مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7507|ئىنكاس: 22

ھىندىئانلارنىڭ يوقىلىش << سىرى >> [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەخىت- ئاللاھنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41019
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17910
تۆھپە نۇمۇرى: 6011
توردا: 5290 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 07:33:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھىندىئانلارنىڭ يوقىلىش << سىرى >>



ئابدۇۋاھىد مەتنىياز





ھىندىئانلار كۆپ خورلۇققا ، قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ 1754-يىلى فرانكىلىن مۇستەملىكە داھىيلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ، ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارىشى ئۇرۇش قىلماقچى بولغاندا ئامېرىكىنىڭ يەرلىك خەلقلىرىنڭ ئالتە فېدېراتسىيسى بار ئىدى . ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى فېدېراتسىيە تۈزۈمىدە يەرلىك خەلقنىڭ فېرېدراتسىيسىنىڭ تەسىرىمۇ بار ئىدى . ھالبۇكى ،ئۇلار تارىخ سەھنىسىدىن ناھايىتى تېزىلا يوقالدى .ئامېرىكا نوپۇس ئىستاتستىكا ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە 1990-يىلى ئامېرىكىدىكى ھىندىئانلارنىڭ ئۇمۇمى سانى بىر مىليون 900مىڭ ،شۇچاغلاردىكى ئامېرىكا نوپۇسىنى 250مىليون دەپ مۆلچەرلىسەك ، ئۇلار دۆلەتنىڭ ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئاران 0.76%ىنى تەشكىل قىلىدۇ ، دېگەن گەپ .
ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنچە تېزىلا يوقىلىدۇ ؟

ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس ل.س.ستاۋرىئانوس (1913_2004)نىڭ قارىشىچە، ياۋرپالىقلارنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىگە مۇنچە تېز بېسىپ كىرىشى ۋە ئۇنى ئېچشى ئۇلارنىڭ كېيىنكى ئەسىرلەردە ئافرىقىغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە مۇستەملىكە قىلىشى بىلەن روشەن پەرقلىق بولۇپ ، بۇنىڭغا جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىك ،نوپۇسنىڭ شالاڭلىقى ، ئىقتىساد .سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تەشكلات تەرەققىيات سەۋىيسىنىڭ تۆۋەنلىكى ، ئىچكى ئىناقسىزلىق قاتارلىق ئامىللار سەۋەب بولغان ئىدى .بولارنىڭ ھەممىسى ياۋروپالىقلارنىڭ بۇ زېمىننى تېزلىك بىلەن ئىگىلىشىگە پايدىلىق ئىدى .ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ زېمىنى ياۋروپا غا بەك يېقىنبولغاننىڭ ئۈستىگە ،ئىستېلاچىلارنىڭ ئىلىگىرىلىشكە توسالغۇ بولىدىغان قۇملۇق ياكى چوڭ ئىچكى دەريالار ئاز ئىدى .كىلىماتى ئافرىقىغا قارىغاندا ياشاشقا تېخىمۇ ماس كېلەتتى .ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا ، يەرلىك ئاھالىلارنىڭ نوپۇسى ئىنتايىن ئاز ئىدى ، شۇنداق بولۇشغا قارىماي ، ئۇلارنىڭ تىلى بەك مۇرەككەپ ئىدى .ياۋروپالىقلار ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ دەسلىپىدە پۈتۈن غەربىي يېرىم شاردا 2000 خىلدەك تىل بار ئىدى . بۇ يەرلىك قەبىلىلەردە 250 خىلغا يېقىن تىل بار ئىدى . بۇ تىللارنى ئىشلىتىدىغان كشىلەرنىڭ سانىمۇ ئاز ئىدى . بۇ تىللارنى ئىشلىتىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىمۇ ئاز ئىدى .تىلدىكى كۆپ خىللىق مەدنىيەتنىڭ كۆپ خىلىقىقىغا سەۋەب بولغان ئىدى. تىلدىكى كۆپ خىللىق مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىلىقىغا سەۋەب بولغان ئىدى. ل.س.ستاۋرىئانوسنىڭ يەكۈنىچە، ئىسپانىيەلىكلەر بۇ زېمىنغا بېسىپ كىرىشتىن ئاۋۋال بۇ يەردە مايا مەدەنىيىتى ، ئازتېك مەدەنىيىتى، ئىنكا مەدەنىيىتى شەكىللەنگەن ئىدى. ياۋروپالىقلارنىڭ نەزەرىدە ھىندىئانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتى كەم ئىدى .ھىندىئانلارنىڭ ئىقتىسادى ئارقىدا قالغان بولۇپ ، ئۇلار يەنىلا تاش قورللار دەۋرىدە دېگۈدەك ياشايتتى .ئۇلاردا تېخىچە ئات يوق ئىدى، ئاساسلىقى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن كۈن كەچۈرەتتى، ھىندىئانلارنىڭ ئومۇمىي مەدەنىيىتىمۇخېلىلا ئارقىدا قالغان بولۇپ ، ھىندىئانلار ياۋرپالىقلارنىڭ بىلەن ئۇچرىششىتىن ئاۋۋال ئۆزلىرىنى ئاسىيانىڭ قىرغىقىدا ياشايمىز دەپ تونۇيتتى .ھىندىئانلار تولىمۇ بىخۇد ، ساددا بولۇپ، ئۇلار ئىسپانىيىلىكلەرنىڭ شەمشىرىنى قولى بىلە تۇتۇۋېلىپ قوللىرىنى كېسىۋالغان ئىدى .

ئۇلار دائىم ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىپ تۇراتتى ، پەقەت مىسسىسىپىي دەرياسى ۋادىسىدىكى ھىندىئانلار ئولتۇراق رايونىدىلا تەشكىلىي تېررىتورىيە بار ئىدى . ئەمما ،گېئورگى ۋېللسنىڭ يېزىشىچە ، ئىسپانىيەلىكلەر بۇ زېمىنغا يېڭى كەلگەندە،يەرلىك ئاھالىلاردا غەلىتە ، ۋەھشىي ئادەتلەر كۆپ ئىدى . << ئۇلاردا ئادەم ئادەمنى يەيدىغان ئادەت ئۇمۇملاشقان ئىدى >>. ئازتېكلار بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان ئىدى. ئۇلاردا ھەممە ئەرلەر قالقان قىلىچ ۋە قىڭراق دېگەندەك قوراللىرىنىڭ ئۈستى ئالتۇن ۋە قاشتېشى بىلەن بېزەلگەن ئىدى . شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ، ئۇلاردا ئادەم نەزىر قىلىدىغان ئادىتى بار ئىدى . ئازتېكلار ،ئەسىرلەرنى  تىرىك تۇتۇۋېلىش سوۋغاتلاردىنمۇ مۇھىم دەپ قارايتتى . چۈنكى كاھىنلار ئۇلارنى دۇنيانى كەلكۈن بېسىپ كېتىشى ، قۇياشمۇ بىر كۈنى ئارام ئېلىش مۇمكىن ،دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى، شۇڭا ، دائىم ئادەم نەزىر قىلىپ خۇدانىڭ روھىغا تەسەللىي بېرىشى كېرەك ئىدى . بىراق بۇ قىلمىشى ئازتېكلارنى ھەقىقىي ياۋۇزلۇقىنىڭ ئايلانما شەكىلدە داۋاملىشىشىغا ئېلىپ بارغان ئىدى .ئومۇمىي ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، ئادەم ئارقىلىق نەزىر قىلىدىغان ئادەمگە ئىگە بولغىلى بولاتتى .پەقەت ئادەم نەزىر قىلسىلا، ئاندىن ئۇرۇشتا غەلىبە قازانغىلى بولاتتى، ئەكسىچە، پەقەت ئۇرۇش ئارقىلىقلا نەزىر قىلىدىغان ئادەمگە ئىگە بولغىلى بولاتتى >> . ئىسپانىيەلىكلەر ئازتېك دۆلىتىنىڭ بايلىقى ۋە ھەشەمىتىگە كۆزى قامىشىپلا قالماي ، بەلكى ئۇلارنىڭ دىنىي كۈچى بىلەن قىرغىن قىلىپ ،قۇربانلىق قىلغان ئىشىدىن تېنى شۈركىنىپ كەتكەن ئىدى ، ئۇلار كېيىنچە ئېھرامنىڭ نەزىر –چىراغ مېھرابى ئىكەنلىكىنى بىلدى . ھەممە يەردە كۆرگىلى بولىدىغان ، دىنىي مۇراسىم ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئېھرامنىڭ چوققىسى نەزىر قىلىنىدىغان ئادەملەر قىرغىنغا ئۇچرايدىغان جاي ئىدى .نەزىر مۇراسىمى ئوتتۇرا ئامېرىكىدا ناھايىتى ئومۇملاشقان بولسىمۇ ، باشقا جايلاردائازتېكلاردەك ئۇنداق چوڭ قىرغىن قىلمايتتى .ل.س.ستاۋرىئانوسنىڭ نەقىل ئېلىشىچە، بىئېرنا دىياس ئىسملىك بىر كىشى ئەينى ۋاقىتتا مۇنداق يازغان ئىدى:

<<مەن بۇ سوكتران بازار رايونىدىكى بۇتخانىغا يېقىن ئاشۇ يەرنى زادىلا ئۇنتالمايمەن ، ئۇ يەردە ناھايتتى رەتلىك دۆۋىلەپ قويۇلغان باش سۆڭىكى بار ئىدى .بەلكىم 100مىڭدىن كۆپرەكتۇر . مەن يەنە تەكرالايمەن ،100مىڭدىن كۆپرەك ، ئوخشاشلا ، بۇ مەيداننىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىدا ،سىز يەنە رەتلىك دۆۋىلەپ قويۇلغان نورغۇن ئادەمنىڭ جەسىتىنى كۆرەلەيسىز .ساننىڭ قانچىلىكلىكىنى ھېسابلاپ بولغىلى بولمايدۇ . بۇنىڭدىن باشقا يەنە نورغۇن ئادەم بېشى يولنىڭ ئىككى يېنىدىكى تۈۋرۈكلەرگە ئېسىپ قويۇلغان ئىدى . بۇ دۆلەتتىكى ھەرقانداق بىر شەھەردە بىز ئوخشاشلا قورقۇنچلۇق مەنزىرىنى كۆرەتتۇق >>.

دېمەك ، ئۇلاردا ئۈنۈملۈك قارىشىلىشىش ئىقتىدارى يوق ئىدى .ئۇلاردا بىرلىك كەم ئىدى .ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى ھۆكۈمرانلىرى بۇ ئاجىز زەئىپ خەلقنى قەدەممۇ قەدەم چېكىندۈرۈپ ، قىستاپ ئاخىرى رەسمىي يوقىلىش گىردابىغا كىرگۈزۈپ قويغان ئىدى .ئامېرىكىنىڭ 19-ئەسىردىكى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ گېنرالى فىلىپ شىلدون ؛ <<بىز ئۇلارنىڭ دۆلىتى ۋە تۇرمۇش ۋاستلىرىنى بولاپ كەتتۇق كىممۇ بۇنداق بۇلاڭچىلىققا چىداپ تۇرالىسۇن .كۈندۈزدىكى بۇ بۇلاڭچىلىقنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەلۇم ئويۇنلارنى ئوينىدى .1830-يىلى فېدرتسىيە ھۆكۈمىتى <ھىندىئانلارنى كۆچۈرۈش قانۇنى >نى ماقۇللاپ غەربتىن ھىندىئان قەبىلىلىرىگە يېڭى ئولتۇراق زېمىن ئايرىپ بېرىپ ، جەنۇبتىن زېمىنغا تېگىشمەكچى بولدى.لېكىن ،غەربتىكى ئالاباما ،مىسسىسپىي .جورجىيە شىتاتلىرى ھىندىئان قەبىلە ھاكىمىيىتىنى قانۇنسىز ھۆكۈمەت دەپ قاراپ ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالىدى ، ھىندىئانلار قەبىلىلىرى ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئۈستىدە سوتقا ئەرىز قىلدى .ئەڭ يوقىرى سوت ئەرىزنى قوبۇل قىلىپ ، ھىندىئانلار قەبىلىلىرىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەق دەپ قارىدى .لېكىن ، ئاندىرۇ جېكسون زوڭتۇڭ سوتنىڭ ھۆكمىنى كۆزىگە ئىلماي ،قەبىلىلەرگە شەرتنامىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە تەكلىپ بەردى .بۇنداق قىلشتىكى مەقسەت ھىندىئانلارنى غەربىنىڭ تېخىمۇ يىراق يەرلىرىگە قوغلاش ئىدى .دەپ يازىدۇ.

مەنبە : << ئۆكۈنۈش ۋە ئېىتراپ>> ناملىق ماقالىدىن تاللانما.

ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر! يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18545
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7133
تۆھپە نۇمۇرى: 377
توردا: 2462 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 08:02:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن تىخى ئىندىيان مىكى دىسەم ئەسلىدە ھىندىيان كەندە بىلۋالدىم .
ئىندىيان دىگەن قايسى ئەمدى ؟؟

ھايات مەن ئۈچۈن  ھەممىدىن قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت .
لىكىن كىچىمەن ھەرئىككىسىدىن ،
ئازاتلىق ئەركىنلىك ئۈچۈنلام پەقەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13428
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5931 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 08:33:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەيلى ئىندىيان بولسۇن ياكى ھىندىيان بولسۇن ھەممىسى بىر ھون دىگەن گەپ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36679
يازما سانى: 1041
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6896
تۆھپە نۇمۇرى: 141
توردا: 4391 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2013-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 10:00:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت

تاغ سۈپەت قەددى بار ئىگىلمەيدىغان،
شىرسۈپەت روھى بار يىڭىلمەيدىغان .
ھەق ئۈچۈن ئۆلگەن بار تىرىلمەيدىغان.
شۇنداق بىر ۋەتەننىڭ ئوغلى ئىدىم مەن.

ئادەم يېنىدىكى ن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2676
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10709
تۆھپە نۇمۇرى: 464
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2010-6-14
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 10:01:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  ramu كە 2011-09-12 08:33 PMئەۋەتىلدى  :
مەيلى ئىندىيان بولسۇن ياكى ھىندىيان بولسۇن ھەممىسى بىر ھون دىگەن گەپ!
بۇ ناخشا كونىراپ كەتتى ، ئوقىۋەرسىڭىز خەق قوڭىدا كۈلىدۇ .

گېنرال بولىشنى ئويلىمىغان موزدۇز ياخشى ناۋاي ئەمەس...

كۈيچى = باھا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43993
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4891
تۆھپە نۇمۇرى: 639
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2011-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 10:02:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چىڭگىزخاندىن قېچىپ ئافرىقىغا ئۆتۆپ كەتكەن ھۇنلار «يەنە بىر پۈتۈكتە ئۇيغۇرلارمۇ دىيىلگەن» ھازىرقى شۇ ئىندىيانلار ئىكەن ، مەن شۇ كىتاپتىن ئۇقۇشۇمچە تۈركىيەلىك بىر ئۇيغۇرشۇناس  ئىندىيانلارنىڭ مەھەللىسىدە ساپ ئۇيغۇرچە يەر ئىسىملىرىدىن 10 نەچچىنى ئۇراتقان مەسىلەن: ئاقسۇ،كۆلۋېشى دىگەندەك ،بۇلار يۇقالسا.............

قىزلار ئۈچۈن چۈشكۈنلەشمەستىن تېخىمۇ قەيسەر بول!

ئادەم يېنىدىكى ن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2676
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10709
تۆھپە نۇمۇرى: 464
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2010-6-14
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 10:04:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە ئامېركىدىكى ئەسلى ئاھالىلەرنى ‹ئىندىئانلار›دەيمىز .

گېنرال بولىشنى ئويلىمىغان موزدۇز ياخشى ناۋاي ئەمەس...

كۈيچى = باھا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43993
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4891
تۆھپە نۇمۇرى: 639
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2011-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 10:05:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6قەۋەتتىكى(gunes) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇر

ھا..ھا ، ما يۇمۇر قىززىپتۇ ئەمما !! شۇنداق شۇنداق !

قىزلار ئۈچۈن چۈشكۈنلەشمەستىن تېخىمۇ قەيسەر بول!

ئادەم يېنىدىكى ن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2676
يازما سانى: 521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10709
تۆھپە نۇمۇرى: 464
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2010-6-14
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 10:09:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىندىئان-ئامېرىكا قىتئەسىدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي نامى . بۇ ئىسىمنى كولۇمبو )Gristoforo Colombo 1541-6051(ئامېرىكىدىكى يەرلىك ئاھالىلارغا ئىسىم قىلىپ قويغان . كېيىن بۇ ئۇلارنىڭ رەسمىي مىللەت نامى بولۇپ قالغان . ئىندىئانلارنىڭ تېرىسى قىزىلغا مايىل قارا بولۇپ ، ئىلگىرى قىزىل ئىرقتىكىلەر دەپ ئاتالغان . ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئوتتۇرا ، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئولتۇراقلاشقان .
ھىندىئانلار ___مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى . ھىندىلار ھىندىستان ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ .
ئىككىسنڭ پەرقى  بار .

گېنرال بولىشنى ئويلىمىغان موزدۇز ياخشى ناۋاي ئەمەس...

ئالدىراشلىق .....

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47298
يازما سانى: 828
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3083
تۆھپە نۇمۇرى: 248
توردا: 4151 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-13 12:09:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5قەۋەتتىكى(kvyqi) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇر

ھونلار قىزىل تەنلىكلەركەندە .........
مايا مەدەنىيتىنى دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ بىرى دەپ يۈرۈپتىكەنمەن ،مىڭ يىلغىمۇ يەتمەيدىكەن تارىخى بۇ بويىچە بولغاندا

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش