ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىمدىكى ئەزىز قېرىنداشلار ، كۈنلىرىڭلارنىڭ خوشال - خوراملىق ئىچىدە ئۆتۈشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.
يېقىندىن بۇيانقى بىر قىسىم ئۆگىنىشلەر،يەنە شۇنداقلا چوڭلارنىڭ داۋالىنىش ئىشلىرى بىلەن مۇنبەردە سىلەر بىلەن كۆپ ئەسرالىشىپ بولالمىدىم. ھەممە ئىشنىڭ ئۆز يوللىرى ھەم ۋاقىت سائەتلىرى بولغىنىغا ئوخشاش ھەممە كىشىنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىق قاتتىق ئالدىراش ۋاقىتلىرى بولۇپ ئۆتىدىكەن.
بىر قىسىم تورداشلار خاتا پەرەزلەرنى قىلىپ ھەرخىل پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تېمىلارنى يوللىغىلى تۇرۇپتۇ.، ھەممىمىز ئەڭ ئاۋال ‹مىسرانىمغا نېمە بولدى› دېيىشتىن بۇرۇن ماڭا نېمە بولدى،مەن نېمىشلارنى قىلدىم ،تورداشلار مەنىۋيتىنى قانچىلىك بېيىتتىم دېگەننى ئويلىشىپ كۆرسەك بولىدۇ.
تورداشلار ھەم مەن سېغىنغان بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ھەممىمى مىسرانىمدا بار. پەقەتلا تېما يوللىمىغان يېرى بار. بىر تېمىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بىر نەچچە ئاي ھەتتا بىر نەچچە يىل ۋاقىت كېتىشىمۇ مۇمكىن.ياخشى ئەسەرنى ئوقۇغان ھەرقانداق كىشى ئۇسسۇزلۇقتا بۇلاق سۈيىنى ئىچىپ قانغىنىدەك قېنىشى كېرەك. ئەسەر بىر تەرەپلىمىلىك ھەم مول بىلىم سەۋىيسى بىلەن يېزىلمىغان بولسا كۆپ قىسىم ئوقۇرمەنلەرنى رازى قىلالمايدۇ.
تورداشلار نادىر ھەم ياخشى ئەسەرگە ئالدىرمىسىمۇ مۇنبىرىمىز ساغلام ھەم توغرا تەرەققىي قىلسىلا ھەر ۋاقىت ئۇنداق ئەسەرلەرنى ئۇچرىتىپ تۇرالايدۇ.
بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلار ھەم بىر قىسىم ئەزالار يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن مۇنبەردىن ئايرىلغانمۇ بولدى. بىراق مىسرانىم مەكتىپى بىزلەرگە 50000 گە يېقىن ماقالە ھەم ئۇچۇرلار بىلەن بىزنى تەمىنلىدى،تەپەككۇر گۈلشەنىمىزنى ئىلىم - مەرىپەت بىلەن توشقۇزدى. بىر قىسىم ئەزالىرىمىز قەستەن جىدەل چىقىرىپ تېمىلاردىن قۇسۇر تېپىپ يۈرمەكتە. بىز تور گۇرۇپپىمىزدىكى خادىملار تىزلىك بىلەن شۇنىڭدەك ناتوغرا بولغان ئىنكاسلارنى ،ئىلمىي ئاساستا قىلىنمىغان قارشى پىكىرلەرنى ،ئەخلاققا زىت گەپ سۆزلەرنى قىلغان ئەزالارنى كۆرگەنلا يەردە چەكلەش جازاسى بېرىۋاتىمىز.
بىراق تورداشلار ئىشنىشى كېرەككىن مىسرانىم تورداشلارنىڭ كۈتكەن ئۈمۈدىنى چوقۇم ئاقلايدۇ. بىز تور بېكىتىمىزدىكى يوشۇرنۇپ كىرىۋالغان ‹ناچار› ئەزالارنى ۋاقتىدا تازلاپ ئىلىملىك،ھەم بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ خاتىرجەم مۇنازىرە قىلىشىغا ئەڭ يۇقىرى تۈستە كاپالەتلىك قىلىمىز.
تورداشلارنىڭ شۇ بىر قىسىم ئادىمىيلىك ئەخلاقىنى يوقاتقان ،مۇنبەردە ئاغزىنى بۇزغان كىشىلەردىن قورقۇپ ياكى رەنجىپ تېمىلارغا ئىنكاس يېزىشلاردىن قارشى پىكىرلەرنى قىلىشتىن قورقماسلىقىنى تەكىتلەيمىز.
يەنە ئۇزۇندىن بېرى مىسرانىمدىكى تورداشلار دىققەت قىلدىمىكىن سېستىما يېڭىلاش سەۋەبلىك مۇنبەردىكى بارلىق ئەزالارنىڭ مېداللىرى يىغىۋىلىنىپ كەتتى، يەنى ئۇ قىستۇرما ساندانى 0 بولۇپ كەتتى ، مۇشۇنى چۈشەندۈردىغانغىمۇ يېتەرلىك ۋاقىت بولماي قالدى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مىسرانىمدىكى ئەسلىدىكى مېدالى بار تورداشلاردىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن، شۇنداقلا قىسقىغىنە 10 كۈن ئىچىدە ئىزچىل كۈچەپ كېلىۋاتقان تورداشلارغا مېداللارنى تولۇقلاپ تارقىتىمىز.
تورداشلارنىڭ ھەممە ئىشنى ئەڭ ئاۋال ئۆزىدىن باشلاپ مىسرانىمنى تېخىمۇ ئاۋات ،تېخىمۇ سەۋىيلىك ،تېخىمۇ مول بىلىمگە ئىگە بولغان مۇنبەر قىلىش ئۈچۈن تېرىشىشنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن، شۇنداقلا ھەممىڭلارغا ئاللاھتىن خاتىرجەملىك تېلەيمەن.
2011 - يىلى 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى