|
|
|
|
كىتاب سېتىۋىلىش
بىرەيلەن كىتابخانىغا كىرىپ مۇلازىمغا:
__ مەن بىر كىتاب ئالاي دېگەنىدىم.كىتابنىڭ مەزمۇنىدا قاتىللىق يوق،لىكىن قان پۇراپ تۇرىدىغان؛مۇھەببەت يوق،لېكىن مۇھەببەت بىلەن نەپرەت گىرەلىشىپ كەتكەن؛رازۋىدكىلىق يوق،لىكىن ھەر ۋاقىت ئادەمنى ساراسىمىگە سېلىپ تۇرىدىغان بولسا بولاتتى.مۇشۇنداق كىتاب بارمىدۇ؟ _ دەپ سوراپتۇ.
_ مانا سىز ئالماقچى بولغان كىتاب،_ مۇلازىم شۇنداق دەپلا «جۇڭگونىڭ پاي چېكى بازىرىنىڭ ئەھۋالى» دېگەن كىتابنى بېرىپتۇ.
بىر ئايالنىڭ ھايات قىلىشتىكى پاراسىتى
_ ئون ئەر بىلەن بىر ئايال ئاسماندا ساڭگىلاپ تۇرغان قۇتۇلۇش ئارغامچىسىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ قاپتۇ.لېكىن بۇ ئارغامچا پەقەت ئون ئادەمنىلا كۆتۈرەلەيدىكەن،كىم چۈشۈپ كىتىشى كىرەك؟ كۆپچىلىك بىر-بىرىگە قارىشىپ لام _ جىم دېيىشمەپتۇ.ئاخىرى ھېلىقى ئايال ئېغىز ئېچىپتۇ:
_ بوپتۇ،مەن چۈشۈپ كىتەي.بىز ئاياللار ئەزەلدىن ئەرلەرنىڭ قۇربانى. ئۆمۈر بويى سىلەر ئۈچۈن كىر - قات يۇيۇپ،تاماق ئېتىپ خىزمىتىڭلاردا بولىمىز. بوپتۇ،سىلەر ئۈچۈن يەنە بىر قىتىم قۇربانلىق بىرەي، _ دەپتىكەن، ھاياجانلانغان ھېلىقى ئون ئەر بىراقلا چاۋاك چېلىشىپ كېتىپتۇ......
پارچىلاپ بەر
_ مۇلازىم، بۇيەرگە كېلىڭە! _ دەپ توۋلىدى بىر خىرىدار.
_ لەببەي، _ دەپ يۈگۈرۈپ كەلدى مۇلازىم.
_ يىگىرمە يۈەنلىك ئۈگرىدىن ئاران بىر پارچە گۆش چىقىپتىغۇ؟ _ دەپ كايىدى خىرىدار.
_ قانچە پارچە گۆش چىقسا بولاتتى، ئەپەندىم؟
__ ھېچبولمىغاندا بەش _ ئالتە پارچە بولمامدۇ؟
__ ئاشپەز ئۇستام، ماۋۇ ئەپەندىمنىڭ قاچىسىدىكى گۆشنى بەش _ ئالتە پارچە قىلىپ پارچىلاپ بەر، _ دەپ توۋلىدى مۇلازىم.
ئۇيقۇسىزلىق
ئېرى: ئۇيقۇم كەلمەيۋاتىدۇ.
خوتۇنى: مېنىڭمۇ ئۇيقۇم كەلمەيۋاتىدۇ.
ئىرى: بىر قوي،ئىككى قوي،ئۈچ قوي........
خوتۇنى: بىر نوركا پەلتو،ئىككى نوركا پەلتو،ئۈچ نوركا پەلتو.........
تېرە كېسەللىكى كەسپىنى تاللاش
دوختۇر: سىز نىمە ئۈچۈن تېرە كېسەللىكى كەسپىنى تاللىدىڭىز؟
خىزمەت ئىزدىگۈچى: تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى ھەرگىزمۇ يېرىم كىچىدە ئادەمنى ئويغىتىۋەتمەيدۇ،بۇ خىل كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ قالىدىغانلار يوق،يەنە كېلىپ ئاسانلىقچە ساقايمايدۇ.
نوركا پەلتو
بىر خانىم تېخى يېڭىلا سېتىۋالغان نوركا پەلتونى خۇشاللىق بىلەن سىناۋاتاتتى.
_ ئاپا، سىزنىڭ خۇشاللىقىڭىزنىڭ بىر ياۋايى ھايۋاننىڭ ئازابى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ _ دېدى ئوغلى رەنجىگەن ھالدا.
_ تەڭرىم، داداڭنى شۇنداق دىسەڭ بولامدۇ؟ _ دىدى ئۇ خانىم ئۈنلۈك ئاۋازدا.
مەنبە: تەرمىلەر ژورنىلى.
|
|
|
|
|
|