مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7576|ئىنكاس: 28

دوستۇم ھىس قىلغان مۇھەببەت! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55640
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4716
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 1114 سائەت
تىزىم: 2011-9-9
ئاخىرقى: 2013-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-16 06:58:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  يېڭىلا ئەزا بولۇپ نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى ئوقۇپ جەمىئيەتنى تېخىمۇ كەڭ دائىردە چۈشنۈپ يېتىۋاتىمەن . ‹مۇھەببەت› دېگەن بۇ سۆز ماڭا ئىنتايىن ناتونۇش ،تېخى مۇھەببەت قايناملىردا كۈيۈپ باقمىغان مەسۈم بىر قىزمەن . ئەمما تۇرمۇش ھەر تەرەپتىن تەربىيلىمەكتە . تۇرمۇشمىزدا ۋىسالغا يەتكەن ئاشىق- مەشۇقلار يوق ئەمەس ،شۇ مۇھەببەتنى خار قىلۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس . يېقىندا ئازدۇر -كۆپتۇر ئىشلار بېشمدىن ئۆتكەچكىمۇ قىزلىرىمىزغا ھاياجان ئىچىدە شۇنى دېگۈم كېلۋاتىدۇ.
__ گۈزەللەرنىڭ گۈزىلى بولغان ئەي ئۇيغۇر قىزلىرىمىز مۇھەببەتنى قۇبۇل قىلغان ئىكەنمىز مۇھەببەتكە سادىق بولۇپ بەختىمىزنى بىللە يارىتايلى  ...!
__ ‹ ئاخىرقى پۇشايمان ئۆزىمىزگە دۈشمەن ›
__ ئاخىردا قەلەم تەۋرىتشىمگە سەۋەپچى بولۇپ قالغان بۇ ھېكايەمنىڭ قىزلىرىمىزغا ‹ئەينەك › بولۇپ قېلشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.

تۇيۇقسىز كەلگەن تېلفۇندىن چۆچۈپ ئۇيغۇنۇپ كەتتىم،بۇ دەل دوستۇم نادىرە ئىدى . ئۇيقۇچىلىقتا تېلفۇننى قانداق تۇتىۋالغانلىقىمنىمۇ بىلمەيتتىم. تېلفوننى ئېلشىم بىلەن ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىم ئەكبەر بولدى،( يەنى دوستۇمنىڭ ئۈچ يىللىق مۇھەببىتى ،دېمسىمۇ ئۇلار بالدۇر ئارلىشىپ قالغانىدى)
__ ماھىرە  ما ؟
__ ھ___ە .
__ يېقىندا دوستىڭىز بىلەن كۆرشۈپ تۇرۋاتامسىز ؟
__ ياق . دېمسىمۇ يېقىندىن بېرى بەكلا ئالدىراش بولۇپ كېتىپ باراتتىم .
__ نادىرەگە دەپ قويسىڭىز تېلفۇن كارتامنى گۈلنۇر (نادىرەنىڭ نەۋرە سىڭلىسى) دىن ئېلىپ بەرگەن بولسا ...
__ ........ تېلفۇن ئۈزۈلگەنىدى...
بۇ كەچتە ھەم بۇنداق تەلەپپۇزلاردىن ئىككىسىنىڭ ئازارلىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم . ئەجىبا ئۇلار يىل ئاخىرىدا بولدىغان توينى بىكار قىلغانمىدۇ ؟ كاللامنى چىگىش خىياللار ئەسىر قىلۋالغانىدى. بۇ بۇرۇنقى ئەكبەر ئەمەس يات بىر ئادەمدەك ...
ئىچىم تىتىلدىماقتا ...... بىر ھازا جىم ئولتۇرغاندىن كېيىن نېمىلا بولمىسۇن ئۇنىڭ بىلەن ئۆزۈم سۆزلىشىپ باقاي دېگەننى ئويلىدۇم،ئىشىكنى ئېچىشىم بىلەن ئاپامنڭ ،
__ قىزىم نەگە بارىسەن ؟ - دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئاغزىم گەپكە كەلمەي قالدى . چۈنكى ئاپامنىڭ خاتا چۈشنۈپ قېلشىدىن ئەنسىرەيتتىم.
__ نادىرە تېلفۇن قىپتىكەن كۆڭلى يېرىم ئوخشايدۇ چىقىپ كىرەي... ئاپام بەك كەچ قالماسلىقىمنى ئېيتىپ كىرىپ كەتتى .
ئوچۇق دەرۋازىنى كۆرۈپ ،ئاستا ئۇ ياتىدىغان ئۆيگە كىردىم .ئۇمۇ ئۇخلىمىغان ئىكەن ،چىرايىدىن  ئىلگىرىكى شوخلۇقتىن ئەسەر قالمىغان دوستۇم مېنى كۆرۈپ ھەيران قالدى .
__ ۋاي...ئاداش ! كېلە ... سېنىمۇ كۆرگىلى بولدىكەن ھە ؟   .....   قىسقىغىنا سالاملاشتۇق . __  بۇ كېچىدە كىرىپ قاپسەن ئەكبەر تېلفۇن قىلمىغاندۇ؟   ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن ناھايتتى ئوڭايسىزلاندىم. خۇددى ئەكبەر تېلفۇن قىلمىغان بولسا كىرمەيتتىڭ ھە ؟ دېگەندەكلا ....
__ شۇنداق .    گەپلەر تېشىلدى .ئۇنىڭغا ھەممە ئەھۋالنى ئېيتتىم ،ئۇ  بىر پەس جىمىپ قالدى ،
__ توۋا !... ئەكبەرگە نېمە بولدىكىنە ؟... بۇرۇن ئەھۋال سوراپ ھالى قالمايدىغان بۈگۈن....تېلفۇن قويۋېتىشلىرىچۇ تېخى ....
__ ئادەم ئۆزگىرەي دېسە شۇ ئىكەن ئاداش ،   قان- قان يىغلاۋاتاتتى ....
بۇ ھالىنى كۆرۈپ يۈرىكۈم لەشتەك ئېزىلدى ،ئۇنىڭغا نۇرغۇن تەسسەللىي بەرگەن بولساممۇ توختايدىغاندەك ئەمەس ئامالسىز سۈكۈتتە تۇردۇم . كەچ بولۇپ كېتۋاتقانلىقىنى .ئويلىغان بولسا كېرەك ،يېغىدىن توختاپ سۆزىنى باشلىدى ...
__ تۈنۈگۈن يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئازارلىشىپ قالدۇق .ئىككى كۈن ئىلگىرى ئاپىسى مېنى ئىزدەپ كەپتىكەن ،ئاپىسىىغا ، ئۇنىڭ بۇ مىجەزىدىن ئۆي تۇتۇپ كېتشىمگە ئىشەنچىم يوق ،مەيلى ئەمما توي قىلىپ باقىمەن ،ياخشى ئۆتەلمىسەك ئاجىرشىپ كېتمەن دېگەنىدىم. ئېغىز ئىتتىكلىك قىلىپ قاپتىمەن ئەسلى ئۇنداق دېمەسلىكىم كېرەكتى ، ئاپىسى ئۇنىڭغا دېگەن بولسا كېرەك تۈنۈگۈن شۇڭا مېنى ئىزدەپ كەپتۇ.
__ ئۇنىڭ نىمە دېگەنلىكىنى بىلەمسەن ؟
__ ياق .
__ ئايرىلىپ كېتەيلى .-دېدى .
— ھ_____ە ...
مېڭەمدىن تۈتۈتۈن چىكەتتى ،قۇلاقلىرىمغا ئىشەنمەي قالدىم .
__ ئۇنى بۇنداق دە دەپ ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن ،  نادىرە بۈگۈن مۇرادىڭغا يەتكۈزمەكچىمەن ،ئەمدى سېنى ئاۋارىمۇ قىلمايمەن ،دائىم بەخىت تىلە دەيتتڭغۇ ؟ ئاشۇ تەنھا دوستلۇرۇڭغا ھەسەت قىلاتتڭغۇ؟ مەن بىر ئوغۇل بالا ،ئاپامغا ئۇنداق دېمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى ،ساڭا بەخىت تىلەيمەن ! يىغلاپ يالۋۇرۇشلىرىمغا پىسەنىت قىلماي كەتتى ...كەتتى ....بىلەمسەن ؟ يىغلاپ قالسام يۆلەپ تۇرغۇزۇپ ئۆيۈمگە ئەكلىپ قويدىغان ئەكبەر قېنى ؟ گەرچە ماڭا قىيمىسىمۇ يىگىتلىك غۇرۇرى ئۈستۈن كەلدى . توغرا ، بۇرۇن مەن دائىم ئۇنڭدىن قۇتلۇشنى ئويلايتتىم ئەمما ئېغىزدا دېگنىم بىلەن بۇنىڭ بىر ئەملىيەت بولۇپ قېلشىنى ئويلىماپتىكەنمەن ،ئەنە شۇ ئايرىلىش دەقىقىلىرىدە ئۇنى ھەقىقىي ياخشى كۆردىغانلىقىمنى ،مۇھەببەتنىڭ ھۆرمەتلەپ ئۆز-ئارا يول قۇيۇپ ئۆتكەندىلا بىر باشقا ئېلىپ چىققىلى بولدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ۋىجدان ئازابىدا ئاچچىق تولغاندىم .........


ئۇ  يېغىدىن توختىدى .
__ بولدى ئاداش يىغلاشنى يىغلاپ بولدۇم ،مەن مۇشۇ كۈننى كۈتكەنغۇ ؟ ئۇنىڭ بۇ قاراملىقىدىن ،ئۇنىڭدىن قۇتۇلدۇرغايسەن دەپ ئاللادىن تىلگەنىدىمغۇ؟ شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىپ ،نادىرە ... ساڭا بەخىت تىلەيمەن دىيشىنى كۈتكەنغۇ؟ راست ئۇ ئاخىرى مۇرادىمغا يەتكۈزدى،مەنمۇ مۇرادىمغا يەتتىم،ئەمدى يىغلاشنىڭ ئورنى قالدىمۇ ؟
تېخىمۇ ھەيران قېلىۋاتاتتىم ...
تېلفۇنۇم سايرىدى ... دائىملا غېمىمنى يەيدىغان ئاپام ئىدى .
دوستۇم چاندۇرماي يېشىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ بولدى ئاداش سەنمۇ چارچىدىڭ چىقىپ ئارام ئالغىن ، جەمىلەم ھەدەم ئەنسىرەپ قالمىسۇن ،مەن ھازىر ناھايتتى ياخشى ،پەقەت ۋاقىت كېرەك ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ ...-دېدى مېنى خاتىرجەملەندۈرۈش ئۈچۈن.... نېمە دېيىش كېرەكلىكىنى بىلمەيتتىم ...
__ بوپتۇ ئاداش كۆڭلىڭنى بۇزما ،ئۆزۈڭنىمۇ ئايىغىن ھەممە ئىشلار ئۆز يولىدا ھەل بوپ كېتەر ....   بېشىنى يېنىك لىڭشىتتى ..  خوشلاشتۇق .
ئۇ كەينىمدىن ئاللىقانداق خىياللار بىلەن ئۇزاققىچە قاراپ تۇردى ....
ئۇنىڭ بۇ قىسمەتلىردىن قاتتىق قايغۇرغان بولساممۇ بۇ ئەركە شوخ دوستۇمدىن سۆيۈندۈم ،ئۇ مەندەك بىر دوستېغا مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلدۇرغانىدى ،قىسقىسى ئۆزىمۇ مۇھەببەتنى چۇشەنگەنىدى. لېكىن تولىمۇ تولىمۇ كېچىكىپ


    مەنبە:  قەلىمىم
.

سەمىمىلىك ئەڭ ئى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51049
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4447
تۆھپە نۇمۇرى: 588
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2011-8-9
ئاخىرقى: 2011-11-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-16 10:03:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى قېتىملىق يازمىڭىزمۇ بۇ؟ داۋاملىق تىرىشىڭ...

تۇمارىس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 1414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5214
تۆھپە نۇمۇرى: 899
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-16 10:09:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادانلىق ۋە دۆتلۈك ئۆزىنىڭ بەختىگە توغان ساپتۇ...تىخى تويمۇ قىلمىغان بىر قىز يىگىتنىڭ ئانىسىغا ئۇنداق گەپنى قىلغان بولسا ئەكبەرنى ۋىجدانسىز ، ۋاپاسىز دىيىشكە ھەرگىزمۇ شەرتى توشمىغۇدەك... مۇھەببەت قەدىرلىگەنلەرگە خۇشاللىق ئىلىپ كىلىدۇ ،قەدىرلىمگەنلەرگە ئازاپ...

بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 2195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9816
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3377 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-16 11:25:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

2قەۋەتتىكى(بېھزات) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قا

راسىت دەيسىز...مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان...
لىكىن پۇشايمان قىپتۇ،ئەمما بىردەمچىلىكلا....
ئىشلار ئۆز جايىغا چۈشۈپتۇ مانا ...ھىچ ئىش بولمىغاندەكلا.........

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11715
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4652 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-16 11:35:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت بەزىدە شۇنداق رەھىمىسىز ............

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51024
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4490
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 590 سائەت
تىزىم: 2011-8-9
ئاخىرقى: 2011-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-16 11:59:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مۇھەببەت زادى كىملەرنى يىغلىتىپ ، كىملەرنى زار-زار قاخشىتىپ يۈرىسەنغۇ

ئادەم  نېمىلەرگە كۆنمىگەن  دەيسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53284
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4750
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1206 سائەت
تىزىم: 2011-8-26
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 12:47:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رېئال تۇرمۇشىىمىزدا بۇنداق ئشلار كۆپقۇ؟  لېكىن دوستىڭىزنىڭ  تېخىمۇ غەيرەت بىلەن ياشىشىغا تىلەكداشمەن،  

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12534
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32320
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4566 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 12:59:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەكبەرنىڭ ئۇ دوستىڭزدىن ئايرىلپ كەتكىنى توغرا بوپتۇ، ئۇ قىز ئەمدى ئەقلىنى تېىپىپ يىگىتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا -ئانىلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان،ئاغزى ئىتتىكلىق قىلمايدىغان بولا....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەركەك !

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 3046
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22911
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6865 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 01:08:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجىبا سىز راسلا مۇھەببەت قايناملىردا كۈيۈپ باقمىغان مەسۈم قىزما ؟

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7526
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8636
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 1333 سائەت
تىزىم: 2010-8-23
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-17 01:19:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن راستنى دسەم مۇھەببەتنى چۇشەنمەيمەن .قانداق بۇلدىغاندۇ دەپ قىزىقپ ئۇقۇپ باققاندىم

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش