س: ئاياللارنىڭ پۇراق تارقىتىدىغان ئەتىر ئىشلىتىشى دۇرۇسمۇ؟
ئەتىر ئىنساننىڭ پاكىزلىق تەبىيتى قوبۇل قىلىدىغان، كۆڭۈللەر راھەت ھىس قىلىدىغان پاكىزلىق تۈرىدىن بىرى بولۇپ ئۇ ئىسلام شەرىئىتى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالمايدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئاياللار ئەتىر ئىشلەتسە مۇتلەق بولمايدۇ، دەپ خاتا ئويلاپ قالىدۇ. لىكىن ،ئەمەلىيەتتە ئايالارنىڭ ئەتىر ئىشلىتىشى شەرىئەت چەكلەپ ھاراملىقىغا تىكىسىت كەلگەن دائىرغىچە باشقا مۇباھ نەرسىلەرگە ئوخشاش دۇرۇس.ئاياللارنىڭ ئەتىر ئىشلىتىشتە چەكلەنگەن ئوبىكتىلار ئۇلار ئىشلەتكەن ئەتىرنى مەھرەم( مەھرەم: ئىرى ،بىر تۇققانلىرى،دادىلىرى ،تاغىلىرى،ئىمىلدەش قىرىنداشلىرى،ئىمىلدەش تاغىلىرى قاتارلىقلانى كۆرسىتىدۇ)لىرىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ پۇرىشى بولۇپ ،مەھرەملىرىنىڭ پۇرىشى چەكلەنمەيدۇ. ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندىكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ‹‹ قانداق بىر ئايال كىشى ئەتىر ئىشلىتىپ بىر قەۋمنىڭ يىنىدىن ئۇلارنىڭ پۇرىشى ئۈچۈن ئۆتسە ئۇ ئايال مۇنداق،مۇنداق(يەنى زىناخور) دەپ ناھايتى قاتتىق گەپ قىلدى.›› ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى.
‹‹ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىكى ئاياللار ئازاتلىقى›› ناملىق كىتاپنىڭ مۇئەللىپى ئۇستاز ئابدۇلھەلىم ئەبۇ شىققە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ.
- بۇ ھەدسنى مۇلاھىزە قىلغان ۋاقتىمىزدا ئايال كىشى بۇ ھەدىستە شەرىئەت چەكلىگەن ئىككى ئىشقا خىلاپلىق قىلغان بولدى.بىرى ،ئايال كىشى پۇرىقى ئاشكارە تارقىلىدىغان ئەتىر ئىشلەتتى، يەنە بىرى، ئەتىر ئىشلىتىپ باشقىلارنىڭ پۇرىشى ئۈچۈن ياكى پىتنە،شەھۋەت قوزغاش ئۈچۈن يات كىشىلەرنىڭ قشدىن ئۆتتى. ئەمما مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بەرمەيدىغان ھالەتتە ئايالنىڭ ئەتىر ئىشلىتىشى شەرىئەت دۇرۇس دەپ قارىغان ئاياللارنىڭ زىننەتلىرىدىن سانىلىدۇ.
ئاياللارنىڭ ئەتىر ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1. ئەتىر ئىشلەتكەن ھالەتتە مەسچىتتە جامائەت نامىزىغا چىقماسلىق،( ئەتىر ئىشلەتكەن ھالەتتە ئاياللار مەسچىتكە چىقىشتىن چەكلەنگەن يەردە سىرتقا چىقىش ئەۋلا يول بىلەن چەكلىنىدۇ،)
2.ئەتىرنىڭ پۇرىقى بار ھالەتتە ئۆيىدىن سىرتقا چىقماسلىق.
3. ئەرلەرنىڭ شەھۋىتىنى ،ھىسىياتىنى قوزغاش ، ئۇلارنى ئۆزىگە قارىتىش ،ئۇلارنىڭ كۆزىىدن ئوت چىقىرىش مەقسىتى بىلەن ياسانماسلىق.( ئەمما ئىرىى ئۈچۈن ئىرىنى رازى قىلىش ئۈچۈن ھەرقانداق تىرىشچانلىق بىلەن گىرىم قىلىش دۇرۇس بەلكى ئەڭ ياخشى ئىش.)
مۇشۇ چەكلەنگەن ئۈچ ئىش مەۋجۇد بولمىسا ئاياللارنىڭ بۇ خىل پۇرىقى مەخپى بولغان رەڭگى ئاشكارە بولغان گىرىم ئىشلىتىشىدە مەسىلە يوق.
ئايالنىڭ ئىرى ،پىتنىدىن خالى بولسا مەھرەملىرى بار يەردە، باشقا ئاياللار بار يەردە،ئۆيىدە پۇراقلىق ئەتىر ئىشلىتىشىدە مەسىلە يوق، ئەمما باشقا يات ئەرلەرگە پۇرىقى يىتىدىغان ھالەتتە ئۆيىدىن چىقىشى ئالىملارنىڭ ئىتىپاقى بىلەن دۇرۇس ئەمەس، بەلكى ئىرى ئۈچۈن ئەتىر ئىشلىتىش شەرىئەت قىزىقتۇرغان ھەم ئەر-ئاياللىق مىھرى-مۇھەببەتنى كۈچەيتىدىغان ياخشى ئىش.
(ئەمما ئىرىم ئۈچۈن ئەتىر ئىشلەتتىم دىگەن باھانە قىلىپ سىرتقا پۇراق تارقاتقان ھالەتتە چىقىش ياكى ئىشلەتكەن ئەتىر نىڭ پۇرىقى بولسىمۇ سىرتقا چىققاندا ئىرىم ماڭا ھەمرا ،بىرگە چىقتۇق دىگەننى باھانە قىلىپ ئىرى بىلەن بىرگە چىقىشمۇ ئالىملارنىڭ ئىتىپاقى بىلەن ھارام.ھاراملىقىنى بىلگەن ھالەتتىمۇ پەرۋا قىلماي چىققان ئايال كىشى شەرىئەت نۇقتىسىىدن زىناخور، شۇنىڭغا رازى بولغان ئەرنىڭ دىن ئىسلامنىڭ قارىشىدا ۋىجدانىنى يوقاتقان دەييۈس( ئايالىنى باشقىلارغا توغىرلايدىغان مەلئۇن) بولىدۇ.)
بۇ ھەقتە بىز يەنە مەشھۇر ئىسلام مۇجتەھىدى،دىنى ئالىم، ئاتاقلىق ئۇسۇلشۇناس،شەيىخ مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىننىڭ بۇ ھەقتىكى پەتۋاسىنى بايان قىلىشنى لايىق تاپتۇق.
ئايال كىشى ئەتىر ئىشلەتكەن ھالەتتە بىۋاستە مەكتەپكە بارسە دۇرۇس بولامدۇ؟
ئايال كىشىنىڭ پۇراقلىق ئەتىر ئىشلىتىپ ئۆيىدىن چىقىشى پىتنىنى قوزغايدىغانلىقى ئۈچۈن ھارام.ئەمما ئايال كىشى ئائىلە ماشىنىسىدا بولسا ھەم پۇرىقىنى يات ئەرلەر پۇرىيالمىسا ،مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىكى ئەرلەر پۇراپ قالغۇچە پۇراق تىزلا يوقىلىدىغان بولساياكى مەكتەپتە پەقەت ئاياللارلا بولسا ئەتىر ئىشلىتىشى دۇۇرس. ئەمما شوپۇر يات ئادەم بولسا دۇرۇس ئەمەس،ھەم يات شوپۇر بىلەن يالغۇز ماشىنىغا چىقىشمۇ دۇرۇس ئەمەس. ئەگەر پۇراق تىزلا يوقاپ كەتمىسە ھەمدە يات ئەرلەرنىڭ قشىدىن ئۆتۈشكە توغرا كىلىدىغان بولسا خۇشپۇراق ئىشلىتىش دۇۇرس ئەمەس.
ئىمام ئىبن قەييۇم جەۋزى ‹‹ئىئلامۇلمۇقىئىين ›› ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ.‹‹ ئىسلام شەرىئىتى يامانلىققا ۋاستە بولىدىغان ئىشلارنى چەكلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئاياللارنىڭ مەسچىتكە خۇشپۇراق ئىشلىتىپ چىقىشىنى چەكلىدى ،چۈنكى ئۇ ئەرلەنىڭ مايىللىققىنى،ئۇلارنىڭ نەزەر سىلىشىگە ۋاستە بولىدۇ. شۇڭا ئاياللار مەسچىتكە چىققاندا خۇشپۇراقلىق ھالەتتە چىقماسلىق، نامازغا تۇرغاندا ئەرلەرنىڭ ئارقا سىپىدە تۇرۇشقا بۇيرۇلدى، ئەقىللىق ئايال ياخشى ئويلاپ باقسۇن،مەسچىتنى ئىرادە قىلغان ئايال ئۈچۈن پۇراقلىق نەرسە ئىشلىتىش ھارام بولىدىغان تۇرسا بازارغا ،ئەرلەر بار يەرگە ماڭغان ئايال ئۈچۈن ھۆكۈم قانداقتۇ؟›› (تىخمۇ قاتتىق ھارام ئەلۋەتتە)
ئەسلى مەنبەسى ئىسلام ئونلايىن تورى ، پەتۋا بەرگۈچىلەر: بىر گۇرپا مۇفتىلار
مەنبەسى:
http://www.muslma1.net/vb/showthread.php?t=9416
س: ئاياللرنىڭ پۇراقسىز ئەتىر ئىشلىتىشى دۇۇرسمۇ؟
مىنىڭ ئايالىم سىرتقا چىقىشتىن بۇرۇن ئەتىر ئىشلىتىدۇ، لىكىن ئىشلەتكەن ئەتىرىدىن ئەڭ تۆۋەن دەرجىدىمۇ سىرتقى پۇراق چىقمايدۇ، مۇشۇ خىل ھالەتتە ئايالىمنىڭ ئەتىر ئىشلىتىشگە يول قويسام دۇرۇس بولامدۇ؟ ياكى ‹‹شەكلەنگەن ئىشنى تاشلاپ شەكلەنمىگەن ئىشنى قىل›› دىگەن ھەدىس بويىچە يول قويمامدىم.
جاۋاپ بەرگۈچى ئابدۇللا فەقىھ نازارەتچىلىكىدىكى پەتۋا كومىتىتى،
پەتۋا نومۇرى: 36736
ۋاقتى:2003-يىلى9-ئاي-1-كۈنى
بارلىق مەدىيە ئاللاغا مەنسۇپ، رەھمەت ۋە خاتىرجەمىلىك ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن.
ئايال كىشىنىڭ پۇراق تارقىتىدىغان ئەتىر ئىشلىتىشى ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشكە تىگىشلىك ھارام بولۇپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بۇ نى زىنانىڭ قاتارىدىن سانىدى. .(پۇرايدىغان گىرىم بويۇملىرى ئەتىردىن باشقا ماي،ئەمبەر، ئىپار قاتارلىق پۇراق تارقىتىدىغان نەرسىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. )
چۈنكى ئەتىر ئىشلەتكەن ئايال ئەرلەرنىڭ ئىستىكىنى قوزغايدۇ. ئەمما ئايال كىشى ئىشلەتكەن ئەتىر ئايالنىڭ ئۆزىىدن سىرتقا پۇراق تارقاتمايدىغان بولساچەكلىنىشنىڭ ئىللىتى بولغان پۇراق تارقىتىش مەۋجۇد بولمىغانلىقى ئۈچۈن ‹ھۆكۈم ئىللىتىگە قاراشلىق› دىگەن ئۇسۇل قائىدىسىگە ئاساسەن بۇنى ئىشلىتىش چەكلەنمەيدۇ .ئاللا ئەڭ ئالىم .
(ئەمما بۇ خىل ئەتىرلەر نورمال ئەھۋالدا پۇراق تارقاتمىسىمۇ شەھەرلەر قىستاڭچىلىق بولغاچقا ئابتۇبۇس، قايناق بازارلاردا قىستاڭچىلىقتىن يات ئەرلەرنىڭ يىقىن تۇۇرپ قىلىشى بىلەن پۇرىقىنى پۇراپ قىلىشى مۈمكىن ،دىققەت قىلغان ياخشى)
مەنبەسى:
http://ejabat.google.com/ejabat/thread?tid=6fc3e891c13ab6e8
ھەرقانداق تور بەتكە يۆتكەشكە رۇخسەت ،ئەمما قالايمىقان ئىنكاس يىىزپ ھۇجۇم قىلىدىغانلار ماڭا ھۇجۇم قىلماي ئەسلى مەنبەگە كىرىپ شۇ مۇجتەھىدلەرگە ھۇجۇم قىلغاي، مەن پەقەت ئىسلامنى سۆيىىدىغان، قىزىىقىدىغان ئەمما دىنى بىلىمسىزلىكى بىلەن توغرا خاتانى ئايرىپ بولالمىغان مۇسلىمە قىرىنداشلىرىمىزغا ئازراق بولسىمۇ ياردىمى تىگىپ قالسا دىگەن ئۈمىتتە تەرجىمە قىلىپ قويدۇم.