|
|
|
|
9-ئاينىڭ 2- كۈنى ۋۇخەندە، 88 ياشلىق لى فامىلىلىك بىر بوۋاي، يولدا يىقىلىپ قېلىپ يېتىپ قالغان. ئەتراپتا قاراپ تۇرغۇچىلاردىن ھېچكىم ،ئۇنى يۆلەپ قوياي دىمىگەن. بوۋاي بىر يېرىم سائەتلەردىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئۆلۈپ كەتكەن. بىر قېرى بوۋاي يىقىلىپ يەردە ياتسىمۇ، بىرەر ئادەمنىڭ ئۇنى يۆلەپ قويۇشقا پېتىنالماسلىقى، ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. يېقىندا يۈز بەرگەن ‹‹ مومايلار ۋەقەسى ›› مۇ ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مانا بۇلاردىن كۆرۈپ ئالغىلى بولىدۇكى، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئەخلاق چۈشەنچىسى بىلەن ئەمىليىتى، باشقا باشقا ئىككى ئىشقا ئايلىنىپ قېلىۋاتماقتا. ئەڭ يامان بولىۋاتقىنى، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ، ئاق- قارىنى پەرىق ئەتمەسلىكى بولماقتا.
بۇ بوۋاي يىقىلىپ قېلىپ، ۋاقتىدا دوختۇرغا ئاپىرىدىغانغا ياردەم قىلغۇدەك ئادەم چىقماي، ئۆلۈپ كەتكەن.
ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە، ئادەملەر مەسئۇلىيەتنى دۆڭگەشكە كەلگەندە، باشقىلارنىڭ تاماشاسىنى كۆرۈشكە كەلگەندە بەكمۇ ئاكتپ.
كىممۇ باشقىلارغا ياردەم قىلىشتا ئاكتىپ بولسۇن؟
ئوخشىمىغان جايلاردا مۇشۇ خىلدىكى ئىشلارنىڭ توختىماي يۈز بېرشى، سوت نەتىجىسىنىڭ بولسا، كىم ياردەم
قىلسا، شۇ كىشىنىڭ ئاخىرىدا تۆلەم تۆلەيدىغان ئاقىۋەتكە قېلىشى، ... مانا مۇشۇنداق ئۆز ئارا ئىشىنىش كەم بولىۋاتقان جەمىيەتتە، پۇخرالار قانداقمۇ ئۆز ئارا ياردەم قىلالىسۇن؟ بۇ بەلكىم كىشىلەرگە، ‹‹ ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي›› نىڭ توغرىلىقىنى كۆرسەتكەن بولسا كېرەك.
بۇ خىل ئىشلاردا ئەگەر ئەيىپلەشكە توغرا كەلسە، ئىشىنىش كەم بولىۋاتقان ، ئەخلاق ئېغىر كىرزىسقا پېتىۋاتقان،
مۇشۇ دەۋىرنى ئېيىپلاش كېرەك.
مەنبە: http://t.sohu.com/news/s2011/s124411.shtml
|
|
|
|
|
|