مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2113|ئىنكاس: 38

خۇتۇن ئالماق تەس[شېئىر] [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كورلا ئەلخۇش كومپىيۇتىر سېتىش،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2199
يازما سانى: 1254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15041
تۆھپە نۇمۇرى: 574
توردا: 2808 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-10 01:26:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەي تورداشلار دەردىم بار قۇلاق سېلىڭلار
ھەقىقى ئىشنى سۆزلەيمەن دىققەت قىلىڭلار
ئەركەكلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرار مەندىكى بۇ غەم
قايسى غەمدۇ دىسەڭلار، خۇتۇن ئالماق تەس ئىكەن

يېشىم يىگىرمىگە ئۇلاشقاچ،مۇھەببەتلەشكۇم كەپ كەتتى
تەنھا ئۆتۈپ زىرىككەچ، يۇرەك زەردە بۇپ كەتتى
ئاشىق مەشۇق بايرىمىدا ، بىر جۈپلەرنى كۆپ كۆرۇپ
مىنىڭمۇ مۇھەببەتلىشىپ،خۇتۇن ئالغۇم كەپ كەتتى

خۇتۇن ئېلىش ئۈچۈن مەن، قىز ئىزدەشكە باشلىدىم
تورغا ئېلان چىقىرىپ، ئۆزەمنى داڭلاپ ماختىدىم
سوراپ يۇرۇپ دوسلاردىن، قىزلارنىڭ كىيۇ كىيۇ سىنى
تورخانىدا باۋيى قىپ ،كېچىچە ئۇخلىماي قاچىلدىم\

شۇنداق قىلىپ كىيۇكىيۇدا، نەچچە قىز بىلەن تۇنۇشتۇم
كۆرمەي تۇرۇپ ھۆسنىنى ،نەچچىسى بىلەن ئارلاشتىم
لايىق ئىزدەپ مۇنبەردە، ئۆزەمنى داڭلاپ شېئىردا
قوشاق تۇقۇپ قىزلارغا، لايىق ئىزدەشكە تىرىشتىم

شۇنداق قىلىپ مۇنبەردە، بىر قىز بىلەن تۇنۇشتۇم
ھۆسنىنى كۆرمەي مۇڭدىشىپ، ئالتە ئايغىچە ئارىلاشتىم،
يېشى مەندىن بەك چوڭكەن، لىكىن قەلىمى بەك ئۆتكۈر
يازغۇچى ،شائىر بولغاچقا ، خۇتۇن قىلىشقا تاللىدىم

كىيىن بىلسەم بۇ قىزغا، مۇنبەردە نەچچىسى ئاشىق كەن
يۇشۇرۇن ئۇچۇر يوللۇشۇپ،مەندىن تالىشىپ يۇرەركەن
بىلىپ قېلىپ بۇ ئىشنى، سوراق قىلدىم ئۇ قىزنى
مىنى سېسىق مالچى دەپ، مەندىن يۈز ئۆرۈپتىكەن

شۇندىن بىرى مۇنبەرگە،كۆپ كىرمەسمۇ بۇپ كەتتىم
توردىكى مۇھەببەتكە، ئىشەنمەسمۇ بۇپ كەتتىم
ھىچ ئىش خوشياقمىدى، ئالدانغاچقا قىزلارغا
توردىن لايىق ئىزدەپ، خۇتۇن ئالماق تەس ئىكەن

شۇنداق قىلىپ خۇتۇننى ، ئاتا-ئانامغا ئىزدەتتىم
خۇتۇن ئەپ بەر ئاتا دەپ، كۈندە جىدەل قىلاتتىم
خۇتۇن ئېلىپ بەرمىسەڭ. كالا باقمايمەن دەپ يۈرۈپ
ئاتا-ئانامنى ئامالسىز، خۇتۇن ئىزدەشكە قىستاتتىم

بىر كۇنى ئاپام تېپىپتۇ، كورلىدىن بىر قىزچاقنى
لىكىن مەن ياراتمىدىم، مۇڭغۇل چىراي ئۇ سەتنى
دىدىم مەن ئاپامغا ،  چىرايلىقنى تاپقىن دەپ
لىكىن ھەرگىز ئالمايمەن، سەن تاپقان بۇ جىنتەكنى

بىر كۈنى ئاتام تېپىپتۇ، تۇققىنىمىزنىڭ قىزىنى
خېلى گۈزەل قىز ئىكەن ، ئالماقچى بولدۇم ئۇ قىزنى
قىز بىلەن كۆرۈشمەك بۇپ، ئۇچراشتۇق بىز باغچىدا
كۆرۈپ شۇئان قىز مىنى، ئېتىۋالدى  بۇرنىنى

سېسىق پۇرىغاچ سەۋەپلىك، بۇ قىزمۇ ياراتمىدى
مىنى سېسىق مالچى دەپ، پەقەت كۆزگە ئىلمىدى
شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشمۇ ، پەقەتلا قاملاشمىدى
راستىنى دىسەم تورداشلار ، خۇتۇن ئالماق تەس ئىكەن

بىر كۈنلەرنى بىرىدە، بىر قىز بىلەن تۇنۇشتۇم
مىجەزىمىز كىلىشىپ، خېلى ياخشى ئۆتۈشتۇم
شۇنداق قىلىپ بۇ قىزنى، خۇتۇن قىلىش ئۈچۈن مەن
ئاتا-ئانامغا يالۋۇرۇپ، ئۆيىگە ئەلچى ئەۋەتتىم

ئەلچى بېرىپ قىزنىڭ ئۆيىگە، قاپاقلىرى ساڭگىلاپ كەپتۇ
قىزىمىزنىڭ مەھرى ئۈچۈن . 40 مىڭ يۇەن بەر دەپتۇ
قىزىمىز جاپا تارتمىسۇن، ئۇرمىسۇن ھەتتا بالاڭمۇ
قوي كالا ھەرگىز باقمىسۇن، شەھەردىن بىنا ئال دەپتۇ

شۇنداق قىلىپ بۇ قىزدىن ، ئۇمىدىمنى ئۈزدۈم مەن
خۇتۇن ئىزدەپ تاپالماي ، بەكمۇ ھېرىپ قالدىم مەن
ياراتقاننى ياراتماي، ياراتقان مىنى ياراتماي
راستىنى دىسەم تورداشلار، خۇتۇن ئالماق تەس ئىكەن

شۇڭا دەيمەن تورداشلار، خۇتۇن ئالماق بەك تەسكەن
تەنھا يۇرەي دىسەم مەن، بويتاقلىقمۇ بەك تەسكەن
خۇتۇن ئىزدەپ تاپالماي، توردىن، رىئال دۇنيادىن
بەكمۇ ھېرىپ قالدىممەن، خۇتۇن ئالماق تەس ئىكەن



_____________________________________
ئاپتۇرى؛نەسرۇللا مالچى
يىزىلغان ۋاقتى، ئىلھامىم كىلىپ ، دەل ھازىر مۇنبەردىلا يىزىۋەتتىمغۇ، كالا تېزىكى بولمىسىمۇ ...ۋاقتى؛9-2011ئاينىڭ.4كۈنى

شېئىرىم ياخشى چىقمىدى، شۇنداق بولسىمۇ قىززىقچىلىق بولسۇن ئۈچۈن مۇنبەرگە يوللۇدۇم، بارا بارا ياخشى يازىدىغان بۇلارمەن، شائىر دوسلارنىڭ تەنقىدى پىكرىنى قۇبۇل قىلىمەن، ھە راس خۇتۇن ئېلىش ئۈچۈن ئازراق پۇل كەملەپ قالغان، شۇڭا تورداشلارنىڭ ئازراقتىن ياردەم قىلىشىنى سورايمەن، مىنىڭ تويۇم بۇپ كەتسە مەن كەچكىچە بويتاقلار مارشى توۋلاپ يۇرمەيتىم، مۇنبەردىكى قىزلارغا قاش ئېتىپمۇ، تاش ئېتىپمۇ يۇرمەيتىم، شۇڭا ئازراق بولسىمۇ مۇنبەر پۇلى بىرەرسىلەر، مۇنبەردە قىز كەلتۇرۇش ئۈچۈن پۇل لازىم بۇلىدىكەن، شۇڭا ماڭا بىر ياردەم قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن،


......................................................................

                                بويتاق يىگىتنىڭ ھەسىرتى

                                    ئاپتۇرى؛نەسرۇللا مالچى

مەن ئاتقان تاشلىرىم، بىرسىگىمۇ تەگمىدى،
تەلەپ قويغان قىزچاقلار،مىنى كۆزگە ئىلمىدى   
مىنى سەت مالچى دەپ، بىر قاراپمۇ قويمىدى   
بويتاقلىق بەك يامانكەن ، خۇتۇن ئالمىسام بولمىدى

......................................................................................   
قىزلارنى كۆرسەم ھەر ۋاقىت ،يۈرۈگۈم دۈپۈلدەپ سۇقىدۇ   
گەپ قىلالماي شۇڭلاشقا،تىلىم دۇدۇقلاپ قالىدۇ     
قىزلار تۇرسا ئالدىمدا ، بېشىم ئەسلا قايىدۇ   
بەك ئۇياتچان بولغاچقا ، بويتاقلىقتا يۈرىمەن.     
  
قىزلار كەلسە ئالدىمغا ، نىمە دىيىشنى بىلمەيمەن.  
ئۇچراشمىسۇن كۆزلەر دەپ، تۈپتۈز قاراپ ماڭمايمەن   
قىز دوست بولمىغاچ شۇڭلاشقا،تورخانىدىن چىقمايمەن     
بەك تارتىنچاق بولغاچقا ، بويتاقلىقتا يۈرىمەن   
     
دوستلار سوراپ ھەر ۋاقىت ، مۇھەببىتىڭ بارمۇ دەپ   
تارتىنىپ يۈرمىگىن سەن ئەمدى،جۈرئەتلىك بولغىن دەپ
قىزلارنى كۆرسەڭ جىم تۇرما ، گەپدانراق بولغىن دەپ
ئەمدى شوخراق بولغىن سەن ، بويتاقلىقتا يۈرمە دەپ
     
بويتاقسىزلىق بۇ ياشاش، زىرىكىشلىك ئۆتىدىكەن   
تەنھالىقتا بۇ ياشلىق ، غېرىپسىنىپ يۈرىدىكەن   
مۇھەببەتلىشىش بىزلەرگە،كالا باقماقتىنمۇ تەس ئىكەن   
قانداق قىلاي مەن ئەمدى،بويتاق يۈرمەك بەك تەسكەن .   

بويتاقلىقنى تۈگىتىدىغان ، ئامال -چارە بارمىدۇ     
ياكى ئۇنى ساقايتىدىغان، دورا-دەرمەك بارمىدۇ     
قانداق قىلاي مەن ئەمدى، ماڭا ئامال بارمىدۇ `  
بۇ دۇنيادا ماڭا ئوخشاش،بىچارە بويتاق بارمىدۇ     
  
ساقال بۇرۇتلار خەت تارتتى،دائىم مۇشۇنداق يۈرەمدىم   
يېشىم يىگىرمىگە ئۇلاشتى ،مۇھەببەتلەشمەي يۈرەمدىم     
خىلى كىلىشكەن يىگىتمەن ، يەنە تارتىنىپ يۈرەمدىم     
تەڭ دىمەتلەر توي قىلدى ، مەنلا بويتاق يۈرەمدىم   
     
قىزلار چېغىدا يۈرەكلىك ، تەلەپ قۇيار يىگىتكە  
ھايا دىگەن ئوقۇمنى، قايرىپ قۇيار بىر چەتكە     
ھازىر زامان ئۆزگەردى، قىزلىرىمىز بەك ئەركە   
سالام خەتنى يىزىشىپ ، توشقۇزۋېتەر 10 بەتكە   

مىڭ ئۆزگىرەي دىسەممۇ ، بۇ مىجەزىم كاج ئىكەن   
شوخراق بۇلاي دىسەممۇ، مەندە يۈرەك يوق ئىكەن     
ھاراق ئىچەي دىسەممۇ ، بۇ ھاراق ئاچچىق ئىكەن   
قانداق قىلاي مەن ئەمدى،يار تۇتماقمۇ تەس ئىكەن   
     
مۇشۇنداق يۈرىۋېرىپ ، ئىچىم بەكمۇ سىقىلدى
بۇنداق يۈرمەي دىسەممۇ،يار تۇتماق تەس بىلىندى   
يار بولمىغاچ يانىمدا ، كۈنلىرىم مەنىسىز بىلىندى   
بويتاقلىق بەك يامانكەن، خۇتۇن ئالمىسام بولمىدى     
  
دوسلىرىم كۆرسە ھەر يەردە ،مۇھەببەت تۇتمامسەن دەيدۇ   
ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دەپ،ئانام خۇتۇن ئال دەيدۇ     
قىزلار خەت يىزىپ كيۇكيۇدا ، تۇنۇشمامدۇق بىر دەيدۇ     
بويتاق ئىكەن دەپ مىنى ، ئەتراپىمدىن كەتمەيدۇ     
  
نەسىھەت قىلىپ دوسلىرىم، مۇھەببەتسىز يۈرمە دەپ     
سەنمۇ چوڭ بۇپ قالدىڭ،ئەمدى بويتاق يۈرمە دەپ   
ئاتا-ئاناڭ ياشاندى، ئەمدى خۇتۇن ئالغىن دەپ     
بويتاقلىقتا ئۆتمىگىن ، ئەمدى تۇرمۇش قۇرغىن دەپ   

مەن دىگەن بىر ئەركەك،بۇنداق تارتىنىپ يۈرمەي ,  
ئىزا تارتىپ قىزلاردىن ، يەرگە قاراپلا يۈرمەي     
بۇ ماڭا ياراشمايدۇ ، ھەقىقى يىگىتتەك بۇلاي     
يۈرەكنى قارام قىلىپ ، قىزلارغىمۇ گەپ قىلاي     

مەن مۇشۇنداق يۇۋاش بولغاچقا   
قىز كەلتۈرۈشنى پەقەت بىلمەيمەن     
ياردەم قىلىڭلار ئەي تورداشلىرىم  
مۇھەببەتلىشىشنى پەقەت ئۇقمايمەن   

....................................................................  
  
لايىق ئىزدەش ئېلانى   

ئاپتۇرى ؛ ئۆرۈكچان؛ مەن ئازراق تەھرىرلەپ قويدۇم؛ لىكىن ئاپتۇرلۇق ھوقۇقى يەنىلا ئۆرۈكچاندا،رۇخسىتى بىلەن ئۆزگەرتتىم

دىققەت قىلدىغان ئىشلار:   
1.قىز بولسىڭىز چاقچاق ئەمەس!
2.جۇۋان بولسىڭىز كۈلۈپ قويۇڭ!
3.يىگىت بولسىڭىز ئۆگىنىپ قويۇڭ!   
4.تېلفۇن نومىرىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ! باشلاپ كەتتۇق! ______________________________________________   
  
مېنىڭ قىز لايىق ئىزدەش مەكتۇبۇم

ئالما بەرسەم ئالامسىز؟   
دۇتتارىم بار چالامسىز؟  
نەسرۇللادەك يىگىتكە،   
يار بولۇشنى خالامسىز؟   
  
20 ياشتا يېشىم بار،   
ئوغاق ئايدەك قېشم بار،   
بويتاقلىقنىڭ دەردىدە   
تەييار چۆپ-دەپ ئېشىم بار!
  
يۇرتۇم كۇچار ئالامەت!   
مەن چاپىمەن كارامەت!   
مىجەزىمنى سورىماڭ   
تۆت پەسىللا سالامەت!   
  
تېلفۇن قىلاي نۇمۇرغا،   
يېزىپ قويۇڭ ئۇدۇلغا!   
ئۇرسام مەيلى قىز ئۈچۈن   
تۇرپان..قەشقەر ..قۇمۇلغا!
  
تەڭ بولسۇنكى يېشىڭىز،
كامار ئەمەس چىشىڭىز!   
ئوينايلى دەپ چىققاندا   
ئاغرىمىسا بېشىڭىز!
  
تېخى ياغلىق چىگسىڭىز،   
ئۇزۇن كۆينەك كىيسىڭىز،   
ئەدەپ-ئەخلاق دىگەننى.   
جېنىمكەنغۇ دىسىڭىز!
  
چىقسا شېكەر سۆزىڭىز،
گۈزەل بولسا ھۆسنىڭىز!
ئالا چىپا ئارتىستەك   
مايلانمىسا يۈزىڭىز!   
  
كىتاپ كۆرۈپ تۇرسىڭىز،
پاشا چاقسا ئۇرسىڭىز!
نەگە بارسام كەينىمدىن
ئۇمۇقۇم دەپ تۇرسىڭىز!   
  
راۋرۇس تاماق ئەتسىڭىز،   
ئىشچانلىققا يەتسىڭىز!   
ئانىڭىزنىڭ ئۆيىگە
بىرنى قويسام كەتسىڭىز!   
  
پاكىزلىقنى سۆيسىڭىز،
ماڭا دىلدىن كۆيسىڭىز!   
تۆت پەسىلنىڭ ھەممىدە
ئەمبەر پۇراپ يۈرسىڭىز!   
  
چوڭنى چوڭ دەپ بىلسىڭىز،  
تاۋۇز پىشسا تىلسىڭىز!   
گەپلىرىمگە ياۋاش بوپ   
تىترەپ تۇرۇپ كىرسىڭىز!   

گۇناھلاردىن يانسىڭىز،   
مەرىپەتكە قانسىڭىز!
ئالداپ قويۇپ ۋەلىكىن   
كىيىن بولماس چانسىڭىز!   
  
پۇل خەجلەشنى ئۇقسىڭىز،   
مەندىن بەكرەك قوقسىڭىز!   
تېرىكىمەن ھەممىگە
زۇكام بولۇپ يۇقسىڭىز!
  
يۇرتنى يىراق دىمەيمەن،
مىفەن ئەتسە يىمەيمەن!   
پۇل دىگەننى يوشۇرۇن   
خەجلەشنىمۇ بىلمەيمەن!   

1.65 بويىڭىز،   
يېڭى بولسا تويىڭىز،
ماڭا ئوخشاش خۇشچاقچاق،   
بولسا مىجەز خۇيىڭىز!   
  
مۇشۇ ئاران تەلىۋىم،   
تۈگەپ قالدى غەلىۋىم.
قەدىرلەشكە سىزنى ھەم
باردۇر يۈكسەك ئەمىلىم!   
  
خوپ كۆرسىڭىز تەييارمەن،   
ئۇچىدىغان سەييارمەن!   
قىز گېپىنى چىقارسا
تېلفۇندىكى لەييا مەن!  
  
ئىسمىم تاتلىق نەسرۇللا،   
دەپتەر بولسا يېزۋىلىڭ!   
ياكى كۈلۈپ تۇرۇپ بېرەي   
رەسىم قىلىپ سىزىۋېلىڭ!   
  
ماقۇل ئەمسە خوش دەيمەن!   
باشقا قىزنى پوش! دەيمەن!   
بولسا بالدۇر خەۋرىڭىز
مانا كېلىڭ گۆش !-دەيمەن!   

قېنى قىزلار بارمۇ يا ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيلى،  نەسرۇللا بوش يىگىت ئەمەس   
  
........................................................................................................
توي قىلاي   

ئاپتۇرى؛ مىسرانىم ئەزاسى؛ موساجان0997

يالغۇزلىقتىن تولغىنىپ ،ياتالمىدىم توي قىلاي،   
تەنھالىقتىن مۇڭلىىنىپ ياتالمىدىم توي قىلاي.   
قىيىن ئىكەن بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن ئىس چىقماق  
ئاچ قىلىپ بىر قورساقنى باقالمىدىم توي قىلاي.
  
قىيىن ئىكەن يالغۇزنىڭ بىرنى ئىككى  ئەتمىكى ،
قىيىن ئىكەن يالغۇزنىڭ مۇرادىغا يەتمىكى، ,
تۈگمەيدىكەن يالغۇزنىڭ رىيازەتلەر چەكمىكى،   
ھارۋامنى ھەم ئىتىمغا قاتالمىدىم توي قىلاي.  
  
يوتقان-كۆرپە،ياستۇقلار كىر بوپكەتتى مايلىشىپ،   
مىنىڭدىنمۇ قۇتۇلدى بىر بۇلۇڭغا جايلىشىپ،   
دوس-يارەنلەر نىمى ھەم تاشلىۋەتتى بايلىشىپ،  
ئۆتمىشىمنى ئويلىنىپ ياتالمىدىم توي قىلاي.   
  
ئايدا يىلدا بىر قىتىم كىگىز -گىلەم قىقىلماس،   
ئون-ئونبەش كۈن ئايغىچە، ئوچاققا ئوت يىقىلماس،   
بۇ ئالەمدە مىنىڭدەك بىر خار كىشى تېپىلماس،   
بۇ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرەلمىدىم  توي قىلاي.   
  
يالغۇزلىقنىڭ دەردىدىن كۈن ئالمىغىم  تەس  بولدى،   
يالغۇزلىقنىڭ دەردىدىن يۈركۈمگە دەرىت تولدى،   
يالغۇزلىقنىڭ دەردىدىن كۆزلىرىمگە ياش كەلدى،   
ئەقلىمدىن ھەم  ئادىشىپ قالاي دىدىم  توي  قىلاي.   
  
ئىشتىن كەلسەم  ئالدىمغا چىقىدىغان ھېچكىم  يوق   
ئاچ قالغان بۇ قورساققا ئاش ئىتەرگە  ھېچكىم يوق،   
يىرتىلغان شىم -چاپاننى تىكىپ بىرەر  ھېچكىم يوق،   
بۇ تۇرمۇشتىن ھېچبىر زوق ئالالمىدىم  توي  قىلاي. .
  
ئۆي ئىچىدىن توپا-چاڭ بوران بولۇپ  ئۇچماقتا،   
قورسىقىمنىڭ كوركىرشى مىنى تىرىك  يۇتماقتا،   
جان ئالغۇچى ئەزرائىل  ماڭا ھوجۇم قىلماقتا،   
ھاياتىمدىن  ئايرىلىپ  قالاي دىدىم  توي قىلاي.   
  
كىچە ياتسام جىن -شەيتان ئالۋاستىلار  توۋلايدۇ،
بىر تەرەپتىن ئاچ قورساق ھوۋقۇش كەبى ھوۋلايدۇ،   
ئارام خۇدا كۆز يۇمۇپ  ئۇخلىغلى بولمايدۇ،   
چۈشلىرىم  ھەم بۇزۇلۇپ ياتالمىدىم توي قىلاي.   
  
نىمە ئۈچۈن ئۆزۈمنى بۇنچىۋالا خارلايمەن.  
نىمە ئۈچۈن ئۆزۈمگە بىر ھەمرانى تاپمايمەن .  
نىمە ئۈچۈن كىچىسى  ھوزۇرلىنىپ ياتمايمەن،
شېرىن خىيال ئىچىدىن  چىقالمىدىم  توي قىلاي.

چىرايلىق قىز-چوكانلار  يۈركىمنى  ئەپكەتتى،   
بىر قاراپلا ئىچىمگە ئۆچمەس ئوتنى  سەپ كەتتى،  
گۈزەللەرنىڭ رۇخسارى  كۆزيىغىمنى يەپ كەتتى،
شۇ قىزلاردىن  بىرنى  ئالاي دىدىم  توي  قىلاي.   
  
كۈندە پەرياد ئۇرامەن ، بويتاقلىتىن خارلىنىپ،   
كۆزۈمدىن  ياش تۆكەرمەن  تەنھالىقتىن  زارلىىنىپ،   
جىنىمدىن جاق تويدۇم  مەن  كەڭرى جاھان  تارلىنىپ،
بۇ تۇرمۇشنىڭ مېغزىنى  چاقالمىدىم  توي  قىلاي.   
  
ئايال دىگەن  بىر ئۆيدە خۇش پۇراقلىق  گۈل ئىكەن. .  
شۇ ئايالسىز  سارايمۇ  قورۇق -قاقشال چۆل ئىكەن. !   
شۇ ئايالسىز  ياشىغان ئەرنىڭ ئۆمرى  كۈل ئىكەن،   
بۇ ھاياتتىن  خوشاللىق  تاپالمىدىم  توي  قىلاي. )   
  
غەمكىن يۈرسەم ھالىمنى سورمىدى  بىر كىشى،   
كۈن ئۆتكۈمەك قىيىنكەن بولمىسا بىر سىردىشى،   
جاپا بىلەن  ئۆتەركەن  يالغۇزلارنىڭ تۇرمۇشى،   
كىر بولغان  شىم- كۆينەكنى  يۇيالمىدىم  توي  قىلاي.   
  
بۇ ھاياتنىڭ يوللىرى ئىكەن  شۇنداق ئىگىز پەس،   
مىنىڭدەك بىر  يالغۇزنىڭ كۈن ئالمىغى  بولدى  تەس،   
كۆپ سۆزلەپمۇ ئولتۇرماي سۆزىم تامام بولدى  بەس،   
قولۋاقسىز ،بۇ  دەريادا  ئاقالمىدىم  توي  قىلاي.


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
kamran + 50
hazniqi + 100

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 150   باھا خاتىرىسى

بالىنى ياخشى تەربىيلەش تەربىيلىمەسلىك ئاتا-ئانىدىكى سەۋەپ.قىيامەتتە ئاتا-ئانىلار ئاللاھنىڭ سۇئاللىرىدىن قانداقمۇ ئۆتەر

ئۆزى سۆيگەن كىشى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44278
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5308
تۆھپە نۇمۇرى: 788
توردا: 171 سائەت
تىزىم: 2011-6-13
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-10 02:13:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالامەت ئىكەنغۇ ...............ھارماڭ

يول سورىغان يولد

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38732
يازما سانى: 635
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6254
تۆھپە نۇمۇرى: 254
توردا: 5087 سائەت
تىزىم: 2011-4-25
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-10 02:15:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىزرەك توي قىلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن،مانا بۇ ياردىمىم

دۇنيادا  يول يوقتى،ماڭىدىغانلار كۆپەيگەچكە يول پەيدا بولغان.

ياردەم مەزمۇنى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4175
يازما سانى: 881
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10645
تۆھپە نۇمۇرى: 562
توردا: 6821 سائەت
تىزىم: 2010-7-17
ئاخىرقى: 2013-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-10 02:27:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچان خوتۇن  ئالارمەن .
ياش يىگىرمە ئالتىگە يەتتى.
بويتاقلىق جىنمغا  پىتىپ.
يۇركۇمنى بەكمۇ بى ئارام ئەتتى.

sanga karap kuliman

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12846
يازما سانى: 955
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23086
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 4659 سائەت
تىزىم: 2010-10-5
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-10 02:32:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پول يوق ،جاڭگالدا شورپا يوق بولۇپ قاپتۇ دە .
شېئېرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ !
ئەمدى پول مەسىلىسىگە كەلسەك مەندىمۇ يوق شۇ پۇل ،باشقىلار ماڭىمۇ كۈڭۈل بېرىپ پول بېرىپ قالسا سىزگە ئازىراق قەرىز بېرىپ تۇرارمەن (چاقچاق )

نادان جاھىللار بىلەن مۇنازىرلەشمە !!

bir uluh alla har bir kixiga i

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27925
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5017
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2011-1-26
ئاخىرقى: 2011-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-10 02:55:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشې يېزېپسېز ...تىخېمۇ تېرىشڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25474
يازما سانى: 2276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22431
تۆھپە نۇمۇرى: 366
توردا: 6727 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-10 03:04:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلسەم - بىلمىسەم ھىلىغىچە بىرەر ھىسياتلىق قىز  ئەرگە تەگمەك تەس دەپ شېئىر يوللايدۇ ھەرقاچان.

موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52026
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3010
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2011-8-17
ئاخىرقى: 2011-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-10 03:14:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشساق سىزدەك  ياشىساق  ھە!  (مۇشۇنداق خۇشال دىمەكچى)

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 1960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14858
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-10 03:19:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روزى سايىت ئاكىمىزنىڭ قەۋرىسىگە بېرىپ يالۋۇرۇڭ ، ھايات ۋاقتىدا يازغان شىېرلىرىدىن بىرەنى بەرسە شۇنى سېتىپ توي قىلارسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41571
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3820
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-10 03:34:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يارايسېز      تېر  شېڭ    ئۇكام    قېز  كەلتۇرۇش   ئاسان   ئەمەس    بەكرەك تېرېشېڭ      ئاللا    بەرسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش