ئەسكەرتىش: بۇ يازما ئەسلى مەن 2008- يىلى باشقا مۇنبەرگە يوللىغان يازما بولۇپ، گەرچە كونا يازما بولسىمۇ پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قاراپ مىسرانىمغا يۆتكەپ ئەكەلدىم.
ھازىر ھەممە ئائىلىدە DVD ئاپپاراتى بار، ئۇنى ھەممىمىز ئىشلتىشنى بىلىمىز، گەرچە DVD ھازىر ئىستىمالدىن قېلىش ئالدىدا ( ئۇنىڭ ئورنىنى كۆكنۇر يەنى Blu-ray ئالىدۇ) تۇرسىمۇ، بىز ھازىرغىچە VCDدىن ھالقىپ ئۆتەلىگىنىمىز يوق، گەرچە ئۈن - سىن ئورۇنلىرى بىر قانچە DVD پىلاستىنكىسى ئىشلەپ باققان بولسىمۇ، مېنىڭچە ئۆلچەملىك ئەمەس،(ھەتتا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە سېستىمىلىق DVDئاپپاراتلىرىمۇ بار،لېكىن ئۇنىڭدىن قانچىلىك پايدىلاندۇق؟ ) DVD قانداق بارلىققا كەلگەن؟ ئۇنىڭ ئۆلچىمى قانداق؟ ھەتتا DVD دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمە؟....دىگەندەك سۇئاللارغا جاۋاپ بېرەلەيدىغانلارمۇ كۆپ ئەمەس. شۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يازدىم، بىلىشنى خالىسىڭىز نەزىرىڭىز تېمامدا بولسۇن.
1. DVD نىڭ بارلىققا كېلىشى
DVD نىڭ تولۇق ئاتىلىشى دەسلەپتە Digital Video Disc (سىفىرلىق سۈرەت دىسكىسى دىگەن ئىنگلىزچە سۆزلەرنىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى) دەپ ئاتالغان بولۇپ، ھازىر Digital Versatile Disc (سىفىرلىق ھەممىباب دىسكا دىگەن ئىنگلىزچە سۆزلەرنىڭ قىسقارتىپ يېزىلىشى) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ بولسا CD,LD,VCD لارنىڭ كېيىنكى ئەۋلات مەھسۇلاتى.
90-يىللارنىڭ بېشىدا ئامېرىكا كېنو ئىشلەش ساھەسى مەسلىھەتچىلەر كومىتىتىنىڭ ئەزالىرى ئامېرىكىدىكى 7 چوڭ كېنو شىركىتىگە ۋاكالىتەن بىر ئارزۇنامە (愿望书 نى نىمە دەپ ئېلىشنى بىلمىدىم) يازغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر بولسا بىردانە CD پىلاستىنكىسىغا ئۆلچەملىك ئۇزۇنلۇقتىكى (135 مېنۇت) سۈرەت پروگراممىسىنى ساقلاش، ھەمدە سۈرەت ۋە ئاۋاز سۈپىتىنىڭ LD دىن يۇقىرى بولۇشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. شۇنىڭ تۈرتكىسىدە ھەرقايسى قاتتىق دېتال كارخانىلىرى بۇ يېڭى تېخنىكىنى تەتقىق قىلىشنى باشلىدى.
1994-يىلى ئەتىيازدا ئامېرىكىدىكى 20-ئەسىر فوكس شىركىتى، كولۇمبىيە، MGM قاتارلىق 7 چوڭ كېنو شىركىتى قانداق قىلغاندا سىفىرلىق يۇقىرى سۈرەت ئۆلچىمىدىكى تېلىۋېزورنى ئائىلىلەردە ئومۇملاشتۇرۇش، سىفىرلىق يۇقىرى سۈرەت ئۆلچىمىدىكى فىلىملەرنى «ئائىلىلەشتۈرۈش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان تەشكىلات- «HDVA Group» نى قۇرۇپ چىقتى.
1994- يىلى 12-ئايدا Philips ۋە Sony بىرلىكتە Toshiba ۋە Time Warner بىلەن DVD ئۆلچىمىنى تالىشىش رىقابەت جېڭىنى باشلىغان( ئۇ چاغدا يۇقىرىدىكى شىركەتلەر ھەممىسى ئۆز ئالدىغا ئۆلچەم بېكىتىۋالغان بولۇپ، ئۆز ئۆلچىمىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلاتتى). 1995-يىلى 9- ئايغا كەلگەندە ئامېرىكىدىكى چوڭ كېنو ۋە كومپىيۇتېر سودىگەرلىرىنىڭ كېلىشتۈرىشى بىلەن ئاخىرى بىرلىككە كەلگەن DVD ئۆلچىمى بارلىققا كەلدى. (قىستۇرما: بۇ ۋاقىت 1995-يىلى 9-ئاينىڭ 15- كۈنى بولۇپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىككى گورۇھ كېلىشىپ، ئۆلچەملىك DVDئۆلچىمى بارلىققا كەلگەن. بۇنىڭدا Sony ئىنتايىن مۇھىم ۋە چوڭ «يول قويغان»، يەنى Sony ئۆزى تەتقىق قىلىپ چىققان دىسكا قۇرۇلمىسىدىن ۋاز كېچىپ، Toshiba تەتقىق قىلىپ چىققان دىسكا قۇرۇلمىسىنى ئىشلىتىشكە قوشۇلغان. Toshiba مۇ سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىنى تەڭشەش، بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تېخنىكىلاردا Sony غا يول قويغان.)
2. فىزىكىلىق قۇرۇلمىسى
ھازىر كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان (تاق يۈز، تاق قەۋەتلىك) DVD پىلاستىنكىسىنىڭ سىغىمى VCD پىلاستىنكىسىنىڭ 7 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. گەرچە بۇ ئىككى پىلاستىنكىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى، ئوقۇش-يېزىش تېخنىكىسى ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن DVD نىڭ ئوپتىكىلىق ئوقۇش بېشى ھاسىل قىلغان نۇر (لازىر نۇرى) نوقتىسى كىچىك بولغانلىقتىن (ئەسلىدىكى 0.85μm لىق نۇر نوقتىسىنى 0.55μm غا كىچىكلەتكەن)، DVD نىڭ ماتېرىيال ساقلاش زىچلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. تۆۋەندىكىسى DVD دىسكا ئۆلچىمى:
دىسكا رادىئۇسى: 120mm
دىسكا قېلىنلىقى: 0.6mm (بىر يۈزى)
لازىر نۇر دولقۇن ئۇزۇنلۇقى: 635-650 nm
ئوپتىك يول ئارىلىقى: 0.74 μm
دىسكا يۈزىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى: 86.6 كۋادرات سانتېمېتىر
سېكتور سىغىمچانلىقى: 2060-2048 بايت
3. DVD نىڭ تۈرگە ئايرىلىشى:
DVD بولسا- DVD_Video, DVD DOM, DVD-R, DVD RAM, DVD-RW دەپ بەش تۈرگە بۆلىنىدۇ.
DVD-Video: بۇنى دىمىسەممۇ بولار، شۇ كېنو كۆرۈش ۋە كۆرۈنمە كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىگە ئىشلىتىلىدۇ، ئەگەر قوش قەۋەت، قوش يۈز تېخنىكىسى بويىچە بولسا سېىغىمى 17GB غا يېتىدۇ.
DVD-ROM: بۇ DVD_Video بىلەن ئوخشاش، بىراق ئۇ كومپىيۇتېر ھۆججەت شەكلىنى ئىشلىتىدىغان بولۇپ، ئادەتتە سانلىق مەلۇماتلارنى ساقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
DVD_R: سىغىمى 4.7GB بولۇپ، بىز ئادەتتە ئىشلىتىدىغان DVD پىلاستىنكىسى شۇ، ئۇنىڭغا پەقەت بىر قېتىملا ھۆججەت يازغىلى بولىدۇ.
DVD-RAM: بۇنى كومپىيۇتېرنىڭ مەۋھۇم قاتتىق دىسكىسى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، قايتىلاپ يېزىش سانى 100مىڭ قېتىمغا يىتىدۇ. بىر يۈزىنىڭ سغىمى 4.7GB
DVD_RW: بۇ يۇقىرىدىكى DVD_RAM غا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بىراق ئۇنىڭغا تەرتىپ بويىچە ئوقۇش-يېزىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان، بىر يۈزىنىڭ سىغىمى 4.7GB، قايتىلاپ يېزىش سانى 1000 قېتىمغا يېتىدۇ.
4. DVD دىسكىسىنىڭ ئۆلچىمى
DVD-Video/DVD-ROM: بىر قەۋەت، بىر يۈز، سىغىمى 4.7GB ( بۇ DVD5 دەپ ئاتىلىدۇ)
DVD-Video/DVD-ROM:ئىككى قەۋەت، بىر يۈز،سىغىمى 8.5GB(بۇ DVD9 دەپ ئاتىلىدۇ)
DVD-Video/DVD-ROM: بىر قەۋەت، ئىككى يۈز، سىغىمى 9.4GB( بۇ DVD10 دەپ ئاتىلىدۇ)
DVD-Video/DVD-ROM: ئىككى قەۋەت، ئىككى يۈز، سىغىمى 17GB ( بۇ DVD18 دەپ ئاتىلىدۇ)
باشقىلارمۇ يۇقىرىدىكىگە ئاساسەن ئوخشايدۇ، بۇيەردە يېزىپ ئولتۇرمىدىم.
5. DVD نىڭ رايون كودى
DVD بىرلەشمىسى پۈتۈن دۇنيانى جۇغراپىيىلىك رايونى بويىچە ئالتە رايونغا بۆلگەن(مەقسەت: ئوغرىلىقچە نەشىرنىڭ ئالدىنى ئېلىش) بولۇپ، بىر رايوندىكى DVD پىلاستىنكىسىنى باشقا رايوندىكى DVD ئاپپاراتى قويالمايدۇ. (لېكىن دۆلىتىمىزدە ئىشلەپ چىقىرىلغان مۇتلەق كۆپ قىسىم DVD ئاپپاراتى ھەرقانداق رايوننىڭ دىسكىسىنى قويالايدۇ، بۇ كەسپىي ئەخلاققا زىت ئەمەسمىدۇ؟) بۇ ئالتە رايون تۆۋەندىكىچە:
1- رايون: ئامېرىكا، كانادا، شەرقىي تىنچ ئوكيان تاقىم ئاراللىرى رايونى
2-رايون: ياپونىيە، ياۋرۇپا، غەربىي ئاسىيا، ئەرەپ يېرىم ئارىلى، مىسىر، جەنۇبىي ئافرىقا
3-رايون: تەيۋەن، كورىيە، شەرقىي ئاسىيا رايونى
4-رايون: ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى، ئاۋسترالىيە، يېڭى زىللاندىيە، جەنۇبىي تنىچ ئوكيان تاقىم ئاراللىرى رايونى
5-رايون: ئافرىقا، ھىندىستان يېرىم ئارىلى، ئوتتۇرا ئاسىيا، موڭغۇلىيە، سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى رايونلىرى
6- رايون: جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى
قوشۇمچە: VCD ۋە DVD نىڭ پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى: VCD نىڭ ئۆلچەملىك سۈرەت پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى: 352×240 (NTSC شەكلى) ياكى 352×288 (PAL شەكلى) بولۇپ،سانلىق مەلۇمات بىرتەرەپ قىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا پەقەت 1.15MB.
DVD نىڭ ئۆلچەملىك سۈرەت پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى 720×480 (NTSC شەكلى) ياكى 720×576 (PALشەكلى) بولۇپ، سانلىق مەلۇمات بىرتەرەپ قىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 10MB غا يېتىدۇ، بۇنىڭدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى DVD نىڭ سۈزۈكلىكى VCD دىن يۇقىرى.
(كېيىنكى يازمام: Blu-ray توغرىسىدا)
مەنبە: تور+ئۆزۈمنىڭ بىلىمىم
(ئەسكەرتىش: مېنىڭ يازمىلىرىمنى باشقا مۇنبەرلەردە ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز چوقۇم مىسرانىم مۇنبىرىنى، ئاپتورىنى ئېنىق ئەسكەرتىشىڭىز،ۋە ئەسلىي مەنبە ئادرىسىنى ئۇلانما قىلىشىڭىز شەرت. باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىڭ)