كونا شاڭخەينىڭ خوجايىنى دۇيۆېشىڭ(杜月笙) نىڭ سۆزلىرى
1.ھاراق ئىچمەيدىغان تاماكا چەكمەيدىغان ئادەملەر، ھەممىسى دېگۈدەك شەخسىيەتچى كېلىدۇ. بىر قىسىمى ئۆمۈر بويى باش كۆتۈرەلمەيدۇ.
2.سىزگە ئەڭ خۇشامەت قىلىدىغان ئادەم سىزدىن ئەڭ تېز يۈز ئۆرۈيدىغان ئادەم. سىزنى ئەڭ چوڭقۇر ئازاپلىغان ئادەم، چوقۇم سىزنى ئەڭ سۆيىدىغان ئادەم.يۈزدە يەتمىش پىرسەنت قاتىللىق جىنايىتى ئادەتتە تۇنۇش ئادەملەر ئوتتۇرسىدا يۈز بېرىدۇ. " تونۇشلار تۇغقان بولالمايدۇ“生虎犹可近,熟人不可亲.
3.يۈرىكى كىچىك ئەر ئادەتتە چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ. ئۇرۇشتىن كېيىن ئويلىنىدىغانلارنىڭ، قابىليىتى پەقەتلا چىراي-تۇرىقى خالاس!~ ياش تۆكىدىغان ئوغول بالانىڭ يۈرىكىدە چوقۇم مۇھەببەت بار.举棋不定是一种美德
4. ئادەم تىللاشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ ئىچى بەك قورقۇنۇشلۇق بولىدۇ. ئۇزۇن تۇمشۇقلۇق ھايۋاننىڭ ھەممىسى گۆش يېمەيدۇ. بىر توپ ئادەمنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ جىمجىت ئادەم ھەمىشە ئەڭ قابىليەتلىك بولۇپ چىقىدۇ.“动如火掠,不动如山。”
-----------
1. باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشدىن قورقما، باشقىلار سېنى ئېشلەتتى دېمەك سىنىڭ قىممىتىڭ بار.
2. كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئۈچ قاچا تاماقنى يېمەك ئەڭ تەس: 人面 \场面 \情面
3. بىرىنچى دەرىجىلىك ئادەم، ئىقتىدارى بار ئاچچىقى يوق؛ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئادەم، ئىقتىدارى بار ئاچچىقى بار؛ ئەڭ ئاخىرقىسى، ئىقتىدارى يوق ئاچچىقى چوڭ.
4. دۇيۈېشىڭ بىر سۆزنى دائىم ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ: ھاكىميەتتىن ئېھتىيات قىلىش، بىپەرۋالىق قىلىپ چوڭ زىيانغا سەۋەپچى بولماسلىق.
5. ئادەم بۇ دۇنيادا ياشاشتا ئىككى نەرسىگە تايىنىدۇ: جاسارەت ۋە ئەقىل-پاراسەت.
6. ئىشتا يوچۇق قالدۇرماسلىق، ئۆزىگە ئىمكانىيەت قالدۇرۇش.
--------
سۆز مەنىسنى چۈشەنگەنلەرگە...
1. نېمىنى ئۇرساڭمۇ ، ئايال كىشىنى ئۇرما. ئۇردۇڭمۇ بولدى، ھېچقانداق باھانەڭ قالمايدۇ.
2. نېمىنى ئازاپلىساڭمۇ ، باشقىلارنىڭ مۇھەببەتلىك كۆڭلىنى رەنجىتمە. رەنجىتتىڭمۇ، ئەمدى پۇرسىتىڭ بولمايدۇ.
3. ھەرگىزمۇ قىز دوستىڭنىڭ سانى بىلەن ئۆزىڭنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى كۆرسەتمە. سەن، ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشى(كەسپى) ۋە ئائىلسىگە مەسئۇل بولالايدىغان ئەرنىڭ ئېسىللىقىڭنى كۆرسىتىدىغانلىقىڭنى بىل.
4. ئاياللارغا ياردەملىشىپ ئائىلە ئىشى قىلىشنى ئۆگىنىپ قوي. ئۆيىگە قايتقاندا سافاغا يۆلىنىپ ئايالىنىڭ تاماق تارتىشىنى كۈتۈپ تۇرغان ئەر، ھەم غورىگىل توي قىلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇش، قۇرۇق قايناق سۇدىنمۇ لەززەتسىز.
5. سەن بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالساڭ، مېھرىبانلىق بىلەن ئۇنىڭغا يېلىن؛ ئەگەر ياخشى كۆرمىسەڭ ئۇدۇل ئېيىت. ئاياللارنىڭ ھەممىسى دۆت، ئۇلار سېنى ياخشى كۆرۈپ قالغان شۇ ۋاقىتتا، روھ ۋە تېنىنى ئوخشاش ساڭا تاپشۇرىدۇ.
6. سۆيگىنىڭگە ياردەملىشىپ ئۇنىڭغا سوۋغات ئال. سېنىڭ پۇل يىغىشتىكى مەقسىتىڭ نېمە؟ بەلكى، سېنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئادەم ھەرگىزمۇ ساڭا پۇلنى قالايمىقان خەجلەتكۈزمەيدۇ.
7. ھەرگىزمۇ ئېرىشەلمىگەن نەرسە ئەڭ گۈزەل بولىدۇ دەپ قارىما. يەنىلا ھازىر بار بولغاننى قەدىرلىگەنگە يەتمەيدۇ.
8. خىزمىتىڭ ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ، سۆيگىنىڭگە تېلىفۇن قىلىشنى ئۇنۇتما، ھەرگىزمۇ ۋاقىتنى ۋە پۇلنى بەك كۆپ ئىسراپ قىلىۋەتمە. چۈنكى ئۇ سېنى ساقلاۋاتىدۇ، ئۇنى ئاز ئۈمىدسىزلەندۈر.
9. ئاياللار ئازابنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر سەن بىر ئايالنىڭ بەختىنى چىڭ تۇتمىساڭ، ئەكىسچە ئۇنى ئازاپ بىلەن كۈن ئۆتكۈزگۈزسەڭ، ئېسىڭدە بولسۇنكى بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنى ياخشى كۆرگىنىڭ ئەمەس.
10. ھەممە ئاياللارنى پۇل دېسە جاننى بېرىدۇ دەپ قارىما. سېنىڭ پۇل تېپىشىڭ ھەقىقەتەن بەك جاپالىق، لېكىن بۇ دۇنيادا ئايالىڭنىڭ ھالىدىن دائىم خەۋەر ئالمىساڭ بولمايدۇ.
11. ئايالىڭنىڭ ئائىلسىگە تېلىفۇن قىلىپ تۇر. ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۇنى نەچچە ئون يىل بېقىپ ساڭا ياتلىق قىلسا سەن شۇنچە چوڭ بەخىتتىن بەھىرىمان بولىۋالساڭ بولمايدۇ.
12. ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئېسىڭدە تۇت، ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇ كېيىنكى تۇغۇلغان كۈنىنى باشقىلار بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.
13. كەيپىيات تۇراقلىق ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ھەمراھ بول. سېنىڭ خىزمىتىڭ تۇرمۇش ئۈچۈن. شۇنداق بولغانىكەن ئايالىڭمۇ تۇرمۇشىڭدىكى ئەڭ مۇھىم بىر قىسىم.
14. ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ سەيلە قىل. ئىككىڭلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ مېڭىشى ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ كۆرىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىككىڭلار ئۆزىڭلارنى بەخىتلىك ھىس قىلىسىلەر. چۈنكى ئىنتايىن چىڭ نەرسە__ بەخىت.
15. سەن دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە بولىشىڭدىن قەتئىينەزەر، ئايالىڭ تۇغقان ۋاقىتتا چوقۇم ئۇنىڭ يېنىدا بول.
16. ئۇنى سېغىنغان ۋاقتىڭدا ئۇنىڭغا ئېيىت. ئۇنى سۆيسەڭ ئۇنىڭغا ئېيىت. ئۇ ئاڭلىغاندىن كېيىنمۇ سېنى ئوخشاشلا سۆيىدۇ.
17. مۇھەببەتلىك تۇرمۇش ۋە توي قىلغان تۇرمۇش ئىككى ئادەمنىڭ. ئۆزۈڭنىڭلا دەپ ئويلاش ھاجەتسىز، كۆپ ۋاقىتتا قارىشى تەرەپنى كۆزدە تۇتۇپ بەدەل تۆلەيسەن.
18. ئاندا-ساندا قارىشى تەرەپنى تۇيۇقسىز خۇشال قىلىپ تۇر. مۇھەببەت ھەرگىزمۇ قايناق ھېسىياتنىڭ يۇقىرى نوقتىسىدا بولمايدۇ، ئەمما سەن رومانتىك بولۇشنى ئويدۇرۇپ چىقارساڭ بولىدۇ. ھەرگىزمۇ مۇھەببەتنىڭ پۇچەك، مەنىسىز بولۇشىغا يول قويما.
19. ئاراڭلاردا زىدىيەت پەيدا بولسا شۇ ھامان ھەل قىل. ئۇنداق بولمايدىكەن ئۆچمەنلىك تېگى يوق ھاڭغا ئۆزگىرىپ سىلەرنىڭ مۇھەببىتىڭلارنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ.
20. بىللە كىنو كۆرۈپ كېلىڭلار. ھەممە ئىشلارنى ئەستە ساقلىيالىشىڭلار ناتايىن، لېكىن ئىنتايىن ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كىنو كۆرگىنىڭنى ئۇ ئەسلەپ تۇرىدۇ.
21. سىرىتقا چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلۈڭلارنى ئېچىپ كىرىڭلار، بۇ ھېسىياتىڭلارنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئاياللار بوش ۋاقىتلاردا ئەرلەرنىڭ كۆڭۈل سۆزىنى ئاڭلاشقا ئامراق.
22. بىر نەرسە يەۋاتقاندا ئەخمەقلەرچە ئۇنىڭدىن: <<سىز يەمسىز ياقمۇ؟>> دېگەندەك سۇئاللارنى سورىما، ئۇنداق بولمايدىكەن قارىشى تەرەپ يېمەيدىغان لىقنى ئېيىتسا پارقىراپ ئۆزۈڭ يەيسەن. بۇ شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئىپادىسى.
23. باشقىلار ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ئېيىتسا، شۇ سەۋەپتىن ئاچچىقلاپ يۈرمە، ئىچىڭگە ئاچچىق يۈتمە. ئۇنداق بولمايدىكەن ئۇنى خاتا چۈشىنىپ قالىسەن. ئەمما سەن ئۇنى تېخىمۇ سۆي، تېخىمۇ قەدىرلە.
----------
ئىش قىلىشتىكى تەدبىر
1. بىرەر نەرسە سېزىۋالغان بولساڭ ئېچىپ ئېيتما. نۇرغۇن ئىشلاردا كۆڭلىڭدە سان بولسىلا بولدى، ئۇنى ئېغىزىڭدىن چىقىرىش ھاجەتسىز.
2. خۇشال بولسا كۈلىدۇ، بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. قايغۇرساڭ، ھېچ ئىش بولمىغان ساختا قىياپەتكە كىرىۋال.
3. پىرىنسىپىڭغا خىلاپلىق قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا باشقىلارغا كەڭ قورساق بول، قولۇڭدىن كەلسە ياردەم قىل، ھەرگىزمۇ باشقىلارنى مەجبۇرى رەت قىلما، ئۆزۈڭگە چىكىنىش يولى قالدۇرۇپ قوي.
4. خۇشاللىق ئەڭ مۇھىم، كىملەر، نېمە نەرسە، نېمە ئىشلار ھەممىسى سېنى خۇشال قىلسۇن، چۈنكى سەن ھەر ۋاقىت ئۇلار بىلەن بىللە. بەزى نەرسىلەر سېنى خۇشال قىلمىسا دەرھال ئۇنىڭدىن ئايرىل، باشقا شەرت يوق. مۇھىم ئەھۋال بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ئايرىل.
5. ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغىنىڭنى، ئاجىزلىقىڭنى ئېچىپ تاشلىما.
6. مۇكەممەل نەرسە يوق، مۇكەممەل ئادەممۇ يوق، مۇھىمى زادى نېمىنى ئويلايدىغانلىقىدا. ئېرىشىشنى ئويلىسا چوقۇم باشقا بىر نەرسىنى يوقىتىپ قويىدۇ. ئەگەر ھەممە نەرسىگە ئېرىشىشنى ئويلىسا ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
7. بىر دوستۇمنىڭ مۇنۇ سۆزىنى بەك ياقتۇرىمەن"سەمىمىيلىك بىلەن ئۇنتۇش بىر ياخشى ئىش".
8. ئىككى ئادەم ئوخشاش ۋاقىتتا خاتالىق ئۆتكۈزدى، خاتالىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان تەرەپنى كەڭ قورساق دەيمىز، يەنە بىر تەرەپ قەرزدار بولىدۇ، بالدۇر-كېيىن ھامان قايتۇرىدۇ.
9. ئۆزۈڭ ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەملەرگە جىمجىت كۈلۈمسىرە؛ ئۆزۈڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەملەرگە قايسى تەرىقىدە قىلساڭ بولىۋېرىدۇ، چۈنكى سېنىڭ ھېسىياتىڭ بىلىنىپ-بىلىنمەي ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.
10. شۇ ۋاقىتتىلا مۇرەسسەلىشىشنى ئۆگەن، ھەم ئۆزۈڭنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىڭدا چىڭ تۇر.
11. ئۆگىنىشنى ھەرگىز توختىتىپ قويما. نېمە بولسا مەيلى، تىل، ئاشپەزلىك ۋە ھەرخىل ئىقتىدارلارنى ئۆگەن.
12. پۇل بەك مۇھىم، ئەمما ئاتا-ئاناڭغا يۆلىنىۋالما. سەن چوقۇم ئۆزۈڭنىڭ پۇل تاپىدىغان ئىقتىدارىڭنى ساقلاپ قېلىشىڭ كېرەك.
13. ئۆزۈڭنڭ كوللىكتىپتىكى ئىقتىدارىڭنى بەك يۇقىرى مۆلچەرلىۋەتمە، چۈنكى ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا ئۆزۈڭنىڭ يوقلىقىنى بايقايسەن، قۇياش ھەركۈنى ئادەتتىكىچە كۆتۈرۈلىدۇ.
14. ئۆتكەن ئىشلارنى ئۇنتۇپ كەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا سەن ئۇ ئىشلارنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇشىڭ كېرەك.
15. ھەممە نەرسەڭنى يوقاتقان بولساڭمۇ، كۈلكەڭنى يوقاتما.
16. نېمە تاللىغانلىقىڭدىن قەتئىينەزەر ھەرگىز پۇشايمان قىلما. چۈنكى پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ پايدىسى يوق.
17. ھەرگىزمۇ ھاياجانلىنىپ بەزى بىر چەكتىن ئاشقان سۆزلەرنى قىلىپ سالما.
18. ھەرگىزمۇ ئاسانلىقچە ۋەدە بەرمە. ئەگەر ئورۇنلىيالمىساڭ ئۇنىڭدىنمۇ يىرگىنىشلىك ئىش بولمايدۇ.
19. چۈشەنمەي تۇرۇپمۇ مۇھەببەتلەشسە بولىدۇ دەپ ئويلىما. چۈشەنمىگەن ۋاقىتتا، پەقەتلا ئامراقلىق قىلىشىمىز، مەقسەتكە يېتەلمەيمىز. ئۆز-ئارا ئەيىب-نوقسانلار ئاشكارلانغاندىن كېيىن، كۆپ ۋاقىتلاردا ئامراق تەدىرىجىي ئاخىرلىشىدۇ.
20. سۆزلىگەندە تۈز بول. ئادەم تۈز كۆڭۈل بولسا، يالغان قىياپەتكە كىرىۋالغاندىن ياخشى.
21. ئۆزۈڭگە ياخشىراق بول، كۆڭلۈڭ ياخشى ئەمەس ۋاقىتتا ھېچنىمىنى ئويلىما، بېرىپ ئۆزۈڭ ياخشى كۆرگەن تاماقنى يە. ھەرگىزمۇ ھاراق ئىچمە.
مىسرانىم تەرجىمە گۇرۇپپىسى:داۋان ئاشقۇچى |
http://blog.sina.com.cn/neyze