[2011- يىلى 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنتەربىيە مۇسابىقىسدا كىشىنى پەخىرېلەنگۈدەك خەۋەرلەر كەڭ تارقالدى ، يەنە مەملىكىتىمىزنىڭ پايتەختى بولغان قەدىمىي شەھەر بېيجىڭغا ۋەكىل بۇلۇپ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىغا قاتناشقان 250نەچچە نەپەر تەنھەركەتچىلار ئارىسىدا ئۈچ نەپەر ئالاھىدە مىھمان بويۇنلىرىغا كۆزنى چاقنىتىغان ئالتۇن مىداللارنى ئاسقىنىچە قۇلىنى ئىگىز كۈتۈپ غەلبىسىنى تەنتەنى قىلماقتا ئىدى ، بۇلار مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرسىتىتىنىڭ تەنتەربىيە فاكولتىتىدىكى ئۇيغۇرئۇقۇغۇچىلار بۇلۇپ ، كۆپلىگەن تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق بۈگۈن دەل مۇشۇ شەرەپكە نائىل بۇلۇپ تۇرماقتا ئىدى .
قېنى بىز بۇ پەخىرلىك ياشلىرىمىز بىلەن قىسقىچە تۇنۇشۇپ چىقايلى .
1- ئابدۇۋېلى غېنى
1990 -يىلى 5-ئاينىڭ 20 -كۈنى تۇغۇلغان . يۇرتى شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاست خېجىڭ ناھىيىسى قارمودۇن بازىرىدىن
مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرسىتىتىنىڭ تەنتەربىيە فاكولتىتىىڭ ئوقۇغۇچىسى ، كەسپى : ۋاسكىتبول
2- ئالىمجان ئابدۇقادىر
1989 - يىلى 4-ئاينىڭ 7- كۈنى تۇغۇلغان . يۇرتى قەشقەر يۇپۇرغا ناھىيىسى
مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرسىتىتىنىڭ تەنتەربىيە فاكولتىتىىڭ ئوقۇغۇچىسى
3- مەمەتجان زايىت 1989 -يىلى 1-ئاينىڭ 12- كۈنى تۇغۇلغان . يۇرتى شىنجاڭ بايىنغولىن ئوبلاستى باغراش ناھىيىسى
مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرسىتىتىنىڭ تەنتەربىيە فاكولتىتىىڭ ئوقۇغۇچىسى
بۇقېتىم بۇلار بېيجىڭ كوماندىسىغا تاللانغاندىن كىيىن 250 نەچچە نەپەر تەنھەركەتچى بىلەن بېيجىڭ كوماندىسى سالاھىيى بىلەن بۇ قېتىمقى مەملىكەتلىك 9 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدۇ ، 250 نەچچە نەپەر تەنھەركەتچى ئىچىدا ئۇيغۇرلاردىن 6 نەپەر قاتناشقان ، يۇقۇرتا تۇنۇشتۇرغان قېرىنداشلىرىمىز گۇرۇپپىلار بۇيىچە 400 مىتىرغايۈگرەش مۇسابىقىسىدە گۇرۇپپىلار بۇيىچە ئالتۇن مىدالغا ئېرىشىش ، 3 ئادەم ھەمكارلىشىپ ياغاچ تاختىدا يۈگرەش مۇسابىقىسىدە مىس مىدالغا ئېرىشىشتەك نەجىتىسى بىلەن بېيجىڭغا شان - شەرەپ ئېلىشتا تۆھپە قوشتى ھەم ئۇيغۇرلارنى يەنە بىر قېتىم تۇنۇتتى ..
ئۈچ ئەزىمەت ۋە نەق مەيداندىكى بىر قىسىم سۈرەتلەر مۇكاپاتلاش سەھنىسىدىكى
ئاخىرىدا قېرىنداشلىرىمىزغا تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلارنىڭ ياربۇلىشىنى بولسا خەلقارا مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ خەلقىمىزنى دۇنياغا تۇنۇتۇشقا بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قۇشۇپ مىللىتىمىزگە شان - شەرەپ ئەپ كىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ھەم تىلەيلى ... يارايسىلەر ... ئاللاھ ئىشلىرىڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن !