مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7587|ئىنكاس: 32

تەزىيە مۇراسىمىنى مۇنداق ئۆتكۈزسىمۇ بولىد [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19853
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9766
تۆھپە نۇمۇرى: 722
توردا: 3235 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2012-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 05:48:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     تەزىيە مۇراسىمىنى مۇنداق ئۆتكۈزسىمۇ بولىدىكەن ...

    «11-  سېنتەبىر» ۋەقەسىگە ھەش-پەش دېگۈچە تۆت يىل بوپتۇ ، خاتىرىلەش مۇراسىمىمۇ تۆت قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپتۇ . ھەر قېتىم ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق بۇ مۇراسىمنى كۆرگەن چېغىمدا بىر قېتىم روھىي جەھەتتىن پاكلانغاندەك ھېسقا كېپقالىمەن .
    ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغىنى ، ئۇدا تۆت يىللىق خاتىرىلەش مۇراسىمىدا مۇنداق بىر خىل مۇقىم كۈنتەرتىپ- قازا تاپقانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئۈنلۈك ئوقۇش داۋاملىشىپ كەلدى .
    ئۈچ مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ ئىسىملىكىنى قانداق ئوقۇسا ياخشى بولىدۇ؟ بىلىشىڭىز كېرەككى ، خاتىرىلەش مۇراسىمىنىڭ ۋاقتى مۇقىم بېكىتىلگەن ، شۇنداقلا چەكلىك . خاتىرىلەش مۇراسىمى دۇنيا سودا سارىيىنىڭ 1- بىناسىغا سوقۇلغان بىرىنچى ئايرۇپىلاننىڭ سوقۇلغان ۋاقتى سائەت 8 دىن 46 مىنۇتتىن 1- بىنانىڭ ئۆرۈلگەن ۋاقتى سائەت 10 دىن 29 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر جەمئى بىر سائەت قىرىق ئۈچ مىنۇت قىلىپ بېكىتىلگەن .
مانا مۇشۇ قىسقىغىنە بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ، ئامېرىكىلىقلار دۇنيانى زىل- زىلىگە سېلىۋەتكەن بالايى-ئاپەتنى خاتىرىلەش كۈنتەرتىبىنى قانداق ئورۇنلاشتۇرغان ۋە تەقسىم قىلغان؟ 2002-يىلقى «11- سېنتەبىر» نىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغان : بىرىنچى ، مەملىكەت بويىچە بىر مىنۇت ماتەم تۇتۇش ؛ ئىككىنچى ، نيويۇرك شىتاتىنىڭ باشلىقى ۋە بىر نەپەر قازا قىلغۇچىنىڭ قىزى قىسقىچە سۆز قىلىش ؛ ئۈچىنچى ، قالغان ۋاقىتنىڭ ئىچىدە نيويۇرك شەھەر باشلىقى بىلەن ئامېرىكىنىڭ سابىق بىرىنچى خانىمى ھىلارى قاتارلىقلار 2801 نەپەر قازا قىلغۇچىنىڭ ئىسمىنى بىرمۇ- بىر ئۈنلۈك ئوقۇپ چىقىش .
    مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈشتىن ئاۋال ئالدىنئالا بۇ كۈنتەرتىپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ ، بىراق نۇرغۇن كىشىلىرىمىزنىڭ بۇنىڭغا ئەقلى يەتمەي قالغان . بىزنىڭ چۈشەنچىمىز بويىچە بولغاندا ، بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشتا نۇرغۇن ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىشلار بار : 1- مۇنچىۋالا ئۇزۇن ئىسىملىكنىڭ ئىگەللەيدىغان ۋاقتى بەك ئۇزۇن ،    2- نەچچە مىڭ ئادەم قاتنىشىدىغان پائالىيەتتە ۋاقىتنىڭ كۆپ قىسمى قازا قىلغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئوقۇشقا ئىشلىتىلسە ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىزىملىكتىكى كىشلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى باشقىلار تونۇمىسا ، خەق ئاڭلامدۇ-يوق ؟ 3- نىمىشكە بىر نەچچە ۋەكىللىك خاراكتېرغا ئىگە ئادەملەرنىڭ ئىسمىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئاخىرىدا « ... قاتارلىق ئىككى مىڭ سەككىز يۈز بىر نەپەر ئادەم » دېمەيدۇ ؟ 4- شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نىمە ئۈچۈن رەھبەرلەرنىڭ « موھىم سۆزى » ئورۇنلاشتۇرۇلمايدۇ ؟ مۇشۇنداق ئادەتتىكى بىر ئاددى تىزىملىكنىلا ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ ؟   5- بىر بالايى - ئاپەتنى خاتىرىلەيدىغان يىغىندىمۇ نىمە دەپ  ئۆلگەنلەر ئارقىلىق ، ئاساسىي ئېقىمنى تەكىتلىمەيدۇ ؟ بۇنداق يىغىننى «قەھرىمانلارنى تەقدىرلەش يىغىنى» قىلىپ تەبرىكلەش تامامەن مۇمكىن ئىدىغۇ ! بۇ قېتىمقى ئاپەتتە تېخى نۇرغۇن پاژارنى خادىملىرى قەھرىمانلىق كۆرسىتىپ ھاياتىنى تەقدىم قىلغان ئەمەسمىدى ؟
        ئامېرىكىلىقلار بۇنداق ئىشلارغا ئانچە ئېرەن قىلمايدىغان ئوخشايدۇ ، ئۇلار جاھىللىق بىلەن مۇشۇنداق «قاتمال» كۈنتەرتىپنى كېيىنكى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن «11- سېنتەبىر»نى خاتىرىلەش مۇراسىملىرىدىمۇ داۋاملىق ساقلاپ قالغان . بىردىنبىر ئۆزگەرتىلگىنى ، قازا قىلغانلارنىڭ ئىسمىنى ئوقۇش بولۇپ ، 2003- يىلى بىر توپ بالىلار ، 2004- يىلى قازا قىلغانلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى ۋە بۇۋا- مومىلىرى ، 2005- يىلى قازا قىلغانلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئوقۇغان .
       ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە ، ئادەمنىڭ ھاياتى ئەبەدىل-ئەبەت بىرىنچى ئورۇندا قويۇلىدۇ، ئادەمنىڭ ھاياتى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ . پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان ، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇلاپ كۆرسىتىۋاتقان مۇشۇنداق بىر خاتىرىلەش مۇراسىمىدا ، چەتئەللىكلەرگە ، ھەتتا نيويۇركلىقلار ئۆزلىرى ئاڭلىسىمۇ ئىنتايىن ناتونۇش ئىسىملارنى ئۈنلۈك ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى نەدە؟ مېنىڭچە ، ھېچ  بولمىغاندا قارا يەرنىڭ تېگىدە ياتقانلار ( ئامېرىكىلىقلار ئۇلارنى ئېھتىمال جەننەتتە دېيىشى مۇمكىن ) ۋە ھاياتىنى ئۇلارنى دەپ تەقدىم قىلغانلار ئۈچۈن كىچىككىنە بولسىمۇ تەسەللى بولسا كېرەك .
        دېمىسىمۇ ئۇنىڭ نەتىجىسى مەن ئويلىغاندەك چىقىپ قالدى . بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ئىسىملىكنى ئوقۇش جەريانىدا مەن نەق مەيداندىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆز يېشى قىلىۋاتقىنىنى ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھېلىقى ئۇزۇندىن-ئۇزۇن ، ئۆزلىرىگە ناتونۇش ئىسىملىك سەۋەبىدىن مەيداندىن چىقىپ كەتمىگەنلىكىنى كۆردۈم . گەرچە مۇراسىم داغدۇغۇلۇق بولمىسىمۇ ، لېكىن كىشىلەرنىڭ چىرايى ئىنتايىن جىددى ۋە قەتئى ئىدى ، كەيپىيات تۆۋەن بولسىمۇ ، لېكىن كىشىنى ئىنتايىن ھاياجانغا سالاتتى . ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ «ئاساسىي ئېقىمى» بىر خىل پۇقراۋىي ۋاستە ئارقىلىقلا ئەڭ ئوبدان ئىپادىگە ئېرىشكەن ئىدى . نيويۇرك شىتاتىنىڭ باشلىقى پاتىسكى ئەپەندى يادا ئوقۇغان سابىق رەئىس جۇمھۇر لىنكولىننىڭ گىدىسبوندا سۆزلىگەن سۆزى كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالاتتى : «بىز مۇشۇ شەرەپ بىلەن قازا قىلغانلاردىن  يەنىمۇ نۇرغۇن ئۆزىنى تەقدىم قىلىش روھىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ، ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئىشلىرىنى قەتئىي ئورۇندايمىز» . كۆرىنىپ تۇرۇپتىكى ، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ۋە ئەمەلدارلار مەيلى ئۇ ئادەتتىكى بىر پۇقرا بولسۇن ۋە ياكى ئەمەلدار ، پۇلدار بولسۇن ، قازاغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى ئەستە ساقلاش ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە ھاياتلىقنى خاتىرىلەشنىڭ ئەڭ ياخشى شەكلى . ئامېرىكا رەئىس جۇمھۇرى بۇش بىرىنچى نۆۋەتلىك «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشتىن ئاۋال شۇنداق دېگەن ئىكەن : «ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى گەرچە بىر زور پاجىئە بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلار جېنىنى بىكارغا سېلىپ بەرمىدى . بۈگۈن پۈتۈن دۆلەت  " 11- سېنتەبىر " دە قازا تاپقانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز . بىز ھەر بىر ئىسىمنى ، ھەر بىر ھاياتلىقنى خاتىرىلەيمىز .» شۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىشقا بولىدىكى ، مانا بۇ ئىسىملار مانا مۇشۇنداق ئالاھىدە خاتىرىلەش شەكلى بولغانلىقى ئۈچۈن ، ئۆلگەنلەر سىتاتىستىكا جەدۋىلى ۋە ئاخبارات خەۋەرلىرىدىكى ئاددى سانلىق رەقەم بولماستىن ، بەلكى تىرىك ھاياتلىقتىن دېرەك بېرىدۇ . بۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ تۇنجى قېتىم قىلغان ئىشى ئەمەس ، 1982- يىلىلا ئۇلار ۋېيتنام ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ ھەربىدىن قايتقانلار ئۈچۈن خاتىرە مۇنارى تىكلىگەن ئىدى ، خاتىرە مۇنارىسىنىڭ قارا رەڭلىك گىرانت تېشىغا ئەللىك سەككىز مىڭ ئىككى يۈز توقسەن ئالتە نەپەر ئۇرۇشتا قۇربان بولغۇچىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان ئىدى . گەرچە بۇناتونۇش ئىسىملارنىڭ كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن قىلچىمۇ رىئال ئەھمىيىتى بولمىسىمۇ .


                                                                    
مەنبەئە :  مېڭ بوشىن قەلىمىدىكى بۇ مۇلاھىزە 2005- يىل 11- ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى « ۋاڭيى مەھەللىسى » دىن « فېليەتونلاردىن تاللانما » ژۇرنىلىنىڭ 2006- يىل 2- سانى ( ئالدىنقى يېرىم ئايلىق ) غا كۆچۈرۈپ بېسىلغان .
مىسرانىم تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىن ئەركتېكىن تەرجىمىسى

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىياخشى باھا يىغىش سەۋەبى
hazniqi + 20 ئەلكۈيى تورىغا لايىق ئېسل تېما ئىكەن

ھەممە باھا نومۇرى : ياخشى باھا + 20   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9251
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8422
تۆھپە نۇمۇرى: 426
توردا: 184 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2011-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 08:30:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۈرۈڭلار ئامالسىز تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يېزىۋاتىمەن. ھۆرمەتسىزلىك قىلغىنىمدىن سەمىمىي كەچۈرۈم سورايمەن.

باشقۇرغۇچىلار مەن مۇنبەرگە بىر ياردەم تىمىسى يوللىغان ئىدىم، خاپا بولماي بىر تەستىقلىۋىتىڭلارچۇ....خېلى بولغان يوللىغىلى. مەن خاتىرجەم بۇلاي. بۇ ئىش ناھايتى جىددى ئىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16159
يازما سانى: 837
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6797
تۆھپە نۇمۇرى: 715
توردا: 7293 سائەت
تىزىم: 2010-11-3
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 08:34:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جامائەتتىن تۆتنى چاقىرىپ ،خەتمە قۇرئان قىلماي ئۆتكۈزسىمۇ بولىدىكەن .

                                                               قىزلار كىرمەڭلار   

ئالدىراشلىق .....

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47298
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3083
تۆھپە نۇمۇرى: 248
توردا: 4151 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 08:34:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارىسدا گۆھەرنىسا سېيتىنڭمۇ ئىسمى ئاتىلىدىكەن ئۇنداق بولسا...
ئامىرىكا بىلەن دۆلىتىمىزنى يوشۇرۇن سېلىشتۇرما قىلغان چىراي ئاپتور.ئامىرىكىدا قايسى بىر يىلى كورىيەلىك ئوقۇغۇچى مەكتەپتە ئوق چىقىرىپ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئاخىرىدا ئۆزىنى ئېتىۋالغانلىقى ھەممىزگە مەلۇم ،كېيىن مەلۇم گېزىتتە بۇ ئوقۇغۇچىنى جوڭگولۇق دەپ خاتا خەۋەر بەرگەندەئامىرىكىدىكى جوڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار شۇ گېزىت ئۈستىدىن نامايىش قىلغان (نامايشىنىڭ پەردە ئارقىسدىكى پىلانلىغۇچىسى كىم ئېنىق ئەمەس،) نامايشچىلار  ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ  جوڭگولۇق بولۇپ چىقىش -چىقماسلىقىنى ئامىرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى  جوڭگۇلۇقلارغا بولغان قارىشىدا نامايىتى مۇھىم دەپ قارىغان بولىشى مۇمكىن ،دېمەك ئۇلار ئامىرىكا جەمئىيتى ۋە ئامىرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى ،ھۆكۈم چىقىرىش ئۇسۇلى بويىچە پەرەز قىلغان ،يەنى شەخسنىڭ خاتالىقىنى ، كەمچىلىكىنى مەلۇم توپ مىللەتكە ۋەكىللىك قىلالايدۇ دېگەندەك  ....لېكىن ئاخىرىدا كومىدىيىلىك بولغىنىنى ئامىرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ئوقۇغۇچىنى قاتىل ياكى ....دېمەستىن بەلكى ئۇ كورىيەلىك ئوقۇغۇچىنىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى قاتارىدا ئىسىمنى بىللە ئاتاپ تەزىيە بىلدۈردى، ئۇنى ئامىرىكىدىكى قىسمەن ئىرقچىلىقنىڭ قۇربانى دەپ كورىيە ھۆكۈمىتىدىن ئەپۇمۇ سورىدى ،جوڭگولۇقلار بولسا يەنە بىر قېتىم ئۆزلىرىنىڭ يۈزىنى ئۆزلىرى تۆكۈۋالدى...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45463
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4143
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 1012 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2013-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 08:56:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانچە خاتىرلىسىمۇ ئەرزىيدۇ.چۇىكى ئامرىكا شۇنى باھانە قىلىپ،دۇنيانىڭ ھەممىلا يىرىدە ئۆكتەملىك قىلىپ يۈرمەمدۇ.

ئالدىراشلىق .....

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47298
يازما سانى: 877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3083
تۆھپە نۇمۇرى: 248
توردا: 4151 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 09:14:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما شۇنداق ئەھمىيەتلىك تېما ئىكەن ، تېما ئارىسدىكى چوڭقۇر مەزمۇننى چۈشىنىدىغان ،كاللىمىزغا سىڭدۈرۋىتىلگەن،تازىلاش ئامالىسز ئىدىيەلەرنى ۋاقىتىلىق بولىسمۇ چەتكە قايرىپ پەقەت  تېما ئۈستىدە بىتەرەپلىمە ھالدا پىكىر يۈرگۈزسەك ....

ھەمىمىز ئۇلۇغ ال

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 43241
يازما سانى: 2388
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18228
تۆھپە نۇمۇرى: 1533
توردا: 5945 سائەت
تىزىم: 2011-6-5
ئاخىرقى: 2013-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 09:30:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىزكەن ،ئاستا چىكىتىۋالاي .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 939
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7243
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2408 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-8 11:32:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما بەزىلەرگە مەنىسىز، ئەھمىيەتسىز تۇيۇلۇشى مۇمكىن. ئەمما، تەپەككۇر قىلغىنىڭىزدا، بۇ مۇلاھىزە سىزنى چۇڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
ھەرقانداق تېمىنى ئوقۇغاندا(ھەتتا يۇمۇرنىمۇ) چوقۇم چۇڭقۇر پىكىر قىلىپ، مۇلاھىزە قىلىپ ئوقۇش كېرەك، بولمىسا، «ھە، ماۋۇ تاۋۇز ئىكەن، ماۋۇ قوغۇن ئىكەن شۇ» دەپلا باھا بېرىپ سالىمىز.

تەرجىماننىڭ مۇشۇنداق سەرخىل مۇلاھىزىنى بىزگە تەقدىم ئەتكەنلىكىگە رەھمەت.

(ئەسكەرتىش، تېمىسى ئېلان قىلىنمىغانلار، سەۋەبىنى بىۋاستە باشقۇرغۇچىلاردىن سورىساق، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاسنى يازمايلى، تېمام چىقمىدى، كۆرەنمىدى... دەپ ئىنكاس يازساڭلار، تېمىغا نىسبەتەن زەي تامغا ئىشەك تەپكەندەك ئىش بولىدىكەن)

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 3169
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 31862
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2704 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 07:24:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزىلەرنىڭ قارىشىچە ئامىرىكىنىڭ ئۇرۇش قوزغىشى شۇ دۆلەتكە ‹‹ئەركىنلىك›› ئېلىپ كىلىش ئۈچۈنمىش......

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

تارازا بارمۇ ؟

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36554
يازما سانى: 1950
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14858
تۆھپە نۇمۇرى: 787
توردا: 4695 سائەت
تىزىم: 2011-4-5
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-9 07:50:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامىرىكا ھەقىقەتەن نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئەركىنلىك ئېلىپ كەلدى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش