مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7602|ئىنكاس: 40

سېرىق توربەتلەرنى چەكلەش قورالى (يېڭىلاند [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46980
يازما سانى: 582
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 88
تۆھپە نۇمۇرى: 1847
توردا: 2815 سائەت
تىزىم: 2011-7-7
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 02:30:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك تورداشلار!
بوشلۇق مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئەسلىدە يوللانغان دېتالنى يېڭىلاش مۇمكىن بولماي قالدى، شۇنىڭ بىلەن دېتالنىڭ يېڭىلاش ئادرىسىغا نىسبەتەن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، مۇقىم بوشلۇققا قويۇۋەتتۇق.
ئەسلىدىكى دېتالمۇ داۋاملىق ئىشلەيدۇ، بىراق يېڭىلاشقا ئامال بولماسلىقى مۇمكىن، ۋاقتىدا يېڭىلىشىۋىلىڭلارنى ئۇقتۇرىمىز.

دېتال چۈشۈرۈش ئادرىسى:چۈشۈرگەنلەرنىڭ سانىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئادرىس يوشۇرۇلدى.





بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم



جانابى ئاللاھقا ھەمدۈ-سانالار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۈرۈت-سالاملار بولسۇن.

ئايال ياكى ئەرنىڭ ئەۋرىتىنىڭ ئېچىلىشى ئىنسان تەبىئىتىگە زىت كېلىدىغان بىر ئىش بولغاچقا، ئادەم بىلەن ھاۋا ئانىمىز چەكلەنگەن دەرەختىن يەپ ئەۋرەتلىرى ئېچىلىپ قالغان چاغدا ئۇنى دەرھال يۆگىۋالغان.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: (مۇئمىن ئەرلەرگە ئېيتقىنكى، ھارامغا تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ساقلىسۇن.)(نۇر سۈرىسى 30-ئايەت).

)يەنە مۇئمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، ھارامغا تىكىلىپ قارىمىسۇن، ئەۋرەتلىرىنى ساقلىسۇن.)(نۇر سۈرىسى 31-ئايەت).

بۇنىڭغا ئاساسەن يېرىم-يالىڭاچ، شەھۋانىي تۈس ئالغان سۈرەت ۋە فىلىملەرنى كۆرۈش شەرئى جەھەتتىن ھارام. مۇسۇلمان كىشى بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرۈشتىن قةتظىي يىراق تۇرۇشى لازىم.

بۇنداق سۈرەت، فىلىملەرنى كۆرۈش دىلنى قارايتىپ، غەپلەتتە قالدۇرىدۇ، ئاللاھ تائالانى ئۇنتۇشقا ئېلىپ بارىدۇ، نەتىجىدە كىشى ئېغىر گۇناھلارنى قىلىپ سالىدۇ. تائەت-ئىبادەتلەرنىڭ ئەجرىنى يەپ تۈگىتىۋېتىدۇ.

ئەلۋەتتە بۇنى كۆرگەنلەرنىڭ كۆز-قۇلاقلىرى قىيامەت كۈنى سوراققا تارتىلىدۇ. ئاللاھ تائالا دەيدۇ: (كۆز، قۇلاق ۋە دىل بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇزىنىڭ قىلمىشىدىن مەسئۇلدۇر)(ئىسرائ سۈرىسى 36-ئايەت).

يەنە بۇ تۈرلۈك ئىشلار زىناغا يېقىنلىشىشتىن ئىبارەت بولۇپ ئاخىرى زىناغا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن. زىناغا مۇقەددىمە بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن. (يەنە زىناغا يېقىنلاشماڭلار، چۈنكى ئۇ قەبىھ ئىشتۇر، نېمىدېگەن يامان يولدۇر.)(ئىسرائ سۈرىسى 32-ئايەت).

بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرۈشنىڭ يۇقىرىقىلاردىن باشقا پسىخىك جەھەتتىن، ئىجتىمائىي جەھەتتىن شۇنداقلا سەھىيە جەھەتتىن نۇرغۇن زىيانلىرى بار .

دىندار كىشى بۇلارنى كۆرسە ئارقىدىنلا گۇناھ ھېس قىلىپ ۋىجدانىي ئازابقا قالىدۇ، نەتىجىدە پۈتۈن ئىشلىرىغا تەسىر قىلىدۇ، تۇرمۇشىدا شەيتانغا يول ئېچىلىدۇ .

ئەگەر بۇلارغا خۇمار بولۇپ قالىدىغان بولسا، بۇ خۇمار ئاق زەھەرگە خۇمار بولغاندىنمۇ يامانراق بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى بۇنى كىشىلەر ئاق زەھەردەك خەتەرلىك دەپ قارىمايدۇ. نەتىجىدە ئۇنىڭغا چارە ئىزدەشتە ئاق زەھەرگە چارە ئىزدىگەندەك كۈچەپ كەتمەيدۇ .

ئەۋرەت سۈرىتىنىڭ ئىنساننىڭ روھىي مەنىۋىيىتىدە مەلۇم تەسىرى قالىدۇ، قارىغان كىشىنىڭ شەھۋىتىنى قوزغىتىدۇ، پىتنە-پاساتقا سالىدۇ، نەتىجىدە يالىڭاچ فىلىملەرنى كۆرۈپ سېلىشتۇرۇپ يۈرگەنلىكتىن بەزى ئاياللارغا ئەرلىرى يارىماي خېتىنى ئالىدىغان، ئەرلەرگە خوتۇنلىرى يارىماي تالىقىنى بېرىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىققان.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئايال كىشى ئايال كىشى بىلەن يالىڭاچ قۇچاقلاشمىسۇن، بولمىسا ئۇنى ئېرىگە گويا ئېرى ئۇنىڭغا قاراۋاتقاندەك سۈپەتلەپ بېرىپ قالىدۇ» دېگەن.(سەھىھۇل بۇخارى 5240-ھەدىس) بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئايال كىشىنى باشقا بىر ئايالنىڭ ئەۋرىتىنى كۆرۈشتىن توسقان. كۆرسە كېيىن ئۇ ئايالنىڭ ھۆسنى-جامالىنى ئېرىگە سۈپەتلەپ بەرسە، ئېرى ئۇ ئايالغا مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ، بۇ ئەرنىڭ خىيال قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش، ئەگەر ئۇنداق سۈپەتلەپ بەرمەي ئۇ ئايالنى بىۋاسىتە يالىڭاچ ھالەتتە كۆرسە قانداق بولماقچى؟

بىر ئايالنىڭ ھۆسنىنى خىيالىدا ئويلاشتىن بۇنداق نەتىجە كېلىپ چىقىدىغان بولسا، شەھۋانىي فىلىملەرنى كۆرۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت تېخىمۇ ئېغىر ھەم خەتەرلىك بولماسمۇ؟    

بۇ يەردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بىرەر ئالىممۇ ئىجتىھاد قىلىپ بۇنداق نەرسىلەرنى كۆرۈشنى جائىز دەپ باققىنى يوق، بەلكى باشقىلارنىڭ ئەۋرەتلىرىگە قاراشنىڭ ھاراملىقىدا بارلىق ئالىملار بىردەك ئىتتىپاق.

ئەۋرەتتىن باشقا ئەزالارنىڭ زىناسى ھەققىدە ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەبۇ ھۇرەيرە رىۋايەت قىلغان مۇنۇ سۆزىدىكىدىنمۇ كىچىك گۇناھكارلارغا ئوخشايدىغان نەرسىنى كۆرمىدىم، ئەبۇ ھۇرەيرە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنسانغا زىنادىن بولغان نېسىۋىسىنى پۈتۈۋەتكەن، بۇنى كۆرمەي چارە يوق، مەسىلەن: ئىككى كۆزنىڭ زىناسى قارىماقتۇر، تىلنىڭ زىناسى سۆزلىمەكتۇر. ئىنساننىڭ نەپسى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە خالايدۇ، ئەۋرەت بولسا ئۇنى راستقا چىقىرىدۇ ياكى يالغانغا چىقىرىدۇ». (سەھىھەين: بۇخارى: 6243-ھەدىس. مۇسلىم 2657-ھەدىس)

يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىنسانغا زىنادىن بولغان نېسىۋىسىنى پۈتۈۋەتكەن، بۇنى كۆرمەي چارە يوق، مەسىلەن: ئىككى كۆزنىڭ زىناسى قارىماقتۇر، ئىككى قۇلاقنىڭ زىناسى ئاڭلاشتۇر، تىلنىڭ زىناسى سۆزلىمەكتۇر. قولنىڭ زىناسى تۇتۇشتۇر، پۇتنىڭ زىناسى قەدەم بېسىشتۇر، دىل بولسا ھەۋەس قىلىدۇ ۋە خالايدۇ، ئەۋرەت بولسا ئۇنى راستقا چىقىرىدۇ ياكى يالغانغا چىقىرىدۇ». (مۇسلىم 2657-ھەدىس)

"بۇ ھەدىستىكى كىچىك گۇناھلار دېگەن سۆز ئاللاھ تائالانىڭ: (بۇلار شۇنداق كىشىلەركى، كىچىك گۇناھلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا گۇناھلارنىڭ چوڭلىرىدىن ۋە قەبىھلىرىدىن ساقلىنىدىغانلاردۇر، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگىرىڭ مەغپىرىتى كەڭ زاتتۇر.)(نەجم سۈرىسى 32-ئايەت) دېگەن سۆزىدىكى كىچىك گۇناھلارنىڭ تەپسىرى بولۇپ، بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى: كىچىك گۇناھلاردىن باشقا گۇناھلاردىن ساقلىنىدىغانلارغا كىچىك گۇناھلار مەغپىرەت قىلىنىدۇ، دېگەنلىك بولۇپ، بۇ خۇددى (ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنىۋاتقان گۇناھلارنىڭ چوڭلىرىدىن ساقلانساڭلار، سىلەردىن گۇناھلىرىڭلارنى يۇيۇۋېتىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل ماكانغا كىرگۈزىمىز.) (نىسا سۈرىسى 31-ئايەت) دېمەك بۇ ئىككى ئايەتنىڭ مەنىسى شۇكى، چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىش كىچىك گۇناھلارنى يۇيۇۋېتىدۇ، بۇ كىچىك گۇناھلارنى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ھەدىستە قاراش ۋە تۇتۇش قاتارلىقلار بىلەن شەرھلىگەن".(شەرھى سەھىھ مۇسلىم 16/205)

بۇ ئايەت-ھەدىسلەردىكى كىچىك گۇناھ دېگەن گۇناھلار باشقا چوڭ گۇناھلارغا نىسبەتەن كىچىك بولغىنى بىلەن بۇلارغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: " ئى ئائىشە كۆزگە ئىلمايدىغان گۇناھلاردىن ساقلىنىڭ، چۈنكى ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنى سۈرۈشتە قىلغۇچى بار" دېگەن.(مۇسنەدى ئەھمەد 24460-ھەدىس-ھاپىز ئىبنى ھەجەر: سەنەدى ھەسەن، دېگەن)

ئىمام غاززالى دەيدۇ: "كىچىك گۇناھلارنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ دىلنىڭ قارىيىپ كېتىشىدە ئىنتايىن تەسىرى يامان، بۇ خۇددى سۇ تامچىلىرى تاش ئۈستىگە توختىماي چۈشۈپ تۇرغىنىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، سۇ تامچىلىرى يۇمشاق بولغىنىغا قارىماي قاتتىق تاشتا ئۆرەك پەيدا قىلىۋېتىدۇ."(فەيزۇل قادىير 3/128(

ئەمدى بۇ نامەھرەمگە قاراش كىچىك گۇناھ بولغىنى بىلەن باشقىلار زىنا قىلىۋاتقان ئەھۋالنى كۆرۈش ئۇنىڭدىن چوڭراق گۇناھ بولۇشى تۇرغانلا گەپ، شۇڭا بۇنداق گۇناھلارغا سەل قارىماسلىق، قةتظى يىراق تۇرۇش، قىلىپ سالغان ئەھۋالدا دەرھال تەۋبە قىلىپ تائەت-ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش لازىم.

ياشلار ئىمكانىيىتى بولسىلا بۇرۇنراق توي قىلىشقا ئالدىرىشى لازىم، كېچىككەن ئەھۋالدا شەھۋانىي كۆرۈنۈشلەردىن يىراق تۇرۇش، پايدىلىق پائالىيەتلەر بىلەن مەشغۇل بولۇش، تەنتەربىيە قىلىش، نامازلارنى ۋاقتىدا جامائەت بىلەن خۇشۇئ قىلىپ ئوقۇشقا تېرىشىش، ياخشى دوستلار بىلەن ھەمراھ بولۇپ ئۆزئارا ھەقنى تەۋسىيە قىلىش، روزا تۇتۇپ شەھۋىتىنى كېسىشى لازىم.

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: بىز رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئىدۇق، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: «ئۆيلىنىشكە قادىر بولالىغان ئادەم ئۆيلەنسۇن، چۈنكى ئۆيلىنىش ئۇنىڭ كۆزىنى ۋە ئەۋرىتىنى ھارامدىن بەكراق ساقلايدۇ، ئۆيلىنىشكە قادىر بولالمىغان ئادەم روزا تۇتسۇن. چۈنكى روزا شەھۋىتىنى كېسىدۇ».(سەھىھەين: بۇخارى 1905-ھەدىس، مۇسلىم)

بۇنداق سۈرەت، فىلىملەرنى كۆرۈش ھارام بولۇپلا قالماستىن، يەنە تېخى بۇلارنى ئىشلەش، سېتىش ۋە تارقىتىشمۇ ھارام بولىدۇ. بەلكى تېخى بۇنداق قىلمىشلار چوڭ گۇناھلار دائىرىسىگە كىرىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: (ئىيمان ئېيتقانلار ئارىسىدا يامان سۆز ۋە قىلىقلارنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغانلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەلەملىك ئازاب باردۇر، ئاللاھ بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر. سىلەرگە ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە مەرھەمىتى بولمىسا ئىدى، ئاللاھ شەپقەتلىك، ناھايىتى مېھرىبان بولمىسا ئىدى، (سىلەرنى قاتتىق جازالىغان بولاتتى).)(نۇر سۈرىسى 19-20-ئايەتلەر.)

دېمەك پاك مۆمىنلەر ئارىسىدا زىنا-پاھىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئەخلاقسىزلىقلارنى يايىدىغان، تارقىتىدىغان دى ۋى دىچىلار، تورخانىچىلار ۋە شۇلارغا ئوخشىغانلار ناۋادا بۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ مۇسۇلمانلارغا تارقاتسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئېغىر جازاغا ئۇچرايدۇ.

ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئىيمانىنى كۆچلەندۈرگەي، ئەيىب-نۇقسانلىرىمىزنى ئۆزىمىزگە تۇيدۇرۇپ قويغاي! بىزدىن ھەر تۈرلۈك يامانلىقلارنى يىراق قىلغاي! چوڭ-كىچىك مەئسىيەتلەردىن ساقلىغاي! قىلمىشلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلىۋەتكەي! ئامىين.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.
تېما سېتىۋېلىش ھازىرغىچە 7 ئادەم سېتىۋالدى  بۇ تىمىنى كۆرۈش ئۈچۈن يوللىغۇچىغا 1 مۇنبەر پۇلى تۆلىسىڭىز كېرەك

ياشا مىسرانىم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24413
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4437
تۆھپە نۇمۇرى: 861
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 03:13:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
http://www.rohlan.biz/thread-9452-1-1.html
بۇ يەردىكىسى بىلەن ئوخشاشمىدۇ يا؟

ياشا مىسرانىم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24413
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4437
تۆھپە نۇمۇرى: 861
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 03:14:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىستۇرۇۇپ قويغان ئايەتلىرىڭىزگە تېمىڭىزدىكى دىتالدىن ئارتۇقراق رەھمەت جۇمۇ!

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46980
يازما سانى: 582
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 88
تۆھپە نۇمۇرى: 1847
توردا: 2815 سائەت
تىزىم: 2011-7-7
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 03:51:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1قەۋەتتىكى(meptun) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

بۇ خەنچە دېتالكەن، يوللىغىنىم بولسا مالمان تورداشنىڭ ئۆزى ياسىغان دېتالى

ياشا مىسرانىم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24413
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4437
تۆھپە نۇمۇرى: 861
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 04:16:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە ئۇنداقتا ئىككىللىسىنى ساقلاپ قويۇشقا تېگىشلىككەن يىغىپ ئەكىلىپ

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 1883
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 25078
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4249 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 04:18:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈرخان سىنىڭدە ئۇيغۇرچە يېزىقلارنى قول يازما يەنى ھۆسىنخەت شەكلىگە ئۆزگەرتىدىغان دىتال ياكى كىرگۈزگۈچ بارمۇ ؟

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك ! 192029569 بۇ مىسرانىم ئەزالار چ چ  رايۇنى

ئەر قانتى ئات

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21652
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4359
تۆھپە نۇمۇرى: 317
توردا: 1195 سائەت
تىزىم: 2010-12-10
ئاخىرقى: 2011-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 04:30:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بۇ دىتالغا بەك ئىھتياجلىق ئىدىم ،بىراق كۇچۇرۇپ چاپلىغىلى بۇلمايۋاتدۇ ئىنقىراق چۈشەندۈرۈپ قۇيساڭلا

بۇلدى قىل تەقىدىر چاقچاقلىرىڭنى، ئالدىمدا ئويناتما قۇچاقلىرىڭنى. ئالدىمغا ئاش قۇيۇپ ،سەن مىنى ئالداپ، كەينىمدىن تەڭلىمە پىچاقلىرىڭنى.

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 2021
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11736
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 4693 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 04:43:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سېرىق تور بەتنى توسىدىغان ھۆكۈمەت ساقچىلىرى ئۇخلاپ قالدىمۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54509
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 647
تۆھپە نۇمۇرى: 149
توردا: 943 سائەت
تىزىم: 2011-9-3
ئاخىرقى: 2012-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 05:13:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

6قەۋەتتىكى(qinsugu) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

1 - مەزكۇر توربەتتىن دىتالنى چۈشۈرۈڭ ! ( چۈشۈرۈش ئادرىسى ئۈستىدە بار )
2 - پىرىستىن يەشسىڭىز بىر دىتال بار . ئۇنى قوزغۇتۇڭ .
3 - چۈشۈرۈش دىگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز بىر ھۆججەت چۈشىدۇ . ھۆججەتنى يەشسىڭىز ئىچىدە hosts دەپ ھۆججەت بار .
4 - ئەمدى شۇ ھۆججەتنى كۆچۈرۈپ ، ياكى كېسىپ ئېلىپ (复制,剪切) قىلىڭ .
5 - دىتالدىكى مېنى بېسىڭ دىگەن جاينى ئاچسىڭىز ئىچىدە بىر نەچچە ھۆججەت بار ، شۇ جايغا چاپلاڭ . (粘贴) 。

ئەسكەرتىش :  سىز چاپلاش بۇيرىقىنى بەرسىڭىز بىر ئاگاھلاندۇرۇش چىقىدۇ . جەزىملىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ .

دەۋرانج بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 05:59:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش