ئاپتورى:سوپاخۇن سۈۋۈرۈف
ما جۇڭيىڭ قەشقەرگە بېرىپ ، ئالدى- كەينىگە ماڭالماي ، نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرغان كۈنلەردە ما جۇڭيىڭ ئالتۇن – كۈمۈش ، دۇنيانىڭ جىقلىقىدىن ، چەت ئەللەرنىڭ قەشقەردىكى كونسۇللىرى ئۆز مەملىكىتىگە ئېلىپ كېتىشكە ۋە مەملىكىتىدە ئۇنىڭ ھاياتلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چىرايلىق ۋەدىلەرنى بېرىدۇ . خۇسۇسەن ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلى ئۇنى ئەنگىلىيىگە كېتىشكە كۆپرەك تەكلىپ قىلىدۇ . ما جۇڭيىڭنىڭ بېشى قېتىپ تۇرغاندا ، ما دوتەينىڭ ياردىمى بىلەن سوۋېت كونسۇلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا 60 تەك كىشى بىلەن كېتىشكە رۇخسەت قىلىدۇ . ما جۇڭيىڭنىڭ چەت دۆلەتلەرگە كېتىش غەرىزى بولغانلىقى ئۈچۈن ، سوۋېت دۆلىتىگە كېتىشنىڭ ئالدى – كەينىدە قەشقەردە ئىچىگە تىللا قىستۇرۇپ تىكتۈرگەن 40 كىشىلىك پاختىلىق شىرىق كىيىم ھەم زىخچە چوڭ – چوڭ ئالتۇن – كۈمۈش دۇنيالارنى ئېلىپ ماڭغان . ما جۇڭيىڭ ئېلىپ ماڭغان يان قوراللارنىڭ ھەممىسىنى چېگرا ساقچىلىرى ئېلىپ قالىدۇ .
ما جۇڭيىڭ ھەمراھلىرى بىلەن چېگرىدىن ئىچكىرىلەپ كىرگەندە ساقچىلار دېزىنفېكسىيە قىلىشنى تەكلىپ قىلىدۇ . ئۇلار مۇنچىغا چۈشۈۋاتقاندا كىيىملىرىنىڭ ئورنىغا يېڭى كاستۇم- بۇرۇلكىلارنى ھەتتا ئىچ كىيىم – كېچەك ۋە گالىستۇكلارغىچە ئەكىرىپ قۇيىدۇ . مۇنچا ، گازارما ، ياتاق ئەتراپلىرى سوۋېت ساقچىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق مۇھاپىزەت قىلىنىدۇ . شۇ ۋاقىتتا پورخوپ دېگەن رۇس چېگرا ساقچىلىرىدىن ئىكەن . ما جۇڭيىڭ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى مۇنچىدىن چىققاندىن كېيىن قارىسا تىللا قاچىلانغان شىرىغان ئىشتان ، چاپانلار يۇق . قولىنى چىشلەپلا قالىدۇ .
ما جۇڭيىڭ سوۋېت ھۆكۈمىتىدىن پاناھ تىلەپ بارغاندىن كېيىن ئۇلار ما جۇڭيىڭنى ھەمراھلىرى بىلەن ياخشى قارىشى ئالىدۇ ھەم ياخشى كۈتۈۋالىدۇ .، ئالدى بىلەن ھەربىي مەكتەپ ، ئاۋىئاتسىيە مەكتەپلىرىنى ، تانكا – زەمبىرەك ۋە باشقا قورال – ياراغ ياسايدىغان زاۋۇتلارنى قۇرۇقلۇق ، دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيىسى قىسىملىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرىدۇ . ئۇلارنىڭ ما جۇڭيىڭغا بۇلارنى كۆرسىتىشىدە بىر مەقسەت بار ئىدى . ما جۇڭيىڭنىڭ شىنجاڭدىن چىققاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىشى قىلغان سۆزلىرى ۋە ئۇرۇشلىرىنى سوۋېت ھۆكۈمىتى ياخشى بىلەتتى . شۇڭا ماجۇڭيىڭغا «بۇلارنى كۆردۈڭلارمۇ ؟ كۆرۈپ قۇيۇڭلار ، شۇنداق زامانىۋىلاشقان ھەربىي كۈچ تۇرسا ، قانداقسىگە سوۋېت ھۆكۈمىتى ۋە قىزىل ئارمىيىسى بىلەن تەڭ تۇرالايسىلەر» دېمەكچى بولغان .
ھازىر ما جۇڭيىڭ ھەققىدە نۇرغۇن ئوخشىمىغان قاراشلار بار . ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۆتكەن ئاخىرقى كۈنلىرى توغرىلىقمۇ ئوخشىمىغان ئانالىزلار بار . ما جۇڭيىڭ ئۈرۈمچى ئارقىلىق كىرىپ ، ما جۇڭيىڭنى ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغىچە قوغلاپ بارغان سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئەمەسمۇ ؟! ما جۇڭيىڭ مانا ئۆز دۈشمىنىدىن پاناھ تىلەپ ئالدىغا بېرىشقا مەجبۇر بولدى . ستالىن ئۆز رەقىبىنى ساق قۇيارمۇ ؟ شېڭ شىسەي 1938-يىلى 7-، 8-ئايلاردا ئايالى چۈي يۈفاڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا زىيارەتكە بېرىپ ، ستالىننىڭ ئايرىم قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان بولغان . شېڭ شىسەي شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن شىنجاڭ قۇرۇقلۇق ھەربىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى زىيارىتىنى سۆزلەپ ، سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ خەلقىگە قىلغان ماددىي ۋە مەنىۋى ياردەملىرىنى ئېغىزىدىن شۆلگەيلىرى ئېقىپ كەتكۈچە ماختىغانىدى . مەملىكەتنىڭ ئىچكى – تاشقى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا ، ھازىر جۇڭگوغا ياپون جاھانگىرلىكى باستۇرۇپ كىرىپ نۇرغۇن گۈزەل شەھەرلەرنى بېسىۋالغانلىقى ، بىگۇناھ خەلقنىڭ قىرىلۋاتقانلىقى ، ما جۇڭيىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەسكەر باشلاپ چىقىپ ، پۈتۈن شىنجاڭغا پاراكەندىچىلىك سېلىپ ، شىنجاڭدىكى بىگۇناھ خەلقنى بۇلاپ – تالىغانلىقى ۋە ئۆلتۈرگەنلىكى ، جاھانگىرلارنىڭ ھازىر ئۆز ئىچىمىزدىمۇ قۇيرۇقلىرى بارلىقى ، ئۇلارنى تەلتۆكۈس تازىلاش كېرەكلىكى ئۈستىدە توختىلىپ ، بولغۇسى كەڭ قولغا ئېلىشتىن بېشارەت بەرگەنىدى .
ئۇ شۇ قېتىمقى زىيارىتىدە سىتالىندىن :«ما جۇڭيىڭ بارمۇ ؟ ئۇ قەيەردە؟» دەپ سورىغانىكەن ، سىتالىن :«ئوقۇۋاتىدۇ» سەپ جاۋاب بېرىپتۇ . شېڭ شىسەي سىتالندىن ما جۇڭيىڭنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىۋېلىپ ، سوۋېتتىن قايتىپ كېلىپلا سىتالىنغا :«ما جۇڭيىڭدىن ۋاپا كەلمەيدۇ . قارا نىيەت ، شىنجاڭ خەلقىنى كۆپ قىرغان ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى ، شىنجاڭغا بارغان قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنى قىرغان جاللات ، ئۇ تىرىكلا بولىدىكەن ، ھامىنى بىر كۈنى سوۋېت ھۆكۈمىتىگە قارشى چىقىدۇ . بۇنى كۆزدىن يوقاتمىساق بولمايدۇ » دەپ خەت يازىدۇ .
ئۇزاق ئۆتمەي ما جۇڭيىڭ ھەربىي مەكتەپتىكى ئوقۇشىدىن توختىتىلىپ ، كاللىسى ئېلىنىدۇ.
سوپاخۇن سۈۋۈرۈفنىڭ «مەن كەچكەن كېچىكلەر » ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى .
يوللىغۇچى :
ئوغۇز كىتابخانىسى
http://www.kitapyurti.com