مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4677|ئىنكاس: 19

تۇزلۇق قەھۋە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۈمىدئۇزۇن ئۆمۇردىن...

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2839
يازما سانى: 2084
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 57732
تۆھپە نۇمۇرى: 995
توردا: 2986 سائەت
تىزىم: 2010-6-20
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 01:53:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




ئۇلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالدى. شۇ كۈنى كەچتە يىگىت قىزنى قەھۋە ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى. قىز بۇ ناتونۇش يىگىتنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشنى ياكى رەت قىلىشنى بىلمەي ئىككىلىنىپ قالدى - يۇ، ئەمما تەربىيە كۆرگەنلىكىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، يىگىت بىلەن بەش مىنۇت بىللە ئولتۇرۇشقا ماقۇل بولدى. ئۇلار كوچىنىڭ بۇلۇڭىدىكى قەھۋەخانىغا كىردى. يىگىت قىزنىڭ بۇ ئىلتىپاتىدىن شۇ قەدەر ھاياجانلاندىكى، ھەتتا قىزغا ‹‹رەھمەت!›› دېگەن سۆزنىمۇ ئېيتالمىدى. بۇ ھال قىزنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى. قىز ‹‹ئەمدى كېتەيمىكىن›› دەپ تۇرغاندا، يىگىتنىڭ تىلى زۇۋانغا كىرىپ مۇلازىمنى چاقىردى:
- ماڭا ئازراق تۇز ئەكىلىپ بەرسىڭىز، - دېدى ئۇ مۇلازىمغا، - قەھۋەگە سالماقچى ئىدىم!
قەھۋەخانىدىكىلەر يىگىتكە ھەيرانلىق بىلەن قارىدى.
يىگىت مۇلازىم كەلتۈرگەن تۇزنى قەھۋەسىگە سالدى - دە، ئىچىشكە باشلىدى.
- غەلىتە ئادىتىڭىز بار ئىكەن - !دېدى قىز ھەيرانلىقىنى يوشۇرالماي،  - قەھۋەگە تۇز سېلىپ ئىچكەن ئادەمنى ئۆمرۈمدە تۇنجى  كۆرۈشۈم.
يىگىت چۈشەندۈردى:
- مەھەللىمىز دېڭىز بويىدا، كىچىكىمدە دائىم دېڭىزنىڭ تېيىز قىرغاقلىرىدا سۇغا چۆمۈلۈپ ئوينايتتىم. شۇ ۋەجىدىن دېڭىزنىڭ تۇزلۇق سۈيىگە كۆنۈپ قاپتىكەنمەن. شۇ تەم بىلەن چوڭ بولدۇم ھەم بۇ تەمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. شۇڭا قەھۋەگە تۇز سېلىپ ئىچىمەن. ھەر قېتىم تۇزنىڭ تەمىنى تېتىسام، گۈزەل دىڭىز بويىنى،دېڭىز بويىدىكى غېرىبانە ئۆيىمىزنى، بىغۇبار بالىلىق چاغلىرىمنى، ئاتا - ئانام ۋە قېرىنداشلىرىمنى ئەسكە ئالىمەن،ئەنە ئاشۇنداق ئەڭ سۆيۈملۈك ھايات قوينىدا ياشاش ماڭا نىسىپ بولغان ئىدى ، ئۇلارنى شۇ قەدەر سېغىندىمكى، بۇنى تىل بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەس...
قىز بۇنى ئاڭلاپ بەكمۇ تەسىرلەندى.
قەلبىدىكى چىن تۇيغۇلىرىنى مۇشۇنداق سەمىمىي، راستچىللىق بىلەن ئىزھار قىلالىغان ئادەمدىن چوقۇم ۋاپا كېلىدۇ،  - دەپ ئويلىدى قىز، - يەنە كېلىپ، مۇشۇ ئاي، مۇشۇ كۈنلەردە يۇرتىغا، ئاتا – ئانا،قېرىنداشلىرىغا ،ئەڭ مۇھىمى گۈزەل ھاياتقا مېھرى بۇنداق چوڭقۇر يىگىتلەر كەم تېپىلىدۇ...
ئەمدى قىزمۇ قورۇنماي پاراڭلىشىشقا باشلىدى. يۇرتىنىڭ، ئۆيىدىكىلىرىنىڭ گېپىنى قىلىپ بەردى... قىزىقارلىق، كۆڭۈللۈك ،چىن پاراڭلار خېلىغىچە داۋام قىلدى ۋە ئىككىيلەننىڭ قەلب رىشتى بىر - بىرىگە  باغلاندى.
شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇلار پات  - پات ئۇچرىشىپ تۇردى ۋە كۆپ ئۆتمەيلا نىكاھ رەسمىيىتىنى بېجىرىشتى.

ئۇلار بىر - بىرىنى قەدىرلەپ، ھۆرمەتلەپ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈردى،ۋاپا-ئىشەنچ ئۇلارنىڭ بەخىت قېنىغا سىڭگەن ئىدى.قاچانكى ئايالى ئېرىگە قەھۋە تەييارلىسا، بىر قوشۇق تۇز سېلىشنى ئۇنتۇمايتتى.
40 يىلدىن كېيىن بوۋاي ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ سەكراتقا چۈشكەندە ‹‹مەن كۆز يۇمغاندىن كېيىن ئوقۇڭ›› دەپ ئايالىغا بىر پارچە خەت قالدۇردى، ئۇنىڭغا مۇنۇلار پۈتۈلگەنىدى.
‹‹...سۆيۈملۈكۈم، ئالدىڭىزدا گۇناھكارمەن! بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى بىر ئېغىز يالغان گەپ ئۈستىگە قۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن مېنى كەچۈرۈڭ! ھاياتىمدا سىزگە <تۇزلۇق قەھۋە> ھەققىدە بىرلا قېتىم يالغان سۆزلىدىم.
تۇنجى ئۇچرىشىشىمىز ئېسىڭىزدە بولسا كېرەك، شۇ چاغدا تولىمۇ ھاياجانلانغىنىمدىن، ھودۇقۇپ كېتىپ <شېكەر> دەيمەن دەپ <تۇز> دەپ ساپتىمەن. كېيىن <ئالماشتۇرۇپ قويۇپتىمەن> دېيىشتىن ئۇيالدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ يالغانچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. سىزگە بۇ ھەقتە بىر نەچچە قېتىم راست گەپ قىلىشقا ئۇرۇنغان بولساممۇ، بىراق ئىناق، بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا چاك كېتىشىدىن ئەنسىرىدىم... قىسقىسى، سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن بەك قورقتۇم...  شۇڭا كۆز يۇمۇشتىن ئاۋۋال سىزگە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيتىش قارارىغا كەلدىم.
راستىنى ئېيتقاندا، مەن تۇزلۇق قەھۋەگە ئامراق ئەمەس. چۈنكى ئۇ ئىنتايىن قىرتاق، بەتتام. ئەمما، سىز بىلەن بىللە ياشىغان بىزنىڭ ھاياتىمىز تەملىك ،مەن ئۈچۈن ئەڭ زور تاتلىق بەخىت. شۇڭا ئىككىمىزگە مۇشۇ بەخىتنى ئاتا قىلغان تۇزلۇق قەھۋەگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ھەم ئۇنىڭغا مەڭگۈ قەرزدارمەن. ئەگەر ئىنسانغا قايتا تۇغۇلۇش نىسىپ بولسا ئىدى، ھەممىنى باشتىن باشلاپ، سىز بىلەن قايتا تونۇشاتتىم ۋە ھاياتىمنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىنى سىزدىن ئايرىلماي ئۆتكۈزەتتىم. بۇنىڭ بەدىلىگە يەنە بىر ئۆمۈر تۇزلۇق قەھۋە ئىچسەممۇ مەيلى ئىدى...››
موماي كۆز ياشلىرى بىلەن قەغەزنى ھۆل قىلۋەتتى تۈزلۇق قەھۋە شاھىتى بىلەن يارالغان مۇھەببەت ھېكايىسىنى باغرىغا باستى.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە موماي نەۋرىلىرى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا، ئۇلار ‹‹بوۋام ئىچكەن تۇزلۇق قەھۋە قانداق ئىدى؟›› دەپ سوراپ قالدى.
موماينىڭ نۇرسىز كۆزلىرى ياشقا  تولدى.
- ئىنتايىن... ئىنتايىن تەملىك ئىدى -!دەپ جاۋاب بەردى ئۇ ئېغىر ئۇھسىنىپ.
[mp3=1]http://www.chinarundu.com/meadia/3.mp3[/mp3]


تۈرۈكچىدىن تەرجىمە قىلىپ يوللاندى   زامانى تەرجىمىسى


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
kugul + 200 ئۇزۇن بوپتىكەن تىمىڭىزنى كۆرمىگىلى.
YuqunAdam + 200
zuhal + 100 ھەقىقەتەن تەسىرلىككەن !!
شاتئاي + 100 نىمانداق تەسىرلىك!!!

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 600   باھا خاتىرىسى

ئۈمىدئۇزۇن ئۆمۇردىن....

لـــەيـــلى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24032
يازما سانى: 1783
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16579
تۆھپە نۇمۇرى: 803
توردا: 6358 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 02:13:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


بۇ ئەسەرنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇغىنىمدىن خۇرسەنمەن ، جاپا چىكىپسىز .

توغرا بولمىساڭ چوقۇم ئەگرىسەن . ئايالچىلىك بولالمىساڭ ، ئەركەك ئەمەسسەن ...

لـــەيـــلى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24032
يازما سانى: 1783
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16579
تۆھپە نۇمۇرى: 803
توردا: 6358 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 02:17:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىشقا رەسىم يوللىسا چىقمايدۇ ، قەھۋەنىڭ رەسىمىنى قىستۇرۇپ قوياي دىسەم ...

توغرا بولمىساڭ چوقۇم ئەگرىسەن . ئايالچىلىك بولالمىساڭ ، ئەركەك ئەمەسسەن ...

ئۇلۇغ ئاللاھ ھەم

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40474
يازما سانى: 1088
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6912
تۆھپە نۇمۇرى: 511
توردا: 2390 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 02:19:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇ ئەسەرنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇغۇنىمدىن خۇرسەنمەن،بۇرۇنمۇ بىر قېتىم ئوقۇغان بىر-بىرسىنى مۇشۇنداق قەدىرلىسىلا بەخىت دېگەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولمايدۇ،تېمىڭىزغا تەشەككۈر.

ھاكاۋۇرلۇق قىلما تەغدىرداش، ئىنسان بىز ھەممىمىز تۇپراقداش. ئاللاھىم ئالدىدا بىز ئوخشاش، قەبرىگە ھەم ئوخشاش سەپەرداش.

لـــەيـــلى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24032
يازما سانى: 1783
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16579
تۆھپە نۇمۇرى: 803
توردا: 6358 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 02:24:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

Kıza bir partide rastlamıştı.. Harika bir şeydi. O gün peşinde o kadar delikanlı vardı ki.. Partinin sonunda kızı kahve içmeye davet etti. Kız parti boyu dikkatini çekmeyen oğlanın davetine şaşırdı, ama tam bir kibarlık gösterisi yaparak kabul etti. Hemen köşedeki şirin kafeye oturdular. Delikanlı öyle heyecanlıydı ki, kalbinin çarpmasından konuşamıyordu. Onun bu hali kızın da huzurunu kaçırdı...

"Ben artık gideyim" demeye hazırlanırken, delikanlı birden garsonu çağırdı...

"Bana biraz tuz getirir misiniz" dedi.. "Kahveme koymak için.."

Yan masalardan bile şaşkın yüzler delikanlıya baktı... Kahveye tuz!.. Delikanlı kıpkırmızı oldu utançtan, ama tuzu kahvesine döktü ve içmeye başladı. Kız, merakla "Garip bir ağız tadınız var" dedi..

Delikanlı anlattı:

"Çocukken deniz kenarında yaşardık. Hep deniz kenarında ve denizde oynardım. Denizin tuzlu suyunun tadı ağzımdan hiç eksilmedi. Bu tatla büyüdüm ben.. Bu tadı çok sevdim. Kahveme tuz koymam bundan. Ne zaman o tuzlu tadı dilimde hissetsem, çocukluğumu, deniz kenarındaki evimizi ve mutlu ailemi hatırlıyorum. . Annemle babam hala o deniz kenarında oturuyorlar... Onları ve evimi öyle özlüyorum ki.."

Bunları söylerken gözleri nemlenmişti delikanlının... Kız dinlediklerinden çok duygulanmıştı. İçini bu kadar samimi döken, evini, ailesini bu kadar özleyen bir adam, evi, aileyi seven biri olmalıydı. Evini düşünen, evini arayan, evini sakınan biri... Ev duyusu olan biri... Kız da konuşmaya başladı... Onun da evi uzaklardaydı.. Çocukluğu gibi... O da ailesini anlattı. Çok şirin bir sohbet olmuştu... Tatlı ve sıcak...

Ve de bu sohbet öykümüzün harikulade güzel başlangıcı olmuştu tabii... Buluşmaya devam ettiler ve her güzel öyküde olduğu gibi, prenses, prensle evlendi. Ve de sonuna kadar çok mutlu yaşadılar. Prenses ne zaman kahve yapsa prensine içine bir kaşık tuz koydu, hayat boyu... Onun böyle sevdiğini biliyordu çünkü...

40 yıl sonra, adam dünyaya veda etti. "Ölümümden sonra aç" diye bir mektup bırakmıştı sevgili karısına... Şöyle diyordu, satırlarında...

"Sevgilim, bir tanem... Lütfen beni affet. Bütün hayatımızı bir yalan üzerine kurduğum için beni affet. Sana hayatımda bir tek kere yalan söyledim... Tuzlu kahvede... İlk buluştuğumuz günü hatırlıyor musun?.Öyle heyecanlı ve gergindim ki, şeker diyecekken 'Tuz' çıktı ağzımdan... Sen ve herkes bana bakarken, değiştirmeye o kadar utandım ki, yalanla devam ettim. Bu yalanın bizim ilişkimizin temeli olacağı hiç aklıma gelmemişti. Sana gerçeği anlatmayı defalarca düşündüm. Ama her defasında korkudan vazgeçtim. Şimdi ölüyorum ve artık korkmam için hiçbir sebep yok...

İşte gerçek... Ben tuzlu kahve sevmem. O garip ve rezil bir tat.. Ama seni tanıdığım andan itibaren bu rezil kahveyi içtim. Hem de zerre pişmanlık duymadan. Seninle olmak hayatımın en büyük mutluluğu idi ve ben bu mutluluğu tuzlu kahveye borçluydum.

Dünyaya bir daha gelsem, her şeyi yeniden yaşamak, seni yeniden tanımak ve bütün hayatımı yeniden seninle geçirmek isterim, ikinci bir hayat boyu daha tuzlu kahve içmek zorunda kalsam da.."

Yaşlı kadının gözyaşları mektubu sırılsıklam ıslattı. Lafı açıldığında birgün biri, kadına "Tuzlu kahve nasıl bir şey" diye soracak oldu...

Gözleri nemlendi kadının...

"Çok tatlı!..." dedi...


توغرا بولمىساڭ چوقۇم ئەگرىسەن . ئايالچىلىك بولالمىساڭ ، ئەركەك ئەمەسسەن ...

لـــەيـــلى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24032
يازما سانى: 1783
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16579
تۆھپە نۇمۇرى: 803
توردا: 6358 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 03:36:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

5قەۋەتتىكى(aptap104) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالد

مەن تۈركىيەلىك ئەمەس ، تېمىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى يوللاپ قويدۇم تورداش !

توغرا بولمىساڭ چوقۇم ئەگرىسەن . ئايالچىلىك بولالمىساڭ ، ئەركەك ئەمەسسەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53741
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3085
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2011-8-29
ئاخىرقى: 2011-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 03:43:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەر ھەقىقەتەن ياخشىكەن . بۇ مىنڭ تۇنجى قىتىم ئوكۇشۇم   . ئاداش مەن يڭى ئەزا ئىدىم . بۇ ئەسەر نى ساقلىۋالغىلى بولمامدا ؟!!

ھايات مەن ئۈچۈن  ھەممىدىن قىممەت ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت لىكىن كىچىمەن ھەرئىككىسىدىن ئازاتلىق ئەركىنلىك ئۈچۈنلام پەقەت

كونا مۇنبەرداشلارنى سېغىندىم

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 6249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29116
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 2079 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 03:47:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇزنى كۆپ ئستىمال قىلسا ، قان بىسىمى بولۇپ قالمامدۇ   (ئاددىيلا چاخچاق ھە)

شۇنچىلىك تەسىرلەندىم .ھەقىقى مۇھەببەت كارتىنىسى. ھەقىقىىى ئاشىق يۈرەكلەر.بوۋاي بىر ئۆمۈر قىرتاق قەھۋەنى ئېچىشكە رازى بوپتۇ. ھەممىسى مۇھەببەتنىڭ كۈچىدە
ئادىشىمنىڭ مۇنداقمۇ تەرجىمانلىق ھۈنىرى باركەن دېسە... مۇزىكىسىمۇ بەك نوچى ئىكەن . مەن ياقتۇردۇم

كىمنى كۆرسەڭ ئۆز يايرىم دېمە،يار بولالماس ئۆتكەن~كەچكەنلەر…

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41664
يازما سانى: 1788
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6430
تۆھپە نۇمۇرى: 337
توردا: 5695 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 03:57:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تويدىن كىيىنمۇ  40 يىل تۇزلۇق قەھۋە ئىچىپتىما ؟

ئادەم ئۆز قىممىتىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ .

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 3217
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9827
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3971 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 04:13:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەردىمۇ تەرجىمىسى يوللانغان ئىدى:http://www.telak.biz/bbs/read.php?tid=15125
ئۇسۇل جەھەتتە بەلگىلىك پەرق باركەن.
زامانى !! سىز ئۆزىڭىز بىر باھا بىرىڭە... قايسىىسى تېتىملىق .

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش