|
|
|
|
مېيىپ لۈكچەك
ــ قاراڭلا ئاۋۇ مۇتىھەم يۇرتدېشىڭلارغا،ھېلى تېخى سىلە ئىچ ئاغرىتىپ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈپ ھەم بىزنىڭمۇ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ قويۇشىمىزنى ئۆتىنىۋاتاتتىڭلار،ئەمدى نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇنىڭغا بېرىدىغان بىر پۇڭۇممۇ يوق.بېرىپ شاپىلاقتىن نەچچىنى‹‹سەدىقە بېرەي›› دېسەم مېيىپ ئىكەن،ئەل-جامائەت زاڭلىق قىلغۇدەك،ھەي...!!بولدى كېتەيلى.
مەن دوستۇمنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۇ ئىشارە قىلغان تەرەپكە قارىسام ،سودا بازىرى ئىچىدە دوستۇم ماڭا دوق قىلىپ دەۋاتقان ‹‹مېيىپ يۇرتلۇقۇم›› مېيىپلار ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ كېلىپ، تىلەمچىلىك قىلىپ ئولتۇرغان بىر موماينى تىللاپ ، دۈشكەلەپ،يۈزىنى يېپىۋالغان چۈمبىلىنىمۇ چۆرىۋېتىپ ،ئۇ موماينىڭ يېلىنغىنىغىمۇ ئۇنىماي‹‹بۇ يەردىن يوقال››دەپ قوغلىغىلى تۇرۇپتۇ.قاراپ تۇرساق ئۇ مېيىپ يىگىت موماينى سودا بازىرىنىڭ سىرىتىغا چىقىرىۋەتتى.موماي چۈمبىلىنى قايتا ئارتىپ يىغلىغىنىچە كېتىپ قالدى.ئەتىراپتا تۇرغان ھەممىمىز ئۇ مېيىپ يىگىتنىڭ ئۆكتەملىكىگە لەنەت ئوقۇشتۇق،بىر قىسىم كىشىلەر ئاچچىقىدا‹‹خۇدايىم ھەممىنى تەڭشەپ بېرىدىكەن››دېيىشىۋاتاتتى.بىراق ،بىرەرسىمىز ئارىغا كىرىپ ئۇنىڭغا ‹‹ئاپاڭدەك ئايالغا نىمىشقا ھۆرمەتسىزلىك،ئۆكتەملىك قىلىسەن؟››دەپ ئېغىز ئېچىپ نەسىھەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدۇق.چۈنكى ؛25ياشلاردىكى ئۇ يىگىتنىڭ ئىككى پۇتىمۇ مېيىپ،تىلىمۇ راۋان ئەمەس،قولىمۇ يېرىم ئىشلەيدىغان تۇغما مېيىپ بولۇپ،مېيىپلار ھارۋىسىدىن ئايرىلسا ئىككى پۇتىنى سۆرەپ ئۆمىلەپ ماڭىدىغان جىسمانىي جەھەتتىن ئىنتايىن ئاجىز بەندە ئىدى.شۇڭا ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولغىسى كەلمەيتى.
دېيىلىۋاتقان بۇ ئىش تېخى مۇشۇ ئۆتۈپ كەتكەن روزا ھېيىتى مەزگىلىدە بىزنىڭ ناھىيەگە قوشنا بولغان بىر ناھىيەنىڭ چوڭ بىر سودا بازىرىدا يۈز بەردى.مەن شۇ كۈنى مۇشۇ ناھىيەدىكى دوستۇمنىڭ قېشىغا كەلگەنىدىم.بىز بىر قانچە دوست چۈشلۈك تاماق يېيىش ئۈچۈن ئاشۇ سودا بازىرىدىكى ئاشخانىغا كىردۇق.كىرىپ كىتىۋېتىپ ئاشخانىنىڭ ئۇدۇل تەرپىدە مېيىپلار ھارۋىسىنىڭ يېنىدا يېنىچە يېتىپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان مېيىپ يىگىتكە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ۋە دەرھال ئۇنى تونۇدۇم.‹‹ۋاي ،بۇ بىزنىڭ ناھىيەدىكى مېيىپ يىگىتقۇ، بۇ ناھىيەگە قانداق كەلگەندۇ،ھەر قانچە بولسىمۇ مېيىپلار ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ كېلىپ بولالماس؟››دېگەنلەرنى ئويلاپ بىر دەم جايىمدا تۇرۇپ قاپتىمەن.دوستۇم؛‹‹نىمىگە قاراپ قالدىڭلار،ئاشخانىغا ماڭساڭلار››دېدى. مەن ئۇلارغا ؛‹‹ئاۋۇ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان مېيىپ بالا بىزنىڭ ناھىيەدىن،شۇڭا قاراپ قالدىم››دېدىم.مەن ئاتايىن ئۇ مېيىپ يىگىتنىڭ يېنىغا بېرىپ سەدىقە بەردىم.ئۇ يىگىت ماڭا قاراپ؛‹‹سىز شاياردىنغۇ؟››دېدى.‹‹تونۇپسىز ھە،بۇ ناھىيەگە قاچان،قانداق كەلدىڭىز،قاچان كېتىسىز؟››دېگەنلەرنى سورىدىم.ئۇ؛‹‹ماشىنىدا كەلدىم،50كويغا ئەكىلىپ قويدى.كەلگىلى تۆت كۈن بولدى،كېلەر ھەپتە كېتىمەن››دەپ جاۋاپ بەردى.خىيالىمدا ،ئەگەر ئۇ بۆگۈن كەچتە كېتىمەن دېسە مەن كىراسىنى تۆلەپ ئالغاچ كېتىپ ئۆيىگە ئاپىرىپ قوياي دېگەنىدىم.ئۇنىڭ سەدىقە قاچىسىغا نۇرغۇن پۇل چۈشكەن ئىدى.ئۇنىڭ بۇ مېيىپ ھالىتىگە قاراپ ئىچ ئاغىرتىپ سەدىقە بېرىدىغانلار كۆپ بولۇپ،ئەر-ئايال،قېرى-ياش ۋە ئۆسمۈر بالىلارمۇ ئېچىنىش ئىچىدە ئاتىغىنىنى بېرىپ ماڭاتتى.بۇ يىگىت تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان جايدا باشقا تىلەمچىمۇ يوق ئىدى.ئەتىراپتىكى تىجارەتچىلەرمۇ مۇشۇنىڭ قېشىغا كېلىپ پۇل پارچىلاپ كېتىۋاتاتتى.مەن بۇ ئەھۋالغا قاراپ،ئۇنىڭ بۇ سودا بازىرىغا خېلىلا ئۆزلۈشۈپ قالغانلىقىنى.داۋالىق كېلىپ-كېتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ،شۇڭا شاياردا بەك كۆرۈنمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.مەن ئاشخانىغا قايتىپ كىرىپ تاماق يېگەچ دوستلۇرۇمغا ئۇ يىگىتنىڭ ھەقىقەتەن بىچارىلىقىنى،يېنىدىن ئۆتۈپ قالغاندا سەدىقە بېرىپ قويىشىنى ئۆتۈندۈم.ئاشخانىدىن چىققاندا دوستلۇرۇمنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا سەدىقە بەردى.ئۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ مېھرىبانلىق يەتكۈزۈپ سەدىقىنى كۆپ بەرگىنىدىن، كۆڭلۈمدە خۇددىي ماڭا ئامەت كەلگەندەك سۆيۈنۈپ كەتتىم.سەۋەبى؛ بىر تەرەپتىن مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ناھىيەدىن.يەنە بىر تەرەپتىن مەن ئۇنىڭ ئائىلە تۇرمۇش ئەھۋالىدىن خەۋەردار. ئۇ ساختا مېيىپ بولماستىن ھەققىقى مېيىپ.مېيىپ بولغاندىمۇ ئائىلىسى نامرات،يىتىم مېيىپ.مەن كۆپ قېتىم ناھىيەنىڭ نامراتلاردىن،مېيىپلاردىن ھال سوراش گوروپپىسى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بارغان.ئۇ ئولتۇرىۋاتقان مېيىپلار ھارۋىسىنىمۇ ناھىيەلىك مېيىپلار بىرلەشمىسى تەقدىم قىلغان.نىمە ئۈچۈندۇر ئۇنىڭ شاياردا تىلەمچىلىك قىلغىنىنى كۆرمەپتىكەنمەن.پەقەت ھارۋىسىنى ھەيدەپ كوچىدا سەيلە قىلىپ مېڭىپلا يۈرەتتى.لېكىن بىز سودا بازىرىنى بىر قۇر ئايلىنىپ قايتىپ چىقىپ كېتىۋاتقاندا ،ئۇنىڭ بۇ سودا بازىرنىڭ يەنە بىر يېرىدە ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان ياشانغان ئايالغا قىلغان قىلىقلىرىدىن مېھرىبانلىقىم غەزەپكە ئايلىنىپ،‹‹ھۇي ئىنساپنى بىلمەيدىغان،شەخسىيەتچى مېيىپ لۈكىچەك!!››دېگىنىمچە ئىچىم ئاچچىق بولغان ھالدا يولۇمغا راۋان بولدۇم.ئۇ‹‹ مېيىپ لۈكىچەك››بەلكىم شۇ كۈنى نۇرغۇن ساخاۋەتچى،مېھرىبان كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتتى.ئەمەلىيەتتە مەن ئۇنى خاتا تونۇپ قالغان ئىكەنمەن. ئۇنىڭ جىسمانىلا مېيىپ بولۇپ قالماستىن،قەلبىمۇ مېيىپ ئىكەن ئەمەسمۇ؟ توۋا!!يەتتە ئەزايى ساق ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىمۇ ياخشى،ئەسكىسى بولغىنىدەك،مېيىپلارنىڭ ئىچىدىمۇ نۇرغۇن ئالىي جاناپ،تىرىشچان،ئىرادىلىكلىرى ھەم مۇشۇنداق مېيىپلىقىنى ئەسكىلىك ئۈچۈن دەستەك قىلىدىغان ئەسكىلەرمۇ بار ئىكەن.
ئەسكىلىكتىن ھەممىمىز يىراق تۇرايلى،دۇنيا مېھرى-مۇھەببەتكە ،ئىناقلىققا تولسۇن!!
مەنبە؛ئۆزۈم
|
|
|
|
|
|