مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3470|ئىنكاس: 22

ياخشى ئادەملەر يەنىلا كۆپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 1032
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 37059
تۆھپە نۇمۇرى: 2703
توردا: 5739 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 04:51:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                               ياخشى ئادەملەر يەنىلا كۆپ
                                                ( راست ئىش خاتىرىسى )

     2011-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاختى كەچ سائەت 6 ئەتراپىدا كەلپىن ناھيىسىدىن كىلىپ ئۈرۈمچىدە دوختۇرلۇق كەسپى بۇيىچە بىلىم ئاشۇرۈۋاتقان نىجات ئىسىملىك بىر دوختۇر ئىشتىن چۈشۈپ سەنشىخاڭزا ئەتراپىدا كىتىۋېتىپ بىر توپ ئادەملەرنىڭ توپلىشىۋېلىپ،ئالاقزادە بولۇشۇۋاتقان جىددى ھالىتىنى كۆرۈپ قالىدۇ. مۇنچە ئادەملەرنىڭ توپلۇشۇۋالغانلىق سەۋەبىنى بىلىپ بېقىش مەخسىتىدە ئادەملەر توپىغا قىسىلىپ كىرىپ قاراپ باققاندا مەلۇم بولۇدىكى:

     20 ياش ئەتراپىدىكى قاملاشقان بىر ئويغۇر يىگىت نىمە سەۋەپلەردىندۇر ئاغىزىدىن كۆپۇك كىلىپ پۇت-پەيلىرى تارتىشىپ توپىغا مىلەنگەن ھالدا جان تالىشىپ ياتقان ئىدى.ئەتراپقا يىغىلىۋالغان ئادەملەر ناھايتى جىددىلىشىپ نىمە قىلارىنى  بىلمىگەن ھالدا:‹‹ دوختۇر،دوختۇر بولسا بولاتتى،دوختۇر.......دوختۇر....›› دەپ توۋلاپ-ۋاقرىشىپ بۇ يىگىتكە ھىسداشلىق قىلىپ،ئامال ئىزدەپ پايپىتەك بولۇپ يۈرىشەتتى.بۇ جىددى ئەھۋالنى كۆرگەن نىجات دوختۇر ھېرىپ-چارچىغىنىغا قارىماي:‹‹ ماڭا يول بىرىڭلار،مانا مەن دوختۇر،›› دەپ ۋاقىراپ بىمار تەرەپكە سىلجىدى. توپلىشىۋالغانلار بۇ گەپنى ئاڭلاپ،بۇ دوختۇرغا دەرھال يول بىرىپ،بىمارنىڭ يېنىغا بېرىشىغا ئىمكانىيەت ھازىرلاپ بەردى ۋەدوختۇردىن
زور ئۈمۈتلەر كۈتۈشتى.

    نىجات دوختۇر ئۈزنىڭ ئۇزۇن يىللىق دوختۇرلۇق تەجىربىسى ۋە كەسپى قايدىسى بۇيىچە بىمارنىڭ نېرۋا پەللىسىنى بېسىپ ئۈۋۇلاپ ،كىرىشىپ تىللىرىنى چىشلەپ چاينىۋەتكەن چىشلىرىنى ئاجرىتىپ بىر قاتار قۇتقۇزۇش تەتبىرلىرىنى ئىشلىگەندىن كىيىن بىمار ‹‹ ئۇھ...›› دىگىنىچە ھۇشىغا كىلىپ ئەتراپقا قاراشقا باشلىدى.ئەتراپتا ھىسداشلىق قىلىپ قاراپ تۇرىشىۋاتقان ئادەملەرمۇ ‹‹ ئۇھ..!›› دىيىشكىنىچە كۆڭۈللىرى سەل ئارامىغا چۈشۈشتى.
     ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن نىجات دوختۇر بۇ يىگىتتىن ئەھۋال سورىۋىدى،ئۇ تۆۋەندىكىلەرنى سۆزلەپ بەردى:
     بۇ يىگىت ئەسلى جەنۇبى شىنجاڭدىن تېخى يېقىندىلا ئۈرۈمچىگە داۋالانغىلى كەلگەن بولۇپ،ئائىلىسى تولىمۇ نامرات بولغاچقا دادىسى ئىككى نەپەر تىجارەتچى ئاغېينىسىدىن ياردەم سوراپ ئۇلارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن شۇلارغا تاپشۇرغان ئىكەن.  ئۇ ئاغېينىلىرى بۇ يىگىتنى دوختۇرخانا دەرۋازىسىغا ئاپىرىپ قويۇپلا غايىپ بوپتۇ. بۇ يىگىتنىڭ يېنىدا پۇل بولمىغاچقادوختۇرغا كۆرۈنۈشكە ئامالسىز قاپتۇ ھەم ئىككى كۈندىن بىرى تاماقمۇ يىمەپتۇ.بۇ گەپنى ئاڭلىغان نىجات دوختۇربىر-ئىككى ۋاخ تاماققا يەتكۈدەك پۇلنى بۇ بالىنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ دەرھال تاماق يىيىشنى تاپىلىدى.بۇ بىمارنىڭ كەچۈرمىشىنى ئاڭلىغان ۋە نىجات دوختۇرنىڭ ئازتولا ياردىمىنى كۆرگەن ئەتراپتىكى جامائەت يانچۇقلىرىنى كولۇشۇپ بۇ يىگىتكە
ئاتىغانلىرىنى بىرىشكىلى تۇردى.بۇ ۋاقىت دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن قايتىش مەزگىلى بولغاچقا مەكتەپ فورمىسى كىيىشىۋالغان ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاتا-ئانىسى بەرگەن ئازغىنە پۇللارنى بۇ يىگىتكە بىرىشتى.ئون ياش ئەتراپىدىكى بىر ئۆسمۈر بالا بۇ يىگىتنىڭ يېنىغا كىلىپ؛‹‹ ئاكا،مەن سىزنى ئۆيگە ئېلىپ كېتەي ››دىيىشكىمۇ ئۈلگۈردى،ھايال ئۆتمەي يىگىتنىڭ قۇلىغا ئۈچ يۈز يىۋەندىن ئارتۇق پۇل يىغىلدى.گەرچە بۇ پۇل بەك چوڭ ئىشلارنى روياپقا چىقىرىپ بۇ يىگىتنى ئۈزۈل كىسىل قۇتقۇزالمىسىمۇ،كۆپ ساندىكى ياخشى نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ،باشقىلار قاراڭغۇدا
قالسا يۈرىكىنى گۈلخان قىلالايدىغان ئېسىل پەزىلىتىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

   مەنبە:    ئۆز قەلىمىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40479
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3793
تۆھپە نۇمۇرى: 94
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 05:07:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست دۇنيادا ياخشى ئادەملەر ھەققىقەتەن كۆپ!

باھانىنىڭ كېرىگى يوق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 1414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5204
تۆھپە نۇمۇرى: 899
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2014-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 05:19:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە شۇ مۇھتاجلىق ، يەنە شۇ پۇلنىڭ دەردى ...

بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48782
يازما سانى: 264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4502
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 2308 سائەت
تىزىم: 2011-7-22
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 05:28:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرۈكۈم ئەجەپ لەرزىگە كەلدى تاس قالدىم يىغلىۋەتكىلى!

ئۇيغۇرسەن پاك ياشا

شۈكرى ئاللاھ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52311
يازما سانى: 687
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7974
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4395 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 05:32:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دەيسىز،،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلىكلەردىن كۆرەۋېلىشقا بولىدۇ،،جەمىيىتىمىزدە ياخشى نىيەتلىك كىشلەر يەنىلا كۆپ،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11199
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5756
تۆھپە نۇمۇرى: 489
توردا: 1323 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 05:39:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇزىكا زاۋۇت بىلەن نەنمىن ئارلىقىدا، بىر ياش بالا دائىم ھوشىدىن كەتكەن بولۇپ يىتىپ قالغان، توپلاشقان ئادەملەر ئارىسىدىن بىر چوڭ ياشلىق ئادەم چىقىپ يۆلەپ،ئۆزى يىنىدىن 100يۈەن چىقىرىپ ،باشقىلارنىمۇ پۇل بىرىشكە چاقىرىپ،يىغىلغان پۇللار بىلەن بالىنى دوختۇرغا ئېلىپ ماڭغان ئىشنى دائىم ئۇچرىتىپ قالاتتىم.مەن راس ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن،ئەمما بىر قانچە قىتىم تەكرارلانغاندىن كىيىن بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يەتتىم.نۇرغۇن كىشىلەر بىلىپ كىتىپتىكەن،بىر قىېتىم خانتەڭرى مەسجىتنىڭ بىر ئۆلىماسى بۇ ئىككىسىگە نۇرغۇن نەسىھەت قىلىپ يولغا سالغان.دىمەكچىمەن،مانا مۇشۇنداق ئىشلار ياخشى ئىشلارنىڭ يولىنى توسۇپ قويىۋاتىدۇ.ئىشقىلىپ نامراتلىق تاشتىنمۇ قاتتىق.روھى نامراتلىق ئۇنىڭدىنمۇ قاتتىق.

ئانامنىڭ دۇئاسى مەن بىلەن بىللە،ھاياتىم شۇ دۇئا بىلەن بەخىتلىكتۇر.

مەن سۈكۈتتە ...ھامان سۈكۈتتە

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31579
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6684
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 2050 سائەت
تىزىم: 2011-2-24
ئاخىرقى: 2013-7-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 06:03:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[size=4]دۇنيادا نېمە ئەڭ قاتتىق ؟ دېگەن سۇئالغا  ھەممىمىز بىردەك __ يوقسۇزلۇق !!! دەپ جاۋاپ بېرىمىز .
    ياخشى كىشىلەر تۈگەپ كەتمىدى ،ئەمما كىچىككىنە ياخشىلىق گەرچە ۋاقىتىلىق قىينچىلىقنى يەڭگەن بىلەن بۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنغان شۇ يوقسۇز بىمارنىڭ كېسەللىكنى تۈگىتىپ ئۇنى غەمدىن خالاس قىلالمايدۇ . ئەلۋەتتە .
  ئىنساننى دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئۇلۇغ ئاللاھتىن ھەر ۋاقىت ئىمان ۋە ساغلام ھايات تىلەيمەن !

مەن ئۆزۈمنىڭ دۇنياغا بىر ئايال بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن ۋە بىر ئانا بولۇپ ياشىيالىغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن !!!

ئوۋچىنىڭ ئوقياس

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19716
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6440
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 1041 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 06:25:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن يوقسۇزلۇق يامان،لىكىن بەزى كىشىلىرىمىز باركى ئاشۇ يوقسۇزلۇقتىن قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ يۇ ،ئۇنىڭ خىيالى ئاسماندىن قۇيماق ياغسىكەن دەپ ئويلايدىكەن .(مىنىڭ ئىشخانام ئىشىكى يول بويىغا قاراپ تۇردۇ،ساناپ باقسام كۈنىگە ئازدىگەندە 6-7 تىلەمچى كىرىدۇ،ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياپ -ياش يىگىتلەرمۇ بار)ئۇلار مىھنەت قىلىپ ئىشلەپ مۇشۇ نامىراتلىقتىن قۇتۇلاي دىمەيدىغان ئوخشايدۇ.

مىسكىن ئاي

ئوۋچىنىڭ ئوقياس

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19716
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6440
تۆھپە نۇمۇرى: 405
توردا: 1041 سائەت
تىزىم: 2010-11-30
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 06:28:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھمۇ ھەممە نەرسىنى نىيەتكە قاراپ بىردىكەن...

مىسكىن ئاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56259
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4173
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 06:30:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ بالىنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ كاللىسى ساقمىدۇ، بالىسىنى بىر تىيىن بەرمەي شۇنداقلا داۋالىنىشقا يولغا سېلىپ قويىدىغان
مېنىڭچە دۇنيادا ھورۇن ئادەملەر كۆپ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش