مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qiqakkiz

‹ئۇزۇن كۆينەك مودىدىن قالدىمۇ ›دىن تۇغۇلغ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52112
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3010
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2011-8-18
ئاخىرقى: 2011-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 08:21:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپتور(qiqakkiz) نىڭ تېمىسىغا

ئىنتايىن ياخشى يېزىپسىز، ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49579
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4387
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 2494 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 09:14:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزى مۇنبەرداشلىرىم،

  بۈگۈن ئەتىگەندىلا مىسرانىمدا يەنە بىر  ئىسل تېما كۆرگىنىمدىن ناھايىتى خوشالمەن.  تېما ئىگىسىگە جانابى اللا كۆپ ئەجىر بەرسۇن.
ئىلگىرى تېما قىلىپ يوللىسام تەستىقلانمىغان ، بۇرۇن مەلۇم   توردىن ساقلىۋالغان ياخشى بىر ماقالىنى  بۇ ئىسل تېمىغا ئىنكاس سۈپىتىدە سوغا قىلدىم.


خانىم - قىزلارنىڭ بېشىغا رومال ئارتىشى قەلبىنىڭ گۈزەللىكىنى ئىپادىلەيدۇ


يازغۇچى : خەتىچە سادىق
تەرجىمە قىلغۈچى : مۇھەممەد ئەلى ئۇيغۇرى





ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
غەرب ئەللىرىدە كىشلەر مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ بېشىغا رومال ئارتقىنىنى كۆرۈپ، خىلمۇ-خىل گەپلەرنى قىلىشىدۇ ۋە بۇ ئېكسترىمىزم، فېئوداللىق، خۇراپاتلىق، دىنىي ئەسەبىيلىك، تىرىك ئازاب چەككەنلىك، ياكى قەلبى دىننىڭ زۇلۇمىغا ئۇچۇراۋېتىپتۇ دىگەندەك بىر نىمىلەرنى ئاساسسىز پەرەز قىلىشىدۇ.
كىشىلەرنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئى نەزەر، ھەر كۈنى ئىشقا چىققاندا ياكى بازارغا چىققاندا، رومال ئارتسام ئۆزەمنى شۇنداق روھلۇق ۋە راھەت ھېس قىلىمەن. مەيلى كىشلەر قانداق پەرەز قىلىشىدىن قەتئى نەزەر، ئۆزەمنىڭ ھاياتقا قارىتا ئۆزگىچە كۆز قارىشىم بار.
رومال ئارتىش مېنىڭچە قەلب گۈزەللىكنىڭ تاشقى ئىپادىسى. مەن بىر قىز، كەلگۈسىدە توي قىلىپ ئائىلە قۇرىمەن، مەن ئاتا - ئانامنىڭ توي ئىشىمغا چات كىرىۋېلىشىنى خالىمايمەن، نىكاھ مەسىلەمنى ئۆزەم ھەل قىلىمەن. مىنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك  يىگىتنىڭ مىنى ياقتۇرۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ياغلىقىم قەلبىمنىڭ ئىپادىسى. مەن ئىنتايىن پاك، ئاق كۆڭۈل، ئىناق ۋە بەخىتلىك ئائىلەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداقلا ئارزۇ ئارمانلىرىمنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىنى رەببىمدىن سورايمەن. ھامان بىر كۈنى ئاللاھ مەن ئۈچۈن تاللىغان يىگىت ماڭا قاراپ كېلىدۇ. مەن مەڭگۈ رومال ئارتىمەن، پەقەت شۇ كىشىمگىلا ئاچىمەن، پەقەت ئۇنىڭغىلا بارلىق گۈزەللىكىمنى نامايان قىلىمەن. ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن، ئۇنىڭ ئالدىدىلا رومىلىمنى ئېلىۋەتسەم، ئۇ چوقۇم مىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ سەمىمىي ئادىمى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ، ئاندىن ئۇ، بۇ ئائىلىنى، بۇ مېھىر-مۇھەببەتنى قەدىرلەيدۇ. مىنىڭ تەسسەۋۇرۇمدىكى بەخىتلىك ئائىلە دەل شۇنداق ئىللىق ۋە ئۆز - ئارا مېھرىبانلىققا تولغان. رومال ئارتىش قىيىن ئىشمۇ ئەمەس، ئاللاھ ئۆزى رازى بولىدىغان ھەر قانداق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى مۆمىنلەرگە قولاي قىلىپ بەردى. رومال ئارتىش بولسا ئاللاھنىڭ ئاياللارغا قىلغان ئىلتىپاتى، ھۆر ۋە پاك، دىيانەتلىك، ئەخلاقلىق بىر خانىم ئىكەنلىكىنىڭ ئۇلۇغۋار شوئارى.
بىز ئەرلەرگە ئوخشىمايمىز، رومال بولسا، ئەرلەرنىڭ بىز ئاياللارنىڭ كىشىلىك قەدىر- قىممىتىمىزگە ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىشىمىزدىكى ئەڭ روشەن نامايەندە. ئەرلەر ئىدارە قىلىۋاتقان بۇ جەمئىيەتتە، رومال بىزنىڭ ئىچكى دۇنيايىمىزنى نامايان قىلىدۇ. بىز بەتنىيەت ۋە بىئەدەپ قىلمىشلارنىڭ روھانى ھاياتىمىزغا دەخىل تەرۇز قىلىشىنى خالىمايمىز. بىز پەقەت ئاياللارنىڭ ئىززەت-ئابرويىنى ۋە قەدىر - قىممىتىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىمىز. پاراكەندىچىلىكتە قېلىشنى، خورلۇققا ئۇچرىشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايمىز. رومال ئارتىش بىزنىڭ ھەر قانداق نورمال ئىجتىمائىي پائالىيەتكە قاتنىشىشىمىزغا ۋە ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشىمىزغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، بىز باشقىلارغا ئوخشاش نورمال بىلىم ئالالايمىز، خىزمەت قىلالايمىز، يەنە كېلىپ ئىخلاسمەن قەلبىمىز تېخىمۇ تېرىشىپ ئۆگىنىشىمىزگە، تېخىمۇ ئەستايىدىل خىزمەت قىلىشىمىزغا، ھەممە ئادەمگە سەمىمى بولۇشىمىزغا  تۈرتكە بولىدۇ، چۈنكى رومال ئارتىش ئاللاھدىن ئەيمەنگەنلىكنىڭ ئەڭ ئاددى بەلگىسى.
«قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەج سۈرىسىنىڭ 78-ئايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن:« سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى (سىلەرنى سىلەر تاقەت قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا تەكلىپ قىلمىدى).» «قۇرئان كەرىم»نىڭ نىسا سۈرىسىنىڭ 28-ئايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن:« ئاللاھ سىلەرنىڭ يۈكۈڭلارنى يېنىكلىتىشنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى سىلەرگە ئاسانلاشتۇرۇشنى) خالايدۇ. ئىنسان (نەپسى خاھىشىغا خىلاپلىق قىلىشتىن) ئاجىز يارىتىلدى.» «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 78-ئايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن:« ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنچە بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۆر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ- دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر.»
رومال ئارتىش ئاللاھنىڭ مۆمىن ئاياللارنى ھىدايەت قىلغانلىقىنىڭ نامايەندىسىدۇر، ئاياللارنىڭ  ئۆز قەدىر قىممىتىنى ساقلاپ قالالايدىغان ئورۇنلۇق ھەرىكىتىدۇر، ئاللاھ ۋەھىي قىلىپ: رومال ئارتقانلىق ئەرلەرنىڭ زۇلۇمىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئەمەس، ئاياللارنىڭ ئىززەت ئابرويىنى تۆۋەنلەتكەنلىكمۇ ئەمەس، فېئوداللىق ياكى خۇراپاتلىق تېخىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاياللارنى دەخىل-تەرۇزگە ئۇچراپ قىلىشىدىن ساقلاپ قېلىشتۇر،- دەپ ئېنىق كۆرسىتىپ ئۆتكەن. بۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ نەقەدەر مېھرىبان، شەپقەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
رومال ئارتىش بولسا ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان ئايال ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ۋە بارلىقىغا شەك كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى ، ئىسلامنىڭ قانۇن شەرىئەتلىرىگە ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتۇر. بۇ پەقەت بېشىغا ئارتىۋالغان ئاددىي نىپىز رەخت بولۇپلا قالماي، ئۇ بىر ئىتىقاد، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنىڭ ئىپادىسى بۇلۇپ، قەلىبتىكى مەقسەت- مۇددىئاغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. رومال ئارتىپ سىرتقا چىققاندا مەيلى ئۆگىنىش، خىزمەت، سەيلە-تاماشا قىلغاندا ۋە ياكى بازار ئارىلىغاندا بولسۇن، رومال ھەر ۋاقىت سىزنى سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇڭ، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىڭ، سۆز - ھەرىكەتتە قائىدە - يوسۇنلۇق، سېخى بولۇڭ، مۇسۇلمان خانىم-قىزلارنىڭ ئوبرازىغا ۋە ئىدىيە-ھەرىكىتىگە ۋەكىللىك قىلىڭ دەپ ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. بېشىغا ئارتىۋېلىنغان بۇ بىر پارچە نىپىز رەختنىڭ مەنىۋى كۈچى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، ئۆز نەزەر دائىرسىنى، ئەدەبسىز گەپ-سۆزىنى ۋە ھەرىكىتىنى  چەكلەپ، مەدەنىيەتلىك، ئەدەپلىك مۇنەۋۋەر خانىم- قىزلاردىن قىلىش رولىغا ئىگە. چۈنكى بارلىق ھەرىكەت قەلىبتىكى ئوي پىكىردىن كېلىدۇ.رومال ئارتىپ ئىشىكتىن چىققاندا ياكى ئاممىۋى سورۇندا نامايەن بولغاندا سۆز ھەرىكەتتە ئېھتىيات قىلىپ، باشقىلارغا ئازار بەرمەيدۇ. مەسىلەن، سۆز-ھەرىكەتتە تېتىقسىز، شەخسىيەتچى-راھەتپەرەس، يالغانچىلىق قىلىپ باشقىلارغا زىيان سالىدىغان بولمايدۇ. ئازراقچە چەكتىن چىقىپ كېتىش قىلمىشى بولسا ئۆزىگە تىترەك ئولىشىدۇ، ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنى «بۇ ئوبرازىم بۇنداق قىلىشقا ماس كەلمەيدۇ». بەلكىم بەزى ئىشلارنى ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتكىلى بولىدۇ، باشقىلارنىڭ كۆز ۋە قۇلىقىدىن ساقىت قىلغىلى بولىدۇ، بىراق بۇ دۇنيادا قېچىپ قۇتۇلغان بىلەن، ئۇ ئالەمدە قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ .بۇ ھېساب -كىتاب ئۇ ئالەمگە بارغاندا بېرىلىدۇ، ئىنساننىڭ ئىرادىسى ئىنتايىن ئاجىز، ئېزىقتۇرۇشلارغا تاقابىل تۇرۇپ بولالمايدۇ. يەنە كېلىپ نۇرغۇنلىغان ئېسىل ئەخلاق پەزىلەتنى دېمەك ئاسان، بىراق قىلماق تەس. رومال ئارتقان ئاياللاردا ئارتۇق بولغىنى ئۆزىگە بولغان نازارەتچىلىكى، ئاڭلىقلىق روھى، بۇ ئىرادىنى مۇستەھكەملەپ، توغرا كەيپىياتىنى ئەۋج ئالدۇرىدۇ. قەددىنى رۇسلاپ جەمئىيەتتىكى ئاياللارغا ئۈلگە بولۇشقا ئۈندەيدۇ. كىشلەر دائىم ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوتتۇرىسىدا پەقەت قىلدەك پەرقلەر بار،-دېيىشىدۇ. بېشىغا رومال ئارتقاندا، كاللىسىدىكى شۇ بىر خىل قاراش ئاسانلا ياخشىلىققا ئۈندەپ، يامان نىيىتىنى بىخ ھالەتتە يوقۇتۇپ تاشلايدۇ.
مەيلى كىشلەر قانداق پەرەز قېلىشسۇن، ئۆزەمنىڭ ھېس-تۇيغۇم ناھايىتى ياخشى، مۇسۇلمان بولغانلىقىمدىن شەرەپ ھېس قىلىمەن .ئاللاھ بارلىق ياخشى سۆز - ھەرىكەتلەرنى (قانداق قىلغاندا ياخشى ئادەم بولغىلى بولىدىغانلىقى، جۈملىدىن قانداق ياخشى ئايال بولغىلى  بولىدىغانلىقىنى) ئېنىق ئېيتىپ بەردى. يەنە كېلىپ ئېيتىپ بەرگەن يول شۇنداق ئاددى بولۇپ ھەممە ئادەم قىلالايدۇ، بەجا كەلتۈرەلمىگىدەك نېمىسى بار؟! رومال ئارتقانلىق ئاللاھنىڭ پەرمانىغا بويسۇنغانلىق، ئۇ يەنى غەرب ئەللىرىنىڭ ئاۋات كوچىلىرىدىمۇ ئۆزىنى تاۋلىغانلىق، پاك ۋە مېھىر -مۇھەببەتلىك قەلبىمنى تاۋلاپ، ئاللاھ ھاياتىمغا يۈكلىگەن بۇرچىنى ئۇرۇندىغانلىقىم.
بۇ جاھاندىكى كىشىلەرنىڭ مىنىڭ قەلبىمنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ھەر قانداق كىشىگە قەستەن ئازار بېرىشنى خالىمايمەن، بۇ ھەرگىزمۇ زۇلۇمنى ئۆز رازىلىقىم بىلەن قۇبۇل قىلغانلىق ئەمەس، ياكى نادانلارچە دىنىي ئەسەبىيىلىكمۇ ئەمەس. مەن يولدىن چىققان تىرورچىمۇ ئەمەس. مەن پەقەت بۇ ئالەمدە ياخشى ئايال بولۇپ، ئاللاھنىڭ يېتەكچىلىكىنى قۇبۇل قىلىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، ئۇ ئالەمدە ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن. مىنىڭ رومال ئارتقاندىكى تۇيغۇم بىلەن، مەن بۇ ئۆمرۈمدە ئاتا-ئانامغا، يولدۇشۇمغا، جەمئىيەتكە، خەلققە يۈز كېلەلەيمەن، بولۇپمۇ ئۆز ۋۇجۇدۇمغا ۋە روھىمغا يۈز كېلەلەيمەن. بۇ مىنىڭ كىشىلىك قەدىر - قىممىتىم. مەن ۋەزىيەتكە باقمايمەن، خالىغىنىمنى قىلىمەن، باشقىلار قانداق سۆز - چۆچەك قىلسۇن ياكى گۇمان قىلسۇن، مەن ئۆز يولۇمدا ماڭىمەن.
ماڭا ھەممىدىن مۇھىمى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قازىنىش، مىللى ئۆرپ-ئادەتلىرىمگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ۋەتەنگە ئائىت خاسلىقنى ساقلاپ قىلىش ئەڭ مۇھىمدۇر. جانابى ئاللاھتىن پۈتۈن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىغا ئىمان، ئىپپەت، ھايا، ۋىجدان، غۇرۇر ۋە كېلەچەكنى مۆلچەرلىيەلەيدىغان ئەقىل ئاتا قىلىشىنى سورايمەن.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49579
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4387
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 2494 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 09:35:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 14قەۋەت  拉依里 كە 2011-09-18 12:35 PMئەۋەتىلدى  :
ياغلىق چىگىدىغان  قىزلارمۇ ساۋاپ  دەپ  چىگكەندىكىن قائىدە  بويىچە  چىگەيلى،  چېچىمىز  ئاز  كەلدى  دەپ  يوغون  قىسقۇچ  قىسىپ چېچىمىزنى  بىشىمىزدىن  يوغونتىۋالماي،  
بەزى  قىزلاينىڭ  بىشى  قانداق  كۈتۈردىكىن  دەپ  قالىمەن  بۇنداق  «جىق چاچنى»،

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەمشىرەم،

دىگىنىڭىز ناھايىتى توغرا.  مۇسلىمە - ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ ياغلىق چىگىش، ئورۇنۇشىنىڭ قائىدىسى بار. بۇ قائىدە ھەققىدىكى  يېزىلغان توۋەندىكى يازما دىققىتىڭلاردا بولسۇن:



جىلبابنىڭ ئۆلچەملىك شەكلى




تەرجىمە قىلغۇچى: مەستۇرە


  
تولىمۇ شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
بارلىق ھەمدۇ-سانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىگە ۋە تاكى قىيامەتكىچە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭغان مۇئمىنلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەغفىرىتىنى تىلەيمىز!
تونۇشتۇرۇش


«ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا ،قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۈر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ - دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. اﷲ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر [59]»




{ سۈرە ئەھزاب، 33:59}
«مۆمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوقلار) دىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار اﷲ قا تەۋبە قىلىڭلار [31] » {سۈرە نۇر، 24:31}
بۇ ماقالىدە مۇسلىمە ئاياللارنىڭ كىيىمى (ھىجاب) ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭ شەكلى ھەققىدە چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ، شۇنداقلا ئىسلام شەرىئىتىدىكى پۈركەنجە (جىلباب) نىڭ ھۆكمى ۋە ئۇنىڭ ئۆلچەملىك شەكلى تونۇشتۇرۇلىدۇ.
بۇ ماقالىدە بىز بەلكىم تۆۋەندىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرەلىشىمىز مۇمكىن:
--جىلباب ئىسلام شەرىئىتى مۇسلىمە ئاياللاردىن تەلەپ قىلغان ھەقىقىي ئۆلچەملىك كىيىممۇ، ياكى مۇسلىمە ئايال ئۆي ئىچىدە قانداق كىيىنگەن بولسا چېچىنى يۆگەپلا شۇ كىيىمى بىلەن سىرتقا چىقىۋەرسە بولامدۇ؟
--بىرىنچى ئەۋلاد مۇسۇلمان ئاياللار كىيگەن جىلباب قانداق ئىدى؟
--بىز دەۋاتقان «جىلباب» قانداق كىيىمنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇنىڭ تەلەپلىرى نېمە؟
بىز بۇماقالىدە كەلتۈرگەن دەلىللەرنىڭ قۇرئان، سۈننەت ۋە بىرىنچى ئەۋلادنىڭ ھايات ئۆرنەكلىرىدىن ئېلىنغان قەتئىي، ئىشەنچلىك دەلىللەر بولۇشىغا دىققەت قىلىمىز. بىز ئاللاھ سۇبھانۇ ۋە تائالانىڭ بىزنى بۇ ۋەزىپىنى ياخشى تاماملاشقا مۇۋەپپەق قىلىشىنى سورايمىز، ھەم ئاللاھنىڭ ياردەم قىلىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن تىلەيمىز.
جىلبابنىڭ مەنىسى ۋە شەكلى
جىلباب(پۈركەنجە) مۇسۇلمان ئايالنىڭ سىرتقى بەدىنىنى ئوراپ تۇرىدىغان كىيىم بولۇپ، مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئىچكى زىننەتلىرىنى قىلچىلىك ئاشكارىلاپ قويمىغان ھالدا بېشىدىن ئايىغىغىچە پۈتۈن بولۇشنى، شۇنداق بەدەننىڭ ھېچقانداق بىر يېرىنىڭ شەكلىنى ئىپادىلەپ قويمايدىغان بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.
جىلباب(پۈركەنجە) تۆۋەندىكى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان:
«ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا ،قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ (ھۈر ئاياللار ئىكەنلىكى) ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ - دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. اﷲ (بەندىلىرىگە) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر [59]»




{ سۈرە ئەھزاب، 33:59}
بۇ ئايەتتە مۇسۇلمان ئاياللارغا سىرتقا چىققىنىدا ئۇچىسىغا جىلباب كىيىشنى كەسكىن بۇيرۇق قىلىدۇ.
ئايەتتىكى «جەلەبىب» سۆزى «جىلباب» سۆزىنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، بۇ جىلباب كىيىش بۇيرۇقىنىڭ پۈتۈن ئاياللارغا ئورتاق بۇيرۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
تۆۋەندە سەلەف ئالىملىرى ۋە باشقا بىر قىسىم ئالىملارنىڭ جىلبابنى قانداق شەھلىگەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:
ئىب مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: جىلباب مۇسۇلمان ئايالنىڭ سىرتقى كىيىمى بولۇپ، ياغلىقنىڭ ئۈستىدىن تاكى تاپانغىچە ھەممە يېرىنى يېپىپ تۇرىدىغان بولۇشى لازىم.
ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: جىلباب مۇسۇلمان ئايالنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ئوراپ تۇرىدىغان كىيىم بولۇپ، ئۇنىڭ بەدىنىدىن ھېچقايسى قىسمى جىلبابنىڭ سىرتىدا قالماسلىقى، پەقەت كۆرەلىشى ئۈچۈن بىرلا كۆزى ئوچۇق قالدۇرۇلۇشى كېرەك. [تەفسىرى ئىبن كەسىر].
قۇرتۇبى: پۈتۈن بەدەننى ئوراپ تۇرىدىغان كىيىم.
ئىبنىل ھەزەم: جىلباب پۈتۈن بەدەننى ئوراپ تۇرىدىغان پۈركەنجە بولۇپ، بىرەر قىسىمنى ئورالمايدىغان كىيىم جىلباب دەپ ئاتالمايدۇ.[ئەل مۇھەللا، 3-توم، 217-بەت]
مۇھەممەد ئىبن سىيرىن (ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن): مەن ئۇبەيدە ئىبن سۇفيان ئىب ھارىس (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)تىن بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى توغرۇلۇق سورىدىم. ئۇ بىر يېپىنچا بىلەن سول كۆزىنى ئوچۇق قويۇپ، بەدەنلىرىنىڭ باشقا قىسمىنى تولۇق يېپىپ كۆرسىتىپ قويدى. بۇ ھەم مۇشۇ ئايەتتىكى ئەلەيھىننە سۆزىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى ئىدى. [ ئىب جەرىر ھەم ئەھكامۇل قۇرئان 3-توم، 457-بەت]
قەتادە: ئۇ جىلبابنى چېكىسىدىن تارتىپ ئېڭەكلىرى، بويۇنلىرى تولۇق ئورالغان، يۈزىنىڭمۇ كۆپ قىسمى ئورالغان، تاكى ئوشۇقىغىچە پۈتۈن بولغان كىيىم، دېدى.
يۇقارقى بايانلاردىن باشقا بىز يەنە نۇرغۇنلىغان ھەدىسلەر ئارقىلىق جىلبابنىڭ پەقەتلا بىرىنچى ئەۋلەد مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ كىيگەن كىيىمى بولماستىن، بەلكى پۈتكۈل مۇسۇلمان ئاياللارغا ئۆيىدىن سىرتقا چىققاندا چوقۇم كىيىشكە بۇيرۇلغان كىيىم ئىكەنلىكىنى كۆردۈق.
ئەبۇ داۋۇد ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: بۇ ئايەت نازىل بولۇۋېدى، ئەنسارى ئاياللار ئېتەكلىرى بىلەن بېشىنى يۆگەپ خۇددى قارغىلارغا ئوخشاپ قېلىشتى.
ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پۈركەنجى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن دېگەن ئايەت نازىل بولۇۋېدى، ئەنسارى ئاياللار جىلباب كىيىشىپ خۇددى ئۇچىسىغا قاغا قوندۇرۇۋالغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز ھەيزدار ئاياللارنى ۋە ئۆيىدىن سىرتقا چىقمايدىغان قىزلارنى دىنىي يىغىشلارغا ۋە ئىككى ھېيت نامىزىغا ئېلىپ بېرىشقا بۇيرۇلدۇق. ھەيزدار ئاياللار نامازخانلار توپىدىن ئايرىلىپ تۇرۇشتى. بىز ‹ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، جىلبابى يوق ئاياللار قانداق قىلىدۇ؟› دەپ سورىدۇق، رەسۇلۇللاھ :‹ ئۇنىڭغا خوشنىسى ئارىيەتكە بېرىپ تۇرسۇن› دېدى.
ئاللاھۇ تائالا سۈرە نۇردا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مۇنداق دەيدۇ:
«مۆمىنەلەرگە ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارىلىمىسۇن، لېچەكلىرى بىلەن كۆكرەكلىرىنى ياپسۇن، (تاشقى زىننەتلىرىدىن باشقا) زىننەتلىرىنى ئەرلىرىدىن، ئاتىلىرىدىن، يا قېيىن ئاتىلىرىدىن، يا ئوغۇللىرىدىن، يا ئەرلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ئۆز قېرىنداشلىرىدىن، يا قېرىنداشلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا ھەمشىرىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىدىن، يا دىنداش ئاياللاردىن، يا قول ئاستىدىكى چۆرىلەردىن، يا خوتۇنلارغا ئېھتىياجى يوق خىزمەتچىلەر (يەنى قېرى، دەلدۈش بولغانلىقتىن جىنسىي شەھۋىتى يوقلار) دىن، يا ئاياللارنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى ئۇقمايدىغان (يەنى بالاغەتكە يەتمىگەن) بالىلاردىن باشقا كىشىلەرگە كۆرسەتمىسۇن، زىننەتلىرىنى كىشىلەرگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرمىسۇن، ئى مۆمىنلەر! بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلار اﷲ قا تەۋبە قىلىڭلار [31] »
{سۈرە نۇر، 24:31}
جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللار پۇتلىرىغا قوڭغۇراق ئېسىۋالاتتى ۋە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن پۇتلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ جىرىڭلىتاتتى. ئاياللارنىڭ بۇنداق پۇتىغا قوڭغۇراق ئېسىلىۋېلىشىلا ئەمەس، بەلكى بېلەك ۋە پاچاقلىرىنىڭ ئوچۇق قويۇشى ئاللاھ تەرىپىدىن قاتتىق چەكلەنگەندۇر.
بەزىلەر خاتا ھالدا ئاياللارنىڭ پۇتلىرى، بېلەكلىرى ۋە قۇلىقى كۆرۈنسە بولىدۇ، دەپ كەلمەكتە. لېكىن بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق قىلىشقا رۇخسەت قىلغانلىقى، ساھابىلەرنىڭ شۇنى توغرا دېگەنلىكى ياكى ساھابە ئاياللاردىن بىرەرىنىڭ شۇنداق كىيىنگەنلىكىگە دائىر ئىشەنچلىك مەلۇماتلار ئەسلا يوق!!
ئەل-قۇرتۇبى مۇنداق دەپ شەرھلەيدۇ:
بۇرۇنقى ئاياللار (ئاياللارنىڭ ئورىنىشى تەلەپ قىلغان ئايەت چۈشۈشتىن بۇرۇنقى ئاياللارنى كۆرسىتىدۇ) بېشىغا رومال ئارتىپ كەينىگە تاشلىۋالاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ چېكىلىرى ۋە كۆكرىكى ئوچۇق قالاتتى. ئاللاھ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئۇلاردىن لېچەك بىلەن ئاشۇ ئوچۇق قالغان يەرلىرىنى ئوراشنى بۇيرىدى.
شۇڭا، لېچەك چوقۇم ئاياللارنىڭ چاچلىرىنى، بوينىنى ۋە كۆكرىكىنى يېپىپ تۇرالىغۇدەك چوڭ بولۇشى كېرەك.
پۇت توغرىسىدىكى مەسىلىلەر ئىبن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تۆۋەندىكى ھەدىس ئارقىلىق ئايدىڭلىشىدۇ:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:
قىيامەت كۈنى ئاللاھۇ تائالا ھاكاۋۇرلۇق تۈپەيلى كىيىملىرىنى ئۇزارتىۋالغانلارغا قارىمايدۇ. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇنى ئاڭلاپ سورىدى: ئۇنداقتا ئاياللارچۇ، ئى رەسۇلۇللاھ؟ ئۇلار بىر غېرىچ ئۇزارتسۇن. ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئۇنىڭدا پۇتلىرى ئېچىلىپ قالارمىكىن؟ ئەمىسە بىر غۇلاچ ئۇزارتسۇن، ئۇنىڭدىنمۇ بەك ئاشۇرۇۋەتمىسۇن. [تەبەرانى توپلىغان ھەدىس.]
يۇقارقى ھەدىستىن ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ئاياللارنىڭ پۇتى كۆرۈنۈپ قېلىشقا رۇخسەت قىلىنمىغان. ئۇنىڭ كىيىمى چوقۇم پۈتۈن بەدىنىنى ئورايدىغان بولۇشى، پەقەت سىرتقى زىننەتلىرىلا كۆرۈنۈپ تۇرۇشى لازىم.
سۈرە نۇردا ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلىنغانكى، ئاياللارنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكى ۋە ئىچكى زىننىتىنى پەقەت تۆۋەندىكى ئىككى خىل ئەھۋالدىن باشقا ئەھۋالدا ئۆزىنى تولۇق ئورىشى لازىم. (1) ھەرخىل ھادىسە ياكى ئىنساننىڭ كونتروللۇقىدا بولمىغان تەبىئەت ھادىسىلىرى، مەسىلەن شامال چىقىپ كىيىمنى ئۇچۇرىۋېتىش.... قاتارلىق ئەھۋاللار سەۋەبىدىن ئەۋرىتىنىڭ بىر قىسمى تاسادىپىي نامەھرەم ئەرلەرگە كۆرۈنۈپ قېلىش. (2) ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان تۇغقانلارنىڭ ئالدىدا.
دېمەك، يۇقىرىدىكى ئايەت، ھەدىس ۋە ئۈممەتنىڭ سەلەفلىرىنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇكى، مۇسۇلمان ئايال ئۆيىدىن سىرتقا چىققىنىدا چوقۇم جىلباب، ياكى پۈركەنجە ياكى يېپىنچا دېگەندەك پۈتۈن بەدىنىنى ئوراپ تۇرىدىغان، پۈتۈن بولغان كىيىم بىلەن
ياتلارغا كۆرۈنۈشى كېرەك (ئۇنىڭغا مەھرەم بولمىغان ئەرلەرگە كۆرۈنۈپ قېلىش ئېھتېمالى بولغان ئورۇنلاردا). ئۆزىنىڭ ياكى يېقىن ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە كىيىپ يۈرىدىغان كىيىملەر بىلەن بېشىغا ياغلىق ئوراپلا سىرتقا چىقىشى يېتەرلىك ئەمەستۇر.
ئابايا، يېپىنچا دېگەندەك، باشقا كىيىملەرنىڭ سىرتىدىن كىيىلىدىغان، پۈتۈنلەي بىر تۇتاش بولغان، (مەسىلەن يوپكا-كوپتا دېگەندەك ئىككى پارچە بولمىغان) كىيىملەرمۇ جىلباب تۈرىگە كىرىدۇ.
جىلباب چوقۇم يېتەرلىك دەرىجىدە قېلىن ۋە كەڭرى بولۇشى كېرەك
جىلباب چوقۇم تېرىنىڭ رەڭگى بىلىنىپ قالمىغۇدەك دەرىجىدە قېلىن بولۇشى، ئاياللارنىڭ بەدىنىدىكى ئېگىز-پەس يەرلەر ۋە بەدەن شەكلى بىلىنىشمىگۈدەك دەرىجىدە كەڭرى-ئازادە بولۇشى كېرەك. پەقەت تېرىنىلا ياپالايدىغان تار ۋە چىپپىدە كىيىملار جىلباب بولۇش شەرتىگە توشمايدۇ.
بىز تۆۋەندىكى ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس ئارقىلىق ئەنە شۇنداق كىيىملەرنى كىيىپ يۈرگەن ئاياللارنى ئاگاھلاندۇرىمىز. پەيغەمبىرىمىز سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: قىيامەت كۈنى مەن ئىككى تۈرلۈك ئادەملەر ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرمەيمەن، (يەنى ئۈممىتىمنىڭ ئارىسىدا سانالمايدۇ)، ئۇلارنىڭ بىرى قولىغا كالىنىڭ قۇيرۇقىدەك قامچىلارنى كۆتۈرىۋېلىپ ئادەملەرنى ساۋايدىغانلار ئادەملەر (يەنى خەلقىنىڭ نەپرىتىگە قالغان ئادەملەر). يەنە بىرى كىيىم كىيگەن، لېكىن يالىڭاچ ياكى يېرىم يالىڭاچ ئاياللار. ئۇلار چاچلىرىنى تۆگىنىڭ لوككىلىرىدەك قىلىۋالىدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، ھەتتا جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ. ھالبۇكى جەننەتنىڭ پۇرىقى ناھايىتى يىراق جايدىنمۇ پۇراپ تۇرىدۇ. [مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.]
ئالىملار رەسۇلۇللاھنىڭ كىيىم كىيگەن، لېكىن يالىڭاچ ياكى يېرىم يالىڭاچ ئاياللار دېگەن سۆزىنى ئۇلار ئۇچىسىغا كىيىم كىيىدۇ، لېكىن كىيگەن كىيىمى ئۇلارنىڭ بەدىنىنى ياپالمايدۇ، دەپ شەرھلەشتى.
قۇرتۇبى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل كەلتۈردى: بەنى تەمىم قەبىلىسىدىن بىر نەچچە ئايال ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى كۆرگىلى كەلدى، ئۇلار ئۇچىسىغا نېپىز كىيىملەرنى كىيىشىۋالغانىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇلارغا: « سىلەر ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەنمۇ؟ بۇ ئىمان كەلتۈرگەن ئايالنىڭ كىيىمى ئەمەس.» دېدى.
قۇرتۇبى يەنە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلدى: بىر ئايال نېپىز ۋە كىچىك رومال بىلەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كىرگەنىدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا « بۇ كىيىم نۇر سۈرىسىدىگە ئىمان كەلتۈرگەن ئايالنىڭ كىيىمى ئەمەس» دېدى.
جىلبابنىڭ كەڭرى ۋە قېلىن بولۇشىنىڭ دەلىللىرى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى يەنە بىر ھەدىسنى سىلەرگە سۆلەپ بېرىمىز:
ئۇسامە ئىبن زەيد مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھقا مىسىردىن داھىيە ئەل كەلبى بىر يېپىنچا سوۋغا قىلغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى ماڭا بەردى. مەن ئۇنى ئايالىمغا بەردىم. رەسۇلۇللاھ مەندىن: ھېلىقى يېپىنچىنى كىيمىدىڭغۇ؟ دەپ سورىدى. مەن، ئايالىمغا بەرگەنىدىم، دېدىم. رەسۇلۇللاھ: ئايالىڭغا ئېيتقىن، ئۇنىڭ ئىچىگە قېلىن بىر چاپان كىيىۋالسۇن، مەن ئۇنىڭ بەدەنلىرىنى ئىپادىلەپ قويامدىكىن، دەپ قورقىمەن، دېدى. [ئەھمەد، بەيھەقى ۋە ھاكىملار رىۋايەت قىلغان.]
يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نېپىز بولغان، ياكى بەدەنگە يېپىشىپ تۇرغان، بەدەننىڭ شەكلىنى ئىپادىلەپ قويىدىغان ھەر قانداق كىيىم ئاللاھ تەلەپ قىلغان جىلباب بولۇش شەرتىگە توشمايدۇ.
قوشۇپ قويۇش كېرەككى، يېتەرلىك كەڭرى بولغان، لېكىن نۇر ئۆتكۈزىدىغان رەختلەردىن تىكىلگەن كىيىملەرمۇ جىلباب بولۇش شەرتىگە توشمايدۇ. جىلباب چوقۇم تېرە رەڭگى بىلىنىشمىگۈدەك دەرىجىدە قېلىن بولۇشى كېرەك.
رەڭگى تۇتۇق بولۇشى، كىشىنى جەلپ قىلىدىغان لاھىيەلىرى بولماسلىقى كېرەك
ھىجاب ئايالنىڭ گۈزەللىكىنى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن، ياتلارنىڭ نەزەرىدىن ساقلايدىغان، يوشۇرۇن تۇتىدىغان نەرسىكى، ھەرگىزمۇ ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇرىدىغان، ياتلارنىڭ دىققىتىنى جەلب قىلىدىغان نەرسە ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن جىلباب ئوچۇق رەڭلىك بولماسلىقى، يات جىنسلارنى قىزىقتۇرىدىغان، دىققەتنى تارتىدىغان پاسونلىرى ۋە لاھىيەلىرى بولماسلىقى كېرەك.
بۇنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكى ئايەتتۇر:
«ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ چىقماڭلار.» { سۈرە ئەھزاب، 33:33}
ئەبۇ داۋۇد ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئاللاھنىڭ دېدەكلىرىنى ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدىن توسماڭلار. لېكىن ئۇلار ياسىنىپ چىقمىسۇن.
ئىمام زەھەبى (ئاللاھ ئۇ كىشىدىن رازى بولسۇن) ئۆزىنىڭ كىتابۇل كەبەئىر (چوڭ گۇناھلار كىتابى) دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: لەنەتكە ئۇچرايدىغان ئاياللار تۆۋەندىكىدەك: زىننەتلىرىنى ئاشكارىلاپ يۈرىدىغانلار؛ سىرتقا چىققاندا ئەتىر سېپىپ چىقىدىغانلار؛ رەۇگارەڭ كىيىملەرنى كىيىۋالىدىغانلار....
شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇسۇلمان ئاياللار ئامال بار ئاددىي، قارامتۇل كىيىملەرنى كىيىشى، گۈل، رەسىم، ھەرخىل نەقىش، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان قېنىق رەڭ ۋە لاھىيەلەردىن قەتئىي ساقلىنىشى لازىم. قوشۇپ قويىمىزكى، يۇقىرىدا ئىمام زەھەبى قەيت قىلىپ ئۆتكىنىدەك، جىلبابنىڭ ئۈستىدە ھەرخىل كۆزلۈك زىننەت بۇيۇملىرى بولماسلىقى لازىم.
نۇرغۇن مۇسۇلمان ئاياللار قارا كىيىم كىيىشىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى قارا كىيىمنىڭ پەرز بولغانلىقى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىن ئەڭ يىراق تۇرىدىغانلىقى، زىننەتلەرنى ئاشكارا قىلمايدىغانلىقى سەۋەبىدىندۇر.
ئەبۇ داۋۇد ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان بۇ ئايەت (سۈرە ئەھزاب 33:33)
نازىل بولۇۋېدى، ئەنسارى ئاياللار ئېتەكلىرى بىلەن بېشىنى يۆگەپ خۇددى قارغىلارغا ئوخشاپ قېلىشتى، دېگەن سۆزمۇ ساھابە ئاياللارنىڭ قارا كىيىم كىيىشىدىغانلىقىغا دەلىلدۇر.
ئالىملار قاغىلارغا ئوخشاپ قېلىشتى، دېگەن سۆزنى بۇ ئۇلارنىڭ جىلبابىنىڭ قارا رەڭلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، دېيىشتى.
ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە شۇكى، ئاياللارنىڭ كىيىمى لىباسۇس شۇھرا (شۆھرەتپەرەسلىك، ئايرويپەرەسلىك، ئۆزىنىڭ ئورنىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن كىيگەن كىيىم) بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. شۇنداق بولىدىكەن، ئۇ ئابدۇللا ئىبن ئۆمەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلغان تۆۋەندىكى ھەدىسكە چۈشۈپ قالىدۇ: كىمكى لىباسۇس شۇھرا كىيىدىكەن، قىيامەت كۈنى ئەڭ پەس، ناچار كىيىم كىيگەن ھالەتتە بولىدۇ. [ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.]
لىباسۇس شۇھرا بىراۋغا ئۆزىنىڭ كىيگەن كىيىمىنىڭ قانچىلىك قىممەت، قانچىلىك مودا كىيىم ئىكەنلىكىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان، قەستەن باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان، سورۇنلاردا ئابروي تالىشىش ئۈچۈن كىيىدىغان كىيىمدۇر.
ئەرلەرنىڭ كىيىمىنى دورىۋالماسلىق لازىم.
مۇسۇلمان ئايال كىيىنىشتە (ۋە باشقا جەھەتلەردە) ئەرلەرگە ئوخشىۋالماسلىقى لازىم.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ئاللاھۇ تائالا ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا ۋە ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئەرلەرگە لەنەت ئوقۇيدۇ. [بۇخارى رىۋايىتى]
ئابدۇللا ئىبن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم، دەيدۇ: ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللار ۋە ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئەرلەر بىزدىن ئەمەس. [ ئەھمەد، تەبەرانى رىۋايىتى]
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، كەڭرى ۋە قېلىن بولسىمۇ، ئەرلەرنىڭ كىيىملىرى ئاياللارنىڭ ئۆلچەملىك جىلبابى بولالمايدۇ.
كۇففارلارنىڭ كىيىمىدىن پەرقلىق بولۇشى كېرەك
مۇسۇلمان ئايالنىڭ كىيىنىشى كۇففارلانىڭكىگە ئوخشاپ قالماسلىقى كېرەك. بۇ بىر ئومۇمىي قائىدە بولۇپ، مۇسۇلمان كىشى ئېتىقاد، ھېيت-بايرام، ئۆرپ-ئادەت، ئىبادەت قاتارلىقلارنىڭ ھېچقايسىسىدە كافىرلارنى دورىماسلىقى كېرەك.
بۇنىڭغا تۆۋەندىكى ھەدىسنى دەلىل قىلىپ كەلتۈرىمىز:
ئابدۇللاھ ئىبن ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ مېنىڭ سېرىق رەڭلىك كىيىم كىيىۋالغىنىمنى كۆرۈپ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ كافىرلارنىڭ كىيىمىدۇر، بۇنداق كىيىمنى كىيمىگىن، دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى]
ئابدۇللا ئىبن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىشى كىمنى دورايدىكەن، شۇنىڭغا مەنسۇپ قىلىنىدۇ. [ ئەبۇ داۋۇد توپلىغان].
مەسىلەن، مۇسۇلمان ئايالنىڭ كىيىمى ئۇزۇن، كەڭرى بولغان ھالەتتىمۇ موناخلارغا ئوخشاپ قالماسلىقى كېرەك.
بىز ئاللاھنىڭ چەكسىز مەرھەمىتىدىن ئۈمىد كۈتۈپ، قەلبىمىزنى ئۇنىڭ كىتابى ئۈستىدە قىلىشىنى، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىدە قىلىشىنى، دەۋەت يولىمىزدا مۇستەھكەم قىلىشىنى ئۆتۈنۈپ سورايمىز. پەقەت ئاللاھلا شۇنىڭغا قادىردۇر.
ئامىن!
ئاخىرقى دۇئايىمىز شۇكى، بارلىق ھەمدۇ-سانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.
(تۈگىدى)

بەخىت- ئاللاھنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41019
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17910
تۆھپە نۇمۇرى: 6011
توردا: 5290 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 11:46:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قەدىرلىك ھەمشىرىلىرىم،



تۆۋەندىكىسى مەن بۇرۇن يوللىغان، لېكىن تەستىقلانمىغان بىر ئەسەر بولۇپ، ھەر قايسىڭلارنىڭ ئوقۇپ كۆرۈشى ئۈچۈن سۇندۇم.



ياغلىقىم بىلەن ئىشلىيەلەيدىغان بولدۇم


چى سەيخوڭ



مېنىڭ سەرگۈزەشتەم ھەم ئاددى ھەم بىر ئاز مۇرەككەپ . مېنىڭ ھاياتىم ، ئادەتتىكى بىر ھايات بولسىمۇ، لېكىن، بىر ئاز پەۋقۇلاددە جايلىرىمۇ بار.

مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ ياغلىق چېگىش سەرگۈزەشتىلىرى بار. مەنمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. يولدا كېتىۋاتقاندا، ياغلىق ئارتىۋالغان مۇسۇلمان ئاياللارنى ئۇچراتسام، مەيلى خۇيزۇلار بولسۇن ياكى ئۇيغۇرلار بولسۇن، قېرى بولسۇن ياكى ياش بولسۇن، يېنىش يېنىشلاپ قاراپ كېتىمەن. مەن 30ياشتىن 33 ياشقىچە بولغان ئارلىقتا، ئۆيدە بالا بېقىش بىلەن بولدۇم، ناماز ئوقۇشنى ئۆگەندىم.، ياغلىق ئارىتتم.  بالامنى يەسلىگە بەرگەندىن كېيىن، جان بېقىش ئۈچۈن، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە توغرا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن، ياغلىقىمنى ئېلىۋەتتىم. شۇنچە يىللاردىن بېرى ئۆزەمنى گۇناھكاردەك ھېس قىلىپ كەلدىم...

قىرىق ياش ئادەمنىڭ  ئەقىلگە توشقان ۋاقتى، دىيىلسىمۇ، لېكىن مەن بىر قانچە كۈننىڭياقى تېڭىرقاش ئىچىدە ئۆتىۋاتاتتىم.
ئەمىليەتتە بوغالتىرلىقتىن ئىبارەت بۇ كەسىپكە نىسبەتەن، خىزمەت يەڭگۈشلەش، ئانچە تەسكە توختىمايتى، لېكىن، ھازىر تەس بولىۋاتقىنى،مېنىڭ  ياغلىق ئارتىپ تۇرۇپ، بۇ خىزمەتنى قىلماقچى بولغانلىقىم ئىدى.  ئىشقا ئالغۇچى ئورۇن، مېنىڭ قىسقىچە تەرجىمالىمنى توردىن كۆرگەندىن كېيىن، مېنىڭ ئىشقا چۈشۈشۈمنى ئېيتىپ تېلېفۇن قىلاتتى. ئىشقا چۈشىدىغان كۈنى، مەن مۇۋاپىق كىيىنىپ، خىزمەت بېناسى ئىچىگە كىرىپ، ئىشخانىنىڭ ئىشىكىنى چېكەتتىم ۋە ئۆزەمنىڭ بوغالتىرلىق ئىشىنى قىلغىلى كەلگەنلىكىمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەتتىم. ھەر قېتىم قارشى تەرەپ بۇنى ئۇققاندىن كېيىن، بېشىمدىن ئايىغىمغىچە ھەيران بولۇپ قاراپ كېتەتتى. بۇلار مۇسۇلمانلار كۆپ بولغان  ئۈرۈمچىدە ،مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتىپ يۈرۈشكىنىنى كۆرسە غەلىتىلىك ھېس قىلمايتى-يۇ، لېكىن، ياغلىق ئارىتقان بىر ئايالنىڭ خىزمەت بېناسىغا كىرىپ، بوغالتىرلىق قىلىمەن، دىيىشىدىن غەلىتىلىك ھېس قىلىشاتتى.

بەزىلىرى:  "بىزنىڭ بۇ يەردە ئىشلەيدىغان خۇيزۇلارمۇ، ئۇيغۇرلارمۇ بار، ئۇلار سىزدەك كىيىنمەيدۇ،" دىسە؛ بەزىلىرى: "سىزئاللىقاچان خۇيزۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇتەسسىپىغا ئايلىنىپ قاپسىز"، دەيتى. بەزىلىرى: "مەن سىزدەك كىيىنگەن خۇيزۇلارنى كۆپ كۆرگەن، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىشلىمەيدىغانلار" دىسە، يەنە بەزىلىرى : "سىز زادى مۇشۇنداق كىيىنمىسىڭىز پەقەت بولمامدۇ"، دىيىشەتتى. ھەتتا بەزىلىرى، "سىز كىيىنىشتە بەكلا ئاشۇرىۋەتتىڭىزمۇ قانداق؟" دىيىشەتتى. مەن يا ئابايى كىيىۋالمايمەن بولمىسا.  پەقەت شۇ ياغلىق ئارتقان يېرىملا ئۇلاردىن ئوشۇق. بۇنداق چاغلاردا مەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: " ياغلىق ئارتىدىغانلار يالغۇز خۇيزۇلار، ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، خەنزۇ مۇسۇلمانلارمۇ ئارتىدۇ"، " ياغلىق ئارتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇمىغان، ئىشلىمەيدىغانلار ئەمەس، سىز دىققەت قىلمىغان ئوخشايسىز" ، "مېنىڭ مۇشۇ ياغلىقىمدىن باشقىسى، ھېچكىمدىن ئارتۇق ياكى كام ئەمەس، ياغلىقىم مېنىڭ خىزمىتىمگىمۇ، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلىشىمغىمۇ تەسىر يەتكۈزمەيدۇ" دەپ جاۋاپ بېرەتتىم.

بىر قانچە ئورۇنغا بارغاندىن كېيىن، ئۆزەمگە ئىشەنچىم قالمىدى. لېكىن، ھەر قېتىم بىرەر ئورۇندىن تېلفۇن كەلسىلا، مەندە شۇنداق بىر ئوي بولاتتى، ئۇ بولسىمۇ، ھېچبولمىغاندا تېخىمۇ كۆپ غەيرى مۇسۇلمانلارغا ، " ياغلىق چەگكەن ئاياللارمۇ خىزمەت قىلالايدىكەن، بوغالتىرلىق قىلالايدىكەن" دىگەننى  تونۇتالايمەنغۇ، دىگەندىن ئىبارەت ئىدى. 40 ياشقا بېرىپ قالغان، يالغۇز ئۆتىۋاتقان مەندەك بىر ئايالغا، جان بېقىش ئەسلىدىلا ئۇنچە ئاسانغا چۈشمەيتى. بىر قانچە ئورۇنغا بېرىپ نەتىجە چىقمىغاندىن كېيىن، روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىكى بېسىمىمىم ئىنتايىن ئېغىرلاپ كەتتى. بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن دوستلىرىم 多斯梯们))  مېنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمىدى. ماڭا ئىلھام بېرىپ، ئۆزلىرى قىلالايدىغانلىكى ئىش بولسا ياردىمىنى ئايىمايدىغانلىقىنى ئېيتىشتى. ھاتتا مەن پەقەت تونۇمايدىغان دوستلاردىنمۇ، بەزىلىرى ماڭا ئىگىلىك تىكلەشكە پۇل بېرىپ تۇرماقچى بولۇشسا، بەزىلىرى ماڭا ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدە يول كۆرسىتەتتى، بەزىلىرى ئىجارە ئۆي ئۇقۇشۇپ بېرەتتى. بەزىلەر: " بۇ دىگەن غەيرى مۇسڭۇلمانلارنىڭ دۇنياسى، ئەمىليەتچىل بولۇڭ، جان بېقىش ئۈچۈن، ياغلىقىڭىزنى ئېلىۋېتىڭ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى،ئاللاھ كەچۈرىدۇ"  دىسە، بەزىلەر : "بەش ۋاق نامازنى ئادا قىلالىسىڭىز مۇشۇنىڭ ئۆزى چوڭ ئىش، ئۇنچىۋالا ئىنچىكەلەپ كەتمەڭ" دىيىشكەنمۇ بولدى. يەنە بەزىلەر: " بۇ ئاللاھنىڭ سىزگە چۈشۈرگەن سىنىقى، ئاللاھ سەۋرى قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر" دىيىشتى.

مەن ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ بىر ئاشخانا ئاچسام بولارمۇ، دەپ ئىككىلىنىپ تۇرغان ۋاقتىمدا، بىر ياش دوستۇم ماڭا" سىز ئەڭ ياخشىسى ياغلىقىڭىزنى ئېلىۋېتىپ، يەنىلا شۇ بوغالتىرلىق خىزمىتىنى قىلغىنىڭىز ياخشى، چۈنكى بىز مۇسۇلمانلار پەقەت ئۆزىمىز قىلالايدىغان ئىشلاردا تىرشىپ كۆزگە كۆرۈنگەندىلا ، ئاندىن غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ بىزگە بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتەلەيمىز" دىگەن پىكىرنى بەردى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مېنى دەپ مۇشۇنداق كاللا قاتۇرىۋاتاتتى. لېكىن، مەن ئۈچۈن قايسى يولنى تاللاش ، تولىمۇ قىيىنغا چۈشىۋاتاتتى. ئاشخانا ئاچسام، ئىجارىگە ئالىدىغان ئۆيلەرنىڭ ئىجارە پۇلى بەكلا ئۆرە بولۇپ، قەرز ئېلىپ يۈرۈپ، ھەل قىلدىم دىگەندىمۇ، مۇلازىمەت ۋە مال كىرگۈزۈشكە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ كېتەتتى. شۇڭا يەنىلا، شۇ بوغالتىرلىق ئىشىنى قىلىشنى، قىلغاندىمۇ مۇشۇ ياغلىقىم بىلەن غەيرى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا پۇت دەسسەپ تۇرۇشنى ئويلىدىم.
سودىنى ئەسلى قىلالمىسام،ئىش تاپاي دىسەم، غەيرى مۇسۇلمانلار مېنىڭ ياغلىقىمنى قوبۇل قىلالمىسا، ياغلىقىمنى ئېلىۋېتەيمۇ-يا؟ دەپ ئويلىغان چاغلىرىممۇ بولدى. لېكىن، بۇنى ھەر قانچە ئويلاپمۇ كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم.

توغرا، ھايات ئەلۋەتتە رېئال بولىدۇ. لېكىن، ئاللاھ  بولسا تېخىمۇ رېئال، تېخىمۇ ھەقتۇر. ئۇ قانداقمۇ مېنى ئۇنتۇپ قالسۇن؟ ياغلىقىمنى ئېلىۋېتىپ، زادى ئىنساندىن قورقامدىم ياكى ئاللاھتىنمۇ؟ ياغلىق ئارتىشىم خاتا ئەمەسقۇ؟ مەن ئاللاھنى رازى قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىمەنغۇ؟ ياغلىقنى ئېلىۋەتسەم، بۇ مېنىڭ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن، ئۈمۈتسىزلەنگىنىمنى كۆرسەتمەمدۇ؟ ....ئۆز ئۆزەمگە يېنىش يېنىشلاپ مۇشۇنداق سۇئاللارنى قوياتتىم. تولا ئويلاپ، چاچلىرىمغىمۇ ئاق كىرىپ كەتتىغۇ دەيمەن، ھەتتا تاماق يىيشنىمۇ ئۇنتۇدۇم. <<يالغۇزلۇقتىن قورقمايمەن>> دىگەن ناخشىنى، قايتا قايتىلاپ ئاڭلىدىم. بۇ ناخشىدا، بىر مۇسۇلمان ئايالنىڭ ياغلىق ئارتىپ خىزمەت تېپىش جەريانىدىكى قىيىنچىلىقلىرى بايان قىلىناتتى.

بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت، مۇشۇنداق تېڭىرقاش، ئويلىنىش، خىزمەتكە چاقىرتىلىش بىلەن ئۆتتى. چوڭلارغا ۋە بالامغا ، ئەھۋالىم توغرىلىق بىر نىمە دىيىشكە پېتىنالمىدىم.  لېكىن، نىمە قىلىشىم كېرەكلىكى، كۆڭلۈمدە ئاللىقاچان ئايدىڭلىشىپ بولغان ئىدى.  يەنى،" ياغلىقىمنى ئارتىپ ئىشلەيمەن"  دىن ئىبارەت ئىدى. مەن 10 ئورۇن بىلەن ئالاقىلاشتىم. ئاخىرى، شۇ 10-ئورۇندىن، "ئەتە ئىشقا چۈشۈڭ" دەپ تېلېفون كەلدى. ئۇ كۈنى مېنى ئىشخانىدا كۈتىۋالغىنى، خوجايىننىڭ ئايالى بولدى. خوجايىن ئەر ئايال ئىككىسى ياڭجوۋلۇق بولۇپ، قارىماققا ئۇنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەندەك قىلاتتىم. ئەمدىكى گەپ ، خوجايىننىڭ ئىچكىرىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەندەك بىر ياغلىق ئارتقان خىزمەتچىنى قوبۇل قىلىش قىلالماسلىقىدا قالغان ئىدى. خوجايىننىڭ ئايالى تېلېفوندا ماڭا: " سىز ئاز سانلىق مىللەت ئىكەنسىز، تاماقتا چوقۇم بىز بىلەن پەرىقلىنىسىز، ئۆيىمىزدە بىر مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق بار ئىدى، بىزمۇ ئىشلىتىپ كەتمەيمىز، مەن ئىشخانىغا ئاپىرىپ قوياي، تامىقىڭىزنى ئىسسىتىپ يەرسىز" دىدى. خوجايىننىڭمۇ ئايالىدەك، مەندەك ياغلىق ئارتىدىغان خىزمەتچىسىنى چەتكە قاقماسلىقىنى تىلىدىم.

مەن ئىشقا چۈشكەن مۇشۇ جەرياندا، ئۆزىمىزدىمۇ بەزى مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم. ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئورۇنلارنىغۇ دىمەيلى، ئۇلار پەۋقۇلاددىرەك، خۇسۇسى شىركەتلەرگە قانچە كۆپ ياغلىق ئارتىپ ئىشقا چۈشەلىسەك، بىزنىڭ ياغلىقىمىزمۇ ئۇلارنىڭ كۆزىگە سىغاتتى، غەلىتە تۇيۇلمايتى ھەم ياغلىق ئارىتقانلارنىمۇ چەتكە قاقمايدىغان بولاتتى.

تەرجىمە قىلىندى.
مەنبە:  http://www.yslzc.com/mslfn/class163/Class121/201105/36067.html




ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر! يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49579
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4387
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 2494 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 04:15:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Re:30قەۋەتتىكى(qiqakkiz) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قا

ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 36قەۋەت  esma0999 كە 2011-09-22 02:04 PMئەۋەتىلدى 30قەۋەتتىكى(qiqakkiz) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش :
كومپارتىيە ياخشى دەپ ئولتۇرۇپ، كومپارتىيەنىڭ قانۇن سىياسەتلىرىگە قارشى چىقىدىغان پەتىۋالارنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىڭ ما مۇنبەردە، جەنەتتكە كىرىسىز.
كومپارتىيىمىز رەھبەرلىك قىلىۋاتقان دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنىدا پۇقرالارنىڭ دىنى ئېتىقادى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان. تېخى يېقىندىلا  خەلقاراغا ئېلان قىلغان ‹‹جوڭگو پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىگى›› ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتابىدىمۇ پۇقرالارنىڭ دىنغا ئېتىقات قىلىش ئەركىنلىگى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىنۋاتقانلىغى تەكىتلەندى. سىز كومپارتىيىمىزگە تۆھمەت چاپلىماڭ...، بولمىسا كومپارتىيىمىزگە قارشى بۆلگۈنچى كۈچلەر ۋە دۈشمەن دۆلەتلەر ‹‹تۆھمىتىڭىز›› نى  ئىسپات قىلىپ تەتۈر تەشۋىقات تارقاتسا سىز كومپارتىيە ئالدىدا گۇناھكار بوپ قالىسىز....
سىز مەۋھۇم بولغان بىلەن، تور دىگەن ئوچۇق دۇنيا، يازمىڭىزنى پۈتۈن جاھاندىكىلەر كۆرىدۇ. شۇڭا گەپلىرىڭىزگە گەپلىرىڭىزگە دىققەت قىلىڭ...

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24173
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3734 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 04:21:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

36قەۋەتتىكى(esma0999) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالد

خانىم ، يوللىغان ئۇچۇرىڭىزنى ھازىر كۆردۈم . مىنىڭ كىملىكىمنى بىلپسىز ، مەن يەنە بۇرۇنقى ئۆزەم ، سىزمۇ شۇنداق . مىنىڭ سىزگە ئارتۇق گېپىم يوق . ماڭا دىنى تىمىلارنى يوللىماڭ ، دىن توغۇرلۇق سۆزلىمەڭ دەپ تەھدىت سالغىنىڭىزنى قانداق چۈشەنسەم بۇلا ؟ دۆلىتىمىزدە ئىسلام دىنىنى چەكلىمەيدۇ ، پۇخرالارنىڭ دىنغا ئېتىقات قىلىش ئەركىنلىكى بار ، مىنىڭ دەيدىغىنىم ئىت قاۋاپ قالىدۇ ، كارۋان يولىنى داۋام قىلىدۇ . ھەر ئىككىمىزنىڭ بىر بىرىمىزگە شەخسى ئۆچ ئاداۋىتىمىز يوق ، بىر بىرىمىزنى مۇنبەردىلا تۇنۇيمىز ، شۇڭا ھەر ئىككىمىز ئۆزىمىزنىڭ توغرا بىلگەن يولىدا ماڭايلى .ئاللاھ خالىسا جېنىم تىنىمدە بولىدىكەن ، ھەق يولىنى داۋام قىلىمەن . سىزنىڭ ئارلىشىش ھوقوقىڭىز يوق ، سىز مىنىڭ ھېچنىمەم ئەمەس ، مىنى ھەق يولىدىن ياندۇرالمايسىز .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55786
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5183
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2011-9-10
ئاخىرقى: 2013-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 04:33:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تورداش ھەمشىرلە  ؛  قانچىڭلا  ئۇزۇن كۆڭلەكنى  ئەۋرىتىم -ئۇياتلىق جايلېرىم يېپلسۇن ، شۇساپ ئاللاھ مەندىن رازى بولسۇن ، دەۋزەخ ئوتىدىن سالامەت قالاي ،  دەپ ئويلار سىلە ؟  قاچانمۇ مودىغا قۇل بولۇشتڭن قۇتىلارسىلە؟ 4#B 56f8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50632
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3055
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 371 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2011-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 05:00:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىلىمۇ ئىسمدە  كىچىك ۋاختىمدا بەك ياخشى كۆرىدىغان بىر چىرايلىق ھالقام بار ئىدى،باشقىلارنىڭ ئۇنى ئىلىۋىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ئاسىراپ ئوراپ قويغان ئىدىم،ئاللاھتائالا بىزنى ئاسىراپ،يامان كۆزلەردىن ساخلاش ئۈچۈن ،بىزنىىڭ ئورۇنىۋىلىشىمىزنى بۇيرىغانمىكىن دەيمەن .

munchaq بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 05:11:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24173
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3734 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-22 05:35:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 41قەۋەت  munchaq كە 2011-09-22 05:11 PMئەۋەتىلدى  :
لىكىن چاچنى قۇش كاللا قىلىپ تۈكىنەكلەپ قۇيسىمۇ بولمەيدۇ ، ئىككى ئۆرۈپ كۆينەكنىڭ ئىچىگە تىقىۋىتىش لازىم . چېچىنى تۈگىنىڭ لوكىسىدەك تۈرىۋالغان ئاياللار جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ . جەننەتنىڭ پۇرىقى 500يىل نېرىدىن پۇراپ تۇرىدۇ . #?%akQ+w  

چېچەك خېنىم ماۋۇ گەپنى قۇڭىڭىزغا ئۇرۇپلا تاپتىڭىزمۇ ؟ نەدىن ئالدىڭىز ؟

  سىزنىڭ ئەر ياكى ئاياللىقىڭىزنى بىلگىلى بولمايدىكەن ، شۇڭا سىزنى تورداش دەپ ئاتاي . تورداش ، ئاغىزىڭىزنىڭ بىر قەۋەت تىرىسى چۈشۈپ كەتمىگەن بولسا ، ئەدەپلىك گەپ قىلىڭ . ئەگەر ساۋادىڭىز بولسا ، قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭ . سەھىھۇلبۇخارى ۋە قەستالانى شەرھى ، ئىسلامدىكى ھالال ۋە ھارام ....................... دىگەندەك قانۇنلۇق نەشىردىن چىققان ھەدىسلىرىمىز بار ، ئۇنىمۇ كۆرۈپ قويۇڭ ، سىزنىڭ مۇشۇنداق ھەقنى چۈشەنمەي ، تېتىقسىز سۇئال سورىماسلىقىڭىزغا پايدىسى بولىدۇ . مۇشۇ تىمىدىكى 13 ،33 ،34، 35_ قەۋەتتىكى ئىنكاسلارنى ئوقۇپ چىقىڭ . مىنىڭ دەيدىغىنىمنى ئۇلار ئويتۇرغا قويۇپ بولدى .( ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن )  يەنە چۈشەنمىسىڭىز مىنىڭ ئامالىم يوق . گەپ سۆزدە ئەدەپلىكراق بۇلاسىز قېرىندىشىم .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش