سۇئال :ئايال كىشى ئۆيىدە زىينەت بويۇمى ۋە گىرىم بويۇملىرى ئارقىلىق گىرىم قىلغان بولسا نامازنىڭ ۋاقتى كەلگەندە گىرىم بىلەن ناماز ئوقۇسا بولامدۇ؟
جاۋاپ بەرگۈچى ئابدۇللا فەقىھ نازارەتچىلىكىدىكى پەتۋا كومىتىتى.
ۋاقتى:2002-يىلى1-ئاينىڭ 8-كۈنى.
پەتۋا نومۇرى:12501
بارلىق مەدىيھە ئالاملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاغا مەنسۇپ، رەھمەت ۋە خاتىرجەملىك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئەگەشكۈچىلىرىگە بولسۇن.
ئەگەر (پۇراقسىز)گىرىم تاھارەتتن كىيىن قىلىنغان بولسا ياكى تاھارەتتىن بۇۇرن قىلىنغان بولسىمۇ سۇنىڭ يۇزىگە يىتىشىنى توسۇۋالمايدىغان بولسا ئاللا خالىسا مەسىلە يوق. ئەگەر گىرىم تاھارەتتىن بۇۇرن قىلىنغان بولسا ھەم سۇنىڭ يۈزىگە يىتىشتىن توسۇۋالسا سۇنڭ يۈزىگە يەتمەسلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن گىرىمنى يوقىتىش ۋاجىپ. ئەگەر گىرىم نىجاسەت نەرسىدىن ياسالغان بولسا نامازنىڭ دۇۇرس بولۇشى ئۈچۈن سۇ ئارقىلىق ئۇنى يوقىتىش ۋاجىپ. ئاللاھ ئەڭ ئالىم.
پەتۋا ئادرىسى:
http://www.islamweb.net/fatwa/in ... =A&Id=12501
س: گىرىم بىلەن ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكۈمى نىمە؟
پەتۋا بەرگۈچى شەيىخ مۇھسىن ئال ئۇسفۇر.
ناھايتى شەپقەتلىك ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
ئەگەر گىرىم لەۋ سۇرۇق، مەڭزىگە ئىشلىتىدىغان بوياق،سۈرمىگە ئوخشاش كۆز گىرىملىرى بولسا ئۇنىڭ نامازنىڭ دۇرۇس بولۇشىغا تەسىرى يوق. ئەمما پىشانە دىگەندەك سەجدە قىلىدىغان ئورۇنلارغا قىلىنغان گىرىم پىشانە تىرىسىنى توسۇۋالمىغۇدەك دەرىجىدە بولسا ناماز دۇۇرس، توسۇۋالغۇدەك دەرىجىدە قىلىن بولسا ناماز باتىل بولىدۇ. يەنە ناماز بولمايدۇ.
نۇرغۇن ئاياللار توي مۇراسىملىرىغا قاتنىشىش ئۈچۈن غەيرى مۇسۇلمانلارئاياللارنىڭ ساتراچخانىسىغا بىىرپ گىرىم قىلدۇرۇشدىن بۇۇرن ئەسىر ،شام نامازلىرىغا تاھارەت ئىلىۋالىدۇ.بىز باشتا ئىيتقىنىمىزدەك گىرىم سەجدە ئورۇنلىرىنى توسۇۋالىدۇ، ھەم كافىر ساتراچلا نىجاسەت مايلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلانمايدۇ، پىشانىنىڭ سەجدىگاھقا تىگىشى ۋە كىيىمنىڭ ۋە بەدەننىڭ نىجاسەتتىن پاك بولۇشى نامازنىڭ شەرتلىرىدىن بولغاچ بۇ خىل ھالەتتە ناماز دۇرۇس بولمايدۇ.
مەنبەسى:
http://www.al-asfoor.com/fatawa/index.php?id=950
س:ئەسسالام ئەلەيكۇم ،مەن ئىرىم ئۈچۈن گىرىم قىلىمەن ،يۈزۈمدە گىرىم بار ھالەتتە ناماز ئوقۇسام دۇرۇس بولامدۇ؟
پەتۋا بەرگۈچى ئىئوردانىيەلىك مۇفتىۋە ئىسلام شەرىئىتى ئۇستازى دوكتۇر شەيىخ ئەھمەد ھەۋۋا.
ج: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى، ئەگەر گىرىم تاھارەت ئالغان چىغىڭدا سۇنىڭ ئەزالىرىڭغا يىتىشىىدن توسۇپ قالمىسىلا نامىزىڭ دۇرۇس بولىدۇ، توسۇۋالسا تاھارەت ئىلىپ بولغاندىن كىيىن گىرىم قىل.
مەنبەسى:
http://www.baghdadch.tv/fatwa.php?id=1955
ئايال كىشى ئالتۇن ۋە گىرىم بويۇملىرى بىلەن زىينەتلىنىپ ناماز ئوقۇسا دۇۇرس بولامدۇ؟
پەتۋا بەرگۈچى شەيىخ بىن باز رەھىمەھۇللاھۇ ئەنھۇ.
ئايال كىشى ئالتۇن، چىرايلىق كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇسا دۇرۇس بولىدۇ، گىىرم بويۇملىرى نىجاسەت بولماي پاكىز بولسا ئاللادىن قوركۇپ،ئاللاغا مۇلاقات بولۇپ ناماز ئوقۇسا ناماز دۇرۇس بولىدۇ، ئاللا قۇرئان كەرىمدە‹‹ ئى،ئادەم بالىلىرى سىلەر نامازغا تۇرغاندا زىينەت كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار.سۈرە ئەئراف 31-ئايەت.››دەيدۇ. مۇسۇلمان ئەر نامازغا تۇرغاندا ياخشى كىيىم،ياخشى سەللە بىلەن ناماز ئوقۇش بەلگىلەنگەندەك مۇسۇلمان ئايالغىمۇ يات ئەرلەردىن يۇشۇۇرنغان بولسا چىرايلىق كىيىم بىلەن ناماز ئوقۇسا ھىچقىسى يوق. گىرىم دىگەن يۈزنىڭ زىينىتى، يۈزنى زىينەتلەيدىغان، نۇرلاندۇرىدىغان ئەمما زىيان قىلمايدىغان نەرسىلەرنى يۈزىگە سۈرىتىشتە چاتاق يوق، ئاللا سىلەرگە مۇكاپات بەرسۇن.
مەنبەسى:
http://www.binbaz.org.sa/mat/14647
ئەسكەرتىش : بۇ ھەقتە پەتۋالار ناھايتى كۆپ بولۇپ مەزمۇنى ئوخشاش بولغاچقا مۇشۇلارنى تەرجىمە قىلىش بىلەن كۇپايىلەندىم.بۇ پەقەت تەرجىمە پەتۋا بولۇپ ھۇجۇم قىلىدىغانلار ماڭا ھۇجۇم قىلماي ئەرەپچە بىلسە ئادرىسنىمۇ يوللدپ قويدۇم ، شۇ تورلارغا كىرىپ ھۇجۇم قىلغاي، ئەرەپچە بىلمىسە ئۈگۈنۈپ ئاندىن كىرىپ ھۇجۇم قىلغاي، گىرىم قىلىش جەمىيتىمىزئاياللىرىدىكى ئاساسى ھادىسە بولۇپ بۇنى قارغۇلارچە ئىنكار قىلىش ئىسلامدىن ئەمەس، ئىسلام پەقەت قاش، كىرپىك تىرىش ،چاچ ئۇلاش ۋە يالغان چاچ سىلىش ،نورمال ئۆسكەن چىشلارنى تەكشىلەش ئارقىلىق چىراي ئۆزگەرتىشنى،پۇراقلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشنى، ئەۋرەتلەرنى ئوچۇق قويۇشنى، نىپىز ،تار ،قىسقا كىيىملەرنى كىيىشىنى، ئەرلەردەك ياسىنىشنى چەكلەيدۇ. نورمال گىرىم قىلىشنىڭ دۇرۇسلىقىغا تەقۋالىق ۋە چىڭلىقتا داڭقى چىققان مۇھەممەد سالىھ ئۇسەيمىندىنمۇ پەتۋالار بار.. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ‹‹ئىشنىڭ ياخشىسى نورمال بولغىنى ›› دىگەن.