مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5896|ئىنكاس: 16

ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاللاھ خالىسا&

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3117
يازما سانى: 1503
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4676
تۆھپە نۇمۇرى: 1144
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2010-7-1
ئاخىرقى: 2012-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 05:49:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەر



ھاراقىنىڭ ئەقىل ، جسىم ، دىن ۋە دۇنياغا بولغان زەرىنى سۆزلەش ياكى ئەر-ئايال ۋە بالىلاردەك ئائىلە ئىچىدىكلەرگە قارىتا خەتىرىنى بايان قىلىش ، ئەسىلىدە مەلۇم بولغان نەرسىلەرنى بايان قىلشتىن باشقا نەرسە ئەمەس .

روھىي ، ماددىي ۋە ئەخلاقى جەھەتلەردە ھاراقىنىڭ جەمىئيەت ۋە مىللەرلتەرگە يەتكۈزدىغان چوڭ زىينى ھەققىدە سۆزلەشمۇ ھاجەتسىز .
بۇ ھەقتە تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى ھەقىقەتەن راسىت ئىيتقاندە : ‹‹ ئىنسان ھاراقتىنمۇ قاتتىقراق بىر زەربە يىمىگەن ، ھاراق سەۋەبىدىن جسىمانى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان ياكى ساراڭ بولغان ، ھاراق سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ياكى باشقىسىنى ئۆلتۈرگەن ، ھاراق سەۋەبىدىن روھىي كېسەللىكلەرگە ياكى ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە مۇپتىلا بولغان  ، ھاراق سەۋەبىدىن شەرمي –ھاياسىدىن ئايرىلىپ قالغان . ھاراق سەۋەبىدىن مال – مۈلىكىدىن ئايرىلىپ قالغان ، بۇنىڭغا ئوخشاش پالاكەتلەرگە ھاراق سەۋەبىدىن ئۇچىرىغان ئىنسانلار ھەققىدە دۇنيادىكى دۇختۇرخانىلاردا بىر سىتاسىتىكا ئېلىپ بېرىلسا ، ھەر تۈرلۈك نەسىھەتلەر ئۇنىڭ ئالىدىدا بەك ئاددى كېلىپ قالىدىغان قورقۇنچلۇق بىر نەتىجە  بولغان بولاتتى ›› .
جاھىلىيەت دەۋردىدە ئەرەبلەر ھاراق ئىچىشكە ئامراق ئىدى . ئۇلار سۇرۇنلىرىدا ھاراق ئىچىشىپ مۇڭدىششقا ئادەتلەنگەن.
ئۇلار ھاراققا شۇنداق مۇپتىلا بولغانكى ، ئۇلارنىڭ تىلىدا ھاراقىنىڭ يۈزگە يىقىن ئىسىمى تېپىلىدۇ ، شېئىرىلىرىدىمۇ قەدەھلەر ۋە ھاراق سورۇنلىرى تەسۋىرلەنگەن .
ئىسلام كەلگەندە ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى مەزمۇت بىر ئەخلاق تۈزۈمى بىلەن تەربىيلەشكە باشلىدى . ئۇلارغا ھاراقىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى تەدرىجىي ھالدا بىلدۈردى . مەسلەن : دەسلەپتە مەستلىك ھالەتتە نامازغا يېقىنلىشىشىنى چەكلىدى ، كېيىن ھاراقىنىڭ پايدىسدىن زىيىنى كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى . ئاخىرىدا ئاللاھ تائالانىڭ ھاراقىنىڭ ھەر تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كەسكىن ئايتىنى  مائىدى سۈرسىدە بايان قىلىدى :
‹‹ ئى مۆئمىنلەر ھاراق ئىچىش ، قىمار ئويناش ، بۇتلارغا چۇقۇنۇش ، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتانىڭ ئىشى ، پاسكىنا قىلىقلاردۇر . بەختىكە ئىرششىڭلار ئۈچۈن شەيتانىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار . شەيتان ھاراق ، قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا ئاداۋات تۇغدۇرماقچى ، سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھىنى ياد ئېتىشتىن توسماقچى بولىدۇ ، سىلەر ئەمدى (ھاراق –قىماردىن ) يانمامسىلەر ؟›› ( مائد سۈرسى 90-91ئايەتلەر )بۇ ئىككى ئايەتتە ئاللاھ تائالا ھاراق ۋە قىمار ئويناشىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئېنىق تەكىتلەپ بىلدۈرگەن ، چۈنكى ھاراق بىلەن قىمارنى بۇتلار ۋە پال پال ئوقلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئۇلارغا ( پاسكىنا ) سۈپتىنى بەرگەن ، بۇ سۈپەت قۇرئان كەرىمدە پەقەتلا ئىنتايىن ناچار ۋە قەبىھ بولغان نەرسلەرگە قوللىنىلىدۇ ، ھەمدى بۇلارنىڭ شەيتاننىڭ ئىشى ئىكىنلىكنىمۇ بىلدۈرگەن ، چۈنكى ئۇنىڭ ئىشى قەبىھ مۇنكەردىن باشقا نەرسە بولمايدۇ ، بۇنىڭ بىلەن جانابى ھەق سۇباھانەھۇ ۋەتائالا بۇلاردىن ساقلىنشىنى تەلەپ قىلغان ، ھەمدە بۇ ساقلنشىنىڭ نىجاتلىققا قاراپ ماڭىدىغان يول ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان .  كىيىن ئىجتىمائىي زەرەرلەردىن : سىلە رەھىمىنى ئۈزۈش ، ئاداۋەت –زىدىيەت پەيدا قىلشىنى ، روھىي زەرەرلىرىدىن  ناماز ۋە ئاللاھنى ياد ئېيتىش قاتارلىق دىنىي ۋاجىباتلاردىن توسۇشىنى بايان قىلغان . ئاخىرىدا ئېنىق بىر ئىپادە بىلەن بۇلاردىن يېنشىنى تەلەپ قىلغان : ‹‹ سىلەر ئەمدى يانامسلەر ››
مۆمىنلەر بۇ كەسكىن بايان ۋە بۇيرۇققا قارىتا جاۋابلىرى : ‹‹ ياندۇق ، ئى پەرۋەردىگارىمىز ، ياندۇق ›› دېمەك بولدى .
مۆمىنلەر ھەقىقەتەن بۇ ئايەت نازىل بولغاندىن كېيىن ھەيران قالارلىق ئىشلارنى قىلغان . مەسلەن : قولىدا ھاراق قەدەھلىرىنى تۇتقان ھەتتا ھاراق ئىچىۋاتقان كىشلەر بۇ ئايەتنى ئاڭلىغان ھامان قەدەھىنى ئاغىزدىن تارتىپ ، قەدەھتە ئېشىپ قالغان ھاراقىنى يەرگە تۆكىۋەتكەن .
كۆپلىگەن دۆلەتلەر ھاراقىنىڭ كىشى ، ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە زىيانلىق ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن ، ئامىرىكىدەك بەزى دۆلەتلەر قانۇن ۋە ھۆكۈمەت كۈچى بىلەن ئۇنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ ، ئاخىرىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان . ئەمما ئىسلام دىنىلا ئۇنى چەكلەشتە ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشتا غەلىبە قىلغان .
چېركاۋ مەنسۇپلىرى خىرستىيان دىننىڭ ھاراققا بولغان قارشى ھەققىدە ئىختىلاپلاشقان ، بەزىلىرى ئىنجىلنىڭ ‹‹ ئازراق ھاراق ئاشقازانغا پايدىلىق ›› دېگەن ئىبارسىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن . ناۋادا بۇ سۆز توغرا بولۇپ ، ھاراقىنىڭ ئازراقى ئاشقازانغا راستنلا پايدىلىق بولغان تەقدىردىمۇ ، بۇ ئاز ھاراقتىن ساقلىنش كېرەك بولىدۇ ، چۈنكى ھاراقىنىڭ ئېزى كۆپكە ئېلىپ بارىدۇ ، بىرىنجى قەدەھ ئىككىنجىسىگە ، يەنە بىرسى يەنە بىرىگە ھەيدەيدۇ .
لېكىن ئسلامىنىڭ ھاراققا ۋە ھاراق ئىچىشكە ياردەم قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسىگە قارىتا تۇتقان پوزىتسيسى ئېنىق ۋە كەسكىن بولغان .

مەست قىلدىغان ھەرقانداق نەرسە ھاراقتۇر

پەيغەمبەر ئەلەيھىىسسالام ھاراقىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغاندا ، ھاراقىنىڭ قايسى ماددىدىن ياسالغانلىقىغا قارىمىغان ، ئۇ پەقەتلا پەيدا قىلىدىغان تەسىرىگە ، يەنى مەست قىلشغا قارىغان . كىشلەرنىڭ بىر نەرسىگە قويۇۋالغان ئىسىمى نېمە بولۇشىدىن ۋە ئۇ نەرسىنىڭ قايسى ماددىدىن ياسلىشىدىن قەتئيىنەزەر ، مەست قىلدىغان ھەر قانداق نەرسە ھاراقتۇر ، بۇنىڭغا ئاساسەن پىۋا ۋە ئۇنىڭغا ئوخشغان نەرسىلەر ھارامدۇر .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ھەسەل ، قوناق ۋە ئارپىدىن ئېچتىلىپ ياسىللدىغان ئىچىملىكلەر ھەققىدە سورالغاندا ، ئۆزىگە خاس مەزمۇنى مول سۆز قىلىش ئۇسلۇبى بىلەن مۇنداق دىگەن :
‹‹ مەست قىلدىغان ھەرقانداق نەرسە ھاراقتۇر ، ھەر قانداق ھاراق ھارامدۇر ›› ( ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ).
ھەزرىتى ئۆمەرمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنبىرى ئۈستىدە تۇرۇپ ھەممەيلەنگە مۇنداق ئېلان قىلغان : ‹‹ ئەقىلنى پەردىلەيدىغان ھەر قانداق نەرسە ھاراقتۇر ››
ئسلام ئىچىلگەن مىقدارنىڭ ئاز –كۆپلىكىگە قارىماستىن ھاراققا كەسكىن ھۆكىمى بەرگەن . مانا بۇ ئىسلامىنىڭ ھاراققا كەسكلىكىنىڭ بىر دەلىلىدۇر .
بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دەيدۇ :
‹‹ كۆپى مەست قىلدىغان نەرسىنىڭ ئېزىمۇ ھارام ››
‹‹ بىر كۈپى مەست قىلدىغان نەرسىنىڭ بىر ئوچىمىمۇ ھارام ››
(ئىمام ئەمەد، ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزىلار رىۋايەت قىلغان )

ھاراق بىلەن تىجارەت قىلىش

ئسلام ئاز ياكى كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھاراق ئىچىشىنى ھارام قىلپلا قالماستىن ئەينى ۋاقىتتا مۇسۇلمان بولمىغانلار ( مۇسۇلمان ئەمەسلەر ) بىلەن بولسىمۇ ھاراق تىجارىتى قىلشىنى ھارام قىلغان ، ھاراق ياساش ، تەييارلاش ، ھاراق سېتىلغان دۇكان ئىگسى بولۇش ياكى شۇنداق بىر يەردە ئىشچى بولۇپ ئىشلەش ياكى ھاراق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق پائالىيەتلەرمۇ مۇسۇلمانغا ھارامدۇر .
شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ھاراق ھەققىدە ئون كىشىگەلەنەت قىلغان :
‹‹ ھاراق سىققۇچى ، سىقتۇرغۇچى ، ئىچىكۈچى ، توشغۇچى ، توشۇتتۇرغۇچى ، ئىچۈرگۈچى ، ساتقۇچى ، پۇلىنى يېگۈچى ، سېتۋالغۇچى ۋە سېتىپ ئالدۇرغۇچى ›› .
( ئىمام تىرمىز ۋە ئىبنى ماجە رىۋيەت قىلغان )
يۇقىرىدا كۆرسىتلگەن مائىد سۈرسىدىكى ئايەت نازىل بولغان چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دېگەن : ‹‹ ئاللاھ ھاراقنى ھارام قىلدى ، بۇ ئايەتنى ئاڭلىغان ھەر كىمنىڭ ينىدا ھاراق بولسا ئۇنى ئۆزىمۇ ئىچمىسۇن ،باشقىلارغىمۇ ساتمىسۇن ››
بۇ ھەسىنى رىۋايەت قىلغان ساھابە مۇنداق دېگەن ؛‹‹ بۇنى ئاڭلىغان ھامان كىشلەر بارلىق ھاراقلىرىنى ئېلىپ چىقىپ مەدىنە كوچىلىرىغا تۆكىۋەتتى ›› ( ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان )

ئسلام ھارامنىڭ يولىنى تاقاش ئۇسسۇلىنى قوللۇنۇپ ھاراق ياسايدىغانلىقى كەسكىن بىلىنگەن شەخس ۋە ئورۇنغا ئۈزۈم سېتىشىنى ھارام قىلىدى ، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام مۇنداق دىگەن : ‹‹ يەھۇدىغا ياكى خىرستىيانغا ياكى ھاراق ياسايدىغان ھەرقانداق كىشىگە سېتىش ئۈچۈن ئۈزۈم ساقىلىغان ئادەم ، بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئوتقا ئاتقان بولىدۇ ››
( ئىمام تاباراتى رىۋايەت قىلغان )

بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامغا بىر تۇلۇن ھاراق ھەدىيە قىلماچقى بولدى ، پەيغەمبەر ئەلەيھسسسالام ئۇنىڭغا ھاراقنى ھارام قىلۋەتكەنلىكىنى ئېيتىقاندا ، ئۇ كىشى ؛ ‹ ئۇنى سېتۋەتمەمدىمەن ؟› دەپ سورىدى ، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ؛ ‹‹ ئۇنى ئىچىشىنى ھارام قىلغۇچى ، سېتىشنىمۇ ھارام قىلىدى ›› دېدى .  ئۇ كىشى ‹ ئۇنى يەھۇدىلارغا سوۋغا قىلىۋەتمەمدىمەن ؟› دەپ سورىدى . پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ؛‹‹ ئۇنى ھارام قىلغان ئاللاھ ، يەھۇدىلارغا سوۋغا قىلشىنمۇ ھارام قىلىدى ›› دېدى . ئۇ كىشى : ‹ ئۇنداقتا ئۇنى قانداق قىلىمەن ؟ ›  دەپ سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھسسالام ؛ ئۇنى ‹‹ تۆكۋەتكىن ›› دېدى .
ئىمام ھۈمەيدى رىۋايەت قىلغان .


ھاراق سورۇنلىرىدا ئولتۇرماسلىق

مۇسۇلمان كىشى ھاراق ئولتۇرۇشلىرىغا قاتناشماسلىققا ۋە ھاراق ئىچكۇچىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرماسلىققا بۇيرۇلغان ، ھەزىرىتى ئۆمەر مۇنداق دېگەن ؛ ‹ پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم ؛ ‹‹ كىمىكى ئاللاھ ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن ھاراق ئىچىلىدىغان سورۇندا ئولتۇرمىسۇن ››
( ئىمام ھۈمەيدى ناملىق كىتابتا رىۋايەت قىلىنغان )
مۇسۇلمان كىشى ، دىنغا زىت بولغان ھەرقانداق نەرسىنى ئۆزگەرتىشكە ، بۇنڭىغا كۈچى يەتمىگەن تەقدىردە ، بۇنداق يامان ئىشتىن ، ئۇنى قىلغۇچىلاردىن ۋە شۇنداق يامان ئىشلار قىلىندىغان جايلاردىن يىراق بۇلۇشقا بۇيرۇلغان .
خەلىپە ئۆمەر ئىبىنى ئابدۇل ئەزىزنىڭ ، ھاراق ئىچكەنلەرنى ھەمدە ئىچمسىمۇ ھاراق ئىچىكەنلەر بىلەن بىللە ئولتۇرغانلارنى قامچىلايدىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىندى ، يەنە بىر رىۋايەتتە ؛ ئۇنىڭ ئالدىغا ھاراق ئىچكەن بىر گۇرۇپ كىشلەر تۇتۇپ كىلىنگەندە ، ئۇلارنى قامچىلاشنى بۇيرۇىغان ، ئۇلارنىڭ ئارسىدا رۇزا تۇتقان بىرسىنىڭ بارلىقى خەۋەر قىلىنغاندا خەلىپە مۇنداق دىگەن ؛ قامچىلاشىنى دەسلەپتە شۇنىڭىدىن باشلاڭلار ، سىلەر ئاللاھىنىڭ مۇنى سۆزىنى ئاڭلىمدىڭلارمۇ ؟؛
‹‹ ئاللاھ سىلەرگە قۇرئاندا نازىل قىلدىكى ، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چىغىڭلاردا ، ئۇلار ( يەنى ئاللاھىنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقان كاپىرلار نى) باشقا پاراڭغا چۈشمىگىچە ئۇلار بىلەن ئولتۇرماڭلار ، بولمىسا ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالسىلەر ›› ( نىسا سۈرسى 140-ئايەت )


ئاپتۇرى-دوكتۇر يۈسۈف ئەلقاداراۋى
تەرجىمە قىلغۇچى-ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
قاتىل + 500
Eltekin + 99 تولىمۇ ئەھمىيەتلىك
بېھزات + 100 ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت !!!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 699   باھا خاتىرىسى

ۋەتەنسىز قۇشلار پەسىللەرگە ۋەتەن دەپ يىغلار !

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15847
يازما سانى: 976
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1873
تۆھپە نۇمۇرى: 809
توردا: 3731 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 07:06:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراق سورۇنلىرىدا ئولتۇرماسلىق :_ بۇ جەھەتتە دىگەندەك دىققەت قىلالماپتىمەن!!! گەرچە ئۆزۈم ئىچمىسەممۇ ،چەكمىسەممۇ ،لىكىن بەزى ئولتۇرۇشلاردا ،بولۇپمۇ ساۋاقداشلار يىغىلىشلىرىدا باشقىلار ئىچسە كۆڭۈل ئاياپ ئولتۇرۇپ قالىدىغان گەپكەن ، يا ئۇ گۇيلارنى توسۇپ بولغىلى بولمىغان ... خۇدايىم بۇيرىسا بۇنىڭدىن كىيىن چوقۇم دىققەت قىلىمەن!!! ئېسىل تېمىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر ...

بىزگە ھەممىدىن زۆرۈر بولغىنى تۈنۈگۈنكى تاتلىق خاتىرە ياكى ئەتىكى شېرىن مەنزىرە ئەمەس،بەلكى،بىز ئىتراپ قىلىشنى خالىمايۋاتقان بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدۇر...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42705
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2717
تۆھپە نۇمۇرى: 750
توردا: 635 سائەت
تىزىم: 2011-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 07:40:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايىل قىلارلىق ياخشى تىما ئىكەن.

كومپاس

تىلىم، دىلىمغا ئەگەش!

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1424
يازما سانى: 1907
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 125705
تۆھپە نۇمۇرى: 2087
توردا: 12058 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2012-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 08:34:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاماكا توغرىسىدا ئېنىق قاراش ۋە شەرىئەت چېكى بولسا يوللاپ قويساڭلار !!!


ئۇلۇغ ئاللاھتىن

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19356
تۆھپە نۇمۇرى: 1358
توردا: 2844 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2012-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 09:18:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى شۇ نىجىستىن نېرى قىلغاي ، ئامىن .

ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ ، ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام ئىچىدە تەربىيلەپ ، ئاتا _ ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىسام دەيمەن .

(ئارمانغا چۇشلۇق

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3580
يازما سانى: 470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7922
تۆھپە نۇمۇرى: 458
توردا: 3152 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2012-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 09:39:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن مۇشۇ تاماكىنى چىكىمەن ، لىكىن باشقا كەيىپ ئىشلارنى قىلمايمەن ، تاماكىنى بىر كۇنلەردە چۇقۇم تاشلايمەن .

ب

كىلەر قىتىم ئاپت

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14761
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 611
تۆھپە نۇمۇرى: 374
توردا: 2199 سائەت
تىزىم: 2010-10-21
ئاخىرقى: 2012-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 10:23:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ahmeyatlek tema , ulug alla kulegezga  dart barmesun

پالانى ياشىسۇن ،پۇكۇنى ياشىسۇن دەپ شۇئار تۇۋلاشتىن بۇرۇن ، ئۆزەڭنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقىڭغا قاراپ باق ؟

كىلەر قىتىم ئاپت

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14761
يازما سانى: 435
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 611
تۆھپە نۇمۇرى: 374
توردا: 2199 سائەت
تىزىم: 2010-10-21
ئاخىرقى: 2012-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 11:15:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ahmeyatlek tema , ulug alla kulegezga  dart barmesun

پالانى ياشىسۇن ،پۇكۇنى ياشىسۇن دەپ شۇئار تۇۋلاشتىن بۇرۇن ، ئۆزەڭنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقىڭغا قاراپ باق ؟

ئۇيغۇرۇم› ئىسىل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35521
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 732
تۆھپە نۇمۇرى: 22
توردا: 419 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2012-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-16 10:48:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى شۇ نىجىستىن نېرى قىلغاي ، ئامىن

ئىھ ئاللاھ بىزلەرنى ئۆزۇڭ ياقتۇرمىغان بەندىلىرىڭدىن يىراق قىلغىن بىزلەرنى كافىرلارنىڭ زۇلۇمىدىن ساقلىغىن ئامىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56087
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2146
تۆھپە نۇمۇرى: 1235
توردا: 178 سائەت
تىزىم: 2011-9-11
ئاخىرقى: 2012-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-16 02:27:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھالال  ،پايدىلىق  دىگەن  بولسا  قانچە ئىچىپ  چىكەتتى  بۇ  بەزى بىر ئەقىلسىزلە............ئۈزىنى  چىقىم  قىلىپ  بۇلغاپ.........ئىسىت..........

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش