مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6041|ئىنكاس: 24

سەن شۇنداق ئىنسان(ئاتئال) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

گۈلۈم---ظاتظال!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6620
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12535
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 2123 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-10 11:47:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



[mp3=1]http://music.anatuprak.net/nahxiniulima1/awazlik_asarlar/salam_ustaz.mp3[/mp3]

.

   .

مۇنبەر ئارقىلىق بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۈگۈنكى بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن،شۇنداقلا بۇنىڭدىن كيىنكى خىزمەتلىرىگە ئۇتۇق،تېنىگە سالامەتلىك تۇرمۇشىغا خۇشاللىق تىلەش بىلەن بىرگە بۇ يازمىنى كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىغا ئاتاپ يېزۋاتىمەن.

     ئوقۇتقۇچى_سەن شۇنداق بىر ئىنسانكى بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە كىشى ھەيران قەلغۇدەك دەرىجىدە ئىزلار سالىسەن، باشقىلار ئائىلىدە بىر ئىككى بالىنىڭ ۋاڭ-چۇڭىغا چىداپ بولالمىغان بىلەن سەن بىر سىنىپتكى 40-50بالىنىڭ چۇرۇقلاشلىرىغا ۋايسىمايسەن ئەكىسچە ئۇلارنىڭ چۇر-چۇرلىرى ئارىسدا ئۆزۈڭگە چەكسىز خۇشاللىق ئىستەيسەن،سېنىڭ بىر كۈنلۈك پائالىيىتىڭ مانا شۇلار ئارىسىدا ،سەن بۇنداق مەيدانلاردىن كۈنىگە نەچچىسنىڭ بوسۇغىسىدىن ئاتلايسەنۇ-قىلچە ھارغىنلىق ھېس قىلمايسەن. ھەتتاكى قىسقىغىنا تەنەپپۇس ئارلىقلىرى ھەم سېنى ئۇلاردىن ھېچ ئايرىۋىتەلمەيدۇ،چۈشەنمىگەننى چۈشەندۈرىسەن،مەسىلىلەرنى ھەل قىلىسەن يەنە نۇرغۇن نۇرغۇن ئىشلار سېنى كۈتىدۇ ،تېخى كېچە تۈنمۇ سېنى يەنە شۇ بالىلار ئۈچۈن ئىشلەشكە، تىرىشىشقا چاقىرىدۇ......


      ھەيرانمەن سەن چارچىمامدىغانسەن؟ ياق،ياق سەنمۇ ھەم ئوخشاشلا بىر ئىنسان ئەلۋەتتە چارچايسەن لېكىن ھېچقاچان بۇ ھەقتە كايىمايسەن ،سەن ئۆيگە كەلسەڭ بەلكىم بىر ئانا ياكى ئاتا رولىنى ئۆتەيسەن ۋە ياكى ئاكا ياكى ئاچا رولىنى ئالىسەن .ئىشقىلىپ سەن مەيلى قايسى رولنى ئالغىن ، يەنىلا مەكتەپتىكى ھامان سنىڭ ئۆزۈڭ ئىلىشقا تېگىشلىك باش رول ئىكەنلىكىنى ھېچقاچان ئېسىڭدىن چىقارمىغانسەن، ئۆزۈڭ سۆيگەن بۇ كەسىپ ئالدىدا تۇرمۇشىڭدىكى روللار سەن ئۈچۈن قوشۇمچە رول خالاس....


      ئەي،ئۇقۇتقۇچى_سەن شۇنداق بۈيۈك ئىنسانسەن،سېنى «ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى»دەپ تەرىپلەش ساڭا ئارتۇقلۇق قىلماس،توغرا دۇنيادا ئادەم بولۇپ تۆرىلىش ئاسان ئەمما ئادەم بولۇش بەسىي مۈشكۈل ،سەن دەل شۇنداق ئادەم تەربىيلەيسەن،سەن جەمئىيەتكە ھەر كەسىپتىن ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بېرىسەنۇ ھېچقاچان بۇ كەسىپ ئىگىلىرى سەن قىلغاننى قىلالامايدۇ  ،سەن تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن ئىنسان كەلگۈسى  بىر ئالىم بولسىمۇ ئېھتىمال ۋاقتى كەلگەندە بىرەر سائەت دەرسنى ئەينى ۋاقىتتا سەن ئۇلارغا ئۆتكەنچىلىك ئۆتەلمەس......دىمەك بۇ پەقەت ساڭىلا خاس رول ،ساڭىلا خاس كەسىپ.



      ئېھ ئۇقۇتقۇچى_يىللاردىن بېرى ۋاقتىڭنى ئەنە شۇ سەبىي قەلىبلەرگە مەرىپەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىش بىلەن ئۆتكۈزدۈڭ، دەر ۋەقە يىللار رەھمىسىز ،ئۇ  سەن دەسلەپ بۇ سەپكە قوشۇلغاندىكى ياش ،چىرايلىق يۈزلىرىڭىغا قورۇقلار سالدى ،زىلۋا،كېلىشكەن قامىتىڭنى يادەك ئەگدى ئەنە شۇلار بەدىلىگە سەن سالغان ئۇرۇقلاردىن كىشى ئەقلىنى لال قىلغۇدەك كۆچەتلەر تۇتتى،مېۋىلەر بەردى،ئەمما سەن بۇ مىننەتسىز ئەمگىكىڭ بەدىلىگە ئۇلاردىن زەررىچە تەممەننا كۈتمەيسەن، سېنىڭ كۈتىدىغىنىڭ پەقەت ۋە پەقەت شۇلارنىڭ نەتىجىسى- جەمئىيەت،مىللەت ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى خالاس.


       ئوقۇتقۇچى_سېنىڭ بۈيۈكلىكىڭ شۇ يەردىكى سەن ھەتتاكى ئۆز پەرزەنتىڭگە ئاتا قىلمىغان ھەم ئاتا قىلالمىغان مېھىر-مۇھەببەتنى كىشى پەرزەنتىگە ئاتايسەن. ئېيتقىنا يەنە قايسى بىر ئىنسان شۇنداق قىلالىسۇن؟؟؟شۇڭا سېنىڭ تۆھپەڭنى شائىر-يازغۇچىلارمۇ ھەم يېزىپ-يېزىپ تۈگىتەلمەس.....


        مائارىپ سېپىگە قەدەم باسمىغان ھەرقانداق بىر ئىنسان پەقەتلا ئېيتلىغاندەك «ئۇقۇتقۇچى - شەرەپلىك ئەمما جاپالىق خىزمەت » دەيدۇ خالاس مەنمۇ ھەم بۇرۇن شۇ بىر جۈملىنى يادقا بىلەتتىم لېكىن ھەقىقىي مەنىسنى مانا مۇشۇ جاپالىق ئەمما شەرەپلىك يولغا قەدەم ئالغان تۇنجى كۈنى ھېس قىلغان ،ئۇقۇغۇچىلارئەتراپىمدا «مۇئەللىم»دىگەندىلا بۇ شەرەپتىن بېشىم كۆككە يەتكەن بولسا بىر سائەتلىك دەرستىن چۈشكەندە بۇ شەرەپنىڭ بەدىلىنىڭ مەن ئويلىغاندەك ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم،دەل شۇدەقىقە مۇنبەردىكى ئوقۇتقۇچىلىرىم بىرمۇ-بىر كۆز ئالدىمدا نامايەن بولغان.مېنىڭ شۇ مېھرىبان ئۇستازلىرىم بايرىمىڭلارغا مۇبارەك......



     ئوقۇتقۇچى-سەن شۇنداق ئىنسانكى خۇددى بىر تۈگىمەس بۇلاق،تۈگىمەس خەزىنىسەن،ۋاراقلاپ ئوقۇسا-ئوقۇسا تۈگىمەيدىغان قېلىن بىر كىتاب. ئېھتىمال سېنى ھېچكىم ئوقۇپ تۈگىتىپ بولالماس سەندە كۈندە بىر يېڭى ھېكىمەت،كۈندە بىر يېڭى بىلىم بار سېنڭ شۇ يېڭىلىقلىرىڭ كەلگۈسىنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزلىرىنى نۇرلۇق جۇلالاتقۇسى! ئەمما تەكىتلەپ ئۆتۈش زۆرۈركى ئاراڭغا قانداقتۇر سەۋەبلەر تۈپەيلى قىستۇرۇلغان شۇنداق بىرقانچە ۋاراقتىن تۈزۈلگەن بېپىز بىر چۆرنىۋاي(ئۇنى كىتاب ئاتالغۇسىدا تىلغا ئالغۇم يوق)مۇ ھەم باركى شۇنداقلا ۋاراقلىسا تۈگەيدۇ ئاخىرى يوق ،ۋاراقلانغانلىرى ھەم ئەسقاتماس قالايمىغان سىزىلغان نەرسىلەر خالاس ،بۇلار ئېغىزدا ئوقۇتقۇچىلىق قالپىقى ئالغان بىلەن ھېچقاچان بۇ ئەمگەكنىڭ شېرىن مېۋىسنى چاققۇچىلار ئەمەس،شۇنداقلا ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۈيۈكلۈك تاجىنى تاقاشقا ھەم مۇناسىپ كەلمەس ،ئۇلار پەقەت شۇ بۈيۈك زاتلار تاپىنىدا تەرلىنىپ كۈن ئۆتكۈزۋاتقانلار ئىشىنىمەنكى ۋاقىتلىق قېقىندى-سوقۇندى بولۇپ مائارىپ سېپىدىن ھامان شاللانغۇچىلاردۇر،مېنىڭچە ئوقۇتقۇچى بولغۇچىغا قويۇلدىغان  ئەڭ ئاددى تەلەپ بىلىمدىن باشقا يەنە كەسىپكە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت،ئەڭ ئەقەللىيسى ئوقۇغۇچىنى يەنى بالىلارنى چىن كۆڭۈلىدىن سۆيىدىغان ھەقىقىي بىر قەلب بولىشى كېرەك.قانداقتۇر بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى بىر سائەتمۇ تەشكىللىيەلمەي چالۋاقىغىنچە ئۇقۇغۇچىلاردىن ئاغرىنىپ مۇدىر ئىشخانىسغا ھال ئېيتىپ يۈگۈرەيدىغانلاردىن بۇ تەلەپنى كۈتۈش ئارتۇقچە ئەلۋەتتە،بۇنىڭغا شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىنىڭ تەپەككۇر مىۋىلىرىدە ئوقۇغان ،چەرچەن ناھيىلىك مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچى يازغان مۇنۇ بىر جۈملىنى مىسال قىلغۇم كېلۋاتىدۇ.«سەن ئوقۇغۇچىلارنى جىم ئولتۇرۇڭلار دەپ كايىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ كاللىسىدا ئاللىقاچان ئۆزۈڭ دەرسنى جىم ئولتۇرغىدەك ئۆتەلىسەك جىم ئولتۇرمامدۇق دىگەن ئوي پەيدا بولۇپ بولىدۇ». كەچۈرگىن ئوقۇتقۇچى، سېنىڭ بۈيۈكلىكىڭ توغرىىسدا توختىلۋاتقان قۇرلاردا ئۇلارنى تىلغا ئېلىپ سالدىم ئەمما ئەتراپىمدا مەۋجۇت،ھەقىقەتنى سۆزلىمەسكە ئامالىم يوق.....


     بىزدە« باشقىلارغا بىر تامچە سۇ بېرىش ئۈچۈن ئۆزۈڭدە بىر چېلەك سۇ بولىشى كېرەك» دەيدىغان گەپ بار ئەمما ئوقۇتقۇچىدا بىر دەريا سۇ بولىشى كېرەك گەرچە بەك ئاشۇرۋەتكەن بولساممۇ بىر چېلەكتىكى  سۇ بىر تامچە-بىر تامچىدىن بېرىلسە ھامان تۈگەيدۇ......


      ئەي ئۇلۇغ ئىنسان_خۇددى جىسمانىي ئەمگەك قىلغان كىشى بىر كۈنلۈك ئەمگىكىنىڭ ھاردۇقىنى بىر ئۇخلاپ چىقارغاندەك سەن بىر سائەتلىك دەرس ئۈچۈن نەچچە سائەت ھەتتا نەچچە كۈن تەييارلىق قىلىسەنۇ ھاردۇقۇڭ ئوقۇغۇچىلىرىڭنىڭ دەرستىن كىيىنكى مەشىقلەرنى توغرا ئىشلىشى بىلەن چىققاندەك بولىدۇ،لېكىن سەن ھېچقاچان بىرئاز ئارام ئېلىپ ھاردۇق چىقىرىشنى بۇنىڭغا تەڭ قىلمايسەن.  كىمدۇ بىرى ئەقلىي ئەمگەك جىسمانىي ئەمگەكتىن ئېغىر دەپ تولىمۇ توغرا ئېيتقان ئىكەن......



     ئوقۇتقۇچى__سەن شۇنداق ئىنسانكى سېنى مەدھىيلەپ قانچە-قانچە قۇرلار يازسام ھەم تۈگىمەس،سەن بۈيۈكلىكىڭ بىلەن بىللە يەنە شۇنچە ئاددى ئىنسانسەن. ئەتراپىڭدىكىلەردىن پەرقىڭ شۇكى ئۇلارنى  تەربىيلىگەنمۇ دەل-سەن.


مائارىپتىن ئىبارەت بۇ قوشۇن سەن بىلەن بارغانچە كۈچىيىپ بارغۇسى ، سەن بىلەن مىللەت روناق تاپقۇسى، دۆلەت گۈللۈنگۈسى ،خۇددى دانالار ئېيتىپ ئۆتكەندەك«مائارىپ يوقالغان مىللەت كەلگۈنسى دەپنە قىلىنغان مىللەتتۇر» قارىماققا بۇ ناھايتى قورقۇنۇشلۇق بىر پاجىھە، مانا بۇ بىر جۈملىلا سېنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلىقىڭنى،زىممەڭدىكى يۈكنىڭ قانچلىك ئېغىر ھەم مۇشكۈللىكىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ.
دىمەك بۇرچۇڭ مۈشكۈل ئەمما شەرىپىڭ كاتتا. سەن زىممەڭدىكى شۇ ئۇلۇغ بۇرچنى توغرا تونۇغاچ خەلق سېنى تونۇغان،ئاۋام ساڭا يۈكسەك باھالارنى بەرگەن . ئەي مېھنەتكەش ئۇستاز يەنە قانچە تەرىپلىسەم ئازلىق قىلىدۇ ،ئەزىز تېنىڭ سالامەت بولسۇن،سەن ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن ئىلىم ئىگىلىرى جاھاننىڭ ھەممە يېرىگە كەڭ تارقالسۇن!


مەنبە: گۈلۈم-ئاتئال يازمىلىرى
2011-يىلى9-ئاينىڭ10-كۈنى

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
زامانى + 555 قەلەملىرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن..
=ALBALSI= + 300 نادىر يازما
ئارقۇ + 222 مىھرىڭىزگە ئاپىرىن

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 1077   باھا خاتىرىسى

ھەر بىر خەت ، ھەر جۈملىدە ھەقىقەت بار!

تېخىچە ئ‍ۆتمۈش ئ‍ىچىدە ياشاۋات

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11654
يازما سانى: 718
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13804
تۆھپە نۇمۇرى: 882
توردا: 333 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 05:17:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىڭىڭىزگە تەشەككۈر ، ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز ...

ھايات ساڭا كۈلۈپ باقمىسا، سەن ھاياتقا كۈلۈپ باق، ئ‍اچچق كۈلسەڭمۇ مەيلى................

سەن ئەڭ بەخىتلىك

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3940
يازما سانى: 5037
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80159
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 1411 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2014-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 06:09:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاڭ سەھەردە نادىر بىر ئەسەرنى ئوقۇپ ھەم ئاڭلىغىنىمدىن خۇرسەنمەن.تېمىڭىزغا ئاپېرىن!1!

ئەقلىمىزنى ئىشلەتسەك بىز ئەڭ ئەقىللىق مىللەت!

يارقىنى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11027
يازما سانى: 802
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12551
تۆھپە نۇمۇرى: 1021
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2014-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 08:04:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاپىرىن ئەجرىڭگە مېھرىم ئەۋجرىدىن،
تەشەككۈر دۇردانە سۆزلەر دەستىدىن.
سەن شۇنداق ئىنسانسەن ھۆرمەتكە لايىق،
ئىلىم بىلەن يۇرۇتتۇڭ بىزنى ئەسلىدىن.


رەخمەت


ماڭغان يولۇڭدا تىكەن بولسا، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتى قانايدۇ.

ھەر تىنىقمدا بىر سۇئال ؟!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9531
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9049
تۆھپە نۇمۇرى: 518
توردا: 618 سائەت
تىزىم: 2010-9-7
ئاخىرقى: 2014-8-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 10:47:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىر بىر ئەسەرنى ئوقۇپ ھەم ئاڭلىغىنىمدىن خۇرسەنمەن.........

سۈرەتكە تولۇپتۇ كۈنلەر ئالبومى،
ئاختۇرساڭ بەرى بار ياخشى ياماننىڭ.
ئاقىدۇ   بەزىدە   شارقىراپ  دەريا،
گاھ سۇلار يولىدۇ ئاستى ساماننىڭ ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15755
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9226
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 6846 سائەت
تىزىم: 2010-10-30
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 12:55:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇئەللىم ئۇستازلارنىڭ ئەجىرنى ناخشا-مۇزىكا،شېئىر،نەسىر بىلەن ئىپدىلەپ بولغىلى بولمىسىمۇ بىز ئۇستازلارنىڭ ئەجرى بىلەن ياۋا شاختىن مېۋىگە ئايلانغان جەريانلارنى ئويلىساق يەنىلا ئۇستازلارنىڭ مىھنىتىگە رەخمەت دىمەي تۇرالمايمىز.

خوشامەتتىن سەسكىنىمەن.

پىچاقنى ئاۋۋال ئ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53816
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3327
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 614 سائەت
تىزىم: 2011-8-29
ئاخىرقى: 2011-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 03:07:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى بايرام كۈنى بۇ تىمىنى ئوقۇشقا نائىل بولالمىغان بولساممۇ لىكىن بۆگۈن بايرام ئۆتكۈزىۋاتقاندەك ھىس قىلۋاتمەن.رەخمەت سىزگە ناھايتى خۇرسەن بولدۇم!قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن!نادىر تىمىلىرىڭىز داۋاملاشقاي!

دوستۇڭنىڭ كۆڭلىنى ئاياشنى بىل، دۈشمەننى ئايىماي ساۋاشنى بىل. گەردوستۇڭ قىلمىسا ساڭا چىن ۋاپا، ئۇنىڭسىز مۇستەقىل ياشاشنىمۇ بىل.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39705
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3181
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2011-5-5
ئاخىرقى: 2012-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 05:07:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇئەللىم ئۇستازلارنىڭ ئەجىرنى ناخشا-مۇزىكا،شېئىر،نەسىر بىلەن ئىپدىلەپ بولغىلى بولمىسىمۇ بىز ئۇستازلارنىڭ ئەجرى بىلەن ياۋا شاختىن مېۋىگە ئايلانغان جەريانلارنى ئويلىساق يەنىلا ئۇستازلارنىڭ مىھنىتىگە رەخمەت دىمەي تۇرالمايمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39705
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3181
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2011-5-5
ئاخىرقى: 2012-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 05:08:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لپلۆوپ

گۈلۈم---ظاتظال!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6620
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12535
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 2123 سائەت
تىزىم: 2010-8-17
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-11 05:12:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 8قەۋەت  elan كە 2011-09-11 05:08 PMئەۋەتىلدى  :
لپلۆوپ
كەچۈرۈڭ سۆزىڭىزنىڭ مەنىسنى مەن چۈشىنەلمىدىممۇ ياكى سىز خاتا يېزىپ قويدىڭىزمۇ؟

ھەر بىر خەت ، ھەر جۈملىدە ھەقىقەت بار!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش