران تۈگەتتى!!
بىرقىتىم ئۇ دۇكاننىڭ پۇلىدىن 50يۈئەن ئىلىپ ئىۋەتكەن ئىدى!! غوپۇردىن ئوبدانلا تاياق يەپ ئككى كۈنچە يىتىپ قالدى!!
لېكىن تا ھازىرغىچە ئانا بىرەر قىتىممۇ ئەل مەھەلە ئالدىدا دادلاپ باقمىدى!!
بۈگۈن ئۇ دەل ئاخشام قىماردا ئەڭ كۆپ ئوتقان ھاشىم چىماق دىگەن كىشىنى ئىزلەپ كەلدى،ئۇنىڭچە بولغاندا ئۇ ئازراق«دەسمايە« بىلەن ئاخشام ئۇتتۇرۋەتكەن پۇللىرىنى قايتۇرۋالماقچى ئىدى!!
-جىنىم ھاشىمكا ،سىزمۇ بىلىسىز ئوغلۇم ئەسقەر ئۈرۈمچىدە ئۇقۇۋاتىدۇ!! ئۇنىڭغا ھەرئايدا نەچچەيۈز يۈۋەن پۇل كىتىدۇ! !خاپا بولماي ماڭا ئازراق قەرىز بىرىپ تۇرغان بولسىڭىز ،مەن چۇقۇم ھەسسلىلەپ قايتۇراتتىم!!
ھاشىم چىماق دېگەن بۇ ئادەم گەرچە مۇشۇ يىزىدا نامى بار قىمارۋاز بۇلسىمۇ ،ئەمما ئۇنىڭ بىر بالسى ئىچكىردە ئۇقۇيتتى ،شۇڭا ئۇنىڭ غوپۇرغا ئىچى ئاغرىپ قالدى!!
-بوپتۇ ئۇكام ! ئاشۇ ئۇقۇيدىغان ئوغلىڭنىڭ يۈزىنى دەپ ساڭا قەرىز بىرىپ تۇراي!! ئەمما ۋاختىدا قايتۇر جۇمۇ!  
غوپۇرنىڭ بىشى كۆككە يەتتى!
- رەخمەت ئاكا!! رەخمەت !!
شۇنداق قىلىپ ئۇ ھاشىم چىرماقتىن 3000 يۈۋەن ئالدى،ھاشىم چىرماق يەنە 5 كۈندىن كىيىن ئاياغ مەھەللەدە قىمار سورۇنى بارلىقىنى ئۇنىڭغا دېگەندە ئۇنىڭ شادلىقى ئەرشكە چىقتى!!!


[2]
-ئانا ، ئانا.....
كىچىك قىزچاقنىڭ چىرقىرىغان بۇ ئاۋازى كەچ خۇپتەندە پۇتۇن مەھەللىنى تىتىرەتتى!!
قىزنىڭ ئانىسى دەرھال ئۆيدىن يۈگۈرەپ چىقىپ قىزنى باغرىغا باستى!!
-ۋۇي ئاپئاق قىزىم !! نىمە بولدى سىزگە !!؟نىمگە بۇنچە قۇرقۇپ كەتتىڭىز !! ؟
قۇرقۇپ كەتكەن قىزنىڭ تىلى گەپكە كەلمەي ئۆكسۆپ يىغلايتتى! ئانا ئەنسىزلىك ئىچىدە ئەتراپقا زەن سالدى!!
قاراڭغۇ كىچىدە بىرنەرسىنى ئىلغا قىلماق بەكمۇ تەس ئىدى !! تۇيۇقسىز ئارقا تەرەپتىن كەلگەن ئاياغ تىۋىشى ئايالنىمۇ ئوبدانلا ساراسىمگە سېلىپ قويدى!
-ۋاي ئانام !! بۇنىمە ئەمدى؟؟؟
قۇرقۇپ كەتكەن قىزنىڭ يىغىسى تىخمۇ ئەۋجىگە چىقتى!
ئايالنىڭ ئۆيى مەھەللىنىڭ ئەڭ چەت تەرىپىدە بۇلۇپ، ئۆينىڭ كەينى تەرىپى غىلاڭ ساي ،ئاندا ساندا ئۆسكەن جىگدىلەر ۋە پاكار -پاكار قۇمۇشلارلا بارئىدى!
ئاشۇ قۇمۇشلۇقنىڭ ئچىدە بىرسىنىڭ خىرىلداپ تىنغىنىچە كىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى!!
ئۇنىڭغىچە ئايالنىڭ ئىرى ،ۋە يان قۇشنىسى چىقىپ كەلدى!!
-نىمە بولدىڭلا خۇتۇن ۋوي؟ دىدى ئەر ئانچە پەرۋا قىلمىغان ھالدا!~
ئايال قۇلى بىلەن قۇمۇشلۇق تەرەپنى ئىما قىلدى!!
راست قۇمۇشلۇق تەرەپتىن بىشى تەرىپى چوڭ ،ئاياغ تەرىپى كىچىك بىر غەلىتە نەرسە ئۇلارغا يىقىنلىشىپ كەلمەكتە ئىدى!!
بۇھال بۇ ئىككى ئەر كىشىنىمۇ چۆچۆچىتىپ قۇيدى! ئۇلار ئارقىسىغا يىنىپ ئۆيگە كىرىپ كەتمەكچى بولدىيۇ،پۇتى ئۇلارغا بۇسۇنمايۋاتاتتى. ھىلىقى غەلىتە نەرسە ئۇلارغا بارغانسىرى يىقىنلاپ كەلدى،ئايال قۇرقۇنىچتىن ئەرنىڭ كەينىگە ئۆتۆپ كۈزىنى چىڭ يۇمۇۋالغان ئىدى،
مانا غەلىتە نەرسە ئولارغا پەقەت بەش قەدەمچە يىقىنلاپ قالدى! ئەرنىمۇ قۇرقۇنىچتىن تىتىرەك بىسىپ كىتىپ باراتتى.
قىنى!! منىڭ پۇلۇمنى قايسىڭ ئالدىڭ! دەرھال ماڭا قايتۇرۇپ بەر !! بولمىسا جىنىڭنى ئالىمەن!!
ھويلىنڭ ئوتتۇرىدا ياندۇرۇلغان جىن چىراغنىڭ غۇۋا نۇرى بۇيەرگىمۇ سۇس نۇرۇىدىن ئازراق بەرگەن ئىدى!
قاراڭغۇلۇقتا ئۇلار بۇ غەلىتە مەخلۇققا سەپسېلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى!
چاچلىرى ساقاللىرى ئۈسۈپ مەيدىگە چۈشكەن ،ئاشۇ ئۆسۆپ كەتكەن چاچلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئۇزۇن ئەمما رەڭگىنى بىلىپ بولمايدىغان رومال ئارتىۋالغان، ئشتان كۆينەكلىرى يىرتىلغان ،ئوڭ پۇتىغا لاتا خەي !سول پۇتىغا نىمكەش كەش كىيىۋالغان ،قۇلىدا دات بىسىپ كەتكەن بىر ئۇزۇن تۆمۆرنى كۆتۆرۋالغان بولۇپ،ئەلپازىدىن قارىغاندا ھىلىلا ھەممىنى چايناپ پۈركىۋىتىدىغاندەك قىلاتتى.
بۇلارنىڭ ئۈنسىز قاراپ تۇرغىنىنى كۆرۆپ غەزىپى تخىىمۇ تاشتىدە ،يەنىمۇ سەترەك ئاۋازدا:
-گەپ قىلىش ،مىنىڭ پۇلۇمنى قايسىڭ ئالدىڭ ،دەرھال قايتۇرۇش ،بولمىسا مانا ئەمسە ،دەپلا قۇلىدىكى ئەسكە تۆمۆرنى ئىگىز كۆتۆرۆپ ھەيۋە قىلدى،
ئايالنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازى مەھەللىنى بىر ئالدى!!
ئىككى ئەركىشى بۇنىڭ ئەلپازىدىن قۇرقۇپ كەتكەن بولسىمۇ ،ئەمما بۇنىڭ نىرۋىسىدىن كەتكەن بىر ساراڭ ئىكەنلىكنى بىلدىدە ،چەبدەسلىك بىلەن بۇ غەلىتە مەخلۇقنى چەمەبەرچاس قىلىپ ئۆينىڭ ئالدىدىكى پور سۆگەتكە مەھكەم باغلىۋەتتى،
ئايالنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازى ،ھەم بۇغەلىتە مەخلۇقنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىپ جىنىنىڭ بارىچە ۋارقىرىشى پۇتۇن مەھەللىدىكى چوڭ كىچىك ھەممىنى مەھەللە چىتىدىكى بۇ سۆگەت تۈۋىگە چىللاپ كەلدى.
يىرىم كىچىدە پەيدا بۇلۇپ قالغان بۇ غەلىتە مەخلۇق توغورسىدا ھەركىم ھەرنېمە دەيتى:
-ھەجەپ قاۋۇل ،ئىگىز ئادەمكەن بۇ !! نىم بوپ بۇنداق بۇلۇپ قالغاندۇ؟؟
-دېسەم دېمىسەم بۇ گۇي ساق چىغىدا چۇقۇم پۇلغا بەك ئامراق نېمە ! قاراڭلا مۇشۇنداق بوپ قىلىپمۇ پۇلنى ئاغىزىدىن چۈشۈرمىگىنى!!
-ئۆيدىكىلرى يوق ئوخشايدۇ بۇ بىچارىنىڭ !!
ئىشقىلىپ ھەركىم ھەرنېمە دەيتتى ،ئەمما بۇ ئالۋاستىنى تۇنۇيدىغانلار چىقمىدى، ۋاقىتمۇ خىلى بىر يەرگە بىرىپ قالغان بۇلۇپ ئەڭ ئاخىردا بۇ ئالۋاستىنى قانداق بىرتەرەپ قىلىش تۇغۇرلۇق غۇلغۇلا پەيدا بولدى:
-جامائەت ھەممىمىز توۋا دەيلى! لېكىن بۇ سۇغۇقتا بۇ بىچارىنى سىرتتا قالدۇرۇپ قويساق مۇسۇلماندارچىلىققا يات،شۇڭا بىرەسىڭلا بۇ كىشىنى ئۆيىڭلاردا بىر كۈن تۇرغۇزۇپ تۇرغان بولساڭلا،ئەتىگىچە ئائىلە تاۋاباتلىرى چىقىپ قالا!!
باياتىندىن بىرى توختىماي غۇلغۇلا قىلىشىۋاتقان خالايىق مانا ئەمدى قايناۋاتقان قازانغا بىر چۆمۆچ سوغۇق سۇ قۇيغاندەك جىمىپلا قىلىشتى!!
خىلىغىچە جىمىجىتلىقتىن كىيىن ئايالنىڭ قۇشنىسى بىر قەدەم ئالدىغا چىقىپ :
-ئىمام ئاخۇنۇممۇ توغرا دەيدۇ،بوپتۇ ،بوكىشى بىزنىڭ ئۆيدە قۇنۇپ قالسۇن!
شۇنداق قىلىپ تۆت-بەش كىشى بىر بولۇپ سۆگەتتىن ئاجىرتىپ،ئۇكىشىنىڭ ئۆيىگە ئىلىپ كىردى ،ئۆيىڭ ئارقىسىدا بىر بوش ئامبار بولۇپ ،ئازراق سۇ ۋە نان بىلەن بىر ئەسكى چاپاننى قويۇپ ئىشىكىنى تاقاپ قۇيۇشتى،

مانا ئەمدى ئۇنىڭ ئۈنى ئۆچۆپ ،جىملابۇلۇپ قالدى ،كۆپ ئۆتمەي ئامبارنى تىتىرتىپ خورەك ئاۋازى ئاڭلاندى ،دىمىسىمۇ بۇ«بىچارە» بەش ئايدىن بىرى يىنىنى يۇمشاق يەرگە قۇيۇپ ئۇخلاپ باقمىغان ئىدى!

3

_ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم!!
ئۆي ئىچىدىكلەر سالام قىلغۇچىغا مۇنداقلا قاراپ قۇيۇپ ،ئۆز ئىشى بىلەن بەنىت بۇلۇۋەردى.ئۇ ئاستا كىلىپ كاتنىڭ بىر بۇلۇڭىدا ئۇلتۇردى.
ئۆي ئىچىدىكىلەر قىززىق قىمارغا چۈشكەن بولۇپ بۇ پۇلى يوق قەلەندەرگە قاراشقا ھىچكىمنىڭ ھالى يۇق ئىدى ،ئارىدا بىرسى كۆپرەك ئۇتتۇرۋەتكەن بۇلسا كىرەك ئاچچىقىنى بىراقلا بۇ «قەلەندەر»دىن ئالماقچى بۇلغاندەك:
- غوپۇراخۇن ،قىمار دېگەن پۇلى با ئادەم ئوينايدىغان نېمە؟ لۆمشىپ قالاپ ئولتاماي ،پۇلۇڭلا بۇلسا چىقرىپ .بۇلمىسا پۇل تىېپپ كىلىپ ئاندىن كىرىڭلا مايەرگە!
غوپۇر ئاستا قۇينىدىن بىر يۆگەم پۇل چىقاردى،ھىلىقى ئادەم چۈچۆپ كەتكەندەك قىلىپ :
-راست سىلىنىڭ پۇلۇڭلىمۇيا!!؟ دەپ قۇيدى،بۇگەپنى ئاڭلاپ ھەممەيلەن دىققەت نەزىرىنى ئاۋال پۇلغا ،ئاندىن غوپۇرغا يۆتكىدى،
************************************
-ۋاھ ۋاھ !! غوپۇرجان ئاكا ،بۈگۈن ھەجەپ ئامىتىڭ كەلدىيا !! چوتا ئايرىشنى ئۇنۇتما جۇمۇ!!
غوپۇر بۇلسا كۈلۈپ قويۇپلا باشقا گەپ قىلمىدى! ئاندىن سوروندىكىلەرگە بىر قۇر نەزەر تاشلاپ بولغاندىن كىيىن،گىلىنى ئازراق قىرىپ قويۇپ:
-ئەمسە بۇرادەرلەر ، بۈگەن بەك كەچ بوپ كەتتى،سورۇن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇنمىكىن!؟
-ياق !! ياق !!دېدى ئەزىز ئىسىملىك ياش قۇرامى بۇلار بىلەن قاراشقىلا خىىلى پەرىقلىنىپ تۇرۇدىغان بىر يىگىت:-- غوپۇركا،يەنە بىردەم ئوينايلى!!!
-بولدى قىل ئۇكا ،دىدى غوپۇر -ھىلىمۇ ينىڭدا بارنىڭ ھەممنى ئۇتتۇرۇپ بولدۇڭ!
-ئاكا ،خاپا بولماي ماڭا يەنە ئازراق بىرىپ تۇرغىن !! مەن بۇ دوردا چۇقۇم ھەممنى بىراقلا قايتۇرۇپ بىرىمەن.
سوروندىكى باشقىلارمۇ بۈگۈن سەل كۆپ ئۇتتۇرۋەتكەچكە چىداشماي قالغان ئىدى،شۇڭا ئارىدىن بىرسى ئۇتتۇرۋەتكەنلىرىنى قايتۇرۋىلىش مەخسىتىدە ،ئەزىزنىڭ گىپىنى قۇللىغان بۇلۇپ ،
-ئەزىز ئۇكا راس دەيدۇ!! بىزنىڭمۇ يەنە بىردەم ئۇينىغىمىز باتتى!! غوپۇرجان ،يەنە بىردەم ئوينايلى!!
غوپۇر ئەتراپقا بىر قۇر تەكشى قارىۋەتكەندىن كىيىن:
-بوپتۇ ،يەنە بىردەم ئوينايلى ! ئەمما ئەزىز ئۇكا ! بۇقىتىم مەن ساڭا پەقەت 2000 سوملا بىرىپ تۇرالايمەن!!
-ماقۇل !! بولىدۇ!! رەخمەت ساڭغا!!!
-ھە ئەمسە ئاۋال ھۆججەت يازە !!
- مانا ھازىرلا يېزىپ بىرەي!!
ئۆي ئىگىسىدىن قەلەم قەغەز سوراپ ھۆججەت يېزىشقا باشلىدى!

ھۆججەت
مەزمۇنى:
مەنكى ساۋۇت ھاجىنىڭ ئوغلى ئەزىز ،سەلەي ئاخۇننىڭ ئۆيىدە غوپۇر كامدىن 2000سوم قەرىز ئالدىم،چۇقۇم ۋاختىدا قايتۇرۇپ بىرمەن!
97 -يىلى 5 -ئاي
- ھە مانا پۈتتى!! دېدى ئەزىز ئالدىراپ!
-ۋاختىدا قايتۇرۇپ بىرىمەن دېگەن نېمە گەپ ئۇ! دىدى غۇپۇ چىچىلغاندەك قىلىپ« :_ ۋاخـتىدا قايتۇرۇپ بىرەلمىسەڭ قانداق قىلىشىمىز ،شۇنىمۇ ئىنىق يازە!!»
-بۇ! بۇ؟ ئەزىز دۇدۇقلاپ قالدى!!مەن نېمە دەپ يازاي!! مەندە يا ئۆي بولمىسا!! ياخوتۇن!! قانداق قىلىمەن!!
ئەزىز كىچىكىدىنلا ئاتا ئانىسىدىن يىتىم قالغان بۇلۇپ ئۇنى تاغىسى بىقىپ چوڭ قىلغان ئىدى!كىچىكىدىنلا مەھەلىدىكى ھارام تاماقلا بىلەن ئارلىشىپ يۈرۈپ يامان ئادەتنى يىتىلدۈرۋالدى،شۇڭا مانا 25 كە كىرىپ قىلىپمۇ ئۆيلىنەلمەي يۈرەتتى!ئۇنىڭغا تەۋە بۇلغان مال مۈلىكىدىن ئاشۇ دادىسىدىن قالغان 2 مو ئۆيلىك يەرلا بار ئىدى~!

-ئەمسە ئۇينىمايلا قۇي!! قېنى سەلەي ئاخۇن ،نۆۋەت سىلىگە كەلگەنغۇ ھە!؟
-ياق ئاكاا!! ماڭا قەرىز بىرىپ تۇرغىن ! مەن چۇقۇم ۋاختىدا قايتۇرۇپ بىرىمەن!!
ئەسلىدە ئەزىز بۈگۈن تاغىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تۇيى ئۈچۈن يىغىپ قۇيغان پۇللىرىنى ئوغۇرلاپ كىلىپ بۇ سۇرۇندا ھەممىنى بىراقلا ئۇتتۇرۋەتكەن ئىدى! شۇڭا ئۇ ئاكىسىنىڭ بۇنى بىلىپ قىلىپ ھەممىدىن قۇرۇق قىلىشتىن قۇرقاتتى!
- دىدىمغۇ ! سىنىڭ يا ھىچنىمەڭ بولمىسا، قايتۇرۇپ بىرەلمىسەڭ مەن سىنى قانداق قىلىمەن! مىنى ئۇنداق ھۆل خىشقا دەسسىتىمەن دەپ ئاۋارە بولما ئۇكا!!
- بولمىسا،- دەپ ئەقىل ئۈگەتتى ياندا ئولتۇرغانلاردىن بىرى،-ئەزىزجانىنىڭ ھىلىقى ساۋۇر قارىنىڭ ئۆينىڭ كەينىدىكى يىرىنى گۆرە قىلىپ بەرسۇن!!
-بولمايدۇ! ئۇنداق قىلالمايمەن،-دېدى ئەزىز ئالدىراپلا!!
-ئاي!!!! ئۇكا بىزنى بىكار كۆرۆپ قاپسەندە !! يا يەرگە تۇر !! بولمىسا بىر يانغا ئۆت ! بەك كەچ بولۇپ كەتتى بىز قايتىپ ئۇخلىمىساقمۇ بۇلمايدۇ! نىمىندا  قىلىدۇ ماۋۇ!!
ئىشنىڭ سەل ئەپلەشمەيۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئەزىز سەل ئويلىنىۋالغاندىن كىيىن:
-ئەمسە مەن پۇلۇڭنى بىر ئايغىچە قايتۇرۇپ بىرەي! ئۇنداق قىلامىسام يەر سىنىڭ بولسۇن!!!
-ھە !! ماگىپىڭنىڭ جىنى با !! قىنى ئەمسە ھۆججەتكە شۇنداق دەپ يازە!!
ئەزىز دەرھال يۇقارقى مەزمۇننى تۇلۇقلاپ قۇيغاندىن كىيىن غوپۇر ئۇنىڭغا يىنىدىكى خالتىدىن 2000 سومنى ساناپ بەردى!! قىمار يەنە باشلاندى!!
-ئەزىز ھە ماڭا كەلدى!!! دېدى  دە  ئوشوقنى قۇلىغا ئىلىپ بىر ھازا ئايلاندۇرغاندىن كىيىن «:يا جەمشەت!» دەپ دەستۇرخانغا ئاتتى!!
-ۋاھ مانا مانا !! كەلدى !! كەلدى!! بايام جىقراق تىكسەمچۇ!!
شۇنداق دەپ قىمار قىززىپ كەتتىى!
غوپۇرنىڭ ھە دىگەندىلا ئامىتى كىلىپ ئوشۇقى سىياھ چۈشۈپ كىتىپ باراتتى!!
مانا بىر چايقاينام ۋاقىتتىن كىيىن ئەزىز يەنە قاقسەنەم بولۇپ قالدى!!
-ئەزىز ئۇكا !! بولدى ئەمدى قايتىپ كىتەيلى!!
سۇرۇندىكىلەرمۇ بىر- بىرلەپ ئۇرۇنلىرىدىن تۇرۇشتى!! ئەزىز چىدىمىغاندەك قىلىپ ئىشىكنى قاتتىق يىپىپ ھەممىدىن بۇرۇن چىقىپ كەتتى.سۇرۇندىكىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىش نەزىرى بىلەن قارىسا، بەزىلەر ئىچىدە مەسخىرىلىك كۈلۈشۈپ ئاستا -ئاستا تارقاشتى.


-ئەتتىگەندە نەگە بارىسز؟ ھويلىنى سۈپۈۋاتقان ئايال غۇپوۇرنىڭ بۇنچە ئالدىراپ مىڭىشىدىن سەل ئەنسىرەپ!
غوپۇر كۆڭلىدە ئىشىڭنى قىل دېمەكچى بوپ ئاغىزىنى ئۆمەللەپ بولۇپ،ئەتتىگەندە مۇشۇنداق گەپ قىلىپ كەيپىپنى بۇزغۇسى كەلمىدى دە:
-ئازراق ئىشىم باتتى!! كەچرەك كىلىشىم مۇمكىن!
-ئىمكان بار بالدۇرراق قايتىپ كىلىڭ بۈگەن ئوغلىمىز ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كىلىدۇ! ئالدىغا بىللە چىقمىساق بولماس.
-ھە!! دىدى غوپور سەل ئەندىككەندەك قىلىپ«:ھە!!»دەپ قۇيدى دە چوڭ يولغا چىقىپلا پەيتۇندىن بىرنى توسوپ قۇشنا يىزغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.مانا بۇغوپۇرنىڭ تۇنجى قىتىم ۋە ئەڭ ئاخرقى قىتىم مۇشۇنداق «چىرايلىق »گەپ بىلەن ئۆيدىن چقىشى بولوپ قالغان ئىدى.ئاشۇ قىتىم ھاشىم چىماقتىن 3000 سوم قەرىز ئىلىپ قىماردا ئامىتى كىلىشكە باشلىغان غوپور ھازىر خىلى باي بۇلۇپ قالغان ئىدى،ھەرقىتىمقى قىماردا ئۇنىڭ ئامىتى كىلىپ 2-3 مىڭ سومنىڭ ئىگىسى بۇلۇپ قالاتتى!لېكىن نۇرغۇن قىمارۋازلارنىڭ پۇلى بەك كۆپ بولۇپ كىتىپ ئاخىر ئۇغرى -بولاڭچىلارنىڭ قۇلىدا جان بىرىۋاتقانلىقىنى سەزگەن غۇپور پۇللىرنى پەقەت ئۆينىڭ كەينىدىكى كىچك دۆڭنىڭ يانباغرىدا ئۆسكەن قۇمۇشلار ئارىسىغا تىقىپ كەلگەن!ھىچقانداق پۇلنىڭ راھىتنى كۆرەلمىگەن ئىدى!

ئايال غوپۇرنىڭ كەينىدىن خىلى ئۇزۇنغىچە قاراپ قالدى، ئۇ نەچچە رەت ئاجىرشىپ كىتىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقتى، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ئائىلىدىن ئايرىلىپ ئىككى بالىسىنى بىقىپ بۇلالىشىغا  كۆزى يەتمەيتتى،ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئككى ئوغلىنىڭ ئوقوشىغا تەسىر يىتىشىدىن ئەنسىرەيتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە غۇپورنىڭ قىماردا ئامىتى كلىشكە باشلىغانندىن تارتىپ ئۆيگە ئازكىلىشى،ھەر ئايدا بىرىدىغان پۇلى  ئازلىمغان ئىدى ،شۇڭا ئايالمۇ ھازىرقى تۇرمۇشىدىن خىلى «مەمنۇن» ئىدى،

غۇپور ئاۋال مەپىكەشكە ئەزىزنىڭ ئۆيى تەرەپكە مىڭىشنى ئىييتى،مەپە ھايال بولمايلا ئەزىزنىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىدى، ئەزىزنىڭ تاغىسى  ئىتزغا مىڭىشقا تەمشىلىپ تۇرغان بولسا كىرەك. كەتمەننى كۆتىرىپ دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ تۇرىشغا ئىشىك ئالدىدا تۇرغان غۇپورنى كۆدى ،كۆردىيۇ، كۆڭلى بىر خىل شۇملۇقنى تۇيۇغاندەك بولدى ،
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، -غوپۇر قۇلىنى يانچۇقىدىنمۇ چىقارماي تۇرۇپ سالام قىلدى ،
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،قانداق بىر ئىشىڭ بارمىدى ئۇكا؟
-مەن سىلىنىڭ ئەزىزجاننى ئىزلەپ كىلىۋىدىم ،ئۇنىڭغا دەيدىغان ئازراق گىپىم بار ئىدى.
-ئەزىز ھەپتىنىڭ ئالدىدا شەھەرگە كىرىپ كەتكەن ، قاچان چىقىدىغىنىنى مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن ،
-ھە مۇنداق دېسىلە ، ئەمسە مەن باشقا كۈنى كىلەي ، يا بولمىسا ئۆزى شەھەردىن چىقىپ مىنى بىر ئىزلەپ بارسۇن ،
ئەزىزنىڭ تاغىسى سەل ئەندىكىپ تۇرۇپ قالدى ،
- نىمىش بولسا ماڭا دەپ قۇيۇڭ ، مەن ئۇ كەلگەندە يەتكۈزۈپ قۇياي،
-بوپتۇ ئەمسە،- دىدى غوپۇر قۇلىقىنى كوچىلاپ تۇرۇپ،-ئۆتكەندە سىلىنىڭ ئەزىزجان مىنىڭدىن بىر سۇرۇندا ئۆيلۈك يىرىنى رەنە قىلىپ تۇرۇپ 2000 كوي ئالغان ،ئىككى ئايدا قايتۇرۇپ بىرىمەن دېگەن مانا بۈگۈن 3 ئاي بولدى ،يە پۇل يوق يە ئۆزى؟
-نېمە دىدىڭىز ؟ 2000مىڭ كوي ؟!يەرنى رەنىگە قۇيۇپ  دەمسىز؟
-ھە شۇنداق !!
ساۋۇت ھاجىنىڭ ساقاللىرى غەزەپتىن تىتىرەپ كەتتى ، -خەپ گۇي ، خەپ گۇي !! قاچان بىر كىلەسەن ،  سىنى باشقىدىن ئادەم قىلمىسام ،
-ئۇ گەپلەرنى ماڭا دەپ بەرمىسىلە،-دىدى غوپۇر ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ،-ماڭا ھازىر پۇل كىرەك پۇل ،پۇل بولسا بولدى ،بولمىسا مەن ئا يەرنى ئوسا قىلىپ بىر نەرسە تېرىيمەن  ، ئىككى كۈنگىچە يەر چۆرسىدىكى  تىرەكلىرىنى كىسىپ ئەكىۋالسىلا، يەرگە سايا سالمىسۇن ،
- بۇ !؟ بۇ ، ئۇكام ، مەن ئەزىز كەلگەندە ئۇنىڭ بىلەن بىرنىمە دىيىشىپ ئاندىن ...
-يەنە نېمىنى بىرنىمە دىيىشىلا ھاجىكا !؟ مانا ھۆججەت، مېنىڭ ئارتۇق گەپ قىلىپ تۇرىدىغان ۋاختىم يوق،مۇشۇنداق بولسۇن ، ئىككى كۈنگىچە كىلىپ پۇلنى بەرسە بەردى ، بولمىسا .ئېىتىز بىشىدىن تىرەكلىرنى كىسىپ ئەكىۋالسىلا!!
غوپۇر شۇنداق دەپلا مەپگە چىقىپ  يۈرۈ كەتتى ،
ساۋۇت ھاجى يەنە بىرنىمە دېمەكچى بۇلۇپ تۇرىۋىدى ، مەپە ئاللىقاچان يىراقلاپ كەتكەن ئىدى،
ساۋۇت ھاجىنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشقاندەك بولدى ، تخى ئۆتكەندىلا ئەزىزنىڭ  باشقىلاردىن ئالغان قەرىزلىرىنى مىڭ تەستە قايتۇرۇپ ئۇنى تاياقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ئىدى، ئۆيگە قايتقاندا بۇ مىجەزى سەپرا ئادەم كالـتەكنى قۇلىغا ئىلىۋېلىپ ھۇيلىدا ئەزىزنى قۇغلاپ يۈرۈپ تازا ئۇرغان ئىدى ،ئەگەر ئايالى تۇسۇۋالمىغان بولسا ئۇنىڭ بىر يەرلىرى سۇنۇپ كىتەتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىچىپ شەھەر گە كىرىپ كىتىپ مانا 2 ھەپتىچە بولدى ، قايتىپ كەلمىدى ، بۇۋاينىڭ پەرىزچە ئۇنىڭ يىنىدا پۇل يوق بولۇپ كۆپ بولسا ئىككى ھەپتىگىچە قايتىپ كىلەتتى،

[5 ]
مەپە شۇ ماڭغانچە تىك چۈش بولغاندا ئاندىن دەريا بۇيىغا يىقىن  بىر خالىيراق قۇرۇ ئالدىغا كىلىپ توختىدى، ئۆينىڭ ئالدىدا باشقا ئىككى مەپە توختىتىپ قۇيۇلغان بولۇپ ،قارىغاندا كىلىشكە تىگىشلىك چوڭ  مىھمانلاردىن پەقەت ئۇلا قالغاندەك قىلاتتى، ئۇ مەپىكەشنى رازى قىلىپ ئۇنى يولغا سېلىپ قويوپ ئۆزى ئاستا كىلىپ دەرۋازىنى چەكتى ،
_كىمۇ؟  ئۆي ئىچىدىن بىر قىزبالىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى،
- مەن غوپور ، ئىشكنى ئاچ!!!
غوپورنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ئۆي ئىچىدىكىلار ئوپور- توپور بولۇپ كەتتى .
قىز ئالدىراپ كلىپ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئاچتى ، ئازادە كەتكەن ھۇيلىنىڭ ئۇتتۇرسىدا  گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغان بولۇپ ، ئازادە سوپىغا تاۋار كۆرپە سېلىنغان ئىدى.بىرنەچچە يۇچۇن ئادەم سۇپىدىن پەسكە چۈشۈپ ، قۇل باغلاپ دېگەندەك تۇراتتى !
غۇپور سالماق قەدەملەر بىلەن ھۇيلىغا كىرىپ ئۆرە تۇرغانلار بىلەن قولىنىڭ ئۇچىدىلا كۆرۆشتى .
- قىنى غوپۇركا !تۆرگە چىقىڭ!!  دىدى ئۆرە تۇرغانلاردىن بىرى،
غوپۇرنىڭ گەرچە ئۇدۇللا چىقىپ كەتكۈسى بولسىمۇ سۇرۇننىڭ كەيپىاتىنى ئۇيلىشىپ :
-ۋاي چوڭلار تۇرسا ماڭا تۆردە نېمە بار!! چوڭلاردىن كەلسۇن!!چوڭلاردىن كەلسۇن!!
باشقىلار غوپۇرنىڭ بۇ تەكەللۇپىدىن سەل ئىسىگە كەلگەن بولسا كىرەك، ھەممىسى  بىر ئىغىزدىن غوپۇرنى تۆرگە تەكىلپ قىلىشتى ،غوپۇر كۈتكەن مەخسىتىگە يەتتىدە ئىككىلەنمەستىن تۆرگە چىقتى !
ھەممەيلەن تۇلۇق ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىىيىن، ساھىخان دەستۇرخانىغا نازۇ نىمەتلەرنى كەلتۈرۈشكە باشلىدى، كاۋاپتىن باشلاپ تاكى نېرىنغىچە ھەممەنەرسە بار ئىدى، «مىھمانلار بىرى - بىردىن »تارتىنىپ تەكەللۇپ بىلەن قۇرساقنى بىر قۇر ئەستەلىگەندىن كىيىن ، ساھىپخان 2- قىتىم دەستۇرخان ھازىرلىدى، بۇ قىتىم سۇرۇنغا كەلتۇرۇلگەن نىمەت مۇسەللەس ئىدى، ئۇلتۇرغانلار ئۇزۇندىن ئۇزۇنغىچە بىر بىرگە كۆڭۆل قۇيۇپ شاراپ ئىچىپ شىر كەيىپ بولۇلپ تۇرغاندا  ھويلىغا يەنە بىر يىڭى مىھمان كىرىپ كەلدى ، ئۇ مىھمانلار بىلەن بىر رەت تىنىچ ئامانلىق - سوراشقاندىن كىيىن ،يىنىدىكى ھارۋىكەشكە كەچ خۇپتەنگە ئۆزىنى ئالغىلى كىلىشنى ئىېتىپ يولغا سالدى !
يىڭى مىھماننىڭ ھۆرمىـتگە يەنە ئىچىچش باشلاندى !!!
شۇنداق ئولتۇرۇشۇپ بۇلار ئۆزئارا بىر بىرىنى پەرىق قىلىشالمىغاندا ئارىدىن ياشراق كەلگەم بىرەيلەن ئۇرنىدىن تۇرۇپ:
بۈگۈن ئەيساكام تۇلىىمۇ كەڭ قۇللۇق بىلەن بۇ سۇرۇننى ھازىرلاپ بەردى ،قۇرساقۇمۇ تۇيۇپ ھاردۇقۇمۇ چىقىپ قالدى ، بولسا ئەمدى ئەسلى سورونىمىزغا كەلسەك!
-شۇنداق قىلايلى!! شۇنداق قىلايلى!!
-راسىت شۇنداق قىلايلى، ئەمدى كەيىپ بۇلساق سورۇن ئوخىشىمايدۇ!
-دۇرۇس !! باشلايلى،
مىھمانلار بىر ئىغىزدىن   ماقۇللاشقاندىن كىيىن سورۇن ئىچكىركى ئايۋانغا يۆتكەلدى!!
شۇنداق قىلىپ بۇ ناھىيەدە ئىككى يىلدىن بىرى چوڭ قىمارۋاز ئاتىلىپ كەلگەن بۇ 5 مىھمان قىمارنى رەسمى تۈردە باشلىۋەتتى!! باشتا كىچىك كەلگەن بولسا ئەمدىلەتتىن چوڭ چوڭ ئويناپ دىگەندەك بىر بىردىن قىلشماي تىكىشىپ سۇرۇن بەكلا ئەۋجىگە چىقىپ كەتتى!
غوپۇرنىڭ باشتا سەل ئامىتى قاشتى ، ھە دىگەندىلا ئوڭشاپ تاشلىيالمايتتى ، ئۇ مۇشۇنداق كىتىۋىرىشتىن سەل ئەنسىرەپ ئۆزىنى سەل تۇختىتىۋېلىپ كۆڭلىكىنى سېلېپ تاشلىدى،دە قايتىدىن ھۇجۇمغا ئۆتۆشكە چىققان گىنرالدەك  بىر خىل سۇغۇققانلىق بىلەن قىمارغا كرىرشتى! دىگەندەك ئۇنىڭ يەنە ئامىتى كىلىشكە باشلىدى!! ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ھەۋەستە قاراپ قۇياتتى!!
سورۇن شۇنداق داۋام قىلىپ كىچە خىلى بىريەرگە بىرىپ قالدى ، ئولتۇرغانلارنىڭ ئالدىنىڭ بۇغچىسى قۇرۇقدىلىپ ،كەيىنىڭنىڭمۇ خىلى ئوبدانلا جىمىپ قالغان ئىدى،غوپورنىڭ بوغچىسى خىلىلا كۆپۆپ قالغاندەك قىلاتتى ،سۇرۇننىڭ كەيپىياتىمۇ خىلىلا سۇسلاپ قالغان ئىدى!!
بۇنى سەزگەن ھىلىقى ياش يەنە بىر مەرتەم ئۇرنىدىن تۇرۇپ، :
-مىھمانلار بۈگۈن كەچ ھەممىمىز تازا خۇماردىن چىقتۇق،كۆزىمىزمۇ ئۇيقۇ خالاپ قالدى، ئەگەر بولسا مۇشۇ يەردە تامام ئەتسەك قانداق دەيسىلەر!؟
ئولتۇرغانلانىڭ كۆپىچنىچسى ئېغىر ئۇھ تارتىپ قۇيدى ۋە گەپ سۆزسىز بۇغچىسىنى كۆتۆرۆپ سىرتقا مىڭىشتى!
كىچە سۈتتەك ئايدىڭ بولۇپ زىمىنىن ئاي نۇرىدا كۈمۈشتەك يالتىرايتتى، مىھمانلار بىر بىردىن مەپىلىرگە ئولتۇرپ قايتىشىتى! ئەمما غوپۇر بايام بۇ ئىشىنى ئۇيلاشمايلا مەپىكەشنى ماڭدۇرۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇ سەل تىڭىرقاپ قالدى، ئابايام ئۆيدە ئۇنى خوش خوش دىگەنلەر بولسا بىر ئېغىزدىن سۇغۇقلا خۇش دەپ قۇيۇپ ئۆيلىرگە راۋان بولدى.
ئەڭ ئاخىردا كەلگەن مىھماننىڭ مەپىكىشى غوپۇرنى تۇنۇپ ئۇنڭغا :
-غوپۇركا،بۇ ئاكامنىڭ يۇلىنىڭ يىرىمى سىزنىڭ يۇلىڭىز بىلەن بىر ، ئەگەر خالىسىڭز سىزنى شۇ يەرگىچە  بىللە ئېلىۋالاي!
غوپۇر گەپ سۆزسىزلا بۇ تەكلىپكە قۇشۇلدى دە مەپىگە چىققتى، ئەمما ئۇ بۇنىڭ كەيننىدە يەنە بىر سۇيقەسىتنىڭ بارلىقىدىن تامامان بىخەۋەر ئىدى. ئات ناھايىتى تىزماڭدى دە بىر قەرىمىگە كەلگەندە چۇللۋېرىنىڭ يىنىك سىلكىنىشى بىلەن قەدىمنى ئاستلاتتى
-غوپۇركا ،يۇلىمىز مەشەگىچە ،سىز ئالدىرماي ماڭغاچ تۇرۇڭ ، مەن بۇ ئاكامنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قۇيۇپلا كەينىڭىزدىن كىلىمەن!
غوپۇر مەپىدىن چۈشتى ۋە :
-رەھمەت ئۇكا ،ئەمسە تىزراق كىلەرسەن ،بۇ كىچىدە مەپىكەش تاپماقمۇ تەس!
-بولىدۇ ،ماقۇل.
غوپۇر قۇلدىكى بوغچىسىنى چاپىنىنىڭ ئىچىگە تىقىتى ۋە،ئاۋايلاپ دەسسەپ ئۆستەڭ بۇينى بويلاپ مىڭىپ كەتتى .



6-
-ئاداش ، نىمە بولدۇڭ!!؟؟ يۈزۈڭدىكى نىمە قان ئۇ؟
-بولدى سورىما ئاداش،ئەگەر خالىساڭ مىنى ھازىرلا شەھەرگە ئەكىرىپ قويساڭ!!؟
-بولىدۇ،چاتاق يۇق،ئەمما نىمىش بولدى شۇنى بىر دىگىنە ئاداش!
-ماقۇل ،مەن ساڭا ھەممىنى دەپ بىرەي.
چۈشتىن كىيىن بولغان بۇ مەھەلدە يۇقۇرقى سۇرۇندىكى ئەڭ ئاخىرقى مىھماننىڭ مەپىكىشى بولغان بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى سادىق بولوپ ئۇ گەرچە ئەزىزدەك بۇزۇلۇپ يۈرمىگەن بولسىمۇ،ئەمما، ئەزىز بىلەن يىقىن بۇرادەرلەردىن ئىدى،چۈشتىن كىيىنكى سودىسىنى داۋام ئىتىپ  كەچتە سۇرۇنغا كىرمەكچى بولۇپ ،مىڭىپ تاغىسىدىن تاياق يەپ قىچىپ ماڭغان ئەزىزگە يۇلۇقۇپ قالدى،
-ئاداش ، سەندىن  گەپ يۇشۇرمايمەن ،ئۆتكەندە بىر سۇرۇندا غوپۇردىن يەر نامى بىلەن 2000 كوي قەرىز ئىلىپ تۇرغان، بۈگۈن ئۇ تاغامننى ئىزلەپ كىلىپ يەرنى سوراپتىمىش،مەن بۇيىل 25 ياشقا كىردىم ،تىخىچە بىرەر يەردىن  قىز يۇلۇقۇپ تۇي قىلالمىدىم ،بۈگۈن، ھەپتنىڭ ئالدىدا تۇنۇشقان بىر قىزنى مىڭ تەستە  ئۆيگە باشلاپ كىرىشىمگە تاغام مىنى شۇ قىزنىڭ ئالدىدىلا ئۇرۇپ تىللاپ كەتتى ، قىز بۇ ئەھۋالنى كۆرۆپ ئالدى كەينىگە قارىماي چىقىپ كەتتى ،كىيىن بولغان ئىشلارنى ھەدەمدىن ئاڭلىدىم .مەنچە ئاداش بۇ يەردە پۇل بولمىسا بىر ئىش قىلغلىى بولمىغۇدەك،قارىمامسەن ،پۇلۇم ،يىرىم يۇق بۇلىۋىدى، مىنى كىچىكىمدىن پەپىلەپ چوڭ قىلغان تاغاممۇ مىنى ھەدىسىلا ئۇرۇپ قۇغلايدىغان بولدى،شۇڭا مەن شەھەرگە كىرىپ بىر ئىش قىلىپ پۇل تىېپىپ تاغامنىڭ كۆزىگە تىقىپ قۇيماقچى بۇلۇپ كىتپ بارىمەن ئاداش.
-بۇ ئويلىغىنڭمۇغۇ راسىت،ئەمما ئاداش ،سىنىڭ بىرەر ھۈنىرىڭمۇ بولمىسا نېممۇ قىلاسەن شەھەردە!؟
-شەھەردە بىر نەچچە تۇنۇشۇم بار شۇلار بىلەن  بار  مەسلەھەت بىرئىش قىلىمەن ، ئىش قىلىپ مېنىڭ بۇ يەردە بىردەممۇ تۇرغۇم يۇق!
بۇ چاغدا سادىق تۇيۇقسىز ئەقلىگە بىر ئىش كەلگەندەك ئەزىزنىڭ دۇلىسىغا ئېسلىپ تۇرۇپ بىر نىمىلەرنى دەپ ئۇنىڭ قۇلقىغا پىچىرلىدى،
-ئاداش!بۇنداق قىلسام بولامۇ؟ دىدې ئەزىز سادىقنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بۇلۇپلا.
- ئاداش! ئۇ دېگەن بىر قىمارۋاز، پۇل ھازىر ئۇنىڭ قۇلىنىڭ كىرى،سىنىڭ  بۇ كۈنگە قىلىشىڭغىمۇ ئۇ سەۋەپچى،مۇشۇنداق قىلساق تامامەن بولىدۇ،ئەگەر ئۇ كىيىن غەۋغا قىلىپ قالسمۇ قىمارۋازنىڭ گىپىگە ھىچكىم ئىشەنمەيدۇ ، سەن خاتىرجەم بول!
ئەزىز مەپىدىن چۈشۈپ ئاتنىڭ ئالدىنى تۇستى،سادىقمۇ مەپىدىن چۈشتى،
-راسىت ئاداش مەن سەل قۇرقىمەن بۇنداق قىلىشتىن!
-ئوغۇل بالا تۇرۇپ بۇنداق دەپ يۈرسەڭ قاملاشمايدۇ،مىنىڭ يەنە ئىككى ئاغىنەم بار ئەگەر سەن ئۇلارغا ئازراق تاپان ھەققى بىرىشنى خالىساڭ ، ئۇلار جەزمەن ساڭا ياردەم قىلىدۇ!
-بۇ ....بۇ ھەي!
-ئاغىنە ، قىز بالدەك ناز قىلماي شاققىدە بىر مەسلەھەتكە كەل ، ئۇ گۇي ئۆتكەندە بىر سورۇندا مېنىڭ بىر يېقىن بۇرادىرىمنىڭ خىلى كۆپ پۇلىنى «مۇسادىرە » قىلىپتۇ ،شۇڭا مىنىڭمۇ ئازراق ئاچچقىم بار ، بولمىسا سېنى بۇنداق زۇرلاپ كەتمەيتىم !!خاتىرجەم بول ،مەن ھەرگىز باشقىلارغا دەپ يۈرمەيمەن ،مېنىڭ ئۇ ئككى ئاغىنەممۇ خىلى ئۇغۇل بالىداچىلىقى بار يىگىتلەر.
ئەزىز ئەمدى ئەزمىلىك قىلىشنى لايىق كۆرمىدىدە،ماقۇل بولدى -ئەمسە شۇنداق بولسۇن ،كەچتە مىنى مەھەللە چىتىدىكى تىرەك تۈۋدىن ئېلىۋال ئەمسە!
-خاتىرجەم بول!
ئەزىز كۇچا بىشىدىكى تونۇش بىرسىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ بولقا سوراۋالدى ۋە ئۇنى قۇينىغا تىقىپ يىزا بازىرى تەرەپكە قاراپ  يۈرۈپ كەتتى.
كەچ تازا خۇپتەن مەزگىلى بولغاندا سادىق ئېتىنى چاپتۇرۇپ تىرەك تۈۋىگە كىلىپ توختىدى،خېلىدىن بىرى كۈتۈپ تۇرغان ئەزىز سەكرەپلا مەپىگە چىقتى-دە مەپىدىكى باشقا ئىككى يىگىت بىلەن بىلەن قىزغىن قۇل ئېلىشىپ كۆرۆشتى!


-توختا !
يىرىم كىچىدە يول بۇيىدىكى قۇرۇق ئوت چۆپ دۆۋىسىدىن تۇيۇقسىز ئىتىلپ چىققان بۇ ئۈچ كىشىنى كۆرۆپ ،غوپور قۇرقىنىدىن كەينىگە ئۇچۇپ چۈشتى ، ئۇنىڭغىچە بۇ ئۈچ كىشى غوپۇرغا قەدەممۇ قەدەم يىقنلاپ كەلدى.
-سىلەر !؟ سىلەر نېمە ئادەم؟ نېمە قىلماقچى!؟
-نېمە قىلماقچى؟ - كىنايە قىلغاندەك دىدى ئارىدىن سادىقنىڭ باشلاپ كەلگەن بىر دوستى، _نېمە قىلماقچى بۇلغىنىمىزنى ھازىرلا بىلسەن!!
ئۇ شۇنداق دەپ تۇرۇشىغا قالغان ئىككەيلەن غوپۇرنى يەرگە تىقىمداپ بىسېۋىلىشتى ، ئۇ ئىڭشىپلا غوپۇرنىڭ قۇينىدىن سومكىنى ئالماقچى بۇلىۋىدى غوپۇر ئۇنىڭ مەيدىسىگە قاتتىق بىرنى تىپىپ ئارقىسىغا ئۇچۇرۋەتتى!
-ھۇت ھايۋانلار ،مىنى قۇيىۋىتىش ، سەنلەر كىم؟
-زۇۋانىڭنى يۇم ،ھۇت تاپخور.
بۇ ئەزىز ئىدى . غوپۇر ئەزىزنىڭ ئاۋازىنى تۇنۇپ قالدى دە-:
- ھۇي ھايۋان ، ئادەم بولمايدىغان ،مەن ساڭا ياخشىلىق قىلغىچە ئىشتقا قىلسامچۇ؟
-سېسىق زۇۋانىڭنى باس ، ھۇت ئىپلاس.
شۇنداق دەپ قۇينىدىن بۇلقىسىنى چىقىرىپ ئۇنىڭ يۈزىگە كىلىشتۇرۇپ بىرنى سالدى . تاياق زەربىسىدىن غوپۇرنىڭ ئىككى چىشى يانغا ئۇچۇپ چىقىپ چوقىدەك چىقىراپ كەتتى.
-بولدى ئاغىنىلەر بۇ نىجىس بىلەن زۇكۇنلاشماي، نىسىۋېمىزگە قۇل سالايلى!
شۇنداق دەپ كىلىپلا غوپۇرنىڭ چاپىنىنڭ تۈگمىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ ،ئۇنىڭ قۇينىدىكى پول سومكىسىنى يۇلۇپ ئالدى ئىككەيلەن ئۇنىڭ ئككى بىقىنىغا بىردىن تىپىۋىتىپ ئاندىن ئورنىدىن تۇردىدە بۇرۇلوپ قاچماقچى بولدى . باياتىندىن بۇيان ئىنجىقلاپ ياتقان غوپۇر ئورنىدىن  دەس تۇرۇپ  قىچىپ كىتىپ بارغان سادىقنىڭ دوۋتىغا تاشلاندى ۋە بىر قۇلى بىلەن ئۇنىڭ گىېلنى سىقىپ ،بىر قۇلى بىلەن قۇچاقلاپ تۇرۇۋالدى، ئۇنىڭ ئىككى چىشى چۈشۈپ  ،ئىغىزىدىن قان كىلىپ خۇددى رىۋايەتلەدىكى قان شۇرۇغىچى ئالۋاستىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى . بەك چىڭ سېقىۋەتكەچكە  ئۇنىڭ چىرايى بىردىنلا ئاقرىپ خىرقىراشقا باشلىدى . ئىككەيلەن كەينىگە يىنىپ ئۇنىڭ يىنىغا ماڭدى غوپۇر قۇرقۇپ :
-يىقىن كىلشمە پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بىرىش بولمىسا ئۇنى ئۆلتۈرۋىتىمەن دەپ تەھدىت سالاتتى ۋە قۇلىدىكى يىگىتنى سۆرەپ كەينىگە يانىدى.
ئىككەيلەن ئەھۋالنىڭ سەل چاتاقلىقىنى ھېس قىلدى.
-ئۇنى قۇيۇۋەت پۇلۇڭنە قايتۇرۇپ بىرەيلى!
-ياق  سەن ئاۋال سومكىنى بۇياققا ئات!
-سەن ئاۋال قۇيۇۋەت!
-ئاۋال سومكىنى تاشلا ئاندىن قۇيۇۋىتىمەن!
بۇ چاغدا يان يول تەرەپتىن ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى غوپۇرنىڭ قۇلىدىكى يگىتمۇ بۇلالماي قىلىۋاتاتتى.
-بوپتۇ سومكىنى ساڭا بىرەي ئۇنى قۇيۇۋەت شۇنداق دەپلا سومكىنى غوپورنىڭ ئالدىغا تاشلىدى ، غوپۇر ئەمدىلا قۇلىنى بۇشتىپ سومكىنى قۇلىغا ئېلىپ تۇرۇشىغا ئۇنىڭ بىشىغا بولقا زەربە بىلەن ئۇرۇلدى . تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ زەربىدىن  ھۇشۇنى يۇقاتقان غوپۇر ئەلەڭلەپ كەينىدىكى دەرياغا يىقىلدى، سومكا ئۇنىڭ قۇلىدا ئىدى،قالغان ئىككەيلەن ئۇنى تۇتىۋېلىشقا شۇنچە ئۇرۇنۇپمۇ ئۈلگىرەلمەي قالدى!!
20نەچچە يىزىنى سۇ بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغان بۇ دەريا كىچىك بولغىنى بىلەن سۈيى ناھايىتى تىز ئاقاتتى. ھايىت -ھۇيىت دەپ بولغىچە غوپۇرنى قاينام ئۆز قۇينىغا ئالدى.
-ئاللاھ چاتاق بولدى سومكا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىقىپ كەتتى  دىدې ئەزىز خۇدىكسىرەپ.
-بولدى ھازىر بۇنى قۇيۇپ بۇيەردىن چاققان كىتەيلى  دەپ يەنە بىر يىگىت ئۆڭ - سۆلى ئۆچكەن ھالدا يەردە ياتقان بۇرادىرىنى كۆتۆرشكە تەمشىلىپ ،ئەزىزمۇ كىلىپلا ياردەملىشىپ ئۇنى قۇلتۇغىدىن يۆلىۋالدى،
ئۇلار ئەمدى بىرنەچچە قەدەم مىڭىۋىدى، سادىق ئېتىنى چاپتۇرۇپ يىتىپ كەلدى ۋە مەپىدىن سەكرەپ چۈشۈپ؛
-ھە ئاغىنىلەر قانداق بولدى؟ ئولجا ئالالىدىڭلارمۇ؟
-بولدى ، ھازىر ئۇنىڭ گىپىنى قۇيۇپ ئاتنى ھەيدە!
سادىقنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرمەي مەپىگە چىقىپ ئولتۇرۇپ بولغان ئەزىز شۇنداق دىدى، سادىق كۆڭلىدە ئىشنىڭ ئەپلەشمىگنىنى ھس قىلدىيۇ ئەمما ئارتۇق گەپ قىلماي ئاتقا قامچا سالدى.
غوپۇر شۇ ئاققانچە بۇ ناھىينىڭ ئەڭ چەت يىزسىدىكى دەريا سەل تىيىزراق بولغان بىر يەردە، بىر تۈپ جىگدە ياغىچىنىڭ شېخىغا ئىلىنىپ قالغان ئدى.
ئەتتىگەندە بۇ يەردىن سۇ ياقىلاپ كىتىپ بارغان بىر دىھقان ئۇنى كۆرۆپ قىلىپ دەرھال ئۇنى تارتىپ يانغا ئىلىپ چىقتى ۋە مەيدىسىنى كۆچەپ بىر ھازا بىسىپ ئۇنى ھۇشىغا كەلتۈردى.
غوپور ھۇشىغا كىلىپلا دىھقاننىڭ گىلىدىن سىقىپ ئۇنىڭغا ۋارقىرىدى،
-پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەر  بولمىسا ئۆلگىنىڭ شۇ.
بىچارە دېھقان ياخشىلىققا يامانلىق دىگەندەك بۇ ئىشقا يۇلۇقۇپ قالدى كەينىدىن كەلگەن بىر نەچچە دېھقان ئۇلارنى ئاجىرتىپ قۇيدى.
-ھۇت ساراڭ ئۆلەسە ، دېھقان ئۇنى شۇنداق دەپ تىللىغىنىغىچە يۇلىغا راۋان بولدى.
غوپۇر شۇنچە رۇھسىز ، ھارغىن ئىدى ،ئەمما ئۇ يەنىلا ئۇلارنىڭ كەينىدىن ۋارقىرايتتى:
-پۇلۇمنى قايتۇرپ بىرىش.
دىمەك غوپۇر ئاخشام ئەزىز ئۇرغان بىر بولقىنىڭ تەسىردە ئىسنى يۇقاتقان ئىدى ئۇنىڭ مىڭىسىدە پەقەتلە ئۆزى ئاخىرقى قىتىم دېگەن شۇ بىر جۈملە سۆزىلا ئىسىدە قالغان ئىدى.
  ئۇ مىڭ تەستە ئۇرنىدىن تۇردى ، ئەمدى دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنىنى بۇيلاپ ماڭدى.
-ھايۋانلار پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بىرىش
غوپۇر  توختىماي ئەنە شۇ بىر ئىغىز گەپنى تەكرارلايتتى،ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ كىمىلىكىنى ،كىمنىڭ ئۇنى بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيغانلىقنى  ھەرقانچە ئۇيلاپمۇ ئىسىگە ئالالمايتى ، ھەم ئۇنداق ئۇيليالمايتتى ، چۈنكى ئۇ نىرۋىسدېن مەڭگۈلۈك كەتكەن ئىدى.
غوپۇر شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ خىلى كۈنلەرنى ئۆتكۈزدى . بەزىدە كىشىلەر ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ نان سۇ بىرەتتى،يەنە گاھىلار ئۇنىڭغا كىيىممۇ بىرىشتى!! ئەمما ،ھىچكىم ئۇنىڭ نەدىن كەلگنلىكنى ،نېمە ئىش قىلىدىغىنىنى بىلمىگەچكە   ئۇ مانا مۇشۇنداق سەرگەردان بۇلۇپ ئۇچرىغانلا ئادەمدىن پۇل سۇرايتتى.
ئەسقەرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۇقۇشى تۈگەپ قايتىپ كەلگىلى ئۈچ كۈن بولدى ،ئەمما ئۇ بۇ جەرياندا«دادا»سى غوپۇرنى بىر قىتىممۇ كۆرۆپ باقمىدى،ئانىمۇ بۇ ئىشلاردىن ئاللىقاچان ئەنسىرەشكە چۈشكەن ئىدى،پەقەت بالىلارنىڭ كىچىكى ئەكرەم بۇ ئىشلاردىن بىخەۋەر ئادەمدەك ئۆز ئىشى بىلەن ئىدى،ئانا -بالا پات -پات بۇ ئىشلار توغرىسىدا  سۆزلىشىپ قالاتتى ،ئاخىرى ئىككەيلەن يەنە بىرنەچچە كۈن قاراپ باقىدىغان ، يەنە خەۋېرى بولمىسا سىرتقا چىقىپ  ئىزدەيدىغان بولۇشتى .
  مانا ئارىدىن يەنە ھەپتە ئۆتۆپ كەتتى ، بۇ جەرياندا ئەسقەر يىزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۇقۇتقۇچى بولۇپ كىردى ،ئۆيدىكىلەر بۇ ئىشتىن خۇشال بۇلىۋاتسا ،غوپۇرنىڭ يۇقاپ كىتىشى ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىنى بېسىپ تۇراتتى ،ئاخىرى ئەسقەر ئانا بىلەن مەسلەھەتلىشىپ سىرتقا چىقىپ ئىزدەيدىغان بولدى،
    بۇ ناھىيە سەل چەترەك بولغىنى بىلەن زىمنى كەڭ،نۇپۇسى كۆپ ئىدى،بىر ئادەمنى ئىزلەپ تېپىش ئۇنچە ئاسانغا توختىمايتتى ،ئەسقەر ئاۋال دادىسىنىڭ «كەيپى»بويىچە ئۇنىڭ دائىملىق ئۈلپەتلىرىدىن غوپورنىڭ ئىزدىرىكىنى قىلدى ،ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئاشۇ قېتىملىق سۇرۇندىن كىيىن سورۇنغا چۈشۈپ باقمىغىنى دىيىشىپ چەتكە چىقتى ،ئۇ ئەمدى ئۇچىرىغان ھەربىر ئادەمدىن  سۇراشقا باشلىدى، ھەممىگە ئايان ، بۇ غوپۇر ئىلگىركى غوپۇر بولمىغاچقا ،ئەسقەرمۇ ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئىنىق دەپ بىرەلمىدى ،نۇرغۇن ئادەملەر  غوپۇر كۆرگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئەسقەر دەۋاتقان ئىگىز بويلۇق ئادەم خىيالىغا كىرىپمۇ چىقمايتتى .
شۇنداق ئىزلەپ يۈرۈپ ھىچ خەۋىرى بولمىدى ،قىش كىلىپ قالغاچقا ئانا تېخمۇ ئەنسىرەشكە باشلىدى، گەرچە غوپۇرنىڭ ھەربىر قىلغانلىرى ئۇنىڭ جان جېنىغا تىگىپ تۇرغان بولسىمۇ بىر كۈنلۈك ئەر خوتوننىڭ 100كۈنلۈك مىھرى، غوپۇردىن ئەنسىرەپلا تۇراتتى.رادىئودا ئىلانمۇ برىلدى،ئەمما ھىچكىممۇ بۇ كىشىنى ئۇچىراتقانلىقىنى توغرىسىدا خەرەر قىلمىدى،تاكى ئالتە ئايغىچە خەۋىرى بولمىغاندىن كىيىن ، ئەسقەر بىلەن ئانىمۇ ئۈمىدىنى  ئۈزۈشتى ،يۇرت مەھەللىگە كىچىكنە نەرىزە بىرىشىپ غوپورنى ئۆلدىگە چىقىرشىتى،
     قىش ئاللىقاچان باشلىنىپ كەتكەن ئىدى،ھاۋا  ناھايتى  سۇغۇق بولۇپ ،شامالنىڭ ھۆكىرەپ چىققان ئاۋازى قاراڭغۇ كېچىنى تېخىمۇ سىرلىق تۈسكە كىرگۈزەتتى   ، بۇ غوپۇر يۇقاپ كەتكەننىڭ 7-ئېيى ئىدى،
      تۇيۇقسىز ئانىنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشكگە قاتتىق بىرنەرسە ئۇرۇلۇپ ،ئۇنى ئۇيقۇدىن ئۇيغاتتى ،كۆزىنى ئەمدىلا ئېچىپ تۇرۇشىغا يەنە بىر قىېتىم ئۇرۇلغان ئاۋاز ئاڭلاندى ، بۇ قېتىم ئانا قاتتىق چۆچۈپ كەتتى، يېرىم ئۆرە بۇلۇپ خېلىغىچە ئىشككە قاراپ ئولتۇردى ،ئەمما ئاۋاز قايتا ئاڭلانمىدى،ئانا ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئشىكنى ئاستا ئاچتى ،ئاچتىيۇ قورققىنىدىن ۋارقىراپ تاشلىدى، ئىشىكنى ئېچىشى بىلەن قاپقارا بىرگەۋدە سەنتۈرۈلۈپ بوسۇغىغا يىقىلدى،
ئۇنىڭغىچە ئەسقەر بىلەن ئەكرەممۇ بۇيەرگە كىىلىپ بولدى ،ئانا قورقىنىدىن تامغا يۈلەنگىنىچە يىغلاپ تۇراتتى،
يەردە ياتقىنى باشقا نەرسە ئەمەس دەل يۇقاپ كەتكىنگە يەتتە ئاي بولغان بالىلارنىڭ«ئۆگەي دادا»سى غوپۇر ئىدى.
ئۇلار غوپۇرنى بەك تەستە ئىلغا قىلشىتى،بەك توڭلاپ ھۇىدىن كەتكەن بولسا كىرەك دەپ ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قۇيدى، ئۇلار بىر تەرەپتىن خۇشال بولسا بىر تەرەپتىن ھەيران بولاتتى ، توۋۋا  ! ئىلگىركى غوپۇر مۇشۇمۇ؟ قاراڭ ، ساقاللىرى ئۆسۆپ ،بۇرۇتلىرى لەۋلىرىنى يېپىۋالغان ،بەدىنى مەينەتلىشىپ ، تىنىدىن برخىل سېسىق پۇراق چىقىپ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۇردىغان ،كىيىملىرى جۇلدۇر كىپەن بۇلوپ كەتكەن بۇ كىشى ئاشۇ غوپور شۇمۇدۇ؟
نېمەلا بولمىسۇن ئۇنىڭ قايتىپ كەلگىنى ئۇلارنى سەل خاتىرجەم قىلغان بولدى ، غوپۇرنى ئۆيگە ياتقۇزۇپ بولغاندىن كىيىن ئانا دەرھال تاماققا تۇتۇش قىلدى، ئەسقەر بولسا تېخىچە بۇ ئىشلاردى ھەيران بولوپ غوپورنىڭ بېشىدا ئۇنىڭغا كۆزىنى ئۆزمەي قاراپ تۇراتتى،
  تاماق ناھايىتى تىزلا تەييار بولدى ، ئانا ئاستا كىىلىپ غوپورنى ئۇيغاتتى :
-دادىسى، تۇرۇپ تاماق يەۋالسىلا!
ئەمما غوپۇرنىڭ خورىكى يەنلا ئىلگىركىدەك ئىدى ،ئايال قايتا ئويغتىپ كۆردى :
-دادىسى، تۇروپ تاماقلىرىنى يەۋالسىلا،
غوپۇردىن ھېچ سادا بولمىغاندىن كىيىن ئەسقەر:
-بولدى ئانا ،بەلكىم بەك چارچاپ كەتكەن بولسا كىرەك ، ھارغان ئادەمگە تاماقتىن ئۇيقۇ مۇھىم ،ئۇيغانغاندا يېسۇن ،
-مىنڭچىمۇ شۇنداق قىلسا بولغۇدەك ،-دېدى ئانا:- بولدى ئۇغلۇم ،سەن كىرىپ ئۇخلاۋەرگىن ، مەن ئۇنىڭ يېنىدا قاراپ تۇراي !
-ياق ئانا ، سىز بەك چارچاپ كەتتىڭىز ، كىرىپ ئارام ئېلىڭ،مەن قاراپ تۇراي !
ئانا ئوغلىنىڭ غوپورنى يەكلىمىگىنىدىن بەكمۇ مەمنۇن بولدى،
-ئەمسە مەن چىقاي ، ئۇيقۇڭ كىلىپ كەتسە مىنى ئويغۇتارسەن ،ھە؛
-ماقۇل ! سىز چىقىپ ئۇخلاۋېرىڭ !
ئانا چىقىپ كەتتى ، ۋاقىت ناھايىتى ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى، ئەسقەر كۆز ئالدىدىكى بۇ ئىشلارنى پىكىر قىلىپ تاڭ يۇرارغا يېقىن ئوخلاپ قالدى،


داۋامى بار ،داۋاملىق ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ.


مەنبە؛كۈيچى
ئەسكەرتىش:سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرنى بولۇپمۇ «ئو ئۇ ››ھەرپلىرىنى دەل جايىغا ھەم توغرا ئىشلىتىڭ،بۇ يازمىڭىزدا بۇ ھەرپلەر خاتا ئىشلىتىلگەن.

قىزلار ئۈچۈن چۈشكۈنلەشمەستىن تېخىمۇ قەيسەر بول!

ئادەمددك ياشا ،

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4385
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9494
تۆھپە نۇمۇرى: 509
توردا: 1522 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2012-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 07:54:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنا مەن ...
ھەقىقەتەن ئېسىل چىقىۋېتىپتۇ .. ئوقۇۋېتىپ ئابدۇكىرىم ئابلىزنىڭ ھەۋەسكارنىڭ ھەسرىتى دېگەن ئىتۇتى ئېسىمگە كەپ قالدى ...

گۈل ...

ئۈمۈد ئادەمنى غەلبىگە باشلايدۇ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50684
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1521
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 2904 سائەت
تىزىم: 2011-8-6
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 09:13:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى تېزراق يوللىغايسىز!

ئۈمۈد28

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51275
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 50
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 458 سائەت
تىزىم: 2011-8-11
ئاخىرقى: 2012-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 09:35:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى تىزراق يازسىڭىزكەن....

كۈيچى = باھا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43993
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1827
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2011-6-10
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 09:52:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1قەۋەتتىكى(BABY) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇر

ما گەپنى كۆرۆڭ ، قەيەرلىرى ئوخشايدىكەن ئو ئېتوتقا ، بۇنىڭدا يا ناخشا بولمىسا ؟ ھې...ھې.

قىزلار ئۈچۈن چۈشكۈنلەشمەستىن تېخىمۇ قەيسەر بول!

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 1914
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 25759
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4261 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 09:58:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىنى ئوقۇشنى خالىمىدىم ، ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىگە ئاللاھ ئىنساپ بەرگەي !

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۇرمۇشتا ياشاۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس !
گەرچە باياشات بولمساممۇ ، ھەممە ئىشىم كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ يانىلا شۈكرى دەپ ياشايمەن .

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك ! 192029569 بۇ مىسرانىم ئەزالار چ چ  رايۇنى

ئتقاد-ئارغامچا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54691
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 948
تۆھپە نۇمۇرى: 60
توردا: 2159 سائەت
تىزىم: 2011-9-4
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 10:56:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە داۋامى يوق ئەسەركەنغۇ؟

فتنە قىلماق خۇنى ناھەقتىن يامان،فتنەچى قالماس جەھەننەمدىن ئەمان،خۇنى ناھەق فتنەدىن  پەيدابولۇر،فتنەدىن ئالەمدە كۆپ غەۋغا بولۇر.--(ئاپتورنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21304
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4001
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 2152 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-18 11:50:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ ،دەۋامىغا تەشنامىز .تىزراق ھە ،بىزنى بەك ساقلاتماي...ھى ھى ھى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55640
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1681
تۆھپە نۇمۇرى: 99
توردا: 1111 سائەت
تىزىم: 2011-9-9
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 10:57:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر دوستۇم ئېيتقان ‹ قالاق› دېگەن سۆز يادىمغا  كەپ قالدى  ....

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19356
تۆھپە نۇمۇرى: 1358
توردا: 2844 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2012-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-19 11:44:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنى قىززىقتۇرۇپ ، ئاخىرى قېنى ؟

ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ ، ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام ئىچىدە تەربىيلەپ ، ئاتا _ ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىسام دەيمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش