مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 16186|ئىنكاس: 169

قىزلىق قىساسى(پوۋېست) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2474
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9081
تۆھپە نۇمۇرى: 741
توردا: 3299 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 06:32:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(پوۋېست)

ئامانگۈل تۇنىياز



(1)

     
     ئادىلە ناھايىتى مەيۇس، چۈشكۈن ھالەتتە يىغلاپ تۇرۇپ، ئاپىسى بىلەن خوشلىشىۋاتاتتى. ئاپىسىمۇ ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ، بىر مۇنچە ياخشى گەپلەرنى قىلىپ، ئۇنى ئاران يولغا سالدى. ماشىنا بېكىتى ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ئىدى. بىرى «ئۇ يېزىغا ماڭىمىز دەپ توۋلىسا، بىرى بۇ يېزىغا بارىمىز» دەپ ئۈنلۈك توۋلاۋاتاتتى. ئادىلە بىر پەس تېڭىرقاپ قالغاندىن، كېيىن ئېغىر يوك-تاقلىرىنى ئاران كۆتۈرۈپ، 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئادەمدىن:
     - قاراتاغ يېزىسىغا قايسى ماشىنا ماڭىدۇ؟- دەپ سورىدى. ئۇ ئادەم ھەيران بولغان ھالدا ئادىلەنىڭ ئۈستى-بېشىغا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
     - قىزىم ئۇ يەرگە نېمىشقا بارىسىز، تۇغقان يوقلىغىلىما؟- دەپ سورىدى.
     - ياق ئاكا، مېنى ناھىيەدىن شۇ يەرگە خىزمەت تەقسىم قىپتىكەن، شۇڭا ماڭغان.
     - نېمە خىزمەت؟
     - دوختۇر.
     - ۋاي شور پېشانە قىزىم،ـ دەپ بېشىنى چايقاپ قويدى ،ئۇ ئادەم.
     - ئەكىلىڭ، يۇك-تاقلارنى مەن كۆتۈرۈشۈپ بېرەي، كەينىمدىن مېڭىڭ،- دەپ ئادىلەنىڭ قولىدىكى يۈك-تاقلارنى كۆتۈرۈپ يول باشلاپ ماڭدى.
     - ئاداش، بۇ قىز قاراتاغ يېزىسىغا بارىدىكەن، سەن ياردەملەشكىن، مەن كەتتىم. قىزىم ئامان بۇلۇڭ، ئۇ ئادەم كېتىپ قالدى.
ئادىلەنىڭ قولىدىكى يۈك-تاقلارنى شوپۇر يىگىت كۆتۈرۈپ ماشىنىغا باستى. ئۇ مۇشۇ ماشىنىنىڭ ئىگىسى ئىدى. ئادىلە ماشىنىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ماشىنىغا بىر قۇر سەپ سالدى. بۇ ماشىنا تۇرقىدىن چاقى چۆرگىلەپ ماڭىدىغاندەك كۆرۈنمەيتتى.
     - خېنىم، ماشىنىغا چىقسىلا!
ئادىلە چۆچۈپ، تېز-تېز قەدەملەر بىلەن ماشىنىغا چىقتى. ماشىنىنىڭ ئىچىنى تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز قاڭسىق پۇراق قاپلاپ كەتكەن ئىدى. ئۇ بىر ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، شەھەرگە كۆزى قىيمىغان ھالدا دېرىزە سىرتقا قاراپ ئولتۇردى. ئارقىدىن يەنە بىر نەچچەيلەن چىققاندىن كېيىن، ماشىنا شوپۇرى ئۈنلۈك ۋارقىردى:
     - ماشىنا ھازىر قوزغىلىدۇ. قاراتاغقا بارىدىغانلار تېز بولۇڭلار!...
ماشىنا قوزغىلىشىغا بىر ئادەم قاتتىق يۈگرەپ كېلىپ ماشىنىغا چىقتى-دە، ھاسىرىغان ھالدا:
     - ھەرنېمە بولسا  كېتىپ قالمىدىڭىز ئۇكام، بولمىسا ئەتە ئاران ماڭالايتتىم. خۇداغا شۇكرى،- دەپ بىر نېمىلەرنى غۇدۇڭشۇپ،بىر ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى. ئادىلەنىڭ يېنىدا 60 ياشلار چامىسىدىكى بىر ياشىنىپ قالغان ئايال ئولتۇرغان ئىدى.ئۇ  قورۇنۇپراق سوردى:
     - ئانا بۇ يېزىغا ماشىنا كۈندە بىر يوللا قاتنامدۇ؟
   - شۇنداق، قاراتاغ يېزىسى بەك يىراق قىزىم، ھازىر يولغا چىقساق، كەچقۇرۇن ئاران ئۆيگە يېتىپ بارىمىز.
ئادىلە ھە دېگىنىچە خورسىنىپ ئولتۇرۇپلا قالدى. دېرىزە سىرتىدىكى ناھىيە بازىرىنىڭ مەنزىرىسى ئاستا-ئاستا ئارقىدا قالدى. ماشىنا 6-5 كىلومېتىر يول يۈرگەندىن كېيىن توپىلىق يولغا ئايلاندى. ماشىنىنىڭ كەينىدىن كۆتۈرۈلىۋاتقان چاڭ-توزاندا ھېچ نەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى. ماشىنا بىر خىل رېتىمدا ئىغاڭلاپ كېتىۋاتاتتى. بىر دەمدە سائەت 12:00بولۇپ قالغان ئىدى. شوپۇر ماشىنىنى ئاستا ھەيدەپ، بىر باراقسان ئۆسكەن تېرەكنىڭ سايىسىگە توختاتتى- دە:
      - مۇشۇ يەردە بىر ئاز چاي-پاي ئىچكەچ ئارام ئېلىۋېلىڭلار،- دېدى.
ماشىنا ئىچىدىن ئادەملەر خۇددى قوي توپىدەك قىستىلىشىپ چۈشتى. ئادىلەمۇ سومكىسىنى ئېچىپ، بىر تال توقاچ بىلەن چاي قۇتىسىدىكى چاينى ئىچىپ، ئەتراپقا سەپ سالدى. ئەتراپ قاغجىراپ كەتكەن چۆل-جەزىرە ئىدى. ماشىنا يەنە قوزغالدى. ئادىلە كۆزىنى زىنھار يۇمۇپمۇ قويمىدى.

(2)


     ماشىنا كەچ سائەت7:00دە يېزىغا يېتىپ كەلدى. ئادىلە بويۇنداپ، ئەتراپقا تەكشى قارىدى-دە:
     - ئۇستام، مەن دوختۇرخانا ئالدىدا چۈشىمەن.
     - بولىدۇ قىزچاق، دوختۇرخانا مانا مۇشۇ شۇ.
  ئادىلە دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇك-تاقلىرىنى ئالدى. شوپۇرمۇ ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ، يۇك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، بىر ئەبجەق دەرۋازا ئىچىگە ئەكىرىشىپ بىرىپ، ئۈنلۈك توۋلىدى:
     - ھوي توختاخۇن!
ئىغاڭلاپ ماڭىدىغان، سېمىز بېشىغا تەلپەك كىيىۋالغان بىر ئادەم يۈگۈرۈپ  چىقىپ كەلدى.
     - قىزچاق مۇشۇ ئادەم دوختۇرخانىغا قارايدۇ. باشقا ئىشلارنى مۇشۇ ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرسۇن. كۆرۈشكىچە ئامان بۇلۇڭ. خوش!
ئادىلە:
      - رەھمەت سىزگە،-دەپ ، توختاخۇننىڭ كەينىدىن ماڭدى. توختاخۇن ئىسىملىك ئۇ كىشى دوختۇرخانا ياتاق ئۆيىنىڭ كەينىدىكى بىر ئائىلىلىكلەر قورۇسىنىڭ ئىشىكىنى ئۇردى. ئىشىك ئېچىلىپ، بۇرۇت قويۇۋالغان بويى ئېگىز، بۇغداي ئۆڭ بىر ئادەم بېلىگە قولىنى تۇتۇپ چىقتى:
     - ھە توختاخۇن، نېمە ئىش،- دېدى.
توختاخۇن دۇدۇقلاپ:
     - بۇ ھېلىقى بىزنىڭ دوختۇرخانىغا بەرگەن قىز شۇ ئىكەن.
     - ھە شۇنداقمۇ؟ ياخشى كەپسىز.
     - ئۆزلىرىمۇ ياخشى تۇرۇپلا.
     - ھە، ياخشى،- ئۇ چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ ھىجىيىپ قويدى.
      - ھە توختاخۇن، سىلە قالغان ئەرلەرنى چاقىرىڭلار، بۇ قىزغا دەرھال كارىۋات تەييارلاپ بىرەيلى!
بىر دەمدە تەرەپ-تەرەپتىن پاتىپاراق بولۇپ، 6-5 ئادەم يىغىلدى. دەرھال شالدىن بەنچاڭ(شال كارىۋات) ياساشقا كىرىشتى.
     - ئىسمىڭىز؟- سورىدى دوختۇرخانا باشلىقى.
     - ئادىلە!
     -ھە، مۇنداق دەڭ، قايسى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن؟ قەشقەر تېببى مەكتەپنى.
     - مەن مۇشۇ دوختۇرخانىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى، ئىسمىم جۈمە، بىرەر قىيىنچىلىقىڭىز، تەلەپ-پىكىرىڭىز بولسا ماڭا دەڭ!
     - ماقۇل.
ئۇلارمۇ بىردەمدە ئىشلىرىنى تۈگىتىشتى.
     - ئەمدى ئارام ئېلىڭ، ئەتە كۆرۈشەيلى،-دېيىشىپ،ھەمىسى ئۆيلىرىگە جۆر بولۇشتى. ئادىلە ياتاققا كىرىپ، يۈك-تاقلىرىنى يېشپ،بىر قۇر سەرەمجانلاشتۇرۇپ، بىر چېنە سوغۇق سۇغا بىر ناننى چىلاپ يەپ ئۇخلاپ قالدى.

(3)

     
   
    ئادىلە ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، يۈز-كۆزلىرىنى يۇدى. ئەتىگەندىلا دوختۇرخانا مەيدانىنى ئايلىنىپ، ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈردى. كۈن بىر غۇلاچ كۆتۈرۈلگەندە ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىردىن-ئىككىدىن پەيدا بولدى. ئۇنىڭ ئىچىدە قارا قۇمچاق،ئورۇق،بىر ئايالمۇ بار ئىدى. ئادىلە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ سالاملاشتى. دوختۇرخانا باشلىقىمۇ ئالدىراش چىقىپ كەلدى. ئۇ ساڭگىلاپ كەتكەن قاپاقلىرىنى پۈرۈپ:
    - ھە، بۈگۈن تازىلىقنى ياخشى قىلىڭلار. تازىلانمىغان جاي قالمىسۇن!-دەپ قويۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتى.
دوختۇرخانىدىكى بارلىق خادىملار قوللىرىغا سۈپۈرگە ئېلىپ تازىلىققا كىرىشتى. توپا-تۇماننىڭ دەستىدىن ئادەم نەپەس ئالغىلى بولمايتتى. ئادىلەمۇ ماسكىنى تاقاپ، ئەتراپنى تەپسىلى تازىلاشقا كىرىشتى. توپىنىڭ دەستىدىن پات-پات يۆتىلىپ، چۈشكۈرۈپ قوياتتى. ئادىلە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەتراپقا سەپسېلىپ قارىۋىدى،باياتىن بېرى بىللە تازىلىق قىلغان خىزمەتداشلىرىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى. ئۇ ئاپتاپتا ئۇسساپ، ھالسىراپ كەتكەن ئىدى. ئەمدى ئەخلەتلەرنى يىغاي دەپ تۇرىشىغا، توختاخۇن ۋاقىرىدى:
    - ئۇكام قويۇڭ، يېنىپ كېلىڭ. بۇ توپا مەيداننى مىڭ پاكىز تازىلىغان بىلەن گۇڭ كۆتۈرمەيدۇ. ھېرىپمۇ كەتكەنسىز، ئارام ئېلىڭ، چۈش بولدى،- دېدى.
      ئادىلە سائىتىگە قارىۋىدى، سائەت راستلا 12:00بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ ياتاققا كىردى.ئىككى كۈندىن بويان تۈزۈككىنە تاماق يېمىگەچكە قورسىقىمۇ تازا ئاچقان ئىدى.ئۇ توساتتىنلا ئاپىسىنى ئەسلەپ قالدى. ئاپا نېمىدېگەن ئۇلۇغ، نېمىدېگەن جاپاكەش ھە! ئۇ ئۆيدىكى ۋاقىتلىرىدا ئاپىسى ئىتىپ بەرگەن تەييار تاماقنى يىگەچكە، كۆڭلى بەكمۇ يېرىم بولدى. ئاشخانىنىڭ نەدىلىكىنى سوراي دەپ ئەتراپقا قارىۋىدى، بىرمۇ ئادەمنىڭ قارىسى كۆرۈنمىدى.
ئاخىرى ئائىلىلىكلەر قورۇسى تەرەپكە ئۆتۈپ،توختاخۇننىڭ ئىشىكىنى ئۇردى.كىم؟ بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ ئىشىك ئېچىلدى.
    - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،سىز يېڭى كەلگەن قىزمۇ؟ تۈنۈگۈن توختاخۇن شۇنداق دېگەن، قېنى ئۆيگە كىرىڭ، تاماقمۇ پىشىپ قالدى.
    - بولدى ئاچا، مەن ئاشخانا نەدىكىن، دەپ سورىغىلى كىرگەن، سىلىنى ئاۋارە قىلماي.
ئۇ چوكان تولىمۇ كىچىك پېئىل ئىدى، ئادىلەنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ چىڭ تۇرىۋالدى.ئادىلەمۇ ئامالسىز كىرىشكە مەجبۇر بولدى. ئۆي ئىچى ناھايىتى ئاددى، ئەمما پاكىز سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئىدى. ئۇ چوكان تېز-تېز قەدەملەر بىلەن ئىش قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ بىر دەمدىلا بىر تەخسە لەڭمەن ئەكەلدى. تاماق ئالدىغا كېلىشىگە، ئادىلەنىڭ نەپسى تاقىلداپ كەتتى. بىراق ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ ئاران ئولتۇردى.
    - ھە قېنى ئېلىڭ، تارتىنماڭ، بۇ ئۆينى ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيىدەك كۆرۈڭ. بۇنىڭدىن كېيىن تاماقنى مەن سىزگە ئېتىپ بېرەي. كىرمىسىڭىز خاپا بولۇپ قالىمەن جۇمۇ. مېنىڭ يا پەرزەنتىم يوق، ئۆزۈم يالغۇز زېرىكىپ ئولتۇرىمەن. مانا ئەمدى ياخشى بولدى. ماڭىمۇ ياخشى بىر ھەمرا قوشۇلدى. توختاخۇنمۇ ئىشتىپ چۈشۈپلا قوشۇمچە ئىش قىلىپ پۇل تاپىدۇ. دەرۋازا باققانغا ئاران 120 يۈەن بىرىدۇ. ئۇ پۇل ئۆينىڭ خەجىگە يەتمەيدىكەن، شۇڭا بىكار بولسىلا باشقىلارنىڭ تېمىنى سۇۋاپ، ئۆگزىگە لاي چىقىرىپ ئاز تولا پۇل تاپىدۇ.
    - ھە مۇنداق دىسىلە، ياخشى بوپتۇ.
    - ھە راست، ئىسىملىرىنى سورىماپتىمەن.
    - گۆھەرنىساخان.
    - بىلىۋالدىم،- ئادىلە سۇسقىنە كۈلۈپ قويۇپ ئېشىنى يىدى. گۆھەرنىساخان توختىماي تۇرمۇش شارائىتىنى، دوختۇرخانا شارائىتىنى سۆزلەپ، ئادىلەگە چۈشەندۈرۈۋاتاتتى.
ئۇ ئاشنى يەپ بولۇپ،گۆھەرنىساخانغا،قايتا-قايتا رەھمەت ئېيتىپ خوشلىشىپ يېنىپ چىقتى. ئۇ تالاغا چىقىپلا ئۇھ، دەپ ئېغىر نەپەس ئالدى، ۋە پىچىرلاپ «خۇداغا شۈكرى» دەپ قورسىقىنى سىلاپ قويدى.

(4)


     مانا ھەش-پەش دېگۈچە ئادىلە بۇ يەرگە كەلگىلى 7-8 كۈن بولۇپ قالدى. دوختۇرخانا باشلىقى ئۇنىڭغا ھازىرغىچە مۇقىم ۋەزىپە تاپشۇرمىغان ئىدى. بىر كۈنى كەچ يېرىم كېچە بولغاندا ئىشىك قاتتىق ئۇرۇلدى. ئادىلە قورققىنىدىن  ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتتى، ۋە ئۈنلۈك ئاۋازدا:
    - كىم،- دەپ سوردى.
    - مەن، جۈمە يۈەنجاڭ!
ئادىلە بىرەر مۇھىم ئىش بولغان ئوخشايدۇ، دەپ كىيىملىرىنى كىيىپ ئىشىكنى ئاچتى. جۈمە يۈەنجاڭ ئىجازەتسىزلا دەرھال ياتاق ئىچىگە ماڭدى، ۋە كارۋاتقا كېلىپ ئولتۇرۇپ:
    - بۇ ياققا كېلىڭ، سىزگە گېپىم بار،-دېدى.
ئادىلە ئاستا قەدەملەر بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.
    - ھە، قېنى بۇياققا كېلىپ ئولتۇرۇڭ!- ئۇ يېنىنى ئىشارەت قىلدى. ئادىلە ئاستا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ ئاغزىدىن سېسىق ھاراق پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى. ئادىلەنىڭ خىيالىدىن يالت قىلىپ«بۇ ئادەم مەستمۇ نېمە؟ماڭا زادى نېمە دەر»دېگەن ئوي چاقماق تېزلىكىدە كەچتى، ۋە ئىلاجىسىز ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئاغزىغا تەلمۈرۈپ ئولتۇردى.
    - ھە ئۇكام، ئەمدى گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك قۇلىقىڭىزنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاڭ. مەن ئازراق ئىچىپ سالدىم، ئەمما كاللامدىن كەتمىدىم، مەن ئەزەلدىن بىر بىچارە، خوتۇن دېگەن ھازازۇلنى سىز بىلمەيسىز، مەن ئۇنىڭ بىلەن دادىسنىڭ زورى بىلەن توي قىلغان، ئۇنى دەپ، بۇنى دەپ، ھازىر ئوتتۇرىمىزدا ئىككى بالا بولۇپ قالدى. قويىۋېتەي دېسەم ئۇنىڭ بىشەملىكىدىن قورقىمەن، ھەم ئىككى بالىنىڭ يۈزى، نېمە ئامال؟! خۇدايىم سىزنى بۇ يەرگە بىرىپ ماڭا يولۇقتۇرغان ئوخشايدۇ، ئەگەر خالىسىڭىز مەن سىزنىڭ خىزمىتىڭىزدە بولاي. سىزنىڭ ھەر قانداق ئىشىڭىزنى جېنىم بىلەن ئورۇنلايمەن. ئويلىشىپ بېقىڭ!- دەپ ئاستا ئادىلە تەرەپكە سۈرۈلدى. ئادىلە ئورنىدىن تۇرۇشىغا يۈەنجاڭ ئۇنىڭ قولىغا كاپ قىلىپ ئېسىلدى، ۋە:
    - سۆزۈمگە جاۋاب بەرمىدىڭىز؟  قورقماڭ، مېنىڭ ھەرگىز يامان نىيىتىم يوق،- دېدى.
ئادىلە دۇدۇقلاپ:
    - ئۇ شۇنداق باشلىق، ئەمما مېنىڭ تەرىتىم بەك قىستاپ كەتتى، مەن ھاجەتكە چىقىپلا كىرەي، قالغان گەپلەرنى ئاندىن دىيىشەيلى، دەپلا ئىشىكتىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى. ئۇ سىرتقا چىقىپ ئەتراپقا قارىۋىدى ھېچنەرسىنى كۆرەلمىدى. قانداق قىلارمەن؟! ئۇ قورققان ھالدا مەيداننىڭ چۆرىسىدىكى يوغان بىر تۈپ دەرەخنىڭ تۈۋىگە يوشۇرۇنۇپ تۇردى. ئۇ ئادەم ئىشىكتىن ھېچ چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئادىلە بىر-ئىككى سائەت ساقلىدى. چىقمىدى. ئۇ كېچىنىڭ سوغۇقىدىن غال-غال تىترەشكە باشلىدى. ئەتراپتىن ئاستا-ئاستا ئىتلارنىڭ قاۋاشقان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، تەخمىنەن 4-3سائەتتىن كېيىن بىر تىۋىش ئاڭلىنىپ، بىر قارا گەۋدە ئاستا-ئاستا مېڭىپ، ئائىلىلىكلەر قورۇسى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. بۇ چاغدا تاڭ خېلىلا سۈزۈلۈپ قالغان ئىدى. ئادىلە ئورنىدىن تۇرىۋىدى، پۇتى ئۇيۇشۇپ، يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى-دە، يېنىدىكى تېرەككە يۆلىنىپ قالدى. ئۇ بىر ئاز ئۆزىنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن، ئاستا قەدەملەر بىلەن ياتاق تەرەپكە كەلدى، ۋە ئاستا بوينىنى سوزۇپ ياتاق ئىچىگە قارىدى، بىراق، ئۆي ئىچىنى ئېنىق كۆرەلمىدى. ئۇ پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ئاستا ئىشىكتىن مارىدى. چىقىپ كەتكىنى راستىنلا دوختۇرخانا باشلىقى ئىدى. ئادىلە ئۇھ، دەپ كىيىملىرىنىمۇ سالماي ياستۇققا بېشىنى قويۇپلا تۈگىلىپ يېتپ،بىردەمدىلا ئۇخلاپ قالدى.
     ئۇ سىرتتىكى ئاۋازلارنى ئاڭلاپ چۆچۈپ ئورنىدىن تۇردى. كۈن ئارغامچا بويى ئۆرلەپ، دوختۇرخانىدىكى خادىملار ئىشقا چىقىپ بولغان ئىدى. ئۇ يۈز-كۆزلىرىنى چالا-بۇلا يۇيۇپ، دەرھال ئىشقا چىقتى.
ئارقىدىنلا دوختۇرخانا باشلىقى چىقىپ كەلدى:
    - ھوي سەمەت، ھەممىسىگە خەۋەر قىل، ئىشخانامغا يىغىلسۇن، يىغىن ئاچىمەن!- دەپ ۋارقىرىدى. ھەممە  پاتىپاراق بولۇپ ئىشخانىغا كىردى.
    - ھىم، مەن نەچچە كۈندىن ھەر قايسىڭلارغا گەپ قىلمىدىم،خالىس ئىشلەۋاتىسىلەر، مانا بۇ قىزمۇ يېڭىدىن كەلدى، ئىش يوق، زېرىكىپمۇ قالغاندۇ، بۇ يىللىق دادۈيگە بېرىپ كېسەل داۋالايدىغان ئىشنى ۋاقتىنچە سىزگە تاپشۇرۇپ تۇراي، توختاخۇن تراكتورنى ھەيدەپ سىزنى ئاپىرىدۇ، ياخشى ئىشلەڭ، بۇ سىزگە بىر سىناق، قالغىنىڭلار ئۆز ئىشىڭلارنى قىلىڭلار، دورىنى تىزىملاپ، ئېلىجاندىن ئېلىۋېلىڭ، ھە توختاخۇن، سىلىمۇ تەييار بولۇڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن كۈندە ھەر قايسى كەنتلەرگە ماڭىسىلەر، گەپ تۈگىدى.
ئادىلەنىڭ كۆڭلى شۇنداق يېرىم بولدى. بۇ نېمە بولغىنى؟!
ئۇ ئاستا قەدەملەر بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ دورىخانىغا كىردى، ۋە دورىلارنى تىزىملاپ،ساندۇق-يەشىكلىرىگە قاچىلىدى، توختاخۇن ئۇ نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ، كىچىك تراكتورغا باستى، ئادىلەمۇ بىر دانە نان، ۋە چاي قۇتىسىغا چاينى قاچىلاپ، تراكتورغا چىقىپ كەنتكە يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار بىر ئاز يول يۈرگەندىن كېيىن، ئادىلەنىڭ قورسىقىنىڭ ئىچى ئاغرىشقا باشلىدى.كەنت يولى بەك ئېگىز-پەس بولغاچقا، تراكتور قاتتىق سىلكىنگەندە، ئادىلەمۇ تەڭلا قاتتىق سىلكىنەتتى. قاتتىق سىلكىنىشتىن بولسا كېرەك، ئۇ قورسىقىنى چىڭ قاماللاپ چىداپ ئولتۇردى. ئۇ ئاغرىققا چىدىيالماي ئاخىرى توۋلىۋەتتى:
    - ۋايجان!
توختاخۇن تىراكتۇرنى ئالمان-تالمان توختاتتى:
    - نېمە بولدىڭىز؟
    - قورسىقىمنىڭ ئىچى بەك ئاغرىپ كەتتى، بىر ئاز ئارام ئېلىۋالاي.
ئادىلە ئاغرىقنىڭ دەستىدىن ئىلاندەك تولغۇنۇپ كەتكەن ئىدى. توختاخۇننىڭ كۆزلىرى ئالاق-جالاق بوپ كەتتى:
    - ئۇكام، بىرەر كېسىلىڭىز بارمىتى يە؟
    - ياق، ھېچ ۋەقەسى يوق، قاتتىق سىلكىنىشتىن بولسا كېرەك، ئەنسىرمىسىلە.
    - ھە، ئەمسە ئاستاراق ماڭاي، ئاز قالدى.
ئۇلار  يېرىم كۈن يول يۈرۈپ، ئاران دېگەندە كەنتكە  يېتىپ كەلدى، توختاخۇن تراكتورنى بىر ئىشىكنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ توختاتتى.
    - ھە چۈشۈڭ ئۇكام، مۇشۇ ئۆيدە چاي-پاي ئىچىپ، ئاندىن ئىشىمىزنى باشلايلى،- دېدى.
ئادىلە تراكتوردىن چۈشۈپ ھويلىغا كىردى، ھويلا ئىچىدە ياشىنىپ قالغان بىر موماي بىلەن بوۋاي ئۇلارنى ئىللىق چىراي  كۈتىۋالدى.
    - كەلسىلە بالام، كەلسىلە، سىلەر بۇ يەرگە چىقمىغىلى بەك ئۇزاق بوپ كەتتى،بۈگۈن قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدىكىن؟-بوۋاي خىرقىرىغان ھالدا گەپ قىلىۋاتاتتى. ئۇ قىزغا قاراپ:
    - بۇ قىز ؟سوئال نەزىرىدە سوردى بوۋاي.
توختاخۇن ئىتتىكلا:
    - ھە،بۇ قىز بىزنىڭ دوختۇرخانىغا يېڭىدىن كەلگەن دوختۇر.
    - ھە، ياخشى بوپتۇ.
بوۋاي:
    - بۇ قىز كىچىكلا تۇرىدۇ، كېسەل كۆرۈشنى بىلەمدۇ؟
    - ۋاي نېمە دەيدىغانلا، بۇ قىز ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كېلىپ خىزمەتكە چىققان، تەجىربىسى مول، خاتىرجەم بولسىلا،-  دېدى توختاخۇن.
    - ھە،- دەپ بېشىنى لىڭىشىتىپ قويدى بوۋاي.
ئۇلار ھويلىدىكى پىشايۋانغا كېلىپ ئولتۇردى، موماي داستىخان سېلىپ بىر نەچچە تال نان، ۋە قېتىق ئەكىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويدى، ئۇلار تازا مەززە  قىلىپ يىيىشكەندىن كېيىن، ھويلا ئىچىگە بىر- ئىككىدىن ئادەم كىرىپ، كېسەل كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئادىلە تىڭشاپ تەكشۈرۈش ئەسۋابىنى قولىغا ئېلىپ ئىشقا كىرىشىپ كەتتى.
    مانا ھەش-پەش دېگۈچە كەچمۇ بولۇپ قالدى، ئۇلار نەرسە كېرەكلىرىنى يۇغۇشتۇرۇپ، تاماقمۇ يېمەستىن كېتىشكە تەرەددۇت قىلدى. 5-4سائەت يول يۈرۈپ، ئەلياتقۇ مەھەلدە  يېزا بازىرىغا ئاران دېگەندە يېتىپ كەلدى. ئادىلە ياتاققا كىرىپ سائەتكە قارىۋېدى، كەچ سائەت11:00  بوپ قالغان ئىدى. ئۇ يۈز- كۆزلىرىنى يۇيۇپلا ئۇخلاپ قالدى. ئەتىسى پۇت-قوللىرى ئۇرۇپ چېقىۋەتكەندەك قاتتىق ئاغرىپ، ئورنىدىن ئاران تۇرالىدى، باشلىقنىڭ قاپىقى يەنە تۈرۈكلۈك  ئىدى. ئۇلار كەم دورىلارنى يەشىككە قاچىلاپ يەنە ماڭدى.ئۇلار  ئۇ يىراق كەنتكە  بىر ھەپتە ئۇدا ماڭغاندىن كېيىن، ئادىلەنىڭ ئاچلىقتىن قورسىقى ئېچىپ، يۈزلىرى قارىداپ، ئۆزىگىمۇ ئوخشىمايلا قالدى.
    ئۇ بىر كۈنى كەچتە ياتىقىغا قايتىپ كېلىپ، ئەينەككە قاراپ پوڭڭىدە  ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى. ئەينەكتىكى چىرايى  ئۆزىنىڭ تۇرقىغا ئوخشىمايلا قالغان ئىدى. ئاھ خۇدا! بۇ نېمە بولغىنى، بۇ مەنمۇ؟ ئادىلەنىڭ  ئۈستى-بېشىنى توپا-چاڭ قاپلاپ، تونۇغۇسىز ھالەتتە بوپ كەتكەن ئىدى. ئۇ شۇ تاپتا ئۆيىنى تولىمۇ سېغىندى. مەكتەپ ھاياتىنى ئەسلەپ ،كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولدى. ئۇ ئاخىرى يەنە ئۆزىگە-ئۆزى  تەسەللى بېرپ:
    - بوپتۇ، چىداي، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر، دەپ يىغلاپ يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. بۇ كۈنلەر ئۇدا بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتى. ئادىلەنىڭ  مۇشۇ كۈنلەردە مىجەزى يوق بولۇپ ، قارىداپ، ئورۇقلاپ كەتكەن ئىدى. ئۇ كەلگەندىن بېرى، بىرەر كۈن تۈزۈكرەك ئارام ئېلىپ باقمىغان ئىدى. بىر كۈنى ئۇ ئورنىدىن ئاران تۇردى، باشلىرى قاتتىق ئاغرىپ، قىزىپ قالغان ئىدى، ئۇ بىر ئىلاجىنى قىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ، باشلىقنىڭ يېنىغا كىردى:
    - يۈەنجاڭ، مېنىڭ زادىلا مىجەزىم يوق، بىر-ئىككى كۈن ئارام ئالسام بوپتىكەن؟
    - ھە،- ئۇ بىر دەپ تۇرىۋېتىپ، -بولىدۇ،ئۆيىڭىزگە بارامسىز؟ -دەپ سورىدى.
    - بېرىپ كېلەي دېگەن.
    - بۈگۈن بېرىپ، ئەتە نەدىن بولمىسۇن كېلىپ بۇلۇڭ!- دەپ بۇيرۇق قىلدى جۈمە يۈەنجاڭ.  
    - بولىدۇ.

