1. قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش
«جۇڭگو-ئەرەب ھەمكارلىق جەمئىيىتى» دۆلەت ئىچى ۋە ئەرەب ئەللىرىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زاتلار، جەمئىيەتشۇناسلار، زىيالىيلارنىڭ ئۇيۇشۇشى بىلەن تەشكىللەنگەن بۇلۇپ، ھازىرقى جەمئىيەت رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى قوشۇمچە ئاخبارات باياناتچىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى ئەسلى مىنىستىر ياردەمچىسى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئەسلى مۇئاۋىن مۇدىرى، جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى 周觉 ئۇستىگە ئالغان.«جۇڭگو-ئەرەب ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەربىيلەش مەركىزى» مەزكۇر جەمئىيەت تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان كەسپىي تىل تەربىيلەش مەركىزى بولۇپ، نۆۋەتتىكى مەملىكىتىمىز ۋە ئەرەب ئەللىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئەرەب ئەللىرى بىلەن بار بولغان مول ئەلئارا دىپلوماتىيە مەنبەسىنى تەرتىپكە سېلىپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، تىل تەربىيلەش بىلەن كەسپى ئوقۇتۇش بىرلەشتۈرۈلگەن ئوقۇتۇش لاھىيىسى ئاستىدا، ھازىرغا قەدەر 20 نەچچە قارار قىسقا مۇددەتلىك كۇرۇس ئورۇنلاشتۇرۇلدى.2011-يىللىق خىزمەت پىلانى يىغىنىدا « جەمئىيەت» رەھبەرلىكى، «تەربىيلەش مەركىزى» مۇتەخەسىسلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى بىلەن، نۆۋەتتىكى ئەرەب تىلى ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجنى قاندۇرۇش مەقسىتىدە، تۇنجى قارار ئۇزۇن مۇددەتلىك تىل تەربىيلەش سىنىپى تەسىس قىلىش قارار قىلىندى.
2. كەسىپ تەپسىلاتى
1) كەسىپ نامى: خەلقئارالىق ئىقتىساد ۋە سودا كەسپى(ئەرەپ تىلى يۆنىلىش)
2) قۇبۇل قىلىش دائىرىسى: ئەرەب تىلى ۋە ئىقتىساد كەسپىگە قىززىقىشى بار، يېشى 16 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان، ھاراق-تاماكا خۇمارى يوق ، يۇقۇملۇق كىسىلى يوق، جىنايەت ئوتكۈزۈش تارىخى يوق، ئىرادە ۋە ئىشەنچىسى بار بولغان بارلىق خەلق ئاممىسى.
3) ئۆتىلىدىغان دەرسلەر: يېڭى ئەرەب تىلى، ئەرەب تىلى ئاڭلاش، سۆزلەش، يىزىش، خەلىقئارالىق سودا، سودا ئىشلىرى مۇراسىم تەربىيىسى، كومپىيوتېر ئەمەلىي قوللىنىش تېخنىكىسى.
4) ئوقۇش مۇددىتى: بىر يىل
5) ئوقۇش پۇلى: 7800 يوەن، ياتاق پۇلى: 1600 يوەن، كىتاپ پۇلى 150 يوەن.
6) قۇبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى: 100 نەپەر
3. قوشۇمچە مۇلازىمەتلەر
1) لايەقەتلىك ئوقۇش تاماملىغان ئوقۇغۇچىلارغا «جۇڭگو-ئەرەب ھەمكارلىق جەمئىيىتى»نىڭ «ئوقۇش تاماملاش گۇۋاھنامىسى» بېرىلىدۇ.
2) ئۆز بىلىمىنى مۇكەممەللەش ئىستىكىدە بولغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، ئەرەب ئەللىرىگە ئوقۇشقا چىقىش، دۆلەت ئىچى، سىرتىدا خىزمەت تۇنۇشتۇرۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ.
3) «جۇڭگو-ئەرەب ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نەتىجىسى ئەلا بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ئەرەب كونسۇلخانىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان «دۆلەت بايرىمى زىياپىتى»، «دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنۇتۇش خاتىرە مۇراسىمى» قاتارلىق ھەرخىل چوڭ كۆلەملىك يىغىلىشلارغا تەرجىمانلىق قاتارلىق پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.
4) «جۇڭگو-ئەرەب ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نەتىجىسى ئەلا بولغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئەرەب ئەللىرى بىلەن بولغان ھەرخىل سودا يىغىنلىرىدا پىدائىي ياكى تەرجىمانلىق قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
4. تىزىملىتىش
1) قۇبۇل قىلىش شەرتى: تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا، ئوتتۇرا تېخنىكۇم، ياكى شۇنىڭغا باراۋەر ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان، 16 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان، ساغلام، يۇقۇملۇق كىسەل بولمىغانلار. ئوقۇش تارىخى، يۈزتۇرانە ئىمتىھان نەتىجىسى قاتارلىقلارغا ئاساسلىنىپ، تاللاپ قۇبۇل قىلىنىدۇ.
2) ئوقۇش باشلاش ۋاقتى: 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى مەكتەپكە كىلىپ تىزىمغا ئالدۇرىدۇ، 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ئوقۇش باشلىنىدۇ.
3) تىزىمغا ئالدۇرۇش ماتىرىيالى: «تىزىمغا ئالدۇرۇش جەدۋىلى»نىڭ تولۇق نۇسخىسى؛ بىر سۇڭلۇق رەڭلىك رەسىمدىن سەككىز پارچە، ئىككى سۇڭلۇق رەڭلىك رەسىمدىن تۆت پارچە؛ كىملىك ۋە كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى؛ «ئوقۇش پۇتتۇرۇش گۇۋاھنامىسى» ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى.
4) ئومومىي جەريانى:
① ئوقۇغۇچى «تىزىمغا ئالدۇرۇش جەدۋىلى»نى تولۇق تولدۇرۇپ، فاكس، پوچتا، ئېلخەت قاتارلىق ۋاستىلەرنىڭ بىرىدىن پايدىلىنىپ «جەدۋەل»نى ۋە 200 يوەن تىزىملىتىش ھەققىنى مەزكۇر «مەركەز»گە يوللايدۇ.
② «ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى» يوللانغان ئۇچۇرغا ئاساسەن تېلفۇن ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كىيىن، تاللاپ قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ
.③ ئوقۇغۇچى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مەكتەپكە كىلىپ تىزىملىتىپ، ئوقۇش پۇلى قاتارلىق ھەقلەرنى تاپشۇرىدۇ.
ئادىرسى: بېيجىڭ شەھەر چاۋياڭ رايونى چىجيايوەن دېپلوماتىيە سارىيى 7-2-21
ئۆيتېلفۇن: 010 – 85325799 فاكىس: 010 - 85325799 يانفۇن: 18901076751 QQ :836602619
ئالاقىلاشقۇچى: مەھمۇد مۇئەللىم
شىنجاڭدىكى تىزىملىتىش ئورنى:
«جۇڭگو-ئەرەب ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئۈرۈمچى ئىش بىجىرىش ئورنى» _ شىنجاڭ بەھرام خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
http://www.china-arab.com/qy/tjqy/268695.shtml
ئادىرسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى يەنئەن يولى جەنۇبى بىرىنچى كوچا 23نۇمۇر (تىيەنئەن ئولتۇراق رايونى 5-بىنا 4-كورپۇس 805-ئۆي)
ئالاقىلاشقۇچى: ئابدىراخمان ھاجىم
تېلفون: 18699993155 ، 13999903934
پۇرسەتنىڭ كەلمىكى تەس، ئەتراپىڭىزدىكى بۇنىڭغا ئېھتىياجلىق دوستلىرىڭىزغا خەۋەر قىلىشنى ئۇنۇتمىغايسىز!
خەنزۇچە تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ:
http://www.china-arab.com/jy/yypx/284331.shtml
ئەسلى مەنبە : جۇڭگۇ-ئەرەب بىرلەشمىسى ئورگان تورى
http://www.china-arab.com/jy/yypx/284184.shtml