مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2990|ئىنكاس: 11

‹‹ تۇخۇلا ›› دىگەن يۇرت نامىنىڭ كېلىپ چىقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بەخىت- ئاللاھنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41019
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17904
تۆھپە نۇمۇرى: 6011
توردا: 5290 سائەت
تىزىم: 2011-5-17
ئاخىرقى: 2012-9-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 04:35:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

‹‹ تۇخۇلا ›› دىگەن يۇرت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا



ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سىۋىن ھېدىن ( 1865-1951 ) ، سىتەيىن ( 1862-1930 ) ۋە پائول پىللىئوت ( 1945-1978 ) قاتارلىقلار، ئىلگىرى ۋە ئاخىر تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىلىرىدا كۆپ قېتىم ئارخىئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، زور مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئېرىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئۆز دۆلەتلىرىگە قايىتقاندىن كىيىن قەدىمكى دەۋرلەردە بۇ رايوندا ياشىغان خەلقلەرنىڭ تارىخى ، مەدەنىيىتى ، جۇغراپىيىسى ، ئېتىقاد قىلغان دىنلىرى ، شۇنداقلا قوللانغان تىللىرىغا بېغىشلانغان يۇقىرى سەۋىيىلىك ، ھۈرمەتكە سازاۋەر ، كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىپ ، ئىلىم ساھەسىدە زور شۆھرەت قازاندى .

جۈملىدىن توخۇلا دېگەن يۇرت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىمۇ ئەڭ دەسلەپ، ئارخىئولوگ سىۋىن ھېدىن ئۆزىنىڭ ئارخىئولوگىيىگە بېغىشلانغان مەخسۇس ئەسىرى - << ئاسىيا باغرىغا ساياھەت>> تە : خوتەن ئەتراپىدا << توخۇلا >> دېگەن بىر يېزا بار ، بۇ توخارلاردىن قالغان ئىسىم -دەپ مەلۇمات بەرگەن .جۇڭگو ئالىمى ۋاڭ زۇڭۋىمۇ << دۇنخۇۋاڭ دېگەن ئىسىمنىڭ يەشمىسى >> ناملىق ماقالىسىدە ،سىۋىن ھېدىننىڭ ئەسىرىدىن يۇقىرىقى قاراشنى نەقىل كەلتۈرۈپ ، بەلگىلىك مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ بارغان . ئەمما بۇ قاراشنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرەلمىگەن .

بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ ماقالىسىدە ئاساسلىق قىلىپ : << دۇنخۇاڭ>> دېگەن ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە توخارلارنىڭ جۇڭگو يازما مەنبەلىرىدە تىلغا ئېلىنغان قايسى مىللەت ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جۇڭگودىكى پائالىيىتى ئۈستىدىلا مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان ، ئەمما نەزىرىنى كەڭرەك دائىرىگە قويمىغان .
توخۇلا-قاراقاش ناھىيىسىگە قاراشلىق بىر يېزىنىڭ نامى بولۇپ ، شەرقتە بۇ ناھىيىنىڭ جاھانباغ ، جەنۇبتا ئاقساراي ، كۇيا ، غەربتە ماڭلاي يېزىلىرى بىلەن ، شىمالدا قاراقاش بازىرى بىلەن چېگرىلىنىدۇ . بۇ يېزىدا ( 1996-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىستاتىستىكا نەتىجىسى ) 11 مەمۇرىي كەنت ، 42 مەھەللە ، 15مىڭ 507 نوپۇس ، 15 مىڭ 704 مو تېرىلغۇ يەر بار .

توخۇلا -دېگەن بۇ يۇرت نامى بىلەن باغلىنىشلىق بولغان توخارلار توغرىسىدا ئەڭ دەسلەپ قالدۇرۇلغان ئىشەنچلىك خاتىرە مىلادىدىن ئىلگىرى ۋە مىلادىيە 1-ئەسىردە ياشىغان يۇنان تارىخشۇناسى سىترابون نىڭ -جۇغراپىيە -ناملىق ئەسىرىدۇر . بۇ ئەسەردە توخارلار ئىسكىت(ساك ) قەبىلىلىرىنىڭ بىرسى دەپ مەلۇمات بېرىلگەن . ئىسكىتلەر ، يەنى ساكلار ئەڭ دەسلەپ مەركىزىي ئاسىيا رايونلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان بۇلۇپ ، كىيىنھازىرقى تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىلىرىغا ،تارمەنىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ، ھىندىستان ۋە ئىران قاتارلىق جايلارغا كۆچۈپ بارغان . ھىندىستانغا كۈچۈپ بارغان قەبىلىلەر تەركىبىدىكى توخارلار تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 140 -يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ( ئالىكساندىر ماكىدونىسكى ) ئىستىلاسىنىڭ ئاخىرقى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى بولغان گرېك-باكتىرىيە ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ، مەشھۇر كۇشان ئىمپېرىيىسىنى قۇرغان . بۇ ئىمپېرىيىنىڭ توخارلار تەرىپىدىن قۇرۇپ چىقىلغانلىقى كۆپلىگەن تارىخشۇناسلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى . بۇددىزىم تارىخى تەتقىقاتچىسى لۈي جىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ -ھىندىستان بۇددىزىمىنىڭ مەنبە-ئېقىملىرى -ناملىق كىتابىدا بۇددىزىمنى ياراتقان ساكيامونىنىڭ ( ساك خەلقىنىڭ دانىشمىنى ) دېگەن نام بىلەن شۆھرەتلەنگەنلىكىنى ، بۇددىزىمنى سەنئەتلەشتۈرۈشنى ۋە ماھايانا بۇددا مەزھىپىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان مەشھۇر كۇشان پادىشاھى كانىشكا نىڭ خوتەنلىك ساك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان .

توخارلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان كۇشان ئىمپېرىيىسى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋىرلەردە يالغۇز ھىندىستاندا ھۆكۈم سۈرۈپ قالماستىن ، بەلكى تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىغىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن .
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىمى ب . ئا . لىتۋىنىسكىيىنىڭ پىكرىچە – ئەڭ دەسلەپكى توخار ئېتنىك دولقۇنى شۇنچىلىك چوڭ بولغانكى ، مۇشۇ دولقۇندا كەلگەن قەدىمكى توخارلار شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىگە دېگۈدەك يېيىلغان . بۇنىڭدىن ئەينى ۋاقىتتىكى كۇشان ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان خوتەندە توخارلاردىن خېلى كۆپ خەلقنىڭ ياشىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ .
كۇشان ئىمپېرىيىسىنىڭ تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى سىياسىي تەسىرى ھونلار تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلغاندىن كىيىن ، بۇ رايوندىمۇ توخارلار تەدرېجى ھالدا تۈركلىشىشكە باشلىغان .
ئالىم مەھمۇد كاشغەرىيمۇ -تۈركىي تىللار دىۋانى دا خوتەن تىلىدا ھىندى تىلىنىڭ تەسىرى بار ، ئىككى تىل بىلىدىغان ۋە شەھەرلىكلەر ئارىلىشىپ قالغان كىشىلەرنىڭ تىلىدا بۇزۇقلۇق بار . چەتئەللىكلەر بىلەن ئارىلىشىدىغان ۋە شەھەرلىكلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىدىغان خوتەن ، تۈبۈت خەلقلىرى ۋە تاڭغۇتلارنىڭ بەزىلىرىمۇ شۇنداق . بۇلار تۈركلەر ئېلىگە كېيىنرەك كەلگەن . تۈبۈتلەرنىڭ ئايرىم تىلى بار . شۇنىڭدەك خوتەنلىكلەرنىڭمۇ ئايرىم تىلى ۋە ئايرىم يېزىقى بار . بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى تۈركىي تىلدا چىرايلىق سۆزلىيەلمەيدۇ ….دەپ يېزىش ئارقىلىق خوتەن رايونىنىڭ كېيىنچىرەك تۈركلەشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان .

توخار-دېگەن بۇ مىللەت (قوۋم ) نامىنىڭ خوتەن رايونىدىكى ساكلار ، يەنى توخارلار تۈركلەرگە ئاسسىملىياتسىيە بۇلۇشقا باشلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ( تەخمىنەن 5-ئەسىرلەردە ) كونكرېت بىرەر جايغا قارىتىلغان نام سۈپىتىدە كەلمەي يەنىلا قوۋمنىڭ ( توخارلارنىڭ ) نامىنى بىلدۈرۈپ كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بۇلىدۇ . پەقەت تۈركلىشىش بىر قەدەر تولۇق تاماملانغاندىن كىيىنلا ، ئەينى ۋاقىتتا توخارلار كۆپراق ئولتۇراقلاشقان ياكى تولۇق تۈركلىشىپ ( ئۇيغۇرلىشىپ ) كىتەلمىگەن توخارلار ئولتۇراقلاشقان كونكرېت بىرەر جايغا قارىتىلىپ ھەم يۇرت نامىنى ، ھەم شۇ جايدىكى خەلق نامىنى بىلدۈرۈشكە باشلىغانلىقى مەلۇم . ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقات نەتىجىلىرى ھەتتا -تەكلىماكان -دېگەن بۇ نامنىڭمۇ توخارلار ماكانى دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا . خوتەن رايونىدا توخارلار دېگەن ئىسىم ئەڭ ئاخىرقى توخارلار ئۇيغۇرلارغا تەلتۆكۈس ئاسسىملىياتىسىيە بۇلۇپ كەتكەندىن كىيىن ، كونكرېت بىرەر قوۋمنى كۆرسىتىشتىن قېلىپ ، يۇرت نامىدىلا ساقلىنىپ قالغان . ئۇ ئۇيغۇر جانلىق تىلىنىڭ ئادىتى بۇيىچە تەلەپپۇزدا -ر – تاۋۇشىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى بىلەن توخارلا -توخالا غا ئۆزگەرگەن . ئاندىن لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇش -ئا- نىڭ نۇتۇقتا ماسلىشالماي -ئۇ-غا ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىن بۈگۈنكىدەك -توخۇلا – دېگەن ھالەتكە كەلگەن .

ئىزاھات :
1) ۋاڭ زۇڭۋىي -دۇنخۇاڭ دېگەن ئىسىمنىڭ يەشمىسى (شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى 1987-يىللىق 4-سان ، 163-164-بەتلەر )
2) قاراقاشنى چۈشىنەيلى -78-بەت (1997-يىل خوتەن مەمۇرىي مەھكىمە قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسى ، قاراقاش ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسى تۈزۈپ باستۇرغان )
3) يۈي تىيەنخېڭ ( خانېدا تورۇ ) :-غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى -شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1985-يىل 7-ئاي 1-نەشىرى 35-بەت .
4) ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن – ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى -دە كەلتۈرۈلگەن نەقىل . شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى نەشرىياتى 1997-يىل 4-ئاي 1-نەشىرى ،41-بەت .
5) ب . ئا . لىتۋىنىسكىي : غەربىي يۇرت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تارىخى تەقدىرى ، شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تارىخى -مەدەنىي باغلىنىشلار موسكۋا 1984-يىلى
6) مەھمۇد كاشغەرىي : تۈركى تىللاردىۋانى 1-توم ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1980-يىل 8-ئاي 1-نەشىرى ،10-،39-،40-بەتلەر .
7) پالتاخۇن ئەۋلاخۇن ، گۈلنار ئىسمايىل : تەكلىماكان نامىنىڭ ئېتمولوگىيىسى ھەققىدە قايتا ئىزدىنىش -شىنجاڭ ئۇۋىرسىتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى -2000-يىللىق 4-سان 57-بەت


مەنبەسى:  قاراقاش مەدەنىيەت تەزكىرىسى ( شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2005-يىل 1-ئاي 1-نەشىرى )  

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
باياۋان + 33 قىممەتلىك ئۇچۇر

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 33   باھا خاتىرىسى

ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر! يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 594
يازما سانى: 1009
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13116
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 7413 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 07:21:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدۇق ،              ھايات نوپۇس توغۇرلۇق مەلۇماتلار بولسا خەۋەر تاپساق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47725
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3319
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 383 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 08:57:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدۇق ،

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1317
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 42314
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 8583 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 09:11:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توخار-توغۇرلۇق كۆپ تارىخىي بىلىملەردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت!ئۇنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈش كېرەك،قارىغاندا،مۇنبەردىكى ئىسمىم توخار بولغىنىمۇ ياخشى بوپتۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 1262
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13489
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2845 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 09:49:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۇشان-كۈسەن،

تۇخۇلا دىگەن مەھەلە كۇچا ناھىيسى ئالقاغۇ يىزىسىنىڭ بىر كەنتىنىڭ ئىسمى، قارىغاندا توخارلارنىڭ مەدەنيىتى بىز ئۇيغۇرلارغا خېلى مۇجەسسەملەنگەن ئوخشايدۇ ھە

بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر

توختا ئۇزەڭنىڭ ك

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45666
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3589
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1069 سائەت
تىزىم: 2011-6-25
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 10:22:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئاقسۇ ئۇنسۇ ناھىيىسىدىمۇ توخۇلا دەپ بىر يېزا بار ،
    مىنىڭچە بۇنى(توخۇلا نامىنى دېمەكچى )ئالدىراپ قەدىمكى مىللەت نامى بولغان‹توخار›(يەنى ياۋچى月氏)ئېتنومى بىلەن باغلاشقا بولمايدۇ.بۇنى تېخىمۇ ئىنىچكىلەپ تەتقىق قىلىش زۆرۆردۇر.

ھەر بىر كۈن ئىنس

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 839
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9848
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 6923 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2013-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 10:35:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۇرت ناملىرىنىڭ تارىخى جەريانى ئارقىلىق نۇرغۇن بىلىملەر مەيدانغا كېلىدىكەن . قىممەتلىك بىر ئۇقۇمنى چۈشىنىۋالدۇق .

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18545
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7025
تۆھپە نۇمۇرى: 377
توردا: 2394 سائەت
تىزىم: 2010-11-22
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 10:43:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

4قەۋەتتىكى(nasrulla) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالد

ياق بۇ يەردىكى توخۇلا خوتەن قارقاشتىكى توخۇلا يىزسى .. .. ئۆزۈم قاغىلىقتىن بولغان بىلەن خىلى ئوبدان بىلمەن جۇمۇ چۈنكى ئۇ يەردە ئۇ با ...........

ھايات مەن ئۈچۈن  ھەممىدىن قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت .
لىكىن كىچىمەن ھەرئىككىسىدىن ،
ئازاتلىق ئەركىنلىك ئۈچۈنلام پەقەت.

بىرنى بىر دەيتمىز ماخما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10414
يازما سانى: 910
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14754
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 9461 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 11:33:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەن ناھىيىسىنىڭ قەدىمى يېزىلىرىدىن بىرى بوزاق يېزىسىدىمۇ «توخۇلا »دەپ ئاتىلىدىغان بىر كەنت بار.
كېرىيەدە بولسا تۆت يېزىدا «مەكىت» دەپ ئاتىلىدىغان تۆت كەنت بار.
خوتەندا يەنە «چاقار» دەپ ئاتىلىدىغان يېزا- كەنتتىن خېلى بار.
گۇما ۋە خوتەن ناھىيىلىرىدە «نىشاندا» دەپ ئاتىلىدىغان كەنتلەر بار...

قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 1950
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14858
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-12 01:42:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇخۇلا دىگەن بىلەن تۇخار نى باغلىۋېلىش تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس ، بۇنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ باقساق

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش