يۈك ئاپتوموبلىدىن پەخەس بۇلۇڭ ، دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنۇشلۇق كاللا كېسىشتىن يىراق تۇرۇڭ
يىقىندا، نىڭبودىكى دېڭىزدىن ھالقىغان كۆۋرۈكنىڭ شاڭخەي تەرەپكە ماڭىدىغان جايدا بىر قىتىملىق ماشىنا كەينىگە چىقىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى .
بىر نىڭبو نۇمۇرىدىكى پىكاپ بىرشەندۇڭ نۇمۇرىدىكى يېرىم پېرىتسىپنىڭ كەينىگە سۇقتى .
مەيتېڭ ماركىلىق پىكاپ ئىچىنىشلىق كاللىسىدىن ئايرىلدى ، ئېغىر دەرىجىدە پاچاقلاندى ، كەينى ئورۇندۇقمۇ قىسىلىپ كەتتى .
بۇ يۈك ئاپتوموبلنىڭ كەينىدىكى سۇقۇلۇشتىن ساقلاش تۇسمىسىمۇ قارىماققا نىپىز ئىكەن .
بۇ يۈك ئاپتوموبلىنىڭ سۇقۇلۇشتىن ساقلاش تۇسمىسى ياغاچتىن ياسىلىپ سىر پۈركىتىلگەن ئىكەن .
كەينىگە سۇقۇۋىلىش ۋەقەلېرى ئىچىدە ، كىچىك ماشىنا چوڭ يۈك ماشىنىلېرىنىڭ كەينىگە سۇقۇۋىلىش بولسا كۆپ كۆرۈلدىغان بىر خىل شەكىل ، شۇنداقلا ئېغىر ئاقىۋەت كىلىپ چىقىدىغان بىر خىل ۋەقە ھېسابلېنىدۇ .
چۈنكى يۈك ئاپتوموبلى ئىگىز بۇلۇپ كىچىك پىكاپ سۇققاندا ئاسانلا تىگىگە كېرىپ كىتىدۇ دە پىكاپنىڭ ئالدى جازىسى بىسىلىپ كىتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئېغىر دەرىجىدە ئۈلۈش يارلىنىش ۋەقەلېرى كىلىپ چىقىدۇ .
نۆۋەتتە ، ئامېرىكىنى ياۋرۇپانى ۋە مەملىكىتىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ۋە رايۇنلاردا يۈك ئاپتوموبلنىڭ كەينى تەرىپىنىڭ تۆۋەن قىسىمىغا سۇقۇلۇشتىن ساقلاش توسمىسى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىنىدۇ ، بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ماشىنىڭ تېگىگە كىرىپ كىتىشتىن ساقلىنىدۇ .
ئۇنداقتا بۇ خىل قۇرۇلما راسىتلا ئۈنۈملۈكمۇ ؟
يىقىندا ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر قاتناش بىخەتەرلىكىنى باھالاش ئورگىنى مەخسۇس مەزكور ئۈسكۈنە ئۈستىدىن سۇقۇلۇش تەجىربىسى ئىلىپ باردى .
ئۇلار پىكاپ بىلەن سائەتىگە 56 كىلومېتىر سۈرەت بىلەن ئايرىم ئايرىم ھالدا ئۇخشىمىغان ماركىدىكى تۇسما ئورنىتىلغان شىيەدەي ماركىلىق يۈك ئاپتومولىغا سۇقتى ، نەتىجىدە ماشىنىڭ %100 ئالدى تەرەپى بىلەن سۇققاندا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك تېگىگە كىرىپ كىتىشتىن ساقلانغان . لىكىن ماشىنىڭ %50 ياكى %30 ئالدى تەرىپى بىلەن سۇققاندا ئۈنۈمى ياخشى بولمىغان ماشىنا ئىچىدىكى يالغان ئادەممۇ ئېغىر يارلانغان .
شۇڭا ئامېرىكا فېدراتسىيە ھۆكمىتىنى يۈك ماشىنىلىرىغا قاتتىق تۈزۈم بىكىتىپ چىداملىقى تېخىمۇ يۇقىرى سۇقۇلۇشتىن ساقلاش تۇسمىسى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىردى .
ھەممە يۈك ئاپتوموبللېرىنىڭ كەينىگە سۇقۇلۇشتىن ساقلاش تۇسمىسى ئورۇنتىلىشىنى ئۈمىد قىلمىز .
مەنبە :فىڭخۇڭ ماششىنا تورى