(5)


ئادىلە بىر كۈن يول يۈرۈپ ئۆيىگە ئاران  كەلدى، ۋە ھويلىغا كىرىپلا  ئاپىسىنى كۆرۈپ، ئۇزۇن يىل كۆرۈشمىگەن ئادەمدەك يىغلاپ كەتتى. ئاپىسنىڭمۇ ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ ئىچى بەكمۇ سىيرىلدى، ۋە پىشانىسىدىن سۆيۈپ، سىلاپ تۇرۇپ:
    - بالام ئاغرىپ قالدىڭىزما؟- دەپ سوردى.
    - ياق ئاپا، شۇ، سەل مىجەزىم يوق.
ئادىلە ئاپىسىغا ئۆزنىڭ جاپا تارتىپ ئىشلىگەنلىكىنى دەپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلشنى خالىمىدى.
    - نېمە يەيسىز قىزىم؟ مەن تاماققا تۇتۇش قىلاي.
    - نېمە تاماق بولسا ئوخشاش ئاپا،- ئادىلە سولغۇن تەرىزدە جاۋاب بەردى.
    - ھە بولىدۇ، ئۆزۈم بىلىپ، سىز ئامراق تاماقتىن بىرنى قىلاي، سىز ئارام ئالغاچ تېلېۋىزور كۆرۈپ تۇرۇڭ، تاماق ھازىرلا پىشىدۇ.
ئادىلەگە يىراق يېزىدا شۇنچە ئاستا ئۆتكەن بۇ ۋاقىت، مانا ئەمدى شۇنچە تېز ئۆتۈۋاتقاندەك بىلىندى.
مانا، بىر دەمدىلا ئاپىسى بىر لىگەن پېتىر مانتىنى كۆتۈرپ كىردى:
    - يەڭ قىزىم. نەچچە كۈندىن بېرى ئۆزىڭىز يالغۇز تازا قىينالغانسىز، قارىسام بەكلا قارىداپ ئۇرۇقلاپ كېتىپسىز؟
ئادىلە تاماقنى ناھايىتى ئىشتىھا  بىلەن يىدى، ئۇنىڭغا ئاپىسى ئەتكەن بۇ تاماق خۇددى ئۆمرىدە يەپ باقمىغاندەك بىر خىل تاتلىق تېتىپ كەتتى. ئۇ تاماقنى يەپ بولۇپلا يېتىپ، بىردەمدىلا تاتلىق ئۇيقىغا كەتتى. ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، يەنە شۇ نەس باسقان يىراق يېزىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇنىڭ قەدەملىرى شۇنداق ئاستا ئىدىكى، خۇددى ئۆلۈمگە ماڭغان ئادەمدەك،ئۆز يېرىگە كۆزى قىيمىغان ھالدا بۇ يەردىن ئايرىلدى.
ئۇ ئەتىسى ئىشقا چىقىپ، يەنە ھېلىقى سۆرۈن تەلەت باشلىقى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، ئۇ كۈندىلىك ئادىتى بويىچە يەنە توختاخۇن بىلەن كەنتكە  قاراپ يول ئالدى.

(6)


    كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتمەكتە، مانا، ھايت-ھۇيت دېگۈچە قىشمۇ كىرىپ قالدى.  قىشنىڭ سوغۇقىمۇ خېلى ئەۋجىگە چىقپ قالغان ئىدى. بىر كۈنى باشلىق توختاخۇن بىلەن ئادىلەنى چاقىرىپ، ئادىلەگە:
    - ئەمدى سوغۇقمۇ خېلى كۈچىيىپ قالدى، سىز بىر مەزگىل دوختۇرخانا ئىچىدىكى ئەسكى تاملارنى چېقىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ بىرىپ تۇرۇڭ، قالغان گەپلەرنى كېين دىيىشەيلى.
   - ماقۇل.
ئادىلە چىقىپ، ئائىلىلىكلەر قورۇسىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئەسكى چالما تاملارنى چېقىۋاتقان ئۈچ-تۆت ئەر كىشىلەر توپىغا قوشۇلۇپ، ئۆگزىلەردىكى ئوتۇن-ياغاچلارنى يۆتكەشكە كىرىشتى.
ئۇ ئۆگزىدىن چىقارغان ۋاسا، بادرىلارنى ئاران سۆرەپ مېڭىۋاتاتتى. ئۇلار ئىچىدىن بىرسى:
    - ھەي، بۇ قىزنى باشقا ئىشقا سالسىمۇ بولاتتىغۇ، ئۇ ئادەمنىڭ نېمە قىلغىنى بۇ،-دەپ غۇدىراپ قويدى. ئادىلە مۇشۇ كۈنلەردە ئۆزىنى خۇددى بىر جىنايەتچىدەك ھېس قىلدى. دېمىسمۇ ئۇ كەلگەندىن بېرى باش كۆتۈرمەي ئېغىر ئىشلارنى قىلىۋاتاتتى.
ئۇ نەچچە كۈن ئىشلەپ، ئېغىر جىسمانى ئەمگەك قىلىۋەرگەچكە، خېلىلا  چارچاپ قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇ بۈگۈن بالدۇرلا ئارام ئالدى. تۇن نىسپى، ھاۋا تۇتۇق بولغاچقا، سىرتنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ، ھېچنەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى، ئۇ ھارغىنلىقتىن قاتتىق ئۇخلاپ كەتكەن ئىدى. ئىشىك بوش قېقىلدى، ئادىلە قورققان ھالدا، ئۈن چىقارماستىن يوتقانغا چوڭقۇر پۈركۈنۈپ يېتىۋەردى. بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن ئىشىك بىر تېپىك بىلەن قاتتىق ئېچىلىپ كەتتى.
    - ۋايجان!-ئادىلە قورققىنىدىن قاتتىق ۋارقىرىدى-دە، ئورنىدىن دەرھال تۇرۇپ، ئۈستىگە يوتقاننى ئارتىپ، ياتاقنىڭ بۇلۇڭىغا  قىسىلىپ،ئۈنلۈك ۋارقىردى:
    - سەن كىم؟ قۇتقۇزۇڭلار...

    - بۇ مەن، ۋارقىرىماڭ.
    - يۈەنجاڭ!؟ ئادىلە مىدىرلىماي ئاۋازىنى ئۆچۈردى، ۋە ئاستا:
    - نېمە ئىش بار ئىدى؟- دەپ سورىدى.
جۈمە يۈەنجاڭ كەينىگە قايرىلىپ، ئىشىكنى يېپىۋەتتى.
    - ھودۇقماڭ،مەن سەل تۇرۇپ چىقىپ كېتىمەن،-دەپ ئادىلەگە ئاستا يېقىنلاشتى، شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭدىن گۇپپىدە ھاراقنىڭ سېسىق پۇرىقى كەلدى. ئادىلە جالاقلاپ تىترەيتتى، ئۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى.
    - يۈەنجاڭ، ئادىلەگە ئاستا قولىنى سوزۇپ، تارتقۇشلاشقا باشلىدى.
    - بۇ نېمە قىلغانلىرى، تولا سەتلەشمەي، قوللىرىنى تارتسىلا!
    - مېنىڭ باشقا گېپىم يوق، يېقىنراق كېلىڭ، ئۇ سەنتۈرۈلۈپ كېلىپ، ئادىلەنىڭ قولىدىن تۇتىۋېلىپ،ئۆزى تەرەپكە كۈچەپ تارتتى، ئادىلەنىڭ ئۇنىڭغا كۈچى يەتمەي، ئۇنىڭ قۇچىقىغا  يىقىلدى. ئۇ ئادىلەنى ئاستىغا بېسىۋېلىپ، ئۇ يەر-بۇ يەرگە تەلۋىلەرچە سۆيۈشكە باشلىدى. ئادىلە تىپىرلاپ:
    - قويىۋەت! سەنمۇ ئادەممۇ؟ ھۇ ھايۋان!-دەپ ۋارقىراپ، يىغلاشقا باشلىدى.
تۈن نىسپى بولغاچقا، ھەممە ئادەم شىرىن ئۇيقىغا كەتكەن ئىدى، ئادىلەنىڭ ياتىقى كېسەلخانا ياتىقى قاتارىدا بولسىمۇ، بۈگۈن ياتاقتا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان بىمار ،ياكى دىجورنىلىقتا تۇرىۋاتقان دوختۇر-سېستىرالارمۇ يوق ئىدى، دوختۇرخانىدىكىلەرنىڭ ئۆيى دوختۇرخانا ئارقىسىدا بولغاچقا، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايتتى. تەخمىنەن يېرىم سائەت ئېلىشىپ يۈرۈپ،ئادىلەنىڭ ئىچ كىيىملىرى جۇل-جۇل بولۇپ يىرتىلىپ كەتتى، ئۇ تىپىرلايتتى، بىراق، ئۇ ئىپلاس نىيىتىدىن يانىدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ئۇ بىر قولى بىلەن ئادىلەنىڭ ئاغزىنى تۇتىۋالدى، ئادىلەنىڭ نەپەس ئېلىشى تېخىمۇ قىيىنلاشتى، ئۇ ئاخىرى چارچاپ ھالىدىن كەتتى،-دە ، ۋايجان!- دەپ چىقىراپ ھۇشىدىن كەتتى.
تەخمىنەن 15-20 مىنۇتلاردىن كېيىن ئۇ يۈزىگە سېپىلگەن مۇزدەك سوغۇق سۇدىن ئەندىكىپ ھۇشىغا كەلدى. جۈمە يۈەنجاڭ چىشلىرىنى ھىڭگايتىپ ھىجىيىپ:
    - مانا مۇشۇنچىلىكلا ئىش ،نېمە قىلىسىز ئۆزىڭىزنى قىيناپ، ئەمدى ياخشى ئارام ئېلىڭ، نېمە ئىش بولسا مانا مەن ئىگە، ئامرىقىم ،-دەپ ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى. ئادىلەنىڭ كۆزلىرىدىن يۇم-يۇم ياش تۆكۈلدى، ئۇ قاتتىق خورلۇق ئىلكىدە ئۈنسىز يىغلىدى. ئۇ «بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلارمەن؟» دېگەن بىر سۆزنى قايتا-قايتا تەكرارلايتى، ئۇ قاتتىق ھەسرەت ئىچىدە، كۆزىنى  مىت قىلىپ يۇمماي ،يىغلاپ  تاڭ ئاتقۇزدى. كۈن خېلى بىر يەرگە بارغاندا، ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ،ئەينەككە قارىدى، ئۇنىڭ قاپاقلىرى ئىششىپ، كۆزى يۇمۇلۇپلا قالغان ئىدى. ئۇنىڭ كۆزىدىن ياشلار يەنە تاراملاپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى. ئۇ ئىشقىمۇ چىقماي، يۈرەكلىرى ئېچىشىپ، خىيال ئىلكىدە يىغلاپ ئولتۇردى.ئىشىك ئۇرۇلدى،ئادىلە ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىك تۈۋىگە كەلدى:
    - كىم؟
    - مەن، ئايشەمگۈل!
ئايشەمگۈل دېگەن دوختۇرخانىنىڭ كاسسىرلىقىنى قىلىدىغان، ھېلىقى قارا قۇمچاق چوكان شۇ ئىدى.
ئادىلە ئىشىكنى ئاستا ئاچتى، ئايشەمگۈل ئادىلەنىڭ كۆزىگە قاراپ ھەيران بولغان ھالدا چۆچۈپ سورىدى:
    - ئۇكام نېمە بولدىڭىز؟ بىر يېرىڭىز ئاغرىۋاتامدۇ؟-ئادىلە ئامالسىز:
    - شۇنداق ،قورسىقىمنىڭ ئىچى بەك قاتتىق ئاغرىۋاتىدۇ،ھەم مىجەزىم يوق،- دەپ يالغان ئېيتىپ، يەنە يىغلاشقا باشلىدى، ئادىلە  نېمىمۇ دېيەلىسۇن!؟
    - يىغلىماڭ ئۇكام، مەن دورا ئەكىرىپ بېرەي، ياخشى ئارام ئېلىڭ، مېنى يۈەنجاڭ كىرگۈزگەن، «ئادىلەگە نېمە بولدىكىن، كىرىپ سوراپ بېقىڭ» دېگەن، شۇڭا ئالدىراشلا كىرىشىم، مەن ئۇنىڭغا ئېيتىپ قوياي.
    - بولىدۇ ئاچا.
ئادىلە بېرىپ ئىشىكنى تاقاپلا يەنە يىغلاشقا باشلىدى.«ساقچىخانىغا چىقايمۇ يا؟ئۇ ئپلاسنىڭ پۇت-قولىنى چۈشىسۇن» دېگەنلەرنى ئويلىدى. بىراق، ئۇ ساقچىغا مەلۇم قىلسا، ھەممە ئادەم ئۇنىڭ ئىپپىتىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ كېتەتتى. شۇڭا ئۇ بۇ نىيىتىدىن ياندى.ئۇ ئىككى- ئۈچ كۈننى يىغلاپ ئۆتكۈزدى، خىزمەتنى تاشلاپلا كېتىشنىمۇ ئويلىدى، بىراق ،ئۆيگە بېرىپ ئاتا-ئانىسىغا نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي يەنە تۇرۇپ قالدى. زادى قانداق قىلىش كېرەك؟ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالدىدا يىغلاپ، تىللاپ ئاچچىقىنى چىقىرىشنىمۇ ئويلىدى. بىراق، ئۇنداق قىلسا بۇ ئىش جەمئىيەتكە يەنە تارقاپ كېتەتتى. ئادىلەنىڭ بېشى بەك قاتتى. ئاچ قورساق 4-5كۈن ياتاق ئىچىگە سولىنىۋېلىپ قاتتىق ئويلاندى، ھەر قانچە ئويلاپمۇ خىيالىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالماي ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىدى.

(7)


    بىر ھەپتىدىن كېيىن ئاز بىر قىسىم كىيىم-كېچەكلىرىنى سومكىغا قاچىلاپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى. ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ئۆيگە كىرەلمەي تۇرۇپ قالدى. خۇددى قىلغان ئىشى پىشانىسىگە يېزىلىپ قالغاندەك، ئاپىسى ئۇقۇپ قالىدىغاندەك تۇيۇلۇپ،سومكىسىدىن ئەينەكنى چىقىرىپ قاراپ باقتى. بىراق، چىرايىدا باشقا بىرەر غەيرى ئالامەت يوق ئىدى. ئۇ ئاستا مېڭىپ ھويلىغا كىردى. ئاپىسى بىلەن دادىسى پىشايۋاندا چاي ئىچىپ مۇڭدىشىپ ئولتۇراتتى. ئۇلار ئادىلەنى كۆرۈپ بەكلا خۇشال بولۇپ كەتتى:
    - كەل قىزىم، كەل، سىنى بەكمۇ سېغىندۇق. ھازىر تېخى گېپىڭنى قىلىشىپ ئولتۇراتتۇق قىزىم.
ئادىلە سومكىسىنى قويۇپ، ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. ئاتا-ئانىسى بىلەن چاندۇرماي خۇشخۇي، چاي- پاي ئىچكەچ مۇڭداشتى، ئاندىن ئاپىسىغا ياردەملىشىپ تاماق ئېتىشكە تۇتۇش قىلدى.
ئۇلار كەچلىك تاماقنى خېلى بىر ۋاق بولغاندا يەپ ئۇخلاپ قالدى. ئادىلە ئەتىسى ئورنىدىن خېلى ۋاقچە تۇردى، ئاپىسىمۇ ئۇنى ئويغاتمىدى. ئادىلە كەلگەن كۈنى ئاپىسىغا ئۆزىنىڭ بىر نەچچە كۈن ئارام ئالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويغان ئىدى. ئۇ كۆڭلى يېرىم بولسىمۇ چاندۇرماي، يالغاندىن كۈلۈمسىرەپ بىر قانچە كۈننى ئاران ئۆتكۈزدى. بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۆيگە بىللە ئىشلەيدىغان خىزمەتدىشى ياسىنجان ئالما، نەشپۈت قاتارلىق مېۋە-چېۋىلەرنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى. ئۇ  دوختۇرخانىدىكى ئېغىر بېسىق، خېلى ئىقتىدارلىق دوختۇر ئىدى. ئۇ ئادىلەنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن گەپ باشلىدى:
    - ھە، ئادىلەقىز، ياخشى بوپ قالدىمۇ؟ جۈمە يۈەنجاڭ مېنىڭ شەھەرگە كىرىدىغانلىقىمنى بىلىپ، ئادىلەدىن ئەھۋال سوراپ قويۇشۇمنى، ھەم ساقايغان بولسا بىللە قايتۇرۇپ كېلىشىمنى ئېيتقان،- دېيىشكە، ئاپسى ئادىلەنى چاقىردى. ئادىلە ئاپىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلار بار ئۆيگە چىقتى. ئاپىسى ئادىلەنى كۆتۇرۇپ، دەرھال:  
    - قىزىم، ئەمدى ئارامنىمۇ ئېلىپ بولدۇڭ.سىلەرنىڭ يۈەنجاڭ سىزنى دەرھال بۇ ئاكىڭىز بىلەن قايتىپ كېلىشىڭىزنى ئېيتىپتۇ، ئەمدى، تەييارلىق قىلىڭ، ئەتە يولغا چىقىدىكەن،- دېدى. ئادىلە ئامال يوق:
    - ماقۇل،-دېگىنىچە ئېغىر تىنىپ قويدى. ياسىنجان ئۆزىنىڭ يەنە بىجىرىدىغان ئىشىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ:
    - ئەتە ماشىنا بېكىتىدە كۆرۈشەيلى،- دەپ، ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى. ئادىلەنىڭ بېشىغا يەنە غەم  چۈشتى، ئۇ ئىشقا بارمىسا ئۆيىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالاتتى، نەچچە كۈنلەردىن بېرى ئۇ بۇ  ئازابلارنى خېلىلا ئۇنتۇپ قالغان ئىدى، ئۇ ئاپىسىغا تويماي قارىدى. بۇ گەپنى ئاپامغا دېسەم، خىزمەتتىن چېكىنىپ يېنىپ كەلسەم قانداق بۇلار؟ دېگەنلەرنىمۇ ئويلىدى. بىراق، دىيىشكە جۈرئەت قىلالمىدى، ھەم ئاپىسنىڭ سالامەتلىكى تازا ياخشى بولمىغاچقا، بۇ گەپنى ئاپىسى ئاڭلىسا چوقۇم بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتكەن ئادىلە ئاخىرى بۇ ئويىدىن ۋاز كەچتى. كەچتە ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا ئادىلە تۇيۇقسىزلا:
    - ئاپا مەن سىز بىلەن بىللە ياتاي،- دەپ ئورۇن-كۆرپىلەرنى كۆتۈرۈپ ئاپىسنىڭ يېنىغا كىرىپ كەلدى.
ئاپىسى:
    - بولىدۇ ، بىللە ياتايلى، ئەمدى ھەقىچان خېلى ئۇزۇنغىچە ئارام ئالالمايسىز قىزىم،- دېدى.
ئۇلار ئورنىغا كىرىپ ياتقاندا، خېلى كەچ بولۇپ قالغاچقا، ئاپىسى بىر دەمدىلا شېرىن ئويقىغا كەتتى، ئادىلەنىڭ زادى ئۇيقۇسى كەلمىدى. دېرىزىدىن ئاي شولىسى چۈشۈپ، ئۆي ئىچىنى يۇپ-يورۇق قىلىۋەتكەن ئىدى.ئادىلە ئاپىسنىڭ ئۇخلاۋاتقان تاتلىققىنە تۇرقىغا قاراپ ئېغىر ئۇھسىنىپ قويدى. ئۇ ئاپىسنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ ،ئۈنسىز ياش تۆكتى. كۆڭلى يەنە قايتىدىن  بۇزۇلدى. ئۇ ئىچىدە« جېنىم ئاپا، سىز ئامراق قىزىڭىز ئاللىبۇرۇن تۈگەشتى. ياشىماي دېسەم جان تاتلىقكەن. بۇ يورۇق دۇنياغا، ھەم دادام بىلەن ئىككىڭلارغا قىيالمىدىم. بۇنىڭدىن كېيىن تۇرمۇشۇمنى قانداقمۇ قىلارمەن؟ جېنىم ئاپا، كېيىنكى كۈنلەردە بۇ ئىشلىرىم سېزىلىپ قالسا،بۇ جاھاندا بېشىمنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرەرمەن» دېگەنلەرنى ئويلىدى، ۋە كۆڭلى قاتتىق بۇزۇلدى. ئاپىسى تۇيۇقسىز ئۆرۈلۈپ مىدىرلىۋىدى، ئادىلە دەرھال ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋالدى. ئۇ مانا مۇشۇنداق قورقۇنچلۇق،گادىرماش خىياللار ئىچىدە يېتىپ ئۇخلاپ قالدى.

(8)


    ئەتىسى تاڭ يورۇشىغا ئاپىسى تاتلىق ئۇخلاۋاتقان ئادىلەنى ئويغاتتى:
    - تۇرۇڭ قىزىم، كېچىكىپ قالىسىز.
ئادىلە كۆزىنى ئاران ئېچىپ ئورنىدىن تۇردى، ئۇنىڭ شۇ نەس باسقان يەرگە زادىلا بارغۇسى كەلمەيتتى. بىراق نېمە ئامال؟ ئۇ ئامالسىز يولغا چىقتى.ئۇ بېكەتكە بېرىپ ياسىنجان بىلەن تېپىشىپ يولغا راۋان بولدى. ئۇ ئىشقا چۈشكەن كۈننىڭ ئەتىسى جۈمە يۈەنجاڭ يەنە يىغىن ئاچتى. ئۇ بۈگۈن خېلى مۇلايىم بولۇپ قالغان ئىدى. ئادىلەمۇ يەرگە قاراپ ئولتۇردى. ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ بولۇپ، ئاخىرىدا:
    - ئادىلە بۇنىڭدىن كېيىن دورىخانىغا ياردەملىشىپ بەرسۇن، يېقىندىن بېرى سالامەتلىكى تازا ياخشى ئەمەس،- دەپ ئەسكەرتىپ قويدى.
يىغىن تۈگەپ، ھەممىسى تارقىلىپ ئىشلىرىغا كىرىشتى. ئادىلە ئىشىك تۈۋىگە بېرىشىغا يۈەنجاڭ ئۇنى چاقىردى. ئادىلە كەينىگە يېنىپ قايتىپ كىرىپ، يەرگە قاراپ تۇردى.جۈمە يۈەنجاڭ ئاستاغىنە:
    - ئەمدى جاپا تارتمايسىز، ھېچكىمگە چاندۇرماڭ، بولمىسا ھەر ئىككىمىزگە سەت، بۇندىن كېيىن ياخشى ئۆتەيلى، چىقىپ ئىشىڭىزنى ياخشى قىلىڭ،-دېدى.
ئادىلە ھېچ جاۋابسىزلا ئىشىكنى قاتتىق يېپىپ چىقىپ كەتتى. بىرخىل تۇرمۇش،زېرىكىشلىك كۈنلەر مانا شۇ تەرىقىدە داۋاملىشىۋاتاتتى. ئادىلە باشقىلار بىلەن ئانچە مۇڭدىشىپ كەتمەيتتى. بىر كۈنى جۈمە يۈەنجاڭ كۈپكۈندۈزدە خېلىلا ئېغىر مەست قايتىپ كەلدى. ئادىلە ئىشتىن چۈشۈپ ياتاققا كىرىپ تۇراتتى، كەينىدىنلا ئۇ دەلدەڭشىپ كىرىپ كەلدى، ۋە ئادىلەگە:
    - قانداق ئەھۋالىڭىز جېنىم، سىزنى بەك كۆرگۈم كەلدى،- دەپ ئالىجوقا سۆزلەپ، ئادىلەنى ياتاق ئىچىدە قوغلاشقا باشلىدى، ئادىلە سىرتقا قېچىپ چىقىۋېلىش ئۈچۈن ئىشىكنى ئېچىپلا، داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. ئىشىك ئالدىدا جۈمە يۈەنجاڭنىڭ ئايالى غەزەپلىك ئەلپاز بىلەن ئىشىككە تىكىلىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئاغزى ئادىلەنى كۆرۈپلا ئېچىلدى:
    - ھە، ئەمدى بىلدىم، ۋوي بۇزۇق، نومۇس قىلساڭ بولمامدۇ؟ خۇتۇنى بار ئەرنى ئازدۇرۇپ نېمە قىلاي دەيسەن،- دەپ ئۇنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ كېلىپ، ئادىلەنى بىر كاچات سالدى. ئادىلەنىڭ يۈزىگە تەگكەن قاتتىق بىر شاپىلاق ئوت  بولۇپ يېنىپ كەتتى،  ئادىلە يۈزىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، دۇدۇقلاپ :
    - ئاچا، خاتا چۈشىنىپ قالدىلا، مەن بۇزۇق ئەمەس، يۈەنجاڭ مەست  ئىكەن. ئۇنىڭ نېمىگە كىرگىنىنى مەنمۇ ئۇقمىدىم،-دېدى.
    - ھە مۇنداق دە، ۋۇ رەسۋا، شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ، ئۇ بىكاردىن-بىكار سېنىڭ يېنىڭغا كىرىپىتۇما؟ گەپكە ئۇستىلىقىنى بۇ بۇزۇق قانجۇقنىڭ! بۈگۈندىن باشلاپ سېنى كۆزۈم كۆرۈپ قالمىسۇن، بۇ يەردىن دەرھال يوقال! بولمىسا ناھىيەگە بېرىپ، قىلغان رەسۋاچىلىقىڭنى تەشكىلگە ئىنكاس قىلىمەن. ۋۇ بۇزۇق...- دەپ بىر مۇنچە گەپلەر بىلەن ئادىلەنى تىللاپ كەتتى. ئادىلە گەپمۇ قىلالماي ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى. ئۇ خوتۇن يەنە:
    - كۆزۈڭنىڭ يۇندىسىنى ئېقىتماي يوقال! ۋۇ قانجۇق!- دېگىنىچە ئېرىنى غولىدىن ئىتتىرىپ ئۆيىگە ئەكىرىپ كەتتى. بۇ غەلۋە-غوۋغىلارنى دوختۇرخانا ئىچىدىكىلەرمۇ ئاڭلىغان ئىدى. ئادىلە ياتاققا كىرىپ، كارۋاتقا ئۆزىنى ئېتىپ ئۈن سېلىپ قاتتىق يىغلىدى. «مەن گۇناھكارمۇ؟ ئاھ خۇدا...!» ئۇنىڭ يىغا ئاۋازى خېلى يەرگىچە ئاڭلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭغا بىرەرسىمۇ كىرىپ تەسەللى بىرىپ قويمىدى.
ئەتىسى ئادىلە يەنىلا ئامالسىز ئىشقا چىقتى. ھېچكىم ئۇنىڭغا سالاممۇ قىلمىدى،ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇردى.بەلكىم، ئۇلار يۈەنجاڭنىڭ ھازازۇل خوتۇنىدىن قورققان بولسا كېرەك. ئۇ ھاجەتخانىغا  كىرىۋېتىپ، ئىككى-ئۈچ چوكاننىڭ كۇسۇلدىشىپ قىلغان گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدى:
    - ۋاييەي، ئۆزى كىچىك بولغان بىلەن، خېلى كارامىتى باركەن ئۇنىڭ، باشلىقنى كەلتۈرۈپ بوپتۇ، بىزمۇ ئەرلىرىمىزگە ھېزى بولايلى جۇمۇ،-دېيىشىپ، ئادىلەگە قاراپ ئاغزىنى پۈرۈشتۈرۈپ بىر نېمىلەرنى دەپ غۇدۇڭشىدى.
ئادىلە بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قەتئىي چىداپ تۇرالمىدى، ۋە ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ، يۈزىنى تۇتقىنىچە ياتىقىغا ئېتىلىپ كىرىپ،كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ يەنە يىغلىدى. خىزمەتداشلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى. ئۇ بىر ھازا يىغلىغاندىن كېيىن ئورنىدىن دەرغەزەپ بىلەن تۇردى-دە ياتىقى ئىچىدىكى چايدان، چېنە-قاچا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىشىككە قارىتىپ زەردە بىلەن ئاتتى. ئىشخانىدىكىلەر يۈگۈرۈپ چىقىپ قارىشىپ تۇرى، ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ:
    - جاندىن تويدۇم. بولدى، مەن ئىشلىمەيمەن، كەتسەملا بولىدۇغۇ بۇ نەس باسقان يەردىن،- دەپ توۋلىدى. لېكىن،بىرەر خىزمەتدىشى كېلىپ ئۇنى بەزلەپ، تۇتۇپمۇ قالمىدى، ھەممىسى ئۈن-تىنسىز قارىشىپ تۇراتتى، ئۇ يوتقان- كۆرپىلەرنى كۆتىرىپ سىرتقا سۆرەپ چىقتى، گۆھەرنىساخان يۈگۈرۈپ كېلىپ:
    - ئۇكام، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، ئارقىڭىزغا يېنىڭ، ھەل بولمايدىغان مەسىلە يوق،- دەپ ئۇنىڭ بىلىكىدىن تۇتىۋالدى.
    - بولدى، گۆھەرنىساخان ھەدە، رەھمەت سىلىگە، ھېلىمۇ سىلىگە كۆپ جاپايىمنى سالدىم. بۇ ياخشىلىقىڭىزنى ئۆمۈر بويى ئۇنتۇمايمەن، مېنى قويۇپ بەرسىلە، بۇ دۇنيادا ئادالەت يوق ئىكەن، مېنى ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ، ئەمدى بۇ يەردە قانداق يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ يۈرىمەن؟ ھەممە سەۋەنلىك ماڭا يۈكلەندى، مېنى كەتكىلى قويسىلا،- دەپ يىغلاپ تۇرىۋالدى. گۆھەرنىساخانمۇ ئامال يوق ئۇنىڭغا يول قويۇپ، ئۇنى قويۇپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى. ئادىلە تەييار بولۇپ ئىشىكتىن چىقىپ بولغۇچە، گۆھەرنىساخانمۇ ئۇنىڭ يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، بېكەتكە بېرىپ كىرا ماشىنىسىغا سېلىشىپ بەردى...

(9)


     ئۇ يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ ھويلىغا كىرىشىگە، ئاپىسى ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ كەلدى-دە:
    - قىزىم، نېمە بولدى؟ قايتىپ كېلىپسىزغۇ-؟ دەپ سورىدى.
ئادىلە پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلاپ كەتتى:
   - ئاپا، مەن ئەمدى ئۇ يەردە ئىشلىمەيمەن، مەن ئۇ نەس باسقان يەردىن بەك زېرىكتىم. مېنى زورلىما، چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى.
   - ۋاي جېنىم بالام، چىدىساڭ بولماسمىدى، يەنە بىر نەچچە يىل چىشىڭنى چىشلەپ ئشلىسەڭ ھۆكۈمەت يۆتكەپ ئەكىلىپمۇ قوياتتى،ساڭا ئوخشاش سىرتتا ئىشلەيدىغانلار كۆپقۇ؟ بىز سېنى ئاز پۇل خەجلەپ ئوقۇتتۇقمۇ؟ سەن ئوقۇش پۈتتۈرگىچە بىز نى جاپالارنى تارتمىدۇقمۇ؟ ئەمدى نېنىڭ پۈتۈن بولغاندا نېمە ئىش قىلغىنىڭ بۇ؟ بىز خاتىرجەم ياشايمىزمۇ-ياشىمايمىزمۇ؟- دەپ ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇلار ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ھازا يىغلاشتى. ئادىلە گەپمۇ قىلماستىن ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى. دادىسى ئۇلارغا:
    - نېمە گەپ بولسا ئۆيگە كىرىپ دىيىشىڭلار،-دەپ ئۇلارنى ئۆيگە كىرىشكە دەۋەت قىلدى.
ئادىلە توختىماي يىغلاپ ئولتۇردى، ئاپىسى ئۇنىڭغا يەنە چېچىلغىلى تۇردى:
    - ۋۇ چىدىماس! دۇنيادا جاپاسى يوق ئىش نەدىكەن؟ئەمدى قانداق قىلماقچىسەن؟
ئۇ ئۆز كەچمىشلىرىنى ئاپىسىغا دەپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىشنى خالىمايتتى، ھەم ئۇ رەزىل ئشنى كىمگىمۇ دېيەلىسۇن!؟
    - ئەتە ئىدارىغا كىرىمەن،يۆتكەپ بەرمىسە ئىشلىمەيمەن،-ئادىلە قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن ئاپىسىغا جاۋاب بەردى.
ئادىلە ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ،ناھىيەلىك سەھىيە ئىدارىسىغا بېرىپ، ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى. ئىدارە باشلىقى قارامۇتۇق، ئورۇق، قاڭشارلىق، بويى ئېگىز ئادەم بولۇپ، باشقىلارغا خېلى ئىللىق تەسىر بېرىدىغان ئادەم ئىدى.
ئىدارە باشلىقى بېشىنى كۆتىرىپ:
    - ھە، سىزنىڭ نېمە ئىشىڭىز بارئىدى،-دەپ سورىدى.
    - مەن ئەسلى قاراتاغ يېزىلىق دوختۇرخانىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان ئىدىم، ئۇ يەردە ئىشلىگىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، تاماقتىن قىينالدىم، ئاتا-ئانام ياشىنىپ قالدى، مېنى ئامال قىلىپ، باشقا مۇۋاپىق بىرەر ئورۇنغا يۆتكەپ قويغان بولسىلا،-دەپ مىچىلداپ  يىغلاشقا باشلىدى.
    - ھە، مۇنداق دەڭ ئۇكام، ھازىر يۆتكىلىمىز دەپ كېلىدىغانلار بەك كۆپ، ھەممىڭلار شەھەردە ئىشلىسەڭلار يېزىدا كىم خىزمەت قىلىدۇ؟ سىز تېخى ياش، يەنە كېلىپ سىز يېزىدا خىزمەت قىلغىلى ئاران بىر يىلمۇ بولماپتۇ ، كېيىنچىرەك ئويلىشىپ باقايلى، ھازىرچە قايتىپ تۇرۇڭ.
    - مەن شەھەرگە يۆتكەلمىسەممۇ مەيلى، يېقىنراق بىرەر يېزا بولسىمۇ بۇلىدۇ،ھېچ بولمىسا، قاراتاغ يېزىسىدىن باشقا قانداق يېزا بولسا مەيلى، باشلىق، سىلىدىن ئۆتۈنۈپ قالاي!
   - ئويلىشىپ باقايلى، سىز ھازىرچە قايتىپ تۇرۇڭ!
   - مەن ئەمدى ئۇ يېزىغا ھەرگىز بارمايمەن، مەن ئۇ يەردىكى يۈەنجاڭ بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىم، بىر ئامال قىلىپ مېنى يۆتكەپ قويسىلا، سىلىدىن خوش بولاي!
قىزنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا قاراپ ئۇ ئادەم سەل يۇمشاپ قالدى بولغاي:
    - ئىسىمىڭىزنى،خىزمەت ئورنىڭىزنى دەپ بېرىڭ،-دەپ،ئادىلەنىڭ ئېيتقانلىرىنى خاتىرىسىگە خاتىرىلىۋالدى.
    - سىز ھازىرچە خىزمەت ئورنىڭىزدىن ئايرىلسىڭىز بولمايدۇ، بۇ يىل ئىچىدە ئويلىشىپ كۆرىمىز، سىلەر ياشلارنى-زە! ئېغىر بولۇڭلار، ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت، ئېغىرراق بوپ ئىشلەپ تۇرۇڭ!
    ئادىلە ئامالسىز قايتىپ چىقتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشىنىڭ بۇنچە تېز پۈتمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ خىزمەت ئىشلىگەندىن بۇيان يىغىپ قويغان2000 يۈەن پۇلنى بانكىدىن ئالدى.زەرگەرخانىغا باردى ۋە بىر تال ئالتۇن ئۈزۈك سېتىۋالدى، دۇكانغا كىرىپ، ئىككى كىيىملىك سارجا ئېلىپ، 1000يۈەن پۇلنى لېپاپقا قاچىلاپ،ھەممىنى سومكىسىغا سېلىپ،ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشتىن چۈشىشىنى كۈتۈپ، دەرۋازا تۈۋىدە ساقلاپ تۇردى. ئىدارە باشلىقى ئىشخانىدىن چىقىپ، ئۇدۇل ئۆيى تەرەپكە ماڭغاندا ئادىلەمۇ تۇيدۇرماي،ئۇنىڭ قارىسىنى يۈتتۈرمەي، ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇ سەھىيە ئىدارىسى ئىشخانا  بىناسىنىڭ كەينىدىكى ئائىلىلىكلەر قورۇسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.  ئىدارە باشلىقى بىر ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ كەتتى،ئۇمۇ كەينىدىن كېلىپ ئىشىكنى چەكتى.«كىم ؟» دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ ئىشىك ئېچىلىپ،كېلىشكەن بىر چوكان چىقىپ كەلدى، ۋە:
    - كىمنى ئىزدەيسىز؟- دەپ سورىدى.
مەن ئىدارە باشلىقىنى ئىزدەپ كەلگەن.
ئۇ ئايال ئادىلەنىڭ قولىدىكى سومكىنى كۆرۈپ، ئۇنى دەرھال ئۆيگە كىرىشكە تەكلىپ قىلدى، ئادىلە قورۇنۇپ، ئۆيگە ئاران كىردى.
    - ئولتۇرۇڭ.
ئادىلە كىرىسلوغا كېلىپ ئولتۇردى، ۋە قولىدىكى نەرسىلەرنى چاي شىرەسىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ:
    - ئاز بولسىمۇ قۇرۇق كەپ قالدىم،-دەپ قويۇپ قويدى. ئۇ ئايالنىڭ كۆزلىرى پارقىراپ، يۈزىدە خۇشاللىق جىلۋە ئەتتى، ۋە نەرسىلەرنى ئېلىپ،«رەھمەت» دېگىنىچە ئىچكىرىكى ئۆيگە بوينىنى سوزۇپ:
    - ھەي تۇرغۇن، بۇ قىز سىزنى ئىزدەيدىكەن، بۇ ياققا چىقىڭ،- دېگىنچە ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ كېتىپ، ھايال ئۆتمەي چىقىپ كەلدى، ۋە ئادىلەگە بىر پىيالە چاي قۇيغاچ سوردى:
    - ئۇكام، ماڭا دەڭ، نېمە ئىش بىلەن كىرگەن؟
    - مەن خىزمەت يۆتكىلەي دېگەن، سېلى ئىدارە باشلىقىغا بەكرەك دەپ، ياردەم قىلسىلا بوپتىكەن!
    - نەدە ئىشلەيتىڭىز؟
    - قاراتاغ يېزىسىدا.
    - ھە، دېمىسىمۇ ئۇ يىراق يەر ، قېنى، مەن تۇرغۇنغا بەكرەك دەپ باقاي، خاتىرجەم بۇلۇڭ.
ئايال گېپىنى تۈگەتكۈچە ئىدارە باشلىقى گېلىنى قىرىپ ئىچكىرىكى ئۆيدىن چىقىپ كەلدى، ۋە ئادىلەگە قاراپ:
    - ھە قىزچاق، ئۆزىڭىز كىچىك بولغىنى بىلەن، بىر ئىشقا خېلى ئېپىڭىز باركەن، مېنى تار يەردىن قىستاپ قويدىڭىز جۇمۇ، مەن سىزگە ئىككى-ئۈچ كۈندىن كېيىن جاۋابىنى بېرەي،- دېدى.
ئادىلە ئورۇندىن تۇرۇپ:
    - رەھمەت سىلىگە،- دېگىنىچە ئىشىككە قاراپ ماڭدى. ئىدارە باشلىقىنىڭ خوتۇنى ئادىلەنى ئۇزىتىپ چىقتى.
ئادىلە ئۆيگە خېلى كەچ قايتىپ كەلدى. ئاپىسى تاماق ئېتىپ ئۇنىڭغا ساقلاپ ئولتۇرغان  ئىدى.ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقانلىقىدىن،تامىقىنى دەرھال يىدى.ئاپىسى ئۇنىڭدىن:
    - قانداق بولدى؟-دەپ سورىدى.
    - ئىككى-ئۈچ كۈن تۇرۇپ تۇرۇڭ دەيدۇ،-ئادىلە باشقا گەپ قىلمىدى. ئاپىسىمۇ ئۇنىڭدىن باشقا گەپ سورىمىدى.
ئادىلە ئۈچ كۈن ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ، ئەتىگەندىلا يەنە سەھىيە  ئىدارىسىغا  كەلدى، ئىدارە باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكى ئوچۇق ئىدى.ئۇ ئىشخانىغا كىردى، ئىشخانا ئىچىدە دەرت ئېيتىپ كەلگەنلەر خېلى كۆپ بولغاچقا،ئادىلە بىر چەتتە ئۇلارنىڭ ئىشىنى تۈگىتىپ چىقىپ كېتىشىنى كۈتۈپ تۇردى. چۈش بولاي دېگەندە، ئىشخانىدىن ئادەملەرنىڭ ئايىقى ئاران ئۈزۈلدى.ئىدارە باشلىقى ئۇنىڭغا قاراپ:
   - ئۇكام، مەن ھازىر ئامالىنى قىلىۋاتىمەن، سىز يەنە بىر ھەپتە ساقلاڭ، مەن مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمەن،-دېدى.ئادىلەمۇ باشقا گەپ قىلماي«ماقۇل»دېگىنىچە يېنىپ چىقتى.
  ئۇ بىر ھەپتىنىڭ تېزراق توشۇپ، ئېنىق جاۋابقا ئېرىشىشكە شۇنچىلىك تەقەززا بولدى. ئۇ ئۆيىدە ئاپىسىغا ياردەملىشىپ بىر ھەپتىنى ئاران توشقۇزدى. مانا بۈگۈن دۈشەنبە بولۇپ قالدى. ئادىلە سەھەر تۇرۇپلا ئۆز ئىشلىرىنىڭ راۋان بولىشىنى تىلەپ،سەھىيە ئىدارىسىغا يول ئالدى. ئۇ باشلىقنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىدىن قورۇنۇپ ئاران كىردى. ئۇ كىرىشىگە باشلىق بېشىنى لىڭىشتىپ قويۇپ:
    - ھە ئۇكام، سىزنىڭ ئىشىڭىز ھازىرچە باغچا يېزىلىق دوختۇرخانىغا بېكىتىلدى، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرىڭىزنى ئۆتەپ، شۇ يەرگە بېرىپ ئىشلەپ تۇرۇڭ، بىراق، ئەمدى يەنە ئالماشتۇرمايمىز جۇمۇ! ئۇ يەرمۇ ناھىيەگە يېقىن، ئەمدى ياخشى ئىشلەڭ!
ئادىلە:
     - رەھمەت سىلىگە، سىلىنى كۆپ ئاۋارە قىلدىم،-دەپ قايتا-قايتا رەھمەت ئېيتىپ ئىشخانىدىن كەيپىياتى خۇشال يېنىپ چىقتى.

(10)


    ئادىلەنىڭ بەختلىك كۈنلىرى ئاستا-ئاستا باشلاندى. باغچا يېزىلىق  دوختۇرخانا ناھىيە بازىرىغا يېقىن ئىدى،ئىشقىمۇ ئۆيىدىن بېرىپ كېلىشكە قولايلىق ئىدى. ئۇ ئىشقا چۈشكەندىن باشلاپ، روھى خېلى كۆتىرەڭگۈ، خۇشال-خورام،نورمال خىزمەت قىلىشقا باشلىدى. پات-پات بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، سىردىشىپ تۇرىدىغان بولدى،ئۆزىچىمۇ كۈنلىرى مەنىلىك ئۆتۈۋاتقاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى.
بىر كۈنى خېلى بالدۇرلا ئىشتىن چۈشكەن ئادىلە ئۆيگە خۇشال-خورام قايتىپ كەلدى. ئاپىسى توساتتىنلا ئۇنى يېنىغا چاقىرىپ:
    - قىزىم، سىز خىزمەتكە چىققىلىمۇ ئىككى يىلدىن ئاشتى، يېشىڭىزمۇ 25 كە كىرىپ قالدى، قىز  بالا دېگەن بالدۇرراق ياتلىق بولغانغا يەتمەيدۇ، شۇڭا توي ئىشىڭىزنى ئويلىشىپ كۆرۈپ، ماڭا بالدۇرراق جاۋابىنى بىرىڭ، دادىڭىزنىڭمۇ سالامەتلىكى تازا ياخشى ئەمەس،ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. كۆزىمىزنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا تويىڭىزنى قىلىپ قويساق بولاتتى،-دېدى.
ئادىلە ئاپىسىغا جاۋاب بەرمەي جىم تۇرىۋالدى. كەچ كىرىپ، ئادىلە ياستۇققا بېشىنى قۇيۇشىغا،ئۇنىڭ كاللىسىنى خىيال چىرمىۋالدى. قانداق قىلسام بۇلار!؟
    ئادىلە ئەسىلىدە ئالى مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقاندا قەشقەر كونىشەھەرلىك  ئەسقەر ئىسىملىك بىر يىگىت بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ئىدى، ھەتتا ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان يىلى تەتىلدە ئەسقەر بىر نەچچە ساۋاقداشلىرى بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغان ئىدى، ئەسقەر ئادىلەنى بەك ياخشى كۆرەتتى.كېيىن ئادىلەنىڭ ئاپىسى بۇ ئىشلارنى بىلپ قېلىپ:
    - بالام، سىز بىزنىڭ بۇ دۇنيالىقتىكى بىرلا بالىمىز، بۇ ئىشىڭىزنى ۋاقتىدا يۇغۇشتۇرۇڭ، دادىڭىز بىلەن ئىككىمىز ئىككىڭلارنىڭ ئىشىغا ھەرگىز قوشۇلمايمىز. ئەگەر بەك چىڭ تۇرىۋالسىڭىز ئۇ يىگىت بۇ يەرگە كېلىپ، بىزگە ئىچ كۈيئوغۇل بولسۇن،-دەپ تۇرىۋالدى.
شۇنىڭ بىلەن،ئامالسىز قالغان ئادىلە بۇ ئىشنى ئەسقەرگە خەت ئارقىلىق ئېيتتى. ئۇلار ئاخىرى مەسلىھەتلىشىپ بۇ ئىشلارنى بولدى قىلىدىغانغا پۈتۈشتى. ئەسقەر ئادىلەنىڭ قەلبىدە تۇنجى ئورۇن ئالغان يىگت بولغاچقا، ئادىلەگە بۇ ئايرىلىش خېتى ئېغىر كەلگەن ئىدى. ئادىلەمۇ خىزمەتكە چىقىپ، ئۇ مۇدھىش كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، قەلبى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز جاراھەتلەنگەن ئىدى. ئۇ توي قىلىشنى ئويلاشتىنمۇ قورقاتتى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئاپىسى ئۇنى ھېلىدىن-ھېلىغا لايىق تېپىشقا ئالدىرىتىپ ئارام بەرمەيۋاتاتتى. ئادىلە ھازىر ئۆيگە كەلسىمۇ ئاپىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، كەچ قايتىپ كېلىپ، بالدۇر يېتىپ ئۇخلىغان بولۇپ يېتىۋالىدىغان بولۇپ قالدى. مانا، بۇ ئىشلار تىلغا ئېلىنىۋەرگىلىمۇ يېرىم يىلدىن ئېشىپ كەتتى.دادىسى بىر كۈنى قاتتىق يۆتىلىپ، كېسىلى توساتتىن ئېغىرلىشىپ قالدى. دادىسىمۇ كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپ، ئۇنى يېنىغا چاقىرىپ:
     - بالام، كۆزۈمنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا تويىڭىزنى قىلىۋېلىڭ، بولمىسا ئۇ دۇنياغا قەرزدار كېتىپ قالىمەن،- دەپ بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلدى. ئادىلەمۇ دادىسىغا«ماقۇل»دېگەن جاۋاپنى بەردى. ئەمدى ئۇمۇ تويىغا تېزراق تۇتۇش قىلمىسا بولمايتتى، شۇڭا، ئۇ بىر دوستى سايە قىلغان بالا بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىش خىيالىغا كەلدى. ئۇلار ئاخىرى دوستىنىڭ ئۆيىدە كۆرۈشتى.ئۇلار تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈپلا خېلى كۆڭۈللۈك پاراڭلاشتى. قارىغاندا، ئادىلە يىگىتنىڭ دىتىگە يېقىپ قالغان ئىدى.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، دوستىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يىگىت ئادىلەنى راستىنلا ياقتۇرۇپ، ئۇنىڭ راستىنلا بىلەن توي قىلىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. ئادىلە بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۇيقۇسى يەنە قېچىشقا باشلىدى. كاللىسىنى غەم-ئەندىشە چىرماپ، قەلبىنى يەنە شۇ ئاچچىق ھەسرەت ئېچىشتۇرۇشقا باشلىدى.ئۇ،بۇ توينى ئەمەلدىن قالدۇراي دېسە ئاتا-ئانىسىغا يۈز كېلەلمەيتتى. ئەمدى ئۇنىڭغا راستىنلا چېكىنىش يولى قالمىغان ئىدى. ئۇنى ئەمدى قانداق پاجىئە كۈتۈۋالىدىكىن؟ بۇ ئادىلەگىمۇ ئايدىڭ ئەمەس ئىدى. ئەمدى ئامال يوق، بۇ توينى قەتئىي قىلىش قارارىغا كەلگەن ئىدى.

(11)


    مانا تويمۇ باشلاندى. ئادىلە يىگىتكە تويلۇقنىمۇ ئانچە ئېغىر سالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ تارتقان كۈلپەتلىرى ئۆزىگە ئايان بولغاچقا،ئۇ بۇ توينى ئاددى-ساددا قىلىمەن دەپ تۇرىۋالدى. تويمۇ ناھايىتى خۇشال-خورام، ياخشى  ئۆتكۈزۈلدى. توي كۈنى ئادىلەنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرىمىغان ئىدى. ئۇ خۇددى ھازا ئاچقان ئادەمدەك يىغلاپ، ھەممە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى پەرىشان قىلىپ قويدى. كىشىلەر «تويى بولغان قىز نېمىشقا بۇنچە يىغلايدىغاندۇ»دەپ ھەيران قېلىشتى،ئەمما،ھېچقايسىسى قىزنىڭ ھەسرەتلىك كۆز يېشىنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيتتى. ئادىلەنىڭ تويى كۆچۈرۈلۈپ، يىگىتنىڭ ئۆيىگە يۆتكەپ كېلىندى.ئەلياتقۇدا يەڭگىلەر جىددى ئىشى بارلىقىنى ئېيتىپ،ئۆيىگە كېتىپ قېلىشتى. ئۆيدە پەقەت ئادىلە بىلەن ئۇنىڭ ئېرى بولغان يىگىتلا قالدى. ئادىلە يەردىن ئۈستۈن قارىماي يىغلامسىراپ ئولتۇرۇۋالدى. يىگىتمۇ خىجىل بولۇپ، ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىۋالمىدى. يىگىت ئاستا چىراقنى ئۆچۈرۈپ:
    - بۇ ياققا كېلىڭ، ئەمدى ئارام ئالايلى،-دېدى. ئادىلە ھېچبىر جاۋابسىزلا يەنە مىدىر قىلماي جايىدا قورققىنىدىن تىترەپ ئولتۇراتتى. يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ قولىنى ئاستا تۇتتى، ۋە:
    - كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، مەن سىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىمەن،- دەپ ئۇنىڭ يۈزىنى سىلاپ قويدى.يىگىتنىڭ نەپىسى تېزلىشىپ،ئادىلەنى ئاستا كارۋاتقا تارتتى. ئادىلە ئىتتىك ئۇنىڭ قولىنى ئىتتىرىۋېتىپ:
    - خاپا بولمىسىڭىز، مەن كېسەل بولۇپ قاپتىكەنمەن، بىر قانچە كۈن ساقلىغان بولسىڭىز دەپ يۈزىنى ئىتىپ يەنە يىغلاشقا باشلىدى. يىگىت ئامالسىز:
     - بولىدۇ، مەن سىزگە ھەرگىز ئەدەپسىزلىك قىلمايمەن، خاتىرجەم بۇلۇڭ، بىز ئەمدى قەدىناس ئەر-خوتۇن بولىدىغان تۇرساق، بۇياققا كېلىپ خاتىرجەم يېتىڭ،- دېدى.
ئادىلە ئاستا قەدەملەر بىلەن كارۋاتنىڭ بىر بۇرجىكىگە كېلىپ ئولتۇردى. يىگىت چەتكە سۈرۈلۈپ، ئۇنى يېتىشقا دەۋەت قىلدى. ئادىلە قورۇنۇپ، كىيىملىرى بىلەنلا ياتتى. يىگىت ئادىلەنىڭ كەينىدىن ئۇنىڭ بېلىنى قۇچاقلاپ يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. ئادىلە تېخىچە ئويغاق ئىدى. ئۇ ئورنىدىن سەھەردىلا تۇرىۋالدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئويلەرنى بىر قۇر تۈزەشتۈردى. ئاندىن تاماق ئېتىشكە تۇتۇش قىلدى. يىگىت قوشۇلمىدى:
    - سىرتقا چىقىپ يەيمىز، سىز چارچاپ كەتتىڭىز، تاماقنى بىر قانچە كۈندىن كېيىن ئەتسىڭىزمۇ ئۈلگۈرىسىز .
ئادىلەنىڭ يۈرىكى گۈپۈلدەپ، ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى، ئۇ يىگىتكە يالغاندىن كۈلۈپ قويۇپ ئامال بار ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشتى. يىگىت ئادىلەنى ھۆرمەتلىگەنسېرى ئۇنىڭ ئىچى ئېچىشاتتى. شۇنداق قىلىپ ئادىلەمۇ «مەن كېسەل»دەپ يۈرۈپ ئۈچ-تۆت كۈننى ئۆتكۈزۈۋەتتى. يىگىتمۇ سەۋرلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ساقىيىشىنى كۈتتى.
     بۈگۈن بۇ ئىش ئاخىرى يۈز بەردى. يىگىتنىڭ سەۋرى بۈگۈن راستىنلا توشقان ئىدى. ئۇ چىراغنى ئۆچۈرۈپ، ئادىلەنى ئاستىغا باستى، ۋە سەۋدايىلارچە سۆيۈشكە باشلىدى. ئادىلەمۇ يىگىتنىڭ ئوتلۇق ھارارىتىدىن ھۇشىنى يوقىتىپ، يىگىتكە يۆگىمەشتەك چىرماشتى. يىگىت قىزنىڭ ئىشتىنىنى سالدۇراي دەپ تۇرىشىغا، قىز دەرھال يىگىتنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى. يىگىت ئۇنىمىغانغا قويماي چىڭ تۇرىۋالدى، ئادىلە قورققىنىدىن ۋارقىرىۋەتتى، ۋە يىگىتنىڭ بىلىكىنى قاتتىق چىشلىدى. يىگىت دەرھال ئۇنى قويىۋەتتى-دە، قاتتىق زەردە بىلەن:
    - بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ مەن سىزنى نىكاھىمغا ئالغان تۇرسام، بۇنداق ئىشلار ھەممە ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغۇ؟-دەپ بىر مۇنچە ئاچچىقلاندى. ئادىلەمۇ ئۆز قىلغىنىدىن خىجىل بولۇپ:
    - خاپا بولماڭ، مەن بىر ئاز كۆنىۋالاي، ماڭا ۋاقىت بېرىڭ،-دەپ قايتا قايتا ئەپۇ سورىدى. يىگىتمۇ چېچىلىشتىن توختىدى. ئۇ ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ، يېتىپ ئۇخلاپ قالدى. ھەپتە ئۆتتى، بۇ دە-تالاش يەنە باشلاندى. ئادىلە بۇ قېتىممۇ چىڭ تۇرىۋالدى، يىگىت تىت-تىت بولۇپ، ئاخىرى ئېغىز ئاچتى:
    - سىزنىڭ زادى نېمە مەقسىتىڭىز بار؟ بىز توي قىلغىلى بىر ئاي بۇلاي دېدى، تېخىچە قولىڭىزنىڭ ئۇچىنىمۇ تۇتقۇزمىدىڭىز، ئەمدى گەپنى ئوچۇق قىلمىسىڭىز، ئەتە-ئۆگۈن باشقىلار ئاڭلاپ قالسا مەن مەھەللە-كويدا يۈزۈمنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرىمەن؟ بۈگۈن ئېنىق جاۋابقا ئېرىشمىسەم بولمايدۇ،- دەپ چىڭ تۇرىۋالدى.
ئادىلە:
     - ھەممە گۇناھ مەندە، ھېلىمۇ سىز ماڭا بەك يول قويدىڭىز، مەن ئەمدى بۇنداق يۈرۈۋەرسەم بولمىغىدەك. سىزنىمۇ ئالدىغىم يوق.
ئادىلە قىلغىلى گەپ تاپالماي، يەنە يالغان ئېيتىپ، بۇ قورقۇنچلۇق نىكاھتىن قۇتۇلۇپ كېتىشنى ئويلىدى، ۋە يىگىتكە:
    - مەن ئەسلى ئالى مەكتەپتە بىر ساۋاقدىشىم بىلەن يۈرگەن، ئۇنى ئۇنتالمىدىم، شۇڭا سىزنىڭ قولىڭىزدىن ئەقىدەم ئۈچۈن پاك چىقىپ كېتەي دەپ ئويلاپ تەلىپىڭىزنى رەت قىلىۋەتتىم، كەچۈرۇڭ! مەن سىزنى كۆڭلۈمگە سىغدۇرالمىدىم.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، يىگىت ئولتۇرۇپلا قالدى، غەزەپتىن چىشلىرى كارسىلداپ كەتتى. نېمە؟ كەچۈرۈڭ دېگەن بىلەن ئىش پۈتەمدىكەن؟ سەن مېنى ئالداپسەن! ئۇنداق ئادەم ئۆز ۋاقتىدا گېپىڭنى ئوچۇق قىلساڭ بولمامدۇ؟ سەن بىر ئالدامچى ئىكەنسەن! مەن ساڭا شۇنداق يول قويۇپ ھۆرمەتلىدىم. سەنچۇ؟! ئەمدىلىكتە ماڭا ئەلەم قىلدىڭ، كۆتەر بۇنداق ياغلىما گەپلىرىڭنى! مەنمۇ ئوغۇل بالىمۇ؟- دەپ ئادىلەگە ئەسەبىيلەرچە ئېتىلىپ كەلدى، ۋە ئادىلەنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي، ئۇرۇپ ئاخىرى باش ئەگدۈردى.
ئىش تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ ھاسىراپ ئورنىدىن تۇردى-يۇ كۆزلىرى چەكچىيىپلا كەتتى. ئادىلە ئالمان-تالمان ئىشتىنىنى تۈزەشتۈردى.قاتتىق تەگكەن بىر شاپىلاق بىلەن ئادىلە يەرگە غۇلاپ چۈشتى.
     - ھۇ بۇزۇق! شەرمەندە! سەن ئەسلى قىز ئەمەسكەنسەن، سېنى ئۆلتۈرىۋەتسەممۇ دەردىم چىقمايدۇ.كۆزۈمدىن ھازىر يوقال!- ئۇ ئۆيدىكى قولىغا چىققۇدەكلا نەرسە بولسا ئۇرۇپ چېقىشقا باشلىدى. ئادىلە قورققىنىدىن غال-غال تىترەپ، بىر چەتتە تۈگۈلۈپ تۇراتتى. يىگىت ئۇنىڭ گەجگىسىدىن قاماللاپ تالاغا زەردە بىلەن ئىتتەردى، ئۇ ئىشىكتىن قاڭقىپ چىقىپ، توپىنىڭ ئۈستىگە يىقىلدى.
بۇ جىدەلنى ئاڭلىغان قولۇم- قوشنىلىرى بىر-ئىككىدىن يىغىلدى. يىگىتنىڭ ئاپىسىمۇ ئۈن سېلىپ يىغلاپ،بۇ ئىشنى قوشنىلىرىغا بىلدۈرىۋەتتى. ئادىلە  ھۆڭرەپ يىغىلاپ، نومۇستىن يۈزىنى ئەتكىنىچە ئۆز مەھەللىسىگە قاراپ يۈگۈردى. ئۇ ئىشىكتىن كىرىشىگە، ئاپىسى ھودۇقۇپ ئۇنىڭ ئۈستى-بېشىغا قاراپ چۆچۈگەن ھالدا سورىدى:
     - يالغۇز كەلدىڭىزمۇ؟ مەردانجان قېنى؟
ئادىلە دۇدۇقلاپ:
    - ئۇ...ئۇ...ئۆزۈم كەلدىم، بىز ئاجرىشىدىغان بولدۇق.
    - ۋاي نېمىشقا؟
    - مېنىڭ ئۇنىڭغا كۆڭلۈم چۈشمىدى، گۇناھ مەندە، ئاغرىنساڭلار مەندىن ئاغرىنىڭلار،- دەپ يەرگە قاراپ تۇرىۋالدى.ئۇ ئىككى –ئۈچ كۈن ئۆيدە تۇرغاندىن كېيىن، ئاپىسى قۇدىلىرىنى چاقىرىپ، بولغان ئەھۋالنى بىلمەكچى بولدى. قودىلىرىمۇ بولغان ئەينەن ئەھۋالنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ئېيتىپ بەردى. ئاپىسىنىڭ بېشىغا بىر چېلەك سوغۇق سۇ قويۇلغاندەك ئەندىكىپ،نومۇس، ۋە ئاچچىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدى. بۇ گەپلەرنى ئاغرىق ياتقان دادىسىمۇ ئاڭلىدى. ئاپىسى ئادىلەگە چىرايلىق گەپ قىلىپ، كىم بىلەن ناشايان  ئىش  قىلغانلىقىنى سورىغان بولسىمۇ ئۇ گەپ قىلماي، جاھىللارچە جىم تۇرىۋالدى.ئاتا –ئانىسى ئۇنىڭدىن قاتتىق ئاغرىندى، يىغلىدى، قاقشىدى:
    - بۇ بىزگە نېمە سەتچىلىك، قىز بالا ئېرىنىڭ ئۆيىدە تۈزۈك بىر ئاي تۇرماي ئاجراشتى، دېگەن نېمە گەپ؟ بىز بۇ مەھەللىدە ئەمدى يۈزىمىزنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرۈيمىز؟-دەپ ئاپىسى قان-قان يىغلىدى. دادىسىمۇ بۇ ئىشلانى قوبۇل قىلالماي، كېسىلى ئېغىرلىشىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى.   
    ئۇنىڭ دادىسى ئەسلىدە مەلۇم بىر يېزىنىڭ ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. ئۇ 20يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولسىمۇ،كېيىنكى يىللاردا پېنسىيىگە چىقماي تۇرۇپلا، يېڭى بەلگىلىمە بويىچە خىزمىتى توختىتىلدى. ئۇ ئاچچىقتا ئۆزىگە كېسەل تېپىۋېلىپ زادىلا ساقىيالمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بارا-بارا قىينچىلىقتا قالدى. داۋالىناي دەپمۇ ئىقتىساد يېتىشتۈرەلمىدى، ئادىلەنىمۇ مىڭ بىر جاپادا ئاران ئوقۇتتى. تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىمۇ ئۇنى ھاردۇرۇپ قويغان ئىدى. بۇ كېسەل مانا مۇشۇ سەۋەپتىن قوزغالغان دادىسى ئادىلەگە قېيداپ،بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي ياتاتتى. ئادىلە دادىسىنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ، كېچە-كۈندۈز كىرپىك  قاقماي باقتى. دادىسى شۇ تەرىقىدە يېتىپ،تەخمىنەت 2-3 ھەپتە بولغاندا  قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.
    ئاپىسى قاتتىق ھەسرەت چېكىپ يىغلاۋېرىپ ئۇمۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى. مانا مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەرنىڭ بىرىدە سوتتىن ھۆكۈم چىقىپ، توينىڭ  بارلىق چىقىملىرىنى ئادىلە ئۆز ئۈستىگە ئالدىغانغا بۇيرۇلدى، ئۇنىڭسىزمۇ بۇ ئۆيدە ئارتۇق پۇل قالمىغان ئىدى، ئاپىسىنىڭ كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىشقا باشلىدى، ئادىلەنىڭ بېشى بەك قاتتى، ئاپىسى ئۈچ-تۆت ئاي ئۆيدە يېتىپ، بىر كۈنى توساتتىنلا ئۆزگىرىپ قالدى. ئادىلە پۇل بولمىغاچقا،خىزمەتداش دوستلىرىدىن ئازراق قەرز ئېلىپ، ئاپىسىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. دوختۇرلار ئۇنىڭغا دىئاگنوز قويۇپ:
    - جىددى خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى، دەرھال چوڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ داۋالىتىڭلار-دېدى. ئادىلەنىڭ بېشى قېتىپ، ئاخىرى ئاپىسىغىمۇ مەسلىھەت سالماي، بىردىن- بىر چوڭ مۈلكى بولغان ئۆينى سېتىۋەتتى. ئادىلەنىڭ بېشىغا ئوڭۇشسىزلىق ئارقا-ئارقىدىن كەلدى؛ دادىسىنىڭ ئۆلۈمى، ئاپىسىنىڭ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قېلىشى پۈتۈنلەي ئادىلەنىڭ سەۋەبىدىن ئىدى. بولمىسا ئۇلارمۇ ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن بولاتتى. ئادىلەنىڭ ئىچى غەزەپكە تولدى:
    - خەپ! ئەمدى ئاپامغا بىرەر ئىش بولۇپ قالىدىغان بولسا، سەن ئەبلەخنى ھەرگىز كەچۈرمەيمەن،- دەپ ئۆز-ئۆزىگە قەسەم ئىچتى. ئۇ ئاپىسىنى داۋالاتقىلى ئۈرۈمچىگە قاراپ يول ئالدى. ئۇلار چوڭ دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن،دوختۇرلار ئاپىسىنىڭ كېسىلىنى تەكشۈرۈپ،داۋالاش باسقۇچىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. ئادىلە قان-قان يىغلىدى،شۇنداقتىمۇ ئادىلەنىڭ يالۋۇرۇشى بىلەن دوختۇرلار ئاپىسىنىڭ كېسىلىنى ئامالنىڭ بارىچە داۋالىغان بولسىمۇ، ئەمما بىر ھەپتىدىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتتى...

(12)


    ئادىلە تىكەندەك يالغۇز قالدى. ئاتا-ئانىسىمۇ ئادىلەنىڭ ئىچىدە قانداق مەخپىيەتلىك بار ئىكەنلىكىنى بىلمەيلا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى. ئادىلەنىڭ بۇ قىسمىتىنى ھازىرغىچە بىرمۇ ئىنسان بىلمىدى. ئۇ ئۆيدىنمۇ ئايرىلدى. ھازىرچە دوختۇرخانىنىڭ كەينىدىكى بىر تاشلاندۇق كېسەك ئۆينىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ تۇردى. ئادىلەگە بۇ دۇنيا تولىمۇ تار،ۋاپاسىز،ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلىك بىلىندى. ئۇنىڭ جۈمە يۈەنجاڭغا بولغان ئۆچمەنلىكى كۈندىن-كۈنگە كۈچەيدى. ئۇ ئاخىرى دەم ئېلىشقا توغرىلاپ، سومكىسىغا پىچاقتىن بىرنى تىقىپ، قاراتاغ يېزىسىغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ بۇ يېزىغا كەچقۇرۇن ئاران يېتىپ كەلدى. ئۇ باشقىلارنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قالماسلىق ئۈچۈن، مەھەللىدىكى بىر ئۆستەڭ بويىدا يوشۇرۇنۇپ ئولتۇردى. قاراڭغۇ چۈشكەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، دوختۇرخانا دەرۋازىسىدىن ھېچكىمگە كۆرۈنمەي ئاستا كىرىۋالدى. ئۇ جۈمە يۈەنجاڭنىڭ سىرتقا ھاجەتكە چىقىدىغانلىقىنى پەملەپ، ھاجەتخانىنىڭ تېمىنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇپ، ئۇنىڭ چىقىشىنى ساقلاپ تۇردى. جاھاننى ھېچنېمىنى كۆرگىلى بولمىغىدەك قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ئىدى. ئۇ ئاخىرى سەت مېڭىپ ئۆيىدىن چىقتى. ئۇ ھاجەتخانىنىڭ تېمىغا يۆلەپ سىيىپ بولغاندىن كېيىن، كەينىگە  ئۆرۈلۈپلا ئۆيگە قاراپ ماڭدى. ئادىلە دەرھال ئۇنىڭ كەينىدىن تاپانداپ كېلىپ، دۈمبىسىگە كۈچەپ بىر پىچاق ئۇردى.
     - ۋايجان! سەن كىم؟ ئەبلەخ!...- دەپ دۈمبىسىنى چاڭگاللىغىنىچە يەردە ئولتۇرۇپ قالدى. ئادىلە پىچاقنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ، يەنە بىرنى كۈچەپ تىقتى:
     - بۇ مەن، ئەبلەخ! سەن مېنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلدىڭ. مەن سەن ئىپلاسنىڭ دەستىدىن ئاتا-ئانامدىن، ئۆي-ماكانىمدىن ئايرىلدىم.ئەمدى جاجاڭنى يە،- ئۇ ھاسىرىغىنىچە ۋارقىراپ تىللىدى. ئۇنىڭ قىساس ئوتى يېنىپ تۇرغان ۋۇجۇدى جالاقلاپ تىترەپ، ئۈستى بېشىدىن تەر شۇرقىراپ قويۇلاتتى. پۇت-قوللىرى قورقۇنچتىن غال-غال تىترەيتى. جۈمە يۈەنجاڭ ئىڭرىغىنىچە  يەرگە يىقىلدى، ئۇ يەردە يىلاندەك تولغىناتتى. ئادىلە گۈس-گۈس قەدەملەر بىلەن  مېڭىپ،دەرۋازىدىن چىقاي دەپ تۇرىشىغا، ئالدىغا بىر قارا گەۋدە كەلدى، ۋە:
    - سەن كىم؟ قاراڭغۇدا تىمسىقىلاپ يۈرۈپ نېمە قىلىسەن؟-دەپ سورىدى. ئادىلە ئۈندىمەستىن ئالدىغا قاراپ مېڭىۋەردى. ئۇ ئادەم قول چىراغنى ياندۇرۇپ ئادىلەنىڭ يۈزىگە تۇتتى. ئادىلە ئالقىنى بىلەن يۈزىنى توسۇپ دالدا قىلدى. ئۇ ئادەم چىراغنى كۆتۈرۈپ،ئادىلەنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ  چۆچۈپ كەتتى:
    - ئادىلە!؟
ئادىلە جىددى تەلەپپۇزدا دەرھال:
    - توختاخۇن ئاكا، مېنى ماڭغىلى قويسىلا،-دەپلا ئارقىسىغىمۇ قارىماي دەرۋازىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ كېچىنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن ئىتلارنىڭ ھاۋشىشىدىنمۇ قورقماي پىيادە، تۈن قاراڭغۇ كېچىدە ناھىيە بازىرىغا  قاراپ مېڭىۋەردى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسى قوپقۇرۇق بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ئىتتىك قەدەملەر بىلەن توختىماي ماڭدى. سەھەر بولغاندا يول بويىدىكى بىر تۈپ سۆگەتكە يۆلىنىپ،قاتتىق  ھارغىنىدىن ئۇخلاپ قالدى. ئۇ يىراقتىن كېلىۋاتقان بىر كىچىك تراكتورنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، كۆزىنى ئاران ئاچتى. بۇ چاغدا تاڭ يېڭىدىن يورىغان بولۇپ، ئادىلە ھالسىزلىنىپ كەتكەن ئىدى، ئۇ ئورنىدىن تەستە تۇردى، ۋە تراكتور تەرەپكە قولىنى كۆتىرىپ ۋارقىرىدى. تراكتور توختاپ، تراكتور كوزۇپىدىن تەخمىنەن 20-25 ياشلار چامىسىدىكى بىر يىگىت چۈشتى:
     - ئاچا، سىزگە نېمە بولدى؟ ئاغرىپ قالدىڭىزما؟ ئادىلە بېشىنى لىڭشىتتىيۇ، يىگىتنىڭ ئالدىغا گۈپپىدە يىقىلدى. ئۇ ئوتتەك قىزىپ كەتكەن ئىدى. يىگىت ئۇنى كۆتىرىپ تراكتورغا باستى. ئۇلار  چۈش بولاي دېگەندە دوختۇرخانىغا يىتىپ كەلدى. ئۇ بالنىستتا يېتىپ قالدى. خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمىگەچكە، ھەممىسى بەك تىت-تىت بولدى. ساقچىلار ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنى تاپالمىدى. خىزمەتداشلىرىمۇ بۇ ئىشتىن خەۋەرسىز، تەرەپ-تەرەپكە چېپىپ ئۇنى ئىزدەپ يۈردى. ئۇ دوختۇرخانىدا بىر ھەپتە يېتىپ داۋالىنىپ، بىر كەچلىكى دوختۇرخانىدىن چىقىپ، غېرىب كۈلبىسىگە كىرىپ كېلىشىگە، نەچچە كۈندىن بۇيان ساقلاپ تۇرغان ساقچىلارمۇ كەينىدىن كىرىپلا ئۇنىڭ قولىغا كويزا سالدى، ۋە جۈمە يۈەنجاڭنىڭ ئۆلىمىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم گۇماندار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇنى ماشىنىغا چىقىرىپ ئېلىپ ماڭدى.بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئادىلەنى سوت مەيدانىغا ئېلىپ كەلدى.سوت مەيدانىدا ئادىلەنىڭ چىرايىدا قىلچە  قورقۇش، ئۆكۈنۈش ئالامەتلىرى يوق ئىدى. سوراق باشلاندى:
    - ئىسمىڭ نېمە؟
    - ئادىلە.
    - نەچچىگە كىردىڭ؟
    - 25كە.
    - نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىسەن؟
    - دوختۇرلۇق قىلىمەن.
    - جۈمە يۈەنجاڭنى سەن ئۆلتۈردىڭمۇ؟
    - شۇنداق.
    - نېمە سەۋەپتىن ئۆلتۈردۈڭ؟
    - ئېيتمايمەن! ئىشقىلىپ مەن ئۆلتۈردۈم. ماڭا خالىغانچە جازا بېرىۋېرىڭلار،- دېدى.
    - ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىشىڭ كېرەك! راستىڭنى ئېيت، تېز ئىقرار قىل!-دەپ ۋارقىرىدى سوتچى. سوت مەيدانىدىكى ھەممە ئادەملەرنىڭ دىققىتى ئادىلەگە مەركەزلەشكەن ئىدى. ئادىلە بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ:
    - مەن ئېيتاي، مەن يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان ۋاقىتتا ئۇ رەزىل، پەسكەش ماڭا باسقۇنچىلىق قىلدى. كېيىن توي قىلغان بولساممۇ، شۇ سەۋەپتىن ئېرىم مېنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى. ئاتا-ئاناممۇ ئاچچىق يۇتۇپ ئۆلۈپ كەتتى. تونۇش- بىلىشلىرىممۇ مېنىڭ ئىپپىتىمنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلىپ بولدى. مېنىڭ بۇ دۇنيادا ياشىغۇدەك ھېچ ئىمكانىيىتىم قالمىدى، شۇڭا ئۇنى ئۆلتۈردۈم.
سوت زالىدىكىلەر ھەيران بولۇپ ياقىلىرىنى تۇتۇشتى. بەزىلىرى ئادىلەگە ئىچ ئاغرىتسا، بەزىلىرى ئۇنىڭ قاتىللىقىغا نەپرەت ياغدۇرۇشتى:
    - ئەجەب قەبىھ قىزكەن.
    - توۋا، نىيىتى يامان ئادەمكىنا ئۇ جۈمە دېگەن نەرسە.
    - ئۇ ئادەم ئۆز جاجىسىنى يەپتۇ.

    سوتقا قاتناشقان كىشىلەر ھەر خىل بەس-مۇنازىرە قىلىشتى. سوت ئاياقلىشىپ، ھەممەيلەن تارقاشتى. بۇ ئىشلار چاقماق تېزلىكىدە كىشىلەر ئارىسىغا تارقىلىپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ، ئادىلەنىڭ پۈتۈن ھاياتى نابۇت بولدى. بىر قانچە كۈندىن كېيىن سوت ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇنى مۇددەتلىك 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. پۈتۈن يۇرت-مەھەللىدىكىلەر بۇ بىچارە قىزغا ئىچ ئاغرىتىشتى. بۇ قىزنىڭ ئاچچىقىنى ئىچىگە يۈتۈپ ھېچكىمگە ئېيتالمىغان كۆڭۈل يارىسى شۇنىڭ بىلەن كۆپچلىككە ئايان بولدى.
(تۈگىدى)
2011-يىل، باي ناھىيەسى

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
qimanzar007 + 10
keyimjan007 + 1 ناىاناەھەن  دكاى لسھد وېڭ ؛ھۈم

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 11   باھا خاتىرىسى

دۇنيا مېھرى-مۇھە

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5228
يازما سانى: 629
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7487
تۆھپە نۇمۇرى: 274
توردا: 9989 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 11:32:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەقەلىكى بەك ياخشىكەن. جاپا چەكتىڭىز، قەلىمىڭىز ھارمىغاي.

دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر!!!!

فۇئەد(قەلب)

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44536
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 179
تۆھپە نۇمۇرى: 49
توردا: 681 سائەت
تىزىم: 2011-6-16
ئاخىرقى: 2011-11-18
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 11:56:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خىلى ياخشى يېزىپسىز!!!

ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ ئۆزگىنى شىر چاغلا!!!

ئاناتىل

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8851
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12061
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 12643 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 12:49:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

9قەۋەتتىكى(ERCHIN) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

ياقەي راسىت ئىش ئەمەستۇ؟ تورا ئوقۇپ تولۇق ئۇقىغان تۇنجى پوۋىسىت ئەسەر مۇشۇ بوپتۇ،نەردە يېزىلغىننى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم،مېنىڭ يۇرتۇمدا يېزىلىپتۇ...ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ،لىكىن بايدا بولغان ئىش بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن   

ئاللاھ گۇناھلىرىمنى مەخپىرەت قىلىپ،ئىسلام يولىغا باشلىغايسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2474
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9081
تۆھپە نۇمۇرى: 741
توردا: 3299 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 12:58:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بايدا بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ، دەيدىغانغا باھانىڭىز بارمۇ؟

ئاناتىل

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8851
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12061
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 12643 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 01:02:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 12قەۋەت  ERCHIN كە 2011-09-09 12:58 AMئەۋەتىلدى  :
بايدا بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ، دەيدىغانغا باھانىڭىز بارمۇ؟
ئۇداق دېمەكچى ئەمەسمەن،يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن،سىز ئاپتورما؟

ئاللاھ گۇناھلىرىمنى مەخپىرەت قىلىپ،ئىسلام يولىغا باشلىغايسەن!

سەمىمىيلىك ياخش

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40519
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 27
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2011-11-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 01:05:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  يېزىپسىز  ھارمىغايسىز ،  قەلىمىڭىز   ھەقىقەتەن   كۈچلۈك  ئىكەن  ، داۋاملىق  مۇشۇنداق  ئەسەرنى   يېزىپ  ئۇقۇرمەنلىرڭىزنىڭ   ھاردۇقىنى  چىقارغايسىز ،   لىكىن  ئەسىرڭىزنىڭ   ئويدۇرما   بۇلىشىنى   بەكمۇ  ئۈمىد   قىلاتىم ،  ئەپسۇس  ئەسەر  ھەرگىز  يالغان  بولمايدۇ ، رەخمەت .

سەمىمىيلىك ياخشى خسلەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2474
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9081
تۆھپە نۇمۇرى: 741
توردا: 3299 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 01:07:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ياغۇچى ئەمەس، ئانچە- مۇنچە قوشاق توقۇپ قويىمەن خالاس.
بۇنداق ئەسەرلەرنى يېزىش قولۇمدىن كەلمەيدۇ. ئاپتورغا ۋاكالىتەن يوللاپ قويدۇم.

ئاناتىل

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8851
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12061
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 12643 سائەت
تىزىم: 2010-9-1
ئاخىرقى: 2012-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 01:25:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

15قەۋەتتىكى(ERCHIN) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇ

مۇنداق دەڭ ئۇنداقتا ئاپتورغا رەخمەت..ئەلۋەتتە سىزنىڭ بۇيەرگە يوللىغىنىڭىزغىمۇ رەخمەت....

ئاللاھ گۇناھلىرىمنى مەخپىرەت قىلىپ،ئىسلام يولىغا باشلىغايسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9251
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5422
تۆھپە نۇمۇرى: 336
توردا: 184 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2011-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 02:24:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇنى ئۆلتۈرۈىۋىتىپ ياخشى قىپتۇ! ئۆلگەندىن كىين چاناپ، پارچە پارچە قىلىپ ئىتقا تاشلاپ بەرسىچۇ نائەھلىنى! تارتۇشقۇدەك ھىچنىمىسىمۇ قالماپتۇ!!!
راست بولغان ئىشتەكلام قىلىدۇ. قىلچە يالغان ئارلاشماي، يېزىلغان ئەسەردەك ھىس قىلدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15307
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5391
تۆھپە نۇمۇرى: 251
توردا: 3928 سائەت
تىزىم: 2010-10-26
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 04:07:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر ياخشى يېزىلىپتۇ، ئەمما ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى، ئۆزەممۇ بىلمەي يىغلاپ كېتىپتىمەن. ئادىلەنىڭ تراگىدىيە بىلەن ئاياقلاشقان ھاياتى كىشىگە بىر خىل ئۈمۈدسىزلىك ئېلىپ كېلىدىكەن. باشتىلا ھەممە ئىشنى ئاپىسىغا ئوچۇق ئېيتقان بولسا، بەلكىم بۇنداق پاجىئەگە قالماس ئىدى.

ئېتىقاد خۇدانىڭ ۋەدىسىگە باغلانغان ئۈمىدنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچ، كۆرۈنمەيدىغان مەۋجۇتلۇققا بولغان قايىللىقتۇر.

ئەدەپ-ئەخلاق،شە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28037
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4911
تۆھپە نۇمۇرى: 403
توردا: 2127 سائەت
تىزىم: 2011-1-27
ئاخىرقى: 2012-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 09:42:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىز بالا نىمىدىگەن ئاجىز ھە!!!!!!!!

ئالمىنى سۇندى نىگارىم<<ئال>>دېدى، ئالما بىرىپ بۇ كۆڭۈلنى ئالدىدى. سورىسام شۇ چاغ ئالمىسىنىڭ رەڭگىنى، نە سورايسەن ئالما رەڭگى<ھال>دېدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54991
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 117
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2011-9-6
ئاخىرقى: 2011-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 10:56:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسز     .....................  تېخمۇ تىرىشڭ~~~~~~~~~!!!!!!!!!!!!

ئا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2474
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9081
تۆھپە نۇمۇرى: 741
توردا: 3299 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 11:00:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتور كىتابخانلارنىڭ كۆپرەك پىكىر بىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2474
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9081
تۆھپە نۇمۇرى: 741
توردا: 3299 سائەت
تىزىم: 2010-6-11
ئاخىرقى: 2012-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 11:21:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاچچىق تەنقىد ئارقىلىق، ئاپتورغا ئىلھام بىرەيلى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش