مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7094|ئىنكاس: 44

ئۈرۈمچى قەۋرىستانلىقلىرىدىكى سىرلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14848
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-13 05:44:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۈرۈمچى قەۋرىستانلىقلىرىدىكى سىرلار
            
كىرىش سۆز

    
    يېزىلىق دوست بىلەن شەھەرلىك دوستنىڭ ئارلقىدا ئاسمان-زېمىن پەرىق بولدىكەن.سەھرالىقلارغۇ ئەزەلدىن قۇۋلۇق،ھېلىگەرلىكنى بىلمەيدۇ،بەلكى تۈز،ساددا كېلىدۇ.ئۇلارنىڭ چېقىشقاق،رايىشلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ...بىلسىڭىز دوسلۇقنىڭ قەدرىگە ھەقىقى يىتىدىغانلار ئەنە شۇلار.شەھەرلىك دوستلىرىڭىز قارماققا كۆپنى كۆرگەن،ناھايىتى ئىلمى كۆرۈنگىنى بىلەن دايىم ئۆز مەنپەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋالىدۇ.ئۇنىڭچە بولغاندا شەھەردە ياشاش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال ھەر بىر ئولتۇرۇپ -قوپۇشلاردا ئۆزىگە پايدىلىق بىرەر دىتال بولۇش كىرەك.ئەڭ قىززىقى؛ئۇ سىزگە خۇددى خېرىدارغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ.قاچانلاردا قارىسىڭىز ئالدىراش.ئۇنىڭ «ۋاي سەن بۇ دۇنيادا بارمۇسەن ئاداش»دىگەنلىرى «قانداراق بالاڭزا»دەپ تىلىنىڭ ئۇچىدىلا ئەھۋال سوراپ قويغىنى.ئەگەر سىزگە ئۇ ياغلىما گەپ قىلىپ سالمىسۇن قېلىپ قالسا سىزنى بىردەمدىلا «نۆل»لا قىلىۋىتىدۇ.«سەل تۇپ تۇر-ھە» دىگىنىغۇ قازاقنىڭ «ئاز قالدى» دەپ ئىككى تاغنىڭ ئارقىسىنى كۆرسەتكىنىدەك بىر ئىش بولسا «بىردەمدىن كېيىن تېلفۇن قىلاي»دەپ يوقلا بولۇپ كېتىشلىرىنى ئويلىسىڭىز قەرزىڭىز بولمىسا بېرىپ چېشىغا سالسىڭىزمۇ  بولىدۇ.بەزەن شىركەتلەرنىڭ «مەن ئالدىراش»دىيىش كىرەك دەپ تاكتىكا دەرىسلىرىنى ئۆتۈشىنى ئاڭلاپ قويۇڭ ،كۆرۈپ قالسىڭىزغۇ ھۆ قىلغۇڭىز كىلىدۇ.ئەمما بۇ ھەقىقەت.بولدىلا بۇ توغرىسىدا بىر نەرسە دىيىشىپ قالساق نەچچە كىتاپ بولىدۇ .كىتاپ يازغۇدەك ھالىمىز بولمىغاندىكىن «غ»غا «ت»نى قوشۇپ ئۆز گىپىمىزگە كىلىلى.
    ئابدىۋىلى بىلەن بىر يېزىلىق بىر مەكتەپتە ئوقۇپ بىر مەھەللىدە  چوڭ بولغان يېقىن دوستلاردىن ئىدۇق. تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئايرىلىپ ئۇزۇن يىللار كۆرۈشەلمەي يۈرگەن.شەھەر چوڭ بولغاچقىمۇ دەسلىۋىدە ئۇنىڭ نەدە،نىمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆتۈۋاتقانلىقنى بىلمىسەممۇ ۋاقىت ئۆتكەنسىرى تونۇش-بىلىشلەرمۇ كۆپۈيۈپ  ئۇنىڭ مۇشۇ شەھەردىكى مەلۇم بىر قەۋرىستانلىقتا تاشقا خەت ئويۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ دەرھال ئادىرسىنى ئالدىم-دە ئۇنى ئىزدەپ باردىم.شۇنىڭدىن كېيىن بىكار بولساملا قەۋرىستانلىققا قاترايدىغان بولدۇم.بىزدىكى ئازادىلىك مىنى خوشال قىلماي ئەكسىچە ھەر قېتىم قەۋرىستانلىققا چېققىنىمدا ئېغىر خۇرسىنىپ ئىڭەك يۆلەپ ئولتۇرۇپ ئىچىمنى بىر نەرسە يەۋاتقاندەك ئاچچىق ۋە غەزەپنى يۇتۇپ پاراسلاپ چۈشۈپ كىتەتتىم...ئاردىن ئۇزۇن ئۆتمەي كۆپ يىللار ئەشۇ قەۋرىستانلىققا خېلىلا زور ئۈنتۈنسىز ئەجىر قىلغان ئاق كۆڭىل يۇۋاش بۇ دوستۇمنىڭ چېكىندۈرۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇم.شۇنىڭ بىلەن يەنە ئۇنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم.شۇندىن ئىتىۋارەن قەۋرىستانلىققا ئانچە يورغىلاپ كەتمىسەممۇ ئەمما ئۇ يەرلەردىكى ئاجايىپ ھېكايەتلەر دايىم مەيدەمنى تېىپىپ تۇردى.قانداق قىلاي،ئوقۇرمەنلىرىمگە تازا بىر دەۋىلىپ ئىچىمنى بوشىتىۋالسام يەڭگىللەپ قالارمەنمىكىن دەپ ئويلۇدۇم.  

                                                                                                      <1>
    قەۋرىستانلىق ھەقىقەتەن چوڭ ئىدى.شۇڭىمۇ رايۇن-رايۇنلارغا بۆلۈنۈپ تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ بىر بىرىگە تۇتۇشۇپ كەتكەن ئازادە يوللار،بۆك-باراقسان دەرەخ،باغلىرى بىلەن سالقىن ۋە پاكىزلىق ئاتا قىپ تۇراتتى.
  چىرايلىق ،رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەر بىر رايۇندىكى گۈمبەزلەرگە قارىسىڭىز خۇددى ئۆزىڭىزنىڭ ئاخىرەتلىكىدىن خاتىرجەم بولغاندەك كۆڭلىڭىز ئىچىلىپ قالىدىكەن.دەرۋەقە،بۇ قەۋرىستانلىق يېزىلاردىكى قەۋرىستانلىقلارغا تۈپتىن ئوخشىمايتى.دىيارىمزنىڭ جەنۇپ -شىمالىدا كىشىلەر ئۆزى ساقلاپ كەلگەن قايىدە-يۇسۇن،ئۇدۇملىرى بىلەن تۇپراق بىشىنى ھەر تۈرلىك شەكىلدە يوقلاپ تۇردۇ.بەزەن جايلاردا تۇپراق بېشىغا بىر نەرسە ئورنىتىپ قويماي نەچچە كۈن ئىزدەپ يۈردىغان ئەھۋاللارمۇ بار.بەزەن جايلاردا تېخى توپىسىنى شامال ئۇچۇرۇپ كېتىپ كىشىلەر قەۋرىستانلىققا قاراپ دۇئا قىلىپلا ئاستا قايتىدۇ.بۇ قەۋرىستانلىق بولسا سىمۇنىت بىلەن كۆركەم،سىپتا قاتۇرۇلغان بولۇپ پۈتۈن قەۋرىلەرنىڭ ئالدىدا ۋاپات بولغۇچىنىڭ كىملىكى،قاچان تۇغۇلۇپ-كەتكەنلىگى ئويۇلغان تاش ئورنىتىلغان ئىدى.بۇ ئۆزگىچىلىكلەرگە ھەۋەسلەنگەن مەن رايۇن ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ بىردىنلا يەنە بىر رايۇندا توختاپ قالدىم.بۇ رايۇن باشقا رايۇنلاردىكىن پەرىقلىق ئىدى.گۈمبەزلەرنىڭ ياسىلىشى،ئورنۇتۇلغان تاش،ئىگەللىگەن يەر كۆلىمى جەھەتلەردىن پەرىقلىق ئىدى.
-ھەيران قالما،بۇنۇڭدىنمۇ كاتتىللىرى بار...ئۇ قەۋرىلەرنى كۆرسەڭ داچىغا بېرىپ قالغاندەك بولىسەن...-دىدى دوستۇم بىردىنلا مىنىڭ نىمىلەرنى ئويلاۋاتقىنىمنى ھېس قىلغاندەك.
شۇنداق،قەۋرىستانلىقتا كىشىنى شۇبھىلەندۈردىغان مۇشۇنداق ئىشلار ئاز ئەمەس ئىدى.باي-كەمبىغەللىك،يۇقرى-تۆۋەنلىك يالغۇز بىزنىڭ ئىجدىمايى تۇرمۇشىمىزدا ،ياشاش ئەملىيىتىمىزدىلا ئەمەس قەۋرىستانلىقىمىزدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تىپىپ جۇلالىنىپ تۇراتتى.نەچچە ئون مىڭ يۇئەن خەجلەپ ھەشەمەتلىك سېلىنغان بىر نەچچە ئېغىز ئۆينىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن بۇ قەۋرىلەرنى كۆرسىڭىز نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھەسرەت بىلەن ئىتىراپ قىلىسىز.قەۋرىلەرنى ئارىلاپ كېتىۋىتىپ مىنى ئۆزىگە يەنە بىر رام قىلىۋالغان ئىش-قەۋرە ئۈستىگە تىزىۋىتىلگەن راڭگا-رەڭ سىلياۋ گۈللەر بولدى.مەن ئىلگرى گۈل چەمبىرەك قويۇش خەنزۇ مىللىتىنىڭ ئىشى دەپ يۈرۈپتىكەنمەن.بىزنىڭ يۇرتتا قوناق چېچىپ شاشقانغا ئۇگا قىلىپ بېرىمىز،قايسى بىر يۇتتا « ب د ت» نىڭ مەھكىمسىدەك ھەر خىل بايراق تىكلىۋەتكىننى كۆرگەن. ئەسلى مۇنداق قىلساق بولىدىكەن-دە!؟

                                                                           ‹2›
     ئۈرۈمچى شەھرى تىلغا ئىلىنسا تولىمۇ باياشات ،كاتتا،ئوتتۇرا ئاسىيادا ئوبدانلا نامى بار قاينام تاشقىنللىققا چۆمگەن تەرەققىياتى ئالەمشىمال بىر خەلىقارا سودا شەھرى كۆز ئالدىڭىزغا كېلىدۇ.ئەملىيەتتىمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ سىياسى،ئىختىزات...مەركىزى بولمىش بۇ شەھەردە گەرچە كۆپلىگەن نەرسىلەر ئۆزىدىن ۋۇجۇتقا كەلمىسىمۇ ئىزدىسىڭىز ھەممە ۋە ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ.نۇرغۇن نەرسىلەر باشقا جايلاردىكىدىن كۆپ ئەرزان.خەلىق مۇشۇنداق باياشات ،مەدىنىيەتلىك،تىللاردا داستان زور تەرەققىيات باسقۇچىدىكى يۇرتىنىڭ بولغانلىقىدىن سۆيىنىدۇ،پەخىرلىنىدۇ.ئەپسۇسكى،قانۇن-سىياسەتلىرى،دىننىي ئەھكاملىرى مۇستەھكەم مۇشۇنداق ئېسىل بىر شەھەردە ئىنسانى بىتىمىزگە يات ئاز ساندىكى قەبىھ نۇمۇسسىزلىقلارنىڭ بارلىقىنى يادىغا ئالمايدۇ.
   كىشىلەر جىن-شاياتۇن،ئالۋاستى توغرىسىدىكى  پاراڭ-ساراڭلارنى يىراق سەھرادىكى مالچىلاردىن،جاپاكەش دېھقانلارنىڭ بىر قىسمىدىن ئاڭلىغان ۋە يەنە كىتاپلاردىن ئوقۇپ تىلىۋزۇرلاردىن كۆرۈپ يەتكەن بولسىمۇ تا ھازىرغىچە بىرە ئىنىق ئۇقۇمغا ئىگە بولالمىغان.ئەمما سىزگە دىسەم،ئۆز ئەتراپىڭىزدىمۇ ئەشۇنداق قورقۇنۇشلۇق «ئالۋاستى»لار پىقىراپ تۇردۇ...
  قايسىدۇر بىر كۈنى دوستۇم ئابدىۋىلى مىنى باشلاپ قەۋرىستانلىقتىكى <مەممەت يۇۋاش>نىڭ ئۆيىگە باشلاپ كىردى.ئۇقۇشۇمچە بۇ قەۋرىستانلىقتا 4-5ئائىلىلىك ئولتۇراقلاشقان بولۇپ تۇرۇۋاتقىنىغا 3-4يىل بولغان مەممەت يۇۋاش ئۇلارنىڭ بىرى ئىدى.ئۇ كۈنلىرىنى قەۋرە كولاش،قەۋرە رىمۇت قىلىش،تۇپراق بىشىغا كۆچەت تىككۈچىلەرگە ئانچە -مۇنچە سۇ سىتىپ تۇرمىشىنى قامدايدىغان تەپسە تەۋرىمەس،ئىسمى جىسمىغا لايىق 30دىن ھالقىغان ئادەم ئىدى.بىز چاي ئىچكەچ ئۇيان-بۇياننىڭ سۆز-چۆچەكلىرىنى قىلىشىپ بىرە سائەتچە ئولتۇرۇپ قالدۇق.بىر كەمدە كونا تىراكتۇردەك ۋاتاتلىغان سەت بىر ئاۋاز جىمجىتلىقنى بۇزۇپ بارا-بارا ئۆيگە يىقىنلىدى.ئۆينىڭ ئىشىكى يول تەرەپتە بولغاچقا مەمەت يۇۋاشنىڭ ئىشىكنى ئىچىشى بىلەن شۇنداق قارىغۇدەك بولساق ئايھانناس! گۈلقەقەلىرى ئىچىلغان،مودا كىيىنگەن،قېنىق گىرىملىرىنى توپا باسقان ئۈچ چوكان ئاللىنىمىلەرنىدۇ دىيىشىپ-چۇقۇرشۇپ كىرا موتوسىدىن چۈشۈشتى.مەمەت يۇۋاش بولسا؛
- خوتۇن چېقتى ،قولىدىكىنى ئالاي...-دەپلا ئالدىغا يۈگۈردى.
- ئاۋۇ سىمىزرەك كەلگىنى ئۇنىڭ خوتۇنى،قالغان ئىككىسى...--ئابدىۋەلى تونۇشتۇرۇش قالغان ئىككىيلەنگە كەلگەندە تىلىنى چايناپ نىمە دىيىشىنى بىلەلمەۋاتقاندەك بىر ماڭا بىر ئۇلارغا قاراپ شۈكلىشىپ كەتتى.
- ۋىييەي مەمەت،ئاغىينىللىرىڭىزمۇ بۇ؟ نىمە دىگەن كېلىشكەن، بودەك يىگىتلەر ...2-3ئاينىڭ ياغى مۇنداقمۇ دوسلۇرۇم بار دەپ قويماپسىز-ھە!؟ ھې ھې ھې....-شادىپاچاق،ئورۇق،چىرايىدا قان دىدارى يوق بىرى شۇنداق دىدى ۋە يىنىمغا كېلىپلا لاسسىدە ئۆزىنى بەنچاڭ (بۇنىڭ تەرجىمىسىنى ئۆزەڭلار قىلىۋىلىڭلار) غا تاشلىدى....
  ۋاقىت ناھايىتى تەستە ئۆتمەكتە ئىدى.ئۇلارنىڭ تىنىقلىرىدىنمۇ بەدبۇي ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ ئىچىم ئېلىشىپ كىتىۋاتاتتى.كۆزۈمنىڭ قۇيرىقىدا جاماللىرىغا قاراپمۇ قورقۇنۇشلۇق بىر تىترەك پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى سوغ تەرگە چۆمدۈرۈپ باراتتى.ئاخىرى تاقىتىم تاق بولۇپ ئابدىۋىلىگە «كىتىلى»دىگەن تەلەپپۇزدا قاتتىق جەينەكلىدىم.
  بىز ئۇلارنىڭ ناز-كەرىشمىلىك «ئولتۇرۇپ مىڭىلار»لىرىدىن ئاران قۇتۇلۇپ پەسكە ساڭگىلىدۇق.پەسكە چۈشۈپ كېتىۋاتامدۇق ۋە ياكى ئىگىز بىر يەرگە چېقىپ كىتىۋاتامدۇق يۈرۈكۈم ئاغزىمغا قاپلىشىپ قالايلا دىگەن ئىدى.
  -ئامال يوق ئاداش بۇ كاساپەتلەرنى ئىۋۇ ھۆللەمباي.خوتۇنىنىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغان گۇيغا قوشۇپلا ئىتىپلاۋەتسە بولىدۇ...--دەيتى ئابدىۋەلى ماڭا تەسەللى بېرىۋاتقاندەك.
-تۆۋە...تۆۋە..بۇ قەۋرىستانلىققۇ!...-دەيتىم ئازاپلىق پۇچۇلنۇپ...

                                                                                      ‹3›
    ئۈرۈمچىدە «ئاۋرال» تېز تاماقخانىسىغا كىرمىگەن ئادەم ئازدۇ-بەلكىم.گەرچە ئۇنىڭ ئالدىدىن كۈنىگە نەچچە قىتىم ئۆتسەممۇ يۈگۈرۈپ كىرىپ بىرە ۋاخ تامىقىنى يەپ چېقىپ كىتىشنى خىيالمۇ قىلىپ كەتمەيمەن.ئايدا يىلدا بىرە قېتىم پوچى،پۇلدار ئاغىينىللىرىم باشلاپ قالغانلاردا ئامالسىز ئەگىشىپ كىرىپ ئۈستىلىنىڭ تۆرىدە جىملا ئولتۇرۋالىمەن -دە ئازادە،داڭلىق بۇ ئاشپۇزۇلنىڭ غىزالانغۇچىللىرىغا ھەۋەسلىنىپ بېقىپ قالىمەن.سائەت-سائەتلەپ تامىقى چېقمىغان خېرىدارلار توخۇغا دان چېچىپ بەرگەندەك ئىككى تۆت تال تامىقىنى قاپىقىنى سۈزۈپ تۇرۇپ ئىشتىھا بىلەن ئالدىرماي يەۋەتىپ قىلغانلىرى قولىنىڭ كەينىدىلا دۇئا قىلىپ بولمىسا يوق ئالدىراش غودۇرشۇپ  چېقىپ كېتىشىدۇ.ئۇلارغا كىبىرلىكنى كىم قويۇپتۇ؟ 15كويغا لەغمەن يەپ قوسىقىنى تويغۇزالماي قاخشاپ ماڭغىچە سەنشىخاڭزىغا بېرىپ 5 كويلۇق لەغمەننى قوشما ئاشلىرى بىلەن كىكەگىدەك يەپ ئاشقىنىغا مەنتەڭ ئىچىپ قايىتسا بولامدىكىنا! ھەدىسلىرىمىزدە تاماققا شەك كەلتۈرۈش توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان ھىدايەتلىك قۇرلار پۈتۈلگەن .ئىسراپچىلىق ۋە باشقا تاماق توغرىسىدىكى ئەقەللى ساۋاتلار ئۈستىدە گەپ بولسا مەيلى چوڭلىرىمىز بولسۇن،مەيلى زىيالىلىرىمىز بولسۇن ئاغزى قۇرۇپ شەلۋەرەپ كەتكىچە دەرىس بېرىپ كىتىدۇ-يۇ ئۆزىچە سۆلەتۋازلىقنىڭ بايرىقىنى لەپپەڭشىتىپ كىتىۋاتقىننى تۇيماي قىلىشىدۇ...مانا مۇشۇ كىشىللىرىمىز ئىسىگە كەلگەندە بىرە قېتىم بەك بولمىغاندا ھېيىتلىرىمىزدا قەۋرىستانلىققا چېقىپ جەددى-جەمەتىنى ياد ئىتىپ قويىشىدۇ.ئۇلارنىڭ مۇشۇنچىلىك قىپ قويغىنىغىمۇ شۈكرى-ئىنسابىنى بەرسۇن!
    ئۆز رىسىقلىرى بېرىۋاتقان پەرۋەردىگارغا قول كۆتۈرۈپ ئىككىلىك گىپىنى جايلاپ  دۇئا قىلىشنى بىلمىگەن،دۇئانى قانداق قىلىشنى بىلمىگەن بۇ «ئەرباپ»لىرىمىز قەۋرىستانلىقتا قانداقمۇ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ قىرائەت قىلىپ بىر نىمە دىيەلىسۇن-دەيسىز!؟...بۇ  گەپنى قەۋرىستانلىقتا مۇشۇنداق خەتمە-قۇرئان قىلىشتەك «ئۇلۇغ»ئىشلىرى بىلەن قېرى جىنىنى جان ئىتىپ كېتىۋاتقان ئىسراپىلكام ئاڭلاپ «بىز نىمىش قىلىمىز»دەپ كاچىتىڭىزغا سالمىسۇن.دىمىسىمۇ ئۇنىڭ تىلى بويىچە ئېيىتقاندا ئۇ مۇشۇ قەۋرىستانلىقتا ئىككى ئەسىردىن بۇيان ھاجەتمەنلەرنىڭ «سېخى قارى»سى بولۇپ ياشاۋىتىپتۇ. پاكار،ۋىجىكرەك كەلگەن 60ياشتىن ھالقىغان بۇ مويسىپىت بىلەن دىدارلىشىشقىمۇ ئاخىرى بىر كۈن  نىسىپ بولدى.ئۇنىڭ بىر ئېغىز تار ،ئاددىلا سەرەمجانلاشقان ئۆيى قەۋرىستانلىقنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئۈچ ئاچىنىڭ دوقمىشىدىلا بولۇپ ئابدىۋەلى ئىككىمىز ئىشىك ئالدىدىلا ماشىنىدىن چۈشۈپ  ئۇشتۇمتۇتلا ئۈسسۈپ كىردۇق.
-ئەسسىلامۇئەلەيكۇم!
- بارمۇسەنۇي ئۇكا،كىلە-كىلە...يۇقىرغىلا ئۆتۈپ كەت..-ئىسراپىلكام ياتقان يېرىدىن ھەربىدەك تۇرۇپ كەتتى ۋە بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى.ئابدىۋەلى قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈشتىن كىيىنلا ئايغىنى دەرھال سىلىپ ئۈستىگە چېقىپ كەتتى.
-ئىشىكنى ئىچىۋىتەيمۇ؟-دىدىم كەكە ساقال،ياشلاردەك تىمەن بۇ كىشىگە سۇئال نەزرى بىلەن تىكىلىپ.
-مەيلى ئۇكا،ھاۋا يەڭگىشلەپ ئولتۇراي دىگەن بولساڭ-ئۇمۇ كۆڭلۈڭ...-دىدى ئۇ خاتىرجەم ئولتۇرۇشقا تەمشىلىپ.ئىشىكنى ھاڭدەك ئىچىۋىتىپ «پۇتۇم پۇرايتى»دىگەننى بانا قىلىپ ئىشىككە يۆلەپ قويغان ياغاچ ئورۇندۇققىلا كۆتۈمنى قويدۇم.«ئۇنداق قارى يەي،بۇنداق قارى يەي دەۋاتاتتى...بىر بەڭگىكەنغۇ...»دەيتىم ئىچىمدە بويتاقشىمال ھوجرىغا كۆز قۇيرىقىمدا نەزەر سالغاچ.
-كۈنىڭ قانداراق ئىسراپىلكا؟-دەيتى ئابدىۋەلى ئۇنىڭغا خۇيخالى قىلۋاتقاندەك.
-شۈكرى جۇما ئۇكا.بۇرۇنقىدەك «كەل،كەل» بولۇپ كەتمىدۇق،ئاشمۇ قالمىدۇق...ئۆزەڭ بىلىسەن ھازىر ئادەملەرمۇ چېڭىپ كەتتى..مۇشۇلا باركەن...پارچە پۇل قالماپتۇ دىسە دەپ 20-30كوي تەڭلەپ قويىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە قىرائەت قىلىدىغانلارنىڭ سانى ئىشىپ كىتىپ رايۇنلارنىمۇ بۆلىشىۋالدۇق....-دەپ توختىماي ئۆز ئەھۋاللىرىنى بايان قىلاتتى-قارىكام.
-ئالدىراپلا كەلگەن ئىسراپىلكا،ساڭا ئازراق ھاجىتىمىز چۈشۈپ...-دىدى ئابدىۋەلى كۆپ ئۆتمەيلا  كېلىش مەخسەتنى داۋاملاشتۇرۇپ.
-قولۇمدىن كەلسىلا مەن بارغۇ-ئۇكا.دىگىنە نىمە ئىش بارتى؟-دىدى ئۇمۇ ئەركەكلەردەك كۆتۈرەڭگۈلۈك بىلەن.
-ھېلىقى ئاغىينىمىز قەمىردىننى تونۇيسەن...
- ھە ھېلىقى دادىسىنىڭ يايلاقتىكى قويلىرىنى سېتىۋىتىپلا قېچىپ كەلگەن گۇي..ئۇ راس خوتۇن ئالىمەن دەپ يۈرۈيتى قانداق بولدى؟
-شۇ،دەل شۇنىڭ ئىشى.يۇرتىدا بىر يۈرگەن قىزى باركەن،بىرە ئايچە بولدى كەپتىكەن...ئۆزەڭ بىلىسەن ئۇنىڭ قولى قىسقا ھازىر توي قىلغۇدەك ماغدۇرىمۇ يوق...شۇڭا بىز ئاغىينىلەر بۇنداق بىر ئۆيدە نىكاھسىز يۈرىۋىرشىنى توغرا تاپماي نىكاھىنى بولسىمۇ ئوقىتىۋىتىلى دەپ ...
-چۈشەندىم كاتتا ئويلاپسىلەر مۇشۇ ئىشنى ،توي دىگەننى قاچان قىلىۋالسا بولىدۇ ئەمەسمۇ-دىدى ئۇ ئابدىۋەلىنىڭ گىپى تۈگمەيلا ئورنىدىن تۇرۇپ.
«ئاخۇنۇم» بىزگە ئەگىشىپ  قەۋرىستانلىقتىن چۈشتى.ئۇنىڭ ئاغىينەمنىڭ ئاغىينىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىش جەريانلىرىدىكى ھېكمەتلىرى ۋە باشقا تەپسىلاتلارنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە سۆزلەپ ئولتۇرمىساقمۇ بولار.
  نىكاھ ئوقۇلۋاتاتتى.قۇرئان ۋە دىنني قايىدە-يۇسۇنلىرىمىزدىن ئانچە-مۇنچە خەۋىرىم بولغاچقىمۇ قەۋرىستانلىقنىڭ سوپى-قارىسى بولمىش بۇ ئىنساننىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى كۆرۈپ يا يىغلىشىمنى يا كۈلۈشۈمنى بىلمەي قالدىم.مەيلىلا،چەتئەللەردە ۋە جوڭگۇنىڭ يىراق شەرىق ئىچكى ئۆلكىللىرىدە تېلفۇندا نىكاھ ئوقۇتۇپمۇ بولىۋەرگەن .ئىنتىرنىتنىڭ «چچ»،«ئايرىمخانا»دەك بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدىمۇ شەخسى نىكاھ ئوقۇپ خاتىرجەم بولۇپ كېتىۋاتقانلار ئازمۇ...بىچچارە قارىكام نىكاھ ئوقۇدۇم دەپ «قۇلخۇۋاللا ئەھەد»نىلا  تولىمۇ مۇڭلۇق،ئالدىرماي 3 قېتىم ياندۇرۇپ ئوقۇپ ئىشنى تۈگەتتى.ئۆزىغۇ كەندىر چېكىپ پاڭ ئىدى.لىكىنزە قىز-يىگىتنىمۇ «تەرىتىڭلار بارمۇ؟» دەپ سوراپمۇ قويمىدى.
-ئامىن ! بىشىڭلار باش،پۇت قولۇڭلار تاش بولۇپ كەتسۇن...-ئۇ قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ دۇنيادىكى ئەڭ سەلتەنەتلىك تىللار بىلەن ئۇلارغا بەخىت تىلىدى.
-ئامىن!قەۋرىستانلىقنىڭ كەندىردەك خۇشپۇراق ئۆلىماسى ئىسراپىلكام ياشىسۇن!-دىدىم بارماقلىرىمغا سۈفلەپ تۇرۇپ.

                                                                                  ‹4›
    شەھەرلىكلىرىمىزنىڭ يانچۇقلىرى توم،نەزىرى ئۈستۈن.ئابروي،ئورۇن-مەرتىۋە يولىدا بىر ئۆمۈر جان پىدالىق بىلەن ياشايدۇ.ئۇلار مەدىنىيەت ۋە تۇرمۇش جەھەتتە بۇ شەھەرگە يات كىشىلەردىن ھامان ئايرىلىپ ياشاشقا تىرشىدۇ.
  ئىتىپاق تىياتىرخانىسى ئالدىدىكى كەشلىك بازار كەچقۇرۇنلىرى قارىسىڭىز ئۇيان -بۇياندىن كەلگەن ھەر قىسىم ئادەملەر بىلەن ئاجايىپ بىر قاينام -تاشقىنلىققا چۆمىدۇ.ھېشنىمە يىگۈسى يوق كىشىلەرمۇ ئاتايىتەن كىلىپ ئۇنى-بۇنى سوراپ تامەششە قىلىپ ئۆتۈپ كىتىشىدۇ.ھېلىقىدەك ئالاھىدە كىشىللىرىمىز بولسا ئاتالمىش «مەينەت»چىلىككە ئۇشقاندەك كىتىۋاتقان ماشىنىللىرىنىڭ ئەينەكلىرىدىن چالا-پۇلا نەزەر سىلىشىپ قايسىدۇر ئالى رىستۇران،ئارامگاھلارغا سېڭىشىپ غايىپ بولىشىدۇ.
  ئاغىينەم ئابدىۋەلى بىلەن تىپىشىپ ھال-مۇڭ بولىشىۋاتقان مەزگىللىرىمدە ئۇ ئارقىلىق يەنە نۇرغۇن شەھەرگە مۇساپىر دوست-يارەنلەر بىلەن تونۇشۇپ كەتتىم.
-ئاداش،كەشلىك بازاغا بېرىپ كىلىلى...بالىلار چاقىرىپتىكەن <چوقۇم كەل>دەيدۇ،ئۇزۇن بولغان كۆرۈشمىگىنى بارمىساق سەت تۇردۇ..-دىدى ئۇ بىر كۇنى نامازشەم تېلفۇن قىلىپ.
  بازارنىڭ يول تەرپىدە تىكلەپ قويۇپ ئولتۇرۇشتىن نۇمۇس قىلامدۇ ۋە ياكى «ساۋۇر بوتكا»لار ئىچ تەرەپتىكى قاتار دۇككانلارغا جايلاشقان بولغاچقىمۇ ئېيتاۋۇر ئىچەرمەنلەرنىڭ ھەممىسى شۇ تەرەپتىكى ئورۇنلارغا سورۇن قۇرشاتتى.
-ياۋ،باركەنسەن-ھە!؟ كىلە-كىلە،يىنىمدىلا ئولتۇر...-دىدى ئورۇق،ئىگىز،قاڭشالىق،يىشى چوڭراق بىرەيلەن ئابدىۋەلىنى يىنىغا تارتىپ.
  «مېھمان»ئەمەسمۇ،مەنمۇ ئۆز يارشىغىمدا كىمدۇ بىرىنىڭ سۇنغان ئەپچىلغىنا تۆمۈر ئورۇندۇقىنى تارتىپ ئەكىلىپ ئارىغا سىغدالدىم.
-بۇ ئاغىينىمىزنى بىر تونۇشتۇرۋەتسەڭ..-دىدى يۈزى سەپكۈنرەك،تەتۈر ئۇستىخان،ئوتتۇرابوي (ساقى شۇمىكىن)بىر ئاغىينىمىز رومكىنى ماڭا سۇنۇپ.
-خاپا بولمىساڭلار ،مەن ئىشمەيتىم -دىدىم نىزىرقىغاندەك كۆپچىلىككە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ ..
-ئاۋال قولۇڭغا ئىلىپ ئۆزەڭنى بىر تونۇشتۇرۋىتىپ ئاندىن ئىچىش-ئىچمەسلىكىڭ ئۈستىدە بىر نىمە دىيىشىلى -ئالە...-دىدى ئابدۇۋەلى خۇددى ئۇلارغا يان بېسىۋاتقاندەك...
نىمە ئامال،مىنىڭغۇ پەقەتلا ئىشكىم يوقتى ھەم ئىشكىم يوق دەپ ئولتۇرۇپ نەچچە قېتىم «ساراڭ»بولۇپ ساقايغان...«ئۈگەنگەن خۇي ئۆلگەندە قالار»دەپتىكەن كونىلار موھىمى ئەشۇ رومكىنى قولۇمغا ئالمىغان بولسام بۇ سىرلارنى سىلەرگە دەپ بىرەلەيتىممۇ؟...
  خۇدادىن قورۇقماي ئىچىپ ئۆتكەن-كەشكەندىن خىجىل بولغاندەك بوتۇلكىسىنى جوزا ئاستىغا يوشۇرۇپ قۇيىۋاتقان ساقى ئىككىسى گىلىدىن ئۆتكەندىن كىيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن بوتۇلكىنى ئۈستىگە ئىلىپ ئىچىلىپلا كەتتى.
  سورۇن نەچچە رومكا ئايلانغاندىن كىيىن بۆلەكچىلا قىززىدى.ئۇلار ھەدەپ ئۆز يۇرتلىرىدىكى ئاجايىپ كىشىلەر،ۋەقەلەر...شەھەردە كۆرگەن بىلگەنلىرى بولسۇن ئەڭ ئالاھىدە،قىزقارلىق دەپ قارىغانلىكى ئىشلارنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىشەتتى.«ئات ئايلىنىپ ئوقۇرنى تاپار»دىگەن راسمۇ ،ئاخىرى ئۇلار ئۆزلىرى قىلىۋاتقان نۆۋەتتىكى تىجارەتلىرى ئۈستىدە پاراڭغا چۈشتى.
ئوقۇرمەنلەرنىڭ يادىدىمىكىن يا ئاڭلىغان بولسا ئىسىدىمىكىن تېخى يېقىندىلا ئۈرۈمچىنىڭ مەلۇم بىر قەۋرىستانلىقىدا قەۋرە يۆتكەلگەن.بىزنىڭ بۇ تىپىلماس يىغىلىشىمىز دەل ئەنە شۇ ۋاقىتلار ئىدى.
- رىپىدىخان يۆتكىگەن مىيىت 20دىن ئېشىپتۇ-جۇمۇ! ھۆكىمەت بېرىدىغان 2000نەچچە يۈز كوينى ئىلىش ئۈچۈن <ئۇ نىمەمتى>،<بۇ نىمەمتى >دەپ نۇرغۇن ئىگىسى يوق كىشىلەرنىڭ مىيىتلىرىنى ئېلىپ كىتىپ تاشلىۋەتتى-دە ئۇ جەددال-دەپ سۆزلاپلا قالدى بىرى.
-تېشىمۇ قارا ئىچىمۇ قارا نىمىكەن ئۇ ...سەت خوتۇن ئاران 100نى،150نى بېرىدۇ.سەن بۈگۈن بىرسىدىن 500نى ئاپسەن-ھە،ھىلەك؟-دىدى يەنە بىر< قوشۇقچى> ئۇلاپلا.
-ئالمامتىكى ،دەپنە ئىدارىسىنىڭ بەرگەن 60كوي پۇلىغا قاراپ تۇرساق ماۋۇ شەھەردە جان باقساق بولار...ھەي مۇشۇ بەزەن خەق ئالامەت گىرى .ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈچۈن 10تىيىن چېقىرىپ قويايمۇ دىمەيدىغانلار باركەن...
- تۈنۈگۈن بىرەيلەن تېخى ئانىسىنىڭ مىيىتىنى كۆتۈرۈپ ماشىنىغا بېسىشتىن قېچىپ 30كوي بېرىپ ماڭا باستۇردى.<كىيىمىم توپا بولۇپ كىتىدۇ> دەپ ماشىنىدىنمۇ چۈشمىدى.
-ئۆتكەندە مەن بىر ئاقچى گۇينىڭ كۆمۈلگىنىگە 3يىل بولغان دادىسىنىڭ قەۋرىسىنى كولاپ قالدىم.ھېلىقى ئاداش تاماكىسىنى پۇقۇرتۇپ چېكىپ توپىغا يانپاشلاپ ياتتى.ساق بىر كۈن ھەپىلشىپتىمەن.ئۇ كاساپەت دادىسىنىڭ ئىچ يەرلىكىنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەبلىكىنىمۇ دەپ بىرەلمەي تازا ئاۋارە قىلدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كۈنى ھاراق چىشلىۋاپتىكەن رەھمەتلىكنىڭ يانپىشىنى چاناپ سالدىم...شۇ پىتىكەن ئەمەسمۇ!...
  نىمە دەي، ئەسلىدە ساپلا قەۋرە يۆتكەشكە قاتناشقان <ئەزمەتلەر> بىلەن ئولتۇرغان ئىكەنمەن..ئۇلارنىڭ ئۆزىدىنمۇ بەتەر زەھەردەك ھېكايىللىرىنى ئاڭلاپ بارغانچە مەس بولۇپ كېتىۋاتاتتىم.شۇ كۈنى كىچىچە كۆزۈمگە ئۇيقا كەلمىدى.قايسىدۇر بىرىنىڭ قەۋرە يۆتكەپ تاپقان پۇلىغا قىمار ئويناۋاتقانلىقى،قايسىدۇر بىرلىرىنىڭ <كەل-كەل كوچىسى>دا ئاللىكىملەرنىڭدۇ كۆزلىرىگە ھاياسىزلارچە تىكىلىۋاتقانلىرى...ئېيتاۋۇر 4  چاقىدا خەلىق پۇلى ئورالغان زۇلمەت دۇنيانىڭ جەڭگىۋار ماشىنىسى قۇلۇقۇم تۈۋىدە توختىماي گۈدۈك چالاتتى....

   

‹5›

   
    بىزنىڭ يېزىدا بىر ئەسىرگە تاقاپ قالغان كونا كىنوخانىدىن بىرى بولۇپ (يېقىندا چېقىۋىتىپ كېلىشتۈرۈپ خەنزۇچە قۇرلۇش سېلىۋالدۇق). تىلىۋزۇر ئومۇملاشمىغان 80-يىللىرى «بۈگۈن ئالامەت سوقۇش كىنو باركەن»دىسە تامىقىمىزنى چالا-پۇلا يەپلا ئانىمىزنىڭ قاخشاشلىرىغا،دادىمىزنىڭ ھۆرپىيىشلىرىگە پىسەنىتمۇ قىلماي كۆزىنى بوياپلا قاچاتتۇق.ئەمما كىنوخانا ئالدىغا بېرىپ ئىچىگە سوقۇنۇپ كىرىۋىلىش بىر چوڭ ئىش ئىدى.بىز قانداقلا بولمىسۇن بىرەر تونۇش-بىلىشنىڭ «بالىسى» بولۇپ ئالدىدا تۇرۋىلىش ۋە ياكى چوڭراق بىرەيلەنگە «ئاكا،تاغا...مىنى ئالغاچ كىرىڭە..»دەپ يىلىنىش ئارقىلىق بولسىمۇ غەمدىن قۇتۇلاتتۇق.بەزەن چاغلاردا بۇ ھېلىللىرىمىزمۇ ئەمەلگە ئاشماي تاكى كىنو يېرىملىشىپ ئىشىك باقارلار ئىشىكنى قويۇپ بەرگۈچە تۇرۇپ كېتىدىغان چاغلىرىمىزمۇ بولاتتى.
    ھۆكىمەتمۇ نەدە ئوسال،گىجىڭ ئادەملەرنى تىپىپ بازار باشقۇرۇش خادىمى،ئامانلىق قوغدىغۇچى،دەرۋازىۋەن...قىلىپ قويامدىكىن ئىشقىلىپ بۇ كىنوخانىنىڭ قارغۇچىسى-ئابلىز قازاق ئىلگىرىكىن ئەسكى نىمە ئىدى.ئۇ كاساپەت كىملەر بىلەن ئىچىدىكىن كۈندە غەرىق مەسلا يۈرۈيتى.ئاغزىنىڭ يامانلىقىغىغۇ گەپ توغرا كەلمەيدۇ.ئەگەر تامدىن سەكرەپ تۇتىلىپ قالساققۇ بولدى-شىپىڭ بىلەن كاسىمىزغا راسا سىلىپ «ۋاي دات! مەن نىمە بولدۇم...» دىگۈزىۋىتەتتى.كېيىن ئۇ ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈپ كەتتى.بىراق ئۇنىڭ ئۆلىمى دەل جۈمە كۈنى ئەتتىگەندە بولغاچقا تا ئۇ ئىسىمىزدىن كۆتۈرلۈپ كەتكۈچە «راسلا جەننەتكە كىرىپ كىتەمۇ»دەپ ئەنسىرەپلا يۈردۇق.....
    قەۋرىستانلىققا تۇنجى چىققان كۈنۈم دوستۇم ئابدۇۋەلى «سەمەت پاينەك»دەپ بىر ئادەمنى تونۇشتۇرغان ئىدى.ئىككى چېكىسى ئىچىلىپ قالغان مامىكاپتەك ھېجىيىپلا تۇردىغان بۇ ئادەمنىڭ ئەشۇ تاز چىرايىغا <پاينەك> لەقىمى ئادەتتىن تاشقىرى باپ كەلگەندەك قىلاتتى.
-ئۇ ئادەم نىمىش قىلىدۇ؟ -سورۇدۇم ھېلىقى كىشى يىراقلاپ كېتىشىغىلا.
-قەۋرىستانلىققا قارايدۇ..-دىدى دوستۇم قىلىۋاتقان ئىشىدىن بىشىنى كۆتۈرمەيلا.
-بۇ يەرگە كونا-دە...
-7-8 يىل بوپتۇ.دەسلەپكى چاغلىرىدا گور كولاپ كۈن كەچۈرەتتىكەندۇق...ھازىر ھەممە ئىش شۇنىڭ قولىدا...-ئابدۇۋەلى ئاستا يىنىمغا كىلىپ توپا يەردىلا بەداشقان قۇرۇپ سەمەت پاينەكنىڭ «تەرەققىيات باسقۇچى»نى باشتىن سۆلەپ بەردى.
-ئۇ ھاراق ئىچەمدۇ؟
-ياق،تاماكىمۇ چەكمەيدۇ.
-ئەمسە كۈلكىسىدە بىرەر سېھىر باركەندە؟..-دىدىم ئۇنىڭ ناھايىتى تىزلا قەۋرىستانلىقنىڭ «مۇئەككەل»لىك بولۇش جەريانىدىن تەئەجەپلىنىپ.
-دەل تاپتىڭ...توغرىسىنى ئېيىتقاندا كۆپۈنچە باشلىقلار ئۆزىگە ئىتتەك سادىق،سىلىنىڭ راس-قۇللۇق دىگۈچىلەر بىلەن ئانچە-مۇنچە يانچۇق،گاللىرىنى  ھۆلدەپ قويالايدىغانلار ئامراق.-ئاغىينەم شۇلارنى دىگەچ ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئۆز ئىشىغا تۇتۇندى.مەن ئۇنىڭ بالدۇراق ئىشىنى تۈگىتىشىنى كۈتكەچ كەڭرى كەتكەن قەۋرىستانلىققا خىيالەن نەزەر سالدىم.
  ئوقۇرمەن ،بەلكىم سىز قەۋرىستانلىقنىڭ باقارمىنى -سەمەت پاينەكنىڭ قانداق ھوقۇقلىرىنىڭ بارلىقىغا قىزىىدىغانسىز.ئەمسە سىزگە دەپ بىرەي...ئۇنىڭ-بۇنۇڭغا دەپ قۇلىقىغا چۈشۈپ قالسا مەندىن ئاغرىنماڭ.
سەمەت پاينەك گۈزەتچىلىك،كۆكەرتىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغاندىن باشقا گور كولىتىش،قەۋرە ياساش،تاش تىكلەش،يەرلىك كۆرسۈتۈش...دەك قەۋرىستانلىقتىكى ھەر قانداق بىر ئىشتا ھۆكىمران ئىكەن.مۇبادا سىز بىرە قېرىندىشىڭىز ئۆلۈپ تارتىپ قالسا ئەڭ ئاۋال كۆرشىدىغىنىڭىز ئەشۇ ئادەم ئىكەن.دەپنە ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئاۋال سەمەت پاينەك بىلەن كۆرۈشمەي بېقىڭچۇ سىزگە قانداق يەرنى كىم،قانداق كۆرسۈتۈپ بېرىدىكىن!
  ئاغىينەم ئىشتىن بوشۇتۇلۇپ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم قەۋرىستانلىققا چېققىنىمدا ئۇنىڭ ئىش ئورنىدا سەمەت پاينەكنىڭ ئوغلى ھۈنەر قىلىۋاتاتتى.
-مەن ئۇقمۇدۇم،«باشقا ئىش قىلىمەن»دەپ ئۆزىچىلا چېكىندىغۇ..._دىدى مىنى ئۇزۇتۇپ چېققان ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۋالغان  تازچاقكام مۇغەمبەرلەرچە ھېجىيىپ....

    مەنبە؛‹داڭگال ئاشكارىللىرى› -قەلەم.

تۈگىدى.

ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىياخشى باھا مۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nalam + 100 ئاجايىپ ياخشى يىزىپسى.
xahlaay + 55 ئالامەت ياخشى يېزىپسىز
nawa + 100 ياخشى يىزىپسەن بۇرادەر!
dolanlik + 99

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 254  مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11715
تۆھپە نۇمۇرى: 1447
توردا: 4652 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-13 10:09:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي 1-بۇلۇپ ئۇقۇغان ئوخشايمەن   ...جەميەتتكى ئىشلارنى ھەقىقي يېزىپسىز قېرىندىشىم .......................... ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

ياخشىلىق قىل قۇل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6619
يازما سانى: 1220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13127
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 5024 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-13 10:14:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئەڭ ياخشىسى توۋا دەپ چىقىپ كىتەي

مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم سۈت بىرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدابۇرچىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34855
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4014
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5230 سائەت
تىزىم: 2011-3-22
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-13 10:45:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاپاسىز ئوغۇلنىڭ كىيىمىنىڭ مەينەت بۇلۇپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ ئانىسىنىڭ مېيىتىنى باشقىلارغا يۆتكەتكەن يىرىنى ئوقۇۋېتىپ دىمىغىم ئېچىشىپ ، خۇددى شۇ ۋاپاسىز ئوغۇل مىنىڭ بالامدەك تەنلىرىم قورۇلۇپ كەتتى .
نىمە بۇلۇپ كىتىۋاتىمىز ھە بىز ؟ شۇ ئۆلۈپ كەتكەن ئانا ، شۇ ئوغلىنى كىچىكىدىن بېقىپ چوڭ قىلمىدىمۇ ھە ؟ ئوغۇلنى قاتارغا قوشۇپ راۋۇرۇس بەردەم ئەر قىلىش ئۈچۈن شۇ ئانىنىڭ كىيىملىرى قانچە رەت توپىغا مىلەنگەندۇ ؟ مۇشۇ ئوغلۇم چوڭ بولسا ، راۋۇرۇس ئەر بولسا ، ئۆيىمىزگە تۈۋرۈك بۇلۇپ بىزنى قوغدىسا ، ئۆلۈپ كەتكىنىمدە تۇپراق بېشىغا چىقىپ ئىككى كەلىمە دۇئا قىلسا دىگەن ئارزۇلارنى قىلمىغانمىدۇ شۇ ئانا ؟
ئويلانغىن ۋاپاسىز ئوغۇل ، سىنى ئاناڭ قورسىقىدا توققۇزئاي توققۇز كۈن كۆتۈردى ، ئاپپاق سۈتى بىلەن سىنى كېچە كېچىلەپ تاتلىق ئۇيقۇسىدىن كىچىپ باغرىدىن ئايرىماي باقمىدىمۇ ؟؟؟ ساڭا گەپ قىلىشنى ، يول مېڭىشنى ، كىيىم كىيىشنى ، قانداق ئادەم بۇلۇشنى ئاناڭ قانچىلىك جەبىر -جاپالار بىلەن ئۆگەتمىدى ؟؟؟  ئەمدى سەن چوڭ بۇلىۋېلىپلا  كىچىككىنە جاپادىن قېچىپ ئاناڭنىڭ جەسىدىنىمۇ كۆتىرەلمىدىڭمۇ ؟؟؟ لىكىن ئۇنتۇپ قالما ۋاپاسىز ئوغۇل ، بۇ جاھان ئۆتنە جاھان . سەن ئاناڭغا قىلغانلىرىڭنى كەلگۈسىدە پەرزەنتىڭ ھەسسىلەپ قايتۇرۇپ بېرىدۇ .

مىللىتىڭدىن نۇمۇس قىلغۇچە،ئۆزەڭدىن نۇمۇس قىل

كۈيچى = باھا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43993
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4936
تۆھپە نۇمۇرى: 639
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2011-6-10
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-13 10:53:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى كىشىلەر ، بەزى ئىشلارنى ئەشۇ چوڭ قەبرە تاش ئاستىدا ياتقان كىشىكەردەك يەتتە قات يەرنىڭ تىگىگە كۆمىۋەتكۈم كىلدىيۇ، ئەمما يەنە ئۇنىڭ تاش ئۈستىگە يېزىلىپ ئەجرىمنىڭ بىكار كىتىشىدىن ئەنسىرەيمەن !

مۇئەللىپكە رەھمەت ! قەلىمىڭىز ئۆلمەسكەن بۇرادەر ، سىزگە ئۇتۇق ، سائادەت تىلەيمەن !

قىزلار ئۈچۈن چۈشكۈنلەشمەستىن تېخىمۇ قەيسەر بول!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23566
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4425
تۆھپە نۇمۇرى: 352
توردا: 4815 سائەت
تىزىم: 2010-12-23
ئاخىرقى: 2014-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-13 11:05:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(ئۇ كاساپەت دادىسىنىڭ ئىچ يەرلىكىنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنىمۇ دەپ بىرەلمەي تازا ئاۋارە قىلدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كۈنى ھاراق چىشلىۋاپتىكەن رەھمەتلىكنىڭ يانپىشىنى چاناپ سالدىم...شۇ پىتىكەن ئەمەسمۇ)(

ما يىرىنى ئوقۇپ بەك چۇچۇپ كەتتىم!ئاقىۋىتى نىمانداق ئىغىر
! باللىرىمىزنىڭ دىلىغا ئىسلامدىن ئىمان ئىتىقاد سالمىساق كىيىن بىز يەرلەككە كىرگەندە ئاشۇنداق يانپىشىمىزغا كەتمەن چاپىدىكەن!!!(ئاھ! خۇدا،يۇزمىڭ مەرتە تـۆۋە!!!!!!)

ئالتۇن قونداق قەپەزدىن لىڭ لىڭ قۇمۇشۇم ياخشى!!!!! مەنبە: بىر قۇشقاچنىڭ تىلىدىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1708
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15138
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2808 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-13 11:07:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلى چۈشىنىشلىك ،ئاممىباب، رىئاللىققا بەك يېقىن ئەسەر بوپتۇ.

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

مۇھەببەت تۈگىگە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3630
يازما سانى: 359
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21402
تۆھپە نۇمۇرى: 3694
توردا: 5182 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-13 11:15:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىچىم بەكلا ئاچچىق بولدى!! ئىتىقادسىزلىقمۇ ياكى ۋىجدانسىزلىقمۇ ۋە ياكى ئىنسانلار بەكلا شەخسىيەتچى بۇلۇپ كەتتىقمۇ!!! بىز پۇلغا شۇنچە ئامىراقلىشىپ كەتتىقمۇ؟ پۇل مۇشۇنداق قىلدۇرىۋاتامدۇ؟ ۋاپاسىزلىقمۇ؟ بىلمىدىم راستىنلا بىلمىدىم. بۇنداق ئادەملەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتىمەن! ئىتىقاد بەكلا سۇسلىشىپ كىتىۋاتامدۇ؟ ئۇلار نىمە دىگەن نادان!!! بۇ دۇنيادا جان بېقىش ئۈچۈن ئاخىرەتلىكنى نىمىشقا ئويلاپ باقمايدىغاندىمىز؟ ئۆلۈمدىن ئىبارەت بىر ئاخىرەتلىكنى ئەسلىتىدىغان بىر ھەقىقەت ئالدىدا بۇنداق ئىشلار ئىمانسىزلىقتىن بولسا كىرەك ، ياق ، نادانلىقتىن!!!

سېنى بويسۇندۇرغان كىشنىڭ ساڭا قىلغان ۋەدىسى ۋە تەسەللىسى، غەلبىدىن كېيىن سىنىڭ ئالدىڭدا كۆرەڭلىگىنىدۇر!

مۇسۇلماننىڭ كۆز

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54862
يازما سانى: 715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6471
تۆھپە نۇمۇرى: 470
توردا: 2705 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-13 11:25:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىنقى يىلى ساۋاقدىشىمنىڭ ئاپىسى تۈگەپ كەتكەندە يىغلاپ تۇرۇپ ،‹ ئاداش ئۈرۈمچىدە باي كەمبىغەللىكنىڭ  پەرقىنى قەبرىستانلىقتا بىلەلەيدىكەنسەن › دېگەن ئىدى ، راس بەك ئېغىر جۇمۇ بۇ ئىشلار ،
يەنە بىر گەپ قەبرىستانلىقتىن پەس تەرەپكە ماڭغاندا بىر دۆڭراق يەر بارغۇ ؟  شۇ دۆڭگە ماشىنىنى توختىتىپ قويسا ماشىنا پەس تەرەپكە ماڭماي دۆڭ تەرەپكە (كەينىگە )  ماڭىدىكەن ،  قول تورمۇزنى تاتىپ قۇيۇپمۇ باقتۇق ، دادامدىن سورىسام چوڭلار ئۇلۇغلارنىڭ قەبرىسى بار دەيدىكەن ، پەن تېخنىكىدا شامال ئېغىزى ، شامال ئىتتىرگەچكە كەينىگە ماڭدىكەن دېگەنتى ، قايىل بولمىدىم ،ماشىنىنى كەينىگە (دۆڭ تەرەپكە ) ماڭغۇزالىغان شامال ، مەن چۈشسەم ئۇچۇرۇپ ئەكەتمىدىغۇ دەپ

مۇسۇلماننىڭ كۆزىدە ئاللاھ بەرگەن ئۈمۈدنىڭ نۇرى بۇلىدۇ !!

ئۆرۈك بۇلۇپ شاخل

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27918
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5204
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 1420 سائەت
تىزىم: 2011-1-26
ئاخىرقى: 2012-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-14 12:17:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا ئاجايىپ ئىنسانلار بار ھە!؟ ئۇلۇغ ئاللا ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەي.ياخشى يىزىپسىز،خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەخمەت،

يولۋاسنى يەڭگەن،شېرىن سوزگە ئەل بولدى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش